نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > بلوگ بىلدۈرگىسى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدا يېڭى پەللە يارىتىلدى

ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدا يېڭى پەللە يارىتىلدى

جېك بلوگى ، تەدبىركار بلوگى، تەكلىماكان بلوگىغا ئوخشاش بايراقدار بلوگلارنىڭ باشلامچىلىق قىلىشى بىلەن ئۇيغۇر بلوگچىلىقى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، كىچىكلىكتىن زورىيىپ ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مۇئەييەن كۆلەم ۋە سۈپەت ھاسىل قىلغان ، ئۇيغۇر تورچىلىقىدا بەلگىلىك تەسىرىگە ئىگە ئۆزگىچە بىر ساھە بولۇپ شەكىللەندى. بىر قىسىم بلوگگىرلار Blogbus ، Blogspot كە ئوخشاش دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق بلوگ سۇپىلىرىدىن پايدىلىنىپ بلوگ نەشىر قىلسا، بىر قىسىم بلوگگىرلار ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تور نامى ۋە بوشلۇق ئېلىپ PJBlog ، WordPress ، Zblog قا ئوخشاش بلوگ پروگراممىلىردىن پايدىلىنىپ ئۆز ئالدىغا بلوگ نەشىر قىلماقتا. بۇندىن باشقا، سەلكىن ، رېتىمگە ئوخشاش چوڭ تور بېكەتلەر پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچىلاشقان بلوگ مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇردى.
ھازىر ئۇيغۇرلاردا نەشىر قىلىنغان بلوگلار ئۇلۇغ – ئۇششاق، كونا – يېڭى بولۇپ 1000 دىن ئېشىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئىچىدە ئىزچىل تۈردە بلوگ يېزىپ، ئۆزىگە خاس تەرەققىيات يولىدا بوشاشماي مېڭىۋاتقان بلوگلار 100 گە يېتىشى مۇمكىن ( بۇ پەقەت پېقىرنىڭ تەخىمىنى ھۆكۈمى ). ئۇيغۇر بلوگچىلىقى دەسلەپكى مەزگىلدىكى قۇرۇش ، باشلاش ، يۈرۈشتۈرۈشتەك ئىپتىدايى تەرەققىيات مەزگىلىنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، نۆۋەتتە، بلوگنىڭ تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، بلوگ يازمىلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە ئىجادىيىلىقىغا كۈچەش، بلوگنىڭ زىيارەت ئېقىمنى ئاشۇرۇشتەك ئارا مەزگىللىك تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېشىدىن كەچۈرمەكتە ۋە شۇ جەرياندا دىللارنى ھاياجانغا سالغۇدەك ئېسىل نەتىجىلەر قولغا كەلمەكتە. نۆۋەتتىكى يازمىمىزدا شۇ نەتىجىلەردىن بىرى، يەنى ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدا يارىتىلغان يېڭى پەللە ھەققىدە توختالغايمىز.
بلوگگىر دوستلارغا ئايان بولغىنىدەك، بلوگنىڭ زىيارەت ئېقىمى بلوگنىڭ سۈپەت – ساپاسىنى ۋە تورداشلارنىڭ ئىتراپىنى ئىپادىلەيدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ بولۇپ، كۆپىنچە بلوگگىرلار ئۆز بلوگىنىڭ زىيارەت ئېقىمنىڭ ئېشىش ئەھۋالىغا ئالاھىدە كۆڭۈك بۆلىدۇ ۋە  yahoo stat ، google analytics كە ئوخشاش قورال تور بېكەتلەر ئارقىلىق ھەر كۈنى  بلوگىنىڭ  زىيارەت ستاتىستىكىسىنى كۆرۈپ تۇرۇشنى ئۆزلىرىگە ئادەت قىلىشقان. بۇ يەردە ئاجايىپ مەمنۇنلۇق ۋە قايىللىق بىلەن شۇنى جاكار ئەيلەشنى مۇۋاپىق تاپتىمكى، ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدىكى يېڭى پەللە 2009 – يىلى 6 – ئاينىڭ 12 – كۈنىدە يارىتىلدى ، يەنى ‹‹ مىليۇنلۇق زىيارەت ئۆتكلى ›› تور جامائەتچىلىكىگە مەشھۇر بولغان 80 خالتا بلوگى تەرىپىدىن بۆسۈپ ئۆتۈلدى. كۆپچىلىكنىڭ ئېسىدە بولغىنىدەك، 80 خالتا بلوگى مەزمۇنىنىڭ قاراتمىلىقى، ئۇيغۇر جەمئىيىتى بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدىكى ساغلاملىققا ئائىت سەزگۈر مەسىلىلەرگە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلغانلىقى، جىسمى كېسەللىك تەرىپىدىن زەخمەتلەنگەن، دىللىرى پۇچۇلغان قەلبلەر ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلغانلىقلىرى، تور ئەھلىگە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ كەۋسەرلىردىن ھەدىيە ئەتكەنلىكلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ بىردەك ئالقىشىغا، ئېتراپ قىلىشىغا ، قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. شۇ ۋەجىدىن ئۆتكەن يىلى  2008 – يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاشتا مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن ئۇيغۇرلاردىكى ئەڭ داڭلىق ، ئەڭ چوڭ بلوگ بولۇپ باھالانغان ئىدى. مانا ئەمدى ئارىدىن 6 ئاي ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە 80 خالتا بلوگىنىڭ زىيارەت قېتىم سانى 1 مىليۇن ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ئۇيغۇر بلوگلىرى ئىلگىرى يېتىپ باقمىغان يۇقىرى پەللىنى ياراتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ نەتىجە قىسقىغىنە 7 ئاي ئىچىدە يارىتىلدى. بۇ نەتىجىنىڭ ئۆزى 80 خالتا بلوگىنىڭ ئۇيغۇر تورداشلار تەرىپىدىن قانچىلىك قارشى ئېلىنغانلىقىنىڭ كۈچلۈك دەلىلى ئىدى.
80 خالتا بلوگى ئۇيغۇر تور ساھەسىدىكى ئۆزگىچە نۇرلۇق گۆھەر. بىز بۇ بلوگنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا، ئەجدادلىرىمىز بىز ئۈچۈن قالدۇرۇپ كەتكەن ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ شانلىق نۇرىغا چۈمۈلىمىز. ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ ساقلىق ئۈگۈتلىرى بىزنى ھەرۋاقىت ساغلام بولۇشقا ئۈندەيدۇ. مەزكۇر بلوگدا كىشىلەر باشقا جايلاردىن جاۋاب ئىزدىشى نىسبەتەن قىيىن ۋە قۇلايسىز بولغان ساغلاملىق مەسىلىلىرىگە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى نەزرىيىسى بويىچە تولىمۇ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھازىرلانغان جاۋابلارنى تاپالايدۇ. بۇندىن باشقا ، مەزكۇر بلوگنىڭ نۇقۇل كىشىلەردىكى جىسمانىي ساغلاملىققىلا ئەھمىيەت بەرمەي ، بەلكى يەنە كىشىلەرنى روھىي جەھەتتىنمۇ ساغلام بولۇشقا چاقىرىش ئۈچۈن تىنىمسىز ئەجىر قىلىنىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. تەرىپلەشكە تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا شۇكى، مەزكۇر تور بەت مىللەتنىڭ ئۈمىدى – كېلەچىكى بولغان ياشلىرىمىزنى كىشى تىلغا ئېلىشتىنمۇ ئوڭايسىزلىنىدىغان پسىخىك كېسەللىك ئاسارەتلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنى غايىلىك – ئېتىقادلىق ياشلاردىن بولۇشقا يېتەكلەشتە كۆز يۇمۇشقا بولمايدىغان تۆھپىلەرنى ياراتماقتا…
80 خالتا بلوگىنىڭ مىليۇنلۇق زىيارەت ئۆتكىلىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۆسۈپ ئۆتكەنلىكى، بىزگە ئوخشاش بلوگگىرلارغا يېڭى ئۈمىد ، يېڭى نىشان ئاتا قىلدى. بلوگلارنىڭ زىيارەت ئېقىمى تور بېكەتلەردەك چوڭ بولۇپ كەتمەيدۇ، شۇڭا بلوگلارنىڭ تەسىرى تور بېكەتلەرگە يەتمەيدۇ دېگەندەك، بلوگنى كەمسىندۈرىدىغان قاراشلارنىڭ ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى جاكارلاپ، بىزگە زور ئىلھام ۋە مەدەت بولدى.
مەن بۇ يەردە يۈكسەل بلوگ نامىدىن قېرىنداش بلوگ بولغان 80 خالتا بلوگىنى چىن كۆڭلۈمدىن قىزغىن قۇتلۇقلايمەن. 80 خالتا بلوگىنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك مەنزىللەرنى بويلاپ دادىل قەدەم بىلەن يېڭىدىن – يېڭى مەنزىللەرگە ئۇلىشىشىغا تىلەكداشمەن.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدا يېڭى پەللە يارىتىلدى

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!6 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. gheyret مۇنداق يازغان:

    80 خالتا بىلوگىنىڭ تەرەققىياتى ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدۇ . قىسقىغىنا 7 ئايدا 1 مىليۇنلۇق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈشنىڭ ئۆزى بىر مۆجىزە . < <10 چوڭ بىلوگقا نامزات كۆرسۈتۈش >> باشلانغاندا ، 80 خالتا بىلوگى قىسقىغان 1 ئاي ئىچىدە 80 مىڭلىق زىيارەت ئۆتكىلىنى بۆسۈپ ئۆتكەن ئىدى. 80 خالتا بىلوگىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ يۈكسىلىشىگە تىلەكداشمەن .

  2. Tarim68 مۇنداق يازغان:

    80 خالتا ئۇيغۇر تىبابەت تورىنىڭ قىسقىغىنە 7 ئاي ئىچىدە مىليۇنلۇق زىيارەت سانى ئۆتكىلىنى بۆسۈپ ئۆتكەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! مۇبارەك بولسۇن!

  3. uyghurtekin مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، يۇكسەل ئەپەندىم ، ئالدى بىلەن مەزكۇر تىمىنى يوللاپ بۇ خۇشاللىقىنى كەڭ بلوگگىرلار بىلەن تەڭ بەھىرلەنمەكچى بولغانلىرىغا كۆپلەپ تەشەككۈر بىلدۈرىمەن .
    توغرا ئېيتىلا ، بىزدە بلوگ يېزىش كېيىن باشلانغان بولسىمۇ ، ئەمما قولغا كەتۈرگەن نەتىجىلەر ھەقىقەتەن ئادەمنى خۇرسەن قىلىدۇ . بىزدە سالامەتلىككە ئائىت ، مائارىپقا ئائىت ، تەنتەربىيىگە ئائىت ، گۈزەل سەنئەتكە ئائىت نادىر بلوگلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى تولىمۇ زۈرۈر دەپ قارايمەن . 80 خالتا بلوگىنىڭ بۇ يولدا باشلامچىلىق بىلەن يول ئېچىپ ، بىزگە ئۈلگە بولىشى تولىمۇ خۇشاللىنىارلىق ئىشتۇر .
    بىزدە< < ساغلام تەندە ساپ ئاقىل >> دەيدىغان ھىكمەت بار . مەنمۇ 80 خالتا بلوگىنىڭ خەلقىمىزنىڭ سالامەتلىك ئىشلىرىدا رولىنى يەنىمۇ جاراىي قىلدۇرشىنى ، كەڭ ئشتىراكچىلىلارنىڭ سۇئاللىرىغا بەلگىلىك مۆھلەت ئىچىدە جاۋاپ بېىرشىنى ، قىسقىسى خەلقىمىزگە يەنىمۇ نەپ بېرىشىنى چىن قىلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن .
    [reply=Yuksel,2009-06-20 11:02 PM]ئېيتقانلىرىڭىز كەلگەي بۇرادەر![/reply]

  4. نۇرلان مۇنداق يازغان:

    ياخشى بولۇپتۇ …
    مەنمۇ قازاقچە بلوگ ياساشنى ئۇيغۇر قېرىنداشلاردىن ئۈگىنىپۋاتىمەن …
    [reply=Yuksel,2009-06-20 11:01 PM]مەرھابا قازىقىم ! [/reply]

  5. azgun مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل ئەپەندى بلوگىمغا كىرىپ "ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدىكى يەنە بىر خوش خەۋەر" دىگەن تىمىغا باھايىڭىزنى يىزىپ بەرگەن بولسىڭىز.
    [reply=Yuksel,2009-06-20 11:01 PM]بلوگىڭىزغا كىرىپ سىز دېگەن تېمىنى ئوقۇپ چىقتىم. ھەقىقەتەن ئاسان قولغا كېلىدىغان نەتىجە ئەمەس. سىزنڭمۇ ئۇيغۇر بلوگچىلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرغانلىقىڭىزغا تەشەككۈر![/reply]

  6. islam مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم يۈكسەل ئەپەندى ياخىشى تۇردىلىمۇ ؟ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن سىلىدىن سورايدىغان ياردەم بار ئىدى ۋاقىتلىرى بولسا ياردەم قىلغان بولسىلا …….مەن سىلە بلوگلىرنىڭ يان تەرپىگە قۇيۇلغان yukselblog ئۇچۇرلىرى دىكى يازما سانى ئەزالار سانى قاتارلىقلارنى چىقىرشىتا ۋە بلوگ باش بېتىنىڭ ئۈستىدىكى تەۋسىيەلىك تېمىلار ،كۆپ كۈرۈلگەن تېمىلار ،كۆپ ئىنكاسلىق تېمىلار دىگەندەك يەرلەرنى بلوگىمىغا چىقىرىشتا ماڭغا ياردەم قىلغان بولسىلا……. ئەرزىمەس ئىنكاسىمىنى.قىمەتلىك ۋاقىتلىرنى چىقىرىپ ئوقۇغانلقىلىرغا رەخمەت……
    ئىسلام يولى تور دۇنياسى
    [reply=Nursel,2009-06-28 07:43 PM]ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! قەدەملىرىگە مەرھابا قېرىندىشىم.
    بىلمىدىم سىلىنىڭ بلوگلىرىمۇ يۈكسەل بلوگىغا ئوخشاش PJBLOG ئىشلەتكەن بلوگ بولغىيمىتى؟ ئەگەر PJBLOG ئىشلەتكەن بلوگ بولسا ئاز تولا ياردەم بېرەلىشىم مۇمكىن. بلوگىڭىزنىڭ ئۇلىنش مەنزىلىرىنى يۈكسەل پىكىر دەپتىرىگە قالدۇرغايسىز مەن كۆرۈپ باقاي![/reply]

islam 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟