نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

پۇل يوق

بۈگۈنكى كۈنىمىزدىكى كۆپ قىسىم  كىشىلەر ( ئوتتۇرا – ئۇششاق بۇرژىئازىيىلەر ) ئۈچۈن توساتتىن پۇلسىز قېلىشتىنمۇ قورقۇنچلىق ئىش بولمىسا كېرەك. پۇلىسزلىق ۋەھىمىسىنىڭ تېرورلىقتىنمۇ بېسىپ چۈشىدىغانلىقىغا شەك قىلمايدىغان كىشىلەر مېنىڭچە يەنىلا جىق. پۇل بولمىسا ماۋۇ كۈنىگە ئۈچ ۋاق ئاچىدىغان قورساقنى غەملىگىلى ، تويسام بولىتى دەپ يىرتىلىپ تۇرىدىغان نەپسىمىزنى يامىغىلى بولمايدۇ. پۇل بولمسا توك پۇلىنى تۆلىگىلى بولمايدۇ، توك بولمىسا ئۆينى زۇلمەت قاپلايدىغانلىقى ئېنىق، قاراڭغۇ ئۆيدە ھېچ ئىش قىلغىلى بولمىسا، ئىپتىدائىي جەمئىيەتكە قايتىپ كەتكەندەك بولۇش قېلىشىمىز مۇمكىن؛ ئىشىكتىن چىقسىڭىز ئاپتۇزمۇ ، تاكسىمۇ پۇل دەيدۇ، ياق چىقمايمەن دېسىڭىز پۇتىڭىزدىكى ئاياق يىرتىلسىمۇ پۇل دەيدۇ، دېمەك پۇل بولمىسا بىر جايغا ئوڭۇشلۇق بېرىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس؛ بويتاق بولسىڭىزغۇ دەردىڭىز ئۆزىڭىز بىلەن، ئۆيلۈك بولۇپ، بالا – چاقىڭىز بار بولسا ، ئەمما پۇل بولمىسا خۇدانىڭ ئۇرغىنى شۇ !  گۈزەل قىزلار ئېيتىدۇ، مېنى ھەقىقى  ياخشى كۆرسەك پۇلنى جىق تاپ ! بۈگۈنكى كۈندە ئەگەر پۇل بولمىسا سۆيگۈ – مۇھەببەت، نىكاھ – تۇرمۇش غايەت زور خىرسقا دۇچ كېلىدۇ، بۇ خىل خىرسنى يېڭىدىغانلار يوقنىڭ ئورنىدا … پۇل بولمىسا ئىستىقپبالدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ،  پۇل بولمىسا كەلگۈسىنى ئەمەس ئەتىنىمۇ خىيال قىلىشتىن تەپ تارتىدۇ كىشى… شۇڭا، قىزلار ئوتتۇرسا – قوپسا پۇلدار بايدىن بىرىگە تەگسەم دەپ خىيال سۈرۈشسە، يىگىتلەر كۈنبۇيى پۇل چۈشەپ يۈرۈشىدۇ…
ئۆينى ھەرقاچان قەرىز قىلىپ ئالدۇق بۇ چوڭ شەھەردە، ئاۋۇ قوڭلىرىدىكى ماشىنىمۇ قەرىز بىلەن ئالغان ماشىنا . شۇ تاپتا بانكا كۈندە تېلېفون قىلىپ ، سۈيلەپ تۇرىۋاتىدۇ، ھەممىدىن يۈرەكنى تاتىلىۋاتقىنى ، قەرىز ئۆسىمىنىڭ بارغانسېرى ئارتىپ كېتىۋاتقانلىقى . بىر گۇناھلىق ئىش قىلىپ قويغان كىشىدەك، دەكۈ – دۈكۈدە ، تېلېفون سايرىسلا رەڭگىلار يىپىنى تارتىۋەتكەن چىراغدەك ئۆچۈپ كېتىدۇ ھە قاچان، قەرىز ئالاي دېسىڭىز، بۇ كۈنلەردە قولىدا ئارتۇق پۇلى بار ئادەملەر نەسلى قۇرۇپ كېتىۋاتقان مۈشۈكئېيىقتىنمۇ ئاز بولۇپ كېتىپ بارىدۇ. قەرىزنى قايتۇرماي بولمايدۇ- دە؟ ئۆينى ساتاي دەمسىز؟ نەدە ئولتۇرىدىغان گەپ؟ … مېنىڭ بىر تونۇشۇم بولىدىغان، بىر چاغلار ئىگىلىك تىكلەپ خېلى پۇللۇقمۇ بولۇپ قالغان ئىدى، كېيىنچە يەنە شۇ پۇلنىڭ كەينىدە يۈرۈپ ھەممىدىن ئايرىلىپ قالدى، ئۆيمۇ يوق بىر ئارابۇس بىلەن قالغان ئىدى. كۈنلىرىنى ئەشۇ ئارابۇستا ئۇخلاپ – قوپۇپ ئۆتكۈزدى، ئەلۋەتتە قەرىز سۈيلەيدىغانلاردىن قېچىپ شۇنداق قىلىدۇ – دە، ئەمما، بۇ ماشىنا دېگەن تۆمۈرەكمۇ ئاش يېمىگەن بىلەن ماي يەيدۇ ئەمەسمۇ، ئۇ خېلى بىر مەزگىلىگىچە تونۇش – بىلىش دوستلىرىدىن 100 يۈەنلەپ ماي پۇلى قەرىز ئېلىپ جان بېقىپ يۈردى، كېيىنرەك نېمە بولدى ، خەقنىڭ بالىسىنى ئۇغۇرلاپ ساتماقچى بولدىمۇ ، ئىشقىلىپ تۈرمىگە چۈشۈپ، بىكارلىق تاماق – ياتاق ھەل قىلىپ، ئارام تاپتى…
بىر قانچە يىل ئىلگىرى، ئىقتىسادشۇناس مۇتەخەسسىسلىرىمىز پۇلنىڭ يېتىشمەسلىكىنى جۇڭگولۇقلارنىڭ پۇل خەجلىمەي يىغىشىىدىن كۆرۈپ، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىلىقلارغا ئوخشاش پۇل تاپسىلا خەجلەشمەيدۇ، تاكى جېنى تېنىدىن ئايرىلغىچە پۇل يىغىشىدۇ دەپ ئاغىرىنىشتى، جۇڭگولۇقلارنىڭ بانكىدىكى نەچچە مىلياردقا يېتىدىغان ئامانەت پۇلىغا قاراپ نېرۋىسى ئۆرلەشتى. شۇنىڭ بىلەن ئامانەت پۇلىنىڭ ئۆسۈمىنى تۆۋەنلىتىش، ئۆسۈمدىن باج ئېلىش قاتارلىق بىر قاتار سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئامانەت پۇللارنى چىقىرۋېلىىپ بىر جايلارغا خەجلەشكە مەجبۇرلىدى. ئۆي ئېلىش، پاي سودىسىنىڭ ئوتى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەلبىگە تۇتىشىپ، نۇرغۇنلىغان پۇللارنىڭ بازارغا ئېقىشىغا سەۋەب بولدى. پۇل مۇشۇنداق ئايلانىمىسا بولمايدۇ – دە! مانا ئەمدى كۆرۈڭ، پۇلنىڭ قىممىتى بارغانسېرى تۆۋەنلەۋاتقان ، پۇل پاخاللىشىۋاتقان كۈنلەردە پۇل ئامانەت قويۇش ياكى پۇل ساقلاشنىڭ ئۆزى ئۇچىغا چىققان ئەخمەقلىق بولۇپ، ھېچ ئىش قىلماي پۇل كۆيدۈرگەنگە باراۋەر ئىش بولۇپ قالدى.
ئەتراپىمىزدكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس، كۆپىنچە كىشى << ئۆي قۇلى >> بولمىسا، << قورساقنىڭ قۇلى >> ، ئىشقىلىپ بۈگۈنگە تاپسا ئەتىسىگە يوق. ئۈرۈمچىدىكىدەك چوڭ شەھەردە ئېيىغا 2000 مۇئاش ئالىدىغان بويتاقنىڭ خوتۇن ئېلىشى تاغ يۆتكىگەندەك بىر ئىش، ئۆي ئالماي تۇرۇپ ، خوتۇن ئېلىشتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن بولاتتىمۇ ؟ باشقىلارنىڭ ئۆي ئالايمۇ ، ئۆيلىنەيمۇ، ئۆلىۋالايمۇ ؟ … دەپ بىر نېمىلەرنى يېزىشقانلىقى بىكار ئەمەستە !  قانداقلا بولمسىۇن، ئۆيلەنمەي ، خوتۇن ئالماي بولمايدۇ. جاھاندىن يالغۇز ياشاپ كەتكىلى بولاتتىمۇ، شۇنىڭ بىلەن شۇنچە يىل جاپادا ، يېمەي – يېدۈرۈپ، كېيمەي كېيدۈرۈپ، تاپقان تەرگىنىنى ئاتاپ بېقىپ چوڭ قىلىپ، ئوقۇتۇپ قاتارغا قاتقان چوڭلارغا ئىششىپ تۇرىدىغان گەپ، ئۇ بىچارىلەرمۇ ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ئايرىپ قويغان دۇنيالىرىنى بېرىپ، ئۆزلىرى ئاخىرقى كۈنلىرىنى لەغمەن بىلەن ئەمەس نان غاجىلاش بىلەن ئۆتكۈزۈشكە رازى بولىشىدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ بەرگىنى ئۆينىڭ پۇلىغا بويلىشىدۇ دەپ خىيال قىلماڭ، 30 ياكى 50 پىرسەنتىنى ھېچ بولمىغاندا ئالدىن تۆلەشكە تېگىشلىك بولغان قىسىمنى تۆلەشكە يەتسىمۇ چوڭ ئىش ، قالغىنىنى يەنە شۇ قەرز ئالىدىغان گەپ، چوڭلار پۇل نان غاجىلاپ، ياشلار قەرز قايتۇرىمەن دەپ قۇلايلىق چۆپ ئىچىپ ياشايدىغان زامان بولۇپ كېتىپ بارىدۇ ، بۇ كۈندە…
ئامېرىكىدىكى ئىككىلەمچى ئىقتىساد كىرزىسىنىڭ جۇڭگوغا ياكى ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ياكى ئۇنىڭ تەسىر قىلىش مېخانىزمىنى بىلمەيمەن. چۈنكى مەن ئىقتىسادشۇناس ئەمەس ياكى ئىقتىساد ھەققىدە ساۋاتسىزمەن. ئەمما، شۇنىڭغا جەزىم قىلىمەنكى، خەلقنىڭ بېشىغا پۇلسىزلىقتىن ئىبارەت مۇدىھىش  بۇلۇت سايە تاشلىدى. جەمئىيەتنى پۇل ۋەھىمىسى قاپلىدى…

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : پۇل يوق

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!1نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ھاشىم مۇنداق يازغان:

    مائاش ئۆسۈپ بولغىچە مال باھاسى ھەسسىلەپ ئۆسىدۇ-دە. چۈنكى تىجارەتچىلەرنىڭ قۇلىقى، مائاشچىلارنىڭ قۇلىقىنىڭ نەچچە ھەسسىسىگە توغرا كىلدۇ.

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟