نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > يەتتە ئىقلىمدا
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

8 – نۆۋەتلىك جۇڭگو تور تاراتقۇلىرى ئەنجۈمەنى بولۇپ ئۆتتى

8 – نۆۋەتلىك جۇڭگو تور تاراتقۇلىرى ( 网络媒体 ) ئەنجۈمەنى 12 – ئاينىڭ 5 – كۈنى چۇڭچىڭدا ئېچىلدى. ئەنجۈمەننىڭ ئاساسىي تېمىسى << ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشەنچلىك ئالاقە تورى بەرپا قىلايلى >> دىن ئىبارەت بولۇپ، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى 王晨 يىغىندا مەزكۇر ئاساسى تېما ھەققىدە نوتۇق سۆزلىدى.
王晨 نوتۇقىدا ، ئالاقە تورى ( تور ياكى ئېنترنېت ) نىڭ جۇڭگودا 14 يىلدىن بېرى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چوڭقۇر سىڭپ كىرىپ، كىشىلەرنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى مۇھىم قۇرالىغا ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، توردا ئىشەنچنىڭ كەمچىل بولۇشى ھېلىغىچە مەۋجۇد بولۇپ، نۆۋەتتە بىرقەدەر گەۋدىلىك بولۇپ ئىپادىلەنمەكتە. بۇ خىل ئەھۋال ھەرساھەنىڭ دىققىتى ۋە ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا…. دەپ كۆرسەتتى.
王晨 نوتۇقىدا يەنە ، ئىشەنچىلىك تور قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئاڭلىق ھالدا سوتسىيالىستىك يادرو قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرو قىممەت قارىشى يېتەكچىلىك قىلغان ئىشەنچلىك تور قۇرۇش يوللىرىنى قىدرىپ، بايرىقىمىز رۇشەن ھالدا يالغان ئاخباراتقا قارشى تۇرۇپ، تور ئۇچۇرلىرىنىڭ ئىشەنچلىكلىكى، توغرىلىقى، ئاخباراتلارنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسىنىڭ دۇرۇسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تور تاراتقۇلىرىنىڭ نوپۇزى ، ئامما ئارىسدىكى ئىناۋىتى ، تەسىرىنى ساقلاپ …  تور بىلەن شۇغۇللانغۇچى خادىملارنىڭ ئىجتىمائىي بۇرچ تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، زىيانلىق ئۇچۇرلارنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، تورنىڭ ئىشەنچىلىكلىكى، سۈپىتى ۋە ئىقتىدارىنى قوغدىشىمىز لازىم، دەپ تەكىتلىدى.
王晨 ئاخىرىدا يەنە، تور ئاممىسىنىڭ تور ئەخلاقى جەھەتتىكى ئاڭلىقلىقى ۋە ئاكتىپلىقىنى ، يارىتىشچانلىقىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئەخلاققا زىت بولغان قىلمىشلارنى پائال چەكلەپ، ئىلمى، مەدەنىي، ساغلام بولغان تورغا چىقىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، كەڭ تور ئاممىسىنىڭ تور ئىشەنچى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي قوشۇنىغا ئايلاندۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىمە تىرىشىش ئارقىلىق، تورنىڭ ئىشەنچىلىكلىكىنى پۈتۈن جەمئىيەت تەڭ قوغدايدىغان ئىدىيەۋى ئورتاقلىق – جامائەت پىكرى مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك، دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

مەزكۇر ئەنجۈمەن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېچىلغان بولۇپ، مەملىكەت ئىچىدىكى چوڭ تور بېكەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىشتراك ئەتكەن. مەزكۇر ئەنجۈمەننىڭ ئاساسىي تېمىسىنى ئۇيغۇر تورداشلار ھۇزۇرىغا سۇنۇشمۇ مۇئەييەن ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇشى مۇمكىن .

ئەسلى مەنبە:
http://news.ifeng.com/mainland/200812/1205_17_909587.shtml

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : 8 – نۆۋەتلىك جۇڭگو تور تاراتقۇلىرى ئەنجۈمەنى بولۇپ ئۆتتى

خەتكۈچ: ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟