نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

‹‹ مەن ›› نىڭ قولىدىن نېمە كېلىدۇ ؟

يېقىنقى يىللاردىن بېرى ، تور – مۇنبەرلىرىمىزدە ‹‹ نېمە قىلدۇق ۋەتەن ئۈچۈن ؟ نېمە قىلدۇق مىللەت ئۈچۈن؟ نېمە قىلدۇق ئائىلە ئۈچۈن ؟ نېمە قىلدۇق پالان – پۇستان ئۈچۈن؟ … ›› دېگەندەك سوقا – سۆھبەتلەر بەك قىزىدى. ھەر كىم ھەر نېمىلەرنى دەپ ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. مەن نۆۋەتتىكى يازمامدا ئەنە شۇ ‹‹ نېمە قىلدۇق ؟ ›› لارغا جاۋاب تەرىقىسىدە ‹‹ مەن ›› نىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىشلىرى ھەققىدە كۆپچىلىك بىلەن ئاز – تولا مۇڭدىشىشنى ئويلاپ قالدىم.

ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﭼﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺯﯛﻟﻤﻪﻱ ﭼﯚﺭﮔﯩﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺷﻪﺭﺗﻰ ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰﻛﻰ ﺟﯧﻨﻰ ﺗﯧﻨﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪﺧﺲ ﻳﻪﻧﻰ << ﻣﻪﻥ >> ﻧﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺩ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯗﺭ. ﺋﻪﮔﻪﺭ << ﻣﻪﻥ >> ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ، << ﻣﻪﻥ >> ﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺷﯩﻜﯩﻞ ﺗﺎﭘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. << ﻣﻪﻥ >> ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ << ﻣﻪﻥ >> ﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ << ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ >> ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. << ﻣﻪﻥ >> ﻳﺎﻛﻰ ﺷﻪﺧﺲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﮔﻪﯞﺩﯨﺴﻰ ، ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻠﻤﯧﻨﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ، ﺧﺎﮬﻰ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺧﺎﮬﻰ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻗﻪﺭﻩﺭﺩﯗﺭ. ﺷﯘ ﯞﻩﺟﯩﺪﯨﻦ، ﺑﯩﺰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ << ﻣﻪﻥ >> ﻧﯩﯔ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﺎﺭﯨﺨﻲ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ.
ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﻗﻪﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ، ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻪﺋﻪﻟﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ << ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ >> ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ، ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﻮﭖ ( ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ) ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﻗﻮﺷﯩﻤﯩﺰ. ﻣﺎﯕﻐﺎ ﻳﻮﻟﯩﻤﯩﺰ ﺩﯗﺭﯗﺱ، ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ، ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻗﻪﺩﯨﺮ – ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯚﺳﯜﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ، ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﻮﭘﻨﯩﯖﻤﯘ ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﺎﯕﻐﺎ ﻳﻮﻟﯩﻤﯩﺰ ﻗﯩﯖﻐﯩﺮ، ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﺯﻩﺭﻩﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯚﺯ ﻗﻪﺩﯨﺮ – ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﻮﭘﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﻏﻪﺯﯨﻨﯩﺴﯩﻨﻰ ﺧﻮﺭﯨﺘﯩﭗ ، ﺷﯚﮬﺮﻩﺕ ﺩﻩﺭﯨﺨﯩﮕﻪ ﭘﺎﻟﺘﺎ ﺋﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﻤﯩﺰ. ﻗﯩﻠﻤﯩﺶ – ﺋﻪﺗﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﻪﺯﻣﻪﻧﻜﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﯘﺷﯘﺷﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ، ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ – ﺋﯩﻨﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺟﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻻ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺧﻪﻟﻖ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯞﻩ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺋﯘﻗﯘﻣﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﻩ ﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﯞﻩﺗﻪﻥ – ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯ ﺟﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺳﻪﺩﺩﯗﻕ ﺋﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﮬﻪﺭﺩﺍﺋﯩﻤﺎ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﭘﯜﻛﯜﺷﯜﭖ ﻳﯜﺭﯨﺸﯩﺪﯗ. ﮬﯧﻠﯩﮭﻪﻡ ﺯﻭﺭ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﻨﻰ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ – ﺗﯩﺮﻣﯩﺸﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﭘﺘﯘ. كۈنىمىزدە ئەدەپ قېلىۋاتقان ﺋﯚﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻗﺸﺎﺵ ، ﺋﯚﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﮬﺎﺩﯨﺴﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﮬﺎﻟﻪﺕ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﮔﻪﯞﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺯﻩﮬﻪﺭﻟﻪﺷﻜﻪ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﮔﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ.

ۋەتەن ئۈچۈن، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ (مىللەت) ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ ؟

ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻗﻘﺎ ﺑﯘ ﺳﯘﺋﺎﻝ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯓ ، ﺳﺎﻟﻤﯩﻘﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺳﯘﺋﺎﻟﺪﻩﻙ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺋﯘﻧﭽﻪ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭘﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﯜﻣﻪﻧﻠﯩﮕﻪﻥ << ﻣﻪﻥ >> ﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ، ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﻟﯘﻕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯ ﻧﯚﯞﯨﺘﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ.
ﺑﯩﺰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻣﯩﺰ. ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﺎﻍ ﻳﯚﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﻛﯚﻳﯜﻣﭽﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎ، ﻣﯧﮭﯧﺮﯨﺒﺎﻥ ﺋﺎﻧﺎ، ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭ ﺋﻮﻏﯘﻝ – ﻗﯩﺰ، ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺴﯩﮕﻪ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭ – ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ؛ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﻳﯧﻤﻪﻱ، ﺩﺍﺋﯩﻤﺎ ﺭﯨﺰﻗﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﮬﺎﻻﻟﺪﯨﻦ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻳﯧﻴﯩﺸﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﺎﺯﯨﺮﺍﻗﻼ ﺗﯩﺮﯨﺸﺴﺎﻕ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.
ﺑﯩﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﻛﯜﭺ ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﻰ ﻛﯜﻧﺴﯧﺮﻯ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ، ﻗﻪﯞﯨﻤﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻳﯩﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﺷﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﺷﺒﯘ ﻛﯜﻧﺪﻩ، ﺋﯚﺯ ﺑﻮﻳﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯ ﺳﺎﮬﻪﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﻗﯧﺘﯩﺮﻗﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚﮔﯩﻨﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ.
ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺳﯘﻧﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﺳﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻠﻠﯩﺘﯩﺶ، ﻣﯘﮬﺘﺎﺟﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﯩﯖﺮﯨﻐﺎﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﺑﯘﺭﺩﺍ ﻧﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺳﯩﻴﻼﺵ، ﻳﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﯩﺮﻣﯩﺰﻧﻰ ﻳﯚﻟﻪﭖ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.
ﺑﻪﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﮕﯩﻠﮕﻪﻥ، ﺗﯧﻘﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﺎﻏﺪﯗﺭ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﯞﺍﻱ – ﻣﯘﻣﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﺩﻩ – ﺳﯩﯖﻠﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ، ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ بولمىغان ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﺑﯘﺳﻼﺭﺩﺍ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﮬﺎﺳﯩﺴﻰ ﻳﻮﻗﻘﺎ ﮬﺎﺳﺎ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.
ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ – ﺋﻪﻗﺪﯨﺴﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﺸﯩﭗ، ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﭼﻘﻘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﯧﻨﻰ – ﺳﯩﯖﻠﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﮔﺮﻯ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﻘﺎ ﻧﻪﺳﯩﮭﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ( چۈنكى ئۇنىڭغىمۇ بىر كىم نەسىھەت قىلىشى كېرەك ) .
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.
تۆۋەندە تورداشلار كۆرسىتىپ ئۆتمەكچى بولغان ئىشلارمۇ ھەم قولىمىزدىن كېلىدۇ.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن قېنى سىزمۇ ئۆز قارىشىڭىزدىكى ‹‹ مەن ›› نىڭ جەمئىيەتتىكى رولى ۋە ئۇنىڭ ئىمكانى ھەققىدە ‹‹ مىللەت سۆيەرلەرگە ئىككى كەلىمە سۆز ›› تاشلاڭ!


ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ‹‹ مەن ›› نىڭ قولىدىن نېمە كېلىدۇ ؟

خەتكۈچ: ،

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!19 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. قۇتبىلىك مۇنداق يازغان:

    خەق يۈگەردى سەن مەندە يۈگەرگەندە مادار بارمۇ؟
    يۈگرەپ كەلگەن قېرىنداشقا سەن مەندە دىدار بارمۇ؟
    قوپە سەنمۇ بىللە ماڭ،يۈگەر دىسە ئەزىزەم
    جۈرە ئەمسە دىگەنگە سەن مەندە زۇۋان بارمۇ؟

    ئۆگۈنۈش ئىسىل تۆھپە، ئۆگۈتۈش تېخىمۇ ئىسىل تۆھپە.

  2. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    يازمىنى ئوقۇۋېتىپ يۇلدۇز ئوسمانىۋانىڭ نىمە قىلدۇق ۋەتەن ئۈچۈن دىگەن ناخشىسى ئېسىمگە كەچتى…

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      ئەسلىردىن كېچىپتۇيۇ ، ئەجىبا قۇلاقلىرى تېڭشىمىدىما (مەزكۇر تېمىغا شۇ ناخشا قىستۇرۇلغان ئىدى) ؟!…

      • تەدبىركار مۇنداق يازغان:

        بەگ ئىنىمىز قۇلىقىنى يوپۇرىۋېلىپ قوڭغۇراق ئوغۇرلاۋاتقاندەك قىلىدۇ :lol:
        شەخس بىلەن ئومۇمنىڭ كۈچىنى سېلىشتۇرغاندا شەخسنىڭ كۈچى ھەقىقەتەن ئاجىز، ھەتتا تېخىمۇ زور بولغان بىر توپقا سېلىشتۇرغاندا شەخسنىڭ تەسىر كۈچى تىلغا ئالغۇسىز. بىراق مۇشۇ شەخسلەر بىرلىشىپ مەلۇم توپ ھاسىل قىلغاندا، بەلكىم ۋەتەنگە ۋە دۇنياغا تەسىر كۆرسىتەلىگۈدەك بىر كۈچ ھاسىل قىلالىشى مۇمكىن.

      • ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

        ھەزرىتىم،بۇ…ناخشىنى نەگە تىقىۋەتكەن ئىدىلە؟ كاناينى بولىشىغا ئېچىۋەتتىم،بىرەر ئاۋاز چىقمايدا؟ :oops:

  3. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    بىزدەك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ھەشەمەت قىلماي تىجەشلىك بولۇپ،ئويۇن ئورنىغا بىلىم ئېلىپ ئۆزىمىزنى تەربىيىلەش قولىمىزدىن كېلىدۇ.
    تۈكرۈك چاچرىتىپ قايناشلار ئورنىغا،بېرىپ بىرەر كىتاب ئوقۇپ قۇيۇش قولىمىزدىن كېلىدۇ.

  4. ئىپار مۇنداق يازغان:

    ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﺷﻪﻧﯩﻤﮕﻪ ﺩﺍﻍ ﺗﻪﻛﻜﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩﻩ، ﺋﯩﺸﺘﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ. ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﺎﻟﻼﻏﺎ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ، ﻣﯧﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ، ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﯞﻩﺳﯟﻩﺳﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻼﭖ ، ﺳﺎﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﯩﻨﯩﻐﺎ.
    ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺋﯧﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﺎﭺ – ﺗﻮﻕ ﻗﻮﻳﻤﯩﺪﯨﻢ، ﺋﯚﻳﺪﻩ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﭙ، ﺋﻮﺧﺸﯘﺗﯘﭖ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ، ﻳﯜﺭﯛﺵ – ﺗﯘﺭﯗﺷﯘﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﻗﻮﻟﯘﻣﻨﯩﯔ ﺗﺎﺗﻠﯩﻘﻠﯩﻐﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﺮﯨﻤﻨﻰ ﺧﯘﺵ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ.
    ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻧﺎ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﮬﻪﻡ ﭘﻪﻧﻨﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ، ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ.
    ﺋﯘﻧﯩﯔ 4 ﻳﺎﺷﺘﺎ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﻟﻼﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺳﯜﺭﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺩ ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﺪﯨﻦ، ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﺎﺧﺸﯩﻼﺭﻧﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺋﯧﻴﺘﺎﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻦ، ﻛﯩﺘﺎﺑﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ ﺗﻮﻗﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﺧﯘﺷﺎﻟﻤﻪﻥ…
    ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﺎﻣﻐﺎ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯜﻳﯜﻣﻠﯜﻙ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺭﺍﺯﻯ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ.
    ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﻠﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯧﻴﻨﺎﺗﺎﻡ، ﻗﯧﻴﻨﺎﻧﺎﻣﻨﻰ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﭗ، 1-2 ﺋﺎﻱ ﺑﯧﻘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻧﺎﻣﺪﻩﻙ، ﺩﺍﺩﺍﻣﺪﻩﻛﻼ ﻛﯚﻳﯩﻨﯩﻤﻪﻥ. ﺑﯘﻧﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﺎﻟﻼ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ.
    ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ 8 ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﯩﺶ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﮕﻪ ﮬﻪﺭﮬﺎﻟﺪﺍ ﺭﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ، ﭼﻮﯓ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﻣﯩﺪﯨﻢ.
    ﻣﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ؟ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﯘﭼﯩﻠﯩﻜﻰ ﻳﻮﻕ، ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺩﺩﻯ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﻪﻧﻜﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯜﻥ- ﺗﯩﻨﺴﯩﺰ ﭘﺎﻳﺪﺍ ﻳﺎﺗﻜﯜﺯﻩﻟﯩﺴﻪﻡ ﺩﻩﭖ.

  5. دولقۇن731 مۇنداق يازغان:

    بىرنىڭ كۈچىدىن نىمە كىلەتتى : بىر+بىر› ئىككى بۇلىدۇ شۇ !
    1+1›2

  6. ئۇيغۇر كارخانىچىلار كۇلۇبى (بايلىق تورى )بلوگىنى ئۇلىنىش قىلۋېلىڭ .
    بىلوگ مەنزىلى:http://xjue.blogbus.com

    http://xjue.blogbus.com/files/12292264650.jpg

  7. سۈمەييە مۇنداق يازغان:

    ب بىز ھەممىنى ئۆزۈمىزدىن باشلىشىمىز كېرەك .ئۇ ئانساق قىلدى ، بۇ مۇنداق قىلدى ،دېمەستىن مەن نېمە قىلدىم ؟ھەم نېمە قىلىۋاتىمەن ؟دېگەن سۇئالنى ئاۋۋال ئۆزۈمىزگە قويۇپ ھەممىنى ئ
    ۆزۈمىزدىن باشلايلى ،ھەم باشلامچى بولايلى…

  8. سەھرالىق مۇنداق يازغان:

    مەندەك ئويلايدىغانلارمۇ باركەن ھە، ئاۋۋال ھەممىنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى، شۇنىڭدا مەن نىمە قىلدىم دىگەنگە جاۋاب چىقىدۇ.

  9. ئاتۇش مۇنداق يازغان:

    ۋۋەتەن ئۈچۈنمۇ ، مىللەت ئۈچۈنمۇ ، باشقىلار ئۈچۈنمۇ ھىچ ئىش قىلما. پەقەت ئۆزۈڭ ئۈچۈن، ئائىلەڭ ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن تىرىشىپ ياشىساڭلا، سەن ۋەتەن، مىللەت ۋە باشقىلار ئۈچۈن خىلى زور ئىشلارنى قىلغان بولىسەن …

  10. ۋەيرانى مۇنداق يازغان:

    ھەممە نەرسىنى ئۆزىمىزنى سۆيگەندە سۆيسەك ھەممە بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.بۇرۇن ۋەتەن دىسە نىمە دەيدىغاندۇ دەپ ئويلايتىم.ۋەتەندى ئايرىلىش نىسىپ بولىۋىدى ۋەتەن ئەسلى مەندە بار بولغان ‹ھەممە› نەرسە ئىكەن.

  11. يۈكسەل مۇنداق يازغان:

    ”ﺑﯩﺰ“ ﺑﯩﻠﻪﻥ ”ﻣﻪﻥ“ ﺋﻮﺗﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ

    ﻣﯘﺧﺘﺎﺭ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﻫﻮﻧﺰﺍﺩﻩ

    ”ﺑﯩﺰ“ ﺋﯚﻣﻠﯜﻙ،ﺋﯩﻨﺎﻗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ،ﺋﻪﯓ ﻣﯘﻫﯩﻤﻰ، ﺑﯩﺮ ﻧﯩﻴﻪﺕ،ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻟﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ. ﺋﯘ ﮔﻮﻳﺎ ﺗﯜﻣﻪﻧﻠﯩﮕﻪﻥ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺋﯘ ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻘﺎ،ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯩﻜﻜﻪ ﺗﻪﯞﻩ. ”ﻣﻪﻥ“ ﻧﯩﻴﻪﺕ-ﺋﯩﻘﺒﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﯩﺴﻰ،ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ-ﻣﯘﺳﺘﻪﻛﻜﻪﻣﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ. ﺋﯘ ﮔﻮﻳﺎ ﭼﺎﻙ-ﭼﯧﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺟﺮﺍﭖ،ﻗﯘﻣﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﺎﺷﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﺑﻴﯧﻜﺘﯩﭗ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺕ ”ﺑﯩﺰ“ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﻐﺎ،“ﻣﻪﻥ“ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﻫﯘﻗﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﭗ،ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ.
    ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﻛﯚﭘﻠﯜﻛﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﺎﺯﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﺴﻰ. ﺑﯘ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ”ﻣﻪﻥ“ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﯩﺸﻨﻰ، ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ”ﻣﻪﻥ“ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯩﻨﺪﯗﺭ. ﺑﻪﺯﻯ ﻗﻪﻫﺮﯨﻤﺎﻧﻼﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ،ﺋﻮﺕ ﺩﯦﯖﯩﺰﯨﻐﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺗﯩﺪﯗ،ﺟﺎﭘﺎ ﺋﻮﻛﻴﺎﻧﯩﺪﺍ ﻣﻪﻧﻪ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺷﺎﻥ-ﺷﻪﺭﻩﭖ ﯞﻩ ﺭﺍﻫﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ”ﺑﯩﺰ“ﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﺋﯚﺗﯜﯞﺍﻟﯩﺪﯗ. ﺑﻪﺯﻯ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻣﯘ ﺋﻪﺷﯘ ”ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ“ﮔﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ،ﺭﺍﻫﻪﺕ-ﭘﺎﺭﺍﻏﻪﺗﺘﻪ ”ﺑﯩﺰ“ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ،“ﻣﻪﻥ“ﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺟﺎﭘﺎ-ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺭﻗﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜﯞﯦﻠﯩﭗ،“ﺑﯩﺰ“ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﭘﻪﺭﺩﺍﺯﻻﻳﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ،ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ ﺗﯘﻏﯘﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ”ﻣﻪﻥ“ﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ، ﺑﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ”ﺑﯩﺰ“ﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺧﺌﯘﺷﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﯟﻯ ﺋﯧﯖﻰ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﻧﺎﺩﺍﻧﻼﺭﻏﯘ ﻣﻪﻳﻠﻰ، ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻛﯚﺭﯛﭖ، ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻫﯧﻜﻤﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯨﻠﯩﻨﻰ ﻧﯘﺭﻻﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ”ﺑﯩﺰ“ ﺑﯩﻠﻪﻥ ”ﻣﻪﻥ“ﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﯩﻚ ﭼﻮﯓ-ﭼﻮﯓ ﺯﯨﻴﺎﻥ، ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﺴﯩﺰﻟﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ.
    ”ﻣﻪﻥ“ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﯚﺯ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻰ ”ﺑﯩﺰ“ﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪﺭﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﻫﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﯩﺪﻯ. ﯞﻩﻫﺎﻟﻪﻧﻜﻰ، ”ﺑﯩﺰ“ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﻧﯜﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ”ﻣﻪﻥ“ﻟﻪﺭ ﺋﻪﺳﻠﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻏﺎﭼﻘﺎ، ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯧﺮ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻰ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﺳﯜﭘﻪﺕ ﯞﻩ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻧﻰ ﺑﯘﺯﺩﻯ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ”ﻣﻪﻥ“ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﮔﯘﺭﯗﻫﯟﺍﺯﻟﯩﻖ،ﻳﯘﺭﺗﯟﺍﺯﻟﯩﻖ،ﺋﺎﭺ ﻛﯚﺯﻟﯜﻛﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﺩﻯ. ﺑﯘﻻﺭ ﺟﻪﯕﮕﻰ-ﺟﯩﺪﻩﻝ،ﺋﺎﺯﺍﺏ-ﺋﻮﻗﯘﺑﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ. ﺷﯘﯕﺎ ”ﺑﯩﺰ“ﻧﻪﯓ ﻏﻪﺯﯨﭙﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ،“ﻣﻪﻥ“ﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻤﺎﺱ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
    ”ﺑﯩﺰ“ ﺑﯩﻠﻪﻥ ”ﻣﻪﻥ“ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﺎﺭ. ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﺴﺎ، ﺋﻮﯕﯩﺎﻳﻼ ﻳﺎﺗﻠﯩﺸﯩﺶ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻴﻠﯩﻖ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﯞﻩ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺳﺘﯘﺭ. ﻗﯩﺴﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﻫﺎﻣﺎﻥ ﻳﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻜﺘﯘﺭ. ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﯚﺯ ”ﻣﻪﻥ“ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ”ﺑﯩﺰ“ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻼﻧﺴﯘﻥ ﻫﻪﻡ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺋﺎﻳﺎﻗﻼﺷﺴﯘﻥ! ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻼ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰ، ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﮒـﻟﻠﻪﭖ ﻳﺎﺷﻨﺎﻳﺪﯗ. ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻰ ﻫﯧﺴﺎﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ”ﻣﻪﻥ“ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺭﻭﺷﻪﻧﻜﻰ،ﺋﯘ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﮔﯚﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﮔﯚﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻼ ﻳﻪﻛﻜﻪ-ﻳﯩﮕﺎﻧﯩﺪﯗﺭ. ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﻮﻟﻠﯩﻜﺘﯩﭗ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ”ﻣﻪﻥ“ﻟﯩﻚ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ،ﺭﻭﺷﻪﻧﻜﻰ، ﺋﯘ ﻛﻮﻟﻠﯩﻜﺘﯩﭗ ﺋﻪﺳﻼ ﺭﻭﻧﺎﻕ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

    ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ”ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ“ﻧﯩﯔ 1999-ﻳﯩﻞ 6-ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺘﺘﯩﻜﻰ ”ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ“ ﺑﯧﺘﯩﺪﻩ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.

  12. بۇغرا مۇنداق يازغان:

    توغرا، ھەممەيلەن ئۆزىمىز ئۈچۈن تىرىشساق، ۋەتەننىڭ بىر ھۈجەيرىسىدىكى جانلىنىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن يۇقاردا ئېيتىلغان ئۆزىمىزگە ئائىت ياخشى ئىشلاردىن سىرت، ئومۇمىي مىللەتنىڭ بېشىغا چۈشىۋاتقان كۈلپەت-خىرىسلارغا، خۇشاللىق-بەختلەرگە ھەمداش بولۇش، ھېچ بولمىسا دىققەت قىلىپ خەۋەردار بولۇشمۇ ھەم قولىمىزدىن تامامەن كېلىدۇ. ئارتۇق پۇللىرىمىز بولسا، خەير-ئېھسان قىلىش، ئۈنۈملۈك يوللارغا مەبلەغ سېلىپ، مىللەتكە خىزمەت قىلدۇرۇش قاتارلىق ئومۇمىيەتكە تەۋە ئىشلارمۇ قولىمىزدىن كېلىدۇ. مۇشۇنداق ئىشلارنىمۇ كىچىكىدىن باشلىساق بولىۋېرىدۇ. ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي بۇرچلارنى ئورۇنداشتىن پەخىرلىنىپ، ئۆزىنى ئۆزىدىن تۆۋەنلەرگە سېلىشتۇرۇپ قانائەت بىلەن ئولتۇرماي، تېخىمۇ يۈكسەك ئىنسانىي بۇرچ ــــــــــــــــــــ «ئەلنىڭ سۈيىدە ئېقىپ، ئوتىدا كۆيۈش»مۇ قولىمىزدىن كېلىدۇ.

  13. ئاماندار مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ھارمىغايسىز، ئەجرىڭىزگە بارىكاللا. مۇمكىن بولسا تۇغ ئادرىسىڭىزنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بىتىڭىزنى بلوگىمنىڭ سۈرەتلىك ئۇلىنىشىغا قىتىۋالسام بوپتىكەن.رەخمەت!

  14. ئالىپ مۇنداق يازغان:

    مىللەت،ۋەتەن دەپ سۆزلەۋەرمەي،قىلغىدەك ياخشى ئىشلار بولسا ( بىلىم ئىگەللەش،ساۋاپ تېپىش …دىگەندەك) قىلمايلىما!!!!

  15. U_LH_E مۇنداق يازغان:

    تۈنۈگۈنلەردە دېگەن سۇئاللارغا جاۋاپ تاپالماي ،قايمۇقۇپ،تەمتىرەپ،گاڭگىراپ،گىلىمدىن لوقما،تىلىمدىن يۇتۇم ئۆتكۈزگۈم كەلمەي(ئىشلىمەي تۇرۇپ چىشلەشكە يۇز كىلەلمەيدىغاندەك،ئاتا-ئانام ۋە خەلقىمنىڭ ماڭا بەرگەن نەرسىلىرى ئىسراپ بولۇپ كىتىپ بارغاندەك ھېسىيات ئىچىدە)،كېچىدە كىرپىك قاقماي دېگەندەك قىلىپ ئاددىيراق،نادانراق بولسىمۇ،ئۆزۈمنى قانائەتلەندۈرگىدەك جاۋاپ ھىسابى كۆز قاراشقا ئېرىشتىم.تۆۋەندە كۆز قارىشىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچى،ئەگەر مېنىڭ ئۇشبۇ كالتا ئەقىل قاراشلىرىمغا بولغان تەنقىدلىرىڭلار ۋە تولۇقلىماڭلار بولسا شۇ ئارقىلىق مەن كۆز قارىشىمنى مۇكەممەللەشتۇرىۋالسام دېگەن ئۈمىدتىمەن.
    ئادەم ياشايدۇ،بۇ ياراتقۇچىنىڭ ئىرادىسى،ھەم يارالغۇچىنىڭ مەجبۇرىيىتى.بىراق يارالغۇچى ھەرگىزمۇ پەقەت ۋە پەقەت ياشاش ئۈچۈن ياشىسا ئۇنداقتا بۇ ياراتقۇچىنىڭ يارالغۇچىنى يارىتىشتىكى مەقسىتىگە مۇخالىپ بولغان بولىدۇ.يارالغۇچى بولغان بىزلەر چوقۇم ياراتقۇچى بىزنى نېمە ئۈچۈن ياراتتى مەن قانداق قىلىپ ياشىسام ياراتقۇچىنى خۇشال قىلالايمەن(مەن قانداق قىلسام ماڭا يۇقىرى مەنسەپ بەرگەن باشلىقىمنى خۇشال قىلالايمەن دېگەندەك،چۈنكى ئادەم بولۇپ يارىلىش ياراتقۇچىنىڭ بىزگە قىلغان چەكسىز ھېممىتى سەۋەبىدىندۇر)دېگەندەك سۇئاللارنى ھايات سەپىرىمىزگە يولداش،بەلكى يول كۆرسەتكۈچى چىراق قىلىپ،ئاشۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابى ئارقىلىق ئۆزىمىزگە يۆلىنىش بەلگىلىشىمىز ۋە شۇ يۆلىنىشتە توختىماي تىرىشىشىمىز لازىم.مېنىڭچە،مېنىڭ ياشاش نىشانىم ئۆزۈمنىڭ ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىمنىڭ(كەلگۈسىدىكى بالا-چاقىلىرىمنىڭ)،دوست-بۇرادەرلىرىمنىڭ خۇشال،بەخىتلىك ياشىشى ئۈچۈن،شۇلاردىن ئېشىنغاندا،مىللىتىمنىڭ جاھان ئەھلىگە ئايان بولىشى ۋە قايتىدىن قەد كۆتۈرىشى ئۈچۈندۇر.بۇلار گەرچە شەخسىيەتچىلىك بىلەن بىرىلگەن جاۋاب بولسىمۇ،لېكىن مەن بۇ جاۋابنى ھەقىقەتەن يۈرۈكىمدىن سۈزۈپ چىققان.
    ئەمدى مەن ئاشۇنداق ئۆزۈمنىڭ ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىمنىڭ(كەلگۈسىدىكى بالا-چاقىلىرىمنىڭ)،دوست-بۇرادەرلىرىمنىڭ خۇشال،بەخىتلىك ياشىشى ئۈچۈن چوقۇم بەلگىلىك ئىقتىسادىي جۇغلانمىغا،بىلىم جۇغلانمىسىغا ئېرىشىشىم كېرەك.شۇنىڭ ئۈچۈن مەن چوقۇم ئۆز كەسپىمنى ۋە كەسپىمگە ئالاقىدار باشقا ھەر تۈرلۈك بىلىملەرنى ياخشى ئوقۇپ،ئۆزۈمنى،مىللىتىمنى باشقىلارغا تونۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا كەلگۈسۈمگە ئاساس سېلىشىم كېرەك،چۈنكى كەلگۈسى ھەقىقەتەن بىلىملىكلەرنىڭكىدۇر. بىلىم كاپىتالى ھەقىقەتەن ئىقتىسادىي كاپىتالنىڭ ئاساسىدۇر.مەن پەقەت شۇ يول ئارقىلىقلا مىللىتىمنىڭ جاھان ئەھلىگە ئايان بولىشى ۋە قايتىدىن قەد كۆتۈرىشى ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلالىغۇدەك كۈچ -قۇدرەتكە ئېگە بولىمەن.
    مەنېڭچە يۇقارقىدەك قىلسام ئۆزۈمگە يەنە ئازراق يۈز كىلەلمەيمەن،چۈنكى مەن پەقەت كەسپىمنى ياخشى ئۆگىنىپ ئۆزۈم قىزىقىدىغان ساھەلەردىن يىراقتا قالىمەن.شۇڭا،مەن يەنە ئۆزۈم قىزىقىدىغان ئەمما كەسپىم بولمىغان نەرسىلەرنىمۇ ياخشى ئۆگىنىپ،ئۆگەنگەندىمۇ باشقىلارغا ماۋۇنى ئۆگەنگەن ئېدىم دەپ كۆرسىتەلىگۈدەك ئۆگىنىشىم كېرەك.مەن شۇ ئارقىلىق ئۆزۈمنى تېخىمۇ خۇشال قىلدۇرالايمەن،ھەم باشقىلارنى ئۆزۈمگە ھەم مىللىتىمگە تېخىمۇ قايىل قىلدۇرالايمەن.
    ئەمدى مىللىتىمنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن مېنىڭچە ئەڭ ئاۋۋال پۇل بولىشى،ئاندىن كەسپىي بىلىملەردە ھەقىقىي كامالەتكە يەتكەن كەسىپ ئەھلىلىرى بولىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن. شۇ ئۈچۈن مەن ئۆز كەسپىمنى ھەقىقەتەن ياخشى ئۆگىنىپ بىر باشقا ئېلىپ چىقىشقا ئېنتىلىمەن،ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن تېرىشىمەن.
    مانا بۇلار مېنىڭ ئۆز-ئۆزۈمدىن سورىغان سۇئاللىرىمنىڭ جاۋابىدۇر.

ئاماندار 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟