6- ئاينىڭ 18 – كۈنى << New England Journal of Medicine >> ( يېڭى ئېنگىلاند تېببىي ئىلمىي ژۇرنىلى ) دا مۇنداق بىر تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلىندى.
Fred Hutchinson Cancer Research Center راك كېسەللىكلىرى كلىنىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى Cassian Yee, M.D يېتەكچىلىكىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى بىر 52 ياشلىق يامان سۈپەتلىك تېرە راكىغا گىرىپدار بولغان بىمار ئۈستىدە تەتقىقات ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇلار مەزكۇر بىمارنىڭ تېنىدىن CD4+ T ئاق ھۈجەيرىسىنى ئايرىپ ئېلىپ، ئۇنى تەجرىبىخانىدا كېلونلاپ، سانى 5 مىلياردقا يەتكەندە، قايتا بىمار تېنىگە كىرگۈزگەن. بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق داۋالاش ئېلىپ بارمىغان.
نەتىجىدە، 2 ئايدىن كېيىن CT ۋە PET تەكشۈرۈشى ئىشلىگەندە، بىماردا ھېچقانداق راك بايقالمىغان. ھالبۇكى داۋالاشتىن ئىلگىرى بىمارنىڭ تېرە راكى ئۆپكە ۋە لېمفا بېزىگە كۆچۈپ بولغان بولۇپ، كېسەللىكى ئاخىرقى باسقۇچقا يېتىپ قالغان ئىكەن. نۆۋەتتە بۇ بىمار راك قايتا كۆكلىمىگەن ( قوزغالىمىغان ) ھالەتتە ساغلام ياشاۋاتقىلى 2 يىل بولۇپتۇ.
مەزكۇر تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بىمارلارنىڭ ئۆز تېنىدىكى ئىممۇنىتېت ھۈجەيرلىرىنى كېلونلاش ئارقىلىق، ئۇنى قايتا بەدەنگە كىرگۈزۈپ راك ھۈجەيرىسىنى ئۆلتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىكەن.
مەزكۇر خەۋەرنىڭ تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى تور مەنزىلىنى زىيارەت قىلغايسىز!
http://www.fhcrc.org/about/ne/news/2008/06/18/T_cells.html
مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : راكنىڭ داۋاسى تېپىلدى
ياخشى بوپتۇ،،، ئەيدىزنىڭمۇ داۋاسى تېپىلسا بولاتتى….