ئالدىنقى قېتىم تورداشلارنى << شىنجاڭ 4-ماي ياشلار مېدالى>> مۇكاپاتىنىڭ نامزاتىنى تاللاشتا ، ‹‹ بىر سوم پىلانى ›› ئارقىلىق تالاي دىللارنى سۆيۈندۈرگەن تور دۇنياسىدىكى مېھىرى – شەپقەت ئەلچىسى، توردا ئېلان قىلغان ساترىك نەسىرىي – نەزمىي ئەسەرلىرى ئارقىلىق جەمئىيىتىمىزدىكى بولمىغۇر قىلمىشلارنى توختىماي ساۋاپ تۇرىۋاتقان سۈيۈملۈك توردىشىمىز ۋاپادارىم (ئەيساجان) غا بېلەت تاشلاشقا تەۋسىيە قىلغانىدۇق. ئەيساجان بۇ قېتىم يەنە،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىككىنچى نۆۋەتلىك << خەققە ياردەم قىلىشنى خۇشاللىق ھېسابلاش ئۈلگىسى>> نى تاللاش پائالىيىتىنىڭ نامىزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە تەڭرىتاغ تورىدا بېلەت تاشلاش ناھايىتى جىددىي داۋام قىلىۋاتىدۇ.
تورداشلارنىڭ ئازغىنە ۋاقتىنى چىقىرىپ يەنە بىر بېلەت تاشلاش ئارقىلىق، بۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق مېىھرىبان توردىشىمىزغا مەدەت بېرىشىنى كۈچلۈك ئۈمىد قىلىمىز ۋە شۇنىڭغا كەڭ دوستلارنى چاقىرىق قىلىمىز!
بېلەت تاشلاش توردا ۋە تېلېفون ئۇچۇرىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بېلەت تاشلاش 5 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.
بېلەت تاشلاش مەنزىلى : http://u.xjts.cn/vote/vote.php?vid=20
بۇ قېتىمقى بېلەت تاشلاشتا يەنە ”ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغۇچىلار ئۈلگىسى“، ”ئىتىپاقلىق ئۈلگىسى“… قاتارلىق بىر قانچە تۈر بويىچە ئۆلگە تاللاش پائالىيىتى ئۈچۈن بىرلا ۋاقىتتا بېلەت تاشلاش ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تورداشلارنىڭ ئۆزلىرى مەدەت بېرىشىنى خالىغان كىشىلەرگە بېلەت تاشلاپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمىز !
تەپسىلات: http://u.xjts.cn/vote/vote.php?vid=20
تورداشلارنىڭ مەزكۇر تېمىنى باشقا مۇنبەر، بلوگ، مىكرو بلوگلاردا كەڭ تەشۋىق قىلىشىنى قارشى ئالىمىز!
مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ۋاپادارىم ( ئەيساجان ) غا يەنە بېلەت تاشلايلى!
بۇ قېتىممۇ راۋۇرۇس بىر كۈچىسەك بولغىدەك.
ئەيساجاننى قاتتىق قوللايمىز!
قاتتىق قوللايمىز زادى….
بىر كۈنى بىر بىمار تىۋىپتىن مەسلىھەت سوراپ كەپتۇ :
بىمار : مەن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ، بىر ناتونۇش قىز بىلەن تۈنەكخانىدا تونۇشۇپ قىلىپ كىچىچە سۆيۈشۈپ چىقتىم ، مەن ئۇ قىز ئەيدىزمىكىن دەپ گۇمانلىنىمەن ، بىراق شىپاخانىغا بىرىپ تەكشۈرۈشتىن قورقۇۋاتىمەن ، سۆيۈشۈشتىن ماڭا ئەيدىز يۇقۇپ قالارمۇ ؟
دوختۇر : تىببى ئىلىم نۇقتىسىدىن سىزگە ئەيدىز يۇقمايدۇ ، سىزگە بىر رىتسىپ دەپ بىرەي ، شۇنى سۆيسىڭىز بۇندىن كېيىن ھەر قانداق كىسەل يۇقمايلا قالماي ، يەنە تىتىنىڭىز ساغلام بولىدۇ ھەمدە سىز ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىسىز ، دەپ رىتسىپ يىزىپ بىرىپتۇ .
بىمار رىتسىپنى ئۆيىگە ئاپىرىپ ئىچىپ قارىسا ‹ ئەلنى سۆيۈڭ › دېگەن خەتلەرنى كۆرۈپتۇ .
ھاڭۋاقتى بۇرادەر،
يۇمۇرغۇ قىززىقكەن، شۇنىسى بۇ يۇمۇر بىلەن ئەيساجاننى قوللاشنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟
سەت تاشلاۋاتىمەن بېلەتنى .
ئۇنداق قىلماي، چىرايلىقراق تاشلىسىلا بولمامتى دەيمە ؟!
ھاڭۋاقتىلىقىڭىز چىنىپ قاپتۇ خەق ئەيساجانغا بىلەت تاشلاۋاتسا ، يۇمۇر سۆزلەپ ئولتارغاندىكىن!
بۈگۈن ئىدارىنىڭ پوچتا كارتىسىدىن 1000نى سېتىۋاپتۇ ،شۇنى توشتۇرۇپ بېلەت تاشلىدۇق ،بورتالا ئوبلاسىتلىق تەشۋىقاتنىڭمۇ بېلەت تاشلاش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن جىق ئادەم ماڭا بېلەت تاشلاۋاتقان چېغىۋا ،قايسى كۈنى بىر ئاكا سۈپەت ئاكىمىز يولدا سالاملاشتى ۋە غۇلجىدىكى تورداشلىرىنىڭ ھەر كۈنى چ چ ئارقىلىق دوسىتلىرىنى ماڭا بېلەت تاشلاشقا سەپەرۋەر قىلىۋاتقانلىقىنى ،ئۇلارنىڭ كۈندە بېلەت تاشلاۋاتقانلىقىنى دېگەن ،بەك سۆيۈنۈپ كەتتىم .كىم بولغىيتى غۇلجىدىكى مەن تونۇمايدىغان شۇ سۆيۈملۈك ئىنسان …..
تېنى سالامەت بولسۇن .
قىلغان ياخشى ئىشىڭىزدىن سۆيۈنگەن دىللەردۇر بەلكى… سىزنىڭمۇ تېنىڭىز سالامەت بولسۇن
.
نىممىش قىلغان بالكەن بۇ ؟
قايسى كۈنى ۋاپادارىم ئاكىمىزنىڭ ئەلكۈيىدىكى كىم ئۇيغۇر بولىدۇ دېگەن تېمىسىنى ئوقۇپ كۆزلىرىمدىن يامغۇر تۆكۈپ تۇرۇپ تېمىغا ئىنكاس يازسام ئىنكاسىم ئۆچۈرۋىتىلدى،ئۇنىڭغا بولغان قوللىشىمنى،سالامىمنى يەتكۈزەلمەي قالغانىدىم.بۇ بىلەت تاشلاش خەۋىرىنى ئەمدى كۆرۈپتىمەن،ئۇنى قوللايمەن.
سىزگە كۆپ رەھمەت ،باشقۇرغۇچىلار جامائەت پىكرىنى توغر ا يېتىلەش ئۈچۈن تېمىدا ئىنكاسلارنى تازلاپ ماڭىدۇ .بۇنى توغرا چۈشىنەيلى .ئۇلارمۇ مۇنبەرنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن مىننەتسىز ئەجىر قىلىدۇ ئەمەسمۇ ؟
سىىز تۇنۇمايدىغان،لېكىن سىزنى تۇنۇيدىغان كىشىلەر بەكمۇ كۆپ ئەيساجان .
ئىدارىدا،ئۆيدە تاشلايمەن بېلەتنى.