نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > يەتتە ئىقلىمدا
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

زامانىمىزدىكى مۇنداق ئىش بېشىلىرىدىن ھەزەر ئەيلەڭ !

[align=center] زامانىمىزدىكى مۇنداق ئىش بېشىلىرىدىن ھەزەر ئەيلەڭ !

ئابدۇكېرىم ئابدۇراھمان ئالىپ[/align]

(يۈكسەل بلوگىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك يازغۇچىسى)

ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ ، جەمىئيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمگەك كۈچلىرىگە بولغان ئېھتىياج كۈنسېرى ئاشماقتا . بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگەك كۈچى ۋە ئەقىل پاراسىتىگە تايىنىپ ، ھارامغا يۇلىماي ئىنساپ بىلەن ئىش قىلىپ بېيىغان ھەم ئىگىلىك تىكلىگەن قېرىنداشلىرىمىز كۆپلەپ مەيدانغا كەلدى . ئەمما ئۆز يانچۇقىنى تومپايتىش ئۈچۈن ئالدامچىلىق ، قويمىچىلىق ، مۇستەبىتلىككە تاينىپ ئۆز قېرىنداشلىرىنى ياقا – يۇرۇتلاردا سەرسان- سەرگەردان ، خانىۋەيران قىلىۋەتكەن ھارامخور ، نائەھلى كىشلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس . مەن بۇ يەردە ئارتۇق ئشقا ئارىلىشىپ بۇ"ئېسىل" كىشلىرىمىزنىڭ يەۋاتقان ئېشىغا تۇپا چاچماقچى ئەمەسمەن ، لېكىن كۆپ پۇل تېپىش ۋىۋىسكىسنى كۆتۈرىۋېلىپ ، باشقىلارنىڭ قان تەرىنى شۇرايدىغان پارازىتلارنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ كىتىۋاتغان ساددا ، ئىشچان كىشلىرىمىزنىڭ سەمىگە شۇنى سېلىپ قويماقچى ، ئۇلارنىڭ ھايات يولىدا مەردانە ئالغان شۇ قەدەملىرىنىڭ ئۇڭۇشلۇق بۇلىشىغا مەدەت بەرمەكچى…
مەن بۇ يەردە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ياكى يۇرتىمىزدا شىركەت ئېچىش ، يۇقىرى سوممۇلۇق ئايلىق ھيلىسىگە ئالدىنىپ پۇتۇن ھاياتىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن سەبى ئۇغۇل قىزلىرىمىز توغرىسدا سۆزلىمەيلا قۇياي ، ئاددىسى يۇرتىمىزنىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىدا بۇلىۋاتقان توپ ۋە يەككە ئالدامچىلىقلار توغرىسدا بىر قانچە راسىت ھېكايىلەرنى سۆزلەپ ئۆتەي:
1> بىزنىڭ قوشنىمىز شاپ بۇرۇت كەلگەن كۈرۈنۈشتە باشقىلارغا ئۆزىنى ياخشى پەزىلەتلىك ، قابىلىيەتلىك كۆرسىتىشكە ئالدىرايدىغان ، مەنپەئەتكە كەلگەندە ئۆزىنىڭ بىر قوساق قېرىنداشلىرىنىمۇ بوش قۇيىۋەتمەيدىغان كاززراپراق ئادەم ئىدى . 2007-يىلى فېرمىغا تەۋە دېھقانچىلىق ئىدارىسى تۇرپاندىن بىر تۈركۈم ياش بالىلارنى پاختا يىغىۋېلىشقا ئېلىپ چىقىپ بۇ كىشىنى شۇ ياشلارغا مەسئۇل ئىش بېشى قىلىپ قويغان .
بىر كۈنى مەن كەچرەك ئىشتىن چۈشۇپ ئۆيگە كىتىۋاتسام شۇ ياشلاردىن ئۈچىسى ئالدىمغا كىلىپ تۇرپانغا كىتىدىغان يولنى سوراپ يىغلاپ كىتىشتى ، 18-20 ياشلار چامىسدا بۇ ياشلارنىڭ ئۇلارنىڭ خېلى خورلۇق تارتقانلىقى ئۇلارنىڭ يېشىغا ماس كەلمىگەن يىغىسىدىن بىلىنىپ تۇراتتى ، ئۇلارنىڭ دىيشچە ئۇلار بۇ ئۆمرىدە پاختا ئۈزۈپ باقمىغان بولغاچقا ئۇلارنىڭ پاختا ئۈزۈشى يولداشلىرىمىزغا يارىمىغان ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھېلىقى ئىش بېشى بولغان كىشىگە بۇ ياشلارغا گەپ قىلىشقا بۇيرىسا ، ئىش بېشى بۇ ياشلارنى ئىززەت غۇرۇرىغا تىگىدىغان سەت گەپلەر بىلەن تىللىغان ، شۇنىڭ بىلەن ئىچى كۈچلۈكرەك ياشلار قايتىپ كىتىشنى تەلەپ قىلسا ، ئۇلارنى ئۇرغان ھەم ئۇلاردىن يۇرتىدىكى يېزا باشلىقلىرىغا تۆلىگەن ئەمگەك كۈچى چىقىرىش نەپىقە پۇلى ۋە يول كىرا ، تاماق پۇلى دىگەندەك پۇللارنى تۆلەشنى تەلەپ قىلغان ، بۇنداق ئەھۋالدا بەزىلەر ئامالسىز ئشلەۋېرىشكە مەجبۇر بولغان بەزىللىرى بىر ئاماللار قىلىپ قېچىپ كەتكەن ، لېكىن بۇ قاچقانلار ئۆيلىرىگە كىتىشكە جۈرئەت قىلالماي تاكى ھەممە ئەمگەك كۈچلىرى ئۆيلىرىگە قايتقىچە ياقا -يۇرۇتلاردا يۈرگەن . ئىزچىل پاختا ئۈزگەنلەرنىڭ ئىش ھەققى بولسا ئاخىرىدا ئالتە ئۈلىشى يول كىرا ، تاماق ، ياتاق ، ۋە ئەمگەك كۈچى چىقىرىش نەپىقە پۇلى ،ئىش بېشىنىڭ ئايلىقى قاتارلىقلارغا تۇتۇپ قېلىنىپ قالغان تۆت ئۈلۈشى قۇلىغا بىرىلىپ يولغا سېلىپ قۇيۇلغان .
ئۇ بالىلارنىڭ دېيىشچە ، يېزىغا يۇقىرىدىن ئاق ھۆججەت چۈشكەنمىش ( ئۇنى ھىچكىشى كۆرمىگەن ) شۇ ھۆججەتنىڭ روھىغا ئاساسەن ، بۇ ئەمگەككە بارمىغانلارنىڭ يەرلىرى تارتىۋېلىنىدۇ ياكى ھاشارغا تۇتىلىدۇ دەپ تەھدىت سالسا يەنە بىرتەرەپتىن ئۇلارنى كۆپ پۇل تېپىشقا قىزىقتۇرۇپ ئالداپ كەتكەن ، ئويلاپ بېقىڭلار قېرىنداشلىرىم ، پۈتۈنسۈرۈك بىر قانۇنى ئىگە ئادەمنى قۇل قىلىپ سېتىۋىتىدىغانغا بۇ يېزا كادىرلىرىغا مۇنداق ھۇقۇقنى كىم بەرگەن ؟
ئارىدىن بىر قىش ئۆتۈپ بىزنىڭ بۇ شاپ بۇرۇت قوشنىمىز ئۆز ئالدىغا "ئىگىلىك "تىكلەپ ، جەنۇپقا بېرىپ ، ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن يېزا باشلىقلىرىنى ئەيۋەشكە كەلتۈرۈپ ، كونا ئۇسۇل بىلەن يەنە بىر تۈركۈم ياشلارنى باشلاپ كەلدى ، ياتاق ، تامىقى بۇ" ئاقكۈڭۈل" قوشنىمىزنىڭ ئۆيىدە بولدى ، ئىش ھەققى تۆت ئۆلىشى ئىش بېشىنىڭ ، قالغان ئالتە ئۆلىشى ئىشلىگەنلەرنىڭ بولدى ، لېكىن بۇنىڭ بەدىلىگە پۈتۈن بىر ياز بۇ ئىش بېشىنىڭ ئېتىز -ئېرىق ، ھويلا -ئارام ئىشلىرىدىن تارتىپ كۈزلۈك ھوسۇللىرىنى يىغىۋېلشقىچە بولغان بارلىق ئىش -كۈشلىرى ھەقسىز ئىلىپ بېرىلدى.
بىر كۈنى چۈشلۈك تامىقىمنى يەپ بۇلۇپ ، ئىشىك ئالدىدا تۇرسام بۇ كىشى بالىلارغا بىر قىشلىق ئۇتۇنىنىڭ ھەممىسىنى يېرىپ تەييارلاتقۇزىۋاتقان ئىكەن ، ئشلەپ ھېرىپ كەتكەن بالىلار چۈشلۈك تامىقى تەييا بولغىچە بۇ ئوغرىغا بىكارغا ئشلەپ بېرىۋاتسىمۇ يەنە بۇ ئىش بېشى رازى بولماي ئۇلارغا ھۆمىيىپ ، قۇپال گەپلەرنى قىلىپ كىرىپ كەتتى . شۇ ئەسنادا مەن ئۇلاردىن ئەھۋال ئىگەللىگەچ ، ئۇلارنى ئۆز ئالدىغا ئىشلىشىنى بۇنداق ھارامخورغا ئەخمەق بولماسلىقنى تەۋسىيە قىلدىم ، كىم بىلسۇن بۇلارنىڭ تەقدىرىمۇ ئالدىنقى قېتىمقى بالىلارنىڭكىگە ئوخشاش بۇلۇپ چىقتى ، ھەتتا باشقا ئادەم ئشلەتكۈچىلەر بۇلارنى ئشلەپ بىرىشكە تەكلىپ قىلسا بۇ كىشى بۇ ئىش ھەققىلىرىنىمۇ ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان . كۈزلۈك يىغىم ئاخىرلىشىپ بۇ بالىلار ئۆيىگە قايتىدىغانغا نەچچە كۈن قالغاندا ئاشخانىدا تاماق يەۋاتقان يەردە بۇ ئىش بېشىنىڭ ھاراقكەش ئاغىنە يولداشلىرى بۇ بالىلارغا ھاراق تۇتۇش سەۋەبلىك ئۇلارنى بىكادىن بىكارغا ئۇرىۋالغان ، بۇ ئىش بېشىمىز بۇلارغائىگە بۇلۇش بىرياقتا تۇرسۇن بۇ ياشلارنى ئەيبلەپ كەتكەن ، مۇشۇ يەردىكى ئۆزىمىزنىڭ قېرىنداشلىرى ئارىغا چۈشۈپ شۇ ھاراقكەش يولداشلارنىڭ تاناۋىنى بىر تارتىپ ، بۇ نائەھلى ئىش بىشىنىمۇ تازا بىر تەنبىھلەپ ، بۇ ياشلارغا ئىگە بولغان .، ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ ئەلەمگە چىدىمىغان بۇ ياشلار ئىش ھەققىنى تۇلۇق ئېلىشقا ئۈلگۈرمەي يۇرتىغا قايتقان ، بار پايدا بىزنىڭ" ئەقىىللىق" ئىش بېشىغا بولغان .

2> يەنە بىر ئۆزىنى بۇيۇرۇتنىڭ نوچىسى سانىۋالغان بىر نائەھلى ، بىر فابرىكىنىڭ پاختا چۈشۈرۈش ئىشىنى كۆتىرە ئالغان بۇلۇپ ، بىر تۈركۈم سىرىتتىن بۇ يۇرۇتقا ئشلىگىلى كەلگەن بالىلارنى ئۇزۇن مەزگىللىك ئىش بار ، ئىش ھەققى يۇقىرى ، ياتاق تاماقنى كۆتىرىمەن دەپ ئالداپ ئىشلەتكەن . ئاخىرىغا بارغاندا بۇ بالىلار ئىش ھەققىنى تۇلۇقى بىلەن ئېلىش بىرياقتا تۇرسۇن ، ھارام تاياق يەپ ، يۈرەكلىرى سۇ بۇلۇپ قايتقان …
بۇ نوچى ئۆزىنى بۇ يۇرۇتنىڭ نوچىسىمەن دەپ پەش قىلىپ ، بۇ بالىلارنى خالىغانچە ئۇرۇپ ، قاقتى – سوقتى قىلدى ، ئىنتايىن ناچار ياتاق ، تاماق شارائىتىدا كۈنىگە 15-16 سائەت قەرەلى يوق ئۇرۇپ تىللاپ ئىشلەتتى ، تويغىچە تاماقمۇ بەرمىگەن ، ئېغىر ئاغرىپ قالغىنىغا ، قاتتىق چارچىغىنىغا پەرۋامۇ قىلمىدى ، كىمدەكىم ئۇنىڭغا ھۆرى -پۆرى قىلسا بۇ يۇرۇتتىن ئۆلىكى چىقىدۇ دەپ تەھدىت سالدى ، خورلۇققا چىدىماي ئىشلىمەيمەن دىگۈچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بەرمەك يوق ، قوغلاپ يۈرۈپ ئۇرۇپ ئۆزىگە يېقىن يۇلىماس قىلىۋەتتى ، شۇنداق قىلىپ 4-5 كۈندە بىر قېتىم ئىككى -ئۈچ ئادەمنى ھەقسىز ئىشلىتىپ ئالماشتۇرۇپ ، ھارامدىن ئۆزىنىڭ يانچۇقىنى تومپايىتتى ، ئىزچىل ئىشلىگەنلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بۈلۈپ بىرىپ قىسىۋېلىش ياكى سايىسىنى كۆرسەتمەي قېچىپ يۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىلىۋالدى…

بۇنداق ئەھۋاللار باشقا يۇرۇتلاردىمۇ بۇنىڭدىن كۆپ ئۇچرايدۇ ، بۇنىڭدىنمۇ ئېغرراقلىرىدا ھەتتا ئۆلۈم يىتىم ئەھۋاللىرىمۇ ئۇچرايدۇ ، لېكىن كۆپچىلىك شۇنىڭغا ئىشىنڭلاركى يۇقارقىلار ھرگىزمۇ مۇبالىغە ئەمەس ، كۆزىمىز بىلەن كۆرگەن ئىشلار ، شۇ سەۋەبلىك مەن سىىرىتلارغا ئىش ئىزلەپ چىقىدىغان دوسىتلارغا بىرقانچە ئىشنى تەۋسىيە قىلىمەن ، ياردىمى تىگىپ قالار دىگەن ئۈمىدتە مەن !
ئاللا سىزگىمۇ بىر كاللا ئاتا قىلغان ئىكەن ، سىزمۇ ئۇنى ۋاقتىدا ، دەل جايىدا ئىشلىتىڭ . بەزىلەر قانۇن ئارقىلىق مەنپەئەتىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىدۇ ، بۇ خىل ئۇسۇل توغرا بولسىمۇ لېكىن ، نۇرغۇنلىغان ئالدامچى ، نامدا بار ئەمەلدە يوق ، شىركەتلەر ۋە خوجايىنلارنىڭ بۇنداق ساختا ئېلانلىرىنى ھۈكۈمىتىمىزنىڭ ھەرخىل تەشۋىقات ئاپپاراتلىرى(تېلىۋوزور ، گېزىت – ژورناللىرى )دا بەرگەن ساختا ، چاكىنا ئېلانلىرىنى توسۇپ ئالالمىغان بۇ قانۇن گېزى كەلگەندە سىزگە ھىچ ئىش قىلىپ بىرەلمەسلىگى مۈمكىن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق تۇلۇق توختام ئاساسى يوق ، يېتەرلىك قانۇنى پاكىتلىرى يوق ، ئەھۋاللارغا دۇچار بولسىڭىز سىزگە ۋە سىزنىڭ ئىش ھەققىڭىزگە ئىگە بۇلىدىغان ياخشى قانۇن ئىجراچىسى تاپالمايسىز ، ئۇلار بەكلا "ئالدىراش " ھەتتا سىزگە چولىسى تەگمەيدۇ .
مەيلى توپ ياكى يەككە ئىش تېپىڭ ، چۇقۇم قىلىدىغان ئىشىڭىز ، ئىش ھەققى ، ئىش ھەققىنى بەرگۈچى ، بېرىش ۋاقتى ئېنىق بولسۇن ، بولمىسا يۇقارقىدەك ئالدامچى مەلئۇنلارنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ كىتىدىغان ئىش چىقىدۇ . قان تەرىڭىز بىكاردىنلا باشقىلارنىڭ بۇلۇپ كىتىدۇ ، بۇ نائەھلى ئىش باشلىرىمۇ ھالال كۈچىگە تاينىپ پۇل تاپسۇن سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئالال ئەمگەك مىۋىڭىزگە ئۆزىڭىز ئىگە بۇلۇڭ ! چۈنكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئۇرۇن ياكى شەخىسلەر سىزنى ئەمگەك كۈچلىرى بازىرىدىن ياكى ئىختىساسلىقلار بازىرىدىن ئاسانلا تېپىۋالالايدۇ ، بۇنداق شەكلى ئۆزگەرگەن ئادەم بىدىكچىسى ئىش باشلىرىنىڭ سىزنىڭ بۇرنىڭىزدىن يىتىلەپ يۈرۈشىنىڭ زۆرۈريىتى يوق .
شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، يۇقىرىدىن ھىچقاچان ئەمگەك كۈچلىرىنى خالىغانچە باشقا ئۇرۇنلارغايۆتكەش ياكى سېتىش دىگەندەك چاكىنا ، يولسىز ھۆججەتلەر چۈشمەيدۇ ، يېزا كادىرلىرىنىڭ سىزنى مەجبۇرلىيالايدىغان ھۇقۇقى يوق ، سىزنىڭ ئىشلىگەن قان تەرىڭىزنى ئەمگەك تۇنۇشتۇرۇش نەپىقە پۇلى دەپ ئېلىۋالىدىغانغا ئەسلا ھەققى يوق .
ئامال بار قەغەز يۈزىدە توختام يۈزۈڭ ، كىرا پۇلى ، تاماق ، ياتاق پۇلى دىگەنلەر ئىش ھەققىنىڭ ئىچىدىمۇ ياكى ئايرىممۇ ، ئېنىق بولسۇن ، توختامنىڭ ئىچىدىمۇ ئۇچۇق ئەسكەرتىلسۇن ، بولمىسا ئاخىرىغا بارغاندا گىپىدىن يېنىۋالىدىغان ، ئالدىنىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ .
كۆپچىلىكنىڭ بۇنىڭدىن باشقا ياخشى چارە ئاماللىرى بولسا ئاشۇ ئىشچان قېرىنداشلىرىمىزغا ئەسكەرتىپ قۇيۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن !

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : زامانىمىزدىكى مۇنداق ئىش بېشىلىرىدىن ھەزەر ئەيلەڭ !

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!2 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. Yuksel مۇنداق يازغان:

    ھەقىقەتەن ئاگاھ بولۇشقا تېگىشلىك ئىش ئىكەن. داۋامىغا قاراپ قالدۇق ئەمسە…

  2. yolqi مۇنداق يازغان:

    inftar ئەپەندىنىڭ يۈكسەل بلوگىنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىسى ئىكەنلىكىدىن بەكمۇ سۆيۈندىم. بىزگە دەل سىزگە ئوخشاش ئۆزى ۋە گېلى ئۈچۈن ئەمەس مىللىتى، قوۋمى – قېرىنداشلىرى ئۈچۈن قەلەم تۇتىدىغان قەلەمكەشلەر كېرەك ئىدى.
    ئۆسمۈر – بالىلارنى ئالداپ ئىچكىرگە ئاچقىپ، ئوغرىلىق ، بۇلاڭچىلىققا سالغان ئادىمىي سىياق ھايۋانلاردىن كۆڭلىمىز پۇچلىنىپ، باشقىلار نەزىرىدىكى ئوبرازىمىز خۇنۈكلىشىپ كېتىۋاتقاندا، ئەمدى يۇقىرىدا سىز دېگەندەك < < قانۇنلۇق >> ئەمگەك كۈچى بېدىكلىرى چىقىپتۇ – دەڭ ؟! … بۇ تېمىنى ھەقىقەتەنمۇ دەل ۋاقتىدا يوللاپسىز ، بارلىق تورداشلار ئوقۇپ ئىبرەت ئېلىشى، دوست بۇرادەرلىرىگە تەشۋىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتا ھۇشيار بولمىقى لازىم ئىكەن. ئەجرىڭىزگە ھەشقاللا !
    يۈكسەل بلوگىدا يازمىلىرىڭىزنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن!

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟