torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

جىنسى كېسەللىكلەر بىلەن ئەيدىزنىڭ مۇناسىۋىتى

جىنسى كېسەل دىگەن نىمە؟

جىنسى كېسەل دىگەنلىك جىنسى ئۇچىرىششتىن يۇقىدىغان كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ. جىنسى كېسەل ئادەتتە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مەنبەگە قاراپ باكتېرىيىلىك، ۋىرۇسلۇق ۋە پارازېتلىق جىنسي كېسەل دەپ ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.باكتېرىيىلىك جىنسى كېسەلنى ئانتىبىئوتىكلار ئارقىلىق داۋالاپ ساقايتىشقا بولىدۇ،ۋىرۇسلۇقنى بولسا داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ لېكىن كونتىرول قىلغىلى بولىدۇ. پارازېتلىق جىنسى كېسەللەرنى بولسا پارازېت قۇرت ئۆلتۈرۈش دورىلىرى ئارقىلىق داۋالىغىلى بولىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللەرنى كونترول قىلىش قانۇنىدا تۆۋەندىكى 8 خىل جىنسى كېسەللىك نۇقتىلىق كۈزىتىلىدىغان ۋە دوكلات قىلىنىدىغان جىنسى كېسەللىكلەر دەپ بەلگىلەنگەن، بۇلار سىفىلىس،سۆزنەك، جىنسى ئەزا قاپارتمىسى، ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل، جىنسى كېسەل خارەكتېرلىك لىمفا گۆش ئۆسمىسى، سۆزنەك باكتېرىيىسىز سۈيدۈك يولى ياللۇغى، يۇمشاق شانكىر ۋە ئەيدىز.

جىنسى كېسەللەرنىڭ ھەممىسىلا جىنسى مۇناسىۋەتتىن يۇقىدۇ، لېكىن بەزىلىرى يەنە قاندىن ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقىدۇ، مەسىلەن سىفىلىس، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى قاتارلىقلار، يەنە بەزىلىرى تۇرمۇشتىكى ئۇچىرىشىشلاردىن يۇقىدۇ، مەسىلەن جىنسى ئەزا پىتى، قىچىشقاق قاتارلىقلار تېرىنىڭ تىگىشىشىدىن ھەتتا ئىچ كىيىملەرنى ئالماشتۇرۇپ كىيىشتىنمۇ يۇقىدۇ.

ھەممە جىنسى كېسەللەرنىڭ ئۆزىگە خاس كېسەللىك ئالامەتلىرى بولىدۇ، بۇ ئالامەتلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا، سۈيدۈك ئاغىرتىپ كېلىش، جىنسى ئەزادىن بىنورمال ئاجرالمىلار چىقىش، تاشقى جىنسى ئەزا قىچىشىش، مونەكچىلەر پەيدا بولۇش( قاپارتما، سۆگەل، سۇلۇق ئىشىشق)، يىرىڭلىق ئىششىق، جىنسى مۇناسىۋەت قىلغاندا ئاغىرىش، چات لىمفا بەزلىرى ئىششىش قاتارلىقلاردۇر.

جىنسى كېسەللەرنىڭ ئەرلەر ۋە ئاياللاردىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ ئىپادىلىنشى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمايدۇ، كۆپىنچە جىنسى  كېسەللەرنىڭ ئەرلەردە ئالامىتى كۆرۈلسىمۇ ئاياللاردا روشەن ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ ھەمدە ئۆزىمۇ ئاسانلىقچە سېزەلمەيدۇ.

جىنسى كېسەل بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئوتتۇرىسىدا قانداق مۇناسىۋەت بار؟

ئەگەر بىرەيلەندە جىنسى كېسەل بولسا، ئۇنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ خەتىرى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى كۆپلىگەن جىنسى كېسەل بىمارلىرىنىڭ جىنسى ئەزاسىدا يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك قاپارتما، ئىششىق، سۆگەل ۋە جاراھەتلەر بولغاچقا، جىنسى مۇناسىۋەت جەريانىدا تېخىمۇ ئاسان يېرىلىش، قاناش يۈز بېرىپ، تەن سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ، بولۇپمۇ قاننىڭ ئۆتۈشۈش پۇرسىتى كۆپ بولىدۇ-دە، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، جىنسى كېسەل بولغانلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرىۋېلىش خەتىرى جىنسى كېسىلى بولمىغانلارغا قارىغاندا3-5 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن جىنسى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم چارىدۇر.

قانداق قىلغاندا جىنسى كېسەلدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

1.ئۆزىنى پاك تۇتۇش، جىنسى ئەخلاققا رىئايە قىلىش- جىنسى كېسەللىكلەرنىڭ شۇنداقلا ئەيدىز كېسىلىنىڭ جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈپ تەدبىر.

2.كۆپ جىنسى ھەمراھى بولۇش، ئىپپىتىنى سېتىش، پاھىشىۋازلىق قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەيدىز ۋە جىنسى كېسەلنى يۇقتۇرىۋالىدىغان يۇقىرى خەتەرلىك قىلمىشلاردۇر.بۇلاردىن ساقلىنىش لازىم.

3.جۆرىسىدىن باشقىلار بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى توغرا ۋە تولۇق  ئىشلىتىش كېرەك.

4.باشقىلار بىلەن ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك، باشقىلارنىڭ قېنى بىلەن ئۇچىراشماسلىق كېرەك.

5.ئىمكان بار قان سالدۇرماسلىق ۋە قان ياسالمىلىرىنى ئىشلەتمەسلىك ،ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەندە سۈپەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن ئىشەنچلىك قان ۋە قان ياسالمىلىرىنى سالدۇرۇش كېرەك.

6.كىيىم-كىچەك ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ تازلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، بەدەنگە( تېرىگە) تىگىشىدىغان كىيىملەرنى ئالماشتۇرۇپ كىيمەسلىك لازىم.

7.جىنسي كېسىلى بارلار چۇقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تەلتۈكۈس داۋالىتىش كېرەك.

ئۆزىدە جىنسى كېسەلنىڭ ئالامەتلىرىنى بايقىغاندا، قانداق قىلىش كېرەك؟

1.ئۆزىدە جىنسي كېسەل بارلىقىدىن گۇمانلانغاندا چۇقۇم چوڭ دوختۇرخانىلارنىڭ تېرە كېسەل بۆلۈمى، سۈيدۈك بۆلۈمى ياكى ئاياللاركېسىلى بۆلۈمىگە تەكشۈرتۈپ ۋاقتىدا داۋالىتىش لازىم.

2.دوختۇرغا كېسەللىك ئەھۋالىنى ئەينەن ئېيتىپ،دوختۇرنىڭ داۋالىشىغا ماسلىشىش، ھەم جۆرىسىنى داۋالىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

3.بەزى جىنسى كېسەللىكلەرنى ئۆزىڭىز سېزەلمەيسىز ھەم ئالامىتىمۇ كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن، بەزىدە جاراھەتلەرياكى باشقا ئالامەتلەر ئۆزلىكىدىن ياخشىلىنىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما تەلتۈكۈس داۋالىنىپ ساقايمىسىڭىز، بۇ كېسەل تېنىڭىزدە يەنىلا سىزگە ھەمراھ بولۇپ تۇرىدۇ.

4.پەقەت جىنسىي كېسەل مەخسۇس بۆلۈمىدىكى دوختۇرلارلا جىنسى كېسەلنى كۆرۈپ دىئاگنوز قويالايدۇ ۋە داۋالىيالايدۇ.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : جىنسى كېسەللىكلەر بىلەن ئەيدىزنىڭ مۇناسىۋىتى

خەتكۈچ: ،

يازما مەنزىلى: 

ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!1نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. پۇشايمان133 مۇنداق يازغان:

    مەن 2010-يىل قىشتا ئازراق قاملاشمىغان ئىش بڭلەن شۇغۇللىنىپ ساپتىكەنمەن، شۇنىڭدىن 3-4 ئاي ئۆتۈپ تاشقى جىنسى ئەزا قىچىشىدىغان ، كېيىنچە ئۇششاق سۇلۇق نەرسىلەر پەيدا بولىدىغان بوپ قالدى، ھەم كېيىنچە پات پات كۆرۈلۈپ تۇرىدى، بىرەر ئاينىڭ ئالدىدىغۇ دەيمەن، دوۋسۇنىمغا ئۇششاق سۆگەلسىمان نەرسىلەردىن 6-7 تال چىقىپ قالدى، شۇنىڭدىن بۇيان دوختۇرغا باراي دېسەم خىجىل بولۇپ يا بىر كىمگە دېيەلمەي، يامان بۇرۇختۇم بوپ كېتىۋاتىمەن، بۇ نېمە ئىشتۇ؟ مۇشۇنىڭغا مەسلىھەت بېرىلسە…

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟