نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

قايسى چاغدا دەم ئالسا ئەرلەرنىڭ ئۆمۈرى ئۇزۇن بولىدۇ؟

جۇڭگودا ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈرى ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈرىدىن قىسقا بولۇپ، فىزىئولوگىيىلىك ۋە پسىخىكىلىق ئامىللارغا ئوخشاش بىر قاتار ئامىللار ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈرىنىڭ ئاياللاردىن قىسقا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەمما، شۇنداق بىر چاغدا دەم ئېلىش ئەرلەرنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىگە پايدىلىق بولۇپ، بۇ چاغ شۋېتسىيىدە ( Sweden ) ئەرلەر چوقۇم دەم ئالىدىغان چاغ قىلىپ بەلگىلەنگەن. ئۇنداقتا بۇ چاغ زادى قايسى چاغ ؟
شۋېتسىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ‹‹ ئىجتىمائىي پەنلەر ۋە تېببىي پەن (Social Science and Medicine) ›› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، ئەرلەر ئايالى تۇغقان چاغدا دەم ئېلىپ بوۋاق باققاندا، ئەرلەرنىڭ تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە گىرىپدار بولۇش خەۋپى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆمۈر كۆرۈش پەرقى كىچىكلەيدىكەن.
شۋېتسىيە كارولىن ئىنستىتۇتى ( Karolinska Institutet ) تەتقىقاتچىلىرى 72 مىڭ نەپەر ئاتىلار ئۈستىدىن تەتقىقات ئىشلەش ئارقىلىق مەزكۇر خۇلاسىنى چىقارغان بولۇپ، ئايالى تۇغقان چاغدا تولۇق 2 ئاي دەم ئېلىپ بالا باققاندا، ئەرلەرنىڭ زىيادە بۇرۇن ئۆلۈپ كېتىش خەتىرى %25 ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن.

بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى تەتقىقاتچلار مۇنداق 2 نۇقتىدىن تەھلىل قىلغان:

1 . ئەرلەر بالا باققاندا بالا ۋە ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىغا ھەرقانداق چاغدىكىدىن بەكرەك دىققەت قىلىپ، بالا ۋە ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىغا زىيانلىق بولغان ئامىللاردىن ( مەسىلەن، تاماكا، ھاراق، ۋاقتىدا ئوزۇقلانماسلىق، دەم ئالماسلىق … دېگەندەك ) ئۆزىنى تارتىشى سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.
2. بالا باققاندا ئەرلەرنىڭ روھىي بېسىمى زور دەرىجىدە يەڭگىللەپ ، پسىخىك ھالىتى ئەڭ ياخشى ھالەتتە تۇرۇشى مۇمكىن.

شۋېتسىيە ( Sweden ) بولسا دۇنيادىكى تۇنجى ئەرلەرنىڭ تۇغۇتقا ھەمراھ بولۇپ دەم ئېلىشىنى بەلگىلىگەن دۆلەت بولۇپ، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئەر – ئايال ئىككەيلەن مائاشى بىلەن جەمئىي 13 ئاي دەم ئالالايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەم ئېلىش ۋاقتى 2 ئاي بولۇپ، بۇنى ئايال تەرەپ ئېلىۋېلىشقا بولمايدۇ.
دۆلىتىمىزدە بولسا پلانلىق تۇغۇتقا رىئايە قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئەرلەرنىڭ تۇغۇتقا ھەمراھ بولۇش دەم ئېلىش كۈنى 15 كۈن قىلىپ بەلگىلەنگەن. قارىغاندا بۇ خىل تۈزۈمگە ئاز – تولا ئۆزگەرتىش كىرگۈزلمىسە، جۇڭگولۇق ئەرلەرنىڭ ئۆمۈرى يەنىلا ئاياللارنىڭكىدىن كۈتە بولىدىغان ئوخشايدۇ…

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: قايسى چاغدا دەم ئالسا ئەرلەرنىڭ ئۆمۈرى ئۇزۇن بولىدۇ؟

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!4 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. pengiyar مۇنداق يازغان:

    ۋاھ، شۇ تاماكا چەكمەڭ دېگەن گەپكەنغۇ شۇ!
    بىزنىڭ بۇ كىشىلىرىمىز تاماكا قېپىغا تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق دەپ ئىنىق يېزىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە چېكىدۇ شۇ نىجىسنى….

  2. begtash مۇنداق يازغان:

    مەن ئادەتتە دەم ئىلىشقا ئانچە ئىتىبار بىرىپ كەتمەيمەن. قارىغاندا دىققەت قىلسام بولىدىغان ئوخشايدۇ. جوڭگۇدا بولۇپمۇ بىزنىڭ بۇ يەردە 15كۈن دەم ئىلىشمۇ بەك مۇشكۈل ئىش، ئالدىراش دەپلا دەم ئىلىشنى يوق قىلىۋىتىدۇ. سىياسەت سۆزلەي دىسەڭ تىخى، دىمىسەڭ تىخى.
    [reply=Yuksel,2010-07-12 11:54 PM]مەنغۇ ئىدارىدىكىلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە، ساق 2 ئاي دەم ئېلىپ ، ئوغلۇم ئوغۇزنىڭ ئەتراپىدا يۈرۈپتىمەن. مانا ئەمدى، مەكتەپ تەتىل قىلىمىز دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن يەنە 2 ئاي دەم ئالىدىغان ئىش چىقتى …[/reply]

  3. ئابلىز مۇنداق يازغان:

    مىنىڭچە بۇ روھى خۇشاللىقنىڭ ئىنسان ھاياتىغا زور تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقىنىڭ بىر ئالامىتى بولسا كېرەك
    [reply=Yuksel,2010-07-12 11:56 PM]ھەقىقەتەنمۇ ئىنسان ئۈچۈن ساغلام پەرزەنت يۈزى كۆرۈشتىنمۇ ئارتۇق خۇشاللىق بارمۇ – دەيسىز؟[/reply]

  4. birzat مۇنداق يازغان:

    ئايالىڭنىڭ تۇغۇتى ئۈستىدە ھەمرا بولساڭ، ئايالىڭنىڭ كېچىسى ئۇخلىماي بوۋاق بېقىشىغا ھەمدەم بولساڭ ئاندىن ئاناڭنىڭ قەدرىگە يېتىسىەن دېگەن ھېكمەت يەنە بىر ۋاريانتى ئىكەن دە بۇ [face36]
    [reply=Yuksel,2010-07-12 11:55 PM]ھەقىقەتەن بالىلىق بولمىغۇچە ئاتا – ئانىنىڭ قەدرىگە يەتكىلى بولمايدىكەن، ھاجىم ![/reply]

birzat 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟