نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > نادىر تەرمىلەر
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە

ئايسىمە ئىدىرىس

ئۇنىڭ شېئىرلىرى نوقۇل شېئىر سۈپىتىدىلا ئەمەس ، بەلكى ئۆمەرجان ئالىم ، سەنەۋەر تۇرسۇن قاتارلىق ئەل سۆيگەن ناخشىچىلىرىمىزنىڭ يېقىملىق ئاۋازى بىلەن بىرىكىپ تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب-شىمالىغا تارىغاچقا ، كىشىلەر ئۇنىڭغا قىزىقىدۇ ، ئۇنى چۈشىنىشكە ، بىلىشكە ئىنتىلىدۇ . شۇڭا 1992- يىلدىكى كىتابخانلارنىڭ رايىنى سىناش پائالىيىتىدە ئۇ ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىپ « كىتابخانلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان شائىر » بولۇپ باھالاپ چىقىلدى ، ئۇ بولسىمۇ شېئىرلىرى ئەل قەلبىدىن چۇڭقۇر ئورۇن ئالغان خەلقىمىزنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر شائىرى مۇھەممەتجان راشىدىندۇر .
مۇھەممەتجان راشىدىن 1940- يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان ، گەرچە ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ئەدەبىياتقا ھەۋەس قىلىپ ، شېئىر يېزىشقا قىزىقىپ يۈرگەن بولسىمۇ ، ئەمما ئۇ ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى . 1950- يىلدىن 1958- يىلغىچە شىنجاڭ يېزائېگىلىك تېخنىكومىدا ئوقۇپ يۈرگەن مەزگىللىرىدە بىر تەرەپتىن يېزا ئېگىلىك بىلىملىرىنى ئۆگەنسە يەنە بىر تەرەپتىن شېئىر يېزىش بىلەن شۇغۇللىنىپ ، 1958- يىلى ئۆزىنىڭ تۇنجى شېئىرى « ئىلى دەرياسى » نى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلدۇردى . ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر مەزگىل ئوقۇتقۇچى بولۇپ ، بىر تەرەپتىن ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندى ، ئەمما بۇنداق ھايات ئۇزاق داۋاملاشمىدى ، ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەر سەۋەبىدىن تاكى 1980- يىللارنىڭ باشلىرىغا كەلگەندىلا ئاندىن ئۇنىڭ خىزمىتى ئەسلىگە كېلىپ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتىنىڭ يېڭى دەۋرى باشلاندى ، ئۇنىڭ ئىجادىيىتى 1980- يىللاردىن كېيىن گۈللىنىش باسقۇچىغا كىردى ، بۇ مەزگىللەردە ئۇ بىھۇدە ئۆتكەن يىللارنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ، قەلبىگە سىغمىغان ، ئەلەملىك ھېسسىياتىنى كىتابخانلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە ئاجايىپ ئىجتىھات بىلەن قايتىدىن ئىجادىيەتكە كىرىشىپ « مەن كېلىمەن ئىككى كۆزۈم ياش » ، « كاككۇك گۈلى » ، « مەشرەپ ھەققىدە مۇخەممەس » ، « ۋەتەن تاغلىرى » ، « يىللار ئىزى » ، « سەن يوق»، « ئۇمۇ بىر ئانا » ، « كۈتۈشكە يارالغانمەن سۆيگۈمنى » ، « باھار ناخشىلىرى » قاتارلىق كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان كۆپلىگەن لىرىكىلارنى يازدى . ئۇنىڭ شېئىرلىرى ۋەتەنگە ، خەلققە ، تەبىئەتكە، ئانىغا ، ھاياتقا ، ياخشىلىققا بېغىشلانغان بولۇپ ، بۇنداق مۇھىم ئەنئەنىۋى ، مەڭگۈلۈك تېمىلاردا يېزىش ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە ئىزچىللىق ۋە بىر خىل ئالاھىدىلىكنى شەكىللەندۈردى . شائىر ئاشۇ ئالاھىدىلىكلەرنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ ، شېئىرلىرىدىكى پىكىر ، مەزمۇنىنىڭ يېڭى ، چۇڭقۇر ، ئوبرازلىق ، جەلپكار بولۇشىغا ۋە بۇ مەزمۇنلارنى ئاممىباپ ، يېقىشلىق ، يەڭگىل قىلىپ ئىپادىلەشكە كۆڭۈل بۆلدى ، شۇنداق بولغاچقا ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى ناخشا تېكىستى قىلىپ تاللىنىپ ، جەمئىيەتتە زور تەسىر قوزغاپ ، گويا خەلق ناخشىلىرىغا ئوخشاشلا خەلق ئارىسىغا سىڭىپ كەتتى . ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئۆمەرجان ئالىم ، سەنەۋەر تۇرسۇندەك ناخشىچىلارنىڭ داڭق چىقىرىشىغا ، پەرھات ئابىت چوغلاندەك مۇزىكانتلارنىڭ ئىلھام پىلتىسىغا ئوت ياققانلىقىنىڭ ئۆزىنىلا ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ .
مۇھەممەتجان راشىدىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەسەر مەزمۇنىغا قىزىقىشتەك كىتابخانلىق ئادىتىگە تازا ماس كەلتۈرۈپ شېئىر يازىدىغان ، شۇنداقلا ئۆزگىچە كۆزىتىش ، پىكىر قىلىشقا ماھىر ، ھايات ھەققىدىكى ئويلىنىشلىرىنى شېئىر قىلىپ يېزىشقا ماھىر شائىر بولغاچقا ئۇنىڭ شېئىرلىرى يېڭىدىن يېڭى پىكىر مەزمۇنلارغا ئىگە بولۇپ كەلدى ، ئۇنىڭ شېئىرلىرى دىداكتىكىغا ، ھايات ھەقىقەتلىرىگە ، تۇرمۇش تەجرىبىلىرىگە ئىنتايىن يېقىن بولۇپ ، مەزمۇنى مول ، رەڭگارەڭ ، ھەر بىر شېئىردىن بىر ھېكمەت ئۇرغۇپ تۇرىدۇ .مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرىنى ئۇنىڭ ئىجادىيەت دەۋرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ۋە دەۋر ئېقىمى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا شېئىرلىرىنىڭ مەزمۇنىنى بىر نەچچە قاتلام بويىچە تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ .
1980- يىللاردا ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرى بولۇپ « سولچىللىق » نىڭ قالدۇرغان جاراھەتلىرى ئاستا-ئاستا ساقىپ ۋە ساقىشقا يۈزلىنىپ ، دەۋر تەرەققىي قىلىپ ، ئەركىن ، گۈزەل، بەختىيار ھايات بارلىققا كەلدى . دەۋرنىڭ ئېقىمىغا ئەگىشىپ، دەۋرنىڭ ئەۋزەللىكىنى مەدھىيلەيدىغان ، دەۋرگە يانداش ئىلغار پىكىردىكى نۇرغۇن ئېسىل ئەسەرلەر بارلىققا كەلدى ، بۇ خىل ئەسەرلەرنى تەتقىقاتچىلار « ئىجتىمائىيەت » ئەسەرلىرى دەپ قاراپ باھا بەردى . چۈنكى بۇ خىل ئەسەرلەر جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ ، بۇ خىل ئەسەرلەردىن كۈچلۈك دەۋر پۇرىقى كېلىپ تۇرىدۇ .
بۇ خىل ئەسەرلەردە جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ، ھەل قىلىنغان ياكى ئاپتورنىڭ شۇنىڭغا قارىتا باھاسى بېرىلگەن بولىدۇ . مۇھەممەتجان راشىدىن « مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » مەزگىلىدە ئېغىر ئازابلارنى تارتقان ، ئۆلۈم گىردابىدىن قايتىپ كەلگەن شائىر ، بۇنداق سەرگۈزەشتىگە ئىگە شائىرنىڭ يېڭى دەۋردىن ، يېڭى دەۋر ئاتا قىلغان ئەركىن بەختىيار ھاياتتىن شادلانماسلىقى ، قەلبىنىڭ لەرزىگە كەلمەسلىكى مۇكىن ئەمەس . شۇڭا ئۇنىڭ شېئىرلىرىغىمۇ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى ئۆزگىرىشلەر ئۆز تامغىسىنى باسماي تۇرالمىدى . مۇشۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى دەۋر روھىنى نامايان قىلىدىغان ئىجتىمائىيەت تېمىسىدىكى شېئىرلار ئىگىلىدى . ئۇنىڭ 1980- يىللارنىڭ بېشىدا يازغان « مەن كېلىمەن ئىككى كۆزۈم ياش » ، « سا- لام دوستلار » ، « كاككۇك گۈلى » قاتارلىق شېئىرلىرى بۇنىڭ تىپىك مىسالى .
ئايرىلغاننى قايتا قوشقان دەۋر كەلدى ،
سالام دوستلار يەنە كەلدىم ئاراڭلارغا .
مەرىكەڭلەرنىڭ بىر چېتىدە ئۈن قاتىمەن ،
سىلەردىكى يېڭى سۆھبەت پاراڭلارغا .

« مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » نى باشتىن كەچۈرگەن شائىر 1980- يىللارنىڭ باشلىرىدىكى ئىجادىيىتىنى ئاساسلىقى ئاپەتلىك يىللار ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشتىن باشلاپ ، ئاپەتلىك يىللارنىڭ جاراھەتلىرىنى ئېچىپ بەرگەندىن باشقا يەنە ئۆزىنىڭ ھاياتقا بولغان قىزغىن ئىتىلىشىنى ، ئۈمىدىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولغاچقا ، ئۇنىڭ كېيىنكى ئىجادىيىتى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ ، خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان ، كىشىلەر قەلبىدە ھاياجان پەيدا قىلالايدىغان ئىجتىمائىي تېمىدىكى شېئىرلارنى كۆپلەپ يازدى . ئۇنىڭ ئەل ئارىسىدا كەڭرى تارقالغان «بۇ دۇنيا» ، «بىھۇدە ئۆتمىگەن يىللار» ، «بۇ تۇرمۇش» ، «ھايات دېگەن مانا شۇ» ، «خۇراپات» ، «يوقاتتىم» ، «دوستلارغا» قاتارلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ دولقۇنلۇق قايناملىرىغا بېغىشلانغان ، ھايات ھەقىقەتلىرى مۇجەسسەملەنگەن لىرىك شېئىرلىرى خەلق كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلەرنى دەل جايىدا ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى بىلەن قىممەتلىك ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئىجتىمائىيەت تېمىسىدىكى شېئىرلىرى پەلسەپىۋىلىككە تويۇنغانلىقى بىلەن گويا ماقال-تەمسىللەردەكلا خەلق ئارىسىغا سىڭىپ كىرىپ ، كىشىلەرگە ھايات يولىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ھەم شۇ سەۋەبلىك ناخشا قىلىپ ئوقۇلغان .
سۆيەلمەيدۇ ھاياتنى ئۆز ئۆيىنى سۆيمىگەن ،
سۆيەلمەيدۇ ۋەتەننى ئائىلىگە كۆيمىگەن .
شۇ سۆيگۈدىن مەھرۇملار نەدە ياشاپ گۈللىگەن ،
گۈللىمىگەن ھويلىدا نەدە كەپتەر ئۈنلىگەن ؟
مەيلى سۇلسۇن ، كۆكلىسۇن ئۆز نامىڭدۇر ئائىلەڭ .

ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بۇ شېئىرىدا شائىر ئائىلە ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ناھايىتى قايىل قىلارلىق مىسرالار «مۇھەببەت ئۇلۇغ بىر مەكتەپ» ناملىق كىتاب ئارقىلىق ئىپادىلەپ ، سوتسىيالىستىك يېڭى دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ ئائىلە قاراشلىرىنى نامايان قىلدى . ئۇنىڭ ئىجتىمائىيەت تېمىسىدىكى شېئىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تېما جەھەتتىن كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان پۇل ، يىللار ، ھايات ، كىشىلىك مۇناسىۋەت ، ئائىلە ، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق- تۇغقاندارچىلىق قاتارلىقلارغا بېغىشلانغان بولۇپ ، شائىر بۇ خىل مەزمۇندىكى شېئىرلىرى ئارقىلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى كىشىلەر ئۇششاق ھېسابلايدىغان ، ئەمما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە ھاياجانلىق پىكىر يۈرگۈزۈپ ، ئۇ مەسىلىلەرگە ھېسسىيات ئارقىلىق ئەمەس ، بەلكى ئەقىل ئارقىلىق جاۋاپ بېرىپ ، شېئىردىكى ھېسسىيات بىلەن ئەقىلنى ناھايىتى ياخشى گىرەلەشتۈرگەن .
يامان بولساڭ ياقاڭ بىر كۈنى ،
يىرتىلىدۇ كىشى قولىدا .
ياخشى بولساڭ بېرەركەن سالام ،
ئۇچۇرغانلار بازار يولىدا .

شۇ تەرىزدە بارىدۇ ھايات ،
ياخشى بىلەن يامان ئارىلاش .
ئۇغۇ مەيلى ئۇنتۇلغاي قانداق ،
ياخشىلارنى ياۋ دەپ قارىلاش .

شائىر بۇ شېئىردا ھاياتلىق سەپىرىدە بىزگە ھەمىشە ئۇچراپ تۇرىدىغان ، ياخشى بىلەن ياماننى ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇپ ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ توغرا يولى ھەققىدە ئەقلىي يەكۈن چىقارغان .
شائىر يەنە ئۆز شېئىرلىرىدا مائارىپ ھەققىدىمۇ توختىلىپ خەلقىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان مائارىپنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد ، ئىشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە مائا- رىپتا ساقلىنىۋاتقان ئىللەتلەرنى كۆرسىتىپ بېرىپ ، مائارىپنىڭ ئورنىنىڭ مۇھىملىقىنى ، ئەگەر ئىللەت تۈزەلمىسە مىللەت تۈزەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن .
شائىرنىڭ 1980- يىللاردىن باشلاپ نەشىردىن چىققان «كاككۇك گۈلى» ، «يىللار ئىزى» ، «كۈنلەر ئالبومى» ، «ئانا يەر قەسىدىسى»، «ئۆمۈر ئىلھاملىرى» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق ، شائىر شېئىرلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئىجتىمائىيەت تېمىسىدىكى شېئىرلار ئىكەنلىكىنى بايقايمىز . شائىرنىڭ بۇ خىلدىكى شېئىرلىرىنىڭ تېمىسى يېڭى ، خىلمۇ خىل ۋە خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر يېزىلغان .

(1) شائىرنىڭ ئەخلاق تېمىسىغا بېغىشلانغان شېئىرلىرى :

ئەخلاق تېمىسى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇھەببەت تېمىسىغا ئوخشاشلا مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى ، گەرچە ئەخلاق تېمىسىدىكى شېئىرلار مۇھەببەت لىرىكىلىرى ۋە ساتىرالارنىڭ مەزمۇنى بىلەن تۇتۇشۇپ كەتسىمۇ ، ئەمما شائىرنىڭ ئەسەرلىرى ئەخلاققا بېغىشلانغان تېمىلارنىڭ روشەنلىكى بىلەن گەۋدىلىك . بۇ يەردە بىز دەۋاتقان ئەخلاق شائىرنىڭ ئاتا-ئانىلارنى ھۆرمەتلەش ، دېھقانلارنى ھۆرمەتلەش ، دوستلۇقنى قەدىرلەش ، ياشلىقنى قەدىرلەش تېمىسىدىكى شېئىرلار بولۇپ بۇخىل شېئىرلارمۇ شائىرنىڭ ئىجادىيىتىدە ناھايىتى زور رول ئوينايدۇ . بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئانىغا بېغىشلانغان «سەن يوق» ، «قانداق قىلارمەن» ، «مەن يوق» ، «دوستۇم دېمەڭ» ، «يىغلاپ قايتتىم قەبرەڭدىن ئانا» ، «دوستلارغا» ، «ئون سەككىزدە ماختانما يىگىت»، «داداڭدىن ئازمىغىن ، يولدىن ئازساڭمۇ»، «دېھقىنىم» قاتارلىق شېئىرلىرىدا كىشىلەرگە ئەدەپ-ئەخلاقلىق بولۇش ، ئاتا-ئانىلارنى ھۆرمەتلەش ، ياشلىقنى قەدىرلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزىنىڭ كىشىلىك قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئىجتىمائىيەت مەزمۇنىدىكى شېئىرى ئىچىدە ئانىلارغا بېغىشلانغان شېئىرلار ئەڭ كۆپ بولۇپ :
ئانا دېگەن ئالتۇن تېغىمىز ،
ئانا دېگەن راھەت بېغىمىز .
ئانا كەتتى كۆز يۇمدى ئامەت ،
بىللە كەتتى پالۋانلىقىمىز .

دېگەن مىسرالىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئانىلارنى شۇنچىلىك ئۇلۇغلايدىغانلىقىنى ئەمەلىي قەلب ھېسسىياتى ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ .

(2) شائىرنىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرى :

مۇھەببەت ئىنسان ئۈچۈن مەڭگۈلۈك تېما . شۇڭا مۇھەببەت لىرىكىسى يېزىش توسۇۋالغىلى بولمايدىغان تېما . شائىر مۇھەممەتجان راشىدىنمۇ بۇ خىل تېمىلاردىن چەتنەپ كېتەلمىگەن . بولۇپمۇ ئۇنىڭ قىز-ئوغۇللار ئوتتۇرىسىدىكى گۈزەل ۋە ساپ مۇھەببەتكە بېغىشلانغان لىرىكىلىرى كىشىنى كۈچلۈك ھاياجانغا سالىدۇ شائىرنىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرىنىڭ باشقا شائىرلارنىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرىدىن ئالاھىدە پەرىقلىنىدىغان تەرىپى شائىر مۇھەببەتنى ۋاپا ، ساداقەت ئۈستىگە قويۇپ تەسۋىرلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزى ياخشى كۆرگەن تەرەپنىڭ قىلىقى ، ھەرىكىتى ، بىرەر گەپ-سۆزى ، ھەتتا ئۇنىڭ يازغان خەتلىرىدىكى گۈزەللىكنى مەدھىيىلەپ ، بۇ ئارقىلىق سۆيگەن يارىنىڭ قەدىرلىك ئىكەنلىكىنى ، مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغلىقىنى بىلدۈرىدۇ . شۇڭا ئۇنىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرىمۇ باشقا ھايات توغرىسىدىكى لىرىكىلارغا ئوخشاشلا ئەل ئارىسىدا تېز تارقىلىپ ، ناخشا قىلىپ ئوقۇلۇپ ، خەلق قوشاقلىرىدەكلا قۇلاققا سىڭىشلىك بولۇپ كەتتى . ئۇنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر پىشقەدەملىرى ۋە ياشلىرىغا يادا بولۇپ كەتكەن «ئۆز يارىڭ» ناملىق شېئىرى ئۇنىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرىنىڭ جەۋھىرى دېيىشكە بولىدۇ .
يۈگۈرۈپ چىقار ئالدىڭغا قايتىپ كەلسەڭ سەپەردىن ،
ئېسىلىدۇ بوينۇڭغا ، ئامان قالساڭ خەتەردىن .
يامان كۈن يوق ئالەمدە يارسىز يالغۇز ئۆتەردىن ،
تۈنەپ چىقار سەن بىلەن ئەسكى تامدا ئۆز يارىڭ .

شائىر سەككىز كۇبلىتلىق بۇ شېئىرىدا ھەرگىزمۇ يارنىڭ گۈزەل قامىتى ، كېلىشكەن تەقى تۇرقىنى مەدھىيىلىمەيدۇ . بەلكى سۆيگەن يارىنىڭ ئېسىل پەزىلىتى ، ئالىيجاناپ خىسلىتى ، كەڭ قورساق ، ئىشچان خۇي-پەيلىنى مەدھىيىلەپ رېئال تۇرمۇشتا ئازغان ، ئېزىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلارغا ناھايىتى ياخسى بىخەتەرلىك سىگنالى بىرىدۇ .
جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا شائىرنىڭ بۇ شېئىرى نۇرغۇن پارچىلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئائىلىلەرنى خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇۋالغان ، نۇرغۇن ئائىلىلەرگە ئىناقلىق-ئىتتىپاقلىق ، بەخت ئېلىپ كەلگەن ، چۈنكى شائىر «باي بولغاندا ياتقۇزۇر ئاۋال سېنى گىلەمگە ، تولغىنىسەن راھەتتە ئويغاتقاندا ئۆز يارىڭ» دەپ يېزىپ ھاياتنىڭ ئەڭ شېرىن لەززىتىنىڭ پەقەت ئۆز يارىنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئەمەسمۇ ؟ بىر قارىماققا بۇ شېئىر ئاياللارنى مەدھىيىلىگەندەك كۆرۈنسىمۇ ئەمما بۇ يەردە شائىر تىلغا ئالغان «ئۆز يارىڭ» نىڭ جىنس چىگرىسى يوق ھەم بۇ شېئىر ئۆز ئىچىگە ئالغان ھايات ھەقىقەتلىرىنىڭ موللىقى بىلەن شائىر تېيىپجان ئېلىيېفنىڭ «تۈگىمەس ناخشا» سىدىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە ئېسىل مۇھەببەت لىرىكىسىغا ئايلىنالايدۇ .
شائىرنىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرى باشتا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئۆز لىرىكىلىرىدا ھەرگىزمۇ بىۋاستە سۆيگۈ دەۋاسى قىلمايدۇ ، بەلكى تۇرمۇشتىكى كىشىلەر دائىم دۇچ كېلىپ قالىدىغان ھىجران ، سېغىنىش ، ئەسلەش ، ھەتتا سۆيگۈ خەتلىرىنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ ھاياتتىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۇھەببەتنى كۈيلەيدۇ .
ھەر تاڭنى تاڭ دېمەيمەن دىدارىڭسىز ،
سېنىڭسىز نەدە ئۇپۇق قىزارغان بار .
يۈرمەي مەندە نە يۈرسەم خۇمارىڭسىز ،
سېنىڭدەك نەدە ماڭا قەدىردان بار .

شائىر مۇھەببەتنى ، سۆيگەن يارىنى ئۇلۇغلاپ «سېنىڭسىز نەدە ئۇپۇق قىزارغان بار» دەپ ئۆزىنىڭ سۆيگىنىگە بولغان قىزغىن مېھىر-مۇھەببىتىنى ئىپادىلىسە ئاخىرىدا يەنە «سەن بىلەن تەشۋىشىم يوق ئاپەتتىنمۇ» دەپ يېزىپ ئۆزىنىڭ يار بىلەن بىللە بولۇشقا ئىنتىلىشتەك چەكسىز ئىستىكىنى يازىدۇ .
شائىر ئۆز لىرىكىلىرىدا مۇھەببەتنى ھەرگىزمۇ يىغلاڭغۇلارنىڭ كۆڭۈل ئىزھارىغا ياكى ئاجىزلارنىڭ نىداسىغا ئايلاندۇرۇپ قويمايدۇ ، بەلكى ھەر بىر لىرىكىسىدا ئۆزىنىڭ يارىنى ، ھاياتىنى ، ئۆمۈرنى ، مۇھەببەتنى ئۇلۇغلايدىغانلىقىنى ، ھاياتتا مۇھەببەتكە دادىل يۈزلەنگەندىلا ئاندىن ھەقىقىي ۋىسالغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى يازىدۇ .
شائىرنىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرىدىكى يەنە بىر ئۆزگىچىلىك شۇكى، ئۇ مۇھەببەتنى ياشلىق بىلەن ، ھايات ، ئۆمۈر بىلەن زىچ باغلايدۇ ، مۇھەببەتنى قەدىرلەشنىڭ ئۆمۈرنى قەدىرلىگەنلىك بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى يېزىپ ، مۇھەببەتنى تۇرمۇش بىلەن چەمبەر چاس باغلاپ ئىنتايىن كۈچلۈك پەلسەپىۋى مەنە چىقىرىدۇ .
كەلسەڭ ئەگەر بۈگۈن كەل يارىم ،
تاڭلا كەلسەڭ بۇ چىرايىم يوق .
ئۆمۈر قانچە ئۇزۇن بولسىمۇ ،
ياشلىق دېگەن بىزگە دائىم يوق .

مانا مۇشۇ بىر كۇپلېت شېئىردىنلا بىز شائىرنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى ئېنىق چۈشىنىپ يېتەلەيمىز . بەزىلەرنىڭ نەزەرىدە بۇ شېئىر «ئادەم قېرىغاندا مۇھەببەت بولمايدىكەن » دېگەن تۇيغۇلارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن ، ئەمما بۇ شېئىرنى قايتا-قايتا ئوقۇساق ئاندىن شائىرنىڭ يالغۇز ئۆمۈرنىلا ئەمەس ، ئۆمۈرنىڭ گۈل تاجىسى بولغان ياشلىقنى قەدىرلەشنىڭ زۆرۈرلىكىنىمۇ قەيت قىلىپ ئۆتكەن .

(3) شائىرنىڭ ساتىرا (ھەجۋى) شېئىرلىرى :

ساتىرا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەزەلدىن مەۋجۇت بەدىئىي ھادىسە ، بەدىئىي تۈر ، ئۇ ئۆزىگە كىشىلەر مۇناسىۋېتىدىكى ساختىلىقنى ، كىشىلەر قەلبىدىكى پەسكەشلىكنى ، جەمئىيەتتىكى ناچار ئىللەتلەرنى ، كۈلكىنى ماتېرىيال قىلىدۇ . ھەجۋى ، كىنايە ، مەسخىرە ، مۇبالىغە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ . ساتىرا قان چىقارماي جان ئالىدىغان خەنجەرگە ئوخشايدۇ . ئۇ دوستلارغا نىسبەتەن شىپالىق دورا ، دۈشمەنلەرگە نىسبەتەن پارتلايدىغان بومبا .
شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن ساتىرانىڭ بۇ خىل رولىدىن ناھيىتى ياخشى پايدىلانغان شائىر بولۇپ ، گەرچە ئۇنىڭ ساتىرالىرى «ئىجتىمائىيەت» تېمىسىدىكى شېئىرلارغا مەنسۇپ بولسىمۇ ، ئەمما بىز ئۇنى ئايرىم بىر تۈر سۈپىتىدە تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ ، چۈنكى شائىرنىڭ ساتىرالىرى روھىي دۇنيايىمىزدىكى ھەر خىل ئىللەتلەرنى ھەجۋىي قىلىش ، مەسخىرە قىلىش ئارقىلىق يامان ئىللەتلەرنى ئايىماي قامچىلىغان ، ئۇنىڭ «ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن»، «ئوغرى ھەققىدە مۇخەممەس» ، «يانچۇقۇم» ، «يېزىلارنى بىلەمسىلەر باشقىلار» ، «ئىنجىق» ، «ئۆزۈممۇ بىلمەيتتىم» ، «ئۇنتۇپ قاپتىمەن» ، قاتارلىق ساتىرالىرى بىزنىڭ يېڭى دەۋر ئەدەبىياتىمىزدا مەيدانغا كەلگەن ئەڭ مۇنەۋۋەر ساتىرا لاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
ئۇنىڭ ساتىرالىرىدا ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىز ۋە مەنىۋىي دۇنيارىمىزدىكى ھەر خىل ناچار ئىللەتلەر ئاممىباب تىل ، يەڭگىل ئۇسلۇب ، راۋان بايان ئارقىلىق ئاچچىق مەسخىرە قىلىنغان ھەم كېلىشتۈرۈپ قامچىلانغان . شائىر ساتىرالىرىنىڭ مەسخىرە ئوبيېكتى كەڭ بولۇپ ، خىزمەتتىكى بىيۇروكراتلىق ، شەكىلۋازلىق ، مۇستەبىتلىكتىن تارتىپ تۇرمۇشتىكى ئوغرىلىق ، كەيپ-ساپاغىچە، كەسىپتىكى ناتوغۇرلۇقلاردىن قەلبتىكى ھەر خىل ئىللەتلەرگىچە ھەجۋىي قىلىنغان ، تەنقىدلەنگەن ، شائىر ساتىرالىرىدىن ئېلىنغان تۆۋەندىكى مىسرالارنى ئوقۇساق بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلا لايمىز .
ئىشتىن بالدۇر كېتىشسەڭ ئىش ھەققىڭنى تۇتىمەن ،
قايسىڭ ئىشقا كېچىكسەڭ ئىش ھەققىڭنى تۇتىمەن .
كېچىكمەمسەن خىزمەتكە يېتىۋەرسەڭ چىرمىشىپ ،
بىر كارىۋاتتا يېتىشساڭ ئىش ھەققىڭنى تۇتىمەن .

بۇ شائىرنىڭ «ئىش ھەققىڭنى تۇتىمەن» ناملىق ساتىراسى بولۇپ ئۇنىڭدا ئۆزگىچە بايان تىلى ، بايان نۇقتىسى ئارقىلىق ئەمەلىي ئىش قىلالمايدىغان ، قول ئاستىدىكىلەرنى ياخشى باشقۇرالمايدىغان ھەممىدىن قورقۇپ ئەنسىرەپ يۈرىدىغان ، مائاش تۇتۇشتىن باشقا تەدبىرى يوق ، ئىقتىدارسىز ، بىيۇروكرات ئەمەلدارلار مەسخىرە قىلىنغان . گەرچە شائىر ئۆزىنىڭ بىۋاستە ھېسسىياتىنى ، باھاسىنى بەرمىگەن بولسىمۇ ، ئەمما ھەر مىسراغا سىڭگەن ئاچچىق مەسخىرە ئارقىلىق بۇنداق ئادەملەرگە بولغان قاتتىق غەزەپ نەپرىتى ، ئۆتكۈر تەنقىدىنى ۋاستىلىك ئىپادىلىگەن مۇھەممەتجان راشىدىن ساتىرالىرىدا مەسخىرە ، مۇبالىغە قىلىقلاندۇرۇشقا ئوخشاش ھەر خىل بەدىئىي ۋاستىلار ماھىرلىق بىلەن قوللىنىلىپ ، ھەجۋىي تىل ، ھەجۋىي كۆرىنىش ئارقىلىق ئوبيېكتىپ ھەققىكىكى مەسخىرە تەنقىدى خېلى كۈچلۈك ئىجتىمائىي ئەھمىيەتكە ئىگە ۋە تەربىيىۋىي قىممەتكە ئىگە .
سۈت ساتسام سۇ قوشقۇم كېلىدۇ شۇ ئان ،
قوشمىسام بۇ ئىشىم ئاقمايدىغاندەك .
ئاشپەزمەن مانتىغا توغرايمەن بېغىر ،
گۆش مانتا مېھمانغا ياقمايدىغاندەك .

شائىرنىڭ ساتىرالىرى بەكمۇ ئۆتكۈر بولۇپ ، ئۆزىگە مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن كۆپ ئالاھىدىلىكلەرنى مۇجەسسەملىگەن . ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدە يوقىرىقى ساتىرادىكىدەك ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل تەسۋىرلەش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ ، كونكرېت مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ، نەخ مەيداننىڭ ئۆزىدە قامچىلانغان ، بەزىلىرىدە كىنايە ، ھەجۋىي ، مەسخىرە ، مۇبالىغە ۋاستىلىرى بىلەن مەسىلىنىڭ ماھىيىتى دارىتمىلاپ ئاشكارىلانغان . شائىر ساتىرالىرىنىڭ تېما دائىرىسى كەڭ بولۇپ ، ئاددى تۇرمۇش تەپسىلاتلىرىدىن تارتىپ تۇرمۇشتىكى خېلى چوڭ مەسىلىلەرگىچە ئوتتۇرىغا قويۇلغان . بولۇپمۇ ئۇنىڭ خۇراپاتلىقنى تەنقىد قىلغان ساتىرالىرى خېلى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ .
ئايالىڭىز پەرەنجە تارتسۇن ،
ئوچۇق يۈرسە يامان بولىدۇ .
چىقمىغايكى قىزلار تالاغا ،
بىراۋ كۆرسە يامان بولىدۇ .

يوقىرىقى ساتىرالاردىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى ، شائىرنىڭ جەمئىيەت ئالدىدىكى ، مەنىۋىيىتىمىز ئالدىدىكى شەرەپلىك بۇرچىنى تولۇق تونۇپ يەتكەنلىكى ۋە ياخشى ئادا قىلغانلىقى ، ساتىرا ئارقىلىق ئادەملەرگە تەسىر كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى شائىرنىڭ ساتىرالىرىدىكى خاھىشتىن ئېىنىق كۆرىۋالغىلى بولىدۇ .
يىغىنچاقلىغاندا مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرىنىڭ مەزمۇن ئالاھىدىلىكى ئۆزگىچە بولۇپ مەزمۇنى مول ، تېمىسى رەڭگارەڭ ھەم چۇڭقۇر ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ . شۇنداقلا خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى بىلەن ئۇنىڭ شېئىرلىرى تولىمۇ سۆيۈملۈك .

مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى

شائىرنىڭ 1960- يىللاردا يازغان شېئىرلىرى بولسۇن ياكى 1980- يىللاردا يازغان شېئىرلىرى بولسۇن قايناق ھېسسىياتنى ئويناق تىل بىلەن ئىپادىلىگەنلىكى بىلەن قەدىرلىك ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ 1990- يىللارغا كەلگەندە يېزىلغان شېئىرلىرى تېخىمۇ پىشقان ، پاساھەتلىك مىسرالىرى بىلەن كىشىنى ئۆزىگە تارتىدۇ . ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ .
(1) مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرىنىڭ تىلى تەڭگىل ، چۈشىنىشلىك ، شەكىل جەھەتتىن خەلق قوشاقلىرى تىلىغا يېقىن ، مۇھەممەتجان راشىدىن ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ، ئىزدىنىش ، پەزىلىتى بىلەن ئۆزىنى ھەر ۋاقىت خەلق ئىچىدە تاۋلاپ ، تىل سەنئىتىمىزنىڭ جەۋھىرى ھېسابلانغان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرىنى خەلق ئىچىگە ئېلىپ كىرگەنلىكى بىلەن ئۆز شېئىرلىرىدا خەلقنىڭ مۇڭى ، يۈرەك ھېسلىرى ، ھىجران قايغۇلىرىنى ئەكس ئەتتۈرەلىدى . ئۇ ئۆز شېئىرلىرىدا شېئىرىي تىلنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋالماي ، ناھايىتى ئېنىق ، راۋان ، يەڭگىل سۆزلەر، جۈملىلەر بىلەن ئىپادىلىگەچكە ، تىلى ناھايىتى چۈشىنىشلىك ، يېقىشلىق چىقىدۇ .
داۋان دەيدۇ يېرىم ئەسىرنى ،
دوستۇم ،
مېڭىپتىمەن دېمەك مەن پەسكە .
ئات سالغاندا ئاتمىشقا قاراپ ،
ئېلىپ قالدىم بىر ئىشنى ئەسكە .

بالدۇر كەتسەم خەيرى-خوش ،
كېيىن قالسام رازىمەن سەندىن .
خوشلاشقىم بار كېتەردە سۆيۈپ ،
سۆيەلمىسەم رەنجىمە مەندىن .

يوقىرىقى شېئىرنىڭ تىلىدىنلا كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى ، شائىر ئەڭ ئاددىي سۆزلەرنى ئىشلىتىپ ئەڭ چۇڭقۇر مەنىلەرنى ئىپادىلەشكە ماھىر بولغان . شۇڭا ئۇنىڭ شېئىر مىسرالىرىمۇ گوياكى تاغ سۈيىدەك بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلىنىپ كېلىدۇ . ئۇلىنىپ كەلگەندىمۇ مۇرەككەپلىك ئىچىگە ئەمەس ، ئاددىيلىق ئىچىدىكى گۈزەللىككە قاراپ پەللىمۇ پەللە ئۆرلەيدۇ . شۇڭا شائىرنىڭ شېئىرلىرى بىر قارىماققا ئاددىيدەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئوقۇغانسېرى كىشىنىڭ زوقىنى ئۆزىگە تارتىپ ، شېئىرىي چۇڭقۇرلۇققا باشلايدۇ . ھاياجانلىق تۇيغۇلار يەڭگىل تىل بىلەن ھاياجان قاناتلىرىغا مىنگىشىپ كىشىنى قايىل قىلىدۇ .
يۆلەكسىزنى يۆلىگەنلەر ياشىسۇن ،
بۆلەكسىزنى بۆلىگەنلەر ياشىسۇن .
ئۆزى ئالماي يامبۇ ياغسا ئاسماندىن ،
ئەلگە يامغۇر تىلىگەنلەر ياشىسۇن .

بۇ شېئىر قارىماققا شۇئارغا ئوخشاپ كېتىدۇ ، ئەمما شېئىر ھېسسىيات بىلەن كۆزەتكەندە شېئىرنىڭ يەڭگىل تىل ئاستىدا قانچىلىك چۇڭقۇر مەنىلەرنى ئۆزىدە سىغدۇرغانلىقىنى چۈشىنەلەيمىز ئەلۋەتتە ، ئېغىزدا ئېيتىلىدىغان بەزى ئاددىي سۆزلەرنى شېئىر مىسرا لىرى ئارقىلىق پاساھەتلىك قىلىپ ئىپادىلەش شائىردىن باشقا ئادەملەرنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ ئەلۋەتتە .
شائىرنىڭ شېئىرلىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى ئۇنىڭ غەزەللىرى ئىگىلەيدۇ ، بەزىلەر غەزەل دېسىلا ئۇنىڭ تىلى چۇقۇم مۇرەككەپ ، ئەنئەنىۋى كلاسسىك تىلغا يېقىن دەپ ئويلىۋالىدۇ . ئەمما مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شېئىرلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا ، ئۇنىڭ غەزەللىرىمۇ بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلىرىغا ئوخشاشلا تىل جەھەتتىن ناھايىتى يەڭگىل يېقىملىق ، چۈشىنىشلىك .
رەستىلەرگە چىقما يارىم ، ئەل قاراشقاندەك قىلۇر ،
خۇش ئاۋازىڭنى يەنە بۇلبۇل تالاشقاندەك قىلۇر .
گۈل بويۇڭغا تىل-تۇمار ئاسماي ئەجەپ يۈردۈڭ نىچۈن ،
ئويلىسام بۇ ئىشنى مەن قايغۇ ياماشقاندەك قىلۇر .

بىز بىرىنچى مىسرانى ئوقۇپ ئەڭ ئاددىي بىر ھېسسىياتنى چۈشەنسەك ، «خۇش ئاۋازىڭنى يەنە بولبۇل تالاشقاندەك قىلۇر» دېگەن مىسرا ئۆزىنىڭ شېرىن ۋەزنى بىلەن بىزنى سۆيۈندۈرمەي قالمايدۇ . ئاددىيلىق ھەرگىزمۇ گۈزەللىكنىڭ دۈشمىنى ئەمەس ، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرى ئىچىدىن گۈزەللىك ، نەپىسلىك ئىچىدىن شېئىرىي يارقىنلىق تاپقان شېئىرلاردۇر . ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئەل ئارىسىدا شۆھرەت تېپىشنىڭ سەۋەبىمۇ دەل تىلدىكى ئاددىيلىق ، نەپىسلىك ۋە گۈزەللىكتىن بولسا كېرەك .
(2) مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرىنىڭ گۈزەللىكى ئۇنىڭ ياراشتۇرۇپ ئىشلەتكەن ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلىرىدىن ئايرىلالمايدۇ . شېئىرنى ھەقىقى گۈزەللىككە ، ئېسىل تۇيغۇغا ، قايناق ھاياجانغا ئىگە قىلىدىغان نەرسە دەل شائىرنىڭ ھاياجانلىرى بىلەن چىرمىشىپ بىللە كەلگەن ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلاردۇر . مۇھەممەتجان راشىدىن ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلارنىمۇ ھەرگىز قالايمىقان ئىشلەتمەيدۇ ، بەلكى ناھايىتى جايىغا كەلتۈرۈپ ، ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىشلىتىدۇ . شۇنداق بولغاچقا ئۇنىڭ شېئىرلىرى كىشىگە قايىل قىلارلىق ، پاساھەتلىك تۇيمۇ بېرىدۇ . شائىرنىڭ شېئىرلىرىدا كۆپرەك ئىشلىتىدىغىنى مۇبالىغە ، ئوخشىتىش ، سۈپەتلەش بولۇپ يەنە جانلاندۇرۇش ئۇسۇلىمۇ بار .
يېڭى يىل دەيدۇ ، بۇرادەر ئەمدى بىر خاندەك ياشاڭ ،
ئوخشىماس گۇگۇمغا ئەسلا ، سۈپ-سۈزۈك تاڭدەك ياشاڭ .
قوينىڭىزدىن بەرگىلى بارغانغا بىر باغلام ئوتۇن ،
ھەر قاچان تەييار تۇرۇڭ ، مەردلىكتە ئورماندەك ياشاڭ .

يوقىرىقى شېئىرنىڭ ۋەزىنىدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى ، شائىر تىل ئىشلىتىش جەھەتتە ھەقىقەتەن ۋايىغا يەتكەن بولۇپ ، كىشىگە تەبىئىلىك تۇيغۇسى بەخش ئېتىدۇ ھەم قايىل قىلىش كۈچى كۈچلۈك ، ئۇنىڭ قوللانغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلىرىدىن بىز غۇۋالىقنى ئەمەس ، ئېنىقلىقنى ، ساپ پاساھەتنى ھېس قىلالايمىز . ئۇ شېئىر تىلىدا ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە ئىشلىتىشتە ئارتۇقچە سۆز قوللانمايدۇ ، بەلكى ئاشۇ ۋاستىلەرنى شېئىرنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى سۈپىتىدە شېئىر مىسرالىرىغا جىپسىلاشتۇرۇۋەتكەچكە ، بۇ خىل شېئىرلارنىڭ كىشىگە بېرىدىغان ئېستېتىك زوقى چىن ھەم گۈزەل بولىدۇ .
نەگە كەتتى قۇدرىتىم تاغ كۆتۈرگەن مۈرەمدە ،
بىللە يۈرگەن دوستلار ھەم بىر چاغ قوشتا ، سۆرەمدە ،
ئەگىپ يۈرگەن قىزلار يوق چۇرۇقلىشىپ چۆرەمدە ،
شۇلار ئۈچۈن ۋاي ئېسىت خاسلىقىمنى يوقاتتىم .

شائىرنىڭ «يوقاتتىم» دېگەن شېئىرىنىلا ئالساق شېئىردا قوللانغان «تاغ كۆتۈرگەن مۈرەمدە» ، «مىڭ جېنىمنى يوقاتتىم» ، « تايدەك چېپىپ يۈرگەن يايلىقىمنى يوقاتتىم» ، «رۇخسارىمدىن ئايدىڭدەك ئاقلىقىمنى يوقاتتىم» ، «كېلىپ قالدىم تۆت چامداپ ئالتە كۈندە ئاتمىشقا» دېگەن مىسرالاردىكى مۇبالىغىلەرنى بىز ھەرگىزمۇ زورلاپ ئىشلىتىلگەن دېيەلمەيمىز ، بەلكى ياشلىقنىڭ «تاغ كۆتۈرەلىگۈدەك» قۇدرىتىنىڭ ، خاسىيىتىنىڭ كېتىپ قالغانلىقىدىن ئېچىنغىمىز كېلىدۇ . قەلبىمىزدە ئۈن-تىنسىز ھالدا شائىرغا قايىل بولىمىز . شائىر ئەڭ ئاددىي ئىستىلىستىكىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ ئەڭ چۇڭقۇر پىكىرنى ، ئەڭ كۈچلۈك ۋەزىننى ، ئەڭ قايناق تۇيغۇنى ئىپادىلەيدۇ .
ئۆمۈر دېگەن ئەزىم دەريا گويا بىر ،
ئېقىىپ بارار گاھى سۈزۈك ، گاھى لاي .
لاي بولسىمۇ بەزىلەرنىڭ سۈيى بار ،
بەزىلەرنىڭ گىياھ ئۈنمەس قۇرۇق ساي .

شائىر بۇ شېئىردا ئۆمۈرنى «سەپەرگە ، ناخشىغا ، باغقا ، پەسىلگە، ئىمتىھانغا ، شامالغا ، ئۆتەڭگە» ئوخشىتىدۇ ، ئوخشاتقاندىمۇ ناھايىتى جايىدا ئوخشىتىپ ھەر بىر ئوخشاتقان شەيئىنى ئۆمۈرنىڭ دولقۇنلۇق تاراملىرىغا سېلىشتۇرىدۇ . شۇڭا بۇ شېئىر بەدىئىيلىك جەھەتتە ۋايىغا يېتىپ لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «يىللارغا جاۋاپ» تەك يۈكسەكلىكىگە يېتەي دەپ قالغان .
شائىرنىڭ شېئىرلىرىدا بىر قارىماققا ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلار ئىشلىتىلمىگەندەك شۇنچىلىك ئاددىي تۇيغۇ بېرىدۇ ، ئەمما قارىسا ئۇ شېئىرلارنىڭ ۋەزىنى چۇڭقۇر . مەسىلەن ، دوستلارغا دېگەن شېئىرنى ئالساق :
ياخشى كۈنلەر سەن بىلەن كەتكەي ،
يامان كۈنلەر مەن بىلەن بولسۇن .
مەنلا تارتاي تىكەن دەردىنى ،
قىزىل گۈللەر سەن بىلەن بولسۇن .

«ياخشى كۈنلەر سەن بىلەن كەتكەي» دېگەن رېتورىك خىتاپقا يانداشقان ناھيىتى كۈچلۈك مۇبالىغىنى ئەقىللىق شېئىر خۇمارلار چۈشىنەلەيدۇ ئەلۋەتتە . «مەنلا تارتاي تىكەن دەردىنى ، قىزىل گۈللەر سەن بىلەن بولسۇن» دېگەن مىسرادىكى «تىكەن» «قىزىل گۈل» لەرنىڭ تۇرمۇشتىكى ئازاب ، بەختكە سىمۋول قىلىنغانلىقى بىزنى گەپ قىلدۇرىشتىن توسىدۇ ، بىز ئۇنى يېشىپ چۈشەندۈرمىسەكمۇ شېئىر دىن بايقىغان سەمىمىيلىك ، كەڭ قورساقلىقنى دەل ئاشۇ مىسرالار ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن . شۇڭا كېسىپ ئېيتالايمىزكى ، مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرىدىكى گۈزەللىكنى ئۇنىڭ ۋايىغا يەتكۈزگەن تىل ماھارىتى بارلىققا كەلتۈرگەن .
(3) مۇھەممەتتجان راشىدىن شېئىرلىرى شېئىرىي ئاھاڭدارلىقى بىلەنمۇ كىشىنى ئۆزىگە جەلب قىلىدۇ . بىر-بىرىگە زىچ ئۇلىشىپ كەلگەن ، ئارتۇق سۆز-ئىبارىلەردىن خالىي مىسرالار ، بولۇپمۇ دەل جايىغا چۈشكەن قاپىيىلەر يۈرەككە گۈپ-گۈپ ئۇرۇلغىدەك مىسرالارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن . شائىر ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلارنى قوللىنىشقا ماھىر بولۇپلا قالماي ، قاپىيە تۈزۈشكىمۇ ماھىر بولۇپ ، ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ قاپىيە ئالاھىدىلىكىنى ئىككى جەھەتتىن تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ .
بىرىنچى ، شائىرنىڭ توق قاپىيە ئىشلىتىشتىكى تالانتى ، مۇھەممەتجان راشىدىن تىلغا باي شائىر ، تىلغا باي بولغاندىمۇ تىلنى شېئىرلىرىدا ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىشلەتكەن شائىر . شۇڭا ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ قاپىيىلىرى توق ھەم بىر-بىرىگە شۇنچىلىك جىپسىلىشىپ كەتكەن بولۇپ ، شېئىرىي ئاھاڭدارلىقنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن .
قىرىققا باغلىنىشلىق ئىشلار تولا ،
خىسلەتلىك بىر ساندۇر «قىرىق» دېگەن ؟
سورىماي دورا ئىچسەم قىرىق قېتىم ،
بولماسمىش قىرىق ناندەك قۇرۇق يېگەن !

«قىرىق دېگەن» ، «قۇرۇق يېگەن» ، «مەكتەپنىڭمۇ» ، «بىلدۈرگىنى» ، «مىندۈرگىنى» دېگەندەك جايىغا چۈشكەن قاپىيىلەر «مەكتەپسىز خىيال قىلماڭ يۈكسىلىشنى» دېگەن شېئىرغا گۈزەللىك ۋە پاساھەت ئاتا قىلغان ، بۇ خىلدىكى قاپىيىلەر شائىرنىڭ شېئىرلىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ .
ئىككىنچى ، شائىرنىڭ شېئىرلىرىدا رادىف ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدۇ . رادىف ئىشلىتىش ئۇيغۇر كلاسسىك شېئىرىيىتىنىڭ ئەنئەنىۋى شەكىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇ توق قاپىيىنىڭ ئىچىدىكى ئايرىم بىر تۈر . رادىف ئوخشاش سۆزنىڭ شېئىر مىسرالىرىدا تەكرارلىنىپ كېلىشى بولۇپ ، ئۇ شېئىرنىڭ مەزمۇنىنى كۈچەيتىش ، گەۋدىلەندۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ . شائىر رادىف ئىشلەتكەندىمۇ رادىفنىڭ ئالدىدىكى قاپىيىنى توق قاپىيە شەكلىدە ئالىدۇ .
سۆيۈشتىمۇ سۆيۈش بار ، سۆيۈپ قاچقان ياماندۇر ،
كۆرۈنگەننى يار تۇتۇپ كۆڭۈل ئاچقان ياماندۇر .
دۇغ چىغىنى چايقىماي ، تىكەنلىكنى بايقىماي ،
كۆرۈپ تۇرۇپ چاتقالنى ، قەدەم باسقان ياماندۇر .

يوقىرىقى مىسرا شېئىردىكى «ياماندۇر» دېگەن رادىف شېئىرنىڭ گۈزەللىكىنى ئاشۇرۇپلا قالماي شېئىرغا يۈكسەك ئاھاڭدارلىق ئاتا قىلغان بولۇپ ، شائىرنىڭ مەقسىتى «ياماندۇر» سۆزى بىلەن تېخىمۇ ۋايىغا يەتكەن . شائىرنىڭ «يوقاتتىم» ، «ياشىسۇن» ، «بالىلار» ، «ياشاۋەر» ، قاتارلىق نۇرغۇن لىرىكىلىرى ۋە كۆپلىگەن غەزەللىرى ۋە «مائارىپ» ، «خۇراپات» قاتارلىق مۇخەممەسلىرى رادىفلىق يېزىلغان بولۇپ ، بۇ خىل ئالاھىدىلىكنى شائىرنىڭ بەدىئىي تالانتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ .
قىسقىسى ، مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرى تىلىنىڭ ئويناق ، رەڭدارلىقى ، نەپىسلىكى ، ئىشلىتىلگەن ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلىرىنىڭ گۈزەللىكى ، ئەكس ئەتتۈرگەن مەزمۇنىنىڭ مول ۋە چوڭقۇرلىقى بىلەن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر شېئىريىتىنىڭ بايراقدارى ، بولۇشقا مۇناسىپتۇر .

«شىنجاڭ يازغۇچىلىرى» ژۇرنىلى ، 2009- يىل ، 1- ساندىن ئېلىندى  .

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە

خەتكۈچ: ،

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!11 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. يۈكسەل مۇنداق يازغان:

    تورداشلارنىڭ ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىمىزنىڭ شېئىرلىرىنى مۇشۇ تېما ئاستىغا يوللاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    بەلكىم شۇ تەرىقىدە مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىمىزنىڭ نادىر شېئىرلىرىغا بېغىشلانغان تور دۇنياسدىكى ئېسىل بىر توپلام شەكىللىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

  2. كۆكيال مۇنداق يازغان:

    ياتلاشتۇق
    مۇھەممەدجان راشىدىن

    يامان كۇنلەردە تۇققانتۇق، روناق تاپقاندا ياتلاشتۇق،
    پالازدىن تەستە ئايرىلساق، كىگىز باسقاندا ياتلاشتۇق.
    سارايلار بۇزدىمۇ ئىشنى، گىلەم ئاسقاندا ياتلاشتۇق،
    تامام ئۇنتۇلدى ھەم زاغرا، توغاچ ياققاندا ياتلاشتۇق.
    ئۇچۇپ چىختۇق دىسەك كوككە، قانات قاققاندا ياتلاشتۇق…

    تىزىق مونچاق ئىدۇق بىزلەر، ئانام بوينىدىكى گويا،
    سۇزۇك ئالما ئىدۇق بەش تال، ئاتام قوينىدىكى گويا.
    ئۇچار قۇشلار ئىدۇق ھەمدە، ئاشۇ ھويلىدىكى گويا،
    تۇگەل لەغمەن ئىدۇق ياكى، چومۇش چويلىدىكى گويا.
    بىراق بىزنى جاھان ھەريان، ئۇزۇپ تاتقاندا ياتلاشتۇق…

    ئوتۇن تەرگەن ئىدۇق بىر چاغ، يۇرۇپ جاڭگالدىمۇ بىللە،
    بوران چىقسا ماكان ئەتكەن، ئىدۇق ئازگالنىمۇ بىللە.
    ئېقىن ئەتتۇق، چېپىپ كەتمەن، چېقىپ داڭگالنىمۇ بىللە،
    باراتتا بىرگە بولغانتۇق، ئېچىپ رامزاننىمۇ بىللە.
    چىرايلىق ئوي تۇتۇپ ئەمدى، ئوتۇن يارغاندا ياتلاشتۇق…

    ئانام كەتتى بىرەر ئويدە، تۇزۇك توت كۇن تۇرالماستىن،
    ئېلىندى تاختىغا نانلار، ئازاپلاندى سورالماستىن.
    دادامنى مەنمۇ كەتكۇزدۇم، بىرەر ئوغلاق سويالماستىن،
    مىراس ماجراسىغا چۇشتۇق، تېخى قىلچە ئۇيالماستىن.
    شۇلار ھەسرەت بىلەن نىمجان تىنىپ ياتقاندا ياتلاشتۇق…

    زورۇر بولسا مالاي قىلدۇق، شۇلارغا نەۋرە باققۇزدۇق،
    كېلىنلەر چاچ سوقۇپ يۇردى، شۇلارغا ناننى ياققۇزدۇق.
    تېزەك يىققاننى ئاز كورۇپ، شۇلارغا ئۆچكە ساغقۇزدۇق،
    تېخى غالۋارىدۇق بەزەن، جاھاندا يوھنى تاپقۇزدۇق.
    باقار چاغدا باھانە كوپ، بەدەر قاچقاندا ياتلاشتۇق…

    ئاتا كەتتى، ئانا كەتتى، دىمەك بىزدىنمۇ ياز كەتتى،
    قېرىنداشلىق بىناسىنىڭ يامان يەرىگە دەز كەتتى،
    ئىچەرگە ئاش، كىيەرگە تون، چالارغا بىللە ساز كەتتى.
    ئارادىن سەلتەنەت تاجى، ئاجايىپ ئىمتىياز كەتتى،
    شۇلار كەتتى، يوغان ھويلا غېرىپ قالغاندا ياتلاشتۇق…

    ئۇزاق ئوتمەي سۇكۇت پۇتتى، مىراس ۋەجىدە گەپ چىقتى،
    بىرى ئەلچى قويۇپ ئاستا، بىرى ئاشكارا دەپ چىقتى.
    بىرىدە يەڭ شىمايلاغلىق، بىرى چەيدو بىلەپ چىقتى،
    ھازازۇل نەپسىمىز ئاھىر، جىمى ئىشنى سورەپ چىقتى.
    قىرىق يىللىق قېرىنداشلار، مىراس ئالغاندا ياتلاشتۇق…

    شۇنىڭدىن بېرىقى كۇنلەر، ئوتەر ھىچكىمنى خوش قىلماي،
    قويامدۇ غۇم-ئاداۋەتلەر، ئارادا يازنى قىش قىلماي.
    تىنىقتىنمۇ تولا كوت-كوت، كەسەكنى كەلدى ھىش قىلماي،
    يۇرەر شەيتان توشۇپ گەپ-سوز، ئۇنىڭدىن باشقا ئىش قىلماي.
    نىزا گۇلخانلىرى دىلدا، كويۇپ يانغاندا ياتلاشتۇق…

    نىزالار ئۇلغۇيۇپ سەلدەك، ھەسەتخورلۇققا يۇزلەندى،
    مېنىڭ ئىللەتلىرىم قۇمدەك، سېنىڭ ئاغزىڭدا سوزلەندى.
    ”سېنىڭدىن مەن قالامدىم“نىڭ ئىگىز مۇنبېرى كوزلەندى،
    قېرىنداشلىق گۇلىستانى، تامام چەيلەندى تۇزلەندى.
    ئەجەپ ئالەم ئىكەن قوشلاپ، سېيىر ساغقاندا ياتلاشتۇق…

    خوتونلار پادىشا بولدى، سېنى بەنلەپ، مېنى بەنلەپ،
    خوتونلارغا خوتون بولدۇق، ئېغىز ئاچساق قوپار سەنلەپ.
    تېنىيدۇ يەڭگىلەر سىنچاي، ماڭا بەرگەن بىلەن دەملەپ،
    ئاتار كەينىمدە غەيۋەتنىڭ، يەنە ئوقيارىنى بەنلەپ.
    شۇلارنىڭ كەينىدىن بىزمۇ، تۇگەل چاپقاندا ياتلاشتۇق…

    ئۇگەندۇق ئەرزىمەس ئىشقا، تۇرۇپ قىيداش-يامانلاشنى،
    ئوتەرمىز ئۇچرىشىپ قالساق، ئارانلا لىڭشىتىپ باشنى.
    قېرىنداشلىقنى كىم بىلگەن، بۇ خىل ئاسان تاماملاشنى،
    نىزادا ئۆتتى ھېيت-ئايەم، قىلالماي جەم قەرىنداشنى.
    ئىناقتۇق كەپىدە توۋا، ساراي سالغاندا ياتلاشتۇق…

    قېرىنداش بولۇپ يارالغانلار، تامام بىزدەكمىدۇ دەيمەن،
    قۇيۇنلار قۇترىغان ياكى، دالا-تۇزدەكمىدۇ دەيمەن.
    بېغىدا ھىچ باھار-ياز يوق، غازاڭ كۇزدەكمىدۇ دەيمەن،
    دىلىدا قىلچە ئاپتاپ يوق، سۆزى مۇزدەكمىدۇ دەيمەن.
    يۇمۇپ كوز بارچە نۇقساندىن، تۇگەل تانغاندا ياتلاشتۇق.

  3. كۆكيال مۇنداق يازغان:

    يادىمىزدا بولسۇن ئانىلار

    مۇھەممەدجان راشىدىن

    بۆشۈكلەردە ئانا تەۋرەتكەن،

    بىزلەر، دوستۇم، ياتقان ئەمەسمۇ؟

    ئاغزىمىزغا ئانا سۈتىدىن،

    ئانا مېھرى ئاققان ئەمەسمۇ؟

    ئاغرىپ قالساق ئاق ناندا ئاشلاپ،

    دىلى كۆيۈپ، كۆزىنى ياشلاپ.

    كۈندە سۆيۈپ، تۈندە باغاشلاپ،

    بىزنى شۇنداق باققان ئەمەسمۇ؟

    بىز يىمىسەك ئۆزى يىمەستىن،

    ئاچ يۈرسىمۇ،ئاچتىم دېمەستىن،

    بىز كىيمىسەك، ئۆزى كىيمەستىن،

    يوقنى ئىزدەپ تاپقان ئەمەسمۇ؟

    يادىمىزدا بولسۇن ئانىلار،

    ئۆيىمىزدە تۇرسۇن ئانىلار.

    مەڭگۈ راھەت كۆرسۇن ئانىلار،

    ئۇلار جاپا تارتقان ئەمەسمۇ؟

  4. يۈكسەل مۇنداق يازغان:

    1999 – يىلى تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن غۇلجىغا چىققان ئىدىم . بۇ مېنىڭ غۇلجىغا تۇنجى كېلىشىم بولۇپ، بۇ جايدا مەن تۇغۇلۇپ كۆرمىگەن چوڭ ئاپام ( ئانام ( ئاپام ) نىڭ ئاچىسى ) ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بار ئىدى. شۇ چاغدا تاغام ئەنۋەر شاھىد مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىمىزنىڭ ‹‹ بىر كۈنى ›› دېگەن شېئىرىنى ناھايىتىمۇ تەسىرلىك ئاۋازدا دېكلىماتسىيە قىلىپ بەرگەنىدى ۋە شائىر ئاكىمىزنىڭ ئەل ئارىسىدىكى تەرىپلىرىنى ئاجايىپ زەۋقى بىلەن سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. مەن بۇ شېئىرنى شۇ چاغنىڭ كومپيۇتېر تېخنىكىسى بويىچە ئۇرۇپ تەييارلاپ، ئاز – تولا پەردازلاپ ، بېسىپ چىقىرىپ ساۋاقداشلىرىمىغا ھەدىيە قىلغان ئىدىم. بۇ شېئىر شۇندىن ئىتىبارەن مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىمىزنىڭ مەن تۇنجى قېتىم ئوقۇغان ۋە ماڭا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان شېئىرى بولۇپ قالدى.

    بىر كۈنى

    بالاڭ ئازسا، ئاھ ئۇرما ، يول تاپىدۇ بىر كۈنى ،
    ئامان بولسا ، ئۇلارمۇ پۇل تاپىدۇ بىر كۈنى .
    خاتا باسقان قەدەملەر قالدۇرغاندا قاتاردىن ،
    ئۆزى ماڭغان چاتقالغا ئوت ياقىدۇ بىر كۈنى.

    گەدەنكەشلىك ھېچكىمدىن ئۇدۇم ئەمەس ئۇلارغا ،
    ئۆزى كېلىپ ئالدىڭغا گەپ ئاچىدۇ بىر كۈنى .
    ئات بولغۇچە ئاساۋتاي ھەر يان چاپسا چاپمامدۇ ،
    ئۇلارغىمۇ بۇ دۇنيا يۇك ئارتىدۇ بىر كۈنى .

    ‹‹ئاق ›› نى چەككەن ئاغزىدا ئوقۇپ ئەپسۇس- پۇشايمان ،
    قاراپ ئۇلار كەينىگە ئۇھ تارتىدۇ بىر كۈنى .
    كوچىلارغا تۈن بويى بۈگۈن پاتماي يۈرگەنلەر ،
    چىللىسىمۇ كوچىلار جىم ياتىدۇ بىر كۈنى .

    تەييار توقاچ قولۇڭدىن يەۋەرمەيدۇ ئۇلارمۇ،
    ئۆزلىرىمۇ ئۇن تارتىپ، نان ياقىدۇ بىر كۈنى .
    بۇ ئالەمدە ھەر ئىشنىڭ سائېتى بار ،ۋاقتى بار ،
    خۇددى سەندەك ئۆي تۇتۇپ ، ئۆي قاقىدۇ بىر كۈنى .

    كۆندىرىدۇ بۇ جاھان تالاي ئىشقا ئۇلارنى ،
    شۇلار چاپقان ئۆستەڭدە سۇ ئاقىدۇ بىر كۈنى .
    بىز ئوينىغان نۇرۇزنى بىزدەك ئويناپ شۇلارمۇ ،
    ئىزىمىزدا ئىگەرلەپ ئات چاپىدۇ بىر كۈنى .

    پىشانەڭگە ئاسماندىن ئىللىق قۇياش نۇر چاچسا ،
    يۈرىكىڭگە بالاڭمۇ نۇر چاچىدۇ بىر كۈنى.
    سەنمۇ ئاتا -ئاناڭنى ئۆتكەن بولساڭ ئەزىزلەپ ،
    ئوغۇل- قىزىڭ ساڭىمۇ تون ياپىدۇ بىر كۈنى .

    شۇ ئىشلارنى كۆرەلمەي ئۆلۈپ كەتسەڭ ئامال يوق،
    ھايات بولساڭ مەيدەڭگە گۈل تاقايدۇ بىر كۈنى .
    يامان دېسەڭ بالاڭنى ،كىم بىرىدۇ ياخشىنى ،
    ھازىر يامان بولسىمۇ ئەسقاتىدۇ بىر كۈنى .

  5. ئابرال مۇنداق يازغان:

    مۈھەممەدجان راشىدىننىڭ شىئىرلىرىنى مەنمۇ بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن. شۇ سەۋەپتىن خېلى بۇرۇنلا بۇ شائىرىمىزنىڭ توردا ئېقىپ يۈرگەن شىئىرلىرىدىن بىر توپلام تۈزۈپ قويغان ئىدىم. خالىساڭلار تۆۋەندىكى ئادرىستىن «م.راشىدىن شئىرلىرى» دىگەن ئېلكىتاپنى چۈشۈرۈپ ئالغايسىلەر.
    http://ilkitap.blogbus.com/logs/26515884.html

  6. مىھمان مۇنداق يازغان:

    مەن ھازىرغىچە كۆرگەن ئەسەرلىرىدىن « خۇراپات » دېگەن شېئىرىنىلا ياقتۇرمايمەن.

  7. ئۇيغۇرئوغلى مۇنداق يازغان:

    شائىر مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ 45 يىللىق ئىجادىيەت مۇساپىسى

    45يىللىق ئىجادىيەت مۇساپەم

    مۇھەممەتجان راشىدىن

    رەھبەرلەر ، قەلەمداشلار ۋە دوستلار:
    بۈگۈن مېنىڭ 45 يىللىق ئىجادىيەت ئەمگەكلىرىم ئۈستىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرىدۇ.بىر شائىرنىڭ ئىجادىيەت تارىخىدىكى مۇنداق بىر شەرەپلىك كۈننىڭ ماڭىمۇ نېسىپ بولغانلىقىدىن پەيدا بولغان خۇشاللىقىمنى شۇ تاپتا مەن قانداق ئىپادە قىلىشنى بىلمەي ئولتۇرىمەن . شۇڭا ، مەن بۇ يەردە تۆت ئېغىز گەپ قىلىشتىن ئىلگىرى ئەڭ ئاۋۋال ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىگە ، ھەمدە بۇ مۇھاكىمىنى ئۇيۇشتۇرغان ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە چوڭقۇر رەھمەتلەر ئېيتىمەن!
    دۆلىتىمىز ئەدەبىيات-سەنئەت ۋەزىيىتىنىڭ ھەقىقىي ياخشىلانغانلىقىغا مۇناسىپ ھالدا مۇنداق مۇھاكىمىلەرنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇشى پۈتۈن ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىمىز ئۈچۈن يەنىمۇ زور رىغبەت ، يەنىمۇ چوڭ قەدىردانلىق . ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە بەلگىلىك نەتىجە ياراتقان قەلەم ساھىبلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە ئورۇنلۇق ئالقىش . بۇ خىل كەڭ پۇرسەت ، شەرەپلىك مۇنبەرلەر بىزنىڭ ئۇستاز پېشۋالىرىمىز: زۇنۇن قادىرى ، نىمشېھىد ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ، ئەلقەم ئەختەم ، تېيىپجان ئېلىيۇپ ، شۈكۈر يالقىن ، تۇردى سامساق ، ئەرشىدىن تاتلىق ، ئابدۇكېرىم خوجا ، ئۆمەر ئىمىن قاتارلىق ھەقىقىي تۆھپىكارلارغا مۇنداق داغدۇغىلىق نېسىپ بولغان ئەمەس . ئۇ بىر ھەسرەتلىك ئۆتمۈش . شۇڭا ، بۈگۈن مەن بۇ يەردە مەدھىيە لەۋھەلىرىنىڭ ئاشۇ ئەسلى مۇناسىپ ئىگىلىرىنى سېغىنىش ۋە ئۆكۈنۈش ئىچىدە ئەسلەپ ئولتۇردۇم . مۇنداق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ داغدۇغىلىق تۇنجى نۆۋەتلىرى ئەسلىدە ئەنە شۇ مەرھۇملارغا مەنسۇپ ئىدى . نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇلار ھەققىدىكى خىياللار ئەمدى بىز ئۈچۈن ئاچچىق ئەسلىمىدىن باشقا نەرسە ئەمەس . بۈگۈن بىز ئۇ چاغلارغا ئوخشىمايدىغان ئازادە بىر مۇھىتتا ياشاۋاتىمىز . بۇ تارىخىي پۇرسەتنىڭ ئەۋزەل خاراكتېرىنى شان-شەرەپ نەزىرىنىڭ بىزگە ئوخشاشلارغا تەگكەنلىكىدىنمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ . دېمەك ، بىز ئىنسان ئەمگىكىنىڭ قەدىر-قىممىتى ئۇلۇغلىنىدىغان دەۋرگە يېتىپ كەلدۇق . ئىجادىيەت تۆھپە ھېسابلىنىدىغان ، ئىجادكارلار ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدىغان ئارزۇلۇق زامانلارنىڭ بوسۇغىسىغا قەدەم قويدۇق . ئەسلىدىن ئېيتقاندىمۇ ، پەقەت مۇشۇلا شەخسنى ئىجادكارغا ، ئىجادكارنى ئەتىۋار بايراقدارغا ئايلاندۇرىدىغان راۋان ، داغدام يول ئىدى.
    دۇنيادا ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىن خۇش بولمايدىغان ھېچكىم يوق . ئىنسان — تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا ياخشى گەپنىڭ خۇشتارى . ئۇ ئۆز ھايات پائالىيىتى بەدىلىگە ئۆز ئەتراپىدىكى مۇھىتتىن ياخشى ئىنكاسلارنى تەلەپ قىلىدۇ . ئۇنىڭغا تۇتۇلغان گۈل ، ئۇرۇلغان چاۋاك ئۇنىڭ يۈكسىلىشىدىكى ناھايىتى مۇھىم ئامىل . كىشىلەر تۆھپىسىگە بېرىلگەن ئورۇنلۇق تەرىپ ، ھەققانىي باھالار ئۇنىڭغا ئىلھامبەخش ئەتمەسلىكى ، ئۇنى خىجىل قىلماسلىقى مۇمكىن ئەمەس . شەرەپلىك ئەمگەكلىرىنىڭ ئۆزىگە ئەرزىمەس ئەجر تۇيۇلۇپ ، ئۇنى ئوڭايسىزلاندۇرۇشى تېخىمۇ تۇرغان گەپ . بۈگۈنكى مۇھاكىمىدە مەن دەل مانا شۇنداق بولۇپ قالدىم.
    ئىلى قازاق ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى 1998-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىلىدا مېنىڭ ئەسەرلىرىم بويىچە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ ، مېنىڭ شېئىرلىرىمنىڭ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئورنىنى باھالىغان ۋە مۇئەييەنلەشتۈرگەنىدى . مېنى شۇ چاغدىمۇ خىجىللىق باسقان . مانا بۈگۈنكىسى مۇنداق روھىي ھالەتنىڭ ئىككىنچى قېتىملىقى ، قەلەمداشلار مېنىڭ شېئىرىيەت ئىجادىيىتى جەھەتتىكى تۆككەن تەر ، سىڭدۈرگەن ئەمگەكلىرىمنى يۇقىرى باھالىدى . ئەتراپلىق شەرھلىدى . مەن ماقالا ئاپتورلىرىغا چىن قەلبىمدىن يەنە بىر قېتىم رەھمەتلەر ئېيتىمەن.
    شېئىرىيەت ماڭا ناھايىتى كىچىك چېغىمدىلا تەسىر قىلغان . تۇنجى شېئىرىمنىڭ ئېلان قىلىنغىنىغىمۇ بۇ يىل 45 يىل بولدى . دېمەك ، مېنىڭ ھاياتىمنىڭ باش-ئاخىرى تامامەن شېئىر بىلەن باغلانغان . ئاپەتلىك يىللاردىمۇ قەلەمدىن قول ئۈزمىدىم . ياش ۋاقتىمدا تاغام مېنى شېئىر ئىجادىيىتىدىن قايتۇرۇشقا كۆپ نەسىھەتلەر قىلغان بولسىمۇ ، ماڭا ئەسلا كار قىلغان ئەمەس . تاغام كۆيۈمچان ئادەم ئىدى . ئۇ شېئىرىيەتنى زاماننىڭ نازۇكلۇقى ، ھەمدە مېنىڭ تەقدىرىم بىلەن باغلايتتى . لېكىن مەن ماڭغان يولۇمدىن قايتىشقا ئۇنىمايتتىم . ئاخىرى ئۇ: «خەير ، ئامال يوق ، بۇ بىر خۇدا سالغان ئىشق بولسا كېرەك!» دەپ توختاپ قالدى . مەن شېئىر ئىشقىدا «ھۇ!» دەپ ئاشىقلارچە كېتىۋەردىم . كېيىن تاغامنىڭ ، دەۋرنىڭ نازۇك ، ۋەزىيەتنىڭ كەسكىن ۋە مەن تونۇغان قەلەمنىڭ ئۆز قولۇمنى كۆيدۈرىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئېيتقانلىرى توغرا بولۇپ چىقتى . «مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا مەن بىھۇدە گۇناھلارغا تارتىلدىم ، چەتكە قېقىشلارغا ئۇچرىدىم ، لېكىن شائىرلىق ئىشقىنى ماڭا خۇدا سالغان ئىشق ئىكەنلىكىمۇ راست بولۇپ چىقتى . مەن شېئىردىن زادىلا كېچەلمىدىم . «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دا ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈمگە بۇيرۇلۇپ تۇرۇپمۇ يەنە شېئىر يېزىپ تۇردۇم . بۇ مېنىڭ قورقۇمسىزلىقىمدىن ئەمەس ، شېئىرىيەتتىن ئىبارەت بۇ ساھىبجامالدىن كۆڭۈل ئۈزەلمەيۋاتقانلىقىمدىن بولۇۋاتقان ئىش ئىدى . ئۇ چاغلاردا قەلەمنى تاشلاش مەن ئۈچۈن ياشىمىغان بىلەن باراۋەر ئىدى.
    كېيىن ياخشى كۈنلەر نېسىپ بولۇپ ، مەن جەمئىيەتكە قايتىپ چىققىنىمدا ، شېئىر يېزىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەنلىكىم ماڭا ھايات قالغىنىمدىنمۇ خۇشاللىنارلىق ئىش بولۇپ تۇيۇلۇپ كەتتى . مەن يېڭىۋاشتىن ئىجادىيەتكە كىرىشىپ كەتتىم . ھازىر 64 ياشقا مېڭىپتىمەن ، ھېلىغىچە يېزىۋاتىمەن . بۈگۈن بۇ شەرەپلىك سورۇننىڭ مەركىزىدە ئولتۇرغىنىممۇ ئاشۇ قەلەمنىڭ ، جۈملىدىن قەلەمگە بولغان قاتتىق ئىخلاسنىڭ شاراپىتى . دېمەك ، ئۆمرۈمنىڭ باش -ئايىغى شېئىرىيەت بىلەن باغلانغان دېگىنىمنىڭ سەۋەبى ئەنە شۇ!
    ئۇيغۇر شېئىرىيىتى يەنىلا كۆپنىڭ كارامىتى بىلەن كامالەتكە يېتىدۇ . شېئىرىيەتنىڭ مۇقىم مەنزىلى يوق . ھازىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىمۇ خۇددى ئۇيغۇر رومانچىلىقىغا ئوخشاش بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتى . ئۇنى كىشىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىسىنى مەنىۋى ئېھتىياجغا يېتىشەلمەيۋاتقانلىقىغا قاراپلا خالىغانچە خۇنۈكلەشتۈرۈشكە بولمايدۇ . شېئىرىيەتنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتىغا ئۇنى ئۆتمۈشكە سېلىشتۇرماي تۇرۇپلا كەلسە-كەلمەس ھۆكۈم قىلىش ئاقىلانىلىق ئەمەس . بىزدە ھازىر نۇرغۇنلىغان پېشقەدەم ۋە ئوتتۇرا ياشلىق كۈيچىلەر بار . نۇرغۇنلىغان تالانتلىق ياشلار بايقىلىۋاتىدۇ . بىز بۇلارغا تايىنىپ ، بىزدە زور بىر شېئىرىيەت قوشۇنى بارلىققا كەلدى ، دېيەلەيمىز . بىزنىڭ شېئىرىيىتىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشىدە شۈبھە يوق.
    ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ تۈرتكىسىدە ھازىر شېئىرىيەت ئەركىن پەرۋاز قىلالايدىغان ئىمكانىيەتلەرگىلا ئەمەس ، ئوخشاش بولمىغان ئۇسلۇب ، ئوخشاش بولمىغان مېتودلاردا ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىغىمۇ قاراپ يۈزلەندى . ھەركىم ئۆزى خالىغان يوللاردا كارامىتىنى كۆرسەتمەكتە . شۇڭا خۇددى شائىر ئوسمانجان ساۋۇت ئېيتقاندەك: ھېچكىم ھېچكىمنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ ، بۇ ھەربىر شائىر ئۆز خاسلىقىغا ئىگە ، دېگەنلىك . قايسىبىر سورۇندا يازغۇچى ئەخەت تۇردىمۇ ئەدىبلەرنىڭ ۋىجدانىدىن ئاداشماي ، رېئاللىققا سادىق بولسىلا ، رېئال جەمئىيەت ئالقىشلايدىغان ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقالايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنىدى . بۇ گەپلەرنىڭ دانالىقىغا ئەلۋەتتە سۇ كىرمەيدۇ.
    مېنىڭمۇ ئۆزۈمگە تۇشلۇق ئىجادىيەت خاسلىقىم بار . مەن ھېلىغىچە شۇ يول بىلەن مېڭىپ كېلىۋاتىمەن . مەيلى ئىستېمال ئەدەبىياتى ، ئېستېتىك ئەدەبىيات دېگەنلەر بولسۇن ، مەن ئۇلاردا خەلق بەھرە ئالالايدىغان ، تۇرمۇشنى ھەقىقىي ئىپادە قىلالايدىغان ئالاھىدىلىكنىڭ بولۇشىنىلا ئارزۇ قىلىمەن . شۇڭا ، مەن باشقىچە تەشەببۇس ۋە نۇقتىئىنەزەرلەرنىڭ شېئىرىيەتكە ، ئۆزۈمگە پايدىلىقلىرىنى ئۆگەنسەم ئۆگەندىمكى ، ئۇلارنى ئاقچى ، كۆكچى دەپ كەتمىدىم.
    لېكىن ، مەن ھەرگىز ئۆز خاسلىقىدا نۇقسان ، يېتىشسىزلىكلەر يوق دېيەلمەيمەن . شائىر مۇھەممەت رەھىمنىڭ شېئىرلىرىدىكى ئېقىن سۇدەك راۋان جۈملە ، پىششىق مىسرالار ماڭا ماھارەت مەنزىلى كۆرسەتسە ، ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ لىرىكىلىرىدىن شېئىرنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە دائىم دەرس ئالىمەن؛ مەرھۇم شائىر روزى سايىتنىڭ ئاجايىپ جەڭگىۋار ۋە گۈزەل شېئىرلىرى مېنىڭ ھەققانىيەت تۇيغۇسىغا باي خەلق شائىرى بولۇشۇمنى دەۋەت قىلىدۇ؛ شائىر قۇربان باراتنىڭ «ئاسىيا ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز» ، شائىر بوغدا ئابدۇللانىڭ «تاغلارنى قۇچاقلاپ» ناملىق شېئىرلىرىنى ئوقۇغىنىمدا يېنىمدا غايىۋانە بىر ئاۋاز: «شېئىر دېگەننى مۇنداق يازمامسەن!» دېگەندەك قىلىدۇ . قىسقىسى ، مەن ئۆزۈم ئادەتتە: «شېئىر دېگەن كىشىنى ئىككى قەدەھ شارابتەك غۇژژىدە تۇتۇشى كېرەكقۇ!» دەپ يۈرسەممۇ ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا يېتەلمەيۋاتىمەن . يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى مەندىكى شېئىرىيەت ماھىرلىقىنىڭ يەنىلا چولتا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ . دېمەك ، مەن ئۈچۈن يەنىلا ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ . لېكىن ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق ، ياش بىر يەرگە بېرىپ قالدى ، بۇنىڭدىن كېيىن ئالىدىغان خامانلارنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقى ھەققىدە ھازىرچە ئالدىن ھۆكۈم قىلماق تەس ، مەيلى قانچىلىك ۋە قايسى دەرىجىدە يازاي ، ئۆزۈمنى بۇ ئۆمرۈمدە شەرەپلىك خەلق شائىرى بولۇشقا يۈزلەندۈرەلىدىم ، دەپ ئېيتالايمەن.
    مېنىڭ ئىجادىيەت مۇساپەمدە بەزى تېمىلاردا كۆپرەك نەزەر ئاغدۇرغان خاسلىقمۇ بار . بۇ ئۆز نۆۋىتىدە شېئىرىيەتتىكى رەڭدارلىققىمۇ ئېلىپ باردى . مېنىڭ ئانىلار تېمىسىدا كۆپ يازغانلىقىم ھېچكىمگە سىر ئەمەس . سۆيگۈ -مۇھەببەت ھەققىدىمۇ كۆپ يازدىم . چۈنكى ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئۇنىڭ قاتتىق چەكلەنگەن رايون بولۇپ قېلىش تارىخى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتتى . بۇ رايوننى تەلتۆكۈس ئازاد قىلىش كېرەك ئىدى . يەنە كېلىپ كىشىلىك مۇھەببەتنىڭ ئۆزى كارامەتلەر بىلەن تولغان بىر دۇنيا . ئۇنىڭدىكى سائادەت ۋە سەرگۈزەشتلەرنى مەڭگۈ يېزىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ . شۇڭا مەن بۇنى يېڭىۋاشتىن يورۇتۇشقا ئەھمىيەت بەردىم.
    مەن يېڭىدىن يازغان ناخشا تېكىستلىرىمۇ ئاز بولمىدى . ناخشا تېكىستلىرىمۇ كەم دېگەندە قىرىق يىللىق قاتماللىق ئىچىدە ياشاپ كەلدى . ئۇنى كەڭ تۇرمۇشقا ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ رەڭدار ھاياتىغا يۈزلەندۈرۈش لازىم ئىدى . شۇڭا ، مەن ئۇنىمۇ ئومۇمىي ئەخلاقىي تېمىلار ئىچىدە تىرىكچىلىكنىڭ جىمى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىنى ئالا قويماي كېزىپ يۈرىدىغان زىيارەتخانىغا ئايلاندۇردۇم . بۇنى خەلق قارشى ئالدى . ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا شېئىرنىڭ تۇتقان ئورنى ناھايىتى چوڭ . خەلقلا مەۋجۇت ئىكەن ، شېئىرمۇ مەۋجۇت . خەلقىمىز تېخىمۇ گۈزەل ۋە يارقىن شېئىرلارغا موھتاج . شېئىرىيەت ئۇلارنى نۇرلۇق نىشانلارغا يېتەكلىشى ، ئۇلارنىڭ ئارزۇ-ئىنتىلىشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى لازىم . ئۇلار شېئىرىيەتتىن ئۆزلىرىنىڭ قىسمەتلىك ئۆتمۈشىنىلا ئەمەس ، پارلاق ئەتىسىنىمۇ كۆرەلىشى كېرەك . شېئىرىيەت ھاللىق تۇرمۇشقا يۈزلەنگەن بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ شەنىگە ناخشا ئېيتىپلا قالماي ، ھېلىغىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلالمايۋاتقان يەنە بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ ھالىغىمۇ يېتىشلىرى كېرەك . ئۇلارغا دۇنياۋى ئىلغار مەدەنىيەتنى تەشەببۇس قىلىش ، ئوتتۇرا ئەسىر قاششاقلىقى بىلەن ئۈزۈل-كېسىل قول ئۈزۈشكە يۈزلەندۈرۈشى لازىم.
    دۇنيادا تۇرمۇشنى بۇرمىلىماي ، يوشۇرماي ، ئۇنىڭ ئۆز قانۇنىيەتلىرىگە سادىق ھالدا ئىپادىلەشكە مۇيەسسەر بولغان ئەدەبىياتلا ھەقىقىي ئەدەبىيات بولالايدۇ . خۇداغا شۈكۈر ، بۇ «4 كىشىلىك گۇرۇھ» دەۋرىدىكى ساختا ئەدەبىيات ۋە ساختا ئەدىب بولۇپ قالىدىغان شەرمەندىلىكتىن قۇتۇلدۇق .
    مەن ئىجادىيەتتە مۇنداق تەجرىبە ياكى تەسىراتلارغا ئىگە بولغاندەكمۇ تۇرىمەن . ئۇ بولسىمۇ ، ئىجادىيەتنى ئەخلاقىي تېمىلار زېمىنىدا قانات يايدۇرۇش ، رېئاللىقنى ئىجادىيەتكە مەنبە ۋە مەنزىل قىلىش ھەمدە تىرىشىپ ئۆگىنىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت . مەن مۇشۇ يولدىن چىقماسلىقىم مۇمكىن . غۇلجا ناھىيىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ غەمخورلۇقىدا 13 يىل كەسپىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندىم . ئۇلارغا بولغان تەشەككۈرۈم تېخىمۇ زور . يازغۇچى تۇرسۇنئاي يۇنۇس «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ بۇ يىلقى 10-سانىغا «يۈرىكىمدىكى ئوت» ناملىق بىر ئەسلىمە يېزىپ ، بىزگە ئوخشاشلارنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان يۈرەك يالقۇنلىرىنى سۇ قۇيۇپمۇ ئۆچۈرگىلى بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ناھايىتى ئورۇنلۇق توختالدى . ئەسلىمىنى دەررۇ ئۆزۈمگە تەتبىقلىدىم . شۈبھىسىزكى ، يېشىمنىڭ چوڭىيىپ قالغانلىقى شېئىرىيەتكە بولغان مېنىڭ يۈرىكىمدىكى ئوتنىمۇ ئۆچۈرەلمەيدۇ . مەن بۈگۈنكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن يەنىمۇ كۈچ-قۇۋۋەت ۋە ئىلھاملار ئالدىم . ئۇنى ھەرگىز مېنى ئاخىرەتكە ئۇزىتىش ئالدىدىكى تىرىك ۋىدالىشىش پائالىيىتى ، دەپ تونۇمايمەن . مەن بۇ يىغىننىڭ رىغبىتى بىلەن تېخى نۇرغۇن نەرسىلەرنى يازالىشىم مۇمكىن . يىغىندىن مەنلا ئەمەس ، يەنە نۇرغۇن ياش قەلەمداشلارمۇ نەزەرىيىۋى بىلىم ، ئەمەلىي تەجرىبە ۋە چوڭقۇر تەسىراتلارغا ئىگە بولدى . ئەدەبىيات ئەتىۋارلاندى ، شېئىرىيەت قەدىرلەندى . بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە ، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدىن باشقا ، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ پائالىيەتچانلىق تۆھپىسىگىمۇ مەنسۇپ . ئىشىنىمەنكى ، بۇ خىل پائالىيەتلەر بۇندىن كېيىن مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتلەردىن تېخىمۇ بېيىپ بارىدۇ ، تېخىمۇ جانلىنىدۇ . رەھبەرلىككە ، قەلەمداشلارغا رەھمەت ئېيتقۇچىلار ھەرگىز بىرنەچچىمىز بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ . دېمەك ، ئەدەبىياتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتىدا شۈبھە يوق.
    مەنمۇ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا يەنىمۇ يېڭى شېئىرلارنى ۋەدە قىلىپ سۆزۈمنى تاماملايمەن.

    كۆپچىلىككە رەھمەت!

  8. ئارزۇ مۇنداق يازغان:

    مەن مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكا بىلەن بىر يەردە تۇرىمەن ، بەزىدە كوچىلاردا كۆرۈپ قالىمەن ، كۆزۈمگە شۇنداق سالماق ھەم ئىللىق كۆرۇنىدۇ، مەنمۇ شېئىرلىرىنى بەك ياختۇرىمەن.

    ياشىسۇن

    يۆلەكسىزنى يۆلىگەنلەر ياشىسۇن،
    يۆگەكسىزنى يۆگىگەنلەر ياشىسۇن.
    ئۆزى ئالماي،يامبۇ ياغسا ئاسماندىن،
    ئەلگە يامغۇر تىلىگەنلەر ياشىسۇن.

    سۇغارغاندەك سايە بەرگەن چىنارنى،
    ئاتا قەرزىن تۆلىگەنلەر ياشىسۇن.
    ئېتى ھارسا ئانا چۈشكەن ھارۋىنىڭ،
    ئۆزى ئات بوپ سۆرىگەنلەر ياشىسۇن.

    ئۆزگىلەرنىڭ بەختى ئۈچۈن دەرت تارتىپ،
    ئۆزى راھەت كۆرمىگەنلەر ياشىسۇن.
    يوقسۇزلۇقتا ئوتى ئۆچكەن يالغۇزنىڭ،
    ئوچىقىنى پۈۋلىگەنلەر ياشىسۇن.

    ھالدىن كەتكەن غېرىبلارنىڭ بېشىدا،
    چىراغ يېقىپ تۈنۈگەنلەر ياشىسۇن.
    ئۇنتۇلمىسۇن ئارمان بىلەن كەتكەنلەر،
    ئۈمىدلىرى ئۆلمىگەنلەر ياشىسۇن.

    مۇھەممەتجان راشىدىن
    1992-يىلى ، ئىيۇن

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      نېمە دېگەن ياخشى! ئۇنداقتا كېلەر نۆۋەت شائىر ئاكىمىز بىلەن ئۇچراشقان چېغىڭىزدا بىز كەبىي تورداشلىرىڭىزنىڭ سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويغايسىز ، ئاللاھدىن مۆھترەم شائىر ئاكىمىزغا ئۇزۇن ئۆمۈر ، قەلەم تۇلپارىغا خورىماس قۇۋۋەت تىلەيمىز!

  9. ئارزۇ مۇنداق يازغان:

    يېقىندا مۇھەمەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ ئىجادى ھاياتى توغرىلىق بىر كىتاپ چىقتى ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئاپتورلىرى مۇھەممەتجان ئەيسا بىلەن ئەكرەم ئابدۇمىجىت.

  10. ئارزۇ مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل ئەپەندىم سالىمىڭىزنى چوقۈم يەتكۈزۈپ قويىمەن خاتىرجەم بولۇڭ.

ئارزۇ 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟