نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

تور ئارقىلىق ئاۋام رايىنى ئىگىلەشنى ئۆگىنىش كېرەك

توردىكى زىيانلىق ئۇچۇرلارغا ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ زەربە بېرىش قانۇنسىزلىقتۇر

پارتىيىمىزنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان << خەلق گېزىتى >> گە 6 – فېۋرال مەكزىي پارتىيە مەكتىپىدىكى بىر تەتقىقاتچىنىڭ ماقالىسى بېسىلغان بولۇپ، ماقالىدە ئەمەلدارلارنىڭ توردىكى زىيانلىق ئۇچۇرلارغا ئومۇم بەرگەن ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ زەربە بېرىشىنىڭ قانۇنسىز قىلمىش ئىكەنلىكى كۆرسىتىپ ئۆتۈلدى.

ماۋزۇسى << تور ئارقىلىق ئاۋام رايىنى ئىگىلەشنى ئۆگىنەيلى >> دەپ قويۇلغان بۇ ماقالىنىڭ ئاپتۇرى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ پروفېسسورى 刘素华  ئەپەندى بولۇپ، ماقالىدا تورنىڭ سىياسى رولى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ << تور ئاۋام رايىنى يەتكۈزىدىغان، ئاۋامنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان، چىرىكلىكنى قامچىلايدىغان ئەڭ ياخشى ۋاسىتە بولۇپ قالدى. >> دەپ كۆرسىتىلگەن.

مۇئەللىپ يەنە، تور ئارقىلىق ئاۋامنىڭ رايىنى ئىگىلەشنى ئۆگىنىش، ئاممىنىڭ گۇمانىي نۇقتىلرىغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇش نۆۋەتتىكى ئەمەلدارلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئاساسىي ساپا بولۇپ قالدى، دەپ يازىدۇ.

ماقالىدە يەنە، نۇرغۇن ئەمەلدارلار يەنىلا  تورغا بىرقەدەر قارشى پوزىتسىيىدە، ھەتتا تورنى توپان بالاسىدەك يامان كۆرىدۇ. ئۇلار تورنى ئاممىنى قۇترىتىدىغان ۋاسىتە ، دەپ قارايدۇ. ئەگەر تورغا ئۆزىگە پايدىسىز ئۇچۇرلار چىقىپ قالسا، دەرھال تور يازمىسىنى ئۆچۈرۈپ، يازغۇچىسىنى سۈرۈشتە قىلىشقا چۈشىدۇ. شۇنداقلا، ئومۇم بەرگەن ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ تور يازمىسى يازغۇچىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، ئۆچ ئېلىش قەستىدە بولىدۇ. بۇ خىل قىلمىش تولىمۇ ئاقىلانە بولمىغان قىلمىش بولغاننىڭ ئۈستىگە قانۇنسىز قىلمىشتۇر. دېيىلىپ، بىر قىسىم ئەمەلدارلارنىڭ ئۆز ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ توردىكى ئۆزلىرىگە زىيانلىق ئۇچۇرلارغا زەربە بېرىش قىلمىشى قاتتىق تەنقىد قىلىنغان.

ئاپتۇرنىڭ قارىشىچە، گەرچە توردا بىر قسىم ھەقىقىي بولمىغان ئۇچۇرلار ياكى ھۆكۈمەتكە قارا چاپلايدىغان ، تۆھمەت قىلىدىغان ئۇچۇرلار مەۋجۇد بولسىمۇ، مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى يەنىلا ھۆكۈمەتنىڭ مەسىلىلەرنى بىرتەرەپ قىلىشىنىڭ دەل ۋاقتىدا بولماسلىقىدا ئىكەن. ھۆكۈمەتنىڭ نوپۇزلۇق تاراتقۇلىرى ئارقىلىق ئىشنىڭ ماھىيىتىنى ئاشكارىلاش يېتەرلىك بولمىغاندا، توردا ۋە ئاۋام ئارىسدا ئوڭايلا  ساراسىمىگە چۈشۈشتەك ناچار تەسىر پەيدا بولىدىكەن.

مەنبە: خەلق تورى| 人民网

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : تور ئارقىلىق ئاۋام رايىنى ئىگىلەشنى ئۆگىنىش كېرەك

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!2 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. شەمسىيە ئەبەيدۇللا مۇنداق يازغان:

    تىزىملىتىش بەسىي مۈشكۈل ئىش بولدى!پەقەت تىزىملىتالمىدىم!!!‹تىزىملىتىش ھاجەتسىز،بىۋاستە ئاكتىپلىسا بولىدۇ›دىگەن گەپنى چۈشەنمىدىم

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      شەمسىيە ئەبەيدۇللا ھەدىمىزنىڭ يۈكسەل بلوگىمىزغا باسقان قەدەملىرى قۇت بولغاي!
      دەرۋەقە، يۈكسەل بلوگقا تېزىملىتىش بىھاجەت، پەقەت ئىنكاس رايونى ئاستىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپلا پىكىر قاتناشتۇرۇشقا بولىدۇ.

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟