ئۆز ۋاقتىدا ئاڭلىيالمىغان تورداشلار ئۈچۈن سۆھبەتنىڭ ئۈن ھۆججىتى قوشۇلدى.
2011– يىلى 7 – ئاينىڭ 26- كۈنى ( سەيشەنبە ) ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتتىگەن سائەت 9:30 دا مەركىزىي خەلق رادىئوسىدا مەخسۇس ئۇيۇشتۇرۇلغان زىيارەت پروگىراممىسى ‹‹ بلوگ ھەققىدىكى سۆھبەت ›› ئاڭلىتىلماقچى. مەزكۇر سۆھبەتكە تەدبىركار ۋە كەمىنە يۈكسەل ئىشتراك ئەتكەن ئىدى. كەڭ تىڭشارمەن دوستلارنىڭ ۋاقتىدا ئاڭلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى
تەدبىركار ۋە تورخۇمار بلوگى
يۈكسەل بلوگى
2011 – يىلى 7 – ئاينىڭ 25 – كۈنى
مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : مەركىزى خەلق رادىئوسىدا بلوگ ( ئۈن قوشۇلدى)
ياخشى خەۋەر ئىكەن.ئۈنۈملۇك سۆھبەتلەر بولۇنغاي، ئىككىڭلارنىڭ بىز بلوگېرلارغا ۋاكالەتەن ئەھمىيەتلىك مەسىللەرنى ئوتتۇرىغا قويىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەجەپمۇ ئۇزۇن ساقلىدۇق مەركىزى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ بۇ پروگراممىسىنى، ئەپسۇس ئاڭلىتىش ۋاقتىدا خىزمەتتە بولۇپ قالىدىغان بولدۇم، بولسا بۇرۇنقىدەك مەزكۈر بلوگدىمۇ بۇ ئۈن خاتىرىسى تەمىن ئېتىلسە تولىمۇ يوخشى بولاتتى
ياخشى خەۋەر ئىكەن.
ئەستا، يەنە ئاڭلىيالماي قاپتىمەن ئەمەسمۇ… بولسا ئاۋازلىق نۇسخىسىنى بىلوگقا يولاپ قويسىڭىز.
شۇنداق قىلىلى بىزدەك خەۋەرسىز قالغانلار ئاڭلىۋالايلى
ئۈن خاتىرىسىنى ساقلاپ كەتتۇق!
بۇ پروگرامما مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسىنىڭ قايسى پروگراممىسىدا بىرىلگەن،مەن سىزگە ياردەملىشىپ تېپىپ بىرەي بولمىسا….
ئاڭلاشقا ئەرزىگۈدەك زىيارەت بوپتۇ. تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئاڭلىسا بولغۇدەك
نەدە چىقىۋاتىدۇ بۇ ؟ ماۋۇ بەتنى ئاچساملا چىقىۋالدى. ئورنى يوققۇ؟
نەدىن چىقىتى؟ رادىئودىن چىقماي …
سۆھبەت ئاڭلاپ چىقىلدى،ھەقىقەتەن مەزمۇنلۇق سۆھبەت بولۇپتۇ
شۇنداق قىلىپ ۋاقتىدا ئاڭلىيالمىغانلار ، ئاڭلىۋالدۇق . بىراق مەن ھىچنىمىنى ئاڭلىيالمىدىم .
بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك سۆھبەت بوپتۇ،يۈكسەل ئەپەندىمنىڭ بىلوگ ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى ئېنىق،چۈشىنىشلىك ئوتتۇرغا قويۇلۇپتۇ. بولۇپمۇ،بلوگنىڭ رولىغا ۋە بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا خەنزۇلارنىڭ بىلوگى بىلەن سېلىشتۇرما قىلىنغان ئاساستا بېرىلگەن باھا ناھايىتى جايىدا دېيىلىپتۇ. مەن سىزنىڭ سۆھبەت داۋامىدا« خەنزۇلاردىكى زىيالىلار بولسۇن،يازغۇچى-شائىر،ئەدىبلەر بولسۇن،مەشھۇر شەخىسلەر بولسۇن ھەممىسى بلوگ يازىدۇ،ئەسەرلىرىنى ئاۋۋال ئۆزىنىڭ بىلوگىدا ئېلان قىلىپ، باشقىلارنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئالىدۇ»دېگەن سۆزلىرىڭىزنى ئاڭلاپ، بىزدە بۇ ساھەنىڭ تېخى ئەمدى باشلىنىۋاتقانلىقىنى، بلوگنىڭ ئىجابىي رولى ھەققىدەىكى تەشۋىقاتنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، داڭلىق كىشىلىرىمىزنىڭ بۇ ساھەگە دېققەت نەزىرىنى ئاغدۇرۇشنىڭ موھىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.سىزنىڭ بىلوگنىڭ مەزمۇن ۋە شەكلىگە قويغان ئۆلچەملىرىڭىزنىڭ بىلوگ يېزىشنى ئەمدى باشلىغان ياكى خېلى بۇرۇن باشلىغان بولسىمۇ،نېمە قىلىشنى بىلەلمەي تىڭىرقاپ قالغان دوستلىرىمىز ئۈچۈن ياخشى بىر يېتەكلەش سۆزى بوپتۇ دەپ قارىدىم. ئىشقىلىپ بۇ سۆھبەتنى ئاڭلاپ شەخسەن مېنىڭمۇ،بلوگ يېزىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش،سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدىكى ئىرادەم تېخىمۇ چىڭىدى. ھەراست، يېقىندا مەنمۇ بلوگباستىن ۋوردپرېسكە كۆچۈۋالغان ئىدىم،ئۇز بلوگ ئۇلىنىشىدىكى ئادىرىسىمنى ئېغىر كۆرمەي يېڭى ئادىرىسقا ئالماشتۇرۇپ قويسىڭىز. ئادىرىسىم:
http://www.lopnuri.com ،ئۇيغۇر بلوگچىلىق ئىشلىرىنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
روزى ھېيىتىڭىز قۇتلۇق بولسۇن قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە زور ئۇتۇقلارنى تىلەيدۇ!