نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺩﯨﺪﺍﺭﺳﯩﺰ ﺳﯚﮬﺒﻪﺕ ( 2 )

بۇ ئىسمى نامەلۇم قېرىندىشىمىزنىڭ ئېلخېتىمگە يازغان خېتى بولۇپ، بۇ خەت مەزمۇنىنىڭ ئەتراپلىقلىقى ئۇنىڭدىكى پەلسەپە ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭ موللىقى بولۇپمۇ خەت ئېگىسىنىڭ ئېسىل مۇنازىرە ئەخلاقى مېنىڭ ئىختىيارسىز ھۆرمىتمنى قوزغىدى. گەرچە كۆز قاراشلىرى مېنىڭ كۆز قارشلىرىمنىڭ قارشىسىدا بولسىمۇ بۇ كىشىگە ھۆرمەت ۋە ئھېترام بىلدۈرۈىمەن.
ھۆرمەتلىك مەن يۈكسەل ئەپەندى، ئالدى بىلەن سىزنى پەلسەپىدىن ئىبارەت بىزدىكى ئەڭ ئاجىز بىر پەنگە بولغان قىزىقىشىڭىز ۋە بۇنىڭ سىرىنى بىلىشكە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقىڭىز بىلەن تەبرىكلەيمەن. ئەگەر سىزدەك ئويلايدىغانلار كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقسا ئىنساننىڭ ئەقلىي تەپەككۇرىنى ئەڭ تەلەپ قىلىدىغان بۇ پەن ئارقىلىك ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ مەنىسىنى، دۇنيانى بىلىشنىڭ مېتودلىرىنى ۋە ھالقىما رېئاللىقنى قىياس كىلىشنىڭ (ئەگەر مەۋجۇت بولدى دەپ قارالغان ئالدىنقى شەرت ئاستىدا) مۇمكىنچىلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان بولاتتۇق.
ئالدى بىلەن سىزگە شۇنى ئېيتايكى، مېنىڭ سىز قوزغىغان بۇ ئەھمىيەتلىك مۇنازىرىدىن ئۆزۈمنى تارتىشىم ، بىرى ئۆمىرىدە ئون پارچە كەلگۈدەك پەلسەپە ئەسەرلىرىنى تەرلەپ تۇرۇپ ئوقۇپ باقمىغان كىشىلەر بىلەن مۇنازىرە قىلىشنىڭ ئۇچىغا چىققان ئەھمىيەتسىز بىر ئىش ئىكەنلىكىگە ئشەنگەنلىكىم، يەنە بىرى ئەقلىيلىكنى ئەمەس بەلكى ھېسسىيلىقنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ پىكىر قىلىدىغان زور بىر تۈركۈم قېرىنداشلىرمىزنىڭ بارلقى سەۋەبىدىن. ئۈچىنچىسى كۆپ قىسىملار بىلەن تۈپكى چىقىش يولۇمنىڭ ئوخشىماسلىقى بولدى. سىز دەل مۇشۇ ئۈچىنچى تۈرگە كىرىسىز. بۇنىڭلىق بىلەن مەن سىزنى بىر نەرسە دېمەكچى ئەمەسمەن. پەقەت سىزگە بۇنى سىز بىلەن مۇھاكىمە قىلماقچى خالاس. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز مەن بىلەن مۇھاكىمە قىلىۋاتقان بۇ مۇنازىرە كەڭراق دائىرىدىن ئالغاندا ئىسلام دۇنياسىنىڭ كونسىرۋاتىپلار قاتلىمىدا ئېغىر بەھس قوزغاۋاتقان تېما بولسا، چوڭراق دائىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇ پەلسەپە بىلەن خۇدانى بىلىشنىڭ ئەڭ تۈپكى مۇمكىنلىكىگە ، يەنى خۇداغا ئېتىقاد قىلىش پەلسەپەگە ( ئەقلىي ئىزدىنىشكە ) مۇھتاجمۇ دېگەنگە بېرىپ تاقىلىدۇ. شۇڭا مېنىڭ تۆۋەندە يازماقچى بولغانلىرىم پەقەت مېنىڭلا قارىشىم خالاس. بۇنى سىز ماڭا قىلىنغان تەنقد دەپ چۈشىنىپ قالماڭ. مەن پەقەت سىز بىلەن بۇ دىئالوگ ئارقىلىق خۇددىي ئەپلاتون ئېيتقاندەك ھەقىقەتنى ئىزدەپ باقماقچى .
سىزنىڭ پەلسەپە توغرىسىدا بەرگەن بىر قسىم تەبىرلىرىڭىزدىن مەن سىزنىڭ پەلسەپەگە يڭىلا كىرىشكەنلىكىىڭىزنى، يەنە بىرى بۇ ھەقتىكى كېتابلرنى تېخى كۆپ كۆرمىگەنلىكڭىزنى ( كۆرسىڭىزمۇ غەرپ پەلسەپەسى بىلەن تېخى ئۇچراشمىغانلىقىڭىزنى ) شۇڭىلاشقا بىر قسىم بىر تەرەپلىمىلەرگە يول قويغانلىقىڭىزنى ھېس قىلدىم. لېكىن ئەلۋەتتە، بۇلار سىزنىڭ نۇقتىينەزەرلىرڭىزنىڭ خاتا بولۇشىنىڭ زۆرۈر شەرتى بولالمايدۇ.
شۇنىسى سىزگە ئايانكى، پەلسەپە دەرھەقىقەت يۇناننىڭ، بۇ بۇرۇنمۇ شۇنداق دېيىلگەن، ھازىرمۇ ھەم ( مەسىلەن 20 – ئەسىردىكى ئەڭ مەشھۇر پەيلاسۇپ جاك دەررىدا مۇ بۇ كونا قاراشقا يېڭى تون كېيگۈزۈپ، << پەلسەپە مەڭگۈ يوناننىڭ >> دېگەنئىدى. ) يەنە باشقا مەشھۇر پەيلاسوپلارمۇ ھەم شۇنداق قارايدۇ.

بۇ ئىسپات تەلەپ قىلمايدىغان بىر ئاكسىئوما. بۇ تەۋەلىك مۇناسىۋىتى ئەلۋەتتە پەلسەپىگە دائىر بارلىق ئۇقۇملارنىڭ (مەسىلەن، سۇبستانسىيە، سەزگۇلەر ئالىمى، ھالقىما سەزگۇلەر ئالىمى—“سۇپەر سەنسىبلە ۋورلد”، سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتى، ئەركىنلىك، زورۇرىيەت، مۇمكىنچىلىك، بارلىق، يوقلۇك، ئاكتۇئاللىشىش—“ئاكتۇئالىزاتىئون”، پوتەنسىئاللىق، ماكان ۋە زامان قاتارلىقلار) مەنبەسىنىڭ يۇنان ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ. دېمەك، دۇنيا مانا مۇشۇ ئۇقۇملارنىڭ ئوز ئارا مۇناسىۋىتى ئارقىلىك چۈشىنىلىدۇ. مەسىلەن، سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ھازىر بىر كىتاپ بار، سىز ئۇنى سەزگۇلەۋاتىسىز. لېكىن ئۇنى سەزگۇلەش ئۇچۇن سىزدە ئالدى بىلەن بارلىق شەيىلەرنى ئوز ئىچىگە ئالالايدىغان سۇبستانسىيە (ماددىيلىك) دېگەن ئۇقۇم ئالدىن ھازىرلىنىشى كېرەك، ئاندىن يەنە سىزدە يەنە ماكان ۋە زامان ئۇقۇمى بولۇشى كېرەك، چۇنكى ئۇ كىتاپ دەل شۇ ماكان ۋە زاماندا سىزگە كورىنىدۇ. ئەمدى ئەڭ مۇھىمى سىزدە يەنە “كىتاپ” دېگەن ماكاندىمۇ ۋە زاماندىمۇ مەۋجۇت بولمىغان كىتاپ دېگەن بىر ئۇقۇم يۇقىرىدىكى ئۇقۇملار بىلەن بىرگە خۇددى ئەپلاتون ئېيتقان “ئىدىيىلەر ئالىمى” بولۇشى كېرەك. ھالقىما سەزگۇلەر دۇنياسىدىكى مانا مۇشۇ ئىدىيىلەر بىزنىڭ بۇ سەزگۇلەر دۇنياسىمىزغا “قاتنىشىش” شەكلىدە كېلىدۇ، بىز شۇ ئارقىلىك كونكرېت شەئىلەرنى چۇشىنىمىز. يەنى، تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرساق، سىزگە مەن ماڭا ئادەمنى تەپىپ بەر دەسەم سىز تاپالماسلىقىڭىز مۇمكىن، چۇنكى ئۇ “بىر” ئۇقۇم خالاس. لېكىن، سىز ماڭا “ئەمەت”، “سەمەت”، “مەمەت” قاتارلىقلارنى تەپىپ بەرەلەيسىز، چۇنكى ئۇلار دەل ئاشۇ “ئادەم” دېگەن ئۇقۇمنىڭ كاتنىشىشى ئارقىلىك سەزگۇلىنىدۇ ۋەچۈشىنىلىدۇ. (بۇ يەردە بۇ ئىدىيىلەرنىڭ ئادەمنىڭ ئېڭىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكى ياكى ئۇنىڭ ئىنسان ئەڭىدىن ھالقىغان مەۋجۇتلۇك ئالىمى بارلىقى ھەققىدىكى غەرپ پەلسەپە تارىخدىكى بۇ تالاش تارتىشنى سوزلىمەي، چۇنكى بۇلار ھازىرقى مۇھاكىمىمىزگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئەمەس.)

دېمەك، پەلسەپنىڭ پۇتكۇل تەتقىقات يونىلىشى يۇنانچە بولۇپ كەلدى، چۇنكى ئۇلار تۇنجى بولۇپ دۇنيانى (سۇبيەكىتنى ئەمەس، چۇنكى يۇنانلاردا سۇنيەكىت دەگەن ئۇقۇم يوق ئىدى، بۇ ئۇقۇم ھازىرقى زاماندا پەيدا بولدى) چۈشىنىشنىڭ بىر يورۇق مېتودىنى تېپىپ چىققان بولۇپ، بۇ يەردە دۇنيانىڭ ئەقلىي قۇرۇلمىسى بىلەن ئىنسان ئەقلىنىڭ – يەنى ئارستوتىلنىڭ لوگېكىسى يەكۈنلىگەن تەپەككۇر شەكىللىرىدە ئەكس ئەتكەن ئەقلىي قۇرۇلمىنىڭ – يۈكسەك ماس كېلىش بار. مانا مۇش سەۋەبتىن بىز دۇنيانى چۈشىنەلەيمىز( بۇ بىر ئۇزۇن ھېكايە ، مۇشۇنچىلىك توختىلاي ). گېرىكلار مۇشۇ نۇقتىدىن ئىنساننىىڭ بىلىمىنى چوڭ جەھەتتىن ئالغاندا ئىككىگە بۆلدى. سەزگۈ ئەزالار بىلەن ئېرىشىلىدىغان بىلىم ۋە ئەقىل بىلەن ئېرىشىلىدىغان بىلىم ( ئارستوتىل بۇنى بەشكە بۆلىدۇ : 1. تېخنىكىلىق بىلىم. يەنى ئىشلەپ چىقىرش خاراكتېىرىدىكى بىلىم ( تەكنە ) ، 2 . پراكتىكىلىق پاراسەت ، يەنى پرونەسس ( ھېچقانداق ئالدىنقى قائىدە – قانۇنىيەتكە سالغىلى بولمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا بىۋاسىتە ۋە شۇ ھامانلىق خاراكتېرىگە ئىگە بىلىم. بۇ بىزدىكى ( ئەھۋالغا قاراپ ھۆكۈم قىلىش دېگەنگە سەل پەل ئوخشاپ قالىدۇ ) ،3 . ئەقىل – پاراسەت ( ئەپستەمە ) ، 4. ئەقىل ( سوفىئا ، يەنى پەلسەپەدىكى سوفىئا )، 5. ئەقلىي بىۋاسىتە سەزگۈ ( نوئۇس ) . بۇلرنىڭ ئالدىنقى ئۈچى ئادەتتە ئىنسان ئىگە بولۇشى كېرەك بولغان پەزىلەتلەر دەپ قارىلىدۇ. پەلسەپە دەل << سوفىئا >> غا يەنى نەزەرىيۋى ئىلىم – پەنگە كىرىدۇ. سىزمۇ بۇنى شۇنداق دەپ قاراپسىز. لېكىن، پەلسەپەنىڭ تەبىرىدە بەكلا تار تەبىرلەپسىز. گەرچە سىزنىڭ تەبىرىڭىزنى فارابى قوللىسىمۇ، لېكىن بۇ پەلسەپەدىن ئىېبارەت غايەت زور ئەقلىي پەننىڭ تۈرلۈك تارماقلىرىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. يەنى پەلسەپە مېنىڭچە تۆۋەندىكىدەك تەبىرلىنىدۇ:
ئا . ئۇ ئەقىل – پاراسەت ھەققىدىكى ئىزدىنىشتۇر؛ ب . ئۇ كۆزىتىش ئۇسۇلى بىلەن ئەمەس ، بەلكى پىكىر قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تۈرلۈك قىممەتلەر ۋە رىئاللىق ھەققىدىكى ئومۇيۈزلۈك چۈشىنىش ھەققىدىكى ئىزدىنىشتۇر؛ س . ئۇ پەلسەپىۋىي ئۇقۇملارنىڭ سستېمىسىدۇ. قاتارلىقلار. ئۇنىڭ ئېپستېمولوگىي ( بىلىم ياكى ئىنساننىڭ بىلىشى ھەققىدىكى بىلىم ياكى نەزىريىنى كۆرستىدۇ )، لوگېكا، ئېتىكا، ستاتسىتېكا، سىياسىي پەلسەپە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ( يەنە مائارىپ پەلسەپەسى ۋە دىن پەلسەپەسىىمۇ بار ).
پەلسەپەدىكى نېگىزلىك مەسىىگە كەلسەك، بۇ تارىختىن بېرىى ئۆزگىرىپ كېلىگلىك. شۇڭا بۇلارغا سىز ئېتقاندەك << ماددا ۋە ئاڭنىڭ مۇناسىۋىتى >> دەپ جاۋاب بەرسەك بەكلا تومتاق بولۇپ قالىدۇ . مەسىلەن :
قەدىمقى گىرىك دەۋرىدە پەلسەپەدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە قارىماققا تەرتىپسىزلىككە تولغان دۇنيادىن بىر تەرتىپ ئىزدەش، شۇ ئارقىلىق ئۇنى ئەقلى يوسۇندا چۈشەندۈرۈش ئىدى. شۇنىڭدەك ئۇ دەۋردە ئىنساننىڭ دۇنيانى قانداق بىلىشنى چۆرىدىگەن ھالدىكى ئىككى خىل بىلىم ( يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك ) ۋە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى بەكلا مۇھىم ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئېتىكا ئىلمىمۇ بۇ دەۋردە قاتتىق تەرەققىي قىلغان بولۇپ، سوقراتنىڭ ئەخلاقلىق تۇرمۇشنىڭ قانۇنىيتى بارمۇ، ياخشىلىق دېگەن نىمە، ھەقىقەت بىلەن ياخشىلىقنىڭ ھەم ئادالەتنىڭ قانداق مۇناسىۋېتى بار، ئەخلاقى قانۇنىيەتلەر مەڭگۈلۈكمۇ ئۇلار نەدىن كەلگەن، ئۇلار ئۇنىۋېرسالمۇ دېگەندەك سۇئاللىرى ئۆز نۆۋىتىدە ھازىرمۇ مۇھىم سۇئاللار سۈپىتىدە قارىلىدۇ. سىياسىي پەلسەپەدە بولسا جەمئىيەتنىڭ مەۋجۇت قۇرۇلمىسى بىلەن ئىنساننىڭ مەۋجۇت ئالاھىدىلىكى يۈكسەك دەرىجىدە بىرلەشكەن جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ مۇمكىنچىلىقى ھەققىدە ئىزدىنىلگەن ( يەنى پادىشا – ئەقىل ، ھەربىيلەر – جاسارەت ؛ ئاۋام – ئادەمنىڭ ھايۋانلىق ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈدىغان ھەزىم قىلىش، ئۇزۇقۇلۇق سۈمۈرۈش قاتارلىقلار ).
ئوتتۇرا ئەسردە بولسا ( يەنى ئوتتۇرا ئەسىر خىرستىئان ، يەھۇدىي ۋە ئىسلام پەلسەپەلىرىدە ) خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن يارالمىشلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئوتتۇرىسىدكى مۇناسىۋەت مۇھىم ئۇرۇندا تۇرغان ئىدى. ئىلاھىي ئالام بىلەن ئىنسانىي ئالەم ئوتتىرىسىكى ئېتىكىلىق، دىنىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەت تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىنغان ئىدى. ھازىرىقى زاماندا بولسا ، خۇدا ھەقىقەتنىڭ مەنبەسى دەپ قارالماستىن، ھەقىقەت سوبىيكتىپتىن ئىزدەلدى: سوبىيكت دۇنيانى چۈشىنىشنىڭ مەنبەسى بولدى. يەنى پەلسەپەدە << كوپېنىكچە ئېنقلاپ >> يۈز بېرىپ دۇنيا مەركەز بولۇشتىن ئادەم يانى سوبىيكېت مەركەز بولۇشقا ئۆتۈپ، دۇنيا ئۆزىنىڭ تەرتىپىنى سۈبېيىكتتىن ئىزدەيىدىغان ۋە ئۇنىڭغا مۇتلەق بويسىدىنىغان بولدى. ئەخلاقنىڭ مەنبەسىنى ئەقلگە بوي سۇنىدىغانلىقى ياكى ھېسىياتقا بوي سۇنىدىغانلىقى ھەققىدىكى بەھس مۇنازىرىلەر بولۇپ ئۆتتى.

بۈگۈنكى دۇنيادا پەلسەپە ( غەرپ دۆلەتلىرىدە ) ئاساسەن ھادىسىشۇنالىقنىڭ كۈچلۈك تەسىرىدە ئىنساننىڭ كونكېرىت ھاياتلىق شەكلى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. ئەخلاقى پەلسەپەمۇ ئۆزى ىبلەن ئۆزگە ئوتتىرىسىدىكى ئېتىكىلىق مۇناسىۋەتكە مەركەزلىشىۋاتىدۇ.
ئاخىرىدا قىسقىچە قىلىپ سىز ئوتتۇرىغا قويغان يەنە بىر مەسىلىگە كېلەيلى، ئىسلامدا پەلسەپە بولامدۇ ؟ بۇ سۇئالنى ئاۋۋال بىر تەكشۈرۈۋېتىش كېرەك. چۈنكى ئىسلامدا پەلسەپە ھەققىقەت بولغان ۋە ئوتترا ئەسردە خېىلى تەسر قوزغىغان ( گەرچە بەزى غەرپ پەلسەپە تارىخچىلىنىڭ قارىشىچە ئىسلامدا پەلسەپە يوق ، ئۇلار پەقەت ئارستوتىل پەلسەپەسىنىڭ << قۇللارچە >> ئەگەشكۈچىللىرى ۋە شەرھىيچىلىرىدۇر. مانا مۇشۇ مەنىدىنمۇ – پەلسەپە مەنىسىدىنمۇ – ئىسلامدا ھەقىقىي پەلسەپە يوق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ ) بۇ تارىخي پاكىتتۇر، شۇڭىلاشقا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۇ پەلسەپە ھەققىدە نۇرغۇن تەتقىقاتلر ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. شۇڭا، سۇئال ئىسلامدا پەلسەپە بولۇشى كېرەكمۇ دېگەن سۇئالغا مەركەزلىشىشى كېرەك؛ مانا مۇشۇ يەردە بىز ئىسلامدا پەلسەپە بىلەن شۇغۇللىنىش زۆرۈرمۇ دېگەن تۈپكى ھەم ئەڭ سەزگۈر مەسىلىگە دىققىتىمىزنى بېرىمىز.
گەرچە يەھۇدىيلارمۇ ، خىرىستاتىيانلارمۇ يەنى بىر خۇدالىق دىندىكىلەرمۇ ئۆزلىرىنى يارتقۇچىنىڭ سۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس كېتابلاردا يېزىلغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. لېكىن ئۇلار خۇدانىڭ ھەقىقتى ھەققىدە ئەقلىي ئىزدىنىشىنى بىر مىنۇتمۇ ئەستىن چىقىرىپ قويمىغان. سىزگە بۇنى بىر مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشكە ئورۇنۇپ باقاي : مەن بىر كىچىك بالا بىلەن مۇنداق بىر سۆزلىشش ئېلىپ باردىم. مەن ئۇنىڭغا خۇدانىڭ بىزنى ياراتقانلىقىنى ئېيتسام، ئۇ << خۇدا بىزنى نېمىدىن ياراتتى ؟ >> دەپ سورىدى ، ئېتتىكلا << خۇدا بىزنى يوقلۇقتىن با قىلغان >> دېسەم، ئۇ چۈشەنمەي << قانداقسىگە ؟ >> دېدى . مەن ئۇنىڭغا سەۋرچانلىق بىلەن << قۇرئان كەرىم >> دىكى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى سۆزلىسەم ئۇ يەنىلا چۈشەنمىدى. ئەڭ مۇھىمى مەنمۇ بارا – بارا ئۆزەمنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىمنى چۈشەنمەي ، گاڭگىراپ قېلىشقا باشلىدىم. يوقلۇق ( بۇ پەلسەپىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۇقۇمنىڭ بىرى بولۇپ، مەۋجۇداتنىڭ ھالىتىنى بىلدۈرىدۇ .) قانداق قىلىپ بارلىققا ئايلىنالايدۇ. سىز ئېھتىمال ، تۈزلا خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن دېيىشىڭىز مۇمكىن. ئۇنداق بولسا خۇدانىڭ قۇدرىتى دېگەن نېمە ؟ دېسەم بۇلارنى بىر – بىرلەپ چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ماڭا << قۇرئان كەرىم >> نى ئوقىۋېلىڭ ، دېيىشىڭىز نىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى ئېھتىمال قىياس قلالىشىڭىز مۇمكىن. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا مېنىڭ سۇئالىم توختالغۇسىز داۋاملىشىدۇ ( گەرچە مەن خۇدانى ئۆيۈمدىكى بىرەر ئوبېيكتىنى بىلگەندەك بىلىشنى مەقسەت قىلمىغان بولساممۇ ). سۆزىمىزگە كېلەيلى، مەن كىچىك بالىنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن بىر قاتار پەلسەپە ئۇقۇملىرىنى ، ئۇلارنىڭ مەنىسىنى ۋە مۇناسىۋەتلىرى مەسىلىسىگە دۇچ كەلدىم ( بۇ ئۇقۇملار ئۆز ۋاقتىدا دەل يۇنان پەلسەپەسىدە تىلغا ئېلىنغان مەسىلەن، سۇقىراتنىڭ ئىلگىرى ئۆتكەن پارمېندىس دېگەن پەيلاسوپ: يوقلۇقتىن يوقلۇقلا بارلىققا كېلىدۇكى، بارلىق بالىققا كەلمەيدۇ ؛ يوقلۇقتىن بارلىقنىڭ بالىققا كېلىشى مەنتىقىگە ئۇيغۇن بولمايدۇ، ئەگەر ئۇ بارلىققا كېلىدۇ دەپ قارالسا، ئۇنىڭدىن ئلگىرىكىسى يوقلۇق ئەمەس ، بەلكى بارلىق بولۇشى كېرەك. ئەگەر مۇنداق بولسا، بىزنىڭ چىقىش نۇقتىمىز خاتا بولغان بولىدۇ: ئەگەر بىزنىڭ چىقىش نۇقتىمىز خاتا ئىكەن، دېمەك بۇ يەردە پەقەت ھەم يوقلۇقتىن بارلققا كەلمىگەن ھەم يوقلۇققا ئايلىنىپ كەتمەيدىغان بىرلا بارلىق ، يەنى بىرلا مۇتلەق بارلىق بار. بۇ بارلقنى ھازىر بەزىلەر ھەم ئىپتىداسى ھەم ئىنتىھاسى بولمايدىغان كائىناتنىڭ دەسلەپكى خيالى دەپ قارىشى مۇمكىن . ( بەلكىم ئىلاھى دېگەن سۆز بولىشىمۇ مۇمكىن . ئۆرۈش جەريانىدا پەرق قىلغىلى بولمىدى ). دېمەك بۇ سۇئاللارنىڭ چوڭقۇر پەلسەپە ئارقا كۆرۈنشى بار بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۆزىمىزنى قاچۇرالمايمىز ( دەل شۇنداق بولغاچقا ، ئىسلام ئالىملىرىمۇ پەلسەپەدىن ئۆزىنى قاچۇرالمىغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانغان ). بۇ سۇئاللارنىڭ ھەممىسى << خۇدا دېگەن نىمە – ياكى خۇدا كىم – ياكى مەن بىلەن خۇدانىڭ نىمە مۇناسىۋىتى بار >> دېگەن نۇقتىغا مەركەزلىشىدۇ. خۇدانى ئۆزى ياراتقان ۋە كائىناتنى ۋە ئىگىسىنى بىلسۇن، تونۇسۇن شۇ ئارقىلىق ئېتىقادىنى تېىخىمۇ كۈچەيتسۇن دەپ ياراتقان ئەقىل ئارقىلىق تونۇش ھەرگىزمۇ مۇقەددەس كېتابنىڭ روھىغا مۇغالىپ ئەمەس دەپ قارايمەن.
سىز ئېھتىمال خۇددى ئاۋار ئەپەندى ئېيتقاندەك << ئىسلامدا ھەممە مۇقەددەر كېتابتا دېيىلىپ بولۇنغاچقا، يەنە چىقىپ خۇدانىڭ سۈپەتلىرى ، مەۋجۇدلۇقى ھەققىدە سۆزلىشىشنىڭ زۆرۈرىيتى يوق >> دەپ قارسىڭىز. بۇ مېنىڭچە تازا توغرا بولمايدۇ. ئەگەر مەن سىزگە ئىسلام دىنىنى مەن شۇنچە ئۆگەندىم ، لېكىن ئاخىرى بۇ دىندىن رايىم يېنىپ كەتتى دېسەم ، سىز مېنى قانداق قىلىپ قايىل قىلالايسىز ( ئەگەر سىزدە ئاشۇنداق قىلىش نىيىتى بار دەپ پەرەز قىلغان ئەھۋال ئاستىدا ). سىز ماڭا ھەقىقەتنىڭ ھەممىسى مۇقەددەس كېتابتا سۆزلىنىپ بولۇنغان دەپ جاۋاب بېرىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن قانداق سۆزلەنگەن دېسەم ماڭا نۇرغۇن ئايەتلەرنى سۆزلەپ بېرىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن مەن بۇنىڭغا قايىل بولماي ماڭا ئەقلى شەرھىيلەش كېرەككى دوگىما ھالدىكى نەقىللەش ئۇسۇلىدىن تويۇپ كەتكەندىم دېسەم، سىز قانداق قىلىسىز ؟ ( توغرا، مەندەك بىر جاھىلغا ئۇچراپ قېلىپ پالاكەتكە ئۇچرىغىنىڭىزنى تەن ئېلىپ، ئالدى ئارقىڭىزغا قارىماي كېتىشىڭىز مۇمكىن ياكى يەنە كونا ئۇسۇلنى تەكرارلىشىڭىز مۇمكىن ). لېكىن ماڭا ئەقلىي چۈشەندۈرۈش كېرەك بولغاچقا، بىردىن بىر ئۇسۇل چوقۇپ بۇ ھەقىقەتنى ماڭا يېشىپ كۆرسىتەلىشىڭىز كېرەك. ھەقىقەت ھەرگىزمۇ دوگما ئۇسۇلدا ئەمەس بەلكى ئەقلىي يوللار ئارقىلىق سىستېمىلىق تەرتىپلىك نامايەن بولىدۇ. ئەگەر بۇنى ئېتراپ قلسىڭىز شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئىلاھىي ھەقىقەتلەرنى پەقەت ئىلاھىيەتشۇنسالىق ۋە پەلسەپە ئارقىلىقلا ھەق دادىغا يەتكۈزۈپ بايقىغىلى ۋە باشقىلارغا چۈشەندۈرۈگىلى بولىدۇ. شۇڭا ئىسلامدا پەلسەپە بولغان ۋە بولۇشى كېرەك؛ ئىسلام بىلەن پەلسەپە بىر بىرى بىلەن سىغىشالمايدىغان ئىككى كاتوگىريە ئەمەس. ئېھتىمال خۇدانى بۇنداق ئەقلىي چۈشەندۈرۈشكە مۇھتاج ئەمەسمەن دېيىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن بىز ئازغۇن ئىنسانلار بۇنىڭغا مۇھتاج ، يەنى ئەقىل ئارقىلىق ئېتىقاد قىلىشقا مۇھتاج. گەرچە مەن ئېتىقاد ئەقىلگە مۇھتاج ئەمەس دېگەن قاراشنى پۈتۈنلەي رەت قىلمىساممۇ، ئەقىل ئارقىلىق قىلىنغان ئېتىقاد تېخىمۇ مۇكەممەل ئېتىقاد بولىدۇ . ئەگەر خۇدا ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزى ياراتقان كائىناتنىڭ ھەقىقىتىنى ئىزدەشنى ئۈمىد قىلىدىغان پەلسەپەنى رەت قىلسا، ئۇخشاش ئۇسۇل بويىچە باشقا ئاخرىدا ئىلاھىي ھەقىقەتنىڭ نامايەندىسى بولغان تەبىئەت ھەقىقەتلىرىنى ئىزدەشنى ئاساش قىلغان ھەرقانداق پەنلەرنىمۇ رەت قىلىشى كېرەك. چۈنكى ھەممە ھەقىقەت ئاللىبۇرۇن دېيىلىپ بولۇنغان. ئەگەر خۇدا باشقا پەنلەرنىنىڭ تەرەققىياتىغا يول قويغان ئىكەن، شۇ قاتاردا ئەقلىي ئىزدىنىش ئېلىپ باردىغان پەلسەپىگە يول بار بولغان بولىدۇ. ئەجەبا خۇداىنىڭ ھەقىقىيلىقىنى ئىلىم – پەن مۇۋەپپەقىيەتلىىرى ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇش ھازىر مۇدا بولسا بولىدىكەنۇ، ئۇنى پەلسەپەدىكى ئەقلى ئىزدىنىش ئارقىلىق بىلىشكە بولمامدىكەن؟ نېمە ئۈچۈن ھەممە دېيىلگەن دەپ جىم ئولتۇرماي يەنە نۇرغۇن پەنلەر بىلەن مۇسۇلمانلار شۇغۇللىنىدۇ ( باشقا دىندىكىلەرنى دېمەيلا قوياي ) .
ئاخىرىدا شۇنى دەپ قويايكى ، ئىسلامدا پەلسەپە بولۇشنى توسقۇچىلار ۋە بۇنڭغا قارشى چققۇچىلار تارىختىن بېرى چىقىىپ كەلگەن. ئاقىۋەت نېمە بولدى؟ غەرپ پەلسەپە بىلەن ئۆزىنىڭ ھازىرىقى تەرەققىياتىغا ئاساس سالغان ئاقارتىش ھەرىكىتىنى مەيدانغا كەلتۈردى. ئىسلام دۇنياسى ئوتتۇرا ئەسىر ئاڭ فورمىسىدا قېلىۋەردى. ئۇنىڭدا نە دۇنيا ، نە جەمئىيەت ، نە سوبېيىكت، نە ئىنساننىڭ ئەركىنلىكى ھەققىدە ئىزدىنىش بولمىدى. پەلسەپە ئارقىلىق غەرپلىكلەر پىكىر قىلىشنى غايەت زور دەرىجىدە يېڭىلاپ بارسا، ئىسلامدا پىكىر قىلىش 10 – ئەسرنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتۈشكە يول قويۇلمىدى. غەرىپلىكلەر پەلسەپە ئارقىلىق ئۆزىنى تونۇسا، ئىسلامدىىكىلەر ئۆزىنى ئۇنتىدى. غەرىپلىكلەر پەلسەپە ئارقىلىق دۇنيانى ئۇقۇملاشتۇرۇسا، ئىسلامدا دۇنيا ھېكايە ئېيتىش سەۋىيىىسدە چۈشەندۈرۈلدى.
سىز ئېھتىمال غەرپلىكلەر كاپىر بولغاچقا پەلسەپە بىلەن شۇنداق شۇغۇللاندى دېيشىڭىز مۇمكىن، لېكىن ئۇلارنىڭمۇ كامىل دىندارىلى خۇدانى ئەقلى كورلۇق ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئەقلىي روشەنلىك بىلەن چۈشىنىشنى ئۈمىد قىلدى ( گەرچە بۇ بەزىدە چەكتىن ئېشىپ كېتىپ، خۇدا ئىنساننىڭ بىلىش ئوبېيكتى بولۇپ قېلىشتەك ھالەت شەكىللەنگەن بولسىمۇ ، ياكى خۇدانى پانتېزمىلىق ۋە مىستىكىلىق ئۇسۇلدا بىلمەكچى بولغاندەك . لېكىن كانتتەك ئۇلۇغ پەيلاسوپلار بىز پەقەت ماكان ۋە زاماندىكى شەيئىلەرنى چۈشىنەلەيمىز، خۇدا ماكان زاماندىن ھالقىپ كەتكەچكە ئۇنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ، ئەگەر چۈشىنىمىز دېسەل بۇ بىر ئەخمەقلىك خالاس، دېيىش ئارقىلىق غەرپلىكلەرنىڭ دىن پەلسەپەسىگە ئىنقلاپ خاراكتېرلىك بۇرۇلۇش ئېلىپ كەلدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزى تا ھازىرغىچە نۇرغۇن ئىلاھىيەتشۇناسلار تەرىپىىدن توغرا دەپ قوبۇل قىلىنىپ كېلىنىۋاتىدۇ .)
ئاخىرىدا ئۆزۈمنىڭ پەلسەپىنى ئىسلامدىن چىقىرىۋېتىش كېرەك دەيدىغان ئوتتۇرا ئەسرچە ( كەچۈرسىز مۇشۇنداق دېمەي ئامالىم بولمىدى ) قاراشتىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىمەن. بىرى ، بۇنداق قاراشنى كۆتۈرۈپ چىققانلار پەلسەپەنى دېگەندەك چۈشەنمەيدۇ. پەقەت پارتىزانسكى بىلملا بار خالاس ( ئەلۋەتتە ، سىزنى مەن تولۇق چۈشەنمەيمەن، شۇڭا ئېغىر ئالماسلىقىڭىزنى سورايمەن ) ، ئىككىنچىسى ، بۇلارنىڭ ئىدىيىسى بىر قەدەر كونسېرۋاتىپ بولۇپ، پەلسەپەدەك بىز زارىقىۋاتقان ئىلىمنىڭ بىزدە يېڭىۋاشتىن دىققەتنى قوزغىشىغا، ئۆگنىلىشىگە ئىنتايىن يامان تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۈچىنچىسى ، شۇڭا مېنىڭ بىزدە تېخى ئىلىم دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئوتتۇرا ئەسرىدن ئۇينىغا سلجىمىغانلىقىغا ، شۇڭا كۆرەر كۈنىنىڭ ھارىقىدەكلىكىگە ئىشەنمەي ئامالىم يوق. دېمەك بىزدە ئىلىم تارختىن بېرى بىر قىسىم ساختا بىلىمدانلار ۋە كونسرۋاتىپلار تەرىپىدىن چىدىغۇسىسز دەرىجىدە خارلىنىپ كەلگەن. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۆزلۈكنىڭ خارلىنىشىدۇر. ( بۇلارنى سىزگە قارىتىپ ئېيتمىدىم ). بۇنداق شارائىتتا مېنىڭ سۈكۈتنى تاللىشىم ئاقىللىق ئىدى. لېكىن خۇدا يەنە شۇنداقمۇ ئەمىر قىلىدۇكى ، بىلگەننى باشقىغا بىلدۈرمەسلىك گۇناھتۇر. مەن دەل مۇشۇ گۇناھقا قالماسلىق ئۈچۈنلا بۇلارنى سىزگە يازدىم.
ئەقلىي ئىزدىنىشىڭىزگە ئۇتۇق تىلەپ ،
بىر قېرىندىشىڭىزدىن

————————————-
نامە مۇشۇ جايدا تامام بولدى. يۇقىرىقى خەت گەرچە ماڭىلا يوللانغان خەت بولسىمۇ ، بايان قىلىنغان مەزمۇنلار كۆپچىلىكنىڭمۇ بىلىپ قېلىشىغا ئەرزىيدىغان . پەلسەپە ھەققىدىكى پىكرى چۈشەنچىلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ياردىمى بولدىغانلىقى ئۈچۈن نامە ئېگىسىنىڭ روخسىتىسىز يوللاندى . بۇ مۇ ناما ئېگىسى ئېيتقان << خۇدا يەنە شۇنداقمۇ ئەمىر قىلىدۇكى ، بىلگەننى باشقىغا بىلدۈرمەسلىك گۇناھتۇر. >> دېگەن ھېكمەتكە ئۇيغۇن دەپ قارايمەن. بەلكىم بۇ نامىنىڭ ئېگىسىمۇ مەزكۇر مۇھاكىمىمىزگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺩﯨﺪﺍﺭﺳﯩﺰ ﺳﯚﮬﺒﻪﺕ ( 2 )

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟