نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > يەتتە ئىقلىمدا
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

نوبېل ھەزىل مۇكاپاتى ( 2008 ) تارقىتىلدى

لوس ئانجېلىس ۋاقىت گېزىتى تورى ( LATimes.com ) نىڭ تۈنۈگۈن بەرگەن خەۋىرىگە كۆرە ، يالىڭاچلانما ئۇسۇل ئوينىغۇچىلارنىڭ پەرزەنتلىك بولۇش نىسبىتى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات ۋە كوكاكولا ( Coca-Cola  ) نىڭ ئۇرۇق ئۆلتىرىدىغانلىقى ئۈستىدە ئىشلەنگەن تەتقىقات، ياڭيۇ پارچىسىنى يېگەندە << كاس – كاس >>  قىلىپ ئاۋاز چىقىرىپ يېگەندە، ياڭيۇنىڭ تېخىمۇ تەملىك بولۇپ كېتىدىغانلىقى ئۈستىدىكى تەتقىقات قاتارلىق غەلىتە تەتقىقات نەتىجىلىرى << شەرەپلىك ھالدا >> 2008 – يىللىق نوبېل ھەزىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
نوبېل ھەزىل مۇكاپاتىمۇ ھەقىقى پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىگە بېرىلىدىغان بولۇپ، تەتقىقاتنىڭ غەلىتە – كۈلكىلىك بولۇشىنى مۇھىم باھالاش ئۆلچەملىرىدىن بىرى قىلىدىكەن. مەزكۇر مۇكاپات ئىلىم – پەن يۇمۇرلىرى ژۇرنىلى ( Annals of Improbable Research,AIR ) تەرىپىدىن 1991 – يىلى تارقىتىلىشقا باشلىغان بولۇپ، باھالىغۇچىلىرى تەركىبىدە ھەقىقى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرمۇ بولىدىكەن. مەقسىتى دەسلەپ كىشىنىڭ كۈلكىسىنى قىستايدىغان، كېيىن ئويغا سالىدىغان تەتقىقات نەتىجىلىرىنى مۇكاپاتلاش ئىكەن. ھەر يىلى ھەقىقىي نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىلىشتىن 1 – 2 ھەپتە بۇرۇن، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ Sanders Theater زالىدا تارقىتىلىدىكەن.
بۇ يىل بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تەتقىقات نەتىجىلىرى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

* بوستۇن ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتى دوختۇرخانىسى ( Boston University’s School of Medicine ) ئاياللار – تۇغۇت كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى Deborah Anderson  تەجرىبىخانىدا تەكرار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق كوكاكولا ( Coca-Cola  ) نىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقىنى ئۆلتۈرۈش تەسىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىغان. كوكاكولا ( Coca-Cola  ) شىركىتى بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.

* ساۋپاۋلو ئۇنىۋېرسىتېتى ( the University of Sao Paulo ) نىڭ Astolfo Gomes de Mello Araujo  يېتەكچىلىكىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى تاغتېشەر ( بىرخىل جانلىق ) نىڭ ئارخىلوگىيىلىك تەكشۈرۈشكە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان.

* فرانسىيىلىك بىئولوگىيە تەتقىقاتچىسى Marie-Christine Cadiergues ۋە ئۇنىڭ كەسىپداشلىرى ئىتنىڭ تېنىدا ياشايدىغان بۈرگىنىڭ ، مۈشۈكنىڭ بەدىنىدە ياشايدىغان بۈرگىدىن ئېگىز سەكرەيدىغانلىقىنى بايقىغان.

* Duke University نىڭ تەتقىقاتچىسى Dan Ariely قىممەت باھالىق ساختا دورىنىڭ شىپالىق ئۈنۈمىنىڭ ئەرزان باھالىق ساختا دورىغا قارىغاندا يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز : http://www.latimes.com/news/printedition/asection/la-sci-ignobel4-2008oct04,0,5393718.story

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!1نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. كۆكتاش مۇنداق يازغان:

    مۇنداقمۇ مۇكاپاتلار بار دەڭلار!
    بۇنىڭغا ساھىب بولغۇدەك بىزدىنمۇ بىرەر تەتقىقاتچى چىقارمۇ؟

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟