نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > يەتتە ئىقلىمدا
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

Buffett ۋە Gates نىڭ جۇڭگولۇق بايلارغا گېپى ئۆتەرمۇ ؟

كۈنىمىزدە، نۇرغۇنلىغان جۇڭگولۇق بايلار قەدىمىي پادىشاھلارنىڭ ‹‹ ئەۋلادتىن ئەۋلادغا مىراس قالدۇرۇش ›› ئۇلۇغ ماھارىتىنى زور ئىشتىياق بىلەن ئۆگىنىپ، تۇشمۇ – تۇشتىن تاپقان تەرگىنىنى چەتئەل بانكا – شىركەتلىرىگە يۆتكەپ، ياراتقان ئىگىلىكىنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد مەڭگۈ قۇرۇماي ياشناپ، راۋاجلىنىپ تۇرۇشىنى ئۇلۇغ تەڭرىدىن تىلەپ تۇرۇشقانلىرىدا، جاھانگىرلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇۋىسى سانىلىۋاتقان ئامېرىكىدىكى بايلار ئۆز ئەۋلادلىرىنى مىسلىسىز قايغۇغا سالىدىغان ‹‹ ئەخمىقانە ›› بىر ئىشنى قىلىشنى _ ئۆز بايلىقىنى جەمئىيەت خەيرى – ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىئانە قىلىشنى قارار قىلىشتى.
بۇ ‹‹ ئەخمىقانە ئىش ›› نىڭ باشلامچىلىرى جۇڭگولۇقلار ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ‹‹ بايلىق ئىلاھى ›› دەپ تەرىپلىشىپ كېلىۋاتقان پاي چېك شاھى Warren Buffett ۋە Microsoft نڭ ئاتىسى Bill Gates ئىدى. ئۇلار بۇ ئىشتىكى سەمىمىيتىنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە، 2006 – يىلىلا Buffett ئۆز بايلىق – بىساتىنىڭ %99 نى Gates ۋە ئۇنڭ ئايالىنىڭ نامىغا بېغىشلانغان خەيرى – ساخاۋەت فوندى ‹‹ The Bill & Melinda Gates Foundation ›› گە ۋەباشقا خەيرى ساخاۋەت ئورۇنلىرىغا ئىئانە قىلىۋەتكەن ئىدى. Gates مۇ ھازىرغىچە پۈتۈن بايلىقىنىڭ يېرىمىنى ( تەخمىنەن 28 مىليارد دوللار ) ئۆز نامىدىكى فوندقا ئىشلىتىپ بولدى. ئۇنىڭ مەقسىتى بولسا ئاخىرقى ھېسابتا بارلىق بايلىقىنى ( تەخمىنەن 53 مىليارد دوللار ) خەيرى – ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىۋېتىش، ئۆزى ۋە پەرزەنتلىرى ئۈچۈن $1 مۇ قالدۇرماسلىق.
تاراتقۇلاردىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، Buffett ۋە Gates ئامېرىكىدىكى مەشھۇر بايلارنى كەم دېگەندە ئۆزىنىڭ يېرىم بايلىقىنى خەيرى ساخاۋەت ئىشلىرىغا سەرپ قىلىشقا قايىل قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل 6 – ئايدىن باشلاپ جەمئىي 70 نەپەر ( ئامېرىكىدىكى مەشھۇر بايلارنىڭ %20 ) باي بىلەن سۆھبەتلەشكەن ھەمدە 2 ئاي ۋاقىت ئىچىدە 40 نەپەر باينىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، بۇلار مەخسۇس بىر ئەھدىنامىگە ئىمزا قويۇشقان.
تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان Buffett ‹‹ بۇ ھەرگىزمۇ باشقىلارنى ئەخلاق جەھەتتىن گۆرۈگە ئېلىش ئەمەس، بىز تېخى Forbes قاتارغا تىزغان كۆپلىگەن بايلار بىلەن ئالاقىلىشالمىدۇق. بەزىلەر بۇ پىلانمىزغا قاتنىشىشنى رەت قىلدى. ئەمما، بىز ھېلىھەم ئۇلارنى تاشلىۋەتمەيمىز. چۈنكى بىز ھەربىر ئۇلۇغ زاتنىڭمۇ كەچۈرمىشى بار، ھەر بىر گۇناھكارنىڭمۇ كەلگۈسى بار ( ئازماس ئادەم يوق، گۇناھكارغا تۆۋە پۇرسىتى بار ) ، دېگەن ھېكمەتكە چىن پۈتىمىز … ›› دەيدۇ.
ئامېرىكىدىكى بايلارنى سەپەرۋەر قىلىش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى پاي ئوقىنى جايدا ئاتقان Buffett ۋە Gates ئەمدى ئۆزلىرىنىڭ دۇنيادىكى باشقا مەملىكەتلەردىكى بايلارغا نەزەر تاشلاۋاتقانلىقىنى، دۇنيادىكى بارلىق بايلارنى ئۇشبۇ پىلانغا چاقىرىق قىلىشقا ھەرىكەت قىلىشماقچى ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈشتى ۋە سۆز ئارىسىدا جۇڭگودىكى بايلارنىمۇ ئۇنتۇپ قېلىشمايدىغانلىقىنى قىستۇرۇپ ئۆتۈشكەن Buffett ۋە Gates ‹‹ باشقا مەملىكەتلەردىمۇ مۇشۇنداق بىر ھەرىكەتنىڭ ئەۋج ئېلىشىنى قارشى ئالىمىز›› دېيىشىدۇ.
سىلەرنىڭچە بۇ ئىشتا Buffett ۋە Gates نىڭ جۇڭگولۇق بايلارغا گېپى ئۆتەرمۇ؟

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: Buffett ۋە Gates نىڭ جۇڭگولۇق بايلارغا گېپى ئۆتەرمۇ ؟

خەتكۈچ: ، ،

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!6 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    ئاۋۇ شياڭگاڭلىق باي(لى جياچىڭ؟)دىن باشقىسىغا ۋاي تاڭەي جۇمۇ!…

  2. دىلمۇرات مۇنداق يازغان:

    مېنڭچە ئۆتمەيدۇ، ئەۋلاتتىن ئەۋلاتتقا مىراس قالدۇرۇش بىزنىڭ ئۆرۈپ ئادىتىمىز، ئۆرۈپ ئادەت دىگەننى مەيلى ئۇ پايدىلىق بولسۇن ياكى زىيانلىق بولسۇن مەڭگۈ ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان نەرسە تۇرسا………..

  3. سەھرا مۇنداق يازغان:

    قانداقلا بولمىسۇن ئۆز نىشانى ئۈچۈن كۈرەشقىلىپ، ۋۇجۇتقا چىقارغانلار قەھرىمان،دۇنيادا ھەممە نەرسىنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ، بىرسى يەكلىسە يەنە بىرسى تەھھىقلەيدۇ.
    يۈكسەل ئەپەندىگە: بلوگنىڭ خېتى ئوت تۈلكىدە تازا نورمال ئەمەس، مەن بىر كودنى تەۋسىيە قىلاي شۇنى قوشۇپ سىناپ باقامدىلا؟
    code:
    @font-face{
    font-family:UKIJ Esliye;
    font-weight:normal;
    src:url(http:palani.eot);
    src : local( ‘UKIJ Esliye’ ), url(palani.ttf) format( ”TrueType“ );
    }

  4. بوھران مۇنداق يازغان:

    مېنىڭچە جۇڭگودىمۇ خەيرى ساخاۋەت ئىشلىرىغا كۈچ چىقىرىشنى خالايدىغان پۇلدارلار خېلى بار،گەرچە ئۇلار بېل گەيتىس قاتارلىق دۇنياۋى مىليونىرلاردەك ئۆزىنىڭ بارلىق بايلىقىنى سەرپ قىلالمىسىمۇ. مەسىلەن بىز بىلىدىغان بايلاردىن كىنو چولپىنى لى ليەنجيې، ئۇ 2006-يىلىدىن باشلاپ جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ بىر فوندى(壹基金)قۇرغان، ھازىرغىچە توپلانغان ئىئانە پۇل 240 مىليوندىن ئاشقان، مۇشۇ قېتىم گەنسۇ جوۋچۈ(甘肃舟曲) دە يۈز بەرگەن شېغىل تاشقىنىغىمۇ بىرىنچى تۈركۈمدە 200مىڭ يۈەن ئىئانە قىلغان.كىنو چولپىنى چېڭ لوڭمۇ خەيرى ساخاۋەت ئىشلىرىنى تەشكىللەيدۇ، ئۆزىمۇ باشقىلارنىڭ مۇشۇنداق پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ.ئۇنىڭ يەنە2005-يىلى شىنجاڭ ئاۋات ناھىيەسىدە ئۆز نامى بىلەن بىر ئۈمۈد باشلانغۇچ مەكتىپىمۇ قۇرغان. ئەگەر جۇڭگو قىزىل كرېست فوندى جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىگە كىرىپ باقساڭلار نۇرغۇنلىغان كارخانىچى ھەم بايلارنىڭ توختىماستىن خەيرى ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىلەر. ئەلۋەتتە ئۇلارمۇ بۇ ئارقىلىق ئۆز كارخانىسى ياكى شەخسىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئوبرازىنى تىكلەشنى ئويلىشىدىغاندۇ، لېكىن نەتىجىدە ئاشۇ ئاجىز كىشىلەر، ياردەمگە موھتاج كىشىلەر نەپكە ئېرىشىدۇ.شۇنداق بولسىلا مەيلى ئەمەسمۇ؟!
    مېنىڭچە جۇڭگو ھازىر ئىقتىسادى كۈچ جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىۋاتىدۇ، دۇنياۋى مىليونېرلار قاتارىدا جۇڭگولۇق بايلارنىڭ ئىگلىگەن نىسبىتىمۇ ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ھالەتتە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ئېڭىنىڭ بارا- بارا ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك،ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە خەيرى ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان بايلىرىمىز تېخىمۇ كۆپىيىپ بارغۇسى.

بوھران 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟