نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > يەتتە ئىقلىمدا
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئوباما __ ئامېرىكىنىڭ ئەزەلىي ئارزۇسى

ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدىن ئىبارەت بۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر دەرىجىدىن تاشقىرى مەملىكەت ئۆز تارىخىدىكى ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز دەملەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە. ئامېرىكا خەلقى ئۆز مەملىكىتىگە قارا تەنلىك بىر ئىنساننى ئەلباش بولۇشقا نامزاتلىققا كۆرسىتىشتى.
47 ياشلىق باراك ئوباما بىلەن ئىككى يىل ئەلباشلىق نامزاتلىقىنى تالىشىپ كۆرەشكەن  ھېلارى خانىم ( ئامېركىنىڭ سابىق ئەلباشى كېلىنتوننىڭ خاتۇنى ) دېموكراتلار پارتىيسى قۇرۇلتىيىدا ، سابىق رەقىبىنىڭ ئەلباشلىققا رەسمىي نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئۇ كەم ئۇچرايدىغان ناتىقلىقى بىلەن << كېلەچەككە بولغان ئۈمىد ، بىرلىك ۋە غەلبە ئۈچۈن، بىز ۋەتىنىمىز ۋە پارتيىمىزگە سادىق بولغان ھالدا، باراك ئوبامانى ئەلباش بولۇش نامزاتلىقىغا كۆرسىتىمىز ! چۈنكى بۈگۈن پەقەت ئۇ  ئا ق ش غا رەھبەر بولۇشقا قادىر ئىنساندۇر .>> دەپ خەلقىئالەمگە جاكارلىدى.

ئا ق ش نىڭ 232 يىللىق تارىخىغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، ھېچبىر سىياسى پارتىيە ئافرى – ئامېرىكىلىق ( ئافرىقىلىق پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىق ) نى ئەلباش نامزاتلىقىغا كۆرسىتىشنى راۋا كۆرۈشمىگەن ئىدى. بەلكى قارائۆڭلىك كىشىلەرنى ئەسىرلەر داۋامىدا قۇل سۈپىتىدە سوتلىغان، ئېكسپالاتسىيە قىلىپ ئەزگەن، كەمسىتكەن ئىدى. ھەتتاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە جەمئىيەتتە تەڭ ھوقۇقلۇق پۇقرا سۈپىتىدە ئۆز ئورنىنى تېپىشتا قىينىلىپ يۈرگەن قاراتەنلىك كىشىلەر ئۈچۈن ئوبامانىڭ ئەلباش نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىشى نىھايەتتە ئىپتىخارلىق كاتتا ئىش بولدى. بەلكى بۇ ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىدىن ئەۋلادلىرىغا ئارمان بولۇپ بولغان ئەزەلىي ئارزۇنىڭ روياپقا چىقىشىدۇر.
باراك ئوبامانىڭ تەرەپدارى بولغان ۋە بولمىغان بارچە ئامېرىكلىقلارنىڭ نەزىرىدە ئۇشبۇ پەيتلەردە ئامېرىكا ئۈچۈن يېڭى سەھىپە ئېچىلماقتا.
تاكى يېقىنغىچە ھەم ئۆز خاتۇنى ھىلارىنىڭ مەغلۇب بولغانلىقىنى ئوچۇق تەن ئالمىغان ئا ق ش نىڭ سابىق ئەلباشى  بېل كېلىنتون دېموكراتلار قۇرۇلتيىدا << باراك ئوباما بۇ دىيارىمىزنىڭ ئېسىل پەرزەنتى >> دەيدۇ. ئارقىدىنلا ئۇ يەنە << ئۇ ئېلىمىزگە غەمخورلۇق قىلىپ، ھەرتاماندىن ھىمايە قىلالايدۇ. ئۇنىڭغا ئىشىنىڭ ! ئۇنىڭغا ئەگىشىڭ ! >> دەپ باشقىلارنى باراكنى قوللاشقا چاقىرىق قىلىدۇ.

شۇ كۈنكى ( 8 – ئاينىڭ 27 – كۈنى ) قۇرۇلتايدا 85 مىڭ ئامېرىكىلىق قوللىغۇچلىرى ئالدىدا، << ئامېرىكىنى توغرا يولغا يېتەكلەپ، ئامېرىكا خەلقىنى باي – باياشات ، پاراۋان ياشىتىش ئۈچۈن تىرىشىش مېنىڭ ھايات نىشانىم >> دەيدۇ ئوباما.
ئەتىسى يەنى 28 – ئاۋغۇست ، باراك ئوباما ئۆزىنىڭ رەسمىي ھالدا نامزات بولۇشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكار قىلدى.

خەتكۈچ: ،

يازما مەنزىلى: 

ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟