torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

سىزدە مەزى بېزى ياللۇغى بارمۇ ؟

مەزى بېزى ياللۇغى ۋە ئۇنى داۋالاش توغرىسىدا

سوزۇلما خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى( 前列腺炎 ) ئەرلەردە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، كېسەللىك قوزغاتقۇچى ئامىللار ھەرخىل ، مەزى بېزىنىڭ ئاناتومىيىلىك قۇرۇلمىسى ئالاھىدىرەك بولۇش ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان كىشىلەر توپىدا كۆپ قوزغىلىش قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ، كلىنىكىدا بۇ كېسەللىكنى تۈپ يىلتىزىدىن داۋالاپ ساقايتىش بىرقەدەر قىيىن ، دەپ قارىلىۋاتىدۇ .
ئەمەلىيەتتە ، تېببىي ئىلىمنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، مەزى بېزى ياللۇغىنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىمۇ بارلىققا كېلىۋاتىدۇ . بىمارلار كېسەللىك ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇپ ، دوختۇرلار بىلەن زىچ ماسلىشىپ ، ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرسىلا ، كېسىلىنى داۋالىتىپ ساقىيىش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ . تۆۋەندە ، مەزى بېزى ياللۇغىنى داۋالاشنىڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن .
1 ئانتىبىئوتىنلار ( 抗生素 ) بىلەن داۋالاش
ئانتىبىئوتىنلار بىلەن داۋالاش مەزى بېزى ياللۇغىنى داۋالاشتا كۆپ قوللىنىلىدىغان ئۇسۇل . بۇ خىلدىكى دورىلار قان پلازمىسى بىلەن بىللە مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىغا يامراپ كىرىپ ، سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىشنى پەيدا قىلىدىغان گرام مۇسپىي تاياقچە باكتېرىيىسىنى يوقىتىش رولىنى ئوينايدۇ ، بىراق ، مەزى بېزى ئېپىتېلىيىسىنىڭ مايلىق پەردىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ مەزى بېزى پۈۋەكچىسىنىڭ مەركىزىگە يېتىپ بارالمىغاچقا ، داۋالاش ئۈنۈمى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ . شۇڭا ، مەزى بېزى ياللۇغىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئانتىبىئوتىنلارنى تاللاشتا ، تۆۋەندىكى پرىنسىپقا ئەمەل قىلىش لازىم :
( 1 ) دورىنىڭ باكتېرىيىگە قارىتا بىرقەدەر يۇقىرى سەزگۈرلىكى بولۇش ؛
( 2 ) ئىشلىتىلىدىغان دورىنىڭ يۇقىرى مايلىق ئېرىشچانلىققا ، يۇقىرى ئوسموسلۇق ئىقتىدارغا ئىگە بولغان قان پلازمىسى ئاقسىلى بىلەن بىرىكىش نىسبىتى تۆۋەن ، پارچىلىنىش دەرىجىسى يۇقىرى دورا بولۇشىنى ئۆلچەم قىلىش ؛
( 3 ) ئىككى خىلدىن ئارتۇق ھەم داۋالاش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش رولىغا ئىگە بولغان دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش ؛
( 4 ) دورىنىڭ مەزى بېزى ئارىلىق ماددىلىرىدىكى ئۈنۈملۈك قۇيۇقلۇق دەرىجىسىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش ۋە سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، دورىنى زور مىقداردا ھەم ئۇزۇن مۇددەت ( 12~ 4ھەپتە ) ئىشلىتىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .
2 يەرلىك ئورۇنغا دورا كىرگۈزۈپ ياكى ئوكۇل قويۇپ داۋالاش
ئانتىبىئوتىنلارنى پۈتۈن بەدەنلىك دورا ئىشلىتىش ئۇسۇلى بويىچە ئىشلىتىپ ، مەزى بېزىدىكى ئۈنۈملۈك دورا قۇيۇقلۇقىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزگىلى بولماسلىق تۈپەيلىدىن داۋالاش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكەندە ، ئانتىبىئوتىنلارنى سۈيدۈك يولى ئارقىلىق بىۋاسىتە مەزى بېزىگە كىرگۈزۈپ داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش لازىم . بۇنىڭ كونكرېت ئۇسۇلى مۇنداق : Gentamycin 庆大霉素 ، Kanameycin 卡那霉素 ، Cephalosporin 先锋霉素 قاتارلىق ئايرىم ياكى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنى تاللاپ ، سۈيدۈك يولى ، نەيچە ياكى ئەۋرەت قىسمى ئارقىلىق بىۋاسىتە مەزى بېزى قىسمىغا كىرگۈزىمىز ۋەياكى B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئاپپاراتىدا كۆزىتىپ تۇرۇپ ، بىۋاسىتە ھالدا مەزى بېزىدىكى كېسەللىك ئوچىقىغا كىرگۈزىمىز .
شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى ، گەرچە بۇخىل داۋالاش ئۇسۇلى دورىنى كېسەللىك ئوچىقىغا بىۋاسىتە كىرگۈزۈپ ، يەرلىك ئورۇندىكى ۋە ئەتراپ توقۇلمىلاردىكى باكتېرىيىلەرنى يوقىتىپ ، يۇقۇملىنىشنى تۈگىتىپ ، داۋالاش قىيىن بولغان ، جاھىل خاراكتېرلىك سوزۇلما مەزى بېزى ياللۇغىنى داۋالاشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئىگە بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە بولسىمۇ ، لېكىن ، تۆۋەندىكىدەك يېتەرسىزلىكلەردىنمۇ خالى ئەمەس :
(1) مەزى بېزىنىڭ جايلاشقان ئورنى بىرقەدەر چوڭقۇر ، بىۋاسىتە دورا كىرگۈزۈش تەسرەك بولغاچقا ، پۇنكسىيە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ . ئەمما ، پۇنكسىيە قىلىش ئەتراپتىكى توقۇلمىلارنى زەخىملەندۈرۈپ ، قانلىق سۈيدۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
(2) پۇنكسىيە قىلىش يەرلىك ئورۇننى ئاغرىتىپ بىئارام قىلىدىغان بولغاچقا ، قايتا – قايتا پۇنكسىيە قىلىشنى بىمارلار ناھايىتى تەستە قوبۇل قىلىدۇ.
(3) تۈز ئۈچەي ئارقىلىق پۇنكسىيە قىلغاندا ، بەدەن سىرتىدىكى باكتېرىيىلەر يەرلىك ئورۇنغا كىرىپ كېتىپ ، مەزى بېزىنىڭ قايتا يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن .
(4) قايتا كۆپ قېتىم پۇنكسىيە قىلىش مەزى بېزى تالالىق توقۇلمىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى ، مەزى بېزىنىڭ قېتىشىشىنى پەيدا قىلىدۇ – دە ، ئانتىبىئوتىنلارنىڭ كېسەللىك ئوچىقىغا سىڭىپ كىرىشىنى ، مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىنىڭ چىقىرىلىشىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىدۇ. شۇڭا ، بۇخىل ئۇسۇلنى باشقا داۋالاش ئۇسۇللىرى زادى ئۈنۈم بەرمىگەندە ئاندىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن قوللىنىش ، پۇنكسىيە قىلىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش ، يەنى ھەپتىدە 1-2 قېتىمدىن 1 ئاي داۋاملاشتۇرۇش لازىم .
3 فىزىكىلىق داۋالاش
فىزىكىلىق داۋالاش ئاۋاز ، نۇر ، توك ، ئىسسىقلىق ، سۇ قاتارلىق ھەرخىل فىزىكىلىق ئامىللاردىن پايدىلىنىپ ، ئورگانىزمدىكى توقۇلما – ئەزالار ۋە كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى فاكتورلارغا تەسىر كۆرسىتىپ ، ئورگانىزمنىڭ ئۆزىدىكى ئىچكى ئامىللارنى تەڭشەش ئارقىلىق نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھالەتنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان بىرخىل داۋالاش تەدبىرى . ئۇنىڭدا ، ھاسىل قىلىنغان ئىسسىقلىقتىن پايدىلىنىپ، چوڭقۇر قىسىمدىكى توقۇلمىلارغا قان تولدۇرۇلۇپ ، قان ئايلىنىش ياخشىلىنىپ ، يەرلىك ئورۇندىكى توقۇلمىلار قۇۋۋەتلەندۈرۈلۈپ ، ياللۇغلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈپ تازىلىنىش سۈرئىتى تېزلىتىلىپ ، ياللۇغ قايتۇرۇش ئىلگىرى سۈرىلىدۇ . فىزىكىلىق داۋالاش ئاساسلىقى مىكرو دولقۇن بىلەن داۋالاش ۋە قىسقا دولقۇن بىلەن داۋالاشتىن ئىبارەت ئىككى خىل داۋالاش ئۇسۇلىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ . ئالدىنقىسى چوڭقۇر قىسىمغا جايلاشقان توقۇلمىلاردىكى مىكرو جانلىقلارنى ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك ، مۇۋاپىق ئىشلەتكەندە بەدەنگە ھېچقانداق زەخىمسى يوق بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ، كېيىنكىسى بولسا مەشغۇلاتى ئاددىي ، ئۈنۈمى ۋاسىتىلىق ئەمما ياخشى بولۇشتەك ئارتۇقچىلىققا ئىگە .
دېمەك ، يۇقىرىقى ئۇسۇللارنى بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق قوللانغاندا ، مەزى بېزى ياللۇغىنى داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : سىزدە مەزى بېزى ياللۇغى بارمۇ ؟

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟