نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

قاقتى-سوقتى قىلىش قەيەردە ئېغىر ؟

ئابدۇكېرەم راھمان ئالىپ

يۈكسەل بلوگ تەكلىپلىك يازارى

 

سودا -سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ، مال -باھا ئىدارىسى ، قاتناش ساقچى ئىدارىسى …قاتارلىق ئۇرۇنلار باشقۇرالمايدىغان ھەم باشقۇرۇشقىمۇ كۈچى يەتمەيدىغان بىر ئۇرۇن بار ، ئۇ بولسىمۇ تۆمۈر يول ئىدارىسى – يۇلۇچىلار پويىزى .
ئىچىدىن قايىل بولمىسىمۇ ، ھەرقانچە ئۇزۇن سەپەر ئازاۋىنى يەتكۈچە تارتسىمۇ ، ئۆزلىرى خالاشتىن ئىبارەت خەلق ئاممىسىنىڭ بۇنداق تەن بەرمەس راھىشلىقى تۆمۈر يول ئىدارىسى ۋە يۇلۇچىلار پويىزىغا ناھايىتى ياخشى ئامەتلەرنى ئېلىپ كىلىۋاتىدۇ ،بۇنىڭلىق بىلەن قان-قېنىغا پاتماي قېلىۋاتقان يۇلۇچىلار پويىزى ئىچىدە قانۇن -تۈزۈم (ئۇلارغا پايدىلىقلىرى بۇنىڭ سىرتىدا )، ئەدەب-ئەخلاق ياكى ئىنسانىي خىسلەتتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدىغان بۇلۇپ كەتتى …
بىردەم-بىردەمدىن ئالمىشىپ ئولتۇرۇپ ،10-20 مىنۇتقىچە مەنزىلگە بېرىۋالىدىغانغا پويىز دىگەن كوچا ئاپتۇبۇسى بولمىسا ، نورمىدىن ئارتۇق ئادەم ئالدىڭ ، دەپ چازا قۇرۇپ جەرىمانە پىچىدىغان قاتناش ساقچىسى بولمىغان سەۋەبلىك ئادەم دىگەننى تاغارغا سامان قاچىلىغاندەك قاچىلاۋېرىدىغان گەپمۇ؟ ئوخشاش خەلق پۇلىنى تۆلەپ قۇيۇپ بىر كېچە -كۈندۈز(بەزىللىرى بۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن يول) ئۆرە تۇرۇپ سەپەر قىلىڭ ، بۇ قانداق تەڭسىزلىك ؟ ئامالسىز ھارغىنلىققا چىدىماي ئۇدۇل كەلگەن يەردىلا زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ ئۇخلاش ، ياكى مەينەت داق يەردىلا يېتىپ ئۇخلاشقا مەجبۇر بولغان يۇلۇچىلارنى ئۇياق -بۇياققا ئۆتكەن -كەچكەنلەر دەسسەپ يۈرگەننى ئاز دەپ ، «قاقتى-سوقتى» ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ كىلىپ ، ئۇلارنى باسۇرىۋەتكىنى يەتمىگەندەك ئۇلارغا ھومۇيۇپ، يولسىزلارچە ۋارقىراپ سىلىكىشلەۋاتقان پويىزنىڭ «قاقتى-سوقتى» پىركازچىكلىرى، بۇلارنىڭ قىلغانلىرىغا ئىرەنشىمەي ، ئۇياقتىن -بۇياققا توختىماي يۆتكىلىپ بىرىۋاتقان ھارغىن يۇلۇچىلار …
ھەرقايسى بىكەتلەردىكى ماگىزىنچى ، سېتىقچىلارنىڭ تاۋارلىرىنىڭ سۈپىتى ناچارلىقىغا باقماي نىمە دىگەن يۇقىرى باھا ، پويىزنىڭ ئىچىدە تېخىمۇ يۇقىرى . «ئالدىراش سەپەرگە چىققاندا ، ياكى بۇنداق ئۇزۇن سەپەردە بىزگە لازىملىق نەرسىلەرنىڭ تېپىلغىنىغا خوش بولساق بۇلىدۇ ؟!» مانا بۇ بېكەت ماگىزىنچىلىرى ۋە يۇلۇچىلار پويىزى تۇتىۋالغان يۇلۇچىلارنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى .
پويىز ئاشخانىسىدىكى ھەجىۋىلىك . بىر قانچە يۇلۇچى پويىز ئاشخانىسىدا چوڭ تەخسىلىك توخۇ قورومىسى بۇيرۇتتى ، شۇنداق دەرقەمتە كەلتۈرۈلگەن قورىمىغا قاراپ ، يۇلۇچىلارنىڭ گىپى چىقتى :
ئۇستام بىزگە ناكا توخۇ قورىدىڭىزما ، بىر پۇتى يوققۇ !
شۇنداق ، قاناتلىرىمۇ يوققۇ ؟
ھەي ، بىز توخۇ قورۇمىسى دىگەن ،ساپلا ياڭيۇ (بەرەڭگە)غۇ -بۇ !
نىمە بۇ ! بىز چوڭ تەخسىلىك توخۇ قورۇمىسى دىگەن ، لەغمەن تەخسىلىك دىمىگەن !
نىمە ، بۇ يەردە چايمۇ بەرمەمسىلەر ؟
بىزنىڭ بۇ يەردە چاي بىرىلمەيدۇ ، ئېسىل شورپا بار ، پىيالىسى ئىككى يۈۋەن .
مۇزدەك شورپىسى كىلىۋىدى ، يۇلۇچىلارنىڭ يەنى گىپى چىقتى :
نەدىمۇ شورپا بولسۇن ، زاڭتاڭ (مەينەت شورپا) ئىكەنغۇ ؟
بۇ نىمە دىگىنىڭ ، ئۇستام كايىۋىدى ، يەنە بىر يۇلۇچى گەپ قاتتى :
بىزنىڭ تىلىمىزدا شۇنداق ئاتايمىز .
ئاخىرى گەپكە تەڭ كىلەلمىگەن ئاشپەز ، بۇ دىگەن پويىز ، سىلەرنىڭ ئېسىل رېستۇرانىڭلار ئەمەس ، بارغا شۈكرى قىلىڭلار ،دەپلا قۇتۇلدى . شۇ ئەسنادا بىر ئايال قەغىشلىك قىلىۋاتقان بالىسىنى ئەگەشتۈرۈپ ، «قاقتى سوقتى»دىن ئالغان تەييار چۆپنى ئېلىپ كىلىپ ، ئاشپەزگە پويىزدا قايناقسۇ قالمىغانلىقىنى ئېيتىپ ، قايناقسۇ سورىۋىدى ، ئاشپەز :
بىز قايناقسۇ قايناتمايمىز ، قايناقسۇ يوق ! دەپ سىلىكىۋەتتى .بىچارە ئايال سۈيى بار تەييار چۆپ يەيمەن ، دەپ غەلۋە قىلىۋاتقان بالىسىنى مىڭ تەستە ئالداپ مەيۈس كىتىپ قالدى. ئارقىدىنلا بىر يۇلۇچى كىلىپ ئاشپەزدىن تەييار چۆپ سېتىۋېلىۋىدى ، ئاشپەز ئۇنىڭغا قايناقسۇ نى يەتكۈچە تۆكۈپ بەردى . ئەمىلىيەتتە ، پويىز ئاشخانىسنىڭ قايناقسۇ قايناتقۇچىدىن قايناقسۇ ئۈزۈلمەيتتى . بۇنى كۆرۈپ ئىچى پۇشقان بىر يۇلۇچى ئاشپەزگە :
قايناقسۈيۈڭ بولغاندىكىن ئابايىقى ئايالغىمۇ بەرسەڭ بولمامدۇ ؟
شۇنداق ، ئۇمۇ تەييار چۆپنى ئاۋۇ« قاقتى- سوقتى »دىن سېتىۋالدىغۇ ، بەرىبىر سىلەر بىر پويىزنىڭغۇ !
پويىز بىر بولغان بىلەن يانچۇق ئايرىم ، كىم جىق ساتسا شۇنىڭ تاپاۋىتى كۆپ بولىدۇ ، دىدى بىر يۇلۇچى .
ئۇنىڭغا قايناقسۇ بېرىپ قويسام ، پويىزدىكى ھەممە ئادەمنى قايناقسۇ بىلەن تەمىنلەپ بۇلالامتىم ، دەپ كايىدى ئاشپەز .
شۇ ئەمەسمۇ ، قايناقسۇنى يۇلۇچىلارغا بېرىۋەتسە ، ئۇنداق نۇرغۇن تەييار چۆپنى كىمگە ساتىدۇ ، دەپ ئاشپەزنى مەسخىرە قىلدى بىر يۇلۇچى . ئەمدى چىدۇغۇچىلىكى قالمىغان ئاشپەز ، تامىقىڭلارنى يەپ بولغان بولساڭلار ھەممىڭلار ۋاگونىڭلارغا قايتىڭلار، بۇ يەردە باشقىلارمۇ تاماق يەيدۇ ، دەپ كۆپچىلىكنى پويىز ئاشخانىسىدىن قوغلاشقا باشلىدى .
مۇشۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئۈندىمەي ئولتۇرۇپ تامىقىنى يەپ چىقىپ كىتىۋاتقان ئاۋۇ نۆۋەتچى پويىز باشلىقىغا قاراپ قاتتىق ئۆكۈندۈم . قېنى بۇ يەردىكى دىيانەت ، ئىنساپ ، ئىنسانىي ئەخلاق ! مەنچە بولغاندا يۇلۇچىلار پويىزىدىكى بۇنداق نەپسانىيەتچى ئاشخانىنى يۇقۇتۇپ ، ئۇرۇندۇقلۇق ۋاگون سەپلەيدىغان بولسا بىر قېتىمدا ئاز دىگەندىمۇ يۈزدىن ئارتۇق يۇلۇچىنىڭ ئۇرۇن مەسلىسىنى ھەل قىلغىلى بۇلاتتى . بەزىدە مەركەزدىكى دۆلەت رەھبەرلىرى ياكى تۆمۈر يول مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستېرى مۇشۇنداق قايناق پويىزغا ئولتۇرۇپ قالامدىغاندۇ دەپ ، ئويلاپ قالىمەن ، ئەگەر راستىنلام مۇشۇنداق ئىش يۈز بېرپ قالسا ، ئىشىنىمەنكى شۇ كۈندىكى ، شۇ قېتىمقى نۆۋەتچى پويىزدا ، شۇ ۋاگوندىكى تەلەيلىك يۇلۇچىلار قايناقسۇ ئۇياقتا تۇرسۇن ، مىۋە شەربىتى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ ؟! بىزنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىمىز مۇشۇنداق ئشلارنىمۇ قۇرۇلتايدا ئوتتۇرغا قۇيامدىغاندۇ ؟! كۆڭۈل بۆلىدىغان بىرەرمۇ رەھبەر چىقامدىغاندۇ ؟! خەلق ئاممىسى قايىل بولغۇدەك بىرەر يەكۈن مەيدانغا چىقالارمۇ -ھە؟

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : قاقتى-سوقتى قىلىش قەيەردە ئېغىر ؟

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!9 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. تىمتاس مۇنداق يازغان:

    جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك بولۇپ قالدىغۇ . نە ئامال…

  2. تۇران تېكىن مۇنداق يازغان:

    ئىدىيىۋى خىزمەتنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن «مەيلى، بولدىلا» دەپ كۈنۈپ كەتكەن تۇرساق، بۇنداق ئىشلار توغرۇلۇق سۆزلىگىمىز بولسىمۇ، لېكىن مەنزىلگە يىىتىپ بېرىپ بولغاندىن كېيىن ھەممىنى ئۇنتىيمىز.

  3. ئوغلان مۇنداق يازغان:

    پويىزنىڭ جاپاسىنى مانا مەن يەتكۈچە تارتىپ باقتىم دىسەم ئارتۇق كەتمەس ، يۇقارقى ئەھۋاللار ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدۇ ، تۆمۈر يول مىنىستىرلىكى زادى پۇل تېپىشقىلا تۇرغان …. :x

  4. قالقان مۇنداق يازغان:

    بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ ! :roll:

  5. ئىزدەن مۇنداق يازغان:

    مېنڭچە مەركەزدىكى دۆلەت رەھبەرلىرى ياكى تۆمۈر يول مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستېرلىرى بۇنداق مەڭگۈ ئولتۇرمايدۇ. ئەگەر ئولتۇرىدىغان بولۇپ قالسا چوقۇم ئالدى بىلەن تۆمۈر يول ئالدىنئالا كەڭ كۆلەمدە رېمونت قىلىنىپ، بۇنداق مەينەي پويىزلارنىڭ ئورنىغا ھەشەمەتلىك پويىزلار ئالماشتۇرۇلۇپ بولىنىدۇ….

  6. ئۇسلۇبلار بلوگى مۇنداق يازغان:

    يىڭى تورنامى بىلەن يىڭىدىن چوڭ تىپتىكى مەخسۇس كەسپى ئۇسلۇبلار بلوگى قۇرۇلدى، ئۇيغۇر ئۇسلۇبچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىزنى قوللاپ بلوگىڭىزغا ۋە توربىكىتىڭىزگە ئۇلىنىش قىلىپ قويۇشىڭىزنى سورايمىز.
    بلوگ ئادرىسىمىز: http://uslublar.com
    بلوگ تۇغى: http://uslublar.com/logo.gif

  7. ئاغىنىلەر مۇنداق يازغان:

    ھازىر نۇرغۇن ئىشلارغا ئامال يوق بولوپ قالدى ھەي……………

  8. پاسىبان مۇنداق يازغان:

    يېڭى يازما يېزىلماس بوپ كەتتىيا يۈكسەلدە؟ بۇ قېتىمقى نادىر بلوگ باھالاشمۇ بولمامدۇ نېمە ئەمدى؟ (قېنى ماۋۇ ھېجايغان چىراي ئىپادىسى؟)

  9. مەردانە مۇنداق يازغان:

    بۇ جاھاندا ئامال بولمايدىغان ئىش مەۋجۇت ئەمەس. بۇ شۇ كىشىنىڭ شۇ ئىشقا تۇتقان پوزىتسىيەسىگە باغلىق .
    پۇيىزدىكى بۇ ئىشلار ھەقىقەتەن مەۋجۇت بومۇ تۇمۇريول مىنىستىرلىكىنىڭ سۇپەتكە ئەھمىيەت بەرمەي پايدىنى قوغلاشقانلىقنىڭ نەتىجىسىمىكىن دەيمەن . تۇمۇريول مىنىستىرى بەلكىم ئۆسىشى مۇمكىن ………..

ئۇسلۇبلار بلوگى 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟