نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > BLOG تەرمەچلىرى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

بلوگ ئۈچۈن تېخى قىيامەت قايىم بولغىنى يوق

بىزدە ئاڭلىماققا سەل قوپالراق بىر گەپ بار، يەنى «ئوتتەك يېنىپ، پوقتەك سۇۋۇش» دەيدىغان. بەلكىم بۇ سۆز ئارىمىزدىكى دەماللىق ھاياجان تۈرتكۈسىدە بىر ئىشقا تۇتۇش قىلىپ، ئازغىنە توسالغۇ ياكى قىيىنىچىلىققا دۇچ كەلگەندە دەرھال بوشىشىپ، قىلىۋاتقان ئىشىنى تاشلاپ قويىدىغان بېلى بوش كىشىلەرگە قارىتىلغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل كىشىلەرنى ئۇيغۇر بلوگگىرلار قوشۇنىمىزدا يوق دەپ ئېيتالمايمىز، ئەلۋەتتە.
ئۇيغۇرلاردا بلوگ ئۇقۇمى پەيدا بولغان 5 يىل مابەينىدە، ئارىمىزدىن نەچچە يۈزلىگەن بلوگگىرلار يېتىشىپ چىقتى، ئۇيغۇر تور گۈلىستانىدا مەزمۇن پۇراقى، ئۇسلۇب رەڭگى ھەرخىل بولغان بلوگ ئاتلىق گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، ئۆزىگە خاس ئۆزگىچە مەنزىرە ۋە كەيپىيات ھاسىل قىلدى. ئەمما، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئېچىلا-ئېچىلمايلا سولۇپ كەتكەنلەرمۇ، بىر مەزگىل تازا ئېچىلىپ خۇشپۇراقى بىلەن جىمى دىللارنى ئۆزىگە رام قىلىۋەتكەندىن كېيىن تۇيۇقسىز ئۈشۈك تەگكەندەك خازان بولۇپ كەتكەنلەرمۇ كۆپ بولدى. بۈگۈنكى پەيتلەردە، بىر قانچە يىللىق ئىسسىق-سوغۇقنى بېشىدىن كەچۈرۈپ ئىزچىل تەرەققىي قىلىپ كېلىۋاتقان بلوگلارنى ساناش ئۈچۈن بەلكىم بارماقلىرىمىز يېتەرلىك بولسا كېرەك. ھەممەيلەننىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، 2011 – يىلى ئۇيغۇر بلوگچىلىقىمىز ئاجايىپ تېز يۈكسەلگەن بىر يىل بولدى. ئۇلۇغ-ئۇششاق تاراتقۇلارنىڭ نەزىرى توساتتىنلا بۇ ساھەگە تىكىلدى. ئارقا-ئارقىدىن سۆھبەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلدى، فىلىملەر ئىشلەندى. بۇقايناق مەنزىرىنى كۆرۈپ ئۆزىنى باسالمىغان يۈكسەلمۇ «ئاڭلا جاھان، 2011 – يىلى ئۇيغۇر بلوگ يىلىدۇر ! » دەپ ئەلگە چوقان توۋلىغان ئىدى.
ئۆتمۈش قانچە شانلىق، قازانغان نەتىجىلەر قانچىلىك مول بولمىسۇن، ئۇ يەنىلا ئۆتمۈش ئىدى. سىز بىلەن بىزگە يۈزلىنىپ تۇرىۋاتقىنى ئېنىقسىزلىق ۋە خىرسقا تولغان ئەتە. ئۇيغۇر بلوگچىلىقى نەگە بېرىپ نەدە توختايدۇ؟ ئۇنىڭ ئەتىسى زادى قانداق ئاتىدۇ؟ مانا بۇ بىزنىڭ بىر سورۇنغا بەداشقان قۇرۇپ، جىددىي پوزىتسىيىدە، بىرلىكتە باش قاشلايدىغان مۇھىم ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ. يۈكسەل بۈگۈن كونا-يېڭى، ئۇلۇغ-ئۇششاق، پىششىق-توڭ بلوگگىر دوستلار ئۈچۈن ئۇشبۇ پىكىر سورۇنىنى ھازىرلاپ تۇرۇپتۇ. قېنى بلوگچىلىقىمىز ھەققىدە ئويلىغان ئويلىرىڭىز، بلوگگىر دوستلىرىڭىزغا دەيدىغان يۈرەك سۆزلىرىڭىز بولسا ئۇشبۇ مەيداندا بەھۇزۇر ئېيتقايسىز!

ئەمدى گەپنى نېرىدىن چۆرگىلىتىپ ئۆزەمگە كەلسەم، كەمىنە يۈكسەل يېشىم 30 غا چىشلىگەندە، ئوغۇز ئاتلىق ئەركەكنىڭ ئاتىسىغا ئايلانغان دەملەردە، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان كەسپىم، نۆۋەتتىكى ئەمەلىي شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشىم ۋە ئون يىللىق تور ھاياتىمنى خۇلاسىلاپ بىرەر يەكۈن چىقىرىش ئىستىكى تۇغۇلدى. شۇنىڭ بىلەن يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىنى جۇغ-جەمىلەپ يۇغۇرسام ھازىرقى «ئەلداۋا ساغلاملىق تورى» ۋە ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركىتى روياپقا چىقىپتۇ. بۇ جەرياندا، قابىل ھەمكارچىم ئىلقۇت ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنى ھەقىقى ئىسمى جىسمىغا لايىق ئەلگە داۋا بولىدىغان «ئەلداۋا» قىلىپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشتۇق. ئىگىلىك يارىتىشنىڭ نەقەدەر مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى،ئەلگە يارىغۇدەك سىستېمىلىق بىر ئىش قىلىشنىڭ ئۇنچە ئوڭاي ئەمەسلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق. خۇلاسە، مۇشۇ ئىشلار بىلەن بولۇپ، بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا يۈكسەل بلوگىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاشقا ئىمكانسىز قالدىم.
بۇ جەرياندا، كۆپلىگەن تورداشلار سۈرشتىمىزنى قىلىپ تۇرغان بولدى. بەزىلىرىگە لايىقىدا چۈشەنچە بەردۇق، بەزىلىرىگە چۈشەنچە بەرگىدەكمۇ پۇرسەت بولماي قالدى.
ئەمما، يېقىندىن بېرى بەزى تورداشلارنىڭ بىر قىسمىلا گەپلىرى كۆڭۈلنى غەش قىلدى. بەزىلەرنىڭ قارىشىدا ئۇيغۇر بلوگچىلىقى يېنىپ ئۆچكەن يۇلتۇزغا ئوخشايمىش، ئەمدى زامان مىكروبلوگ بىلەن ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىنىڭ ئىكەنمىش. بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە يۈكسەل بلوگىمۇ ئۇزاقتىن ھالسىراپ، بلوگچىلىق سەپىرىنى داۋام ئەتكۈدەك ماغدۇرىدىن كەتكەنمىش، يىللاردىن بېرى ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىكى يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتىنىڭمۇ قۇيرۇقىنى قۇم باسقانمىش….
ئۇشبۇ دىلبايان يازمىمىزدا يۇقىرىقى «مىش-مىش»لارغا لايىقىدا جاۋاب قايتۇرغىمىز كەپ قالدى. كەم-كۈتىسى بولسا ھەرقايسىللىرى تولۇقلىشالا!

بلوگ ≠ مىكروبلوگ

يېقىندىن بېرىقى بولۇنىۋاتقان بلوگ ھەققىدىكى پاراڭلارنىڭ كۆپىنچىسىدە، مىكروبلوگ ئالاھىدە بازارلىق تېما بولۇپ، مىكروبلوگ قوللانچىلىرىنىڭ سان جەھەتتىكى تەرەققىياتىنىڭ قانچىلىك تېز بولىۋاتقانلىقى، ئەكسىچە، بلوگ تەرەققىياتنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى پاراڭلار قۇلاققا ئىشتىلىپ تۇراتتى.
دەرۋەقە، ئامېرىكىدىكى twitter، دۆلەت ئىچىدىكى سىنا، تېڭشۈن ، ئۇيغۇرلاردىكى گۈدۈك قاتارلىق مىكرو بلوگلارنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز، قوللانچىلارنىڭ سانى پارتلاش خاراكتېرلىك كۆپىيىۋاتىدۇ. ئەمما، يۈكسەلنىڭ قارىشىدا، مىكروبلوگ مەڭگۈ بلوگنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. مىكرو بلوگنى ئادەتتىكى ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرگە ئوخشتىش مۇمكىن بولسا، ئۇ ھالدا بلوگ راۋرۇس ئوخشىغان چۈشلۈك ياكى كەچلىك تاماقتۇر. چۈنكى، بلوگدىكى پىكرى چوڭقۇرلۇق، مەزمۇن جەھەتتىكى تاكامۇللۇق، زامان سىناقلىرىغا بولغان بەرداشلىق … قاتارلىقلارنى مىكروبلوگ مەڭگۈ ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ.

سان ≠ سۈپەت

دەرھەقىقەت، نۆۋەتتە بلوگ تەرەققىياتىمىزدا بىر خىل تۇرغۇنلۇق ھۆكۈم سۈرمەكتە. بلوگلارنىڭ سانىدا ئىلگىرىكىدەك تېز ئېىشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلمەيۋاتىدۇ. بۇ يالغۇز مىكروبلوگنىڭ تەسىرى بولۇپلا قالماستىن facebook ، 人人网 غا ئوخشاش ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىنىڭمۇ تەسىرى بولۇپ، بلوگچىلىقتىكى ئەڭ ئاۋانگىرات قوشۇن ھېسابلانغان ياشلارنىڭ كۆپ قىسىمى بلوگ يولىغا ماڭماي، يۇقىرىقىدەك ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئېتىشماقتا. ئەمما، بۇ خىل ئەھۋال ھەرگىزمۇ مەۋجۇد بلوگلارنىڭ سۈپىتىدە تۆۋەنلەش بولىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەكسىچە، بلوگگىرلار ئارىسىدىكى بىر قىسىم بېلى بوشلار بۇ ساھەدىن شاللىنىپ، ئېشىپ قالغانلىرى تېخىمۇ مۇنەۋۋەر بولغان بلوگلار بولماقتا. مەسىلەن، تورخۇمار، 80خالتا، ئىلقۇت، شاھ ئۇيغۇر، ۋەتەن، ئۇيغۇربەگ، خالاستان، جېك … بلوگلىرى دېگەندەك. بۇ بلوگلارنىڭ ئوقۇرمەنلىرى ئاشسا ئېشىۋاتىدۇكى، سانى ئازلاپ چۆلدەرەپ قالغىنى يوق. ئەلۋەتتە، بەزى بلوگلار ئايرىم سەۋەبلەرگە كۆرە داۋاملىق يېڭىلىنالماي كەلدى. مەسىلەن، تەدبىركار، يۈكسەل بلوگىغا ئوخشاش. ئەمما بۇ پەقەت ۋاقىتلىق ھادىسە بولۇپ، ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپقاندەك، ئىشلار ئىزىغا چۈشكەندە يۈكسەلمۇ بلوگگىرلار ئارىسىغا قايتىپ كېلىدۇ. بەلكى، يۈكسەل ھېچقاچان ئاراڭلاردىن ئايرىلىغىنى يوق.

2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش ھەققىدە ئۇچۇر

بىر ئېغىز گەپ، بۇ يىلمۇ ئوخشاشلا بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزىمىز. ئەمما، كۆپچىلىكنىڭ ۋاقتى ۋە زېھنىنى كۆپ ئۇپراتماسلىق ئۈچۈن ئىلگىرىكى 3 ئاي ۋاقىتنى قىسقارتىپ،11-ئاي 1 ئاي ۋاقىت ئىچىدىلا بۇ پائالىيەتنى تەشكىللەپ، كېلەر يىل بېشىدا بۇ يىلللىق 10 چوڭ بلوگنى ئەلگە رەسمىي ئېلان قىلىمىز. بۇنىڭ تەپسىلاتلىرى ھەققىدە يېڭى تېما ئېچىپ داۋاملىق مۇڭداشقايمىز.

خۇلاسە

بىزنىڭ قارىشىمىزدا، بەزى تورداشلار بىرقانچە بلوگنىڭ ۋاقىتلىق يېڭىلانماسلىقى ۋە بەزى پائالىيەتلەرنىڭ ئىلگىرىكى قەرەلىدە تەشكىللەنمىگەنلىكىگە قاراپلا، ئۈمىدسىزلىك قاينىمىغا چۆكۈپ، كۆڭۈللىرى پەرىشان بولۇپ كەتكۈدەك ئىش مەۋجۇد ئەمەس. ئۇيغۇر بلوگچىلىقى ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ بىرقانچە بلوگ ۋە بەزى پائالىيەتلەرگىلا قاراشلىق ئەمەس. خاتىرىلەر جەم بولسۇنكى، بلوگ ئۈچۈن تېخى قىيامەت قايىم بولغىنى يوق. بلوگچىلىق ئۇيغۇرلاردا يەنىمۇ ياشنايدۇ. بەلكى، ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى ھاياتىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك ساھە بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، كەڭ بلوگگىر (Blogger) دوستلار ئۆز Blog تەرەققىياتى ھەققىدە تىنىمسىز ئىزدىنىشى، يېڭى تەرەققىيات يوللىرىنى ئېچىشى ۋە شۇ ئارقىلىق Blog نى يېڭى تەرەققىيات يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈشى لازىم.

خەتكۈچ: ، ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!26 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ھاڭۋاقتى مۇنداق يازغان:

    مېنىڭچە يەنىلا كۇچانىڭ سوپۇنى ياخشى .
    كىيىنكى قەدەمدە مەيلى بلوگ ياكى مىكرو بلوگ بولسۇن قانداق قىلىپ بازار ئىگىلىكى شارائىتىغا ماسلاشتۇرۇش ، شۇنداقلا مەۋجۇدىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئەڭ مۇھىم مەسىلە دەپ قارايمەن !

  2. ئىدىقۇت مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل بىلوگىغا قايتا جان كىرگەنلىكىدىن خۇشالمىز…

  3. نەزەرى مۇنداق يازغان:

    تېمىنى سەھەردىلا كۆرگەنتىم. قىززىپ كەتكەندۇ دەپ كىرسەم بۇ يەرمۇ ئاۋات ئەمەس.
    ھەقىقەتەن بەزى بىلوگگېرلارنىڭ «بېلى بوش»لىقى سۋەبلىكمۇ بىلمىدىم، بۇرۇن خىلى ئاۋات باشلانغان بىلوگچىلىق سەل سوۋۇپ قالدى. چۈنكى نۇرغۇنلىرىمىز نىشانسىزلا «بىلوگ يېزىش ئۈچۈن بىلوگ ياز» دۇق. تەدرىجىي ھالدا بۇ ئاممىۋى تارقىتىش سۇپىسىدا باشقىلارنى ئاغزىغا قاراتقۇدەك، ئوقۇرمەننى قايىل قىلغۇدەك بىر يازما تەييارلاشنىڭ ئۇنچىۋالا ئوڭاي ئەمەسلىكىنى بىلىپ يەتتۇق…..
    گەپنى باشقا تېمىدا يەنە دېيىشەرمىز.
    بۇ يىللىق 10 داڭلىق بىلوگنى باھالاپ بىلوگچىلىق تەرەققىياتىغا يەنە بىر نەزەر سىلىش شەخسەن مەن قوللايمەن، قاتنىشىمەن، تەشۋىق قىلىمەن.
    ھەم باھالانغان 10 داڭلىق بىلوگقا بىر دىن googleadsense ئېلانى ھىساباتى سوۋغاتنى ۋەدە قىلىمەن.
    http://www.halastan.com/vip

  4. ئىلقۇت مۇنداق يازغان:

    كۈنلەر ئارىلاپ، ئايلار ئارىلاپ يېڭىلىنىشقا پۇرسەت بولمىغان يۈكسەل بلوگىنىڭ يەنە شاش ئاتقا جان كىرگەندەك جۇشقۇن كەيپىياتقا چۈمگەنلىكىگە مۇبارەكلەر بولسۇن!
    يېقىندىن بېرى، ھەر خىل ئىشلار تۈپەيلى، مېنىڭمۇ تور ئارىلايدىغان ۋاقىتلىرىم ئاساسەن ئازلاپ كېتىپتۇ. بۇ مېنىڭ تور ئارىلىغۇم يوقلىقىنى بىلدۈرمەستىن، بەلكى مېنىڭ تور ئارىلىغۇدەك ۋاقتىمنىڭ يوقلىقىدىن بولىۋاتىدۇ. مەن ھازىر ۋاقىتنىڭ قىسلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىۋاتىمەن.
    ھازىر كۆپىنچە بلوگلار راستىنلا «بلوگ يېزىش ئۈچۈنلا بلوگ يېزىۋاتىدۇ.» بلوگچىلىقتىكى بۇ خىل ئەھۋالغا چوقۇم خاتىمە بېرىلىشى كېرەك. بەزىلەر بلوگنى دەسلەپتە شۇنچە قىزغىنلىق بىلەن يېزىشقا باشلىغاندىن كېيىن، بلوگنىڭ زىيارەت ئەھۋالى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسىلا بلوگ يېزىش قىزغىنلىقى بوشىشىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار ئېغىر. بەزىلەر مۇستەققىل بلوگ قۇرغاندىن كېيىن باشقۇرۇش جەھەتتىكى قىيىنچىلىقى تۈپەيلى بلوگنى كۆڭۈلدىكىدەك باشقۇرۇپ بولالماي، ئارمانغا چۈشلۇق دەرمان يوق بولۇپ قېلىپ، ئۇلارنىڭ بلوگ يېزىش قىزغىنلىقىمۇ 1-ئاي كىرمەي تۇرۇپلا مۇز تۇتۇشقا باشلىدى. كەمىنە بۇ جەھەتتە قىينىلىۋاتقان بلوگىرلارنىڭ قىيىنچىلىقىغا ئاز-تولا مەلھەم بولارمىكىن دېگەن ئويدا، ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسىنى تەشكىللەپ «ئەلسۆي–يېڭى كىتاب تەرجىمە چاقىرىقى: WordPress بلوگ قۇرۇش ۋە شۇغۇللىنىش» نى ئېلان قىلغاندىن كېيىنمۇ بۇ ئىشقا ئاز-تولا كۈچ قوشۇشنى خالايدىغان ئاۋانگارت ئوت يۈرەكلەر چىقىمايۋاتىدۇ. بولسا بۇ كىتابنى تولۇق تەرجىمە قىلىپ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە كەڭ بلوگىرلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇپ ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدا يېڭىچە قىياپەت ۋە سۇپەت يارىتىشقا كۈچ چىقارساق بولاتتى. ئەمما ھازىر بۇ كىتابنىڭ تەرجىمىسىگە قاتنىشىدىغان كۈچ يېتەرلىك بولمايۋاتىدۇ. ھازىر كىتابنىڭ 2 باب مەزمۇنى ئاساسەن تاماملىنىپ بولۇندى. مۇمكىن بولسا ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدا قىيامەت قايىم بولماسلىقى ئۈچۈن مۇشۇ ئىشقىمۇ بىر كۈچ چىقىرىشنى خالايدىغانلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
    يۇقىرىدىكى ئىنكاسىم قارىماققا ماۋۇ يازما بىلەن ئانچە باغلىنىشلىقى يوقتەك قىلىدۇ، ئەمما بۇمۇ ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدا قىيامەت قايىم بولىدۇ دېگەن قاراشنىڭ بالدۇرراق ئۆز تەسىرىنى يوقىتىشىغا پايدىلىق ئىشلار دەپ قارايمەن.

  5. ۋەتەن مۇنداق يازغان:

    قارىغاندا مەن بىلوگ ھەققىدە خاتا چۈشەنچىدە ئوخشايمەن 2006-يىللىرى سىنا بلوگىدا بلوگ يازغاندىن تاكى «مۇستەقىللىق» شامىلىنىڭ تەسىرىدە ئايرىم بوشلۇق ۋە نام بىلەن «ۋەتەن»نى قۇرغان بۈگۈنگە قەدەر،بلوگ دېگەن زورۇقۇشتىن خالى يەنى بلوگېر خالىغان ۋاقىتتا يازىدىغان ، ئىلھام بولمىسا تاشلاپ قويۇپ تۇرىدىغان ، باشقىلارنېمىنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ دېگەن ۋەسۋەسىدە ئەمەس، بەلكى ئۆزى خالىغان،ياقتۇرىدىغان، ئۆزى ئويلىغان «نەرسە»لەر ھەققىدە يازىدىغان -خۇسۇسىيلىق خارەكتىرى كۈچلۈك بولغان مىكرو مەتبۇئات دەپ قاراپ كېلىۋاتىمەن.
    لېكىن يۇقارقى تورداشلارنىڭ پىكىرلىرىنى كۆرۈپ ئۆزۇمنىڭ بىر بولسا «بىلى بوش » يا بىربولسا«بلوگ يېزىش ئۈچۈن بلوگ يازغۇچى» ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلىۋاتىمەن.
    قارىغاندا بلوگ يېزىش ۋە بلوگېر بولۇش بەكلا «جىددىي مەسىلە» مۇ نېمە ؟ بلوگ ياكى بلوگېر جەزمەن باشقىلارنىڭ ئىھتىياجىدىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىممۇ؟………………..؟؟؟؟
    مەن بىرقاتار سۇئاللارغا جاۋاب تاپقاندىن كېيىن ئاندىن بلوگ يازسام بولىدىغاندەك قىلىدۇ. نۆۋەتتە ئاپامنى داۋالىتىش ئىشلىرى ۋە خىزمەت بىسىمى بىلەن بلوگىم تاشلىنىپ قالغىلى خىلى ۋاقىت بولدى، ئەمما ۋاقتىم يەتكەندە بۇ ھەقتىكى تەشۋىقات ئىشلىرىغا چامىمنىڭ يېتىشىچە ھەم -دەم بولىمەن ئاخىرىدا بۇيىلقى مۇنەۋۋەر بلوگېرلارنى باھالاش ئىشلىرىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولىشىغا تىلەكداشمەن.

  6. جۇلالىق مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ بلوگگىرلار سېپىدىكى بىر ئەزا بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئازراق سۆزلىگۈم كەلدى.
    2006-يىلى ئايرىم بلوگ يېزىشقا قىزىققاندىن باشلاپ مانا بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئايرىم بلوگ قۇرۇۋالغانمۇ بولدۇم. مەن بىر ئەدەبىيات ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئانچە-مۇنچە بىر نەسىلەرنى يېزىپ بلوگقا يوللاپ يۈردۈم.
    ئاددىي قىلىپ ئېيىتقاندا بۇ بلوگ مېنىڭ كۈندىلىك خاتىرەم قىزىقىشلىرىم ئاساسىدا يېزىلغان تېمىلار بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ كېلىۋاتىدۇ. بەلكىم بۇ بلوگقا كىرگەنلەر ئۇنچە كۆپ نەپكە ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن. بىراق، مەن يەنىلا بلوگنى ئاخىرغىچە تەرەققىي قىلدۇرىمەن.
    بلوگگىرلار ئېيتىپ ئۆتكەندەك بلوگ يېزىش بىردەملىك ئىش ئەمەس، نۇرغۇن ئېگىز-پەس يوللارنى بېسىپ ئۆتكەندە ئاندىن ئاخىرقى نىشانغا يەتكىلى بولىدۇ. ئاخىرقى غەلبىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بىزدە چىدامچانلىق، تەۋرەنمەس ئىرادە بولۇشى كېرەك. بۇ يولدا تەۋرىنىپ قالغانلار يېرىم يولدا شاللىنىپ قالىدۇ. گەپ يەنىلا ئۆزىڭىزدە، ئىش سىزنىڭ غەيرىتىڭىزگە باغلىق.

  7. جۇلالىق مۇنداق يازغان:

    2011-يىللىق داڭلىق بلوگگىرلارنى باھالاپ چىقىش پائالىيىتىنىڭ غەلبىلىك ئاخىرلىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
    ئەگەردە ياردەم كېرەك بولسا بىز ھەر ۋاقىت تەييار.

  8. تۇران تېكىن مۇنداق يازغان:

    بۇ يازما ئارقىلىق يۈكسەل بلوگىنىڭ يېڭىلانماسلىقىدىكى سەۋەپنىمۇ بىلىۋالدىم. دەرۋەقە مەنمۇ يۇقىرىدا دىيىلگەندەك بەزىبىر خاتا چۈشەنچىلەردىمۇ بولغان ھەم ئاڭلىغان ئىدىم. كېيىن قارىسام بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋاقىتلىق ئىشلار ئىكەن.

  9. قىسمەت مۇنداق يازغان:

    بۇ ئەھۋال كەمىنە قىسمەتتىمۇ مەۋجۇت.
    بىزمۇ ھەم شىركەتلىشىش، شۇ ئارقىلىق بۇرادەرلەرگە تېخىمۇ ئەتراپلىق، تېخىمۇ كەسپىي مۇلازىمەت قىلىش يولىدا چېپىپ يۈرۈۋاتىمىز، قادىر ئاللاھ ئىشلارنىڭ ئاخىرىنى ياخشى قىلغاي.
    يەنە بىر يېقىن بۇرادىرىمىز بىرزات ھەكىممۇ بۇ يولغا كىرىپتۇ، مۇشۇ باھانىدا يۈكسەل، بىرزات قاتارلىق بۇرادەرلەرگە شىركەت سالىمى يوللايمەن.
    ئامان بولۇڭلار بۇرادەرلەر، شىركەتلىرىمىز روناق تاپسۇن، قېرىنداشلىرىمىز ئەمەلىي نەپكە ئېرىشسۇن.
    ھەممىمىز يۈكسىلەيلى!

  10. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    ئۆزۈممۇ ئەينى ۋاقىتتىكى بلوگ قىزغىنلىقىمغا ھەيرانمەن، ئەپسۇسكى مۇشۇ كەملەردە ئۆزۈمنىڭ كەسپىي ئىشى ھەمدە باشقا ئىشلار ھەققىدە ئالدىراش بولۇپ كېتىپ بلوگنى تاشلاپ قويماقچى بولدۇميۇ-تورداشلارنىڭ دەۋىتىدە ئاران-ئاران مېڭىۋاتىمەن، ئەپسۇس…

  11. تەدبىركار مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل بلوگى باشچىلىقىدىكى بۇ پائالىيەتنىڭ قىزغىن ئىشتراكچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئالدى بىلەن مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئۈچىنچى يىلىغا ئوڭۇشلۇق قەدەم باسقىنىنى مۇبارەكلەيمەن. پېقىر يەنە داۋاملىق مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىسى سۈپىتىدە يۈكسەل بلوگى ۋە باشقا بلوگلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايمەن.

  12. د.ئا.ئوغلان مۇنداق يازغان:

    مەن ھەقىقىي تۈردە «بىلوگ يىزىش ئۈچۈنلا بىلوگ يازغۇچى» ئىكەنمەن ، لىكىن مەن شۇنى خالايمەن ، شۇڭا بىلوگىمنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىغىمۇ ئانچە كۈچەپ كەتمىدىم . ھەتتا بىلوگىمنىڭ زىيارەت مىقدارىنىمۇ سىتاتستكا قىلمايمەن . يۈكسەل بىلوگى قاتارلىق چوڭ بىلوگلارنىڭ زىيارەتچىلىرى كۆپ بولغاچقا ئازراق ۋاقىت يىڭىلانمىسىلا ھەر تۈرلۈك پىكىرلەرنىڭ پەيدا بولۇشى تەبئىي . ۋەتەن ئەپەندىمنىڭ كۆز قارىشىغا پۈتۈنلەي قوشۇلىمەن ، مەنچە بولسا بىلوگ ئاشۇ نەشر قىلغۇچىنىڭ توردىكى ئۆيى ، ئۇنى چوقۇم باشقىلارنىڭ ئىھتىياجى بويىچە نەشىر قىلىش زۆرۈر ئەمەس .

  13. بىرزات مۇنداق يازغان:

    دەرۋەقى نامى چىقىپ قالغان بلوگىرلارنى بلوگى يېڭىلىنىپ تۇرمىسا ئوقۇرمەنلىرىدىن ئايرىلىپ قىلىش خەۋپى كۈچلۈك بېسىم ھېس قىلدۇرسا كېرەك. پىقىر بىرزاتنىڭ 80خالتا بلوگىمۇ ئارىدا تىجارەت، ئائىلە ئىشلىرى، يازلىق ساياھەت دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن 3-4 ئاي تاشلىنىپ قىلىۋېدى، دۇكانغا كىلىپمۇ، تېلفۇن قىلىپمۇ، كىيۇ-كىيۇ ئۇچۇرى يوللاپ دېگەندەك ۋاستىلەر بىلەن ئوقۇرمەنلەر 80خالتا بلوگىنىڭ يېڭىلانماسلىقىدىكى سەۋەبلەرنى تولا سۈرۈشتە قىلىپ كەتتى. ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ مېنى بۇنچە چوڭ كۆرىشى ھەقىقەتەن خۇشاللىنارلىق ئىش بولسىمۇ ئەمما بىر ئاز بېسىم قىلدۇرۇپ قويدى. نېمىلا بولمىسۇن 80خالتا بلوگى ئاز-تولا ئىقتىسادىي كىرىم يارىتىۋاتقان بولغاچقا مۇشۇنداق بېسىملارنىڭ بولىشى ئۆزۈم ئۈچۈنمۇ پايدىلىق دەپ قاراپ بوشاشماسلىقنى قارار قىلدىم.ئۇدا ئىككى نۆۋەتلىك يىللىق بلوگ چولپىنى نامزاتلىقىغا تاللىنىپ بىرىنجىلىكنى قولدىن بەرمەي كىلىۋاتقان 80خالتا بلوگى بۇ يىلقى باھالاشتا قانداق نەتىجىگە ئىرىشىدۇ، )بۇمۇ مېنى بېسىم ھېس قىلدۇرۋاتىدۇ ھا ھا)بۇمۇ ئەلۋەتتە تورداشلارنىڭ باھاسىغا باغلىق. قىسمەتكام ۋە يۈكسەل بۇرادىرىمنىڭ شىركىتىگە بۈيۈك كىلەچەك تىلەيمەن. قالغان بلوگىر بۇرادەرلەرگىمۇ، ئوقۇرمەنلەرگىمۇ سالامەتلىك ۋە بەركەت تىلەيمەن!!!!

  14. نۇھ مۇنداق يازغان:

    بىر بلوگ بلوگېرنىڭ شەخسىي قىزىقىشى ۋە ئارزۇسى بىلەن يېزىلسىمۇ، يازما ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئوقۇرمەنلەرگە تەۋە بولىدۇ، شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنىڭ زوقىنى قوزغىغان بلوگلارنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە مۇنازىرە پەيدا قىلىشى نورمال. لېكىن زوقىمىزنى قوزغاپ، مەنئىۋىي دۇنيايىمىزغا مۇئەييەن ئوزۇق تەييارلاۋاتقان بلوگېرلارنىڭ جاپاسى ۋە مېھنىتىنى چۈشىنىش ۋە ئۇلارغا مەدەتتە بولۇش ھەممە نورمال ئوقۇرمەن قىلالايدىغان ئىش ئەمەس. :mrgreen:

  15. كروران مۇنداق يازغان:

    يۈكسەلكامنىڭ بۇ تىمىسىنى كۆرۈپ مېنىڭ يۈزۈممۇ سەل قىزىرىپ قېلىۋاتىدۇ، راست دەيسىز، شەخسەن مەن شەخسىي بلوگىمنى قۇرغان دەسلەپكى كۈنلەردە بلوگ دىگەن نىمە ئۇنىمۇ ئانچە بىلىپ كەتمەيتىم، بىراق قىزغىنلىقىم شۇنداق يۇقىرى ئىدىكى كېچە-كېچىلەپ بلوگىمنى يېڭىلايتىم، سىتاتىستىكىسىنى توختىماي ۋاراقلايتىم…..تۇرۇپلا بىر يىل بلوگىمدىن ئايرىلىپ قالدىم ۋە بارا-بارا بۇ ئايرىلىشقا «كۆنۈپ» قالدىممۇ، قايتا ئۇچراشقاندا ئانچە قىزغىن كۆرۈشۈپ كەتمىدىم دە، مۇنبەر ئاتلىق يېڭى دوستۇمنى تېپىۋېلىپ، كونا دوستۇمنى تاشلاپ قويدۇم. لىكىن ھەر يىلىنىڭ ئاىىرىغا كەلگەندە يۈكسەلكام «ئون چوڭ بلوگ» پائالىيىتىنى تەشكىللىسە، يۈرىكىمنىڭ بىر يەرلىرى پىژىلداپ مەنمۇ كىرىپ باقسام بولمامدۇ-ھە؟ دىگەن ئوي غىل-پال كۆڭلۈمگە كىرىدۇ -دە، ئۆزۈمنى ئاقلاپ مەن بەك ئالدىراش، ۋاقتىدا يېزىپ بولالمىدىم دەپ سەۋەب كۆرسىتىپ ئىنكاس يېزىپ قويىمەن (ئۆتكەن يىلىمۇ شۇنداق بولغان، مانا بۈگۈنمۇ شۇنداق قىلىۋاتىمەن )، راستلا يۈزۈم قىزىرىدۇ، مەن يىل بويى بلوگىنى تاشلاپ قويۇپ، مانا نەچچە كۈن بۇرۇن بلوگىمنى يېڭى ئۆيگە كۆچۈرۈپ قويغاندىن كىيىنلا، يەنە قايتىدىن يېزىشقا كىرىشىۋاتىمەن، بۇ يىلقى ۋەدەمنىڭ ۋەدە بولۇشىنى تىلەيمەن!
    يۇقىرىدىكى بەزى پىكىرلەرگە قارىتا مېنىڭ ئويلىغىنىم، بلوگ ئۇ شەخسنىڭ توردىكى شەخسىي خاتىرىسى، خالىساق بىز خىيالىمىزغا كەلگەننى يېزىپ ھېچكىمگە ئادرېسىنى بەرمەي يۈرۈۋەرسەكمۇ ئۇ ئكزىمىزنىڭ ئىشى، بىراق، بىر نەرسە يازغانىكەنمىز، باشقىلارنىڭ كۆرۈشى تەبىئىي. بەزىدە بىز ھەر قانچە تەشۋىق قىلمايمەن دىسەكمۇ خەق كىرىپ كۆرۈپ باھالارنى بېرىدۇ، شۇ باھانىڭ تۈرتكىسىدە تېخىمۇ كۆپ تىمىلار يېزىلىپ بارا-بارا بۇ بلوگ شەخسنىڭ دائىرىسىن ھالقىپ كېتىدىغان گەپكەن. شۇڭا مۇبادا سىز بلوگىمنى ئۆزۈملا يازىمەن، كىم نىمە دىسە دىسۇن دىيەلمەيسىز ۋاقتى كەلگەندە، مۇبادا ئۇنداق خىيالىڭىز بولسا بۇ يەردىمۇ بلوگىڭىزنىڭ ئىسمىنى ئاتىمىغان بولاتتىڭىز.
    ئۆزۈمگە كەلسەم مەن بلوگغا ئانچە يۈز كېلەلمىسەممۇ، لىكىن بلوگدىن نۇرغۇن نەپكە ئېرىشتىم، بىرىنچىسى بلوگ مېنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە دائىرەمنى كېڭەيتتى، بلوگ ئارقىلىق مەن يۈكسەلكامنى تونۇدۇم (ئەلۋەتتە مەۋھۇم دۇنيادا)، ئىلقۇتنى تونۇدۇم (ئۇ ماڭا ئۆزۈمنىڭ قىممىتىمنى يەنە بىر قېتىم تونۇتتى، رەھمەت سىزگە!)، ئىزدەننى تونۇدۇم، جېكنى تونۇدۇم، بىرزاتكامنى تونۇدۇم، بۇغرانى تونۇدۇم، ئۇيغۇربەگنى تونۇدۇم…..كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن مەلۇم سورۇندا شۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالسام، ئۇلار مېنى كروران دەپ تونۇيدۇ، ماڭا باشقىچە نەزەردە قارايدۇ دەپ قارايمەن، مانا بۇ مېنىڭ بلوگ ئارقىلىق ئېرىشكەن كىشىلىك مۇناسىۋىتىم، مەن بۇلارنى قەدىرلەيمەن.
    مېنىڭ يەنە بىر ئارزۇيۇم مۇشۇ بلوگگىرلار ئىچىدە خانىم-قىزلار بەك ئاز ئىكەن، بولسا تېخنىكىلىق ئىشلارنى ئوغۇللار قىلىپ بەرسە، تېخىمۇ كۆپ قىزلارنىڭ، دوستلىرىمنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا بلوگ يېزىشىنى بەكمۇ كۆرگۈم بار، لېكىن ھازىرغىچە بىرەر قىز دوستۇمنى بۇ سەپكە قوشالمايۋاتقىنىمدىن ئەپسۇسلىنىمەن بەزىدە. يېقىندا پۇرسەت بولسا دوستۇم ھەم ياتاقدىشىم خەنداننى بۇ سەپكە قوشۇۋالسام دىگەن ئويدىمەن.

  16. لوپنۇرى مۇنداق يازغان:

    يۈكسەلنىڭ يۇقىرقى بايانلىرى بلوگ يېزىشتىن سوۋۇپ قېلىۋاتقان بىر قىسىم دوستلار ئۈچۈن ياخشى بىر مەدەت ۋە ئىلھام بوپتۇ. يۈكسەلنىڭ بىلوگ ۋە مىكرو بلوگنىڭ رولىغا بولغان كۆز قاراشلىرىنى مەنمۇ قوللايمەن.مېنىڭچىمۇ مىكرو بلوگنىڭ ئادەتتىكى ئىچ پۇشىقنى چىقىرىش ياكى ئۆز-ئارا ئالاقە قىلىشتىكى رولى بىر قەدەر گەۋدىلىك. لېكىن، باشقىلارغا ھەقىقىي نەپ بېرىدىغىنى،بلوگىرلارنى ئىزدىنىشكە ئۈندەيدىغىنى يەنىلا بلوگدۇر.

  17. قاپلان مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل باركەن ھە!
    11- ئايدا 10 بىلوگ باھالايمىز دىگەن يەنە جىمجىت. بەك ئالدىراش بولاپ كىتىپتۇ بۇ ئەدەم يەنە. ……………

  18. قاپلان مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ بىر بىلوگ قۇرسام بولاتتى، ئىشنى نەدىن باشلاشتىن بىلمەيۋاتىمەن. قاياردىن قۇرسام بولار؟ مۇستەقىل بىلوگنىڭ يىللىقى نەچچە پۇل؟(بوشلۇق دىمەكچى؟) ياكى ئاددىيلا قىلىپ بىلوگباستىن قۇرىدىغان ئىشمىكىن؟ بىلوگقا نىمە دەپ ئىسىم قويسام بولار؟ مۇشۇ مەسىللەر باشنى بەك قاتۇرۇپ كىتىپ بارىدۇ.

  19. كەلپىن مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! يۈكسەل ئەپەندى ،بابۇرشاھ بلوگى قۇرۇلغان قۇربان ھېيتنىڭ ئالدى كەينىدە ،مەن راستىنلا بىلوگ ئۈچۈن قىيامەت بولىۋاتقاندەك ھىسسىياتتىمۇ بولدۇم .بۇ يازمىنى قايتا-قايتا ئوقۇپ ئۆزەمگە تەسەللى تېپىش بىلەن بىرگە ئىشنى كەينىگە سۈرگۈچىلەرگە مۇشۇ يازمىنى ئوقۇپ بېقىشنى چىرايلىقچە تەۋەسسىيە قىلدىم .ئەمدى مەىسەتكە كەلسەم بابۇرشاھ بلوگى مائارىپ ،تارىخ،مەدەنىيەت مەزمۇنلىرىنى ئاساس قىلىپ يېزىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر بلوگچىلىقى بىر تىزىق مارجانغا ئوخشىسا بابۇرشاھ بلوگىمۇ ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرتال مارجان.ئەلۋەتتە شۇ مارجانلار بىلەن بىر يىپتا بولالىغاندىلا نۇر چاقناپ جۇلالىنالايدۇ.ئاشۇ ئۈمۈتنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇلىنىش قىلىپ قوشىۋالارسىزمۇ؟

  20. ئىزدەن مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ بۇ توغىرسىدا ھېس قىلغانلىرىمنى دەپ باقاي…
    ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئۆز يۇرتۇمغا كېلىپ خىزمەتكە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، گەرىچە يۇرتۇمغا كەلگىنىم، ئاتا- ئانامنى ھەپتىدە دىگۈدەك يوقلاپ تۇرالىغانلىقىم ئۈچۈن خۇشال بولساممۇ، لېكىن خۇددى بىر نەرسەمدىن ئايرىلىپ قالغاندەكلا ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم. ئۇ بولسىمۇ، ئالى مەكتەپتە ئاساسەن دىگۈدەك ھەر ھەپتىسىنىڭ شەنبە كۈنى غالىبىيەت يولىدىكى «مەڭگۈ تاش قىرائەتخانىسى» غا كېلىپ پۈتۈن كۈن كىتاب ئوقۇيتتۇم. يەكشەنبە ئىككى سائەت ۋاقتىمنى چىقىرىپ كىتابخانىنى ئارىلايتتىم. خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ئىش باشقىچە بولدى. تۈرلۈك تۈمەن، ئۇششاق چۈششەك ئىشلار بېسىۋالغاننى ئاز دەپ، ھەر ھەپتىسى توختىماي بىر ئىشنى دەۋىر قىلىپ قىلىۋېرىدىغان بۇ ئىشلاردىن قاتتىق زېرىكتىم. شۇنداق! مەن ئىزدەنگۈچى، يەنىلا بىر ئۆگەنگۈچى. ئۆز ۋاقتىدىكى يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان، ھېچ ئىش بولمىسىمۇ قىزىل بايراق كومپيۇتېر بازىرىنى ئارىلاپ قويىدىغان شارائىت بۇ يەردە بولمىسىمۇ، مەن ئامال قىلىپ مۇشۇ قىزغىنلىقىمنى جارى قىلدۇرۇشۇم كېرەك. ئەڭ مۇھىمى شۇ ئارقىلىق ھېچ بولمسا ئازىراق بولسىمۇ كىشىگە نەپ بېرىدىغان ئىش بىلەن شۇغۇللىنىشىم كېرەك! شۇلارنى ئويلاپ تۇرغان مەزگىلدە بىلوگ دىگەن بۇ ياخشى دوستۇمغا يولۇقتۇم. شۇندىن كېيىن بۇ دوستۇمدىن ئايرىلالمايدىغان بولدۇم. ئاخىرى يەتتە سەككىز يىل بۇرۇن ئۆگەنگەن C تىلى ئاساسىمغا تايىنىپ، تور پىروگىراممىلىرى بىلەن ھەپلىشىشكە باشلىدىم. شۇنداق قىلىپ ئاددى بولسىمۇ ئۆزەمنىڭ بىلوگۇمنى قۇرۇۋالدىم. بىلوگ مېنى زېرىكىشتىن خالاس قىلدى، داۋاملىق ئىزدىنىش مەقسىدىمگە يەتكۈزدى. تېخى ئاندا ساندا ئەتراپىمدىكىلەرگە نەپ ئېلىپ كەلدىم. بۇ جەرياندا يۇقىردا دېيىلگەندەك مەنمۇ خېلى كۆپ دوستلىرىم بىلەن تونۇشتۇم. شۇ ئارقىلىق نەزەر دائىرەم يەنىمۇ كېڭەيگەندەك ھېس قىلدىم. مەن بىلوگ يازىمەن! بىلوگ يېزىشتىكى مەقسىدىم شۇكى، ئۇ مېنىڭ داۋاملىق ئىزدىنىشىمگە سەۋەب بولدى. ئۇ مېنىڭ نەزەر دائىرەمنى يەنىمۇ كېڭەيتتى. ئۇ مېنى تور دۇنياسىدىكى ساپ بولغان، يالغانچىلىق ئارىلاشمىغان ھەقىقى ئوزۇق بىلەن تەمىن ئەتتى… ئەڭ مۇھىمى، باشقىلارغا ئۆزەمنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرەلىدىم…

  21. ئۆزقان مۇنداق يازغان:

    «ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى باشقا»، مەيلى مىكرو بىلوگ بولسۇن، مەيلى ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكەتلىرى بولسۇن، ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ تېگىشلىك رولىنى ئۆتەيدۇ؛ ھەرگىزمۇ بىلوگنىڭ رولىنى ئۆتىيەلمەيدۇ. بىلوگگېرلار جاپادىن قورقماي بىرلىكتە ئالغا باسىدىغانلا بولساق، ئۇيغۇر بىلوگچىلىقىنىڭ تېخىمۇ پارلاق ئەتىسىنى كۆرەلەيمىز!

  22. ئاغىنىلەر مۇنداق يازغان:

    گەرچە بىز بىر يىڭى نوتا بولساقمۇ بۇ يولدا ئۇزۇنغىچە بەل باغلاشقا ئىرادە قىلغانمىز چۇنكى بىز ئۇچۇن ئادەم بىر ئىشنى باشلىغان ئىكەن شۇ ئىشنى ئاخىرىغىچە قىلىش تولىمۇ زۆرۇر دەپ ئويلايمىز ئاخىرىدا ھەر قايسى بىلوگ ئاتامانلىرىنىڭ بىزگە ئىچىپ بەرگەن شۇ يوللىرىدا بىز بىلەن تەڭ قول تۇتۇشۇپ مىڭىشىنى ئۇمۇد قىلىمىز

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟