مەلىكەم ساتتار، ئىسكەندەر جېلىل ( يۈكسەل بلوگ تەكلىپلىك يازارى )

ھەممىمىزگە مەلۇم، نۆۋەتتە دىيارىمىزدىكى زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەيدىز، جىگەر ياللۇغى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، شۇنداقلا جەمئىيەت ئامانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك زەھەر توشۇش، ئوغىرىلىق، بۇلاڭچىلىق دېلولىرى، ئائىلە ماجرالىرى ۋە ئائىلە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى كۆز ئالدىمىزدا دىگۈدەك يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇ خىل ئىجتىمائىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پەسەيتىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، سەھىيە، جامائەت خەۋىپسىزلىكى ۋە غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى قاتارلىق ئورۇنلار ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ، زەھەرلىك چېكىملىك ھەققىدە تەشۋىقات، شپىرىس ئالماشتۇرۇش، مېتادون بىلەن قامداپ داۋالاش قاتارلىق ئاكتىپ تەدبىرلەرنى قوللانماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، 2000-يىلى شىنجاڭدىكى ج خ تارماقلىرى ئەنگە ئالغان زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ سانى 12590 نەپەر بولۇپ، 2009-يىلى 5-ئايغا كەلگەندە، بۇ سان بىر ھەسسىدىن كۆپىرەك ئۆرلەپ، 26765 نەپەرگە يەتكەن. مۇنداقچە ئيېتقاندا، بۇ سان شىنجاڭ ئومومىي نوپۇسىنىڭ ‰1.31 نى ئىگىلەيدىكەن. ئەگەر ئەنگە ئېلىنمىغان، يوشۇرۇن چېكىۋاتقان ۋە يېڭىدىن زەھەر چېكىش سېپىگە قوشۇلىۋاتقان ياشلارنى قوشۇپ ھېساپلىغاندا، بۇ سان تېخىمۇ چوڭ بولۇپ كېتىشى مۇمكىن.

زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن بىرگە، ئەيدىزمۇ رايونىمىزدىكى ئەڭ ئەشەددىي يۇقۇملۇق كېسەللەردىن بولۇپ، بۇ ئىككىسى بىر-بىرى بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. شىنجاڭ تەۋەسىدىكى تۈنجى ئەيدىز يۇقۇمدارى 1995-يىلى قومۇلدا بايقىلىپ، تاكى 2010-يىلى 9- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جەمئىي 32532 نەپەر ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى ئېنىقلاندى. ئەيدىزنىڭ ئاساسلىق يۇقۇش يوللىرى قاندىن (ئورتاق شپىرس ئىشلىتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇش ئىكەن. شىنجاڭدىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى شپرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ، قان ئارقىلىق يۇقتۇرىۋالغان بولۇپ، بۇ خىل يۇقۇش يولى «شىپرىس ئالماشتۇرۇش» ۋە «مېتادون بىلەن داۋالاش» تۈرلىرى ئارقىلىق مۇئەييەن كونترول قىلىنغاچقا، نۆۋەتتىكى يۇقۇش يولى جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە باشقا يوللار ئارقلىق ئاددىي پۇقرالارغا، ئاياللارغا ۋە بىگۇناھ ئانىلار ئارقىلىق يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا قاراپ يۈزلەنمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %70تىن كۆپىرەكى تومۇردىن زەھەر چېكىش ئارقىلىق يۇقۇملانغان ئىكەن، ھەمدە زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ %80تىن كۆپرەكىدە C تىپلىق جىگەر ياللۇغى بار بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى، A تىپلىق جىگەر ياللۇغى، ھەمدە سىفلىس قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن يۇقۇملىنىدىكەن. بۇ خىل كېسەللىكلەر ئاساسەن يىڭنە- شپرىسنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن قان ئارقىلىق بىرىدىن- بىرىگە يۇقىدىكەن.

بۇ خىل يۇقۇش يولىنى ئازايتىش ئۈچۈن، سەھىيە تارماقلىرى «شپرىس ئالماشتۇرۇش» ۋە «مېتادون بىلەن قامداپ داۋالاش» قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، ئەيدىز قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ زەھەر چەككۈچىلەر ئىچىدە تېىخىمۇ بەك يامراپ كېتىشىنى مەلۇم دەرىجىدە پەسەيتتى. «شپىرس ئالماشتۇرۇش» تۈردە، پىدائىيلار زەھەر چەككۈچىلەردىن ئىشلىتىلگەن شپىرىسلارنى يىغىلىپ، ئورنىغا بىر قېتىملىق ئىشلىتىلىدىغان پاكىز شپىرىسلارنى ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ.

بەزى كىشىلەر «شپرىس ئالماشتۇرۇش» تۈرىنى خاتا ھالدا «ھۆكۈمەت زەھەر چېكىشنى قوللاپتۇ» دەپ قاراپ، ھۆكۈمەتنىڭ زەھەر چەكلەش ھەققىدىكى ئىرادىسىنى توغرا چۈشەنمىدى. ئەمەلىيەتتە، «شپىرىس ئالماشتۇرۇش» تۈرى ئەڭ دەسلەپتە ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە بىر قىسىم ياۋرۇپا ئەللىرىدە ئۇزۇن يىل يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئەيدىز قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يامرىشىنى ئازلىتىش جەھەتتىكى رولى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك بولغان. جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقئارالىق غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق بۇ خىل ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئۇتۇقلۇق تەجرىبىلىرىنى چۈشەنگەندىن كېيىن، سەھىيە تارماقلىرى ئارقىلىق بۇ تۈرنى يولغا قويغان ئىدى. ئادەتتىكى كىشىلەرگە نامەلۇم يېرى شۇكى، زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ خۇمىرى قوزغالغاندا، ئىشلەتمەكچى بولغان شپىرسنىڭ پاكىز- مەينەتلىكى ۋە كىمنىڭ ئىشلەتكەنلىكى بىلەن ھېساپلىشىپ ئولتۇرمايدۇ. بۇنداق بولغاندا، زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ ئەيدىز، جىگەر ياللۇغى قاتارلىق قاندىن يۇقىدىغان كېسەللىكلەرنى يۇقتۇرۇۋېلىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. دېمەك، «شىپىرس ئالماشتۇرۇش» تۈرى نۆۋەتتىكى زەھەرنىڭ زىيىنىنى ئازايتىشنىڭ جىددىي تەقەززاسى ھېساپلىنىدۇ.

دىيارىمىزدا زەھەرلىك چېكىملىككە ئائىت ۋەقەلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس، بەلكى يىلسېرى ئېشىپ بارماقتا.  1985-يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ج خ تارماقلىرى تۈنجى قېتىملىق زەھەرلىك چېكىملىككە ئائىت دېلونى پاش قىلغاندىن بۇيانقى 20 نەچچە يىل ئىچىدە، زەھەر چېكىدىغانلار ۋە زەھەرگە مۇناسىۋەتلىك دېلولار شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كەلدى. خېروئىندىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى زەھەر تۈرىنى تۈزۈك كونترول قىلماي تۇرۇپلا، كېتامىن (k تالقىنى)، مۇز زەھەر، گىلدىڭباش كوملىچى قاتارلىق يېڭى تۈردىكى زەھەرلىك بۇيۇملار پەيدا بولدى. ج خ تارماقلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك سىتاتستىكىلىرىغا قارىغاندا، 1991-يىلى يۈزبەرگەن زەھەرلىك چېكىملىككە ئائىت دېلولار سانى 105 بولۇپ، 2003- يىلىغا بارغاندا 730 قا يەتكەن. 2009-يىلى بولسا، بۇ خىلدىكى دېلولار 1480 گە يېتىپ، 1795 نەپەر جىنايەتچى قولغا ئېلىنغان، ھەمدە 59.06 كلوگرام خېروئىن قولغا چۈشكەن.  

زەھەرلىك چېكىملىككە ئائىت دىلولارنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىشى بىلەن، جەمئىيەت ئامانلىقى، كوللېكتىپ مال- مۈلۈكى، شەخسىلەرنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ئېغىر تەھدىتكە دۈچ كېلىۋاتقان مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە، زەھەر چەككۈچىلەرنى داۋالاپ، زەھەرنىڭ ئىستېمالىنى ئازايتىش، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ۋە ئىجتىمائىي ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق، جەمئىيەت ئامانلىقىنى مەلۇم دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى، سەھىيە تارماقلىرىنىڭ تەشكىللىشى ۋە ج خ ئورگانلىرىنىڭ يېقىندىن ماسلىشىشى ئارقىسىدا، پۈتۈن مەملىكەت مىقىياسىدا، جۈملىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسىدە «مېتادون بىلەن قامداپ داۋالاش» تۈرىنى يولغا قويدى.

مېتادون (美沙酮، methadone) يەنە ئامىدون، دولوفىن، ئادانون، مىئادون، دىئادون، فېنادون ۋە ۋېستاتون قاتارلىق ھەر خىل ناملار بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئوموملاشقىنى يەنىلا مېتادون نامىدۇر. مېتادون بىر خىل سۈنئىي ئۇسۇلدا ياسلغان ناركوز دورىسى بولۇپ، مېتادوننىڭ ئەپىيون ۋە خېروئىنغا خۇمار بولغۇچىلارنى قامداپ داۋالاشتىكى رولى كۆرۈنەرلىك، ئادەتتە مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلسا، 24- 36 سائەتكىچە ئۈنۈم بېرىدۇ، ئەكىس تەسىرىمۇ ئاز، ھەتتا زەھەر چېكىدىغان ھامىلدار ئاياللار ئىستېمال قىلسىمۇ بولىدۇ.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، تەبئىي تۈردىكى ناركوز دورىلىرى ئۇرۇشتىكى يارىدارلارغا يېتىشمىگەنلىكتىن، گېرمانىيىلىكلەر مېتادوننى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ئىدى. ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، مېتادون قايتا ئىشلەپچىقىرىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن تەتقىقات نەتجىسى قاتارىدا ساقلىنىپ قالدى.

1959-يىلى، كانادالىق دوكتور روبېرت خاللىداي (Robert Halliday) ۋانكوۋېر شەھىرىدە «خېروئىنغا خۇمار بولغۇچىلارنى مېتادون ئارقىلىق قىسقا مۇددەتتە خۇمار يوقىتىش پروگراممىسى»نى يولغا قويدى، 1963-يىلى بۇ خىل خۇمار يوقىتىشنى «ئۇزۇن مۇددەتلىك» قىلىپ ئۆزگەرتتى. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، بۇ ئامبۇلاتورىيە دۇنيادىكى تۈنجى «مېتادون ئامبۇلاتورىيىسى» بولۇپ قالدى. 1964-يىلى، دۇنيادىكى تۈنجى «مېتادون بىلەن قامداپ داۋالاش» تۈرى ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە يولغا قويۇلدى.  1967-يىلى، دوكتور خاللىداي يەنە كانادا مېدىتسىنا بىرلەشمىسىنىڭ ژورنىلىغا مېتادون ئارقىلىق خېروئىنغا خۇمار بولغۇچىلارنى داۋالاش ھەققىدىكى ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، مېتادون بىلەن داۋالاش ساھەسىگە ئاساس سالدى.

1972-يىلىدىن باشلاپ، شىياڭگاڭدا مېتادون بىلەن قامداپ داۋالاش تۈرى يولغا قويۇلدى. مەملىكىتىمىز چوڭ قۇرۇقلىقىدا بولسا، شياڭگاڭدىن 32 يىل كېيىن، يەنى 2004- يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ لېشەن شەھىرىدە مەملىكىتىمىزدىكى تۈنجى «مېتادون بىلەن قامداپ داۋالاش سىناق ئامبۇلاتورىيىسى» قۇرۇلۇپ، ئاقىدىنلا يۈننەن، سىچۈەن، جېجىياڭ، گۈيجۇ ۋە گۇاڭشى قاتارلىق 5 ئۆلكىدە جەمئىي 8 سىناق ئامبۇلاتورىيە نۇقتىسى قۇرۇلدى. بۇ ئامبۇلاتورىيەلەرنىڭ زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە جەمئىيەتكە بولغان رولى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، مەملىكىتىمىزنىڭ بارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىرىدە تۇشمۇتۇشتىن «مېتادون بىلەن قامداپ داۋالاش ئامبۇلاتورىيىسى» ۋە «تارماق ئامبۇلاتورىيەلەر» قۇرۇلۇشقا باشلىدى.

شىنجاڭ تەۋەسىدىكى تۈنجى «مېتادون بىلەن قامداپ داۋالاش ئامبۇلاتورىيىسى» 2005-يىلى 8- ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4- دوختۇرخانا يېنىدا قۇرۇلغان بولۇپ، 2010-يىلىغىچە مېتادون ئامبۇلاتورىيىسى ۋە تارماق ئامبۇلاتورىيىلەردىن 72سى قۇرۇلدى.

بۇ ئامبۇلاتورىيەلەر جۇڭگو، جۈملىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا، زەھەرنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاش، شۇنداقلا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.

 

ئاپتور قومۇل تارانچى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتى مېتادون ئامبۇلاتورىيىسىدىن

يوللانغان ۋاقتى: 2011-يىل 02-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 18:39
كۆرۈلۈشى: 1,574 قېتىم
خەتكۈش: ، ، ،
يازما مەنبەسى: 1414.html  [كۆچۈرۈش]