دىيارىمىزدا تور ئەسلىگە كەلگىلى يېرىم يىل بولاي دېگەن بولسىمۇ، توردىكى ئىللىق ئائىلىمىز ‹‹ ئىزدىنىش مۇنبىرى ›› تا ھازىرغىچە ئەسلىگە كېلەلمىدى. بۇ ھەقتە بىرقانچە قېتىم دوستىمىز توختاخۇن ( ئىزدىنىش ) بىلەن پىكىرلەشكەن بولساممۇ ، سەيپۇڭ مىجەز ( ئەتىسى تۈگمەس ) بۇ ئاغىينىمىز ‹‹ ئاز قالدى، پات ئارىدا ئاچىمەن … ›› دەپ قاراپ تۇردى. ئەمما، كەلگۈلۈك ماڭا بولدى ، ھېلى QQ ، ھېلى يانفونىم تىتىلداپ ، ئىزدىنىش ئەھلىنى سورىغان ، سۈرۈشتە قىلغان ئۇچۇرلارنى تاپشۇرىۋالاتتى . بەزى بۇرادەرلەر ئۆزلىرىنىڭ تور دۇنياسىدىكى ‹‹ تەشكىلى ›› نى تاپالماي تىڭقىرقاپ – تەمتىرەپ يۈرۈشكەنلىكىلىرىنى بايان قىلاتتى. ئۇلارنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئىزدىنىشتىكى كونا بۇرادەرلەرنىڭ يېقىنقى ئەھۋاللىرى ، تېنچلىق – سالامەتچىلىكى ئىدى. كۆپىنچىلىرىگە بىلگىنىم بويىچە جاۋاب بەردىم ، بىلمىگىنىمگە قاراپ تۇرماقتىن باشقا چارە بولمىدى. دېمىسىمۇ 1 يىلغا سوزۇلغان ھىجران ئازابى ئادەمنى ئەنە شۇنداق تەقەززا قىلىپ قوياتتى. خۇسۇسەن ، ئۆزەممۇ كونا ئىزدىنىشلىق تورداشلارنىڭ بىرەر توردا ئىنكاس – تېما يوللىغىنىنى كۆرۈپ قالسام، گۆھەر تېپىۋالغاندەك قەۋەتلا خۇش بولۇپ، قايتا – قايتا ئوقۇپ كېتەتتىم …
ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ قايتا ئېچىلىشىنى كۈتۈشتە بىز يەنىلا ئۇلۇغ تەڭرىدىن ئۆزىمىزگە سەبرى – تاقەت، توختاخۇن ئاغىينىمىزگە ئىنساپ – ئىناۋەت، غەيرەت – شىجائەت تىلىمىسەك بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ . شۇڭا، ئىزدىنىش ئەھلىنىڭ بىر يەرگە قايتا جەم بولۇپ، ئۆز – ئارا ھال – ئەھۋال سورىشىۋېلىشى ئۈچۈن يۈكسەل بلوگىدا مەزكۇر تېمىنى يوللاپ، ئىزدىنىش ئەھلى ئۈستىدىن بىر ‹‹ يوقلىما ›› قىلىپ چىقىشنى نىيەت قىلدىم.
قېنى تور دۇنياسىدا ئۆز ئۇۋسىنى تاپالماي تىمىسقىلاپ يۈرگەن ئىزدىنىشداشلار، تور دۇنياسىدا ئۆزىگە خاس يېڭى ماكان تۇتىۋالغان كونا ئىزدىنىشلىقلار بۈگۈن بىز مانا مۇشۇ جايغا يىغىلىپ ئۆز – ئارا سالام – سائەتلىشىپ، مۇڭداشماقچىمىز !
مەرھابا دوستلار ، مەرھابا ئىزدىنىش ئەھلى ، بۈگۈن يۈكسەل بلوگى سىلەر ئۈچۈن ساھىبخاندۇر ….
ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ‹‹ ئىزدىنىش ›› ئەھلىگە يوقلىما
ئىزدىنىشتىكىلەر قاچان تىتانىك ناملىق پاراخوتقا چىققان بولغىيتى؟
مەن بىلىدىغان پىشكە ئۇچۇر: ئىزدىنىش نۆۋەتتە قانۇنلۇق مۇنبەر بولۇپ چىقىش ئۈچۈن رەسمىيەت ئۆتەۋاتىدۇ. يەنى شىركەت نامىدا مەبلەغ بىلەن ئەنگە ئالدۇرۇلۇپ بولۇنغان بولۇشى مۇمكىن. ئىزدىنىش ئەپەندىنىڭ خىزمىتى ئالاھىدىرەك بولغاچقا بۇنداق ئىشلارغا بەك ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ خىزمىتىمۇ يېقىندىن بېرى ئالدىراش بولۇپ قالغان بولۇشى ئېنىق. مېنىڭچە 10-ئايلاردا بىر گەپ بولۇپ قالىدىغاندەك.
PS: دىۋان مېنىڭ بولدى، ئېلان ئورنى سېتىلىدۇ!
بىز بار، ساقلاپ ئولتۇردۇق، قاچان ئېچىلىدىكىن دەپ..
ئىزدىنىش يالغۇز ئىزدىنىشنىڭلا ئەمەسقۇ، ياردەملەشكۈدەك ئىش بولسا بىزمۇ تەييارغۇ، نىمىلا بولسا تېزرەك ئاچسىلا بولدى!..
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇرادەر!
ئىسمىڭىزنى يەنە باقكا دەپ يېزىۋاتامسىز؟
ئۇزاق بوپتۇ سىز بىلەنمۇ كۆرۈشمىگىلى. ئەسىمدە قېلىشىچە، خەلق پۇلىدىكى «بانكاسى» دېگەن خەتنى قازاق ياكى ئۆزبەك بىرسى يازغان، دەپ تۇرىۋالغان ئىدىڭىز. ئەسلىدە بىر تۇرپانلىق ئۇيغۇر خەتتات يېزىپتىكەندۇق. دەپ قويماقچى بولغىنىم، 50-يىلنىڭ ئالدىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا، ئا ئە لەر ئاجىزلاشمايدۇ، يەنى «ئاناسى» دەپ يېزىلاتتى. ئا ئە لەرنى ئاجزىلىتىش يېقىنقى يېرىم ئەسىردىكى ۋەقەلىكلەرگە كىرىدۇ.
ئەستىن چىقمىغۇدەك مۇنازىرە قىپتىكەنسىلىمۇ دەيمە شۇ ۋاقىتتا، سالاملەيكۇم دەپ بولغۇچە شۇ گەپنى دەپ كېتىشىپسىلە
نەق مۇشۇ گەپلەرنى دېيشىۋاتقاندا تور قاپ ئوتتۇرىدىن ئۈزۈلگەنمىتى؟
ئىزدىنىشتىكىلەر بىلەن پاراڭ سوقسا بەك پەيزى بولىدۇ ھە،
تۇرمۇشۇمدا گەپلىرى تېتىغۇدەك بىرەرسى ئۇچراپ قالسا چوقۇم ئىزدىنىشتىن ئىكەن دەپ گۇمان قىلدىغان بوپ قالدىم، سورىسام نەق ئىزدىنىشتىن، يا بولمىسا كۈندە چىقىپ تۇرىدىغان بىرەر مېھمان.
يەنە كىمنىڭ مېنىڭدەك 来电管家 سى باركەن بالىلار؟!.. ھا..ھا..ھا..
شۇنداقمىكەن، مەن بەك بۇرۇن بىر پروگراممىدا كورگەن، كەتكەن يېرى بولسا ئېچىلغاندا سورىۋالاي ھە..
سىزمۇ سالامەتكەنسىز، شۈكرى..
ئىزدىنىشنىڭ تىزرەك ئېچىلىشىنى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتىۋاتىمىز.
ماۋۇ يوقلىمىدا مەنمۇ بار .يوق بولۇشقا ھازىرچە ھەددىم ئەمەس…
مەن ئىزدىنىش بىلەن تونۇشقان مەزگىللەردە @Laqin@ ئىدىم.مانا ئەمدى بىر زامانلار ئۆتۈپ قىرانلىق مەزگىلگە كەلگەندە Shungqar بولۇپ تور ئاسمىنىدا ئانچە-مۇنچە پەرۋاز قىلىپ يۈرىۋاتىمىز.
ئىزدىنىش ياش ۋاقتىدا ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ ئىللىق ماكانى ئىدى..قارىغاندا ھازىر كۆلەملىشىپ چوڭ-چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يەنە بىر ھۇل ھازىرلاۋاتقان بولسا كېرەك .مانا شۇ ئىشلارنىڭ تېزراق ئەمەلگە ئېشىنىشىنى تەققازالىق بىلەن كۈتىمىز!!!!!!!!!
مىنىڭ خەۋەر تېپىشىمچە ئىزدىنىشتىكى باللا ئاساسەن سالامەت ئىكەن . يەنە شۇ گالنىڭ غېمىدە تىمىسقىلاپ يۈرگەن ئوخشايدۇ (مەنمۇ شۇ كويدا ) ، بۇرۇنقى كونا تورداشلار بىلەن پاراڭلىشىپ قالدۇق ، قارىغاندا ھەممە لۈكچەكلەر ئاپتاپ كۆرۈپ ياشاۋاتقان ئوخشايدۇ …. مەنمۇ سالامەت يۈرۈۋاتىمەن ، ئىزدىنىش يوق ، كىرىدىغان مۇنبەر يوق ، باشقىسىغا كىرگۈم كەلمەي يۈرۈۋاتىمەن .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار .كەمىنە يەرشارىلىقمۇ ئىزدىنىشنى ساقلاۋاتىدۇ،ھەممىڭلارنىڭ تىنىگە سالامەتلىك،ئىشلىرڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى،كەمىنە جىدەلخوردىن سىلەرگە سالام !
شۇنداق قىلىپ ئىزدىنىش ئىچىلىدىغان بولدىمۇ يا؟ئىۋۇ توختاخۇننىڭ ئىقتىزادىي قىيىنچىلىقى بولسا ھەل قىلساق،بىراق بىزگە ئىزدىنىشنى ئىچىپ بىرىپ ئاندىن ھەرەمگە كەتسىمۇ مەيلى ئىدى.ئىزىدنىشتىكى بالىلاردىن خىلى كۆپلىرى بىلەن ئالاقە قىلدىم.ئىزدىنىش ئىچلماي شامال چىقمىىسمۇ ئىمانىم ئۇچۇپ يۈرىدۇ.توختاخۇن دىگەن گۇينىڭ پىيىنى كىسىمەن بىكار
ھەممىڭلارغا سالامەتلىك يار بولغاي.
ئۇرۇش ھەربىي ئىشلار تورى ئىچىلمايدىغان بولدى.ئامال يوق جىدەلخور ھەربىي ئشلار بىلوگنى تىخى بىر قانچە كۈن بۇرۇن پۈتتۈردۈم.يۈكسەل ئەپەندىنىڭ بلوگنى ئۇلۇنىش قىلىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
http://jidelhor.blogbus.com/
بىكاچىلىقتا قىلىدىغان ئىش يوق، تور ئورنىغا گېزىت كۆرۈپ، ئىدىيىمىزنى مەركەزگە توغرىلاپ ئولتۇردۇق…
ئۇيغۇربەگ ساق سالامەت….
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، لۈكچەكلەر ! ئامانمۇ سىلەر ؟
توختىكام دەرۋازىسىنى قاچان ئاچاركىن دەپ ، ئۆچرەت كۈتۈپ ئوتتادۇققۇ …
ھازىرچە http://www.xjfifa.com تور بېتىدە ‹‹ ئوتلاپ ›› يۈرىمىز …
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جامائەت ! پېقىر ئىزدەنگۈچىدىن كۆپچىلىككە سالام !
ئۇزۇن بولدى ، ھال مۇڭ بولىشىپ بولالمىدۇق . ئىزدىنىشنىڭ ئېچىلىشىنى ساقلاۋاتىمىز !
تېرىكچىلىك غېمى بىلەن يۈدۇق مۇشۇ چوڭ شەدە …
بۇ مۇزىكا ھىچقاچان بۇنداق يىقىملىق ئاڭلانمىغان بولغىيتى ماڭا
تونۇش ئىسىملار كۆزۈمگە بەك ئىللىق كۆرۈندى، ئىزدىنىش يوق بولۇپ مانا ھازىرغىچە تور دۇنياسىدا ماكانسىز يۈرىۋاتىمىز، كۆنگەن يامانكەن.
ئىزدىنىشنى ، ئېسىل تېما ئىنكاسلارنى سېغىىندىم.
يۈكسەلگە رەھمەت، ھەممىڭلارغا سالام!
تۇختاخۇن بىزنى خېلى تەقەززا قىلدىغان ئۇخشايدۇ،يۇقىردىكى دوسلارنىڭ ھەممىسىگە ئوتلۇق ئوتلۇق سالاملار بولسۇن!تۈۋەندىكى دوسلارغىمۇ ئۇخشاش!
سالام ئەھلى جاھان…سالامەت تۇرۇپتۇق…ھەم سالامەت بولايلى….
كەمىنە پېقىردىن ھەمىڭلارغا ھەم يۇكسەل ئەپەندىمگە ئوتلۇق سالام بولسۇن.
ئ
لۈكچەكلەر ماراپ ئولتۇرشۇپتىكەن دە ، قاچان يۈكسەلباي بىزنى يوقلىما قىلاركىن دەپ. ھەممىلىرى سالامەت-ئامان -ئېسەن تۇرۇشۇپلا؟!!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئىزدىنىش ئەھلى!
كەمىنە كۆكتاش ئىزدىنىشنى ئاچىدىغانغا نەچچە قېتىم ئۇرۇنۇپ باققان بولساممۇ، يەنىلا ئېچىلمىدى، ئامال يوق باشقا تورلارنى ئانچە- مۇنچە زىيارەت قىلغاچ، يېڭىدىن قۇرغان خىزمەت ئۇچۇرى تورى http://www.ishtap.com قا ئۇچۇر ئىزدەپ يۈرەيمەن.
ھەممىللىرى سالامەت تۇرۇشۇپلا !!ئىزدىنىش ئېچىلغىچە ياخشىراق مۇنبەردىن بىرگە ھەممىمىز يىغىلىپ قىززىتقاچ تۇرساق بولماسما؟
دوستخاننى بۈگۈن مەن سېلىۋاتسام ، يەنە تالانىڭ گېپىنى قىلسىلا كۆڭلۈمگە كېلىدۇ جۇمۇسىلا …
نېمە گەپ بولسا مىشەدە دېيىشىلى، دوستخنىمىز غورىگۈل بولسىمۇ، كۆڭلى كۆكسىمىز كەڭرى دەيمە !
باشقىلارغا يازما يوللاش پۇرسىتى بەرمەي، يەنە مۇشۇ يەردە دېيىشىلى دېگەنلىرى نېمە گەپ ئۇ؟ سېلىلا تېما يوللىسىلا بىز سىلىنىڭ تېمىلىرىغا ئىنتىزار بولۇپ يۈرەمدۇق؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ھەممە ئادەم تېما يوللىسا ئاندىن قىزىيدىغان يەر بۇ تور دېگەن….
ھەممىلىرى ياخشى مۇنبەر ئىزدەپ ھېلى ئۇ مۇنبەر، ھېلى بۇ مۇنبەرگە چېچىلىپ كېتىشسىلىرى ، مەن ما يۈكسەل بلوگقا ئۆزەم يالغۇز قايلاپ ئولتۇرامدىم ؟! …
مەنمۇ يوقلىمىغا چۈشكىلى كەلدىم~!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار!دىدار غەنىمەت !
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم !قەدىردانلار !مەنمۇ بار ،كۆزۈم ئالتە بولۇپ كەتتى مۇنبەرنىڭ ئېچىلىشىنى ساقلاپ ،ھەممىڭلا سالامەت تۇرۇشۇپلىما ؟بالا ۋاقى خوتۇن پوتۇن ياخشىدۇ ؟؟
سالام بۇرادەرلەر! يازىدىغان ئىنكاسىنىڭ تايىنى بولمىسىمۇ كۈندە ئىزدىنىشتىن چىقماي يۈرىدىغان گاداي پرو مەن بولىمەن،مۇشۇ ئىزدىنىش ئېچىلماي تور ئېچىلغانننىڭ خۇشھاللىقى ھازىرغىچە يېرىم،نەچچە كۈندە بىر نەچچە كۈندە بىر تور كۆرگۈنىڭ ئادرىس يازىدىغان كاتىكىگە ئىزدىنىشنىڭ ئادرىسىنى ئۇرۇپ باقىمەن،سىلەرنى بۇيەردە كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم،ئىزدىنىشنىڭ تىزرەك ئېچىلىشىغا تەقەززامەن،
ھەراست! ھازىر بىلىكتە چۆگىلەپ يۈرىۋاتىمەن،بىزنىڭ بالىلاردىن بىرنەچچىسى بار،ئىزدىنىش بىلەن قوشكىزەكتەكلا ساپالىق مۇنبەر،تەبىئي پەن بىلەن تېخنىكىغا مايىل.
http://www.bilik.cn
گادايكا… نەچچە رەت كۆردۇق سىزنى تېلىۋېزورلاردا…. ئۇيۇن سەھنىلەردە.. مودىللارغا سوقۇلۇپ يۈرۈيسىز..
ئاپلا گەپ بىلەن بولۇپ.. ئىزدىنىشلىقلارغا سالام قىلىشنى ئۇنتۇپتىمەن…
ئەسسالام…. ئەھلى جامائەت… ئۇلۇغ رامزان ئايلىرىدا يەنە ئەسرالىشىپ قالدۇق….
چەكسىز خوشھالمەن!!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئىزدىنىش لۈكچەكلىرى ، كەمىنە رۇسلان006+1 دىن ھەممىڭلارغا يىقىنلاپ كىلىۋاتقان روزا ھىيتلىق ئوتلوق سالام ، ئىڭىكىم يەرگە تاقاشقۇچە ئىڭىشىپ تۇرۇپ بەردىم جىما ما سالامنى «جىدەل-ماجرا » قىلىدىغان يەر يوق زىرىكىپ قىلىۋاتىمىز جىما ، بولسا كەڭ ئىزدىنىش ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ ، ئىزدىنىش دېگەننى پاتراق ئىچىشقايلا ، ھېلى باكا ما بىز لۈكچەكلەرنىڭ ئاچچىقى كەپ قالمىسۇن ، بىلىسىلەرغۇ لۈكچەكلەرنىڭ ئاچچىقىنىڭ ناھىيە ھاكىمىدىنمۇ ئاچچىق ئىكەنلىكىنى …
ئىزدىنىش ئىچىلغۇچە تۆۋەندىكى كوت-كوت توپىغا كىرىپ تۇرۇشقايلا :
4220345 توپ باشلىقى پىنھان دېگەن گۇي . ئۆزىچە باشلىق بولىۋاپتۇ..خىڭ.
«جىما» بىلەن «جۇما» نىڭ ئاسمان-زېمىن پەرقى بار بالىلار، خەت يازغاندا ئانا تىلىمىزغا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يازايلى!
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم جامائەت!
ھەممىلىرى تېچ-ئامان تۇرۇشۇپلا، خۇدايىم ساخلاپتۇ، مەن قېرىپ كەتمەي ئەكسىنچە ياشىرىپ كىتىۋاتىمەنغۇ تاڭ، ھېلىمۇ ئاللاغا شۇكرى، سىلەر ھاياتكەنسىلەر.
قەلەم تەۋرىتىپ : مەنكى ئۆردەك تىن.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
ئۆردەك بوۋىمىزنىمۇ ئۇۋۋىسىدىن چىقىرالىغان بولساق ، ئۆزىمىزنى بوش چاغلىمىساق بولغۇدەك جۇما (ئىزدىنىش دېگەننى كۆرمىسىلە چىقمايتىلە ھەقاچان) !
كۆپچىلىكنىڭ تېنچلىق – ئامانلىقلىرىنى كۆرۈپ كۆڭلىمىز كۆتۈرۈلۈپ قالدى. غاردىن چىقماي ماراپ ياتقانلاردىن يەنە كىملەر باركىن تاڭ ؟! بىر چاغلاردا مەتۇ يانفون ئۇچۇرى قىلىپ توردىكى تەشكىلىمنى تاپالمىدىم ، دەپ يۈرەتتى ، نەلەردە يۈرۈيدىكىن ، كۆپچىلىككە سالام بەرمەي …
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش جامائەتلىرى، (جۇلالىق)تىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام.
ئاياللار جامائىتىدىن بىرەسىمۇ سالام بېرىپ قوياي دىمەپتۇ. مەن بىرىنجى بولۇپ تۆردىن ئورۇن ئېلىپ ھەممىڭلارغا سالام بېرىۋېتەي.
ئىزدىنىشتىكى دائىملىق ئەزالارنىڭ ھەممىسى بار ئىكەن. ئىزدىنىش ئېچىلسا بۇرۇنقى ھالىتىدە ماڭغىدەك.
مۇنبەرلەرنىڭ سەركىسى بولغان ئىزدىنىشنى سېغىندۇق ھەم بۇرۇنراق ئېچىلىشىنى كۈتىۋاتىمىز.
ئىزدىنىشتىكى ئاياللار قوشۇنىنىڭ سەردارلىرى بولغان قارىقات، پاتىگۈل، دىلرۇبا، يۇسرانلار ھېچ زۇۋان سۈرۈپ قوياي دىمەپتۇ قارىغاندا بۇلار جىممىدە ئارام ئېلىۋاتقان چېغى.
ئىزدىنىشنىڭ تېزراق ئېچىلىشىنى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتۈۋاتىمىز.
بەرنامۇ بارتى مەن مەن تىلفۇن قىلىۋىتەي ھە..
كەمىنە ئۆزقاندىن ھەممىلىرىگە سالام!
مەنمۇ بىر چاغلاردا «ئىزدىنىش»تە ئىزدىنىپ يۈرگەنلەرنىڭ بىرسى ئىدىم، بۈگۈن«ئىزدىنىش»ئەھلىنىڭ بۇ «يوقلىما»سىنى كۆرۈپ خۇددى شۇ مۇنبەردە تۇرىۋاتقاندەك ھېسسىياتقا كەپ قالدىم، يۈكسەل ئەپەندىگە رەھمەت!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ماۋۇ ئۆچىرەت يامان ئۇزىراپ كېتىپتۇ. ئادەم ئولاشقان يەرگە خۇدۇكسىرەپ ئاران كەلدىم، جۇما. شۇنچە ۋاقىت ئۆتسىمۇ ئۆز پېتى تۇرۇپتۇ ماۋۇ بالىلار.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،جامائەت! بۇيەردە سىلەرنى كۆرۈپ خۇددى ئۇزۇن يىل كۆرۈشمىگەن تۇققىنىم بىلەن دىدارلاشقاندەك خوشال بولۇپ كەتتىما! راست دەيمەن! . . . (بىر قېتىم 80-يىللاردىكى ئېلانيۇ رەسىملەرنى كىرىشتۈگەن بىر تېمىنى كۆرۈپ مۇشۇنداق ھاياجانلانغانتىم. )ماۋۇ يۈكسەلنىڭ كاللىسى مۇشۇنداق ئېسىل ئىشقا نىمىشقا بۇرۇنراق ئىشلىمىدى دەيمەن. سىلەرنى ھەجەپمۇ سېغىندىم بالىلار! . . .
ئىزدىنىش يوقاپ بۈگۈن تۇنجى قېتىم توردا ئۇيغۇرچە خەت يوللاپ بېقىپتىمەن، كۆنگەن ھەجەپ يامانكەن.
ۋۋوي ، تىنىچ ئامان تۇردۇڭلارمۇ ئىزدىنىشلىقلار ، كەمىنە كۆكلەمدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام ، (چاۋاك )
ئىزدىنىش تاقالغاننىڭ ياقى كەمىنە ھەممە يەردە تەمتىرەپ ، تىرناق كوچىلاپ يەرگە قاراپ يۈردۈم ، مومكىن بولسا كونا ئۇۋىمىز ئىزدىنىشنىڭ بۇرۇنراق ئىچىلىپ بىزگە بۇرۇنقىدەك توردىكى ھەقىقى ئائىلە ئاتا قىلسا دىگەن ئۈمىتتە ،
يوقمىكىن دىسە باركەن …. بارمىكىن دىسە يوقتەك ، ئادەمنى يوقلاپمۇ قۇيۇڭلار بۇرادەرلەر . ماۋۇ QQ توپىغا قۇشۇلۇڭلار . ئىزدىنىشتىكى بارلىق ئەزالار يىغىلدى . توپ نۇمۇرى :
4220345
خۇددى ئىزدىنىشقا كىرىپ قالغاندەك ھاياجانلىق ھېسىياتتا بولۇپ قالدىم دېسە .
شۇ توپتىكى جامائەتكىمۇ دەپ قويىلى ما يەردە يوقلىما بولىۋاتقان ئىشنى . يوقلىمىدىن ھازىر ئۆتمەي، كېيىن ئىزا ئىشتىدىغان ئىش بولاپ قالمىسۇن جۇما !…
15 قېتىم دەۋەتتىم …
قايلاڭلا ما پىنھان باينىڭ باش سۈرتى شۇ پىتى تۇرۇپتا .سالامەت تۇلىما پىنھانوووووون؟
يامان ئەمەس تۇرۇۋاتىمەن ئۇيغۇر بالىغ
ئۆھۆ ئۆھۆ. پېقىر كىيىن قاپتىمەن. يۈكسەل باينىڭ بىزنى قايتىدىن جەم قىلغىنىغا كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن..
بىر يىلدىن پىنھان بىلەن ئۇرشۇپ سۇقشۇپ قىز قوغلاپ يۈرۈپتىمىز.
ئىزدىنىش قاچانمۇ ئېچىلاركىن تاڭ.. ھەجەپ سېغىندۇردى ، مابىتىم بىرەر يىل يۇقاپ كەتسىمۇ بۇنچىلىك سېغىنماستىم
ئىزدىنىشداشلار ياخشى تۇرۇشۇپلا، ھەممىڭلارنى كۆرۈپ ئىزدىنىشنى كۆرگەندەك بولدۇم. ئۆتكەن يىلى ئىزدىنىش تور ئەھلىنىڭ قاتنىشىشى ۋە قوللىشى بىلەن ناھايتى ياخشى توي قىلىۋالغان، كۆرۈشەلمىگەنلەر بىلەن ئۈرۈمچىدە بىر يىغىلىشپ كۈرۈشۇۋالارمىز دىگەن، لېكىن ۋەقە بولۇپ ئىمكانىيەت بولماي ئامرىكىغا كىلىۋالدىم. ئىزدىنىشنى ۋە سىلەرنى كۆپ سېغىندىم، تور يوق، ئىزدىنىش يوق پېقىرمۇ بلوگ يازماي تېخى يىقىندا ئەسلىگە كەلتۈردۇم. نەچچە قېتىم ئىزدىنىشنى ئەسلەپ ئىزدىنىشتىن بىرنى قۇرۇپ ماڭدۇرغاچ تۇرايلى دەپمۇ ئويلاپ توختاخون باشلىقلارغا مەسلەھەت سېلىپ قىلايلى دەپ جىم ئولتۇردۇم. ئىزدىنىشنىڭ قايتا ئېچىلىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتىمىز.
پاھ! سىزمۇ باركەنسىز..
غەربتە ئالتۇن كولاپ باي بولغانتى، ئۇلار، سىزمۇ قۇرۇق يۇرمىگەنسىز..
ۋاي ئىزدنىشلىقلار بارمۇ سىلەر؟ مەنمۇ بار؟مەنمۇ ياخشى تۇردۇم
ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن سورىسام ئۇخمىدۇق دەيدۇ ، ماۋەدە مانداق يىغىلىشنىڭ بارلىقىدىن كىچىكىپ خەۋەر تىپىپتىمەن . ئىزدىنىشتىكى كۆزگە چىلىقمايدىغان ئەزادىن ھەممىڭلارغا ھېىيتلىق سالام !
مەن ئىزدىنىشتا بولمىساممۇ ، ئىزدىنىشتىكىلەرگە ھەۋىسىم كېلىۋاتىدۇ ….
كەمىنە ئىزدىنىشتا بىر قانچە ئىسىم بىلەن يۈرۈپ، كۆپ تېمىغا ئىنكاس قايتۇرالماي (شۇ يازغان ئىنكاسىمنى باشقۇرغۇچىلار سۈپۈرۈپ دېگەندەك) ئانچە-مۇنچە تېما كۆرۈپ ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان (ئىزدىنىشتە ئازغۇن23) دەپ يۈرگەن ئىدىم. مانا ئەمدى كۆپچىلىك ئانچە-مۇنچە يىغىلىپ قاپتۇ، مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خىزمەت بىلەن بولۇپ سەل ئالدىراش بولۇپ قالدۇق، ماۋۇ يۈكسەلباي بىلەن بىر قانچە قېتىم كۆرۈشسەممۇ بۇ يوقلام ھەققىدە گەپ قىلمايۋاتاتتى، ئەمدى تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەكلا يوقلام قىلىپ يۈرگىنىنى دېسە، مەن ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە كېلىپ، تورغا چىقالماي كىيىن قاپتىمەن دېسە….
تازىمۇ بىر….
كونا بۇرادەرلىكىمىزنىڭ يۈزىنى قىلىپ، قەشقەرگە كەتكەنلىكلىرىنى يوشۇرۇپ، ئۆزلىرىنى يوقلامغا ‹‹ بار ئىدى ، بايا ھاجەتكە چىقىپ كەتكەن … ›› دەپ يېزىپ قويۇپتىكەنمەن …
سالام لۈكچەكلەر …..
ھەممىڭلارنىڭ تېچ ئامان تۇرۇشۇپسىلە ، يوقلىمىدىن ئۆتىۋىتەي …
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،توۋۋا ما ئادەملەرنىڭ ھەممىسى باركەنغۇ؟ ئەسلى ئىزدىنىشلىقلار يۈكسەلنىڭ بىلوگىنى بارىگاھ قىلىۋالغانكەندە. بىر چاغلاردا زىمىستان بىلەن ئىككىمىز تۇرىۋاتقان ئۆي ئىزدىنىشنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئىش بىجىرىش ئورنى بولۇپ قالغانىدى. جەۋلان، پىنھان، ئارىسلان تىكىن قاتارلىق ئىزدىنىش پىشقەدەملىرى بىلەن شۇ غېرىبانە كۆلبىمىزدە ھەمسۆھبەت بولۇشقانىدۇق. بىكارچى بىلەن سۈزۈكنىڭ تويى، يۈكسەلنىڭ تويى، مېنىڭ تويۇم، قارىقاتنىڭ قىزىنىڭ بۆشۈك تويى ئىزدىنىش تورداشلىرىنىڭ قاتنىشىپ بېرىشى بىلەن تېخىمۇ قىزىپ كەتكەن ئىدى. ئىزدىنىشنى سېغىندىم.
بۇ يوقلىمىغا داخىل بولمىغانلاردىن ئەسلەپ باقايلى يەنە كىملەر كىرمىدى؟!!
قەۋلان، مىيۇزىكفان، مەتۇ، ئاۋار، دىلرۇبا، 86، ۋاپادارىم، لاتا، راشىت، جاللات، پىس.پاس، لەتىف، بەرقى، swan، جوشۇا، ئىزدىنىش، سۈزۈك، ئەرتۈرك، پاسىبان، گۈلتېكىن، تەۋەككۇلچى، مۇردا، ئەفىيفىي، ئەفىيفە، سالام دۇنيا، توشىك گىرل، ئۇيغۇر ، كەنجى، لاچىن، كارتون قاتارلىق تورداشلار ئىسىمدە قاپتۇ…ئۇلارنىمۇ باشلاپ كىرەيلى بولسا.
مەنمۇ باتتىم سىلىنىڭ ئەسلىرىدىن چىقىپ قالساممۇ كىرىپ يوقلىما قاتناشقان… دەپتەرلىرىنىڭ ئىىىىىىىىىىىى بۇرجەكلىرىگە يېزىپ قويالا ماقىما؟!!
تەڭرىقۇتكام….يەنە گۈلبەر.. يەنە تارىمى
گۈلبەرگە ئۇچۇر قىلدىم، نەچچىنچى ئايدا ھە دەيدۇ تېخى..
نەچچە كۇن ئىلگىرى يۇكسەل بىلوگىنى كورۇپ بۇ يەرنى 2.ئىزدىنىشقا ئوخشاتقان ئىدىم.ئارمانغا چۇشلۇق ئىزدىنىشمۇ ئېچىلغىدەك.بەك ياخشى بوپتۇ.
بۇرۇن ئىزدىنىشتا تۇلا تېما يوللىمىساممۇ كۇندە شەدە ئىدىم.شۇڭا سىلەرگە ناتۇنۇش،لېكىن سىلەرنىڭ كوپ قىسمىڭلارنى بىلىمەن.شۇڭا بىزلەرنى ياد كورمەڭلار.
قايەرگىلا بارسام كېچىكىپ قالىمەن ….ئامان تۇۇرپسىلەر ھەر قايسىڭلار…..
ئۆزھال كۆرۈنمەيدىيا
ھۆرىيەتتە ئارتىس بوپ كېتىپتۇمىش دەپ ئاڭلىدۇق.
Your text to link…
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ، قېرىنداشلار ، ھەممىڭلارنىڭ سالامەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ بەكلا خوشال بولدۇم. باياتىن دىيىشكەن سۆزلىرىڭلارنى ئۇقۇپ كۆزلىرىمگە ياش كەلدى.. ئىزدىنىش تورىمۇ بارلىق ئۇچۇرلارمۇ ساق سالامەت. ۋەقەدىن كىيىن ئۇزۇم ئىچكىرىگە بېرىپ سانلىق مەلۇماتلارنى كۆچۇرۇپ كەلگەن ئىدىم . ئىزدىنىشىنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنىڭ رەسمى تىكلىنىشى قانۇنى ئاساس بىلەن ھەقىقى تور بەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۇچۈن تىرىشىۋاتىمەن. ھازىر ئاساسى جەھەتتىن ئىشلار بىر يەرگە باردى. ئونۋېرسىتىتىكى بۇرۇنقى ئۇقۇتقۇچۇم ۋە ئۇستازىم بىلەن بىرلىشىپ ئىزدىنىش سودا تەرەققىيات شىركىىتىنى رەسىمى ئەنگە ئالدۇرۇپ ئىش باشلىدۇق . ھازىر شىركەتىنىڭ تېزىمغا ئېلىنغان مەبلىغى ئىككى مىليون خەلىق پۇلى.. ھازىر بىر تەرەپتىن تور بەت رەسمىيىتى بېجىرىۋاتىمىز. تور بەت پروگىراممىلىرىنى يېزىۋاتىمىز. يەنە بىر تەرەپتىن ئامانەت قەرىز كوپراتىۋى ئىشلىتىدىغان قەرىز باشقۇرۇش سېستىمىسىنى تۈزۈپ چىققان ئىدۇق . ھازىر شىنجاڭدا بىىر قانچە ناھىيە سېتىۋېلىپ ئىشلىتىشنى باشلىدى. شىركەت ھازىر شۇ ئىش بىلەن ئالدىراش بۇلۇۋاتىدۇ.. بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ شىنجاڭدىكى ئامانەت قەرىز كوپراتىپىلىرىدا ئۇمۇملىشىشى ئۇمىدى چوڭ..
ھازىر تور بەتنىڭ رەسمىتى قاچان پۇتۇدىغنى ھازىرچە نامەلۇم ، ئەمما كۆپ ۋاقىت قالمىدى. شىركەت بولغانكەن ئىزدىنىشمۇ كۆپچىلىك بىلەن چۇقۇم يېڭى قىياپەتتە لۈكچەكلەرنى كۇتۇۋالىدۇ…
ئىزدىنىش ئەپەندىم بىلەن ئەڭ يېقىن ئارىلىقنى ساقلاپ ئولتۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يولدا داغدام ماڭايلى!
بۇ گەپنى ماڭا شۇ ئۇستازىڭىزمۇ دېگەن ئىدى ،10-ئايلاردا بولارمىكىن دېگەن ، شۇنىڭغا ئۈلگۈرسە بولاتتى
مۇنداقمۇ ئېسىل ئىشلارغا تۇتۇنغان ئىدۇق، دە توختاخۇن؟!
بارىكاللا، ئاخىرى توختاپ قالماسلىق قارارىغا كەلگەنلىكىڭىنى مۇبارەكلەيمەن. يېڭى قىياپەتتىكى ئىزدىنىشنى تېزراق ئاچقىن ، بىز ھېلىمۇ ئاز ساقلىمىدۇق.
مۇبارەك بولسۇن، ئىش تېخىمۇ پەچەت بولغۇدەك..
سىلەر شىركەتكە ئالدىراش بولىۋېرىڭلا، مۇنبەرنى بىزگە تېزرەك تاشلاپ بېرىدىغان ئىشتى ئەسلى.. كونا- يېڭى دەپ ئولتۇرمايمىز.
ھە راست، كېچىكىۋەرسە ئىزدىنىشنىڭ شىفىرى ئېسىڭلارغا كېلىۋاتامدۇ بالىلار؟
تىللاشساقمۇ تۇققاندەك بولاپ قاپتىمىز جۇما ما خەق بىلەن
ئىزدىنىش يەنە ئۆزەڭنى مەلۇم قىلمغان بولساڭ قاتىل بولۇپ ئىتىلىپ كەتسەممۇ مەيلى ئىدى جۇما؟باھار شامىلى ھەدەمگە ‹‹ئىزدىنىشنى ئاچمىسا ئۇيغۇر مۇنبەرچىلىقى ئۆلدى دەپ قارايمەن،بىراقلا توختاخۇنىڭ پىيىنى كىسىپ مەنمۇ بارىدىغان يىرىمگە باراي››دىگەن ئىدىم ئاچىغىمدا
پىنخانغۇ تاس قالغان سىنى بوغۇزلىۋەتكىلى،گىپىم ئىغىر كەتكەن بولسا يوغان قىلساڭ ئىزدىنىشقا كىرگۈزمەيسەن، لىكىن ئىزدىنىشلىقلارنىڭ ئىزدىنىش روھىغا سۇ سىپىش ياكى ئىزدىنىشلىقلارنىڭ قىرنداشلىقىنى ۋەيران قىلىش ھوقوقۇڭ يوقققققققققق!!!
زادى بولمىسا بۇرۇنقى ئىزدىنىشنى تورغا چىقىرىپ تۇرساقمۇ بۇلىدۇ. يېڭى ئىزدىنىشقا خېلى ۋاقىت بار.
ئەمسە ھازىرچە زادى بولماي تۇرسۇن. يېڭسىنى ئالدىرماي چىقارساڭلارمۇ مەيلى.
يېڭى قىياپەتتىكى ئىزدىنىشنىڭ ئېچىلىشىغا تېخى ۋاقىت بولسا، http://www.izdinix.com نى ۋاقتىنچە يۈكسەل بلوگقا ئۇلاپ قويۇپ تۇرمامسەن ؟! ئىزدىنىش ئېچىلىغىچە، ھەممەيلەن مىشەدە گۇڭۇر – مۇڭۇر قىلىپ تۇرىلى، ئانچى – مۇنچى سېنىڭ غەيۋىتىڭنى قىلىپ …
شۇنداق قىلساقمۇ قىلىپ تۇرىلى ، كونىسىدا قىشنى ئۆتكۈزۋېلىپ يېڭىسىغا ئەتىيازدا كۆچەرمىز بولمىسا ، بۇ لۈكچەكلەرگە پىروگىرامما مۇھىم ئەمەس (بىلەمتى) كونىسىدا بىر ماڭدۇرايلى ، پىكىرىمگە قوشۇلدىغانلار ئىنكاس قايتۇرۇڭلار
بىر ئاۋاز كەتتى.
پاھ ….بۇيەردە مۇڭ بولۇپ كەتتۇق دەيلى ؟
گۈلبەردىن ئىزدنىنىشتىكى قېرىنداشلارغا سالام
يەنە بىر قېتىم تونۇپ يەتتىمكى ئىزدىنىشتا ھەقىقەتەن ‹ئاياللار بايلىقى › زور دەرىجىدە كەمچىلكەن ، خۇدايىم بۇيرىسا ئەزدىنىش مۇنبىرى قۇرۇلغاندا ھەدە سىڭىل ، كۈندەشلىرىمنى ئېلىپ كىرىپ ئانچە مۇنچە غەيۋەت قىلىپ تۇرىمەنغۇ زادى
كۈندەش دىلىما؟!!
خۇدايىم بىزنىڭ خوتۇنلارنىڭمۇ كۆڭلىگە ئىنسان بىرىپ كۈندەش تۇتۇشقا ماقۇل بولغاي. سىلى تېخى بىللە ئىزدىنىشكە كىرمەكچى بولىۋېتىپلا، نېمە دېگەن ئىناق ئائىلە ھە!!!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئىزدىنىش ئەھلى! بۇ تېمىنى تولىمۇ كېچىكىپ كۆرۈپتىمەن. شۇ چاغدىن باشلاپ تورغا چىقمىغانچە تا ئىزدىنىش ئېچىلغىچە ھېچقانداق ئۇيغۇرچە تور بەتنى ئاچمىغان ئىكەنمەن. شۇڭا بۇلارنى كۆرمەپتىمەن.
ھەكىم مۇشۇ ئاياللار توغرىسىدا ئالامەت قىززىق گەپلەرنى قىپ قويىدۇ جۇمۇ! ماۋۇ ئىنكاسىغا بەك كۈلىۋىتىپ ئارىلىققا قىستۇرۇلغۇم كەلدى. ئۆزىدە بىر-ئىككى يۇمۇر بار تېخى، بېرىپ قالسىڭىز قۇلىقىڭىزغا دەپ بېرىدىغان
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، يۈكسەل بلوگىغا باسقان قەدەملىرىڭىزگە مەرھابا دوستۇم! سىزنىڭمۇ بلوگگىرلار سېپىگە قۇشۇلغانلىقىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز ۋە پاسىبان بلوگىنىڭ بۇندىن كېيىنكى مەنزىلىگە زور مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمىز .
مەنلە قاپتىمەنغۇ يوقلىمىدىن ئۆتمىگەن . دولقۇن731دىن ئىزدىنىش ئەھلىگە سالام !
ئىزدىنىش تاقالغاندىن بۇيان بلوگ كوچىلىرىدا ئىزدىنىپ يۈردۈم .