نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > AIDS ئەدەبىياتى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئەيدىز بار

ئالاھىدىن ئابدىرشىت
( ئوۋچى تور خاتىرىسى )

ۋابادەك يامرىدى بىزگە، بۇ دەم ھەرياندا ئەيدىز بار،

ۋەھىمە قاپلىدى دىلنى، تالاي ئىنساندا ئەيدىز بار،

تېنىڭگە ئاققىنى سەلدەك شۇ ئەيدىز،قاندا ئەيدىز بار،

پەرىشتە سايىسى يوق،بىزدىكى شەيتاندا ئەيدىز بار،

چىرىكلىك،روھى گۇمراھلىق بىلەن ۋىجداندا ئەيدىز بار.

پاھىشە،بەچچىۋازلارنى يىراق ئامېركىدا دەيتتۇق،

تېخى تۆت كۈن بۇرۇن ئەيدىز دېسە ئافرىقىدا دەيتتۇق،

يولاتما ئۇنى ئۇيغۇرنىڭ قېنىغا ئاھ، خۇدا دەيتتۇق،

ھايا، ئىپپەت، نومۇستىن قىلمىغىن بىزنى ئادا دەيتتۇق،

بۈگۈن قەشقەر، ئۈرۈمچى، غۇلجا ھەم تۇرپاندا ئەيدىزبار.

خىروئىن كەلدى بىر چاغلار جاھاننىڭ چېتىدىن بىزگە،

نىدالار كەلسىمۇ تۇيغۇن يۈرەكلەر قېتىدىن بىزگە،

مەرەزلەر يۇقتى پاسىقلار تېنىدىن-ئېتىدىن بىزگە،

نېمە قالدى بۇ مىللەتنىڭ غۇرۇرى-بېتىدىن بىزگە؟!

بېشىڭغا ياغقىنى ئاپەت، قارا ئاسماندا ئەيدىز بار.

ساراي سالدۇق، يەنە ئىشرەتخانا ئاچتۇق پۇلۇم بار دەپ،

«ئەزىز مېھمان»نى كۈتتۇق قىز تېپىپ سىزگە گۈلۈم بار دەپ،

چاۋاك چالدۇق شاياتۇنلار ئاياغ باسسا قولۇم بار دەپ،

تاراتتۇق ئەلگە ئەيدىزنى مېنىڭ شۇنداق يولۇم باردەپ،

تۆرۈڭگە بولمىساڭ ئاگاھ«يېڭى مېھمان»دا ئەيدىز بار

قەدەمدە كاتتا ھور مۇنچا سېنى ساقلايدۇ ،

سېلىپ ئىندەكچىنى ئارىغا كۆڭۈل ياقلايدۇ ،

قىلىپ يالىڭاچ ئەمەس يەرنى قىرىپ ئاقلايدۇ ،

كېرەككە كەلمىسەڭ دورا بېرىپ باپلايدۇ ،

قاتار رەستە، كوچا، دوقمۇش، يەنە مەيداندا ئەيدىزبار.

قالارسەن بەلكى ھەيرەتتە كېلىپ قالساڭ شەھەرلەرگە،

خېنىملار ساتىراچ بولدى بېرىپ تۆشۈكنى ئەرلەرگە،

يەنە ھېلىقى تىجارەت بار قەدەم ئالساڭ بۇيەرلەرگە،

ھۇجۇم باشلانسا ھالىڭ يوق چۈمەرسەن قارا تەرلەرگە،

ئۆزۈڭنى دالدا قىلساڭمۇ ھامان پىنھاندا ئەيدىز بار.

گۇمان قوزغالسا ئەيدىزدىن ساڭا بىر يۇقتۇراي دەيمىز،

ئۇنىڭ دەردى-ئازابىنى ساڭا بىر ئۇقتۇراي دەيمىز،

ھاياتنى،بەخىتنى ئۇتتۇردۇم،جىىمىنى ئۇتتۇراي دەيمىز،

زەھەرنى ئاش قىلىپ تەڭلەپ كۈزۈڭدە يۇتتۇراي دەيمىز،

تونۇرغا ياقمىساڭ ئوتنى بازاردا ناندا ئەيدىز بار.

تاغاردىن ئاشنى كەمچەرلەپ ئەشۇ دېھقان سېتىپ كەلسە،

ۋەيا ئوتياشنى مىڭ تەستە كېتىپ ھالدىن سېتىپ كەلسە،

خوجايىنلار،خېنىملار ھەرتەرەپتىن تەڭ يېتىپ كەلسە،

دېمەمدۇق ئەمدى بىز توۋا، جىمى يولنى ئېتىپ كەلسە،

قېنى سەھرادىكى پاكلىق؟ نادان دېھقاندا ئەيدىز بار.

يۇشۇرساڭ بۇ ۋابانى سەن ھالاكەتتىن قاچالمايسەن،

ئۆمۈرلۈك داغ، پۇشايماندىن-نادامەتتىن قاچالمايسەن،

قەدەمدە ئۇچرىغان پاھىشە-ئاپەتتىن قاچالمايسەن،

بۇ دۇنيا ساڭا زۇلمەتتۇر، قاباھەتتىن قاچالمايسەن،

پەخەس بول،كۈتمە پەرماننى،سەۋەپ پەرماندا ئەيدىز بار!!!

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ئەيدىز بار

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!2 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ئەپسۇس مۇنداق يازغان:

    تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرى: دۇنيادا ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ سانى 33 مىليون 400 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى ئافرىقىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ياشىماقتا.

    ئەيدىزگە قارشى كۈرەش ئانچە – مۇنچە نەتىجە بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ھېلىھەم كۈندە 7 مىڭ 500 كىشىنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە دۇچار بولىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

    ئەيدىز سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋالى، يېقىنقى 8 يىلدا 17% ئەتراپىدا تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۆتكەن يىلى مەزكۇر كېسەللىك سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 2 مىليونغا يەتكەن.

    ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يوقۇملانغانلارنىڭ كۆپ قىسمى، 25 ياشتىن تۆۋەن ياشلار ئىكەن.

  2. 0102 مۇنداق يازغان:

    توردانېمەدېگىم كەلسەشۇنىدەيمەن لىكىن تۇرمۇشتا ئازراق نۇمۇس قىلىمەن قېنى مېنىڭ خيالىم ئەخمىقانە ئەمەس ئەيدىزئالرىدا قېنى بۇنى ئۇقۇڭ ………………………………
    ئەيدىز بۇدۇنيادىكى ئەڭ قورقۇنۇچلۇق كېسەل ،داۋاسى يوق ،نېمىشقا بۇنىڭ كېسەللىك ۋېروسى بىلەن ئوينىشالايدىغان ئىنسان يوق ،نېمىشقا يۇقۇپ قالسا تۈگىشىدۇ .بۇنىڭدىن قورىقمايدىغان لىكىن ئويلىسا ئازاپلىنىدىغان بىرئىنسان بۇنىڭغا جەڭ ئېلان قىلىپ مەن بۇنىڭغا داۋا تاپاي ،ياق ئۈزۈمنى ساقايتاي دېمەيدىكەن سەن ئەيدىز لىكىڭنى ئۇقساڭ خەقتىن يۇشۇرۇپ يۈرگۈچە كېسىلىمىنى ساقايتاي دېسەڭچۇ ،داۋاسى يوقمۇ؟ياق بار سەنبىر ئىنسانلار ئەيدىزدىن قورىقمايسەن سەڭا يۇقۇپ بولغان سەن ھامان ئۈلىسەن ئۈلۈش ئارلىقىدىكى كىچىككىنە ئۈمۈرۈڭدە بىر بۇكېسەل ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بارساڭ بولىدۇ سەن دىن باشقىسى بىكار بۇنى قىلارلايدۇ ھەتتا مەنمۇ شۇنداق ،شۇڭا قېرىندىشىم كىم بولۇڭ مېنىڭ بۇسۈرۈمنى ئاڭلاپ قالغان بولسىڭىز سىز ساق بولسىڭزى دوستىڭىز غادەڭ خاتا بولسا تۈزىتىپ دەڭ ئۇدېسۇن بىرئەيدىز بۇنىڭدىن تەسسىز لىنىپ كېسەلگەجەڭئېلان قىلىپ بۇكېسەلگە دېۋاتاپسا ئەجەپ ئەمەس سەن كىچىككىنە ئۈمۈرۈڭدە ھېچ ئىشقىلالمايسەن لىكىن بۇنىقىلالىشىڭ مۇمكىن سەن ئازغىنە ئۈمۈرۈڭ بارلىقىن يا3يىلدۇر بۇئۈمۈرۈڭنىڭ 1.5يىلىدا ئەيدىز توغۇرلۇق ئۈگەنسەڭمۇ 1يىلىدا ئۈزىڭنى ساقايتىپ توي قىلىسەن بالاڭنى قۇچىقىڭغا ئېلىپ تېلىۋزۇر كۈرىسەن …… ساڭا بۇنىڭدىن ئارتۇق خوشاللىق بارمۇ ؟ئويلا ئىنسان سان ئاخچان تۈگەشتىڭ سەن قىلارمىساڭ كېيىن سېنى دورايسىغاندىن بىرى چىقىدۇ ،ھېسام كامنى ئەكرام ئاكام دورايدۇ سىنى پالانە ئاچام ئاكام دوراڭدۇ سەن بۇدۇنيادىن ئۈزۈڭنى ئەمەس ئەيدىز نى يۇقات ئاكا-ئاچا سىڭىل -ئۇكىلار مەيمەت ئىشلاردىن زەھەردىن يىراق تۇرىڭلار بۇنداق بوپقالساڭلارھاياتتىن ئۈمۈدىڭلارنى ئۈزمەڭلار سىلەر كۈلسەڭلار مەن كۈلىمەن سىلەر باكاغا كۈلمەيسىلەر كېسىلىڭلارنى داۋالاپ كۈلىسىلەرپۈتۈن دۇنيادى قېرىنداشلىرىم

0102 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟