torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئۇزۇقلۇق-يۇقۇملانغۇچىلار ئۈچۈن داۋالاشتىنمۇ مۇھىم

ئادەم ئەيدىز ۋىرۇس(HIV)ىدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئەيدىز ۋىرۇسى توختىماستىن ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنى بۇزۇپ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى تۆۋەنلىتىدۇ ۋە شۇ پۇرسەتتە باشقا كېسەللەردىن يۇقۇملىنىپ، يۇقۇملانغۇچىنى يىقىتىدۇ. بۇ ھەر بىر ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى بېسىپ ئۆتىدىغان مۇقەررەر جەريان. بىز بۇ جەرياننىڭ يېتىپ كېلىشىنى توسۇپ قالالمايمىز ئەمما كېچىكتۈرەلەيمىز. ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش قاتارلىق بىر قاتار داۋالاشلاردىن باشقا، يەنە ئۇزۇقلۇققا ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق كېسەللىك تەرەققىياتىنى ئاستىلاتقىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ دەسلەپكى مەزگىلدىكى يۇقۇملانغۇچىلارغا نىسبەتەن ئۇزۇقلۇقنىڭ رولى داۋالاشقا ئوخشاشلا مۇھىم.

يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسى توختىماستىن ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) بىلەن كۈرەش قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ تېنىدىكى ئۇزۇقلۇق ۋە ئېنرگىيىنىڭ خورىشى يۇقۇملانمىغانلارغا قارىغاندا تېز ھەم كۆپ بولىدۇ، شۇڭا يۇقۇملانغۇچى چوقۇم ياخشى يىيىشى، ئوزۇقلۇق قىممىتى مول يېمەكلىكلەرنى يىيىشى كېرەك. يەنە ھەر خىل ئۇزۇقلۇق تەركىپلەر تەڭپۇڭ بولۇشى كېرەك.شۇندىلا يۇقۇملانغۇچى باشقا كېسەللەردىن ئاسان يۇقۇملانمايدۇ ۋە تەن سالامەتلىكىنى ساقلاپ تۇرالايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر نەچچە مۇھىم نۇقتا چوقۇم ئېسىڭىزدە بولسۇن:

ئۇزۇقلۇقىڭىز يېتەرلىك ھەم تەڭپۇڭ بولسۇن

ئاشلىق تۈرىدىكىلەر، يەنى بۇغداي، قوناق، گۈرۈچ ۋە پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى كۈندە ئاز- ئازدىن كۆپ قېتىم  يەپ بېرىڭ. بۇلار ئاساسلىق كاربونھىدىرىتلار بولۇپ، بەدەندە ساقلىنىپ، كېرەكلىك ئاقسىل ۋە ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. يۇقۇملانغۇچىنىڭ يۇقۇملانمىغان ئادەمگە قارىغاندا بۇلارغا بولغان ئېھتىياجى يۇقىرى بولىدۇ،شۇڭا كۈندە ئاز دىگەندە تۆت ۋاق مۇشۇلاردىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنى يىيىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

تەركىۋىدە ئاقسىل كۆپ بولغان يېمەكلىكلەر، يەنى ھايۋانات ۋە قۇش گۆشى ، تۇخۇم، بېلىق، دۇفۇ ۋە بارلىق پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەڭ. چۈنكى بەدەنكى ھۈجەيرىلەر ( ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسىمۇ) ئاقسىلدىن تۈزۈلىدۇ، شۇڭا يۇقۇملانغۇچىنىڭ تېنىدىكى ئاقسىلنىڭ خورىشى يۇقۇملانمىغان ئادەمگە قارىغاندا تېز بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقۇملانغۇچى يۇقۇملانمىغان ئادەمگە نىسبەتەن ئاقسىللىق يېمەكلىكنى ئىككى ھەسسە كۆپ ئىستىمال قىلىشى كېرەك.

قۇۋۋەتلىك يىدىم دەپ كۈندە كاۋاپ، پولو ۋە لەغمەن يەۋەرسەكمۇ بولمايدۇ، ئادەم تېنى يەنە ۋىتامىن ۋە مېنىرالنى ماددىلارغا موھتاج. بولۇپمۇ ۋىتامىنA،B6،B12،C، تۆمۈر،سىنىك ۋە سېلېن قاتارلىقلارنىڭ يۇقۇملىنشقا قارشى تۇرۇش رولى بار. بۇ ئېلېمېنتلار كۆپىنچە پىششىق ياكى خام سەي-كۆكتات،مېۋە-چىۋە،مېۋە سۈيى قاتارلىقلاردا كۆپ بولىدۇ. ھەر بىر خىل كۆكتاتنىڭ تەركىۋىدە مەلۈم خىل ماددا كۆپرەك بولىدۇ، شۇڭا تاماقتا كۆكتات تاللايدىغان ئادىتىڭىز بولسا دەرھال ئۆزگەرتىڭ، بولسا ھەر ۋاق تامىقىڭىز كۆكتات ۋە مېۋىدىن ئايرىلمىسۇن.شارائىت بولسا قوشۇمچە قىلىپ دورىخانىلاردا سېتىلىدىغان ۋىتامىن بىرىكمە تابلىتكىلىرىنى يەپ بەرسە، ھەر خىل مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ تولۇق سۈمۈرۈلىشىگە ياردىمى بولىدۇ.

سۈتتىن ياسالغان يېمەكلىكلەرمۇ ئاقسىل،ۋىتامىن ۋە كالتىسينىڭ مۇھىم مەنبەسى. يۇقۇملانغۇچىلارغا بولسا كۈندە ئىككى قېتىم سۈت،قايماق،سارماي ياكى قېتىق ئىستىمال قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

يۇقۇملانغۇچىلار ئېغىر بوشلۇقىغا جاراھەت چىقىش، ئىچى سۈرۈش ياكى ئاغرىق قاتارلىق سەۋەبلەردىن كۆپىنچە تاماقتىن چىقىپ قالىدۇ ياكى قورسىقى ئاچقاننى ئانچە ھېس قىلمايدۇ. شۇڭا ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم تاماق يەپ بەرسە بەدەننىڭ يېتەرلىك ئۇزۇقلۇققا ئېرىشىشىگە پايدىسى بار.

بەك مايلىق، ئاچچىق ۋە دورا-دەرمەكلىك يىمەكلىكلەرنى يىيىشتىن ساقلانسىڭىز، ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىشىغا ياردىمى بار.

ئىشتىھانى ئاچىدىغان بەزىبىر يىمەكلىك ياكى ئۆسۈملۈك  دورىلار، مىللى تىبابەت دورىلىرىنى سىناپ بېقىشقىمۇ بولىدۇ.

يېمەكلىك تازىلىقىغا دىققەت قىلىڭ

تاماق تەييارلىغۇچى بولسۇن ياكى يېگۈچى بولسۇن، تاماق تەييارلىغاندا، يىگەندە ئالدى بىلەن چوقۇم قولنى يۇيۇش كېرەك،  چۈنكى تاماقتا مىكروپ بولسا باشقىلار ھېچنىمە بولمىغان ھالەتتىمۇ يۇقۇملانغۇچىدا ئاسانلا ئىچى سۈرۈش كېلىپ چىقىدۇ.

تاماق تەييارلاش جەريانىدىمۇ ئەمبەل، پىچاق قاتارلىق ئەسۋاپلارنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، خام ۋە پىششىق تاماق ئايرىلىش، سەي-كۆكتاتلارنىمۇ بەكرەك يۇيۇش كېرەك.

پىششىق يېمەكلىكلەرنى ئوبدان ساقلاش لازىم. يۇقۇملانغۇچى توڭلاتقۇدا ساقلانمىغان ياكى پاكىزە بولمىغان يېمەكلىكلەرنى يىيىشكە بولمايدۇ. توڭلاتقۇدا ساقلىغاندىمۇ يېمەكلىكلەرنى تۈرگە ئايرىپ، قاچىنىڭ ئۈستىنى نىپىز سۇلياۋ بىلەن مەھكەم ئوراپ ساقلاش لازىم، ئەمما شارائىت بولسا بىر كېچە توڭلاتقۇدا تۇرۇپ قالغان پىششىق تاماقنى يۇقۇملانغۇچى يېمىگىنى ئەڭ ياخشى.

چوقۇم قايناقسۇ ياكى سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ ئىچىش، شارائىت بولسا قۇتىلىق مېنىرال سۇ ئىچىش لازىم. چۈنكى تۇرۇبا سۈيى ۋە قۇدۇق سۈيى يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ئىمكان بار سىرتتا ئاشخانىلاردا تاماق يىمەسلىك كېرەك. يىيىش توغرا كەلسە بەكرەك تاللاپ تاماق تەييارلاش ئۆيى ۋە زالىنىڭ تازىلىقى ياخشىراق ئاشخانىنى تېپىپ يىيىش كېرەك.

تاماق يېيىشنىمۇ بىر خىل ھوزۇرغا ئايلاندۇرۇڭ

ئەمەلىيەتتە تاماق يەۋاتقاندا ئەتراپتىكى مۇھىت ۋە كەيپىياتمۇ ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن مەلۈم كېسەل ياكى دورىنىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن تاماق يېيىش جەريانىدا تاماقتىن كۆڭلىڭىز ئاينىيدىغان، مەلۇم يېرىڭىز ئاغرىيدىغان ياكى تاماق باشقىچە تېتىيدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىشى مۇمكىن. مۇشۇنداق چاغدا يېقىن ئادىمىڭىز بىلەن بىللە كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇپ تاماق يېسىڭىز بۇلارنى ئۇنتۇپ تاماقتىن بەھىرلىنەلەيسىز. يەنە سىز تاماق يەۋاتقان ئۈستەل، داستىخان ئۆزگىچە ۋە ئىنتايىن پاكىزە بولسا، قاچا- قۇچىلىرىڭىز پارقىراپ تۇرسا، يېنىڭىزدىكى ياڭراتقۇدىن سىز ياخشى كۆرىدىغان مۇزىكا بوش ياڭراپ تۇرسا، ياخشى كۆرىدىغان ئادەملىرىڭىز يېنىڭىزدا ھەمرا بولسا……… ئىشىنىمەنكى،ئالدىڭىزدىكى تاماقنى بىلىپ بىلمەي پاكىزە يەپ بولالايسىز.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ئۇزۇقلۇق-يۇقۇملانغۇچىلار ئۈچۈن داۋالاشتىنمۇ مۇھىم

خەتكۈچ: ،

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟