نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئۇيغۇرلار بىلەن تالاشتا قالغان قازاق كۈيلىرى

مەدەنىيەت بوستانىمىزدىكى ‹‹ ئوغرىلىق ، كۆچۈرمىكەشلىك ›› تىن ئىبارەت بۇ ئازغان -تىكەن ئېتىبارسىزلىقىمىز تۈپەيلى ئاينىپ، ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە، ئۆز مەدەنىيەت گۈلىستانىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن تەڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەنىگە داغ چۈشۈرۈپ، باشقا قېرىنداش قەۋملەر نەزىرىدە كۇرسىمىزنى يەر قىلماقتا. يېقىندا، قازاقىستان رادىئوسىنىڭ مەلۇم بىر پروگراممىسىدا قازاقىستان قازاقلىرى ئىجاد قىلغان بىر قىسىم كۈي – ناخشىلارنىڭ شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر سەنئەتچىلىرى تەرىپىدىن ئوغرىلىنىپ، ئۆز نامىدا نەشىر قىلىنىپ بازارغا سېلىنغانلىقى توغرىسىدىكى سۆھبەت بېرىلگەن. مەزكۇر سۆھبەت شىنجاڭدىكى قازاقچە تور – مۇنبەرلەردىمۇ ئېلان قىلىنىپ، زور غۇلغۇلا قوزغالغان. تۆۋەندىكىسى ئەشۇ رادىئو سۆھبىتىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى:

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر يازمىنى باشقا ھەرقانداق توربەتتە كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. بىز پەقەت يۈكسەل بلوگىدىكى مەزكۇر مۇنازىرىگە مەسئۇل بولىمىز. باشقا تورلاردا كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىش تۈپەيلى كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە مەسئۇل بولمايمىز. 

قازاقىستان رادىئوسىدىكى سۆھبەت

- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، رادىئو ئاڭلىغۇچىلار نۆۋەتتە نەزىرىڭىز ‹‹ چەتئەلدە تالاش – تارتىشتا قالغان كۈيلىرىمىز ›› ناملىق سۆھبەتتە بولسۇن. قازاق سەنئىتىنى قۇرۇمايدىغان كەۋسەر بۇلاق دېسەك، بۇ زۇمرەت بۇلاقنىڭ ئېقىنى نۆۋەتتە باشقىلار تەرىپىدىن لېيىتىلىپ، باشقا تەرەپلەرگە بۇرالماقتا ھەمدە بۇنداق قىلمىش – ھەرىكەتلەر كۈندىن – كۈنگە كۆپىيىپ، كۆڭلىڭىزنى كىر قىلىپ، غورۇرىڭىزغا تېگىپ، سىزنى ئويغا پاتۇرماقتا. خەلق ناخشىلىرىمىزنى ۋە خەلقىمىز سۆيگەن كومپوزىتورلىرىمىزنىڭ ئەمگەك مېۋىلىرىنى جۇڭگودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشى مىللىي سەنئىتىمىزگە قىلىنغان زور خىيانەتتۇر.

 

- سىز بىلەن بىزگە ئەزەلدىن تونۇش بۇلۇپ كەلگەن بۇ ناخشا 1988- يىلى خۇدايبەرگەن قازىبەك تەرىپىدىن يېزىلىپ مارات ئېلياس ئورۇنلىغان ‹مەرەكەم سەن› ناملىق ناخشا . نۆۋەتتە بۇ ناخشا شىنجاڭدىكى غ.ئابدۇكېرىم دېگەن ئۇيغۇر تەرىپىدىن رەسمىي ئىگىسى ئاتىلىپ پلاستىنكىلىرى ئىشلىنىپ ئېيتىلىپ يۈرمەكتە. ئەمدى بۇ ناخشىنىڭ ئەسلى ئىگىسى بولغان قازاق خەلقىنىڭ كۈيچىسى مارات ئېلياستىن بۇ توغرىسىدىكى پىكىرىنى ئاڭلاپ باقايلى.

- ‹مەرەكەم سەن› دېگەن بۇ ناخشىنىڭ تەرجىمىسىنى ھازىر ئۈرۈمچىدىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ ئېيتقىنىنى پىلاستىنكىدىن ئاڭلاپ ئۆتتۇق. ھەممىمىزگە مەلۇم بۇ ناخشا قازاق خەلقى ئىچدە كەڭ تارالغان ھەممىمىز بىلىدىغان ناخشا ، ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم ئۈرۈمچىدىن كىرگەن قازاق مۇزىكانتلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ‹رەنجىمەيمەن سېنىڭدىن› دەپ ئۆزگەرتىپ سۆزى ۋە مۇزىكىسى ئۇيغۇرنىڭ دەپ ئېيتىلىپ يۈرگىنىنى ھەم بۇلا ئەمەس بىز بىلىدىغان كۆپلىگەن ناخشىلارنى مۇشۇنداق ئۆزگەرتىلگىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم. بۇ قىلمىش مۇنداقچە ئېيتقاندا، قازاق خەلقىگە ۋە قازاق سەنئىتىگە قىلىنغان ھاقارەت ۋە خىيانەت . بۇ نەشىر ھوقۇق ئورگىنىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى. مەدەنىيەت مىنستىرلىگىمىز گە ئەھۋال مەلۇم قىلىپ شۇلار بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو دۆلىتىگە ھوقۇق مەنپەتىمزنى قوغداش يۈزىسىدىن ئەرىز بېرىش كېرەك.

- 4 يىلنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىگە ئويۇن قويغىلى بېرىپ، بىر قانچە رېستۇرانغا تاماق يېگىلى بارغىنىمىزدا ئالتىنبەك ئېيتقان ‹ساغىندىم الماتىمدى› قاتارلىق بىر قانچە ناخشىلارنى تېكىستىنى ئۆزگەرتىپ M T V قىلپ ئىشلەپ، ئۇيغۇرلار ئۆز نامىدا ئېلان قىلىپ تېلېۋىزوردا بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بۇ نېمە ئىش دەپ ھەيران قالدۇق . مۇشۇ بىر نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا شىنجاڭدىكى تۇغقانلارنىڭ بىرسى تېلېفون قىلىپ مېنىڭ بىر ناخشامنىڭ ئۇيغۇرچە ئېيتىلىۋاتقانلىغىنى يەتكۈزدى .

كىشىنىڭ ئەقلىي ئەمگىكىنى مۇشۇنداقلا ئېگەللىۋىلىش ھەرگىزمۇ توغرا ئىش ئەمەس، ئاخىرىدا ئۆتۈنۈشۈم قازاق خەلقىنىڭ مەنىۋى بايلىقى مۇشۇنداقلا ئاتسىز-ئاتاقسىز قالمسىكەن، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ چارە تەدبىر قوللىنىپ خەلقىمىزنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

- ئۆز ناخشىلىرىمزنى روھى بايلىقىمزنى باشقىلارنىڭ قانۇنسىز ئېگەللىۋىلشى مىللىتىمىزنى خورلىغانلىق بىلەن باراۋەر دەپ قارىغان خەلقىمىز سەنئەت پېشۋالىرىنىڭ بىرى ئورالقان سەدىۋاققاس مۇنداق دېدى:
- جۇڭگو شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قازاق خەلق ناخشىلىرىنى رۇخسەتسىز ئورۇنلىشى بۇياقتا تۇرسۇن ، تېكستىنىمۇ، مۇزىكىسىنمۇ ئۆزىنىڭ دەپ ئېلان قىلغان ئەھۋاللار بار . بۇنىڭغا دەلىل سۈپتىدە بىر نەچچە پىلاستىنكىنى ئېلىپ كەلدۇق. بۇنىڭ ئىچىدە ‹ئوردا› گۇرۇپپىسى ئورۇنلىغان ‹بەلگىسىز جان› ناملىق مېنىڭ ناخشاممۇ بار . سۆزلىرىدىمۇ كۆپ ئۆزگىرىش يوق، بۇ نىمدىگەن ئۇياتسىزلىق، ھەقىقەتەن كىشىنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ . بۇ خەلقئارالىق نەشىر ھوقۇقىنى مەنسىتمىگەنلىك، بۇنى چوقۇم قانۇن ئورۇنلىرى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش كېرەك. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ بىزنى مەملىكەت، مىللەت سۈپتىدە ھۆرمەت قىلماسلىقنىڭ ئىپادىسى، بۇنى ھەرگىز كۆز يۇمۇپ ئۆتكۈزۈۋېتىشكە بولمايدۇ، بۇنىڭغا تېگىشلىك ئاۋازىمىزنى قوشۇپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ سۈرۈشتە قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك .

- قازاق خەلقىنىڭ داڭلىق ناخشچسى رامىزان قازىيف خىيانەتكە كەتكەن قازاق ناخشىلىرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن گۇۋاھلىققا چىققۇچىلارنىڭ بىرى .

- قازاقستاندا ئاپتورلارنىڭ، مۇزىكا ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ۋە پلاستىنكا ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئورگىنى بار بولۇپ، مەيلى كىم كونسېرت قويماقچى بولسا ئالدى بىلەن مەزكۇر ئورۇنغا مەلۇم نىسبەتتە ئاپتورلۇق ھوقۇق پۇلى تۆلەيدۇ . مەيلى تېلېۋىزوردا مەيلى رادىئودا بېرىلسۇن ئەسەر ئىگىسىنىڭ مەنپەتى قوغدىلىدۇ . بىر نەچچە يىل مابەينىدە جوڭگودا بىر قانچە قېتىم زىيارەتتە بۇلۇش جەرياندا قازاق خەلقىنىڭ سەنئىتىنىڭ زور زىيان ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يەتتىم، ئۇ بولسىمۇ بىزنىڭ قازاقستاندىكى خەلقىمىزنىڭ خەلق ناخشىلىرى بولسۇن ياكى يېڭىدىن ئىجاد قىلىنغان ناخشىلار بولسۇن، جوڭگودىكلەرنىڭ ئاپتورلىرىغا قارىماي قايتىدىن تېكىست ئىشلىتىپ ، M T V پىلاستىنكسنى بازارغا سېلىپ ، سۆزى پالانچىنىڭ، مۇزىكىسى پالانچى، ئورۇنلىغۇچى پالانچىباي دەپ كۆزىنى پارقىرتىپ ئولتۇرۇپ ئېكىراندا قويىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم . شۇنىڭ بىلەن يەرلىك قازاقلاردىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىسام ھازىر بۇلار بۇنىڭ ھېچنەرسىنى سۈرۈشتە قىلمايدۇ قازاقستاندا مەلۇم بىر كونسېرت بېرىلسە 3 كۈندىن كېيىن ئۈرۈمچىنىڭ قاراڭغۇ بازارلىرىدا تۆكمە قىلىپ سېتىلىدۇ ، دەپ جاۋاپ بەردى . قازاق خەلقىنىڭ مەنىۋى بايلىقىنى ئۇدۇل كەلگەن ھەرقانداق بىر مىللەت ئۆزمەيلچە بۇزغۇنچىلىق قىلسا قازاق كەلگۈسىدە زور زىيانغا دۇچار بولىدۇ، بىز ئۆزىمىزنىڭ مەنىۋىي بايلىقىمزنى ئۆزىمىزنىڭ كۆز قارچۇقىمىزنى قوغدىغاندەك قوغدىشىمىز كېرەك.

_ قازاقچە مەنبە ___

 

http://www.senkazak.com/bbs/viewthread.php?tid=63556

http://www.bozbala.com/suhbat/viewthread.php?tid=72841

 

تۆۋەندە شۇ مەسلە بايقالغان فىلملەردىن ئارىيە

 

http://v.shentime.com/w/26YFipu9_h.html 

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر يازمىنى باشقا ھەرقانداق توربەتتە كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. بىز پەقەت يۈكسەل بلوگىدىكى مەزكۇر مۇنازىرىگە مەسئۇل بولىمىز. باشقا تورلاردا كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىش تۈپەيلى كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە مەسئۇل بولمايمىز.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ئۇيغۇرلار بىلەن تالاشتا قالغان قازاق كۈيلىرى

خەتكۈچ: ، ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!114 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. سۇبات مۇنداق يازغان:

    يا ئاللا بۈگۈن تۆرە ماڭا قاپتىغۇ

  2. ئىدىقۇت مۇنداق يازغان:

    نۆۋەتتىكى سەنئەت ساھەسىمىزدىكى بۇ خىل ساپاسىزلىقنى ئېتراپ قىلىش ۋە جىددىي تەرۇزدە تۈزىتىش زۆررىيەت بوپقالدى . ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىلا، قايسىبىر ناخشىچىمىزنىڭ «يۇلتۇز چولپان» ناملىق ناخشىسىنى ئاڭلاۋاتسام، كەينىمدە ئولتۇرغان قازاق قىز ساۋاقدىشىم ئاڭلاپ بېقىپ:« بۇ بىزنىڭ قازاقچە ناخشىكەنغۇ، ئۇيغۇرچە قىلىپ ئۆزگەرتىۋاپتۇغۇ، قىزىق ئىش-دە بۇ !» دەپ خاپا بولۇپ كەتكەنتى، مەن خېجىللىقتا شۇ ناخشىچىغا ئاچچىقىم كېلىپ كەتكەنىدى.
    دېمىسىمۇ نۆۋەتتە مەدەنىيەت بازارلىرىمىزدىكى ئاڭسىزلىق، ساپاسىزلىق ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئۆكۈندۈۇرىدۇ.بازاردا قايسى پىلاستىنكا بازار تاپسا،دىيارىمىزدا ئالدى بىلەن كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى يەر ئاستى يوللاردا، دوقمۇش-دوقمۇشلاردا باس-باس سېتىلىدۇ. سەنئەتكارلار قانچىلىق مەبلەغ، زېھىن سەرپ قىلىپ، ئىشلەپ چىققانلىقى بىلەن قانچىمىزنىڭ كارى قالدى ھازىر. ئابدۇكىرىم ئابلىز ئېتوت كېچىلىكى، خاسىيەت قۇربان ئېتوت كىچىلىكى، خالمۇرات ئۆمەر سوۋغىسى، مۆمىنجان ناخشا كېچىلىكى قاتارلىق پىلاستىنكىلارنىڭ كۈچۈرمە نۇسخىسى ھەممە ئۆيلەردە دىگىدەك بار…… بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟؟؟
    سەنئەتكارلار نەچچە يۈز مىڭ يۈەن پۇل، نەچچە ئون يىل سەرپ قىلىپ روياپقا چىقارغان ئەمگەك نەتىجىسى 4-5 كوي بىلەن پاساڭ بولسا، سەنئىتىمىزنى، سەنئەتكارلىرىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى، ھەممىدىن مۇھىمى مىللىتىمىزنى سۆيگىنىمىز مۇشۇمۇ؟
    گەپ قىلساق، بۇ ھەقتە گەپ جىق.
    ئۆزىمىزنى ھەم باشقىلارنى قەدىرلەيلى…

    • سسبوكس مۇنداق يازغان:

      حەنزۋ يولداشلار تىحى بۇ ىشنى بىلمايدۇ، وعۇرلۇق ۇيعۇر لانىڭ تابيىتى داپ قالسا قانداق قىلىمىز! قىرىنداشلىرىمىزنى ىشكىر ولكىگا اپىرىپ وعىرلىققا سيلىپ پۇل تاپۋاتادۇ . بىز قانداق قىلساق بولار؟

  3. بوھران مۇنداق يازغان:

    بۇنىڭدىن 6 يىللار بۇرۇن يەنئەن يولىدىكى ئۈن سىن دۇكىنىنى ئارىلاپ يېڭىدىن چىققان«پىرچەنگى» ناملىق پىلاستىنكىنى سېتىۋالدىم ۋە ئىشخانىغا بېرىپ ئاڭلىغاچ، مۇزىكىسىنى ياخشى ئىشلەپتۇ دەپ ماختاپ ئولتۇرسام، ئۇدۇلۇمدىكى خىزمەتداش قازاق يىگىت« يۇلتۇز چولپان» دىگەن ناخشا قويۇلۇشىغىلا «ئەمدى دورىمىغان قازاقىستاننىڭ بۇ ناخشىلىرىمۇ قالماپتۇ دە سىلەرنىڭ ناخشىچىلارغا» دىگەنتى، شۇنىڭ بىلەن بۇ توغىرلىق بىر ئاز دەتالاش قىلىپ قالغانتۇق، مەن بىر ياقتىن بۇ ئاپئاشكارە دورامچىلىق، ئوغىرلىقتىن نۇمۇس قىلسام يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ يىگىتنىڭ قوپاللا دىگەن گېپىگە تېرىكىپ ئۇنىڭغىمۇ سەل قاتتىق تېگىپ قويغان ئىدىم. كېيىن ئالتايغا بېرىپ، ساۋاقدىشىمنىڭ ئۆيىدە يەنە شۇ گەپلەر بولۇنۇپ، بىز ئوغىرلىۋالغان بىر نەچچە ناخشىنى ماڭا قويۇپ بەرگەنتى، شۇنىڭدىمۇ « كىم بىلىدۇ، سىلەر بىزدىن دورىغانمۇ تېخى» دەپ ئاتتىن چۈشسەممۇ ئۈزەڭگىدىن چۈشمەي تۇرىۋالغانتىم( ئەمەلىيەتتە ناخشىچىلىرىمىزنىڭ ئوغىرلىغانلىقىغا كۆڭلۈمدە قايىل ئىدىم). كېيىن مۇشۇنداق دورىغان ناخشىلارنى كۆرسەم ياكى ئاڭلىساملا خۇرۇجۇم ئۆرلەپ كۆزۈمدىن يوق قىلىدىغان بولغان. ئارىلىقتا يەنە بەزىبىر ھەۋەسكار فىلىم كىرىشتۈرگۈچىلەر ئىسمىنى بېشىغا ھەيۋەت قىلىپ چىقىرىپ، كۆرۈنۈشىگە ھىندىستاننىڭ، ناخشىسىغا يەنە بىر كىملەرنىڭ، پەقەت تىلىلا ئۇيغۇرچە بولغان MTV لارنى ئىشلەپ، تېخى سېتىپ پۇل قىلىپ يۈرگىنىنى، ئاشخانا، چايخانىلاردا قۇيۇلۇپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ ئەتىراپىمدىكى دوسىتلىرىمغا بىردەم ئۇلارنى سۆكۈپ تىللاپ بەرگەنتىم( يۇقارقى يازمىدا مىسال ئالغان ئىككىنچى MTV نەق ئاشۇنداق ئىكەن). بىلسەم كېيىن قارلۇق شىركىتى ئۆزىنىڭ تور بېتى ۋە ئوكيان تورى قاتارلىقلاردا مۇشۇ ھەقتە كۆپ ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتنى مەدەنىيەت ئوغىرلىقىغا زەربە بېرىشكە سەپەرۋەر قىلىپ خېلى تىرىشىپ بىر ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەن. لېكىن يەنە ئاشۇ كوچا كويلاردا ئوغىرلىقچە ياكى ئاشكارە سېتىلىپ يۈرگەن ئەرزان سۈپەتسىز دېسكىلارنىڭ كۆپلىكىنى كۆرۈپ، قارىغاندا بۇنىڭغا ئامال يوق ئوخشايدۇ، ھۆكۈمەتمۇ باشقۇرۇپ بولالماي قويۇۋېتىپتۇ- دە دەپمۇ قالغان. يەنە ئۆزەمچە تەھلىل قىلىپ يېقىننىياقى ھەر خىل سەنئەت كېچىلىكلىرىنىڭ ئاينىپ كېتىشى بەلكىم مۇشۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك،« دېسكا چىقىرىپ پۇل تاپالمىغاننى ئاز دەپ، ئەمگىكىمىزنىڭ ئىناۋىتى، قەدرى بولمىغاندىن كېيىن،نەمەيدان سەنئەت كېچىلىكى ئۇيۇشتۇرۇپ، مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا يېڭى ناخشا مۇزىكىلارنى كۆپچىلىككە سۇنايلى» دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك سەنئەتكارلىرىمىز، دىگەن خۇلاسىگە كەلدىم.
    بۈگۈن يۇقارقى ماقالىنى كۆرۈپ يەنە بىر قېتىم يۈزۈم چىمىلدىدى، باشقىلارنى سېتىشتىن توسىيالمىساقمۇ، ئەمما ئەتىراپىمىزدىكىلەرگە ئۇنداق پىلاستىنكىلارنى سېتىۋالماسلىقنى، ھەتتا ئاڭلىماسلىقنى تەۋسىيە قىلايلى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىمىز شۇنداق قىلالىشىمىز كېرەك.
    ئەمما ئۇيغۇرچە ئۈن سىن دېسكىلىرىنىڭ باھاسى ئوخشاش سۈپەتتىكى خەنزۇچە دېسكىلاردىن قىممەت، بۇ بەلكىم ئۇيغۇرچە دېسكا بازىرى كىچىك بولغاچقا تىراژىنىڭ ئاز بولۇشى بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولسا كېرەك. پەقەت فىلىم سۈپەتلىكلا ئىشلەنسە، ئىجادى بولسا، بولسا ساقلاش قىممىتى بولسا ھازىرقى باھانى خەلقىمىز يەنىلا قوبۇل قىلالايدۇ دەپ ئويلايمەن. مەسىلەن، مەندە «قىرلىق ئىستاكان» فىلىمىنىڭ ھەقىقى نۇسخىسى ھازىرغىچە بار، تولا قويۇلۇپ دېسكا يۈزى شۇنداق سىزىلىپ كەتكەن بولسىمۇ يەنە راۋان قويۇلىۋاتىدۇ، مانا مۇشۇنداق سۈپەتلىك بولسا سېتىۋالغۇچىنىڭ 20-30 يۈەنگە ئىچى ئاغىرىپ كەتمەيدۇ.

  4. خىيالىي مۇنداق يازغان:

    بۇنداق ئىشلار تۇنجى قېتىملىقى ئەمەسلىكى ھەممىمىزگە ئايان بولسا كېرەك. ئاخىرى مۇشۇنداق بىر سەتچىلىككە سەۋەب بولدى. بولسا مۇشۇنداق ئىجادىيەت ئوغرىلىرىنى چالما-كېسەك قىلىش كېرەك. نومۇسسىزلىق!!!

  5. روياپچى مۇنداق يازغان:

    شۇنچە كۆپ ناخشىچى ئارىسىدىن قانداق قىلىپ باش كۆتۈرۈپ چىقىش ،قانداق داڭ قازىىنش ئىستىكىدە ساراڭ بولاي دەپ قالغان بۇ بىر ئۇچۇم كىشىلەر …. ئاخىرى رەسۋا بولغاندا ئاندىن چۆچۈمدىكىن.

  6. كوك تۇرك مۇنداق يازغان:

    بۇماقالىنى ئوقۇپ بىر-ئىككى ئېغىز پىكىر يوللاشنى ئويلاپ قالدىم.مەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چوڭ بولغان قازاق بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنداقلا بىر ناخشا-مۇزىكا ھەۋەسكارى بولغانلىقىم ئۈچۈن مەنمۇ بۇ ئىش توغرىسىدا كۆپ قېتىم ئويلىغان بولساممۇ، بۇ دەرىجىدە چوڭ بولغان مۇنازىرىگە قاتنىشىپ باقمىغان ئىدىم.شۇنداق بولسىمۇ ئۆز بىلگەنلىرىمنى چامىمنىڭ يېتىشىچە ئورتاقلىشىپ باقاي.80 -يىلارنىڭ باشلىرىدا ئۈنئالغۇ ئاڭلاش ۋە ئۈنئالغۇ لېنتىسى چىقىرىش مودا ئىدى.بولۇپمۇ گىتار ياكى ئېلېكترونلۇق چالغۇلار بىلەن ئورۇنلانغان ناخشىلار ياشلارنىڭ بەكرەك ياقتۇرۇشىغا ئېرىشەتتى. ئۇنداق لېنتىلارنى ئىزدەپ-سوراپ يۈرۇپ ئاڭلايتتۇق. بۇ لېنتىلاردا ئۇيغۇرچە ناخشىلاردىن باشقا تاتارچە، قازاقچە ناخشىلارمۇ ئېيتىلاتتى.گەرچە ناخشىلارنىڭ تېكىستىلىرى شۇ مىللەتنىڭ ئۆز تىلىدا ئورۇنلانسىمۇ بىر مىللەتنىڭ ناخشىسىنى يەنە بىر مىللەت ئېيتسا باشقىچە زوق بېىرىپ يېڭىلىق ھېس قىلدۇراتتى.(مەسىلەن: تاتارچە جىرلار، قازاقچە توي ناخشىسى، مۇھەببەت مۇڭى، ئاستانەم ئالمائاتا،ئالتۇنۇم قاتارلىق ناخشلىلار.) 90-يىللارغا كەلگەندە ئەسلى ئاۋازلىق ئۈنئالغۇ لېنتىلىرى چىقىشقا باشلىدى. ئەپسۇسلىنارىلىق يېرى شۇكى بۇ لېنتىلار 80-يىللاردىكى لېنتىلاردەك «قارا» ئەمەس «ئاق» بولغىنى بىلەن قېرىنداش مىللەتلەرناخشىلىرىنى ئەسكەرتىش بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن پالانچىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىجادىيىتى دەپ تۇرۇپ بازارغا سېلىندى. بولۇپمۇ غۇلجىغا ئوخشاش كۆپ مىللەتلەر ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا بۇنىڭغا ئوخشاش يالغانچىلىقلار تېزلا ئاشكارىلىنىپ بەزىلەرنىڭ نوموسىنى قوزغىسا بەزىلەرنىڭ غەزىۋىنى كەلتۈردى. لېكىن بۇ پاسسىپ يۈزلىنىش پەسىيىش تۈگۈل كۈنسېرى ئەۋجە ئېلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ مۇنازىرىنى قوزغىدى. مېنىڭچە بولغاندا بۇ مەسىلىگە ئالدىراپ-سالدىراپ ھۆكۈم چىقارغاندىن كۆرە مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ئۈستىدە چۇڭقۇرراق ئويلانغىنىمىز تۈزۈكتەك تۇرىدۇ. چۈنكى بۇنداق ئەھۋالنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال ئەمەسلىكىنى بىر ئەقىل ئېگىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تونۇپ يېتەلەيمىز. مەسىلەن ئابلەت ئابلىكىم، ئابلاجان ئاۋۇت قاتارلىق كومپوزىتورلىرىمىز ئىجاد قىلغان نى-نى ئېسىل ناخشىلارمۇ بار ئەمەسمۇ؟ ئاساسىي مەسىلە ئۇنداقتا قايسى؟ مەسىلە بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت بازارلىرىنى باشقۇرش قانۇنىنىڭ يوچۇقلىرىدىن پايدىلىنىپ پۇل تېپىش ئۈچۈن ئۆز مىللىتىنىڭ يۈز-ئابرويى بىلەن ھېسابلاشمايدىغان بىر قىسىم ئاڭ-سەۋىيەسى تۆۋەن پلاستىنكا سودىگەرلىرى بىلەن نام چىقىرىشتىن باشقىنى كۆپ ئويلاپ كەتمەيدىغان ناخشىچىلىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىدە. جەمئىيىتىمىزدە ماركا قانۇنى، ئەسەر ھوقۇقى قانۇنىنىڭ تېخى ئاساسى ئاجىز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. دىمەك بىز بۇ مەسىلىنى بىر مىللەت بىلەن يەنە بىر مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت دەپ چۈشەنگەندىن كۆرە ئاشۇنداق قىسمەن مەسئۇلىيەتسىز سودىگەرلەر بىلەن ئۆزىنى ناخشىچى ھەتتا چولپان ئاتىۋالغانلارنىڭ ئاڭسىزلىقى دېيىشىمىز كېرىك. چۈنكى ئۇنداق ئىنسانلار ھەر قانداق مىللەتتىن چىقىشى مۇمكىنغۇ؟! ئەقەللىيسى بىر ئىنساننى تامامەن ئۇنداق ياكى مۇنداق دەپ ئېيتىش مۇمكىن بولسىمۇ لېكىن بىر مىللەتنى بىر تاياق بىلەن ھەيدەش ئەقىلگە سىغمايدۇ. بولۇپمۇ ئۇيغۇر بىلەن قازاق تارىختىن بۇيان تىلى بىر، دىنى بىر ھەتتا دىلى بىر بولۇپ كەلگەن. نى مۈشكۈلاتلاردا بىر بىرىگە ھەمدەمدە بولۇپ،نى كۆرەشلەردە مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ قان-قېرىنداشلىقىنى ئىپادىلەپ كەلگەن. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى ئەنە شۇلارنىڭ بىر مىسالى دېيىشكە تامامەن ھەقلىقمىز.

  7. سەيياھ مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ قازاقچە ناخشىلارنى ياقتۇرىمەن ، ئاھاڭى يېقىملىق . ئەمما بىر قىسىم ناخشىلارنىڭ ئاھاڭغا تەقلىد قىلىپ ، مۇزىكىسىنى ئىشلىتىپ كۈچۈرۈپ كىلىنگەن ناخشىلاربار . بۇنىڭدىن بىزدىكى بىرقىسىم سەنئەتكارلارنىڭ ئىجاتچانلىقىنىڭ ناھايىتى تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ، نام چىقىرىشقا بەك ئالدىراپ كەتكەنلىكىنى بىلگىلى بۇلىدۇ .

  8. ئەرچىن مۇنداق يازغان:

    «قىڭغىر ئىش قىرىق يىلدىن كېيىنمۇ بىلىنەر» دەپتىكەن دانىشمەنلىرىمىز.

  9. قۇتتېكىن مۇنداق يازغان:

    ئۆز خەلقىنى ئالداش بىلەنلا قالماي، پۈتكۈل ئۇيغۇرنىڭ باشقا مىللەت ئارىسىدا، چەتئەللەردە سازايى قىلىنىشغا سەۋەب بولغان، ناخشا-ئۇسسۇل بىلەن مىللەتنى «دۇنياغا تونۇتۇش»قا تۆھپە قوشقان ئاشۇ بىر قىسىم «ساپالىق چولپان»لار شۇ تېمىنى بىر ئوقۇپ باقسا، بولسا بارلىق سەنئەتچىلەر بۇ تېمىنى كۆرۈپ، كاللىسىنى بىر سىلكىۋەتسە……
    قارىغاندا دىققەتنى ئۆزبېك ناخشىچىلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈۋالماي، نەزەرىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ بىر قىسىم ئاتالمىش ناخشىچىلىرىمىزنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىغا ئاغدۇرۇش زۆرۈر بولۇپ قالغاندەك قىلىدۇ…

  10. سالجۇق مۇنداق يازغان:

    بىزگە مۇشۇمۇ ئاز، ئادەتتىكى مەھەللىۋى چولپانلارنى قويۇپ تۇرايلى، ئاتالمىش ‹‹ ئەل سۆيگەن ›› كارامەت چولپانلىرىمىزمۇ ھازىرغىچە ‹‹ ئوغرىلىق ›› تىن قول ئۈزگىنى يوق. ئىسمىنى تىلغا ئالسام خىجىل بولار، بولدى بەس! ئىنساپ قىلىڭلار بۇرادەرلەر، ئۆز قەۋمىڭلارنى ئالدىغان بىلەن باشقىلارنى ئالدىيالمايسىلەر، خەلققە خىيانەت قىلماڭلار، ئەلنىڭ نەزىرىدىن چۈشكەن بەك ياماندۇر!

  11. شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

    بەلكىم سەنئەتكە ئازىراق قىززىقىدىغان دوستلار بىلىشى مۇمكىن ، بىز تۈركى مىللەتلەردە ئەدەبىيات-سەنئەت جەھەتتىكى ئاپتورلۇق ھوقۇقى توغرىسىدىكى دە تالاشلار ھازىرغىچە تېخى ئۈزۈل كېسىل ھەل قىلىنغىنى يوق، بۇ يەردىكى گەپ سەنئەت ساھەسى بولغانلىقى ئۈچۈن باشقىنى قويۇپ قويۇپ پەقەتلا سەنئەت ساھەسىنى ئالساق، قىسمەن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇر ئاتلىق ئىككى تۈركىي مىللەتنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدە ئوخشاشلىقى بۇ ئىككى مىللەتتە نۇرغۇنلىغان خەلق ناخىشىلىرىنىڭمۇ ھەر ئىككىلا مىللەتتە ئۆز مىللىتىنىڭ ئازىراق مىللىي پۇرىقىنى كىرگۈزۈپلا ئۆز مىللىتىنىڭ خەلق ناخشىسى قىلىپ ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان ئىشلار تاكى ھازىرغىچە مەۋجۈت، يەنى سىز ئۆزبېكىستان دىيارىغا بارسىڭىز يۇرتىڭىزدا ئېيتىلىۋاتقان ئالمىچى ئانار قاتارلىق ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئۆزبېك تىلىدا ئۆزبېك خەلق ناخشىسى قىلىپ ئېيتىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىماي قالمايسىز، يۇرتىمىزدىمۇ جان ئاكىجان دېگەندەك بىر قاتار ئۆزبېك ۋە باشقا خەلق ناخشىلىرى ئۇيغۇر خەلقىدە خېلى يىللاردىن بېرى ئېيتىلىپ كەلدى، ھەتتا تېخى جان ئاكىجان ناملىق ناخشا خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشىسى سۈپىتىدە پۈتكۈل جۇڭگوغا تارالدى، ئەلۋەتتە مەن بىر ئادەتتىكى ئۇيغۇر پۇقراسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن قىسمەن ناخشىلارنى ئېنىق مۇشۇ مىللەتكە تەۋە دەپ كېسىپ ئېيتالمايمەن، دېمەك خەلق ناخشىلىرىنىڭمۇ دەۋاسى تېخى ھەل قىلىنمىغان يەردە ئەمدى قوپۇپ باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ئاممىباب ناخشىلىرىنى مۇزىكا ۋە تېكىستىنى خالىغانچە ئۆزىمىزنىڭ قىلىۋېلىپ توغرىسىنى ئېيتقاندا ئوغۇرلاپلا ئېلان قىلىۋېرىش ئۆز مىللىتىمىزنىڭ يۈزىنى ئۆزىمىز تۆكۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بىزدە دېمىسىمۇ يېقىندىن بۇيان بۇنداق ئىشلار بەكلا ئەۋجىپ كەتتى، ئەگەر شۇ قازاقىستان ھۆكۈمىتى ھەقىقەتەن بۇ ئىشلارنى قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشىغا تاپشۇرسا بەلكىم شۇنداق ئوغرى ناخشىچىلار ئازايغان، سەنئەت ساھەيىمىزمۇ ساپلانغان بولاتتى

  12. ۋەتەنداش مۇنداق يازغان:

    كۆك تۈركنىڭ يازمىسىدىن تەسىرلەندىم.

  13. ۋەتەنداش مۇنداق يازغان:

    ماۋزۇ خاتا قويۇلۇپ قالدىمۇ نىمە؟
    بۇ دېگەن قازاقلار بىلەن تالاشتا قالغان كۈيلەر ئەمەس، قازاقلاردىن ئوغۇرلىغان كۈيلەر ئىكەن ئەمەسمۇ؟!

  14. ئەلى0999 مۇنداق يازغان:

    مەن ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستوتىدا ئوقۇغان، شۇ مەزگىللەردە ئۇغۇرلانغان ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېيتىلغان قازاقلارنىڭ ناخشىلىرى بىز بىلەن قازاق ساۋاقداشلار ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇنلىغان كۆڭۈلسىزلىكلەرنى، زىدىيەتلەرنى، ئوقۇشماسلىقلارنى ئىلىپ كەلگەن ئىدى. ھەتتا بەزى ۋاقىتتلاردا ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ تىلىمىز ناھايىتى قىسقا بولۇپ قىلىپ. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئۈنئالغۇ لىنتىىسنى ۋە دىسكىسىنى چىقىۋەتكەن ئىدىم. مومكىن بولسا شۇ ناخشىچىلىرىمىزنىڭ ئالدىغا بىرىپ، گىلىنى سىققىم كىلىپ كەتتى. ھۆرمەت قىلىدىغان بىرقانچە ناخشىچىلارنىڭ بىزنىڭ قەلبىمىزدىكى ئورنى يوقاپلا كەتتى.ئۇلارنىڭ رەسۋاسىنىڭ ئاخرى ئىچىلىدىغانلىقىنى كۆڭلۈم سەزگەن ئىدى. مەن شۇنى قوللايمەنكى: ئاشۇ ناخشا ئوغۇرلىغۇچى چولپانلار چوقۇم خەلقئارالىق قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچىرىشى كىرەك. خەلقىمىز ئالدىدا ۋىجدان سوتىغا تارتىلىشى كىرەك. ئەتىراپىمىزدىكى لىنتا كۆپەيىتكۈچى قارا ئۇۋىلارنىڭ تېزدىن بىرتەرەپ قىلىنىشىنى ئۆمۈت قىلىمەن.

  15. ئەلباش مۇنداق يازغان:

    قازاق قېرىنداشلار مىنىڭچە خېلى يول قۇيۇپ تۇرۇپ سۆزلەپتۇ . ئوغرى ناخشىچىلار كۆردۈڭلارمۇ ؟ نۇمۇسسىزلار ! سىلەر بىلەن كەتمەيدۇ . ئۇيغۇرنىڭ نامىغا سەت ! ئىپلاسلار !

  16. نۇرلۇق مۇنداق يازغان:

    بارىلىق قازاق قېرىنداشلاردىن شۇ ئوغۇرى ماڭقۇرت ناخشىچىلىرىمىز تەرەپتە تۇرۇپ سەمىمي كەچۈرۈم سورايمەن. ئۇلار ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، مىللىتىمىز ئەزەلدىن ئۇنداق ناچار قىلمىشنى ئەيىپلەپ كەلگەن. قازاق قېرىندىشىم بۇنى كۆرگەن بولسىڭىز قازاق مۇنبىرىگە ئىنكاسىمنى يوللاپ قويسىڭىز، مەن سۆيۈملۈك مىللىتىمنىڭ نامىنىڭ بىر نەچچە ماڭقۇرتنىڭ خاتالىقى بىلەن باشقا تورلاردا ئەيىبلىنىشكە ئۇچىرىشىنى خالىمايمەن. ھەم قاراپمۇ تۇرالمايمەن، ئۇلار چوقۇم جازاغا تارتىلىشقا تېگىشلىك ئۇنداق كۆچۈرىمىكەش ناخشىچىلىرىمىز بولمىسا بىز ئۈچۈن ناخشىچى كەم بوپ قالمايدۇ، ئۇلارنى ۋاقتىدا تازلاش كېرەك.

  17. ۋىروس مۇنداق يازغان:

    يېقىندا تېخى مۇنبەرلەردە «ئابدۇللا ئابدۇرىھىمنىڭ ئورنىغا كىم چىقىدۇ» دىگەن تېمىلار يوللىنىپ ، ئابدۇللانى ھازىرقى ئەڭ داڭلىق ئۇيغۇر سەئەتكارى دەپ تەرىپلەشتى …. توۋاا دەيمەن ، بىزدە نەدىمۇ داڭلىق سەنئەتكار بولسۇن ، پەقەت بىر توپ نۇمۇسسىز ئوغۇرلار بار خالاس . (ئەلۋەتتە خەلىق ناخشىلىرى بىلەن تونۇلغان خەلىق سەنئەتكارلىرىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ )

    • دولقۇن731 مۇنداق يازغان:

      گەپ سۆزلەر چەكتىن بەك ئېشىپ كەتمىسۇن . تېمىدىن چەتنىمەي پىكىر قىلىڭ ! ئىنكاسىڭىزغا مەسئۇل بۇلالامسىز ؟ نىمە دىمەكچى ؟! بىر شاخىنا كالا پۈتۈن ئېغىلنى بۇلغاپتۇ دەپ ئەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىسەك سەل قاملاش ماۇ قالارمىكىن .

      • ۋىروس مۇنداق يازغان:

        مەن ئ مەن ئەلۋەتتە ئىگە بولالايمەن ! پاكىتمۇ كەلتۈرەلەيمەن .
        ئەكۋەتتە مەنمۇ بۆلەكچە غەرەزدە دىمىدىم . پەقەد ئابدۇللانىڭ ئەسلى مۇشۇ نوپوزى بىلەن باشقا سەنئەتكارلىرىمىزغا ئۈلگە بولسا بولاتتى دىمەكچى ….. ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرۇپتۇپ ئەھۋال باشقىچە !

    • نۇرلۇق مۇنداق يازغان:

      « پەقەت بىر توپ نۇمۇسسىز ئوغۇرلار بار خالاس » بۇ گېپىڭىزنى تازا چۈشىنەلمەيۋاتىمەن، ھەممىسى شۇنداقمۇ؟! مۆمىنجان، ئابدۇللا قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەل سۆيگەن ناخشىچىلىرىمىزنىڭ بارلىقى ھەقىقەت. بۇنى تەكلىماكان قۇملۇقىمۇ كۆمىۋېتەلمەيدۇ. ھازىرقى مەسىلە پەقەت ئاز بىر قىسىم ئوغىرى، نومۇسسىز ناخشىچىلارلا خالاس، ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدىسەك راسلا بولماس.

  18. قۇتتېكىن مۇنداق يازغان:

    ئاۋۇ ناخشىلارنى چۈشۈرگىلى بولامدۇ؟ بولسا قانداق چۈشۈرىمىز؟

  19. دولقۇن731 مۇنداق يازغان:

    ھېي تېتىقسىز لاۋزا كۆچۈرمىكەش ئوغرى «چولپان»لا ماۋۇ مۇنازىرنى كۆرۈشىۋاتامسىلە !!!! ئىشەكتەك ھاڭرىغان ھىساب ئەمەس بۇ يەرگە كېلىپ چۈشەنچە بېرىشسىلە ! ئىچكىردە ئۇقۇيدىغان بالىرىمىز ئوغرى گۇيلارنىڭ دەستىدىن بىر تاياقتا ھەيدىلىپ ئاز كۈنلەرنى كۆرمىدى ، ئۇلار ئۇيغۇر دېسىلار «چەنتۇ» دەپ قارالدى يېقىندا ماۋۇ سېكىرتار ئالىم ئاكىغا بېلەت تاشلاپ ئىناۋېتىمىزنى ئانچە مۇنچە ئەسلىگە كەلتۈردى . ئەمدى يەنە چەتئەلدە «ناخشا ئوغرىسى» بۇلۇپ قالدۇق جاۋاپكارلار كىلىشە بۇ سورۇنغا . ئىسىملىرىڭنى ئاتاپ ئېلان قىپتۇ ئەنە . ئەھۋالنى بىر چۈشەندۈرۈش قېنى !

  20. تامچەبۇلاق مۇنداق يازغان:

    بۇ بىرقانچە ناخشا ئۇغرىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، بەلكى ئۇلارنىڭ بۇ ئىشى ھەرخىل نەرسىلەرنى ئۇغرىلايدىغان ئۇغرىلار نىڭ قىلمىشى بىلەن ئوخشاش بولىشى مۇمكىن، بۇ ناخشا ئۇغرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ قالغانلىقى تۇپەيلىدىن ئۇيغۇر -قازاق قىرىنداشلىقىغا دەز كەتمەيدۇ، بىز بۇرۇندىنلا بىرگە ياشاپ كەلدۇق، بىرگە كۇلۇپ، بىرگە يىغلاپ كەلدۇق، ئاللا خالىسا بۇندى كىيىنمۇ شۇنداق بولغۇسى!

  21. ناركوز مۇنداق يازغان:

    بىز ئۈچۈن نە نۇمۇس نە ئاھانەت، ھەممە گۇناھ ئۆزىمىزدە دېمىسىمۇ ئوغىرلىغىنى يالغانمۇ ؟ ھەي، ئىچىم بەك ئاچچىق بولۇپ كەتتى ، پۇتۇن قازاقىستاندا بىۋاستە تارقىتىدىغان رادىئو پىروگگىراممىسى ئىكەن.

  22. روھچىن مۇنداق يازغان:

    بەك ھاياجانلىنىپ كەتمەيلى. . . ئادەملەرنىڭ ياخشى يامىنى ھەممە يەردە بار .
    بىر مىللەتنىڭ تەرەققىيات باسقۇچىدا ھەرخىل ئېگىز-پەسلىكلەر بولىدۇ.
    بۇنداق ئەھۋاللار خەلىقنىڭ ساپاسى ئۈسۈش بىلەن ھامان سۈزۈلۈپ قالىدۇ.

  23. سەركەردە مۇنداق يازغان:

    بۇنىڭغا ئامال يوق ، جۇڭگونىڭ قانۇنى شۇ تۇرسا، بىزنىڭ بۇ ئەلدە نەشىر ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدۇلۇپ باققان ئەمەس، ئۇلار خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا ئەرز قىلسىمۇ پايدىسى بولماسمىكىن. نەشىر ھوقۇقى دىگەن گەپنى تىلغا ئېلىشقا دۆلەتنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورگانلىرىنىڭمۇ سالاھىتى توشمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىشخانىسىدىكى كومپىيوتېرغىمۇ 5كويلۇقwindows قاچىلاقلىق ئەمەسمۇ

  24. man مۇنداق يازغان:

    شۇ تاپتا نىمە دىيىشىمنى بىلمەيمەن ، بۇ مۇنازىرە ھازىر ئەۋجىگە چىقتى ،
    بولۇپ بىزگە ئوخشاش قازاقلار بىلەن ئۇزۇن يىل بىللە ياشاپ كەلگەن
    بۇ يۇرتتىكىلەرگە نىمە سەتچىلىك …؟

  25. مەشرەپ مۇنداق يازغان:

    ناخشا ئوغرىلاش، ئوغرلىقچە نەشىر قىلىش دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. 20 يىل بوپتۇ ئاشۇ تۇتى ناخشىچىلاردىن قاخشاۋاتقىنىمىزغا. تىللاپ باقتۇق، ۋايساپ باقتۇق، تۇتى ناخشىكەشلەرنىڭ يۈزىگە سېلىپمۇ باقتۇق. بۇرۇن رەسمى سورۇنلاردا زاھىر بۇرھان، ياسىن مۇخپۇللار ئۇلارنى كۆپ ئەيىبلىگەن. ئالىم، ئۆلىمالىرىمىز لېكسىيە سۆزلىگەندە: كەلگۈسىدە بۇنىڭ ئۈچۈن خەق گېلىمىزدىن سىقسا قەرىزنى كېيىنكى بوغۇنلىرىمىز خېلىغىچە قايتۇرۇپ بولالمايدۇ، دەپ ئېچىنغان. لېكىن بۇنىڭ بىلەن ھېچنىمە ئۆزگەرگىنى يوق، ئويلاپ باقسام بۇ مەمىلكىتىمىزدە ئومۇمىلاشقان، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدىغان ئادەتتىكى ئىشكەن. 98-، 99-يىللىرى شياڭگاڭ ناخشىچىلىرى ئىنگىلىزچە ناخشىلارنى كۆچۈرۈپ ئېيتىدىغان، يېقىندىن بۇيان ئىچكىرىدىكى تۇتى ناخشىچىلار رۇسلارنىڭ ناخشىلىرىنى كۆچۈرۈپ ئېيتىدىغان بولىۋالدى. بەلىكم ھازىرمۇ كوچا-كوي ياكى بەزىبىر سورۇنلاردا ئاڭلاپ قېلىشڭلار مۇمكىن. بىزنىڭ تۇتىلىرىمىزمۇ بۇ ماھارەتنى 93-، 94 -يىللاردىن باشلىدى. قۇلىقىغا يېقىمىلق ئاڭلانسىلا مەيلى خەنزۇچە، تۈركچە، ئۆزبېكچە…….بولسۇن دوراپ ئېيتىپ بازارغا سالدى. بۇنداق ئوغرىلىق يالغۇز ناخشا ساھەسىدىلا مەۋجۈت ئەمەس، بىز ھەتتا ھولۋۋودنىڭ داڭلىق كنولىرىنى، مايكىروسوفتنىڭ سەرخىل يۇمشاق دېتاللىرىنى ئوغرىلىقچە نەشىر قىلىپ بازارغا سېلىپ بولىمىز، تېخى تۆنۈگۈن ئامېرىكىدا قويۇلغان ھولۋود كنولىرىنىڭ ئوغرى نەشرى ئەتىسلا بېيجىڭ شەھىرىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا پەيدا بولىدۇ. بولىۋودنىڭ بولسا ئۇرۇمچىدە. ھەتتا تېخى دۇنياۋى داڭلىق ماركلىق مەھسۇلاتلار (كىيم-كىچەك، ئېلىكتىر سايمانلىرى….) نىڭمۇ ساختىسىنى ھەر يەردە ئۇچىرىتالايمىز. خەنزۇ تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى ياكى باشقا داڭلىق كىتاپلارنىڭ رەسىمى باسىمىسى بۈگۈن چىقسا ئوغرى باسىمىسى ئەتىسى قاراڭغۇ بازاردا پەيدا بولىدۇ. ھازىر بازاردىكى تۈركيە، ئامېرىكا، ئۆزبېكىستان ….دىگەندەك دۆلەتلەرنىڭ كىنو ياكى ناخشا پىلاستنكىلىرنىڭ كۆپى ئوغرى نەشىرى ئەمەسمۇ. بىز يالغۇز خەقنىڭ ئەمەس ئۆزىمىزنىڭ نۇرغۇن نەرىسلىرنى ئوغرىلاۋاتىمىز ياكى ساختىسىنى ياساۋاتمىز. ھۆكۈمىتىمىز بۇنى توسۇپمۇ توسۇپ بولالمايۋاتىدۇ، چەتئەللەر ئامالسىز كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرىۋاتىدۇ، ئىشقىلىپ بۇ جەھەتتىكى تارىخمىز ئۇزۇن، ھۈنىرىمىز تولا، جىق دۆلەت، جىق مىللەتنىڭ ئىجاد-ئەمگەكلىرىگە خىيانەت قىلىپ بولدۇق، ھاقارەت قىلدۇق. قازاقىستان، ئۆزبېكىستان كونسېرىتلىرنىڭ ئوغرى باسمىسى ئۇرۇمچى بازارلىرىدا پەيدا بولىشى، ناخشىلىرىنىڭ ئوغرىلىنىپ ئېيتىشى تامچىدىن تامچە. ھالا بۇگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ سەتچىلىك چەتئەلنىڭ رەسىمى سورۇنلىرىغا چىقىپ غۇلغۇلا قوزغاپتۇ. ئىجاد مېھنەت، بىلىم بەكرەك قەدىرىلىنىدىغان، مۇشۇ جەھەتتىكى قانۇنى كۈچى كۈچلۇك ئەلدە دۆلىتىمىزدىكى بۇنداق كەمچىلىك ئەلۋەتتە نۇرغۇن ئەجەپلىنىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ئىچىكى ئەھۋالىنى چۈشەنمىگەن قازاق رادىيوسنىڭ ناخشا ئوغرىلىقىنى رەسىمى سورۇنغا كۆتۈرۈپ چىقىپ غۇلغۇلا قوزغىشى مېنىڭچە قازاقىستاندا ئۇيغۇرلار مىللەت سۈپىتىدە ناخشا ئوغىرىسى، پىلاستىنكا ئوغرىسى، دىگەن قاراشىنى ئومۇمىلاشتۇرۇپ قويشى مۇمكىن. قازاقىستاندىكىلەر: مەدەنىيەت مىنستىرلىگىمىز گە ئەھۋال مەلۇم قىلىپ شۇلار بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو دۆلىتىگە ھوقۇق مەنپەتىمزنى قوغداش يۈزىسىدىن ئەرىز بېرىش كېرەك، دەپتۇ. ناۋادا شۇنداق قىلسا بۇ ئنتايىن ياخشى ئىش ، بىزنىڭ مەدەنىيەت بازارلىرىمىز مىسلىىسز دەرىجىدە ئوڭشىلىشىغا پايدىسى تېگىدۇ. لېكىن، ناخشا ھوقۇقى دۆلەتنىڭ مەخپىيىتى، جانىجان مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىش ياكى پەۋقۇلئادە تېخنىكا بولمىغاندىكىن دۆلەتلەر ئارا دىپلوماتىك مۇناسۋەتلەرنىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئېلىشى ناتايىنمىكىن، دەپمۇ ئويلىدىم. ھولۋود، مايكىروسفتىلارمۇ كۈچەپ باققان، دەپ ئاڭلىغان. قازاقىستان ناخشا ئىجادىيەتچلىرى رۇس، تۈرك، ئۆزبېك، ئەرەب…ناخشىچىلىرى بىلەن بىرلىشپ ئەھۋال ئىنكاس قىلىپ نەتىجىگە ئېرىشەلىسە ئەجەپ ئەمەس. ناخشا ئوغرىلاپ ئېيتىش دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە بار، لېكىن بىزدەك ئومۇمىيۈزلۈك بولمىسا كېرەك.

  26. سەھرالىق مۇنداق يازغان:

    ئۆھۆ… مەن بىر-ئىككى ئىغىز سۆزلەي:
    كۆچۈرمىكەشلىك، دورامچىلىق پەقەت ناخشىچىلىقتىلا ئەمەس، سەھنە سەنئىتىنىڭ ھەممە تۈرىدە ئومۇمىيۈزلۈك مەۋجۇت،بىزدىلا ئەمەس ھەممە ئادەمدە، ھەممە مىللەتتە بار مەسىلە، مەسىلەن ھىندىستاننىڭ فانتازىيىلىك فىلىملىرى، ھىكايە ۋەقەلىكى بۇرۇنقى چەت-ئەل فىلىملىرىنىڭ ياردوسى…باش تېمىسىلا سەل-پەل‹‹پەدازلانغان››
    ئەمدى ناخشىچىلىققا كەلسەك، بۇمۇ بىر ئومۇمىيۈزلۈك ھادىسە.
    سەھنە سەنئىتى پەيدا بولغاندىن تارتىپلا ،ئۇنىڭ راۋاجلىنىش‹‹ شەكلى دوراش بىلەن شەكىل ئۆزگىرىش›› تىن ئىبارەت ئىككى چەكسىزلىك ئىچىدە داۋام قىلىپ بۈگۈنگە كەلدى،بۇنى ھەرگىز مۇتلەق توغرا ياكى مۇتلەق خاتا دەپ قاراش ئاقىلانىلىق ئەمەس، (نەشىر ھوقۇقى سۈرۈشتە قىلىنىدىغان سەھنە ئەسەرلىرى بۇنىڭ سىرتىدا ئەلۋەتتە).
    تور دۇنياسىغا قەدەم باسماستىن بۇرۇن،ناخشىچىلىرىمىزنىڭ ‹‹توساتتىن›› پەيدا بوپ قالىدىغان ‹‹مۇڭلۇق››كۈيلىرىگە ئەسرار بولاتتىم، نىمىشقىدۇر بۇ مۇڭلار بۆلەكچە تۇيۇلاتتى…مەسىلەن ئابدۇللا ئاكىمىز ئىيتقان ناخشىلارنىڭ ئۇسلۇبى ماڭا ئالامەت تەسىر قىلغان،تا بۈگۈنگىچە ‹‹ كەت دىمىگىن›› ناملىق ناخشىسىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن.
    ئەلۋەتتە ياشلار ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ ناخشىلىرىمۇ مىنىڭ ياقتۇرىدىغان مۇڭلىرىم ئىچىدە، يەنە سەۋرىدىن ئىمام، ئابلەت ئابلىكىملەرمۇ بار،سەۋرىدىن ئىمام ئاكا گەرچە ناخشا ئىيتمىغان بولسىمۇ (ھازىر)ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئۈنئالغۇ لېنتىلىرنىڭ ‹‹ئەسلىسى›› مەندە بار.
    خوش ،مەن نېمىشقا بۇلارنى تىلغا ئالىمەن.گەپنى باشقا ياندۇراي،ئابدۇللا ئابدۇرىھىمنىڭ 90-يىللاردا چىقارغان ئۈنئالغۇ لىنتىلىرنى ئاڭلىغانلار بولسا كىرەك،بۇ ھەقتە ئاۋۋال بىر مىسال كەلتۈرەي، بىر كۈنى ماي تىياتىرىنىڭ يېنىدا ئىچىملىك ساتىدىغان بىر دۇكانغا كىردىم، بۇ دۇكاندا ئەينى يىللاردا ئابدۇللا ئاكا ئىيتقان ناخشىلارنىڭ ‹‹باشقا تىلدىكىسى›› قويۇلىۋىتىپتىكەن،بىر دەم قىزىقىپ ئاڭلاپ تۇردۇم،ئاندىن دۇكاندارغا دىدىم:
    -بۇ پىلاستىنكىنى ساتاملا؟
    -ياق ئۇكام،بۇنى ساتمايمەن،باشقىلىرى بار ئاشۇنى خالىغانچە تاللاۋالسىلا…
    -مەن مۇشۇنى ئالاي دىگەن. نەچچە پۇل دىسىلە بىرەي…
    دۇكاندارنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلدى:
    -ئۇكام ،بۇنى ئەينى ۋاقىتتا تۇغقانلار سەۋىتتىن ئالغاچ كەپتىكەن، ھازىرغىچە ئاڭلاۋاتىمەن، ئاۋۇ ناخشىچىنى تۈگەپ كەتتى دەيدۇ، لىكىن ناخشىلىرى شۇنداق يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ، گەرچە تىلىنى چۈشەنمىسەممۇ بەزى‹‹قارا دەي››لەردىن ياخشى بۇ، بويلىرى بىلەن تەڭ ئالتۇن بەرسىلىمۇ بۇنى ساتمايمەن…
    شۇنداق قىلىپ دۇكاندىن يىنىپ چىقتىم، باشقا مەقسىدىم يوق ئىدى، پەقەت خاتىرە قىلىپ ساقلاپ قوياي دىگەن،چۈنكى ھىلىقى ناخشىچىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكىنىنى مەنمۇ خەۋەرلەردىن كۆرگەن ئىدىم.
    ئەمدى گەپنى بۇراي: ئابدۇللا ئاكىمىزمۇ سەنئەت تۆرىدىكى ‹‹ھاللىق›› ناخشىچىلارنىڭ بىرى،ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى ياقتۇرمايدىغان ئادەم يوق بولسا كىرەك دەپ ئويلايمەن، ‹‹ئۇزاق يول››دىن چاغانلىق‹‹مەشرەپ›› كىچە ئۇنىڭ باسقان مۇساپىسى ئاز ئەمەس، ئىزىمۇ ھەم…
    باشقىلارنى دوراش، ناخشىچىلىقتا ئومۇمىيۈزلۈك ھادىسە، ئەمما داڭىق چىقىرىشقا ئالدىراش بۇ بىر مودا جەريان بولسا كىرەك،ئەلۋەتتە ئالدىنقىلار ئىچىپ بەرگەن ‹‹داغدام يول››ھازىرقى ياش ‹‹چولپان››لارغا بولۇپ بەردى.
    تور بىلەن تونۇشقاندىن بۇيان، خوشنا ئەل ناخشىلىرىنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولدۇم، قارىسام ساپلا‹‹كونا ››ناخشىلاردە… قەيەرلەردىدۇر ئاڭلىغان بۇ ناخشىلارنى… قارىسام دىيارىمىزدىكى چولپانلىرىمىز بۇ ناخشىلارنى نەۋاقتا ئوقۇپ بولغان… ئەمدى كاللا تالاش-تارتىشقا قالدى،بۇنى زادى كىم كىمدىن دوراۋاتىدۇ؟
    يازما قازاق قىرىنداشلار بىلەن تالاش-تارتىش ھەققىدە بولغان بولسىمۇ لىكىن بۇ پەقەت قىسمىيلىق دەپ قارايمەن، ئەمەلىيەتتە يالغۇز قازاق قىرىنداشلارلا ئەمەس ئۆزبەك،تۈرك …قىرىنداشلارنىڭ سەنئەت ئىجادىيىتىنى قىلچە تەپ تارتماستىن ئوغۇرلاپ ‹‹چولپان›› بولۇۋالغانلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇ يالغۇز ناخشىچىلىق ساھەسىدىلا ئەمەس سەھنە سەنئىتىنىڭ ھەممە تۈرلىرىدە بولۇۋاتىدۇ..شۇڭا ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش ئاقىلانىلىق ئەمەس.
    يەتتە ئاۋازدىن مەشھۇر مۇقاملىرىمىز چىققان، بېتخوۋىننىڭ، باخ ،موزاتلارنىڭ سىمفونىيەلىرىمۇ چىققان، كۈي ئىشلەتكەنگە تۈگەپ كېتىدىغان بولسا بۇ چاغچىقە بىزنىڭ ئاۋازىمىز پۈتۈپ،ياكى تىلىمىز ناكەس بولۇپ قالساق بولاتتى…
    مۇھىمى شۇ كۆچۈرمىكەشلىكنى دورامچىلىقنى باشلاپ بەرگەنلەرنىڭ ئىنسابى كىلىپ ئۆزخاتالىقىنى تونۇسا، كىيىنكىلەر ئۇلاردىن ئېبرەت ئالسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى!

  27. قازاق مۇنداق يازغان:

    دېمىسىمۇ باشقىلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى ئۆزىنىكى قىلىۋېلىش ھايۋانغىلا خاس. ئەڭ بولمىسا خەخنىڭ ناخشىسى ئىدى دېمىگىنىنى؟ ئاپتورى مەن مۇزىكىسى مېنىڭكى ئۆزەم ئورۇنلايمەن دەيدۇ تېخى نۇمۇسسزلار

  28. قازاق مۇنداق يازغان:

    قايسىسى بىر توربېتىدە ستاتستىكا قىلىنغان بولۇپ ھازىرغىچە 50 تەك ناخشا بولۇپتۇ

  29. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    ئېسىمنى بىلسەم،ئابدۇللا ئاكامنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغانىدىم،كېيىنچە باشقا ناخشىچىلارنىڭمۇ قۇلىقىمغا يېقىملىق ئاڭلىنىدىغان ناخشىلىرىنى يادىلاپ كەلدىم.ئەمما كېيىنچە،باشقا مىللەت ناخشىلىرى بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن،بىر قىسىم ناخشىلار ئاھاڭنىڭ تولىمۇ تونۇش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم.
    تولۇق ئوتتۇرا مەزگىلىم ئىدى،ھەدەپ قازاق ياتاقدىشىمدىن قازاقچە ناخشىلارنى ئۆگىنىۋاتقانىدىم(مەقسىدىم بىر قېرىنداش بولغان بۇ قېرىنداش مىللەتنىڭ تىلىنى ئۆگەنگەچ،مەدەنىيىتىگە نەزەر سالماقچى ئىدىم)،تۇيۇقسىز ‹‹بەلگىسىز جان››دېگەن ناخشىنىڭ مەن بىرمەزگىل ئاڭلاپ يىرتىۋەتكەن‹‹يۇلتۇز چولپان››غا تولىمۇ ئوخشايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ،ئۆزۈمچە قازاق دوستلار بۇ ناخشىنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئېيىتقان بولسا كېرەك دەپ ياتاقدىشىمغا ئېيتىۋېدىم،ئۇ چىرايىمغا قاراپ تۇرۇپ:‹‹بۇ ناخشا مەن تۇغۇلغاندا پەيدا بوپتىكەن…››دېۋىدى،ئاچچىقىم كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشۇپ كەتتىم،ئەمما،كېيىن بىلدىمكى،ھەقىقەتەنمۇ بۇ ناخشا قازاقلاردىن ئوغۇرلانغان ئىدى.
    كېيىن بىلسەم،بۇخىل ناخشىلار نۇرغۇن ئىكەن،ئەينى چاغ ھېندىستان ۋە ئىنگىلىزلاردىنلا ناخشا ئۆزلەشتۈرۈپ ئېيتىمىز دەپ ئويلىغان بولسام،ئۇنىۋېرسىتىتقا چىققاندىن كېيىن،بۇ قارىشىمنىڭ تولىمۇ بىمەنە ئىكەنلىكىنى،ھەتتا ئۆزبەك،تۈرك ناخشىلىرىنىڭمۇ شۇ پېتى ئوغىرلىنىپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلدىم.بىر تۈرك قېرىندىشىم ماڭا ‹‹ماڭا سىلەرنىڭ 12 مۇقامىڭلاردىن باشقا ئەسىرىڭلار يوقتەك بىلىنىدۇ›› دىۋىدى،دېمەكچى بولغان سۆزلىرىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ كەتكەنىدىم…
    ئېسىمدە قېلىشىچە،تولۇق ئوتتۇرا مەزگىلىدە يېقىن بۇرادىرىم ماڭا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئاكىنىڭ بىر قىسىم ناخشىچىلارنىڭ ناخشىلارنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئېيتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ ‹‹ئۇلارمۇ ئېيتسۇن،ئېيتىپ تۇرۇپ ئۆگەنسۇن››دېگەنلىكى ئېيتىپ بەرگەنىدى،ھېلىقى تۈركنىڭ ئېيتىشىچە ئابدۇللا ئاكىنىڭ دەسلەپكى ئىجادىيەت دەۋرىدىكى سالماقلىق ناخشىلارنىڭ تۈرك ناخشا پىشۋاسى بارس مانچو ئېيتقان ناخشىلار ئىكەنلىكىنى قەيىت قىلدى.\
    ھەتتا،مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ ئۆزبېكىستاندا ئېيتقان ناخشىلىرىنىڭ ئۆزبېكلەرنىڭ ئىكەنلىكى ئۆزبېكىستاندىكى بىر توربەتتىن كۆردۈم(مەزكۇر توربەتنى ھازىر تاپالماي قويدۇم)،ئويلاپ باقساق بىز ھەقىقەتەن ئاشۇرۇۋېتىپتىمىز.
    ئۈچ كۈننىڭ ياقى قازاق سەھراسى مۇنبىرىدە مەزكۇر سەتچىلىك ھەققىدە كۆپ سۆزلەشتىم،ئۇيغۇر-قازاق مۇناسىۋىتى ھەققىدە كۆپ سۆزلىدىم،بىر قىسىم قازاق تورداشلارنىڭ بايان قىلىشىچە،ناخشىلارنىڭ ئۆزلەشتۈرۈپ ئېيتىلىشنىڭ بىر نورمال ئەھۋال ئىكەنلىكىنى،ئۇلار قازاق ناخشىلىرىنىڭ ئۆزگەرتىلىپ ئېيتىلىشىغا ئاچچىقىنىڭ كەلگەنلىكى ئەمەس،بەلكى سۆزى ۋە مۇزىكىسىنى شۇ پېتى كۆچۈرۈپ تۇرۇقلۇق،سۆزى مەمەتنىڭ،مۇزىكىسى سەمەتنىڭ دەپ قىپقىزىل ئوغرىلىق قىلغانلىقىنى ئېيتىشتى.ھەمدە قازاقىستاندىكى بىر ناخشىچىنىڭ ئۆزبەكچە ناخشىنى ئوغرىلاپ چوڭ جەرىمانە تۆلىگەنكىنى ئېيتىشتى…
    ئەمما بۇ ئىشنىڭ ئاخىرى قازاق رادىئوسىغا چىقىپ،ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىنى تۈكىشىنى ئويلاپ باقماپتىمەن!…

  30. ئاتتېلا مۇنداق يازغان:

    بۇئوغۇرلۇق قىلمىش ئاتالمىش‹چولپان›لاردىلا بولماي،ھەقىقى چولپانلىرمىزدىمۇ بار،بەلكىم شۇلار باشلىغان.قايسى مىللەتنڭ قايسى تىلدىكى بولسۇن بەرىبىركۆچرىۋېردۇ.نۇمۇسسىزلىق……

  31. الاش مۇنداق يازغان:

    اسسالاۋمالايكۇم ۇيغۇر قانداستار ، جاۋاپتارىڭىزدى كورىپ رازى بولىپ قالدىم ، جامان ۇلىت جوق ،جامان ادام بار ، ارينە بۇل توراپتاغى ادامدار بىلمدى كىسلەر دەپ بىلمەمىن ، اللا رازى بولسىن سىزدەرگە!

    • ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

      خالىسىڭىز بۇيەردىكى ئىنكاسلاردىن ئۈزۈندىلەرنى قازاق توربەتلىرىگە چاپلاپ،بىزنىڭ دوستانىلىقىمىزنى بىلدۈرگەيسىز!

    • كۆكنۇر29 مۇنداق يازغان:

      ئەسسالاممۇ-ئەلەيكۇم قېرىندىشىم،بىزنىڭ كۆز قاراشلىرىمىزنى قازاقچە تور بەتلەرگە يوللاپ قۇيۇشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن.ئەمەلىيەتتە بىزمۇ بۇنداق نۇمۇسسىزلىقلارغا قارشى ۋە نومۇس قىلىمىز.مېنىڭ قارىشىمچە قانۇننىڭ ۋە ۋىجداننىڭ سورىقىغا خەلقنىڭ تەنقىدى قوشۇلۇپ كەلگەندە بۇ ئىشلار تۈزۈلىدۇ.ھۇ شەرەپسىزلەر!………..

  32. ئۇيكېر مۇنداق يازغان:

    ۋاي توۋا…. بۇ ئىشلار ئاخىرى ئاشكارە بولۇپتۇدە……
    يېقىننىڭ ياغىزى بەيدۇ تېمىخانىسىدا (贴吧) قازاق تورداشلار 哈萨克吧 بىلەن ئۇيغۇر تورداشلار Uyghur吧 ئۆزئارا گەپ تالىشىپ يۈرەتتى . مۇشۇ سەۋەبكەندە…. قاچانغىچە مۇشۇنداق بولار … بىر سەننەتچى مىللەتقۇ بىز. ئوغۇرلاپ نېمە كەپتۇ . ئاخىرى چانىدىكەنغۇ ئاينا ! ھەتتىگىنەي …..

  33. ئۇيكېر مۇنداق يازغان:

    ئەجەپ ئاچچىقىم كەلدى …ھەي توۋا. ئاشكارە بولدۇققۇ .. سەتلەشتۇق ئەجەپ …. ھەي خاپىلىق !

  34. كۇلمەس مۇنداق يازغان:

    بۇ ئىش ئاخىرى پارىتلاپ چىقىپتىدە . ھامىنى مۇشۇنداق بولىشى كىرەك.

  35. تورباجىن مۇنداق يازغان:

    بىزئۇيغۇرلار ئۆزىمىزگە خاس مەدەنيىتىمىز ، سەنئىتىمىز بار مىللەت ئىدۇق . بىز ئىجادىيەتتە ئامال بار ئۆزىمىزدىن ، ئۆز سەنئىتىمىزدىن ئىلھام ئىزدىسەك بۇلاتتى. مۇشۇنداق تۇرۇپ نىمىشقا باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلماي ۋە رۇخسىتىنى ئالمايلا تۇرۇپ ، ئۇلار ئىجاد قىلغان نەرسىلەرنى ئۆزىمىزنىڭ قىلۋالىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتۇق . بۇ نىمە دىگەن نومۇس ئىش ھە! بۇنداق كۆچۈرمىكەشلىكنىڭ ئالدىنى ، ئەسلى بۇرۇنلا ئىلىش لازىمىتى. لىكىن ھازىر ……؟

  36. ئالفا مۇنداق يازغان:

    شۇنداق بەزى ”چولپان“لىرىمىز بۇرنىغا يىمىسە بولمايدىغان يەرگە بېرىپ قالدى . بولسا قازاقىستان ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ئىجادىيەتچىلەر دىپلىماتىيە يولى ئارقىلىق ئەشۇ ئىجادىيەت ئوغۇرلىرىدىن قانۇنى جاۋاپكارلىقنى سۈرۈشتۈرسە بولاتتى ، شۇنداق بولغاندا ئىككى ئۈچ ناخشىنى ئوغورلاپ ئۆزگەرتىپلا مىنىڭ دەپ ”چولپان“بولىۋالىدىغانلار ئازلاپ چولپانخۇمارلىقىمىز بىسىلسا ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلايمەن .
    يۇقاردا بەزىلەر“ باشقىلارنىڭ ناخشىسىنى ئېيتسا نىمە يامىنى دىيادەمۇ ئۇيغۇرنىڭ ھىندىستاننىڭ ناخشىللىرىنى ئېيتتىغۇ “ دەپتۇ ،توغرا باشقىلارنىڭ ناخشىللىرىنى ئېيتىشنىڭ خاتاسى يوق لىكىن ئېيتىش بىلەن ئۆزنىڭ قىلىۋىلىشنىڭ پەرقى بار ، زىيادە ئۈچ پەدىنى ”تىكىستى ۋە مۇزىكىسى ئۆزەمنڭ“دەپ ئوقۇغان بولسا قانداق قىلاتتىڭىز ؟ شۇڭا باشقىلارنىڭ ئىجادى ئەمگىگگە ھۆرمەت قىلىش ھەربىر مەدەنىي ئىنساندا بولوشقا تىگىشلىك ئەقەللىي ئۇقۇم .
    ھەممىمىز مىللىتىمىزنى سۆيىمىز مەنمۇ بىر ئۇيغۇر ،ئۇيغۇرۇمنى سۆيىمەن ،لىكىن مىللىتىمىزنى سۆيىمىز دەپلا ، مانا مۇشۇنداق بەزىبىر بولمىغۇر قىلىقلارنى ياپساق ، كۆرمەسكە سالساق ۋە ياكى ھىمايە قىلساق بولمايدۇ ، بولمىسا پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئوبرازىغا داغ تىگىدۇ .
    يەنە بەزىلەر“ بۇ ئاز ساندىكى ساختا سەنئەتكارلارلارنىڭ ئىشى ،پۇتۇن ئۇيغۇرغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ ، بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئەشۇلار ئۈستىگە ئېلىشى كىرەك“ دەپتۇ ، توغرا بۇلار ئاز ساندا ، لىكىن ئەشۇ ئاز ساندىكى سەنئەت خىيانەتچىللىرىنىڭ ”چولپان“بولىشى ”ئەل سۆيگەن ناخشىچى“بولالىشىدا بىز ،سىز ۋە ئۇنىڭ تۆھپىسى يوقما ، بىز قوللاپ بەرمىسەك ئۇلار ”چولپان“بولالامتى ؟ بولالمايدۇ . ئەمسە بىز قانداق قوللىدۇق ؟؟؟؟ ئەشۇ ”چولپان“لار ئوغۇرلاپ ئۆز ئىجادىيتى سۈپىتىدە ياكى ئاپتۇرىنى ئەسكەرتمىگەن ئورونلىغان ناخشىلارنىڭ تۈركىيە ، ئۆزبىكىستان ، قازاقىستان ….قاتارلىق دۆلەتلەرگە تەۋە ئىكەنلىگىنى بىلىپ (ئاز ساندىكىللىرىنى بىلمىسەكمۇ كۆپۈنچىسىنى بىلىمىز)تۇرۇپمۇ ،تەنقىتلەش ، بىزار بولوشنىڭ ئورنىغا چاۋاك چالدۇق ، گۈللەرنى سۇندۇق پىلاستېنكىللىرىنى 15سومدىن بەسبەستە سېتىۋالدۇق ،ئاقىۋەتتە يامان خاراكتىرلىك ئۆسمىدەك بارغانسىرى كۆپۈيۈپ ئاۋۇپ كەتتى ،،تۈزۈتىۋېلىشىنى ئارمان قىلىپ سۈكۈتتە تۇرغان ئاۋامنىڭ كەڭ قورساقلىقى ،ئەپۇچانلىقىنى ئەخمەقلىق نادانلىق بىلىپ داۋاملىق ئالداۋەردى .ئەمدى ئۇ ”چولپان“لارنىڭمۇ ، بىز چاۋاكچىلارنىڭمۇ بېشىنى سىلكىۋىتىپ ئويلىنىدىغان ۋاقتى بولدى .
    بولدى بەس ئىجادىيەت ئوغورلىرى !!! ….

  37. 98738905 مۇنداق يازغان:

    ۇيعۇرلاردىڭدا وز مادەنيەتى وزىنە جەتەدى، قازاقتىڭ انىن ايتۋ كەرەك بولسا مۋزيكاسىن شىعارعان ادامنىڭ اتىن جازىپ قازاقتىڭ انى اۋدارىىپ ايتتىق دەپ ەسكەرتۋى كەرەك، جامان ىس جەردە جاتپايدى مىنە اقىرى اشىلىپ قالدى سول ۇيعۇر شولپانلار بەتىن ەندى قايدا قويار، قازاق جاعىنان ولار ۇرى اتسا ال ۇيعۇر جاعىنان الدامشى اتاندى،وز ابىرويلارىن تۇسىردى … بۇل ىستى بۇتىن توراپ ارالى دۇنيەدەكى تۇرىك تىلدى ۇلتتار كورۋدە
    نامىستى بىلۋ كەرەك مىناۋ مادەنيەتتى زاماندا
    بۇدان كەيىن قالعا ۇيعۇر شولپاندار قازان انىن ۇرلاعاندى قويسىن!

  38. ۋىروس مۇنداق يازغان:

    بىر قىسىم تورداشلارنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۈستىدىكى قازاق تورداشنىڭ ئېنكاسى تەرجىمە قىلىندى
    مەزمۇنى :
    ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆز مەدەنىيىتى ئۆزىگە يىتىدۇ ، قازاقنىڭ ناخشىسىنى ئېيتىشقا توغىرا كەلسە مۇزىكا ئىشلىگۈچىسىنىڭ ئىسىمىنى يىزىپ قازاقنىڭ ناخشىسىنى ئېيتتۇق دەپ ئەسكەرتىش بېرىش كېرەك ، يامان ئىش يەردە ياتمايدۇ دەپ ئاخىرى ئاشكارلاندى ، شۇ ئۇيغۇر چولپانلار يۈزىنى نەگە قويا ئەمدى ، قازاقلار تەرىپىدىن ئوغىرى ئاتالغان بۇ چولپانلار ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئالدامچى ئاتالدى ، ئۆز ئابرويىنى ئۆزى چۈشۈردى . بۇ ئىشنى پۈتۈن تۈركى تىللىق خەلىقلەر كۆرىۋاتىدۇ . نۇمۇسنى بىلىش كېرەك بۇ مەدەنىيەتلىك زاماندا . بۇندىن كېيىن قالغان ئۇيغۇر چولپانلار قازاق ناخشىلىرىنى ئوغۇرلاشنى قويسۇن !

  39. مەشرەپ مۇنداق يازغان:

    قازاق تۇققان 98738905 غا شۇنى دىگۈم كېلىۋاتىدۇ، مېنىڭچە سىز كۆزدە تۇتىۋاتقان ئۇلار چولپان ئەمەس بەلكى تۇتى، ئۇلارنى بىز ھەرگىز چولپان سانىمايمىز، ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك. كىمنىڭ چولپان ئىكەنلىكى بىزگە ئايان، خېلى كىشىلىرىمىز كۆڭلىدە ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنى ھەم چولپان سانىمايدۇ، بۇ ھەقتە ماقالىلەرمۇ ئېلان قىلىنغان. ئاشۇنداق خەقنىڭ ناخشىسىنى دوراپ ئېيتىپ پىلاستىنكا چىقارغانلارغا بىزمۇ خېلى دىگەن، ئۆتكۈدەك گەپنى قىلغان، لېكىن ھورۇننىڭ باھانىسى كۆپ بولىدىكەن. بۇ بۇيرۇقىڭىزنىمۇ يەتكۈزۈپ قويايلى، ئەمما قۇرۇق گەپ بىلەن ئىش پۈتمەس، بۇنداق ۋەزىيەتنى ئوڭشاشقا جىق كۈچ، جىق زېھىن كېتىدۇ. بىزنىڭمۇ سىزنى تېرىكتۈرگىمىز پەقەت يوق ئىدى.

  40. قازاق مۇنداق يازغان:

    ا كەيبىر ۇيغۇر اغايىندار تەك قازاقىستانداغى قازاقتاردىڭ اندەرىن ۇرلاپ قالماستان، جۇڭگوداغى قازاقتاردىڭ اندەرىندە كوپتەپ ۇرلادى،ماسەلەن: 80 – جىلداردا شىققان تەكىستىن ابدىماناپ ابەۋ ۇلى جازغان، مۇزيكاسىن يمانالى تولەۋباي ۇلى جازغان «اياۋلى انا» انى، التايداغى ادىل مانكەيدىڭ بىرسىپىرا اندەرى بۇغان مىسال بولاالادى ….
    http://v.youku.com/v_show/id_XODcyMzM1Mg==.html

    • ۋىروس مۇنداق يازغان:

      بۇ توردىشىمىز ئېيتىدۇلەركى :
      بەزىبىر ئۇيغۇر بۇرادەرلەر پەقەت قازاقىستان قازاقلىرىنىڭ ناخشىلىرىنى ئوغۇرلاپلا قالماي ، يەنە تېخى شىنجاڭدىكى قازاقلارنىڭ ناخشىلىرىنىمۇ ئوغۇرلىدى ، مەسىلەن :80-يىللاردا چىققان تېكىستىنى ئابدىماناپ ئابەۋ ئوغىلى يازغان ، مۇزىكىسىنى يىمانلى تۆلەۋباي ئوغىلى يازغان «ئاياۋلى ئانا» دىگەن ناخشا ، ئالتايدىكى مانكەينىڭ بىر مۇنچە ناخشىلىرى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ .

  41. ال ەندى مۇنداق يازغان:

    وسنداي اندەر قويىلغاندا ساباقتاستارىما ايتسام،اۋلاق جۇر ، بىزدىكى دەپ بوي بەرمەيتىن.
    جوغارداغى سۇخباتتى كورىپ راسندا دوستاردىڭ ادىل باغاسنا ريزا بولدىم، راسندا بۇل ماڭىزدى تاقىرىپ، انىن ايتساڭ قايسى ۇلتتىكى ەكەنىن ايتۋىڭ، اۆتورىن ايتۋىڭ كەرەك. ۇرلىق جاتاما؟ ۇلىت اتى بىر – ەكى ۇرىلارمەن بۇلغانبايدى.اللا دا ۇرلىقتى ، قياناتتى سۇيمەيدى.
    ۇلتتار ىنتماغى جاساسىن!

    • ۋىروس مۇنداق يازغان:

      بۇ توردىشىمىز ئېيتىدۇلەركى :
      مۇشۇنداق ناخشىلار قويۇلغاندا ساۋاقداشلىرىمغا دىسەم ، نېرى تۇر ، بىزنىڭكى بۇ دەپ بوي بەرمەيتى . يۇقىردىكى سۆھبەتنى كۆرۈپ ھەقىقەتەن دوسلارنىڭ ئادىل باھاسىغا رازى بولدۇم ، ھەقىقەتەن بۇ مۇھىم ئىش ، ناخشىسىنى ئېيتسا قايسى مىللەتنىكى ئىكەنلىكىنى ۋە ئاپتورنىڭ كىملىكىنى ئېيتىشىڭ كېرەك ، ئوغۇرلۇق ياتامدۇ ؟ !
      مىللەت نامى بىر -ئىككى ئوغرى تۈپەيلى بۇلغانمايدۇ . ئاللاھمۇ ئوغۇرلۇقنى ، خىيانەتنى سۆيمەيدۇ .
      مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى ياشىسۇن !

  42. ئۇيغۇر بالىسى مۇنداق يازغان:

    ئەشۇ يۈزى قېلىن ، ئوغرى ناخشىچىلارنى ‹‹ چۈپىرەندىلەر ›› دەپ تىللىغۇم كەلدى . نومۇس قىلسا بولمامدۇ نومۇس !!!

  43. شاھبالام مۇنداق يازغان:

    ئېسىت… … … … …
    ئۆزۈڭلارنى، ئۆزگىنى ئاياڭلار ئۇكىلىرىم… ئۇيغۇرمۇ ئوغرى ئەمەس، ئۆزگىمۇ ئوغرى ئەمەس.
    يۇقارقىدەك ھادېسىلەر تىلنىڭ، مەدەنىيەتنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشى. مەن بىر ناخشىچى ياكى سەنئەتكار ئەمەس، چاپان يېپىش مۇدىئايىممۇ يوق. سوغۇققانلىق، سەۋرىچانلىق ئېنسان بالىسىغا زېيان ئېلىپ كەلگىنى يوق.
    ئادەم تۆرەلدى، خاتالىق ئۆتكۈزدى، جازاسىنى تارتتى.
    يۇقارقى ناخشىلار مەيلى كۆچۈرۈلسۈن ياكى ئۆزلەشتۈرۈلسۇن، ئالتۇندەك ياشلىق شۇ ناخشىلار بىلەن رەڭ تۈزىگەن. يۈرەككە داۋا بولغان. شۇ ناخشىلار تۈپەيلى مۇنۇ سورۇندا ئەسلى كىملەرنىڭ ئەمگىكى ئىكەنلىكى ئېنىق بولدى، بىلسەك كۇپايە، تىۋىپ بەرگەن ئېشەك سۈتىنى بىلمەي ئېچىپ، كېسەل ساقايغاندا بېرىپ ئەقلىمنى بۇلغاپسەن، دەپ كانايدىن ئالغۇلۇقمۇ؟ ئادەم تەبىئىتىدىكى ياۋۇزلۇق، قىتغۇرلۇق ھەر دەقىقە، ھەر تىنىق ئۆزىمىزگە ھەمرا، ئەقىل-ئېدراك گوياكى چۇلۋۇر، تايماس تۇلپارلىرىڭلارنى ئاخىرىسى يوق دەشت-باياۋانغا باشلىماڭلار…

  44. 123 مۇنداق يازغان:

    مەن قازاق. بۇ ئىشقا بەك ئاچچىقلىنىپ كەتمەيلى.

  45. ئۇيغۇرمەن تانمايمەن ئۇيغۇردىن مۇنداق يازغان:

    بۇندىن كېيىن مۇشۇنداق كۆچۈرمە كەش ناخشىچىلارنى ئۇچرىتىم قالساق قانداق قىلىمىز باللا ؟

  46. كۆكتاش مۇنداق يازغان:

    شۇنداق، شىنجاڭدا سەنئەت ۋە ئەسەر ئوغۇرىلىرى بەك كۆپ!
    بۇ بەلكىم جۇڭگودا ئەقلىي مۇلۈكنى قوغدىغۇدەك بىرەر قانۇننىڭ يوقلىغىدىن بولسا كېرەك.
    بولسا، قازاقىستان ھۆكۈمىتى جۇڭگو ھوكۈمىتى ئۈستىدىن ئەرز قىلسا، جۇڭگومۇ مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ، ئەقلىي مۈلۈكلەرنى قوغدىسا ياخشى بولاتتى.

    ئىتوتچىلارمۇ بۇ «مەدەنىيەت ئوغۇرىلىرى»غا تىلمۇ سېلىپ باقتى، ئاقمىدى، راست گەپنى دىگەندە، ئۇلار دەشنەم يەيدىغان يەرگە يەتكەن ئىدى ….

    لېكىن قازاقلارمۇ بۇ ئىشنى پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا دۆڭگەپ قويغىنى تازا قاملاشماپتۇ. چوشقا گۆشى يەيدىغان قازاقتىن بىرەرنى ئۇچرىتىپ قالساق، »قازاقلار چوشقا گۆشى يەيدىغان مىللەت» دىسەك، ئادىل بولامدۇ؟! ئەلۋەتتە ئادىل بولمايدۇ.
    شۇنىڭغا ئوخشاش، قازاقلارنىڭ ناخشىلىرىنى ئوغۇرلىغان ئۇيغۇر ناخشىچىلار ئاز بىر قىسىم نومۇسسىزلار بولۇپ، ئۇلار پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىگە ۋاكىللىك قىلالمايدۇ.
    ئۇنداق نومۇسسىز ئوغرى ناخشىچىلارنى قازاقلار تۈگۈل، مەنمۇ تىللايمەن.
    شۇڭا، رادىئودىكىلەر «شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ناخشىچىلار» دەپ ئېيتسا توغرا بولاتتى.

  47. جۇلالىق مۇنداق يازغان:

    بىرنىڭ پوقى مىڭغا دەپ، بىر قانچە يۈزى قېلىن نۇمۇسسىزلار پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شەنىگە داغ يەتكۈزۈپتۇ. ھەممەيلەن ئۇلارنى تىللاپ قاخشاۋاتىمىز. بىراق، ئۇلار ئۆيىدە بەخىرامان يەنە قانداق ناخشىلارنى ئوغرىلاپ ئۆزۈمنىڭ قىلسام بولار؟ قانداق ئۇسۇلنى قوللانسام تېزراق داڭقىم چىقار؟ دەپ پىلانلارنى تۈزەۋاتىدىغۇ دەيمەن.
    ئىشنى يەنىلا ئۆزىمىزدىن باشلايلى، ئەتراپىمىزىدىكىلەرنى يېتەكلەيلى!

  48. ئارمان مۇنداق يازغان:

    ئۇلارنىڭ كۆچۈرمىچىلىكى پەقەتلا بولماپتۇ، مۇشۇنداقلارنى سۈرۈشتۈرۈپ قاتتىق بىرتەرەپ قىلىپ، باشقىلارغا ئىبرەت قىلىش كېرەك . لېكىن ئازساندىكىلەرنىڭ قىلمىشىنى باھانە قىلىپ، بىر تاياقتا ھەممىنى ھەيدەيدىغان ئىشنى قىلماسلىق كېرەك. بولدى، يۈكسەل ئەپەندىم، بۇ تېمىنى ئۆچۈرىۋىتىڭ. ئىتتىپاق ئۆتۈش كېرەك.

  49. ئىخلاس مۇنداق يازغان:

    ئاشۇنداق يۈزىمىزنى تۆككەن نومۇسسىزلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ،باشقىلارغا ئىبرەت قىلىش كېرەك.
    لېكىن مەسىلە بولسا ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش پوزىتسىيىسىدە بولماي،ئىلمىي چۈشىنىش كېرەك. بەزىلەرنىڭ بۇنى باھانە قىلىپ ئېيتقان سۆزلىرى بەك ئېشىپ كېتىپتۇ. بولدى تالاشمايلى، ئىتتىپاقلىق ھەممىدىن مۇھىم.

  50. كۆۋرۈك مۇنداق يازغان:

    ئەگەر بۇ مەسىلە چىڭغا چىقىپ باشقىلارنىڭ ئەسەر ھۇقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلغان ئۇيغۇر ناخشا چۇلپانلىرىنى سۇرۇشتۇرۇپ كەلسە، ئابدۇللا ئابدىرىھىم، مۇمىنجان ، تاش مەمەت باتۇر قاتارلىق چۇلپانلىرمىزمۇ سۇرىلىپ چىقىدۇ. ھەجەپ سەت ئىشى بۇلدى! ناخشا-ئۇسۇلغا باي بىر مىللەتتۇق… ئاشۇ چۇلپانلار زامانىۋى ئاھاڭ دەپ باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۇرمەت قىلمىغىنى خاتا بۇلدى – دە! لىكىن ھازىرقى سەنئەتچىلەر باشقا مىللەتنىڭ ئەمەس ئۇزىمىزنىڭ داڭلىق شائىرلىرمىزنىڭ ئەمگىكىگە ھۇرمەت قىلماي ئۇغۇرلاپ ئىشلىتىدۇ، بۇ تۇغرىسىدا مەھەمەتجان راشىدىن ئەپەندى بىر نەچچە قىتىم قاخشاپ ماقالە ئىلان قىلغان ئىدى …

评论分页 1 2

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟