شۇ تاپتا ئوغلۇم ئوغۇز 5 ئايغا تولدى. ئۇنىڭ بوۋاقلىق قىلىقلىرى بارغانسېرى تاتلىقلىشىپ، قۇشقاچ تىللىرى چىقىپ كېتىۋاتاتتى. ئۆزىچە بىزنىڭ گەپ قىلغاندىكى تاۋۇش – ئاۋازلىرىمىزنى تەقلىد قىلىپ ‹‹ سايراپ ›› كېتەتتى. روزا ھېيت پەتىسى ئۈچۈن ئۆيگە كەلگەن مېھمانلار ئوغلۇمنى قوللىرىغا ئېلىپ ئەركىلەتكەچ ‹‹ تىلى چىقايلاپ دەپ قاپتۇ ، ئاپا دەمدۇ ياكى ئانا دەمدۇ ؟ … ›› دەپ، سوراپ قېلىشتى. قىزىقارلىق يېرى، بۇ سۇئال بىر قانچە كىشى تەرىپىدىن ئوخشاش تەرىقىدە سورىلىپ قالدى. بەزىلەر ئۆزلىرىچە ‹‹ ھەقىقى ئۇيغۇر ئوغلى بولسا ئانا دېيىشى كېرەك . ئاپا دېگەن نەچە گەپ … ›› دېيىشسە، ‹‹ بەزىلەر ئوغلۇڭ چوڭشەدە تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاپا دېسۇن، بۇنىڭدىن مەدەنىيلىك ، شەھەر پۇرقى چىقىپ تۇرىدۇ … ›› دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ قاملاشمىغان قاراشلارنى رەددىيەلەش ئۈچۈن نۆۋەتتىكى يازما تەييار بولدى.

‹‹ ئانا ›› ۋە ‹‹ ئاپا ›› ھەر ئىككىلى سۆز ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك تىل قامۇسى << تۈركى تىللار دىۋانى >> دا ئۇيغۇر تىلغا تەۋە دەپ ئالتۇن ھەل بىلەن پۈتۈلگەن ساپ ئۇيغۇرچە ئىبارىلەر بولۇپ، قانداقتۇر يوق يەردىن پەيدا بولۇپ قالغان ياكى ياتلاردىن قوبۇل قىلىنغان كىرمە سۆز ئەمەستۇر. ھەممەيلەنگەن مەلۇم بولغىنىدەك قەدىمىدە ئۇيغۇر ئەجدادلىرىمىز بىرقانچە قەبىلە – ئۇرۇقتىن تەركىبلەنگەن بولۇپ، بۇ قەبىلىلەرنىڭ تىلى چوڭ جەھەتتىن ئوخشاش بولسىمۇ ، ئەمما بەزى پەرقلەرمۇ مەۋجۇد ئىدى. خۇسۇسەن تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەردىمۇ ئاز – تولا پەرق بار ئىدى. يەنى بىر قەبىلە ئاپا سۆزىنى (ئانا مەنىسىدە) ئىشلەتسە، يەنە بىر قەبىلە ئانا سۆزىنى ئىشلىتىشەتتى. دادا سۆزىنىمۇ بەزى قەبىلە ئۇيغۇرلىرى ئاتا مەنىسىدە ئىشلەتسە ، بەزى قەبىلىلەر ئاتىنىڭ ئاتىسى مەنىسىدە ئىشلىتىشكەن ئىدى. دېمەكچى ، ئۇيغۇرلاردا ئۇرۇق – تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرىنىڭ بىرلىككە كەلمىگەنلىكى كۆز ئالدىمىزدىكى نەق ئەمەلىيەت( بۇنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىش كېرەك ئەلۋەتتە ). ئەمما، ئاپا سۆزىگە ئوخشاش ئاتالمىلار ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرغا يات ئەمەستۇر.

بىزدە كۈنىمىزگە قەدەر ئاتا – دادا ، ئانا – ئاپا كەلىمىلىرى ھەققىدە خېلى كۆپ ماقالىلار ئېلان قىلىندى. كۆپىنچىلىرىدە بىرىنى كۆتۈرۈپ يەنە بىرىنى كەمسىندىرىدىغان، ھەتتا بەزىلىرىنى ئۇيغۇرلارغا يات سۆز ، << مۇدا قوغلىشىش >> نىڭ ئاسارىتى دەپ قارايدىغان خاھىش ئەكس ئەتتۈرۈلدى. مېنىڭچە، پۈتۈنلەي تەڭداش مەنادىكى ئىككى سۆزنى بىر – بىرىگە سېلىشتۇرۇپ، بىرنى كۆتۈرۈپ بىرىنى چۆكۈرۈشنىڭ ئۆزى تولىمۇ ئىلمى بولمىغان ئىشتۇر. ئۇنى ئۇيغۇرلارغا يات سۆز دەپ قارىغانلار ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ تارىخىغا ، ئاغۇن – ئەجدادلىرىنىڭ ئاياق ئىزلىرىغا ئوبدان سەپ سېلىش كېرەك، دەپ قارايمەن.

ئاپا سۆزىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە بارغانسېرى كەڭ ئومۇملىشى بەلكىم بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەركىزىي دېئالىكتى قىلىپ بېكىتىلگەن << ئۈرۈمچى دېئالىكتى >> غا تەۋە بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك. يەنە بىرى ، بىر قىسىم كىشىلىرىمىزدىكى قارىغۇلارچە شەھەر مەدەنىيىتىنى قوغلىشىش ئىستىكىدىن بولسا كېرەك ( بۇ ھەرگىزمۇ ئاپا سۆزىنى ئىشلىتىۋاتقان ھەممە كىشىلەرنى شۇ خىل ئىستەككە ئىگە دېگىنىم ئەمەس ) . ھېلىمۇ ئېسىمدە، كىچىك چاغلىرىمىزدا يېزىمىزدا بەزى ئاداشلىرىمىز ئانىسىنى << ئاپا >> دېيىشەتتى، بۇ بىزنىڭ قۇلىقىمىزغا << زادى ياقمايتى >>. ئۇلارنى مازاق قىلاتتۇق. بەزى ئاداشلىرىمىزنىڭ ئانىسى كۆز ئالدىمىزدىلا ئۆز بالىسنى << ئاپا >> دەپ چاقىرمىدىڭ دەپ ، ئەيىپلەشكەن ئىدى. كىچىك چاغلىرىمىزدا ياش خانىملار ئارىسىدا بالىسىنى << ئاپا >> دەپ چاقىرتقۇزۇش باش كۆتۈرگەن ئىدى( بەلكىم ئۇلارنىڭ ئەينى چاغدىكى قارىشىدا ئانا سۆزى سەھرا مەدەنىيىتىدىن ، قالاقلىقتىن ، ئاپا سۆزى شەھەر مەدەنىيىتىدىن، مەدەنىيلىكتىن دېرەك بەرسە كېرەك ).
يېقىندىن بېرى باش كۆتۈرۈپ قېلىۋاتقان ئاپا سۆزىنى << چەتلەشتۈرۈش >> دولقۇنىمۇ ئۇ قۇتۇپتىن بۇ قۇتۇپقا سەكرەش، چەكتىن ئېشىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسكەن. ھازىر ئويلاپ باقسام بۇمۇ كۈلكىلىك ئىش ئىكەن.

ئومۇمەن، ئانا ياكى ئاپا سۆزى بولسۇن ھەر ئىككىلىسى ئوخشاش مەنىدىكى تەڭداش ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر سۆز بايلىق خەزىنىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىملىرىدۇر. مانا مەن بۇ ئىككى سۆزدىن شۇنچىلىك ئوبدان پايدىلانغان ئىدىم. يەنى، مېنى كىچىك چېغىمدىلا (2ياش) چوڭدادام – چوڭئاناملار ئېلىۋالغان بولۇپ، مېنى شۇلار بېقىپ قاتارغا قاتقان ئىدى. شۇ ۋەجىدىن مەن چوڭدادام – چوڭئانامنى كىچىكىمدىن دادا – ئانا دەپ چوڭ بولغانمەن. كېيىنكى كۈنلەردە مېنى يورۇق ئالەمگە كۆز ئاچقۇزغان << ئانام >> نى تەبىئىي ھالدا ئاپا دەپ چاقىرىپ كەتتىم. بۇمۇ شۇنداق جايىغا چۈشتى.

يوللانغان ۋاقتى: 2010-يىل 09-ئاينىڭ 19-كۈنى am 3:02
كۆرۈلۈشى: 1,898 قېتىم
خەتكۈش: ،
يازما مەنبەسى: 962.html  [كۆچۈرۈش]