torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

جۇڭگودا قۇش زۇكىمى قايتا باش كۆتۈرەمدۇ نېمە؟

جۇڭگودا قۇش زۇكىمى قايتا باش كۆتۈرەمدۇ نېمە؟

شىنخۇا تورىنىڭ بۈگۈنكى ( 19 – يانىۋار ) خەۋرىگە كۆرە، يېقىندىن بېرى بېيجىڭ، شەنشى، شەندوڭ ، خۇنەن قاتارلىق جايلاردا 1 نەپەردىن كىشىنىڭ ئادەملەردە بولىدىغان قۇش زۇكىمىغا گىرىپدار بولغانلىقى مەلۇم بولغان. مەملىكەتلىك يۇقۇملۇق زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى 舒跃龙 مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، جۇڭگودا ئادەملەردە بولىدىغان قۇش زۇكىمىغا گىرىپدار بولۇش كېسەللىك مېساللىرى يەنە داۋاملىق كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئەمما، ھازىرچە كەڭ دائىرىلىك پارتلاش خاراكتېرلىك يۇقۇش يۈزلىنىشى كۆرۈلگىنى يوق، دېگەن.
ستاتىستىكىلىق ماتېرىياللادىن قارىغاندا، جۇڭگودىكى ئادەملەردە بولىدىغان قۇش زۇكىمىغا گىرىپدار بولغان كېسەللىك مېساللىرىنىڭ %70 تى قىش – ئەتىياز مەزگىلىدە كۆرۈلگەن بولۇپ، كۆپىنچە بىمارلارنىڭ قۇش زۇكىمىغا گىرىپدار بولغان تاپ ( ئۆلگەن ) قۇشلار بىلەن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئۇچراشقانلىق تارىخى بار ئىكەن.
دۇنيا ۋە جۇڭگودىكى ئادەملەردە بولىدىغان قۇش زۇكىمىنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، جۇڭگودا قۇش زۇكىمى قايتا باش كۆتۈرۈپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ. بىز تورداشلارنىڭ قۇش زۇكىمى ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

يۇقۇملۇق قۇش زۇكىمى يۇققانلاردا قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ؟

ئىگىلىنىشچە، قۇش زۇكىمى ئادەمگە يۇقسا، ئۇنىڭ يوشۇرۇن دەۋرى ئادەتتە بىر كۈندىن يەتتە كۈنگىچە بولىدىكەن، دەسلەپكى كېسەلللىك ئالامەتلىرى تارقىلىشچان زۇكامنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىكەن.

1. ئاساسلىقى قىزىش، بەدەن تېمىپېراتۇرىسى بىر كۈندىن يەتتە كۈنەىچە ئىزچىل 39سېلتسىي گرادوسقا چىقىش، بۇرنىدىن سۇ ئېقىش، يۆتىلىش، بوغۇزى ئاغرىش، پۈتۈن بەدەن تېلىپ ئاغرىش قاتارلىقلار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

2. بەزىلەرنىڭ كۆڭلى ئېلىشىدىكەن، قورسىقى ئاغرىيدىكەن، ئىچى سۈرىدىكەن، بىرىكتۈرگۈچى پەردىسى ياللۇغلىنىدىكەن.

3.يەنە بەزىلەردە كېسەل تېز ئېغىرلىشىپ، ئېغىز بوشلۇقى شىلىمشىق پەردىسى، پۇت – قولى، كۆكرەك قىسىمىنىڭ تېرىسىدە قان ئويۇپ قالىدىكەن ھەمدە بۇ قانلار تېزلا دائىرە پەيدا قىلىدىكەن.

4.ئۆپكىسىدىكى ياللۇغ ئېغىرلىشىپ، نەپەستە قىيلىنىدىكەن، ئۆپكىسى قانايدىكەن، كۆكرەك بوشلۇقىغا سۇيۇقلۇق يىغىلىپ قالىدىكەن.

5. يۈرىكى، بۆرىكى ئاجىزلايدىكەن، ئادەم يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك شۈك بولۇپ، ئاخىرى جان ئۈزىدىكەن.

بۇ خىل زۇكام ئادەمگە ئاساسلىقى توخۇ، ئۆردەك قاتارلىق ئۆي قۇشلىرىدىن يۇقىدىكەن. بۇلاردىن باشقا، يەنە كېسەل قۇشلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاجراتمىلىرى ياكى ماياقلىرىدىن بۇلغانغان يەم – خەشەك، تۇخۇم ساندۇقى، تۇخۇم، توخۇ تۆرەلمىسى قاتارلىقلاردىنمۇ يۇقىدىكەن. ۋىرۇس بار پەي ۋە ماياق ئاساسلىق يۇقتۇرغۇچى ماددا ئىكەن.

يۈكسەل بلوگ تەۋسىيىسى :

1. ئىمكان بار پىششىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش ، بولۇپمۇ توخۇ گۆشى، توخۇم قاتارلىقلارنى چوقۇم تولۇق پىشقاندىن كېيىن ئىستېمال قىلىش. توخۇ گۈشىنى پىشۇرغاندا گۆش ئارىسىدا قىزىللىق ياكى قاننىڭ بار يوقلىقىغا دىققەت قىلىش ؛ تۇخۇمنى چوقۇم تۇخۇم ئېقى ۋە سېرىقى تولۇق قاتقانغىچە پىشۇرۇش كېرەك.

2. دېزېنفسيىگە سەل قارىماسلىق ۋە قۇشلار بىلەن ئۇچراشقاندا بەدەندە زەخىمە ئېغىزى بولماسلىققا دىققەت قىلىش كېرەك.

3. ئىمكان بار قۇشلار بىلەن ئۇچراشماسلىق. توخۇ گۆشى ياكى تۇخۇم سېتىۋالماچقى بولغاندا ، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىرىنى ئېلىش ياكى تەكشۈرۈش ئۆتكىلى چىڭ تۇتۇلىدىغان شارائىتى ياخشى مەخسۇس بازارلاردىن سېتىۋېلىش كېرەك.

4. ئۆيىدە توخۇ ، ئۆردەك باقىدىغانلار بۇ قۇشلارنىڭ تاشقى مۇھىت ۋە باشقا قۇشلار بىلەن ئۇچراشماسلىقىغا دىققەت قىلىش ۋە ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتىش كېرەك.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: جۇڭگودا قۇش زۇكىمى قايتا باش كۆتۈرەمدۇ نېمە؟

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!2 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. Yuksel مۇنداق يازغان:

    ئۇرۇمچىدە قۇش زۇكۇمى بايقالدى

    ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سەھيە نازارىتى مۇشۇ ئاينىڭ 24 كۇنى ئۇرۇمچى شەھرىدە بىر نەپەر قۇش زۇكۇمى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ بايقالغانلىغنى ئېلان قلغان.
    يۇقۇملانغۇچىنىڭ فامىلىسى جاڭ xx ، ئايال 31 ياش ئولتۇرشلۇق جايى ئۇرۇمچى تۇدۇنخابا رايۇنىدا بولوپ ،2009-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۇنى كىسلى بايقىلىپ دوختۇرخانىغا ئېلپ بېرلغان ،لىكن كىسەل ئەھۋالى ئېغرلىشپ كەتكەچكە قۇتقۇزۇش ئۇنۇم بەرمەي 1-ئاينىڭ24-كۇنى كىچە سائەت 4دىن 40 مىنۇت ئوتكەندە ئولوپ كەتكەن.
    1-ئاينىڭ22- كۇنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق كىسەللكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتۇرۇل قىلىش مەركىزى بىمارنىڭ تىنىدن كىسەللك ئەۋرىشكسنى ئېلىپ تەكشۇرگەندە كىسەلنىڭ يۇقۇملۇق قۇش زۇكۇمى ۋىروسىH5N1 بولوپ چىققان.
    1-ئاينىڭ24- كۇنى جۇڭگۇ كىسەللكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتۇرۇل قىلىش مەركىزى بىمارنىڭ نەپەس يولىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۇرگەندە كىسەلنىڭ يۇقۇملۇق قۇش زۇكۇمى ۋىروسىH5N1 بولوپ چىققان، مۇتەخىسسلەر نىڭ تەكشۇرىشچە بىمار كىسىلى قوزغۇلۇشنىڭ ئالدىدا تىرىك ھايۋاناتلار سودا بازىرغا بارغانلىق تارىخى بار ئىكەن.
    كىسەل بايقالغاندىن كىيىن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق ھوكومىتىنىڭ يۇكسەك دىقىتىنى قوزغاپ
    < <كىسەللەكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئالدىن پىلانى >> بويىچە ئىش كوروپ تەدىبىر قوللاندى ،ھەمدە بىمار بىلەن ئۇچراش كىشلەرنى تىببى جەھەتتە قاتتىق كوزەتتى ھەمدە تەكشۇرۇش ئېلىپ باردى ،ھازىر غا قەدەر كوزىتىلگەنلەر ئىچىدە تېىخى گۇمانلىق كىسەللىك ئالامەتلىرى بايقالمىدى .

    http://www.kompas.cn

    مەنبەسىhttp://news.qq.com/a/20090124/00 … .1833_SvrPush_Url.0

  2. Yuksel مۇنداق يازغان:

    شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2 – ئاينىڭ 1 – كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، 2009 – يىلى 1 – ئايىدا جۇڭگودا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا جەمئىي 8 نەپەر كىشىنىڭ قۇش زۇكۇمىغا گىرىپدار بولغانلىقى ئېنىقلانغانلىقى ۋە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 5 نەپىرىنىڭ قازا قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، ئومۇمىي يۇقۇملىنىش سانى ئۆتكەن يىلى مۇشۇ مەزگىلدىكىدىن 3 نەپەر ئارتۇق ئىكەن.

Yuksel 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟