نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > AIDS ئەدەبىياتى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

يانفون بىلەن ئەيدىز ( Mobile phone & AIDS )

توققۇز مىڭ نەچچە يۈز سوملۇق يانفوننىڭ ئاشۇ ياۋاش ئايال تەرىپىدىن ئون بەشىنچى قەۋەتنىڭ دېرىزىسىدىن چۆرىۋىتىلگىنىنى ئاڭلاپ ، ئانچە پىسەنت قىلىپ كەتمىدىم . چۈنكى ياۋاش ئاياللارنىڭمۇ « مۈڭگۈزى » بولىدىغانلىقىغا ، ھامان بىر كۈنى ئۇلارنىڭمۇ « پارتلاپ » كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم .
ئاغىنەمنىڭ يانفونىغا تولاراق ناتونۇش قىز – چوكانلاردىن سىگنال كېلەتتى . قىز – چوكانلار شۇنداق كېلىشىۋالغانمۇ ياكى ئاغىنەم ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانمۇ ، تۆت ئادەم يىغىلغان سورۇن بولسىلا ، ئۇنىڭ يانفونى سايرىغىلى تۇراتتى . بۇنداق ئاۋارىچىلىقتىن بىز زېرىكسەكمۇ ئۇ زېرىكمەيتتى ، ئەكسىچە ئىنتايىن سىپاگەرلىك بىلەن سۆڭگىچىگە قول سوزۇپ ، ئالتۇن تاقىلىق كەمىرىدىن قىممەت باھالىق يانفونىنى ئالاتتى – دە ، قۇلاقلىرىغا يېقىپ تۇرۇپ « خالو ! » دەيتتى . ئۇنىڭ بىلىدىغان بىردىن – بىر ئىنگلىزچە سۆزىمۇ شۇ ، مەيلى قايسى مىللەت ، قايسى جىنس بىلەن سۆزلەشسۇن ، بىرىنچى بولۇپ ئەھۋال سورايدىغان ، سۆزلىشىش ئاخىرلاشقاندا خوشلىشىدىغان تەكەللۇپ سۆزىمۇ شۇ ئىدى . بۇنداق چاغلاردا ئۇنىڭ ئويناق كۆزلىرى بىزدە بولاتتى . بىزنىڭ – كىچىكىدىن تارتىپ بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان ئاغىنىلىرىنىڭ ھەيران قېلىشىنى ئارزۇ قىلىپ ، قاپقارا بۇرىتىنى ئەتەي ئىرغىتىپ قوياتتى . سۆزلىشىپ بولغاندا ، غەيرى كۈلۈمسىرەپ « خالودىن كەپتۇ ، ئەتە ئۇچىرىشىدىغان بولدۇق » دەيتتى . بىز چاقچاق قىلىپ :

- ئاشنىلىرىڭ كۆپ بولۇپ كەتسە ، قىيامەتتە ئۆكتە قوپىدۇ جۇمۇ – دېسەك ، ئۇ – بىز دېگەن ئوغۇل بالا ، دەپ مەيدىسىگە ئۇراتتى .

بىر كۈنى ئۇ ئۇشتۇمتۇت مېنى ئىزدەپ كەلدى :

- شاڭخەيگە بارىدىغان بولۇپ قالدىم ، ئايالىمنى شۇ يەردىكى دوختۇرخانىدا داۋالىتىشقا توغرا كەلدى . سەن ئۇ شەھەردە ئۇقىغان ، تونۇشلىرىڭ بولسا خەت يېزىپ بەرگىن ، ئىشلىرىمىز ئاسانلاشسۇن .

- بولىدۇ ، بىراق مەن ئاخبارات كەسپىدە ئوقۇغان ، مىدىتسىنا كەسپىدە تونۇشلىرىم يوق ، – دېدىم مەن سەل ئويلىنىۋېلىپ ، ھە راست ، پۇدۇڭ ئېچىش رايونىدا بىر كارخانىچى تونۇشۇم بۇلىدىغان ، شۇنى ئىزدە ، ئىشلىرىڭغا ياردەملىشىپ قالار .

خەتنى يېزىپ ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزدۇم . ئۇ ئاۋايلاپ يانچۇقىغا سالغاندىن كىيىن ، يەنە بىر يانچۇقىدىن يېرىم ئالىقانچىلىك تېلېفون خاتىرىسىنى چىقاردى .

- ئەمدى قىز – چوكان تونۇشلىرىڭنىڭ چاقىرغۇ – تېلېفونلىرىنى ياز ، بولمىسا زېرىكىپ قالىمەن .

- كەچۈر ، – دېدىم مەن ئۇنىڭ نىيىتىنى بىلىپ ، – مەندە ئۇنداق نومۇرلار يوق . بولغان تەقدىردىمۇ ، سەن زېھنىڭنى يىغىپ ، ئايالىڭنى داۋالىتىشىڭ كېرەك . ئۇ يەردە …

- قويە سېنى ! مەن خوتۇنۇمنى قويىۋېتىمەن دېمىدىمغۇ ؟ شۇڭىمۇ بىر خوتۇن ئېلىپ ياشاپ ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرەلمەيۋاتىسەن ، – ئاغىنەم بۆلەكچىلا خاپا بولۇپ كەتتى ۋە ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ، « خوش ئەمىسە » دېگىنىچە ئىشخانامدىن چىقىپ كەتتى .

ئاغىنەم چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ئۇنىڭ ھەققىدە ئىختىيارىسىز ئويلىنىپ قالدىم . باشلانغۇچ مەكتەپتە بىللە ئوقىغان ساۋاقداشلىرىم ئىچىدە پەقەت مۇشۇ باتۇر بۇرۇتلا ئالى مەكتەپكە ئۆتەلمىگەن ئىدى . شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ، ئىشچىلىقتىن كادىرلىققا ئۆسكەن ئىدى . سۇ بىلەن تەمىنلەش شىركىتىدە كاتىپلىق قىلىدىغان بۇ ئاغىنىمىز يۈگۈر – يىتىم خىزمەتلەرنى خېلى ئۇزاق ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈنمۇ ، ئەمەلدارلار بىلەن كۆپرەك ئارلىشىپ قالىدىغانلىقىدىنمۇ ياكى قۇرۇق پاراڭ سېلىشقا ھېرىسمەنلىكىدىنمۇ ، ئەيتاۋۇر ھەممىنى كۈلدىرەلەيدىغان يۇمۇرچى بولۇپ يىتىشكەن ئىدى .

شۇڭا ئۇنىڭ ئارلىشىدىغانلىرى ، ئەر ئۈلپەتلىرىدىن ئايال ئۈلپەتلىرى كۆپرەك ئىدى . ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىجتىما ئالاقە خىزمەتتىنمۇ موھىم تۇيۇلاتتى . شۇ سەۋەبتىن چاقۇرغۇ ئۇمۇملاشمىغان ۋاقىتتا بىرىنچى بولۇپ چاقىرغۇ ئاسقان ، يانفۇن يېڭىدىن پەيدا بولغاندا ئۇنى يەنە بىرىنچى بولۇپ ئىشلەتكەن مۇشۇ ئاغىنىمىز بولدى . تېلىۋىزۇر ، يانفۇن دىگندەك ئىلىكتىر ئۈسكىنىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭىسىنى ، ئەڭ مودىسىنى ئىشلىتەتتى . يېڭىسى چىققاندا كونىسىنى سېتىۋىتەتتى ، باھاسى بېلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايتتى ، بۇ جەھەتتە داڭ چىقارغان مەرتلەردىن ئىدى . لېكىن ئۇ ئاشۇ ئىلىكتىر ئۈسكىنىلىرىنىڭ پەقەت يىگىرمە پىرسەنت ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىشنىلا بېلەتتى ، يەنە سەكسەن پىرسەنت ئىقتىدارى ئىشلىمىسىمۇ كارى يوق ئىدى . ئۇنىڭ ئۈچۈن سۈپەت بىلەن ئابروي ھەممىدىن مۇھىم ئىدى .

ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۆتتى . باتۇر بۇرۇتنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى ، ئايالىنىڭ كېسىلىنىڭ ياخشى بولۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ ، ئۇلارنى يوقلاپ كېلىشنى ئويلاۋاتسام ، ئۇ ئۆزىلا كىلىپ قالدى . قارىسام ئۇ ئون بەش يىلدىن بۇيان ئالدۇرمىغان بۇرىتىنى ئالدۇرىۋېتىپتۇ .

- كۈلىسەنغۇ ؟ – دېدى ئۇ مەن بىلەن قول ئېلىشىپ تۇرۇپ ، – شاڭخەيدىكىلەر ساڭا سالام ئېيتتى .

- ئۆمۈرى ئۇزۇن بولغاي ، – دېدىم مەن ، – كەپتۇ دەپ ئاڭلاپ ، تىلىفۇن قىلسام ، يانفۇنىڭنى ئىشلەتمەپسەنغۇ ؟

- قويە ئۇ يانفۇننىڭ گېپىنى …

باتۇر بۇرۇتنىڭ ھېكايە قىلىپ بېرىشىچە ، ئەر – ئايال ئىككىيلەن شاڭخەيگە بارغاندىن كىيىن ، پۇدۇڭدىكى كارخانىچى تۇنۇشۇمنىڭ ياردىمىدە ئەڭ داڭلىق دوختۇرخانىغا ئورۇنلىشىپتۇ . جېجىياڭ كوچىسىدىكى « غەربى دىيار » ئاشپۇزۇلىدا تاماق يەۋېتىپ ، ناھايتى چىرايلىق بىر قىز بىلەن تۇنۇشۇپ قاپتۇ . ئۇ قىز باتۇر بۇرۇتقا ئالاقىلىشىش نومۇرىنى دەپ بېرىپتۇ . شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ يانفۇننى ئىشقا سېلىپ ، قىز بىلەن داۋاملىق كۆرۈشۈپ تۇرۇپتۇ ، ئۇلار ئىككىسى غەرىبچە رېستۇرانلارغا بېرىپ تاماقلىنىپتۇ . قىز باتۇرنىڭ بۇرۇتىنى چۈشىرىۋېتىپ ، « پاكىز » رەك يۇرىشىنى تەلەپ قىلىپتۇ ۋە ئالى دەرىجىلىك ساتىراچخانىغا ئۆزى باشلاپ بېرىپ ، يۈز ۋە بەدەنلىرىنى « پاكىز » لىتىپتۇ . ئۇنىڭ بەدىنىگە سۈركەلگەن سىلىقلاش مېيى شۇنداق خۇشپۇراق چاچىدىكەنكى ، باتۇر ئاغىنەم ئەزەلدىن بۇنداق خۇشپۇراققا چۆمۈلۈپ باقماپتىكەن . كىيىنكى كۈنلەر ئەيشى – ئىشىرەت ئىچىدە ئۆتۈپتۇ ، بارمىغان سەيلىگاھلار ، قونمىغان ئالى ياتاقلار قالماپتۇ . باتۇرنىڭ تۇيۇقسىز بۇرىتىنى چۈشىرىۋېتىشى كېسەل كارۋىتىدا ياتقان ئايالىنى ئەجەپلەندۈرۈپتۇ . بىچارە ئايال توختىماي سايرايدىغان تىلىفۇندىن گۇمانلىنىپ ، گاھىدا « بىر ئايالنىڭ ئاۋازىغۇ ، كىم ئۇ ؟ » دەپ سورايدىكەن . ئاغىنەم « شىنجاڭدىكى خزمەتداشلاركەن » دەپلا قويىدىكەن . شىنجاڭغا قايتىمىز دىيىشىۋاتقان چاغدا بىر كۈنى كېسەل كارۋىتى يېنىدا ھېلىقى قىز پەيدا بولۇپتۇ . ئو بوينىدىكى پارقىراپ تۇرغان مىدالىئوننى ئېلىپ :

- بۇ مىنىڭ سىزگە سوۋغىتىم بولسۇن . ئېرىڭىزنى ماڭا قالدۇرۇپ ، شىنجاڭغا قايتىپ كېتىڭ . بىز توي قىلىپ سىنگاپورغا چىقىپ ياشايمىز ، – دەپتۇ .

- نېمە ؟ نېمە دەيدۇ ماۋۇ ؟ – دەپتۇ ئايال ھاڭ تاڭ بولۇپ .

قىز بىر تۇتام سۈرەتنى چىقىرىپ ئايالغا كۆرسىتىپتۇ . بۇ سۈرەتلەر باتۇر ئىككىسىنىڭ ئىككى يېرىم ئايلىق تۇرمۇشىنىڭ « گۈزەل كارتىنىلىرى »كەن . باتۇرنىڭ ئايالى ئاۋال تاتىرىپ كېتىپتۇ ، ئاندىن دەرغەزەپ بولۇپ، سۈرەتلەرنى دېرىزىدىن سىرتقا ئېتىپتۇ ، ئارقىدىن ئېرىنىڭ سۆڭگىچىدىكى قىممەت باھالىق يانفۇنىنى يۇلۇپ ئېلىپ ، دېرىزىدىن تاشلىۋېتىپتۇ …

- ھەر ھالدا ئەر – خوتۇن ئىككىڭلار بىللە قايتىپ كەپسىلەر ، – دېدىم مەن ئۇنىڭغا تەسەللى بەرمەكچى بولۇپ ، – ھېلىقى خېنىمدىن قانداق قۇتۇلدۇڭ ؟

- ئاجايىپ ئىش . ئۇ مەن بىلەن ئارلىشىپلا ، « سىزگە كۆيۈپ قالدىم » دىگىلى تۇردى . خۇتۇن ئاغرىق بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن ئانچە – مۇنچە كۆڭۈل ئېچىپ يۈرۈپ تۇراي ، دەپ ئويلاپتىمەن . كىم بىلسۇن ؟ ئۇ ماڭا چاپلىشىپلا قالدى . ئۇنىڭغا « سىز قايتىپ كېتىپ تۇرۇڭ ، ئايالىمنى يولغا سېلىۋېتىپ ، مەن شاڭخەيدە قالاي » دەپ يالغان ئېيتتىم . ئاندىن دوختۇرخانا رەسمىيەتلىرىنى تېزلىكتە بېجىرىپ ئالدىراپ يولغا چىقتۇق . ھەي ، نېمىسىنى دەيسەن ، قايتىپ كەلگەندىن بۇيان ئايالىمنىڭ چىرايى ئېچىلمايدۇ ، ئۆيدىكى تېلىفۇنىمۇ ئۈزۈۋەتتى ، يانفۇننىڭ گېپى چىقسىلا تېرىكىدۇ . قارىغاندا ئەر – خۇتۇنلۇق مۇناسىۋەتكە دەز كەتكەندەك قىلىدۇ . ئەڭ چاتاق بولغىنى …

ئاغىنەمنىڭ بوغۇزىغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك ئەگپ قىلالماي قالدى . كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز ياش قۇيۇلدى .

- نېمە بولدۇڭ ؟ – دېدىم مەن ئاغىنەمنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىدىن ئەجەپلىنىپ .

- ئەڭ چاتاق بولغىنى … ئۇ … ئۇ قىز ئەيدىز كېسىلىكەن … مەن … مەنمۇ يۇقىملىنىپ …!

- نېمە ؟!

باتۇرنىڭ يىغىسى ئەۋجىگە چىقتى . مەن ئۇنى قانداق بەزلەشنى بىلمىدىم . ئەيدىزنىڭ نېمىلىگىنى ، قانداق يۇقىدىغانلىقىنى ، قانداق ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئۇ مەندىن ئوبدان بىلەتتى . شۇڭا ئۇنىڭغا :

- كۆڭلۈڭنى بۇزما ، ئېھتىمال يۇقىملانمىغانسەن ، يۇقۇملىنىپ قالغان تەقدىردىمۇ ، مېدىتسىنا ئىلمى تەرەققى قىلىۋاتىدىغۇ . دەر ھال دوختۇرخانىغا بار – ، دېگەن گەپنىلا قىلالىدىم .
بۇ ھېكايىنى مەرھۇم مۇختەر قادىر ھونزادە ئاكىمىز بۇندىن بىرقانچە يىل ئىلگىرى ئىزدىنىش مۇنبىرىدە ئېلان قىلغان ئىدى.
ئەسلى مەنبە : « تارىم ژۇرنىلى »

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: يانفون بىلەن ئەيدىز ( Mobile phone & AIDS )

خەتكۈچ: ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!2 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    ئەسلى ھونزادە ئاكىمىزنىڭ ئەسىرى ئىكەنتۇقدە…ھەي!

  2. نەفىسە مۇنداق يازغان:

    ئاۋۇ ئەر تىگىشلىك جازاسىنى تارتىپتۇ، ئايالى تۇرۇپ سىرتتا قالايمىقان يۇرسە ئاقىۋىتىنىڭ بۇنداق بولىشى تەبىئىي.
    ئاپتورنىڭ تىل قابىلىتى خىلى يۇقۇر ئىكەن.

نەفىسە 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟