نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ئايلىق ئۇز بلوگ
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

بىرزات ۋە ئۇنىڭ << 80 خالتا >> سى ( 2011 – يىل 1 – ئاي )

پېقىر بىرزات بىلەن ئۇنىڭ << ھورۇن مۈشۈك >> چاغلىرىدا ئىزدىنىش مۇنبىرى ئارقىلىق تونۇشقان. ئۇنىڭ تېرەن تەپەككۇر قىلىدىغان ، قەشقەر ئۇيغۇرلىرىغا خاس گەپكە ماھىر ، خۇشخۇي مېجەزى مەندە ئۇنىڭغا نىسبەتەن دوستلۇق مۇھەببىتىنى ئۇرغۇتقان ئىدى. ھېلىمۇ ئېسىمدە ، بۇندىن 6 يىل ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم QQ  ئارقىلىق بىۋاسىتە سۆھبەتلەشكەن ئىدىم. شۇ چاغقىچە ئۇنى پەقەت ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى پەلسەپە ۋە باشقا ساھەلەرگە ئائىت چوڭقۇر مەزمۇنلۇق يازمىلىرى ئارقىلىق تونۇيتتىم. كۆڭلۈمدە ئۇنى 30 لاردىن ھالقىغان ئوتتۇرا مەكتەپ ياكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولسا كېرەك، دەپ ئويلايتتىم.

  ئۇنىڭ بىلەن كامىرا ئارقىلىق كۆرۈشكەن ئىدۇق،ئويلىغىنىمنىڭ دەل ئەكسىچە ئۇ مەن بىلەن قۇرداش ياشقىنە يىگىت ئىكەن. كەسپىمۇ مەن ئويلىغاندەك ئوقۇتقۇچى بولماستىن پېقىر بىلەن ئىلىمداش ئىكەن. يەنى ئۇ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 80 خالتا ئىكەن( تېۋىب ). ئۇ چاغدا ئۇ بېشىغا دوپپا كېيىگەن بولۇپ، ئەزايى تۇرقىدىن تىپىك ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ ئۆزى ئىدى. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە چىققىلى 10 - 9 يىل بولغانلىقى ، مەكتىپىمىز ۋە ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەر ئارىسىدا دوپپا كېيگەن ئۇيغۇرلارنى ناھايىتى كەمدىن كەم ئۇچراتقانلىقىم سەۋەبلىك ( ئۆزۈمنىڭمۇ دوپپا كېيىش ئادىتىم يوق ئىدى ) ئۇنىڭ شۇ تۇرقى ماڭا شۇنچىلىك تەسىر قىلغان ئىدى ( بۇ دوستۇمنىڭ بېشىدا ھېلىھەم ئۇيغۇر دوپپىسى بار، ھەر قېتىم ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە بېشىغا قاراپ ئۇنىڭدىن خۇش بولۇش بىلەن بىرگە ، ئۆزۈمنىڭ بېشىغا قاراپ خىجىل بولۇپ قالىمەن. ئۇ يېقىندا ئۆيۈمگە پەتىگە كەلگەندە، ئىشكابىمغا تىزىپ قويغان تويۇمدا كېيگەن دوپپىغا قاراپ << چوڭ شەھەردە كىشىلەر  ئۇيغۇر دوپپىسى دەپ ئەزىزلەپ سىلىگە ئوخشاش ئىشكابتا ساقلايدىكەن، بىزگە ئوخشاش كىشىلەر دوپپىنىڭ قەدرىنى بىلمەي بېشىمىزدا مايلاشتۇرۇپ يۈرىمىز مانا … >> دېگەن ئىدى ). ناھايىتى كۆڭۈللۈك پىكىرلەشتۇق، شۇندىن ئىتىبارەن توردىلا ئەمەس رېئاللىقتىمۇ  بىرزات بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق. يۇرتقا – قەشقەرگە قايتقىنىمدا چوقۇم ئۇنىڭ دۇكىنىنى يوقلاپ، ئېسىل چايلىرىدىن ئىچكەچ، پاراڭلىشىپ كېلەتتىم. ئۇمۇ ھەم ئۈرۈمچىگە چىققان ھامان مېنى ئىزدىمەي ، مەن بىلەن دىدارلاشماي قايىتمايتتى…ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىش بىر تەرەپتىن كىشىنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈپ ۋاقىتنى ئۇنتۇلدۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن پىكىرلىرىدىكى چوڭقۇرلۇق كىشىگە يەنىمۇ كەڭ تەپەككۇر بوشلۇقى ئاتا قىلاتتى.  ئۇنىڭ كىشىلىك پەزىلىتى ، ئىمان – ئىتىقادى ، سۆزلەشتىكى پاساھىتى ، لەۋزىدە تۇرىدىغان راستگۇيلىقى كىشىدە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قوزغايتتى. ھەممىدىن مۇھىمى ئۇنىڭ گەپلىرى ساقلىقىمىزغا پايدا قىلاتتى ، تومۇرىمىزنى تۇتۇپ ، مىزاجىمىزنى ئايرىپ، تۇرمۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىمىزنى ئېيتىپ بېرەتتى. ئۇ گوياكى ھېكمەتلەردىكى ھېلىقى ئەتىر ساتقۇچىنىڭ ئۆزى ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يۈرگەن كىشى ياكى ئۇنڭدىن ئەتىر ئالاتتى ياكى ئەتىرنىڭ پۇرىقىدىن ھوزۇر ئالاتتى.

يېقىنقى بىرقانچە يىل جەريانىدا ئۇ ئۆزىنىڭ تور پائالىيىتىدە زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدى. ئۇ ئىلگىرىكى قاراتمىلىقى يوق نىسبەتەن چېچىلاڭغۇ بولغان تور يېزىقچىلىقىغا خاتىمە بېرىپ، پۈتۈن دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى بىلىملىرىنى تور ئارقىلىق ئاممىغا تونۇشتۇرۇش ، تور ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر ئىشقا تۇتۇش قىلدى. بۇ جەرياندا ئۇ ئاۋۋال ئىزدىنىش مۇنبىرىنى ئاساسىي پائالىيەت سورۇنى قىلىپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىگە ئائىت نۇرغۇن ئېسىل يازمىلارنى ئېلان قىلدى. كېيىن مۇشۇ يازمىلىرى ئاساسىدا << بىر زات شىپاخانىسى >> نامىدا مەخسۇس بلوگ نەشىر قىلدى. مەزكۇر بلوگ بارلىق ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ بىردەك ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. كېيىنچە ، پېقىرنىڭ تەكلىۋى بويىچە مەزكۇر بلوگدا << ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى بويىچە ساغلاملىقتىن مەسلىھەت بېرىش >> مەخسۇس سەھىپىسى تەسسىس قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا ساغلاملىق بويىچە مەسلىھەت سورايدىغان، مەسلىھەت بېرىدىغان تۇنجى سورۇن ( مېنىڭ بىلىشىمچە ) بارلىققا كەلدى. مەزكۇر سەھىپىمۇ ئوخشاشلا كەڭ تورداشلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا نائىل بولدى. ھەممىدىن مۇھىمى ، جىسمانىيىتى ۋە روھىيىتى كېسەللەنگەن قېرىنداشلىرىمىز مەزكۇر بلوگدىن ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى. ئۇلارنىڭ كېسەللىكتىن پۇچىلانغان دىللىرى ئارام تېىپىپ، رەنجىلىرى شىپا تاپتى.

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇرادىرىم بىرزات باشقىلار تەمىنلىگەن بلوگ سۇپىسى ۋە تېخنىكىلىق ئۆلچىمى ، قۇرۇلمىسى نىسبەتەن ئاددىي بولغان بلوگ ئارقىلىق تورداشلارنىڭ ساغلاملىق بىلىملىرىگە بولغان ئىھتىياجى ، تور ئارقىلىق رەنجىگە شىپا ئىزدەش تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى بولغاي، مۇستەقىل بوشلۇق ۋە مۇستەقىل تور ئادرېسى ئېلىپ ۋە ئۇنى مۇناسىۋەتلىك قانۇن تارماقلىرىغا رەسمىي ئەنگە ئالدۇرۇپ << 80 خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تورى >> نامىدا رەسمىي بىر توربەتنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، 2008 - يىلى 11 – ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇر دوستىخىنىغا قويدى. مېنىڭچە بۇ ئۇيغۇر تورچىلىقىدا يەنە بىر بوشلۇقنى تولدۇرغان مۇھىم ئىش بولۇپ قالدى. بەلكى بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بىرزات بۇرادىرىمنىڭ ھاياتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئەھمىيەت ۋە مەنىگە ئىگە قىلىدىغان ئىشلارنىڭ بىرسى بولۇشى مۇمكىن.

مېنىڭچە، شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، << 80 خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تورى >> ئۇيغۇر تور ساھەسىدىكى ئۆزگىچە نۇرلۇق گۆھەر. بىز بۇ تور بەتنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا ئەجدادلىرىمىز بىز ئۈچۈن قالدۇرۇپ كەتكەن ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ شانلىق نۇرىغا چۈمۈلىمىز. ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ ساقلىق ئۈگۈتلىرى بىزنى ھەرۋاقىت ساغلام بولۇشقا ئۈندەيدۇ. مەزكۇر تور بەتتە كىشىلەر باشقا جايلاردىن جاۋاب ئىزدىشى نىسبەتەن قىيىن ۋە قۇلايسىز بولغان ساغلاملىق مەسىلىلىرىگە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى نەزرىيىسى بويىچە تولىمۇ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھازىرلانغان جاۋابلارنى تاپالايدۇ. بۇندىن باشقا ، مەركۇز تور بەتنىڭ نۇقۇل كىشىلەردىكى جىسمانىي ساغلاملىققىلا ئەھمىيەت بەرمەي ، بەلكى يەنە كىشىلەرنى روھىي جەھەتتىنمۇ ساغلام بولۇشقا چاقىرىش ئۈچۈن تىنىمسىز ئەجىر قىلىنىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. تەرىپلەشكە تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا شۇكى، مەزكۇر تور بەت مىللەتنىڭ ئۈمىدى – كېلەچىكى بولغان ياشلىرىمىزنى كىشى تىلغا ئېلىشتىنمۇ ئوڭايسىزلىنىدىغان پسىخىك كېسەللىك ئاسارەتلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنى غايىلىك – ئېتىقادلىق ياشلاردىن بولۇشقا يېتەكلەشتە كۆز يۇمۇشقا بولمايدىغان تۆھپىلەرنى ياراتماقتا…

80خالتا  بلوگى ھازىرغىچە ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدا مۇنداق 3 يۇقىرى پەللىنى ياراتتى. بىرى ئۇنىڭ ئومۇمىي زىيارەت   مىقدارى ئاللىقاچان مىليۇن قېتىمدىن ئېشىپ كەتتى.  ئۇ يۈكسەل بلوگى تەشكىللىگەن 2008 -، 2010 -  يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاشتا ئۇدا ئىككى نۆۋەت بىرىنچى بولۇپ باھالاندى. ئۇنىڭ ۋاسىتىلىك ۋە بىۋاسىتە ياراتقان ئىقتىسادىي قىممىتى بارلىق ئۇيغۇر بلوگلىرىنى بېسىپ چۈشۈپ، ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدىكى يورۇق يۇلتۇز بولۇپ قالدى.

مەن ھەرقېتىم  << 80 خالتا >> تورىنى زىيارەت قىلغىنىمدا، مەزكۇر تور ئارقىلىق بۇرادىرىم بىرزاتتىن ئۆز كېسەللىكى ئۈچۈن داۋا سوراۋاتقان كىشىلەرنىڭ نىداسىنى كۆرگىنىمدە، ئەمدىلا ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغان ئېنى – سىڭللىرىمنىڭ كىشىنى ھەيرەتتە قويغۇدەك روھىي ۋە جىسمانىي چىگىشلىرىنىڭ يېشىمنى تاپالماي بۇرادىرىم بىرزاتنىڭ ئاغزىغا ، ئۇنىڭ بېرىدىغان جاۋابىغا تەلمۈرگىنىنى كۆرگىنىمدە، بىرزاتنىڭ بولسا تولىمۇ مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە كەسىپچانلىق بىلەن بەرگەن جاۋابلىرى ، ئاكىنىڭ ئورنىدا بەرگەن سەمىمىي نەسىھەت – يول كۆرسەتمىلىرىنى كۆرگىنىمىدە ، بۇ دوستۇم ياق قېرىندىشىمىغا بولغان ھۆرمەت – ئىپتىخارىم ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھدىن ئۇنىڭغا ھەرزامان ساقلىق تىلەش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئىلمىنىڭ يەنىمۇ زىيادە بولۇشىنى يېنىش – يېنىشلاپ تىلەيمەن( شۇغىنىسى چاي - دورىلىرىڭنى توردىن چۈشۈرگىلى بولغان بولسا ، كۈندە بىر بولاق چۈشۈرۈپ ئىچىپ قوياتتىمدە … )!

يۈكسەل دوستۇم، تېبابەتچىلىك ساھەسىدە يەنىمۇ يۈكسەل ! ماڭار يوللىرىڭ راۋان ، ئەزىز بويلىرىڭ ئامان بولسۇن ! << 80 خالتا >> ڭغا يەنىمۇ زور مۇۋاپپەقىيەتلەر ، نەتىجىلەر نىسىپ بولسۇن ! ئىلاھىم << 80 خالتا >> ڭ 100 بولسۇن ، ياق 1000 ، ئۇنىڭدىنمۇ جىق بولسۇن …. ( ئامىن ! )

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : بىرزات ۋە ئۇنىڭ << 80 خالتا >> سى ( 2011 – يىل 1 – ئاي )

خەتكۈچ: ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!13 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. سەھرالىق مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ تولا چىقىمەن 80 خالتىغا(توردا) لىكىنزە ئارلىق يېقىن تۇرۇپمۇ بىرەر قىتىم چاي ئىچكىلى بارماپتىمەن، بۇ قىتىم تەتىل توشسىلا بىر بىرىپ كەلمىسەم…

  2. شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

    بۇ دۇنيا مانا مۇشۇنداق كىشىلىرىمىز بىلەن گۈزەلدۇر

  3. قاپلان مۇنداق يازغان:

    مۇھەممەت تۇرسۇن ئاكىمىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن!!!

  4. قاپلان مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل، ماۋۇ تېمىڭزدىكى خەتلەر نىمانداق كىچىك، باشقا تىمىلاردىكى خەت شەكلى سەل توم ھەم يارقىن ئىدى.

  5. ۋىروس مۇنداق يازغان:

    كەچۇرۇڭ … مۇنۇ ۋىروس كىسىلىم قوزغاپ قالايمىقان نەرسىلەر يوللىنىپ كەتتى !

    ما ئىككىڭلارنىڭ دوسلىقىدىن تەسىرلىنىپ كۆزلىرىمگە ئىللىق ياشلار كەلدى : دەپ يازدىممەن ھېكمەت خاتىرەمگە !

  6. يۈسۈپجان نىياز ئەلقۇت مۇنداق يازغان:

    مەن مەزكۇر يۈكسەل بلوگىغا ئەزا ئەمەسكەنمەن . ئەمما ، ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ كونا ئەزاسى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن بىر زات ۋە يۈكسەل ( بىز بىر دىمەتلىك ئىكەنمىز شۇڭا ئۇدۇللا ئىسىمىنى ئاتاۋەردىم ) لەرنىڭ ئەھمىيەتلىك تېمىلىرى ، سالماق ئىنكاسلىرى بىلەن كۆڭلۈمدە غايىبانە ھۈرمەتلەپ دوست بۇلۇپ ئۆتكەن ئىدىم . قىشتا قەشقەرگە بارغاندا ئىزدىنىشنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىزات ھەكىمدىن ئىزدىنىشنىڭ بۇيرۇتمىسىنى ئالغىلى بېرىپ ھۈرمەت تەختىدىكى بۇ غايىۋانە دوستۇم بىلەن كۈرۈشۈپ كەلگەن بولساممۇ ، ۋاقىت قىسلىقى تۈپەيلى ئۇزاقراق پاراڭلىشىۋېلىشقا مۇمكىن بولماي قالدى . ئۆزۈممۇ باشقىلارنى ئىزدەشكە قېرىق ئادەم بولغاچقا ئىككىنچى قېتىم بارغىنىمدىمۇ كۈرۈشمەي قايتتىم . يۈكسەلنىڭ بۇ يازمىسىنى كۈرۈپ ئۇيغۇر ئېنتىرنىت مەزمۇنىغا ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ نۇرىنى چېچىۋاتقان بىرزاتقا تەھسىن ئوقۇش بىلەن يىگانە ئاللادىن تىنىگە سالامەتلىك ، ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن . ھۈرمەت بىلەن : يۈسۈپجان نىياز ئەلقۇت .

  7. جۇلالىق مۇنداق يازغان:

    80 خالتا تور بېتى، ئازغىنە ۋاقىت ئىچىدە زور دەرىجىدە تېز تەرەققىي قىلغان، ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ خەلقنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغان تور بېكەت.
    بىر زات ھەكىمنىڭ بۇنىڭىدىن كېيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇقلار بولسۇن!

  8. بىرزات مۇنداق يازغان:

    بۇ يەردە بۇرادىرىم يۈكسەلنىڭ قەلىمىگە ئېلىنىش شەرىپىگە ئىرىشىش بىلەن يەنە تورداشلارنىڭ نۇرغۇنلىغان ياخشى تىلەك، خەيرىلىك دۇئالىرىغا مۇيەسسەر بوپتىمەن. رەھمەت بۇرادىرىم، رەھمەت خەلقىم :lol:

  9. قاپلان مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل بىلەن بىرزاتكامنىڭ دوستلىقى ھەقىقەتەن ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىكەن. مىنىڭمۇ بۇ ھەكىم بىلەن كىشىلەر بىلمەيدىغان، مەن ئالاقە قىلىمەن دەپمۇ ئالاقە قىلالمىغان «ئالاقىمىز»بولغان. ئەسلى ئىش مۇنداق:
    2009-يىللىرى ياز كۈنلىرى ئىدى، ھاۋا شۇنداق ئىسسىق تۇرسىمۇ سىنىپلاردا ئۆگۈنۈش قىلىپ ئولتۇرسام، پۇتۇمنىڭ بولجۇڭ گۆشلىرى، ھۇشۇق تەرەپلەر توڭلايدىغان بولۇپ قالدى. دەسلىپىدە ئىشىڭ ئۇچۇق قالغان ئوخشايدۇ دەپ سىنىپنىڭ ئىشىكىنى يېپىپ كىتىپتىمەن، سىنىپقا كىرىپ ئىشىكنى ئۇچۇق قويغانلارغا ھۆمۈيۈپ دىگەندەك. كىيىن قارىسام ئىشىڭ يىم يېپىقلىق تۇرسىمۇ يەنە شۇنداق، سىنىپتىكى باشقا باللاردىن سورىسام ئۇلار ئۆزىنىڭ ئۇنداق ھېس قىلمىغانلىقىنى ئېيتتى. ھەپتە ئۆتتى يەنە شۇنداق، پۇت توڭلىسا بىئارم بولۇپ زادى كىتاپ كۆرگىسى كەلمەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن دەرھال مەكتەپنىڭ يېنىدىكى دوختۇرخانغا چىقىپ تاشقى كىسەللەر بۆلىمىگە كىرسەم بىر ئايال دوختۇر بار ئىكەن. ئۆچرەت ساقلىغاچ ئىشخاننى شۇنداق كۆزەتسەم بۇ دوختۇر ئۈستەلنىڭ ئاستىغا بىر توك پارنى قويۇپ پۇتىنى يېقىن قىلىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئىم دىدىم، توۋا 6 ئاي تۇسا بۇ نىمە ئىش ئەمدى دەپ. نۆەۋەت ماڭا كەلگەندە ئەھۋالىمنى بىر قۇر دىدىم. دوختۇر ئاڭلار بولۇپ ھېچۋەقەسى يوق، ئازراق كىيىم جالاپ، يۈگۈرۈپ چېنىقىپ بېرىڭ، قاراڭ مەنمۇ مانا سەل سوغوق ھېس قىلىپ ئىسسىتىپ ئولتۇرمايمەنمۇ دەپ مەسلىھەت بېرىپلا چىقىرۋەتتى. توۋا دەپ دوختۇرخاندىن يېنىپ چىقتىم. ھەرھالدا چېنىقىش توغۇرلۇق مەسلىھەت بەردى، لېكىن بۇ دوختۇرنىڭ ئالتىنچى ئايدىمۇ پۇتى تەرەپكە پار قويۇۋالغنىنى پەقەت كاللامدىن ئۆتمىدى.بەلكىم ئىشخانغا كۈن چۈشمەيدىغاندۇ، بەلكىم تىۋىپ، ھەكىملار ئۆزىنى مۇشۇنداق ياخشى كۈتىدىغاندۇ دەپ ئويلۇدۇم. ياتاققا يېنىپ چىقىپ قىشتا كىيىدىغان سەل نىىپىزاق يۈڭ ئىشتىنىمنى كىيىۋالدىم، ئەتىگىنى ئەتىگەن تۈرۈپ چېنىقىپ بەردىم. يەنە ئوخشاش، باشقىلاردىن بىرھەسسە قېلىن كىيىنىپمۇ يەنە پۇتۇم توڭلاپ كىتىپ بارىدۇ. توۋا، يەنە ئۈچ ئايدىن كىيىن ئىچكىرگە ئوقۇشقا باراتتىم، ھازىر بۇنداق بولسا ئىچكىرگە بارغاندا قانداق قىلارمەن. دەرھال دۆڭ كۆۋۈركتىكى تىۋاىپلارنىڭ قېشىغا باردىم، ئۇلار «قەلەمپۇر مېيى»نى سۈرتۈپ، ئاپتاپقا قاقلارپ ئۇۋۇلاپ بېرىشىمنى تەۋسىيە قىلىدم. ئۇنىمۇ قىلدىم، بىر قۇتا ئىشلىتىپ تۈگەتتىم، ئۈنىمى بولغاندەك ئەمەس. دەل شۇ چاغدا يادىمغا مۇشۇ ھەكىم ۋە ئۇنىڭ سەكسەن خالتا بىلوگى يادىمغا كەلدى. يۇقارقى مەزمۇنلارنى شۇ پېتى يازدىم، يازما مۇۋاپىقىيەتلىك يوللاندى، كۈدە قارايمەن جاۋاپ بار مىكىن دەپ،يوق. ھەپتى ئۆتتى يەنە يوق، مەندىن كىيىن يازغانلارنىڭ سوئالىغا جاۋاپ تۇرىدۇ(بەلكىم مىنىڭ بۇ سۇئالىم كىسەلنىڭ تۇمۇرىنى تۇتماي تۇرۇپ، قالايمىقان مەسلىھەت بېرىدىغان كىسەلگە كىرمەيدىغاندۇ). ھەي، شۇ ئىلاجىسىزلىقتا «ئىزىنىش» قا تىما يازدىم(ماۋۇ ئىزدىنىش تولا ئچىلماس بولۇپ قالمىغان بولسا، شۇ تىمامنى ئۇلانما قىلىپ قوياتتىم)، مەقسىتىم مۇشۇ ھەكىم كىرىپ قالارمىكىن دىگەن خىيال بار ئىدى. باشقىلارمۇ ئۇنى بۇنى مەسلىھەت بېرىپ بېقىپ، بەلكىم بۇ ئىزدىنىشتىكى بىرزات ھەكىم كىرىپ قالسا مەسلىھەت بېرەر دەپ ئىنكاس يېزىپ چىقىپ كىتىپتۇ. ئۈچ تۆت كۈن ئۆتتى يانا جاۋاپ يوق. كۆڭلۈمدە بۇ ھەكىم بەلكىم بەزى ئىشلار بىلەن ئالدىراش ئوخشايدۇ دەپ ئويلۇدۇم. شۇ دىشۋاچىلىقتا ئىزدىنىشنى كۈندە دىگىدەك كوچىىلاپ يۈرسەم، بۇ ھەكىم بىر تىمىدا (2003-يىلى تارقىتىلغان كومپۇيوتۇر ئۇيۇنىنىڭ «قاتىلى»)Call of Duty توغۇرلۇق بىر ئىنكاس يېزىپ قويۇپتۇ. شۇ ئانلا ئەسلى بۇ ھەكىمنىڭ ئۇيۇنغا دۈم چۈشكەنلىكىنى :o ھېس قىلدىم. سوئالىم شۇ پېتى جاۋاپسىز قالدى، قايتا سوراپمۇ يۈرمىدىم. ھەي ئاشۇ چاغلاردا مىنىڭمۇ بۇ ھەكىم بىلەن مۇشۇ يۈكسەلدەك دوستلىقىمىز بولغان بولسا ماڭىمۇ ئوبدان مەسلىھەتلەرنى بېرىپ قوياتتىكەن ھە :smile: . ئۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كەتتى، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچىدىن ئۆيگە قايتىپ ئاپتاپقا قاقلاندىم، «قەلەمپۇر مېيى» سۈرتتۈم، يۈگۈردىم. 9 -ئايدا بىسمىللا دەپ ئىچكىرگە يېڭى باشتىن ئوقۇشقا ماڭدىم. بۈ يەرگە كىلىپ بۇ مۇزلاشنىڭ يەنە سەل بارلىقى ھېس قىلدىم، لېكىن شۇ ئېغىر ئەمەس. قىشتا ئانچە بىلىىنمەيدۇ، يازدا ئازراق مۇزلىغاندەك ھېس قىلىمەن، ئەتىيازدا ئالدىراپ قىلىن كىيمىمنى سالمايمەن. پۇتۇم سەل مۇزلاپ قالسا پات پات تەجىربىخاننىڭ ئىشىكىنى يېپىپ قويۇمەن، ئادەت بولۇپ قالدى. خۇدايىم بۇيرىسا ساق سالامەت ئوقۇشۇمنى پۈتتۈرسەم، يازدا يۇرتقا قايتقاندا يەنە بىر دارا قىلىپ باقارمەن. پۇرسەت بولسا مۇشۇ ھەكىم بىلەن بىر كۆرۈشۈپ تۇمۇرۇمنى تۇتقۇزۇپ بىر مەسلىھەت ئېلىۋالسام دەيمەن. لېكىن ئاشۇ قەشقەرگە بېرىنشقا بىر پۇرسەت بولارمۇ؟ ئۆتكەندە ئىزدىنىشتا بۇ ھەكىمنىڭ «مىنىڭ خىيالىمدىكى تۇرمۇش ئادىتى» دىگەن ئنكاسنى ئوقۇپ شۇنداق رەھلۇنۇپ كەتتىم، مەنمۇ تۇرمۇش ئادىتىمنى شۇنداق رېتىمغا سېلىۋالسام نىمە دىگەن ياخشى ھە. ھە راسىت بۇ ھەكىم ئاشۇ دىگەندەك تۇرمۇشىنى ئۇرۇنلارشتۇرسا بۇ چاغدا Call of Duty دەك ئۇيۇنلارنى ئوينىغىدەك ۋاقىت چىقمىغىدەك. :mrgreen:
    ئاخرىدا ھەكىم ۋە يۈكسەلنىڭ ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    • بىرزات مۇنداق يازغان:

      مەن تۈزىتەي، مەن ئەدەم بولاي، بەك چارچاپ كەتكەندە ئانچە-مۇنچە ئويناپ سالغان ئىدىم. دۇكان تەرەپكە ئۆتۈپ قالسىلا مەن شۇ ھىلىقى بالا ئىدىم دەپ قويسىلا، تۈزۈك بىر كۆرۈشۈپ قوياي …

  10. بژكىم مۇنداق يازغان:

    80 خالتا ئەپەندىم ، ھېلىقى قۇۋۋەت دورىلىرىنى ھازىرمۇ تەمىنلەۋاتامسىز؟

  11. قاپلان مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يۈكسەل! ھەكىمنىڭ بىلوگى ئېچىلماۋاتىدۇ. ئاللاھ خالىسا مۇشۇ ئايدا تەجىربىلىرىمنى تۈگۈتۈپ ئۆيگە بىر بېرىپ كىلىش پۇرسىتى كىلىدىغاندەك تۇرىدۇ. ئۈرۈمچىگە چۈشمەيلا قەشقەرگە بېرىپ بىرزات ھەكىم بىلەن كۆرۈشۈپ مىجەزىمنى كۆرسىتىپ بولۇپ ئاندىن ئۆيگە قايتىپ ئاتا-ئانامنى يوقلىساممىكىن دەيمەن(گەرچە ئۆيدىكىلەر بىلەن كۆرۈشمەي ئۇدۇللا قەشقەرگە بېرىش سەل ئاۋارچىلىق بولسىمۇ، ئامال بولماي قالدى).
    بولسا بىرزاتكامنىڭ ئېلخەت ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويغىلى بولارمۇ؟
    مىنىڭ ئېلخەت ئادرىسىمغا يوللاپ بەرسىڭىزمۇ بولاتتى. ئېلخەت ئادرىسىمنى سىز كۆرەلەيسىزغۇ دەيمەن………..
    سىزنى كۆپ ئاۋارە قىلىدم.

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟