نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > يەتتە ئىقلىمدا
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

گەنسۇدىكى لاتقا – شېغىل ئاپىتى

2010-يىلى كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگودا ھەر خىل ئاپەتلەر ئۈزۈلمىدى، ئالدىنقى يېرىم يىلدىلا مەملىكىتىمىز بويىچە يۈز بەرگەن گېئولوگىيىلىك ئاپەت 19553 قېتىمغا يېتىپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىن 10 ھەسسە كۆپ بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغىنى بۇ يىل 14-ئاپرېل چىڭخەي ئۆلكىسى يۈشۇ ( 青海玉树 ) ناھىيىسىدىكى 7.1 بال يەر تەۋرەش بولۇپ، بۇ ئاپەتتە 2200دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى، 70 نەچچە ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىدى.ئەتىيازدىن بېرى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە ئېغىر قۇرغاقچىلىق دەستىدىن سۈيى تارتىلىپ كەتكەن دەريا-ئېقىنلار يازدىن بۇيانقى قاتتىق يامغۇر تۈپەيلى  7-ئاي كىرگەندىن بۇيان يىللاردىكىدىن بالدۇرلا كەلكۈن مەزگىلىگە كىرىپ، ئىلگىرىكىدىن كۆلىمى چوڭ ۋە زىيىنى زور بولغان كەلكۈن، تاشقىن، لاي-لاتقا ئېقىنى قاتارلىق ئاپەتلەر ئۈزۈلمىدى. ئىلگىرى چاڭجياڭ دەرياسى ئېقىنىدىكى رايونلار تەھدىتكە ئۇچرىغان بولسا، بۇ يىل چاڭجياڭ، خۇاڭخې، لياۋخې، سوڭخۇاجياڭ، خەيخې قاتارلىق چوڭ دەريالارنىڭ ھەممىسىدىلا كەلكۈن كېلىپ، ئەتراپىدىكى رايونلارنى زور زىيانغا ئۇچراتتى، يەنە چاڭجياڭ سەنشيا، خەنجياڭ ئەنكاڭ ۋە سوڭ خۇاجياڭ بەيشەن سۇ ئامبارلىرىمۇ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ كەلكۈن سۈيىنى كۈتۈۋېلىپ، ئازادلىقتىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى دەپ ئاتالغان سەنشيا توسمىسى غايەت زور سىناققا دۈچ كەلدى. 165 شەھەر ناھىيە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە كەلكۈن، لاي- لاتقا ئېقىش، تاغ گۈمۈرۈلۈش، يەر ئاستى سۈيى چىقىپ كېتىش قاتارلىق ئاپەتلەرگە ئۇچراپ، 140 مىليون ئادەم ئاپەتنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىدى، 1050 تىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى، 600 دىن كۆپرەك ئادەمنىڭ تېخىچە ئىز-دېرىكى يوق. بىۋاسىتە ئىقتىسادى زىيان 190 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتتى.

7-ئاۋغۇست كۈنى يەنە گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جوۋچۈ ( 甘肃舟曲 ) ناھيىسىدە پەۋقۇلئاددە زور لاي شېغىل ئېقىن ئاپىتى يۈز بېرىپ، بىر كېچىدىلا ناھىيە بازىرى ۋە ئەتراپىدىكى يېزىلارنى لاي لاتقا بىلەن كۆمۈپ تاشلىدى. بۇ تۇيۇقسىز ئاپەتتە 20000 دىن ئارتۇق ئادەم تالاپەتكە ئۇچراپ، 11-ئاۋغۇستقا قەدەر 1144 ئادەم قازا قىلدى، 64 ئادەم ئېغىر يارىلاندى،يەنە 600 ئادەمنىڭ ئىز دېرىكى بولمايۋاتىدۇ. بۇ ئاپەتلەر پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ يۈكسەك دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى، خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ ۋە خۈي لياڭيۈ قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى ئاپەت ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش توغرىلىق مۇھىم يوليورۇقلارنى بەردى ھەم ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئالدىنقى سېپىگە بېرىپ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

لاتقا - شېغىل ئاپىتىدىن كېيىنكى جوۋچۈ

بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان يامغۇر تېخىمۇ ئەدەپ، جوۋچۈ ۋە ئەتراپىدىكى ناھىيىلەرنىڭ قاتناش غول لىنىيىلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا يېڭىچە قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرىۋاتىدۇ. ئاپەت رايونىنىڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە ۋە كۆچمە ئالاقە تورى تېخى نورمال ئىشلىمەيۋاتىدۇ، ئوزۇق -تۈلۈك ۋە ئىچىملىك سۇ ئىنتايىن قىس، لاي لاتقا، شېغىللارنى تازىلاش ئىنتايىن قىيىن، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت ۋەزىپىسى ئېغىر. بۇ قىيىنچىلىقلارغا قارىتا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى خەلق ئىچى تەشكىلاتلىرى ۋە قېرىنداشلارمۇ قاراپ تۇرماي ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە سالامەتلىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئاكتىپلىق بىلەن ئىئانە توپلاش خىزمىتىنى باشلىۋەتتى. جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو قىزىل كرېست فوندى جەمئىيىتى، بىر فوندى، خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بەس بەستە جەمئىيەتكە مۇراجىئەتنامە چىقىرىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونغا ياردەم بېرىشكە سەپەرۋەر قىلدى. 11-ئاۋغۇست كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇڭگو قىزىل كرېست باش جەمئىيىتى 20 مىليون ،جۇڭگو قىزىل كرېست فوندى جەمئىيىتى 500 مىڭ يۈەن ئىئانە پۇلىنى ئاپەت رايونىغا يەتكۈزۈپ بەردى. ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ئىشلەۋاتقان گەنسۇ قىزىل كرېست جەمئىيىتىمۇ جەمئىيەتكە ئىئانە توپلاش مۇراجىئەتنامىسى چىقاردى. بۇ مۇراجىئەتنامىدە قوبۇل قىلىنىدىغان ئىئانە پۇل، دېزىنفېكسىيىلەش دورىلىرى، كۆپ ئىشلىتىلىدىغان دورىلار، يوتقان كۆرپە، قۇلايلىق يېمەكلىك ۋە پاكىزە سۇ دەپ تەلەپ قىلىنغان.

ئاپەت رەھىمسىز ، ئەمما ئىنسانلار ئارىسىدىكى مېھرى – مۇھەببەت چەكسىز. ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ دۆلەت ، مىللەت، ئىرقى چەكلىمىسى يوق. ئەينى چاغدا دىيارىمىزدىكى بارچۇق ۋە پەيزىئاۋات قاتارلىق جايلاردا يەر تەۋرىگەن ، ئالتاي قاتارلىق جايلاردا قار ئاپىتى بولغاندا، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئىنسانپەرۋەر ھەرساھە كىشىلىرى تۇشمۇ – تۇشتىن ئۆز ياردەم قوللىرىنى سۇنۇشقان ئىدى. چېڭ لۇڭ، لى مىڭ ۋە باشقا كۆزگە كۆرۈنگەن كىشىلەر دىيارىمىزغا ئۆزلىرى يېتىپ كېلىپ، ئاپەت قايغۇسىدا قالغان خەلقىمىزنىڭ دەردىگە دەرمان بولغان ئىدى. بۇندىن 2 يىل ئىلگىرىكى سىچۈەن ۋېن چۈەن ( 四川汶川 ) دىكى چوڭ يەر تەۋرەشتىمۇ ئۇيغۇر خەلقى بەس – بەس بىلەن ئاپەت رايونىغا ياردەم قىلىپ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىنسانپەرۋەر ، مېھرىبان خەلق ئىكەنلىكىنى نامايەندە قىلغان ئىدى. بۇ جەرياندا نۇرغۇن تەسىرلىك ئىش – ئىزلار مەيدانغا كەلگەن ئىدى. چىڭخەي يۈشۇ ( 青海玉树 ) دىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىمۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما «قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارغا ھەممەيلەن ياردەم بېرىش» روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپەت ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، پائال سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، ئاپەت رايونىدىكى خەلققە پۇل – مال ئىئانە قىلىپ، مېھىر – شەپقەت يەتكۈزگەن ئىدى.

بىز كەڭ تورداشلارنى گەنسۇدىكى ئاپەت ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە، چامىنىڭ يېتىشىچە ياردەم قولىنى سۇنۇشقا چاقىرىمىز. ئىشىنىمىزكى، ھەممە تەرەپنىڭ ئورتاق ياردىمىدە ئاپەت رايونىدىكى خەلقنىڭ خىزمەت ، تۇرمۇش ئىشلىرى تېزلىكتە ئەسلىگە كېلىپ، گۈزەل كەلگۈسى يەن ئۇلارغا كۈلۈپ قوچاق ئاچقۇسى!

خالىسانە ئىئانە قىلىش يولى تۆۋەندىكىدەك 2 خىل :

1. بانكىدىن پۇل ئەۋەتىش

账号:270 300 060 902 494 0126
收款人:甘肃省红十字会
开户行:工商银行金城支行

2. پوچتىدىن ئەۋەتىش

收款人:甘肃省红十字会
地址:兰州市白银路220号
邮编:730030
ئىئانە قىلىش تېلېفونى: 0931- 4818205 ، 0931-4818207

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: گەنسۇدىكى لاتقا – شېغىل ئاپىتى

خەتكۈچ: ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!4 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. تەدبىركار مۇنداق يازغان:

    ئىككى يىلدىن بېرى دۆلىتىمىزدە ئاپەتلەر ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ، دۆلەتنىڭ نۇرغۇن مەبلىغىمۇ مۇشۇ ئاپەتلەرگە سېلىنىپ، ئەسلىدە ۋاقتىدا ئۆستۈرۈلۈشكە تېگىشلىك مائاش، مائارىپ مەبلىغى قاتارلىقمۇ كېچىكىپ كەتتى. رايونىمىزغا ئوخشاش نامرات ئورۇنلار گەرچە يۇقىرىنىڭ يۈكسەك غەمخورلۇقىغا ئېرىشىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئاپەت رايونلىرىغا ئۆز كۆڭلىمىزنى تازا بىلدۈرۈپ بولالمىدۇق. بىراق يەنىلا كۆڭلىمىزدە ئاپەت رايونىدىكى خەلقنىڭ ئاسايىشلىقىنى، باياشاتلىقىنى ۋە تىنچ-خاتىرجەملىكىنى ئىستەپ تۇرۇپتىمىز…

  2. سەركەردە مۇنداق يازغان:

    ئاۋۇ رەسىملەر كۆرۈنمەيدىغۇ، مېنىڭ تور كۆرگۈچۈم چاتاقمۇ يە،،

  3. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    ھەممىمىزنى ئىگىمىز پاناھىدا ساقلىغاي…

  4. يۈكسەل مۇنداق يازغان:

    中新网 نىڭ بۈگۈنكى خەۋرىگە كۆرە، گەنسۇ جوۋچۈ دىكى بۇ لاتقا – شېغىل ئاپىتىدە ھازىرغىچە 1239 ئادەم قازا قىلغان، 505 كىشىنىڭ ئىز – دىرىكى بولمىغان. 1243 كىشى قۇتقۇزىۋېلىنغان بولۇپ، 56 كىشى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋېتىپتۇ.
    دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى (国务院) بۈگۈن گەنسۇ جەنۇبىي گەنسۇ تېبەت ئاپتونوم ئوبلاستى جوۋچۈ ناھىيىسى (甘肃甘南藏族自治州舟曲县) دىكى لاتقا – شېغىل ئاپىتىدە قازا قىلغانلار ئۈچۈن 8 – ئاينىڭ 15 – كۈنى 1 كۈن مەملىكەت بويىچە ماتەم تۇتۇشنى قارار قىلدى. پۈتۈن مەملىكەت ۋە چەتئەللەردىكى جۇڭگو ئەلچىخانىلىرىدا دۆلەت تۇغى يېرىم چۈشۈرۈلىدۇ ۋە كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىدىكى پائالىيەتلەر توختىتىلىدۇ.

يۈكسەل 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟