تەۋە رايون |
ئادرېسى |
تېلېفون |
ئالاقىلاشقۇچى |
مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورۇن |
|
تىيانشان رايونى |
ئىتتىپاق يولى شىمالى 4-كوچا 50-نومۇر |
2560612 |
ئاسىيە |
داۋان دوختۇرخانا مېتادون ئامبولاتورىيىسى |
|
تىيانشان رايونى |
شور بۇلاق كوچا 136-نومۇر |
2663335،6807309 |
مو لەنروڭ莫兰榕 |
4-دوختۇرخانا مېتادون ئامبولاتورىيىسى |
|
شىمىگو رايونى |
ليۇداۋان 13-نومۇر 1-تىك قۇدۇق |
13899989847 |
غېنى |
شىمىگو رايونلۇق مېتادون ئامبولاتورىيىسى |
|
تودۇڭخابا رايونى |
باگاڭ جەنۇبى بازار(نەن سىچاڭ) |
3903941 |
دوڭ شۇ چىن董淑琴 |
باگاڭ نەن سىچاڭ مېتادون ئامبولاتورىيىسى |
|
سايباغ رايونى |
سىمۇنت زاۋۇتى يولىدىن شەرىققە 300 مېتىر |
7966165/13199868649 |
شۈ بىن徐斌 |
تەڭرىتاغ قورۇلۇش ماتېرياللىرى گورۇھى دوختۇرخانىسى مېتادون ئامبولاتورىيىسى |
|
يېڭىشەھەر رايونى |
بېيجىڭ جەنۇبى يولى 48-نومۇر |
3828237 |
ليۇ يەن刘雁 |
ئاپتونوم رايونلۇق مېتادون ئارقىلىق قامداپ داۋالاش مەركىزى |
ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ئۈرۈمچىدىكى مېتادون ئامبولاتورىيىلىرىنىڭ ئالاقە ئۇچۇرلىرى
مېتادون دىگەن نىمە؟
مېتادون-بىر خىل سۈنئى ئۇسۇلدا بىرىكتۈرۈلگەن مەست قىلغۇچى دورا بولۇپ، دۆلەت قاتتىق باشقۇرىدىغان مەست قىلىش تۈرىدىكى دورىغا تەۋە.
نۆۋەتتىكى زەھەر تاشلاش توغىرسىدىكى تەتقىقات ۋە داۋالاشلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، خىروئىننى تاشلاش تەس، تاشلىغانلارنىڭ قايتا چىكىۋېلىش نىسبىتى بولسا 90 پىرسەنتتىن يۇقىرى، شۇڭلاشقا ئەيدىز ۋە جىگەر ياللۇغى قاتارلىق زەھەر چەككۈچىلەر ئارىسىدا ئاسان تارقىلىدىغان كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىروئىننىڭ ئورنىغا باشقا خىل زەھەرلىك بۇيۇمنى دەسسىتىش ئارقىلىق زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ خىروئىنغا بولغان ئېھتىياجىنى تۆۋەنلىتىش ھەتتا يوقىتىش نۇقۇل خىروئىن خۇمارىنى ئۈزۈپ داۋالاشقا قارىغاندا ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. چۈنكى خىروئىننى ئۇكۇل قىلىپ چېكىش ۋە بۇ جەرياندا باشقىلار بىلەن ئۇكۇلنى ئورتاق ئىشلىتىش سەۋەبلىك كېسەللىكنىڭ تارقىلىشىغا
سەۋەپ بولىدۇ، ئەمما مېتادوننى بولسا ئېغىزدىن ئىچىدۇ، كېسەللىك تارقىلىش ئىمكانىيىتى ئاساسەن يوق دىيەرلىك بولىدۇ.
مېتادون بىلەن قامداپ داۋالاش دەسلەپتە 70-يىللاردا شياڭگاڭدا يولغا قويۇلۇپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن باشقا دۆلەتلەردە يولغا قويۇلغان. دۆلىتىمىزدە 2004-يىللاردىن باشلاپ زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئەيدىز تارقىلىشى ئېغىر رايونلاردا ئالدى بىلەن سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان.
ھازىر دۆلىتىمىزدە مېتادون ئارقىلىق قامداپ داۋالاشتا ئىشلىتىۋاتقان مېتادون بولسا بىر خىل سۇس يېشىل رەڭلىك سۇيۇق دورا.
مېتادوننى ئىچكەندە خىروئىننىڭ خۇمارىنى 24 سائەتتىن 36 سائەتكىچە بېسىپ تۇرالايدۇ، ئەگەر قامداپ داۋالاشتا مېتادوننىڭ مىقدارى مۇۋاپىق بېرىلسە، ئىچكۈچىدە تېنچلىنىش ياكى روھلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدۇ، ئەكىس تەسىرىمۇ ئاز بولىدۇ. شۇڭا مېتادون ئىچكۈچى نورمال تۇرمۇش ۋە خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ.