torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

جىنسىي كېسەللىكنىڭ ئاياللارغا ئېلىپ كېلىدىغان يامان ئاقىۋەتلىرى

ياسىن ئابدۇللا ( بوھران )

بۈگۈنكى كۈندە، فىزىئولوگىيلىك ئامىل، ئىجتىمائىي ئورۇن، ئىقتىسادىي شارائىت قاتارلىقلارنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، مەيلى ئەيدىز ۋەياكى باشقا جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بولسۇن ئاياللار بۇ خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار بولۇپ قالماقتا. بولۇپمۇ دىيارىمىزدا، سەھرا – قىشلاقلىرىمىزدا ئۇيغۇر ئاياللىرىمىز مەدەنىيەت سەۋىيىسى نىسبەتەن تۆۋەن بولۇش، بۇ ھەقتىكى ساۋاتلاردىن چورتلا خەۋرى بولماسلىق، تورمۇش شارائىتى قاتارلىق ئامىللارنىڭ چەكلمىسىگە ئۇچراش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جىنسىي يولدىن يۇقىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە تېخىمۇ ئېغىر ئۇچرىماقتا. خوش ئۇنداقتا، جىنسىي كېسەللىكنىڭ ئاياللارغا ئېلىپ كېلىدىغان يامان ئاقىۋەتلىرى قايسى ؟

جىنسىي كېسەللىكنىڭ ئاياللار تەن ساغلاملىقىغا بولغان تەسىرى

جىنسىي كېسەل سۈيدۈك يۇلى ياللۇغى ( 尿道炎 ) ، جىنسىي يول ياللۇغى ( 阴道炎 ) ، بالياتقۇ بوينى ياللۇغى ( 宫颈炎 ) ، سوزۇلما خارەكتېرلىك تۆۋەنكى قۇرساق ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكنى پەيدا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇرغۇنلىغان ئازاپلارنى ئېلىپ كىلىدۇ. ئېغىر بولغاندا، پەرزەنت كۆرۈشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەگەر سىفلىس ( 梅毒 ) نى ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا، يۈرەك ۋە نېرۋا سېستىمىسىغا تەسىر كۆرسىتىشى، ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. كۆپ قىسىم جىنسىي كېسەللىكنى داۋالىغىلى بولسىمۇ، دىققەت قىلمىغاندا، قايتا قوزغىلىشى مۇمكىن. يەنە بىر دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى، ئاياللار جىنسىي كېسەللىككە گىرىپدار بولسا، ئەيدىز (AIDS) نى يۇقتۇرىۋېلىش خەۋپى ئارتىپ، ئوڭاي يۇقتۇرىۋالىدۇ.

جىنسىي كېسەللىكنىڭ ئاياللار كۆپىيىش سېستىمىسىغا بولغان تەسىرى

بەزى ئاياللار جىنسىي كېسەل بىلەن يۇقۇملانغاندىن كىيىن، ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمەيدۇ ياكى ئاياللار كېسەللىكى بىلەن ئارىلاشتۇرىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئەر داۋالىنىپ، ئايال ۋاقتىدا داۋالانماي، كېسەلنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ ، ئەرنىڭ قايتا يۇقۇملىنىشى كېلىپ چىقىدۇ. بەزى جىنسىي كېسەللەر تۇخۇم نەيچىسى ۋە بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، تۇغماسلىق، بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلە بولۇپ قېلىش ( 宫外孕 ) ، بويىدىن ئاجراش، بالدۇر تۇغۇپ قۇيۇش ۋە بالىنىڭ ئۆلۈك تۇغۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل ( 尖锐湿疣 ) ، غەيرىي سۆزنەك باكتېرىيىلىك سۈيدۈك يولى ياللۇغى ( 非特异性尿道炎 ) ، تامچە قۇرت كېسىلى ( 毛滴虫病 ) ، جىنسىي ئەزا تەسۋىسىمان زەمبۇرۇغ ياللۇغى ( 念珠菌阴道炎 ) قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

ئاياللاردىكى جىنسىي كېسەللىكنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارغا بۇلغان تەسىرى

بەزى جىنسىي كېسەللەر كېيىنكى ئەۋلادلارغا يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئەگەر ھامىلىدار ئايال سۆزنەك ( 淋病 ) ، سىفلىس، غەيرىي سۆزنەك باكتېرىيىلىك سۈيدۈك يولى ياللۇغى، جىنسىي ئەزا قاپارتمىسى ( 生殖器疱疹 ) ۋە ئەيدىز (AIDS) قاتارلىقلارنىڭ خالىغان بىرى بىلەن يۇقۇملانسا، شۇ كېسەل ئانىدىن بوۋاققا يۇقىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بوۋاقتا ھەرخىل كېسەللىك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : جىنسىي كېسەللىكنىڭ ئاياللارغا ئېلىپ كېلىدىغان يامان ئاقىۋەتلىرى

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟