torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

خىزمەت جەريانىدا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك، ئەيدىز ۋىرۇسى تۇرمۇشتىكى ئادەتتىكى ئۇچىرىشىشتىن يۇقمايدۇ، مەسىلەن بىر ئۆيدە بىللە ياشاشتىن، بىللە غىزالىنىش، بىللە ئەمگەك ياكى خىزمەت قىلىش، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش ۋە سالام-سائەت يۈزىسىدىن سۆيۈشۈش قاتارلىقلاردىن يۇقمايدۇ، بۇنىڭدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، لېكىن يەنە يۇقۇملانغۇچىنىڭ تەن سۇيۇقلۇقلىرى بىلەن ئۇچىرىشىش ئىمكانىيىتى بولغان بەزىبىر ئەھۋاللاردا، دىققەت قىلمىسا باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.

سەھىيە خادىملىرى( دوختۇر ۋە سېستىرا) يۇقۇملانغۇچىلارنى داۋالاش ۋە پەرۋىش قىلىش  جەريانىدا ھەر ۋاقىت يۇقۇملانغۇچىنىڭ تەن سۇيۇقلۇقى بىلەن ئۇچىرىشىدۇ، ئوپراتسىيە ياكى ئوكۇل سېلىش جەريانىدا ئوپراتسىيە پىچىقى قولىنى كېسىۋېتىپ قالىدىغان، يىڭنە سانجىلىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار، بۇنىڭدىن باشقا ساقچىلار جىنايەت گۇماندارلىرى، زەھەر چەككۈچى، زەھەر .ئەتكەسچىلىرىنى قوغلاپ تۇتۇش، ئاختۇرۇش، سوراق قىلىش جەريانىدا قارشىلىشىپ پىچاق تىقىۋېتىدىغان، يىڭنە سانجىۋېتىدىغان، تۈرمىدە جىنايەتچىلەر  ئۆزىنى زەخمىلەندۈرىۋالىدىغان ياكى تۈرمە ساقچىلىرى ۋە باشقىلارنى زەخمىلەندۈرىدىغان ئەھۋاللار خېلى كۆپ يۈز بېرىدۇ، مانا مۇشۇنداق ئەھۋاللارنى خىزمەت جەريانىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئۇچىرىشىش (艾滋病职业暴露)دەيمىز.

ھازىر مۇشۇنداق خىزمەت جەريانىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئۇچىرىشىش سەۋەبلىك يۇقۇملىنىپ قالغانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەر بارا-بارا ئاينىپ قېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملار خىزمەت جەريانىدا يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇناسىپ تەدبىرلەرنى تۈزۈشى ۋە ۋىرۇس بىلەن ئۇچىرىشىش يۈز بەرگەندە دەرھال بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى بىلىۋېلىشى زۆرۈر.

ئۇنداقتا خىزمەت جەريانىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئۇچىرىشىشتىن قانداق ساقلىنىمىز؟

تىببى خادىملارغا نىسبەتەن چوقۇم تۆۋەندىكى ئەڭ ئاددى تەلەپلەرنى ئورۇنلىشى كېرەك.

  1. بىمار بىلەن ئۇچىرىشىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن چوقۇم  قولنى پاكىزە يۇيۇش.
  2. تىغلىق ۋە ئۇچلۇق( زەخمىلەندۈرىدىغان) ئەسۋاپ-سايمانلارنى بىخەتەر ساقلاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش.
  3. ئوپراتسىيە جەريانىدا سۇيۇقلۇق ئۆتمەيدىغان قوغدىنىش كىيمى كىيىش، ماسكا تاقاش، كۆزئەينەك تاقاش، پەلەي كىيىش.
  4. بۇلغانغان داۋالاش ئەسۋاپلىرى ۋە بىمارنىڭ بۇيۇملىرىنى دېزىنفىكسىيەلەش
  5. كېرەكسىز بويۇملارنى بىخەتەر بىر تەرەپ قىلىش.

ئۇنىڭدىن باشقا داۋالاش ۋە پەرۋىش جەريانىدا ئۆلچەملىك مەشغۇلات قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىش لازىم.

خىزمەت جەريانىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئۇچىرىشىش يۈز بەرگەندە بىر تەرەپ قىلىش

بۇ خىل ئەھۋال يۈز بەرگەندە ئەڭ ئالدى بىلەن قىلىدىغىنىمىز يەرلىك ئورۇننى يۇيۇش، مەسىلەن تېرە زەخمىلەنگەندە ياكى جاراھەتكە قان تېگىپ، چاچراپ كەتكەندە ، ئاۋال قول يۇيدىغان سۇپۇن ۋە پاكىزە سۇ بىلەن يارا ئېغىزىنى پاكىزە يۇيۇش كېرەك( كۈچلۈك يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرى، ئاقارتىش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ)، ئاندىن يارا ئېغىزىدىكى قاننى بىر دەم  راۋان ئاقتۇرۇۋېتىش كېرەك، ئەگەر جاراھەت ئېغىزى چوڭ بولسا تېڭىش ۋە تىكىش كېرەك. ئەگەر قان كۆزگە چاچراپ كەتكەن بولسا، فىزئولوگىيىلىك تۇز سۈيى بىلەن كۆزنى پاكىزە يۇيۇش( سۇپۇن ياكى باشقا يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرى بولمايدۇ)، ئەگەر كۆز ئىچىگە سالىدىغان كۆزەينەك تاقىغان بولسا، ئالدىدا كۆزنى يۇيۇپ ئاندىن  كۆزەينەكنى چىقىرىش ھەم ئادەتتىكى ئۇسۇلدا كۆزەينەكنى يۇيۇش لازىم. قان ئېغىزغا چاچراپ كىرىپ كەتسە ئاۋال تۈكۈرىۋېتىپ، ئادەتتىكى تۇز سۈيى ياكى پاكىزە سۇ بىلەن ئېغىزنى بىر نەچچە قېتىم چايقاش، ھەر قېتىمدا پاكىزە، تولۇق تۈكۈرۈش لازىم، ئەگەر قان بۇرۇن ياكى قۇلاققا  چاچىرىغان بولسا، تۇز سۈيى ياكى پاكىزە سۇ بىلەن پاكىزە يۇيىۋەتسەكلا بولىدۇ.

يەرلىك ئۇرۇننى بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، رەھبەرلىككە بۇ ئىشنى مەلۇم قىلىش ۋە قاتلاممۇ-قاتلام يۇقىرىغا مەلۇم قىلىپ، ياردەم تەلەپ قىلىش كېرەك.

ئاندىن مۇتەخەسىسلەر يۈز بەگەن ئەھۋالنىڭ خەتەرلىك دەرىجىسىگە قارىتا باھالاش ئېلىپ بارىدۇ.

ئەگەر يۇقۇملىنىش خەتىرى مەۋجۈت، ئالدىنى ئالىدىغان دورا ئىشلىتىش كېرەك دەپ قارىسا، قانچە بالدۇر بولسا شۇنچە ياخشى،بولسا 2-3 سائەت،  كېچىككەندىمۇ 72 سائەت ئىچىدە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورا ئىچىشى كېرەك. بۇ دورا ئادەتتە ھەر قايسى ۋىلايەت ئوبلاست دەرىجىلىك ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدىن تەمىنلىنىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ تېلېفون نومۇرى 3837867-0991.

ئەگەر يۇقۇملىنىش خەتىرى تۆۋەن ياكى يوق دەپ قارالسا، ئالدىنى ئېلىش دورىسى بېرىلمەيدۇ، ئەمما ھادىسە يۈز بەرگەن شۇ ھەپتىنىڭ ئىچىدە بىر قېتىم قان تەكشۈرۈلىدۇ، ئۇندىن كېيىن 4-ھەپتىدە، 8-ھەپتىدە، 12-ھەپتىدە ۋە 6 ئايدىن كېيىن قان ئېلىپ تەكشۈرۈلىدۇ.

لېكىن ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئالدىنى ئالىدىغان دورىمۇ 100 پىرسەنت ئالدىنى ئالالمايدۇ، پەقەت يۇقۇملىنىش خەتىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرىدۇ، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ ۋاقىت چەكلىمىسى بەك چىڭ،يەنى قانچە بالدۇر ئىچسە شۇنچە ياخشى.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : خىزمەت جەريانىدا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

خەتكۈچ: ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟