نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > يەتتە ئىقلىمدا
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

بىن لادىن ئۆلدىمۇ، ئامېرىكا ئۆچىنى ئالدىمۇ؟

تۈنۈگۈن ، يەنى 2011 -يىلى 5 – ئاينىڭ 2 – كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 9 دا ، ئامېرىكا ئەلباشى ئوباما ( Barack Hussein Obama ) پۈتۈن ئامېرىكا خەلقى ۋە دۇنياغا تېلېۋىزىيە نوتۇقى سۆزلەپ، ‹‹ 11 – سېنتەبىر ۋەقەسى ›› نىڭ باش پىلانلىغۇچىسى ئەلقائىدە ( بازا تەشكىلاتى ) نىڭ رەھبىرى ئوساما بىن لادىن ( Osama Bin Laden ) نىڭ پاكىستاندا ئامېرىكا ھەربىي كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى. ‹‹ بىن لادىن ( Osama bin Laden ) ئۆلۈپتۇ …›› دېگەندەك ئەپقاچتى گەپلەر بۇندىن ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغان، بىن لادىنمۇ نەچچە ئۆلۈپ نەچچە تىرىلگەن ئىدى. ئۇنداقتا بۇ قېتىم بىن لادىن راستلا ئۆلدىمۇ، ئامېرىكا ئۆچىنى ئالدىمۇ؟
خەلق تورى ( 人民网 ) نىڭ خەۋرىگە كۆرە، ‹‹ 11 – سېنتەبىر ۋەقەسى ›› دىن كېيىن 10 يىلغا يېقىن يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن بىن لادىن ئاخىرقى ھېسابتا ئامېرىكا ھەربىي كۈچلىرىنىڭ قوغلاپ ئۆلتۈرۈشىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. 2011 – يىلى 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنى دەشتى باياۋان ياكى قانداقتۇر بىر ئۆڭكۈردە ئەمەس، بەلكى پەرەزلەرنىڭ ئەكسىچە پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى Abbottabad شەھرىدە ساقچى ئىدارىسىغا يېقىن بولغان ئېسىل بىر تۇرالغۇدا ئامېرىكا ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىمى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلگەن تۇيۇقسىز ھوجۇمدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ھەرىكەتتە، ئوسامە بىن لادىن ۋە ئوغلى بىلەن بىرلىكتە باشقا ئىككى كىشىنىڭمۇ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ، بىن لادىننىڭ ئىككى ئايالى ۋە ئالتە بالىسىنىڭ قولغا چۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. بىن لادىننىڭ جەسىتى تۇپراققا دەپىنە قىلىنسا تېرورچىلارنىڭ تاۋابگاھىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ھەربىي پاراخۇتىغا يوللىنىپ، ‹‹ مۇسۇلمانلارنىڭ تېز دەپىنە قىلىش قائىدىسى ›› بويىچە دېڭىزغا دەپىنە قىلىنغان.
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئەلباشى باراك ئوبامامۇ «تېررورلۇقنىڭ زېيىنىغا ئۇچرىغان ئائىلىلەرگە خىتاب قىلىمەن، ئادالەت ئىشقا ئاشتى» دېگەن سۆزلىرى بىلەن لادىننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرىنى جەزملەشتۈردى. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، لادىننىڭ ئۆلۈم خەۋرىنىڭ بۇ قېتىم ئامېرىكا ئەلباشى تەرىپىدىن رەسمىي ئېلان قىلىنغانلىقى بىن لادىننىڭ ئۆلگەن بولسىمۇ ئۆلگەنلىكى، تىرىك بولسىمۇ ئۆلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
يۈكسەلنىڭ قارىشىدا، دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك مەمىلىكەت سانالغان ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ كۈچلۈك ھەمكارچىسى ھېسابلانغان ئىسرائىلىيە ئۈچۈن بىن لادىننى تۇتۇش خۇددىي ئالقاننى دۈم قىلغاندەكلا ئاددىي ئىش بولۇپ، پەقەت ۋاقتى – سائىتى پىشمىغانلا گەپ ئىدى. ئۇنىڭ مەۋجۇدلۇقى ئامېرىكا مەنپەتىگە ئۇيغۇن ئىدى. ئۇ لادىننى باھانە قىلىپ جۇڭگو، ئىران ۋە رۇسىيەنىڭ ئارقا ھويلىسى ھېسابلانغان ئافغانسىتانغا ئەسكەر كىرگۈزدى، ئارقىدىنلا ئىراققا ئۇرۇش ئېلان قىلىپ سادام ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. بۇ جەرياندا دۆلەت ئىچىدە خەلقنىڭ دىققىتىنى مەلۇم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەربىي جابدۇق سانائىتىنى جانلاندۇرۇپ، ئىچكى مۇۋازىنەتنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسا، تاشقىردا ئىراقتىكى مول نېفېت بايلىقىنى، نۇرغۇنلىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى قولغا چۈشۈرۈپ، تۈركىيە، ئىرانغا ئوخشاش ئەتراپتىكى مەمىلىكەتلەر بىلەن تېخىمۇ دادىل سۆھبەتلىشىدىغان كوزىرنى قولغا چۈشۈردى. ئافغانسىتاندا ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ھەققانىي تۈستە بوياپ جۇڭگو ۋە رۇسىيەگە تېخىمۇ يېقىندىن كۆز – قۇلاق بولۇش ئىمكانىغا ئېرىشتى. يەنە بىر مۇھىم نۇقتا، ياۋروپادىكى ئىتىپاقداشلىرىنى ھېچ كۈچىمەيلە ئۆز ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، دۇنيادىكى ‹‹ ئاقساقال ›› لىق رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى ئەتتى. بەلكىم بىز تېخى كۆرۈپ يەتمىگەن، كۆرۈشىمىز مۇمكىن بولمىغان باشقا نۇرغۇن تەرەپلىرى بولىشىمۇ مۇمكىن.
ئۇنداقتا، بىن لادىن ئىلگىرىمۇ ئەمەس ياكى كېيىنمۇ ئەمەس ھازىرقى پەيتتە ئۆلتۈرۈلىدۇ؟!
يۈكسەلنىڭ كۆزىتىشىچە، بىن لادىننىڭ ئۆلۈمى بۇ يىل كىرگەندىن بېرى شىمالىي ئافېرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرق سىياسىي كىلماتىدا بولىۋاتقان ئۆزگىرىش بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. بىز ئېرىشكەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئەلقايدانىڭ ئەزالىرى شىمالىي ئافېرىقا، لىۋىيە، سۈرىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچلەر ئارىسىغا كۆپلەپ سىڭىپ كىرىپ مەزكۇر ھەرىكەتلەرنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىشكە ئورۇنغان، كازافىيمۇ كۆپ قېتىم ئۆزىنىڭ خەلقنى ئەمەس بەلكى ئەلقەيدانىڭ قوماندانلىقىدىكى تېرورچىلارنى باستۇرغانلىقىنى قەيت قىلغان ئىدى. مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئامېرىكانىڭ بىن لادىننىڭ ئۆمۈر دەپتىرىگە نۇقتا قويۇشنى قارار قىلغانلىقى ئامېرىكانىڭ چوڭ كۆلەملىك ستراتىگىيلىك تەڭشەش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ بىشارىتى، بەلكى شۇ ستراتىگيىلىك پىلانلارنىڭ بىرىنچى قەدىمى بولۇشى مۇمكىن.
شۇنداق قىلىپ بىن لادىن بىلەن ئاتالغان بىر دەۋر ئاخىرلاشتى. ئەمدى بىن لادىندىن كېيىنكى دەۋردە ئامېرىكا ۋە دۇنيا ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا چىقىدۇ؟ دۇنيا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىدۇ؟ ئەلقائىدە لادىندىن كېيىن ئاجىزلاپ ھالاك بولامدۇ ياكى يەنىمۇ ئۇلغىيىپ دۇنيا تېنچلىقىغا يەنىمۇ چوڭ تەھدىد بولامدۇ؟ بۇ مەسىلىلەرنى يەنىلا زامان ئۆزگىرىشلىرگە باققاچ سوغۇققانلىق بىلەن كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ. .

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : بىن لادىن ئۆلدىمۇ، ئامېرىكا ئۆچىنى ئالدىمۇ؟

خەتكۈچ: ، ، ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!29 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. قاپلان مۇنداق يازغان:

    بېنلادىننى بانا قىلىپ خېىلى ئىشلار بولغان ئىدى، ئەمدە كىيىىنكى قېتىمدا نىمىنى بانا قىلىپ يەنە قەيەرلەرگە ئەسكەر كىرگۈزۈپ يۈرىدىكىن؟

  2. كۆكتاش مۇنداق يازغان:

    بەلكىم بىن لادىن بۇرۇنلا ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىن.
    ئەگەر ئامېرىكا بۇ خەۋەرنى بالدۇر ئېلان قىلسا، ئۆزىنىڭ ئافغانىستاندا داۋاملىق ئەسكەر تۇرغۇزۇش، شۇنداقلا ترورچىلارنى يوقىتىش باھانەسىدە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئىشلىرىغا ئارالىشىش نىشانىغا يېتەلمەيدۇ. نۆۋەتتە مىسىردىن باشلانغان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار كۆپ قىسىم ئەرەب ئەللىرىگە تاراپ باردى، بازا تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىمۇ توپىلاڭدىن توقاچ ئوغۇرلىماقچى بولۇپ، نامايىشنىڭ نىشانىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنىۋاتىدۇ.
    ناۋادا، ئامېرىكاغا نەپ نەپ يەتكۈزىۋاتقان ئەرەب ئەللىرىنىڭ ھوقۇقىنى بازا تەشكىلاتىدىكىلەر ئىگىلىۋالسا، ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.
    شۇڭا، ئامېرىكا بىن لادىننىڭ ئۆلۈمىنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق، بازا تەشكىلاتىنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھوقۇق ئىگىلەش يوللىرىنى توسۇپ قويۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن.
    بۇ پەقەت مېنىڭ شەخسىي قارىشىم خالاس!

  3. خاقان مۇنداق يازغان:

    مىنىڭچە بىن لادىن ئۆلمىگەن بولىشى مۇمكىن. ئامرىكا ئۇنى تاپالمىغىلى ئۇزۇن بولدى ھەم ھېچقانداق چارە تاپالمىدى،شۇنىڭ ئۈچۈن ئامرىكا مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئۇنى ئوتتۇرغا چىقارماقچى بولدىمىكىن دەيمەن.

  4. نەزەرى مۇنداق يازغان:

    بېن لادېن ئېىنىقكى بۇرۇنلا ئۆلۈپ بولغان.
    ھازىر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ئىراقتىكى ئامىركا قوشۇنىنىڭ ئەل ئېچىدىكى قوللاش نېسبىتى بەك يۇقىرى ئەمەس. شۇڭا بۇ نى ئىلان قىلىش ئارقىلىق ئامىركا خەلقىگە بۇنداق ھوجۇم قىلىشنىڭ «پايدىسى بار زىيىنى يوق» لىقىنى جاكارلاش ۋە بۇنداق تىرورلۇققا قارشى جەڭنىڭ «غەلبىسى» ئارقىلىق كىلەر يىللىق سايلامغا ئاۋاز ئىرشىش.
    لىۋىيەدىكى ھەربىي يۈرۈش مۇ ئامىركا خەلقىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. شۇڭا ھازىر ئىلان قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى.
    ھازىرغىچە بېن لادېننىڭ قاچان ئۆلگىنى ئىنىق ئەمەس، لىكىن ئۆلگىنى ئىنىق. ئامىركا ئەمدى بېن لادىن دىگەن كورۇزنى تاشلاپ يىڭى باھانىلەرنى ئىزدەيدۇ.

  5. شەمسى مۇنداق يازغان:

    دەرۋەقە يۈكسەل ئەپەندىنىڭ ئېيتقىنىغا ئوخشاش، بىن لادىننىڭ مەۋجۈتلۇقى ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولغانلىغى ئۈچۈنلا ھازىرغىچە تۇتۇلماي يۈرگەن ئىدى، بۇ ھەقتە تەھلىلچىلەرمۇ مۇشۇخىل كۆز قاراشتا بولغان. ئەمدىلىكتە بىن لادىننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ئامېرىكىنىڭ باشقا بىر مەقسەت مۇددىئاسى بارلىغىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەلۋەتتە بىن لادىننى تورداشلارنىڭ ئېيتقىنىغا ئوخشاش بۇرۇنلا ئۆلتۈرۈلگەن ھازىرقى پەقەت بىر كۆز بويامچىلىق بولىشى مۇمكىن. ئەگەر ئامېرىكىنىڭ ئېھتىياجىغا لايىق كەلسە، ئۇ يەنە بىر بىن لادىن ياكى سادامنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى مۇمكىن دەپ قارايمەن.

  6. ئېركى مۇنداق يازغان:

    9-سىنتەبىر ۋەقەسى قانداق ۋەقە؟

  7. ئىزدەن مۇنداق يازغان:

    بېنلادىن بەلكىم مەلۇم ۋاقىتتن كېيىن يەنە ئۆلتۈرۈلۈشى مۇمكىن….

  8. چۇققا مۇنداق يازغان:

    بىن لادىن چۇقۇم ئولدى بۇنۇڭغا چۇقۇم ئىشنىش كىرەك

  9. شامال مۇنداق يازغان:

    نەزەرىنىگ قارشى توگرا

  10. سالام دۇنيا مۇنداق يازغان:

    بۇ بەك ياخشى ماقالە ئىكەن.

  11. بەشەر مۇنداق يازغان:

    ھەي بۇ ئىشلار نى خۇدايىم ئۆزى بىلەر ……….

  12. yashna مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل ئەپەندى: ياخشىمۇسىز؟ مەن رادىيو ئىستانسىسىدىكى ئابدۇرېشىت. تەۋسىيەڭلەر بويىچە http://www.yashna.net دېگەن بلوگنى ئاچقان. تەبرىك، ئىلھام، بولۇپمۇ ئەمەلىي قولاشقا تەشنامىز!

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      ئابدۇرېشىت ئاكىمىزنىڭ بلوگگىرلار سېپىگە قوشۇلغانلىقىنى ھاياجان ئىلكىدە قىزغىن قۇتلايمىز! سىزنىڭ سېپىمىزگە قوشۇلغانلىقىڭىز بىز كەبى ياش بلوگگىرلار ئۈچۈن زور مەدەت ۋە ئىلھام بولغۇسى. ياشنا بلوگىنىڭ ئۇيغۇر تور مەدەنىيىتىنى ياشنىتىشتا ئۆزىنىڭ تېگىشلىك رولىنى ئۆتەيدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل!
      ئابدۇرېشىت ئاكا، ياشنا بلوگى ئۇيغۇرلاردىكى خاس بلوگلار ئۇلىنىش بېتى بولغان ئۇز بلوگ ئۇلىنىلىشىرىدا تەۋسىيە قىلىندى، ۋاقىپ بولۇپ قالغايسىز.

  13. چەۋەندازلار بلوگى مۇنداق يازغان:

    بىن لادىننىڭ ئۆلىمىنىڭ ئامېرىكا سايلىمىغا يېقىن ئاشكارلىنىشى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىمايمەن دېسىمۇ قەتئىي قوزغايدىغان ئاددىي ھەقىيقەت. ئوباما پىشكىنى ۋاقتىدا ئويناشنى پىلانلىدىمۇ ياكى ئىلگىرى ئوينىلىپ بولغان ئويۇننى ئەمدى ئۆزىنىڭ مەقسىتى ئۈچۈن ئاشكارىلىدىمۇ؟ ‹‹مېنىڭ ئىسمىم خان›› دىگەن ئىسىمدە مۇنداق بىر بايان بار. ‹‹غەرب تارىخچىلىرى تارىخنى مىلادىدىن بۇرۇن ۋە مىلادىدىن كېيىن دەپ ئايرىشتى. بىراق ھازىر 11-سىنتەبىر ۋەقەسى 3-بۆلۈنۈش نوقتىسى بولۇپ قالدى››. مانا بۇ بايان ئىنتايىن ئاددى ۋە چۈشىنىشلىك بولسا كېرەك. 11-سىنتەبىر ۋەقەسى يۈزبەرگەندىن كېيىن ئامېرىكا تېرورچىلارغا زەربە بېرىش باھانىسى بىلەن ئافغانىستاننى بېسىۋالدى. قايسىدۇر يەنە بىر كىنودا مۇنداق بىر بايان بار. بىر مۇسۇلمان كىشى بىلەن ئامېرىكىلىق ئامېرىكىدىكى ئۈنۋېرىستىتتا ئىسلام دىنى توغرىسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزىۋاتقان ۋاقىتتا مۇئەللىمنىڭ بايانى سىنىپنى بەس-مۇنازىرىگە باشلايدۇ. خىرىستىئانلار:‹‹ئۇلار دائىم ئۇرۇش قىلىدۇ ۋە تىرورچىلىق ھەركىتى بىلەن شوغىللىنىدۇ …›› دېگەندەك بايانلار بىلەن دىننى خۇنەكلەشتۈرمەكچى بولىدۇ. مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى قانچە چۈشەندۈرسىمۇ ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلار قايىل بولمايدۇ ئۇ :‹‹سىلەر مۇسۇلمانلارنى تېرورچى دەيسىلەر ئەمەلىيەتتە ئافغانىستاندا، ئىراقتا نەچچە مىڭلىغان بىگۇناھ كىشىلەر بومبىلارنىڭ ئاستىدا ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ. مانا بۇ ھەقىقىي تېرورچىلار›› دەيدۇ. ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچى گەپتە ئۇتتۇرۇپ قويغىنىغا تەن بەرمەي:‹‹ئۇنداق بولسا سەن بۇنداق دۆلەتتە تۇرۇپ نېمىش قىلىسەن؟ ئۆزۈڭنىڭ دۆلىتىگە كەتسەڭ بولمامدۇ؟›› دەپ ئېيىتقىنىدا مۇسۇلمان كىشى:‹‹ بولىدۇ، ئەلۋەتتە بولىدۇ. پەقەت سەن مېنىڭ زېمىنىمدىن چىكەتسەڭلا›› دەيدۇ. مانا مۇشۇ بايانلار ھازىرقى دۇنيادىكى يۈزلىنىشنى كۆرسەتسە كېرەك.
    دىققەت نەزىرىمىزنى سالىدىغان بولساق ئوسمانلىي خەلىپىلىكى بولغان نەچچە ئەسىرلىك ۋاقىتتا دۇنيا ئىنتايىن تىنىچ ئۆتكەن مەزگىللەر بولغان ئىدى. ئوسمانلىي خەلىپىلىكى يىقىلدى شۇنىڭدىن كېيىن مۇسۇلمانلار پارچىلىنىپ دۇنيا ۋەزىيىتى مانا مۇشۇنداق دەرىجىدە قالايمىقانچىلىق ۋە ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە قالدى. كىچىككىنە ئىسرائىلىيە پۈتۈن ئوتتۇرا شەرىقتىكى نەچچە يۈز مىلىيون مۇسۇلماننى تىترىتىپ تۇرىۋاتىدۇ. ئىران پىرىزدىنتى نىجاد ئالدىنقى يىلى ئامېرىكىغا بارغاندا ئۇنۋېرىستىتلاردا 11-سىنتەبىر ۋەقەسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئۆزى پىلانلىغان ۋەقە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ كەلدى. ھەمدە نۇرغۇنلىغان يۈز ئابرويلۇق داڭدار شەخىسلەرمۇ بىر مۇستەھكەم بىنانىڭ بۇنداق ئوڭايلا يىقىلىپ چۈشكىنىدىن شۈبھىلىنىدۇ. ھەمدە :‹‹مەن ھېچ قاچان بىر ئايروپىلاننىڭ سوقۇلۇپ مۇستەھكەم پولات چىۋىقلارنى ئېرىتىپ بىنانى گۈمۈرۈتۈپ تاشلىغىنىنى كۆرمىگەن›› دېيىشتى. ھامىنى بۇ تارىخمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئايدىڭلىشىدۇ.

  14. تۇيغۇ مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ ئاز بولسىمۇ ئويلىغىنىمنى سوزلەپ باقاي

    مىنىڭچە بىن لادىن ئولمىدى ، ئامىرىكا مۇشۇنداق ئۇيۇننى ئويناپ نەچچە يىل ئىزدەپ تاپالمىغان بىن لادىننى
    ئوتتۇرغا چىقارماقچى . شەخسى پىكىر

  15. سەيياھ مۇنداق يازغان:

    بىنلادىن مەيلى ئۆلگەن ياكى ئۆلمىگەن بولسۇن ، بۇقېتىمقى خەۋەردىن ئامىركىنىڭ يەنە بىر ھەربى ۋە سىياسى جەھەتتە بىر بۇرۇلۇش ھاسىل قىلماقچى بولغىنىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

  16. مۇزئارت مۇنداق يازغان:

    سىياسىنىڭ ھىلىگەرلىكىنى بىلىپ بولغىلى بولمايدۇ

  17. ي. م. ئىلقۇت مۇنداق يازغان:

    بۇ خەۋەر دەسلەپ چىققاندىلا مەن يالغانمىكىن دەپ ئويلىغان، بۈگۈن قارىسام يەنە بېن لادىننىڭ ئۆلگىنى يالغان دەپ خەۋەر چىقىشقا باشلاپتۇ. زادى قايسىسى راست، قايسىسى يالغان پەقەت ئايرىپ بولالمىدىم جۇما!!!!!!!!!!

    • ئۇيغۇرتېكىن مۇنداق يازغان:

      بۇنىڭ راست-يالغانلىقىنىڭ ئايدىڭلىشىشىغا خېلى ۋاقىت كېتىدۇ. تېخى ھازىرمۇ دۇنيادا ھېتلىرنىڭ ئۆلۈمىدىن گۇمانلىنىدىغانلار بار .

  18. قاسىم قەشقەرى مۇنداق يازغان:

    مىنىڭچە بېنلادىننېڭ ئۆلگىنى ئېنىقلا يالغان خەۋەر ….. ئويلاپ باقمامسېلەر ھازىرغېچە قانچىلىغان بېنلادىن پەيدا بولۇپ قانچېسې ئۆلۈپ بولدى … ئامرىكا يەنە ‹ بىنلادىن ئۆلگەندىن كىيىن بازا تەشكىلاتى قېساس ئالدى دەپ › ئېنتايىن رەزىل پىلانلارنى پېلانلاۋاتقان بولۇشى مۇمكېن …. خۇددى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىگە ئوخشاشلا …..
    ھەممېنى بېلگۈچى بىر ئۇلۇغ ئاللاھ دۇر !
    11 – سېنتەبېر ۋەقەسىگە قارېتا مەن ئېران زۇڭتۇڭى ئەھمەد نېجاد نىڭ پىكىرېنى قوللايمەن …..
    ئەسكەرتىپ ئۆتكېنىمدەك ھەممىېنى بېلگۈچى بىر ئۇلۇغ ئاللاھ دۇر ! ……
    بىز ئۇنى بۇنى دېيىشكە ئاجىز مەن پەقەت كۆز قارىشېمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ قويدۇم خالاس …

  19. ي. م. ئىلقۇت مۇنداق يازغان:

    بېن لادىن «قەھرىمان»مۇ؟ بۇ سۇئالغا كىم قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرەلەيدۇ؟
    ماۋۇ كۆز قاراشلارغا دىققەت نەزىرىڭىزنى سېلىپ بېقىڭ: http://blog.ilqut.com/index.php/archives/2391.html

  20. ۋەتەن مۇنداق يازغان:

    بىن لادىن بىرخىل سىياسى ئۇقۇم خالاس

  21. يوق مۇنداق يازغان:

    11 سىنتەبىر ۋەقەسىنى بىن لادىن قىلغانمۇ ياكى بۇمۇ ئامىرىكىنىڭ ئۈزى چىقارغان ئويۇنىمۇ؟
    ئەگەر راستىنلا بىن لادىن قىلدى دىگەندىمۇ بىن لادىن مىنىڭ 90% قارىشىمچە ئاللابۇرۇن ئۆلگەن..

  22. يۈسۈپجان مۇنداق يازغان:

    بۇجاھاندا ئۆلمەيدىغان كىم بار دەيسىلەر!

  23. ھونزادە مۇنداق يازغان:

    مەيلى قانداقلا بولمىسۇن بىن لادىن ئۆلدى،ئامىرىكا غەلبە قىلدى،لېكىن شۇ بىر بىن لادىننىڭ ئۈلىشى بىلەن ئامىرىكا تىنىچلىنىپ قالارمۇ؟مىنىڭچە ئۇيۇن ئەمدى باشلاندى.

  24. خىيالچان مۇنداق يازغان:

    بىن لادىن ئۆلدى، ئۇ ئاللىبورۇنلا ئۆزنىڭ ھامان بىر كۈنى ئۆلۈپ كىتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ ، تورداشلارمۇ ئاڭلىغان بولىشى مۇمكىن ، بىن لادىن ئەسلى ئامرىكىنىڭ ئادىمى دەپ، بۇ ئادەمنى ئۇتتۇرغا چىقىرىپ قۇيۇپ ئافغانىستان بىلەن ئىراقنى ئوڭايلا يۇقاتتى، بەلكىم كىيىنكى چاغلاردا بىن لادىن ھامان بەرىبىر ئۆلىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئامرىكىنىڭ يامان غەرىزىگە قارشى مۇقام توۋلىغاچقا، ئۇنىڭ بۇ قىتىمقى سۇيىقەستلىك يۇشۇرۇن ئۆلتۈرۈلىشى چۇقۇم راس بولىشى مۇمكىن، ئامرىكىن سۈيىقەست ھىيلە مىكىرلىرىنى سوتتا ئاشكارلىشىغا يول قويماسلىق ئۈچۈن سوتقا تارتىشقا پۇرسەت يوق ئۆلدى،
    ئەمدى تىغ ئۇچىنى قەيەرگە قارىتا، بىن لادىننى 10 يىل يۇشۇردۇڭلار دەپ پاكىستانغا ھۇجۇم قىلارمۇ ؟ ياكى بەك تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدىڭلار دەپ جۇڭگوغا كۈڭۈل ‹بۈلەرمۇ؟› ، ئىشقىلىپ ،مىسر ، ئىران،چاۋشەن، جۇڭگۈ ئامرىكىنىڭ كىيىنكى نىشانلىرى بولۇشى مۇمكىن!

  25. كۆكنۇر29 مۇنداق يازغان:

    مەن بىن لادىن دەيدىغان ئادەمنىڭ ياشىغانلىقىدىنمۇ گۇمانلىنىمەن.بۇ ئادەم مەقسەتلىك ئويدۇرما بۇلۇشى مۇمكىن.شۇنداق قۇدرەتلىك ، ئاخبارات مەنبەسى راۋان بىر دۆلەتنىڭ بىر ئادەمنى يوقىتىشىغا ناچچە يىل كېتەمدۇ؟

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟