نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

جۇڭگو ياشلىرى ، ئاپەت …

2008 – يىلى 5 – ئاينىڭ 12 – كۈنى جۇڭگونىڭ كىندىك رايونى بولغان سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ۋىن چۈەن ناھىيىسىدە 8.0 بال يەر تەۋرىدى. يەر تەۋرەش شۇ دەرىجىدە قاتتىق بولدىكى، بۇ قېتىملىق تەۋرەشنىڭ تەسىرى جۇڭگونىڭ يېرىمىغا باراۋەر دائىرىگىچە يېتىپ، ئومۇمى دائىرىسى 10 كىۋادىرات كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتتى. بۈگۈنگىچە بېرىلگەن مەلۇماتتا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 65000 دىن، يارىلانغانلارنىڭ سانى 360000 دىن، ئىز دىرىكى بولمىغانلارنىڭ سانى 23 مىڭدىن ئاشتى.
جۇڭخۇا ئوغۇل – پەرزەنتلىرى رەھىمسىز يەرتەۋرەش ئالدىدا ئاجايىپ قەيسىرانە ، ئۇيۇشۇشچانلىق، پىداكىرانە رھىنى جەۋلان قىلدى. بارچە ساھە كىشىلىرى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، تەشكىللىك ھالدا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۆرۈشىگە تۇشمۇ – تۇشتىن ئاتلىنىشتى. بۇ جەرياندا سانسىزلىغان تەسىرلىك ئىش ئىزلار يۈرۈكى تۆمۈردىن پۈتمىگەن ھەرقانداق ئادەمنى ھاياجانغا سالدى. قەلىبلەر لەرزىگە كەلدى.
جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان تالاپەتنىڭ زورلىقى، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ پەۋقۇلئاددە كۆپلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ، دۆلەت بويىچە 3 كۈن ماتەم تۇتۇش قارارىنى چىقاردى. بۇ جۇڭگودا 5000 مىڭ يىلدىن بۇيان پۇقرا ئۈچۈن دۆلەت ماتەم تۇتۇشنىڭ تۇنجى قېتىم يولغا قويۇلۇشى بولۇپ قالدى. چەتئەل تاراتقۇلىرى بۇنى جۇڭگونىڭ ئەلنى ئىدارە قىلىشىدىكى زور يۈكسىلىش، دەپ يۈكسەك باھا بېرىشتى.
ماتەم كۈنىنىڭ بىرىنچى كۈنى چۈشتە 14 دىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە، پۈتكۈل جۇڭگو 3 مىنۇت سۈكۈتتە تۇردى. جايلاردىكى خەلق مەيدانلىرى، مەكتەپ ھويلىلىرى ماتەم قايغۇسىغا چۈمگەن كىشىلەرگە تولدى. تىيەنمىن مەيدانىدىن تاكى قەشقەردىكى ھېيتگاھ – خەلق مەيدانىغچە بارچە كىشى سۈكۈتتە تۇرۇپ، قازا تاپقانلارغا چىن كۆڭلىدىن ماتەم قايغۇسىنى بىلدۈرۈشتى.
مەيدان – مەيدانلاردا يىغىلىغانلارنىڭ ئاساسىي قىسىمى ياشلار ئىدى. ئۇلار ئاجايىپ بىر خىل مۇرەككەپ ھېسلار بىلەن بىرتەرەپتىن ئۆلگۈچىلەرگە تەزىيە بىلدۈرۈشسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز ۋەتىنى ۋە مىللىتىگە بولغان ئوتلۇق ئىشتىياقلىرىنى ئىپادە قىلىشماقتا ئىدى. ياشلار ئەگىپ توختىمىغان قارا كۆزلەردىن ئارىلاپ قەيسەرلىك، كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدۋارلىق ئۇچقۇنلىرى يالت – يۇلت قىلىپ چاقناپ تۇراتتى…
…. …. ….
ھەربىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ ئۆزىگە يارىشا كەچۈرمىشى ، ئۆسۈپ – يېتىلىش ھېكايىسى بولىدۇ.
جۇڭگو ياشلىرى كۆزلىرىنى ئۇۋلاپ ئېچىپ، ئەتراپقا، ئۆز مىللىتى، ۋەتىنى ۋە تاشقى دۇنياغا نەزەر تاشلاشقا باشلىدى. جۇڭگو ئاھالىسى كۆپ، زىمىنى چوڭ، كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، قەد كۆتۈرۈش، روناق تېپىش يولىدا دائىم چوڭ بۇرۇلۇش نۇقتىلرى ئوتتۇرىغا چىقىپ تۇرىدۇ. بۇنداق چوڭ ئىشلارنىڭ بىر كۆتۈرۈلۈپ بىر پەسلەپ تۇرۇشى كۆپۈنچە مىللىي ھىسىيات، دۆلەتنىڭ شاۋكىتى ياكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە بىۋاسىتە چېتىلغان بولىدۇ. شۇڭا، ياشلار بۇنداق ئىشلاردا دەرھال ئۆزلىرىنىڭ مەيدانىنى تاللاپ، قارىشىنى تۇرغۇزۇپ چىقىشىدۇ. بۇ تېخىمۇ كەڭ مەنادىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىر ئەۋلاد جۇڭگولۇقلارنىڭ ئومۇمىي تۇرقى ۋە دۇنياغا بولغان قارىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
مەيلى 80 يىلىدىن كېيىن ياكى 90 – يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان ياشلار بولسۇن، ئومۇمەن ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتىن كېيىن تۇغۇلغان ياشلار بولۇپمۇ شەھەرلەردىكى ياشلارنىڭ خىيالىدىكى دۆلەت خاراكتېرلىك ئاپەت چۈشەنچىلىرى پەقەت يازما ماتېرىيال ياكى سۈرەتلىك ماتېرىياللاردىن كەلگەن بولۇپ، 50 – يىللاردىن 80 – يىللارغىچە بولغان ھەرخىل ھەرىكەت، تەبىئىي ئاپەت، مەدەنىيەت ئىنقىلابىدەك ئومۇمىيەت مەنىسىدىكى ئازابلارنىڭ تەمىنى تېتىپ كۆرمىگەن ياكى ھېس قىلىپ يېتەلمەيدۇ.
بۇ يىل 3- ئايدىن بېرى، ئۇلىمپىك مۇقەددەس مەشئىلىنىڭ يەتكۈزۈلۈش جەريانىدا بەزى دۆلەتلەردە توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى، بىر ئۇچۇم تېبەت بۆلگىنچىلىرىنىڭ قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشى قاتارلىق بىر قاتار ئىشلار ئۆز ئېلىدىن ئالەمچە ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسىغا چۈمكەگلىك جۇڭگو ياشلىرىنىڭ قەلبىگە تارتۇق سېلىپ، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسىياتىغا ئازار بەردى، مېڭىسىنى چوقچىلاپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ بىر ئەۋلاد ياشلاردا مىسلىسىز ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسىياتى ۋە كۈچلۈك مىللەتپەرۋەرلىك تۇيغۇسىنى قوزغالدى. دۆلەت ئىچى – سرتىدىكى ياشلار تۇشمۇ – تۇشتىن ئۇلىمپىك مەشئىلىنى قوغداش، تېبەت بۆلگۈنچىلكىگە قارشى تۇرۇش سېپىگە قېتىلدى.
بىز شۇنداق دەپ ئېيتالايمىزكى، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش ئاپىتىمۇ ئوخشاشلا ياشلارنىڭ قەلبىگە مىسلىسىز ئازاب ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىنى لەرزىگە سېلىپ، مىللىي مۇھەببەت، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسىياتىنىڭ پارتىلشىغا بىۋاسىتە سەۋەب بولدى. ياشلار مىسلى كۆرۈلمىگەن قىزغىنلىق بىلەن ئاپەتكە قارشى تۇرۇش ، ئاپەت رايونىغا ياردەم بېرىش كۆرۈشىگە ئاتلىنىشتى، نۇرغۇن ياشلار ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ پىدايى بولۇشۇپ، ئاپەت رايونىغا بېرىپ، خەتەردىن قورقماي، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلق ئۈچۈن خالس خىزمەت قىلدى. بىز ئاپەت رايونىدا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش جىڭىگە ئاتلانغان ھەرقايسى جايلاردىن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كەلگەن پىدايىلارنى، ھەرقايسى ۋوگزال – بېكەتلەردە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى تۇشۇشقا ياردەملىشىۋاتقان پىدايىلارنى كۆردۇق… بىز يەنە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلار ئۈچۈن ئىئانە بېرشىكەن، ئىئانە يىغىۋاتقان ساخاۋەتچى ياشلارنى كۆردۇق …
قىسقىسى نۆۋەتتىكى بىر ئەۋلاد جۇڭگو ياشلىرى تۇنجى قېتىم ئومۇمىيلىق تۈسىدىكى ئاپەتنىڭ تەمىنى تېتىدى ۋە ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ئىنكاسىنى قايتۇردى. ئۇلار ئۆز مەيدانىنى قانداق تاللاشنى، ئۆز قاراشلىرىنى قانداق ئىپادە قىلىشنى ، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشنى، پىدايىلىق رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇشنى، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش – ياردەم بېرىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشنى، خەيرى – ساخاۋەت قىلىشنى ئۆگەندى. ھەممىدىن مۇھىمى ، ئالاھىدە ۋاقىتتا يۈكسەك دەرىجىدىكى ئۇيشۇشچانلىق روھىنى نامايەن قىلىپ، مىللەت سۆيەرلىك، ۋەتەن كۆيەرلىك روھىنى تاۋلىدى.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : جۇڭگو ياشلىرى ، ئاپەت …

خەتكۈچ: ، ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟