نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئېشەكچىلىك بولالمايمىزمۇ؟!…

ئېشەك

قۇدۇققا چۈشۈپ كەتكەن ئېشەك

بىر كۈنى، بىر دېھقاننىڭ ئېشىكى قۇدۇققا چۈشۈپ كېتىپتۇ، بىچارە ئېشەك قۇدۇق ئىچىدە زارلىنىپ بىر ھازاغىچە قاتتىق ھاڭراپتۇ، ئېشىكىنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىنى كۆرۈپ چىدىيالمىغان دېھقان قۇدۇق بېشىدا بىر ئۇيان – بىر بۇيان پىرقىراپ، قانداق قىلسا ئېشىكىنى قۇتقۇزۇپ تارتىپ ئېچىقالايدىغانلىقىنى بىلەلمەي تازا تىت – تىت بولۇپتۇ. ئاخىرى كەسكىن بىر قارارغا كەپتۇ: بۇ ئېشەك بەرىبىر قېرىپ كەتكەن ئىدى، نۇرغۇن كىشىنىڭ بېشىغا چىققان بۇ قۇدۇقنىڭمۇ تىندۇرۇلۇپ، تەكشىلىنىش ۋاقتى بولۇپ قالغان ئىدى . مۇنچە زورۇقۇپ ئېشەكنى قۇتقۇزۇشنىڭ ھاجىتىمۇ يوق . خەير قۇدۇقنى ئېشەك بىلەن قوشۇپ تىندۇرىۋېتەي …
شۇنىڭ بىلەن دېھقان مەھەللە كويلىرىنى چاقىرىپ، كەتمەن – گۈرجەكلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ كېلىپ، قۇدۇققا توپا تاشلاپ توشقۇزماققا تۇتۇش قىلىشىپتۇ. بايىدىن بېرىپ ھاڭراپ توختىمىغان ئېشەكنىڭ زۇۋانىمۇ بىردىنلا ئۆچۈپ جىمىپ قاپتۇ. بۇنىڭدىن ھەيرانلىق ھېس قىلغان دېھقان قۇدۇق ئىچىگە بويۇنداپ قاراپ ، ئېشەكنىڭ ھالىنى كۆرمەك بوپتۇ . شۇنداق قارىسا، ھەر كەتمەن توپا چۈشكەن ھامان ئېشەك ئۆزىنى قاتتىق بىر سىلكىپ، ئۈستىكى توپىلارنى چۈشۈرۈۋېتىپ، چۈشكەن توپىلارنى دەسسەپ تازا چىڭدىغىلى تۇرغۇدەك، كۆپ ئۆتمەي ئېشەكمۇ بارا – بارا ئۆرلەپ قۇدۇق ئېغىزىغا كەپتۇ . ئاخىرىدا بىر سەكرەپ قۇدۇقتىن چىقىپ، تاقىراقشغىنىچە قېچىپ كېتىپتۇ. بۇنى كۆرۈشكەن دېھقانلار ياقىلىرىنى چىشلىشىپ، توۋا دەپ قېلىشىپتۇ….

 

رېئال تۇرمۇشتا بىزمۇ يۇقىرىقى ھېكايەتتىكى ئېشەككە ئوخشاش << قۇدۇقلارغا >> چۈشۈپ كېتىپ ، باشلىرىمىزغا << كەتمەنلەپ توپىلار >> يېغىپ تۇرىدىغان چاغلارغا دۇچ كېلىپ تۇرىمىز. تۈرلۈك – تۈمەن قىيىنچىلىقلار باشلىرىمىزدا چۆرگىلەپ، ھەرخىل بېسىملار بېشىمىزغا تۈگمەن تېشىنى ئېسىپ قويىدۇ. بىز بولساق نېمە قىلىشىمىزنى بىلمەي تىپىرلاپ خۇدىمىزنى يوقىتىپ قويىمىز، گاھىلىرىمىز ئۆزىمىزنى يوقىتىپ قويۇپ، << قۇدۇق >> ئىچىدە ئۆلۈپ تۈگەشمەكنى كۈتۈپ ياتىمىز. ئەجىبا، بىز شۇ ئېشەكچىلىك بولالمايمىزمۇ؟! …
بىز مۇشۇنداق قۇدۇقلاردىن سەكرەپ چىقماقچى، قۇتۇلماقچى ، مۇۋەپپەقىيەت – زەپەرىيەت يولىغا قەدەم تاشلىماقچى بولساق ، ئامال پەقەت بىر ، يەنى بارچە قىيىنچىلىق ، مەغلۇبىيەتلەر ئالدىدا ئۆزىمىزنى يوقىتىپ قويماستىن ھەرقاچان بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشىمىز، بارچە مۇشكۇلاتنى يەلكىمىزدىن ئىرغىتىپ تاشلاپ، تەجرىبە – ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ئۇنى بۇندىن كېيىنكى ئۆرلىشىمىزنىڭ ئۇلتېشىغا ئايلاندۇرۇشىمىز لازىمدۇر.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ئېشەكچىلىك بولالمايمىزمۇ؟!…

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!7 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ئابلىز مۇنداق يازغان:

    توغرا خاتالىق ئۆتكۈزۈش بۇ نۇرمالنى ئىش لېكىن مەسىلە خاتالىقنى قانداق قۇبۇل قىلىشتا، ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىشتا

  2. قاپلان مۇنداق يازغان:

    خۇداغا شۈكرى! ماۋۇ ھىكايەت ماڭا زور ئىلھام بولغاندەك قىلىدۇ.

  3. باھادىر مۇنداق يازغان:

    ئىشلارتوغرا مۇئامىلە قىلىش كېرەك

  4. ئىزتىل مۇنداق يازغان:

    ئاسماندىكى ئايغا تېرىساڭ تېرىق ،
    ئۇنىڭغا ھەۋزى-كەۋسەردىن قازساڭ ئېرىق ،
    ئاسماندىكى ئايدا ئورىساڭ ئۇنى،
    سەھەر سالقىنىدا سورىساڭ ئۇنى ،
    تېرىقتۇر ، تېرىقتۇر بەرىبىر تېرىق.
    ئەۋلىيالىق مۇقامىغا يەتسىمۇ ئېشەك،
    ئېشەكتۇر،ئېشەكتۇر بەرىبىر ئېشەك.

    • يانتاق0997 مۇنداق يازغان:

      ۋاھ، نىمە دىگەن مەنىلىك ئىبارىلەر بۇ ! ئادەمنىڭ يۇرەك پارىسىنى تىترەتكۈدەك!

  5. يانتاق0997 مۇنداق يازغان:

    ھاياتلىقتا مۇشۇ ئىشەكچىلىك ئەقىل ، جۇشقۇنلۇق يوق ، خۇدا بەندىلىرىنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن!

  6. ئەلشات مۇنداق يازغان:

    ئالامەت توغرا ئىيتىلىپتۇ بۇ سۆز. راستىنلا كاللىمىزنى سىلكىۋىتىپ يۈرشىمىز كىرەك، ھەرقانداق ئىش قىلغاندا سالماق بولىشىمىز كىرەك

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟