نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > نادىر تەرمىلەر
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

5 پارچە رەسىم …

تۆۋەندىكى رەسىملەر بەلكىم سىزنى غىدىقلىشى، يېڭىچە خىيال – تۇيغۇلارغا يېتەكلىشى مۇمكىن. رەسىم كۆرگەچ ئويلىنىپ كۆرۈڭ ، خالسىڭىز كۆپچىلىك بىلەن كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىڭىزنى ئورتاقلىشىڭ!…

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : 5 پارچە رەسىم …

خەتكۈچ: ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!14 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ئۇيغۇرتېكىن مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، يۈكسەل ئەپەندىم !
    بۇ بەش پارچە رەسىمدىن سىلىنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىرى ، بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزنى نېمىگە دەۋەت قىلىپ ، نېمىدىن توسماقچى بولغانلىرى ناھايىتى ئېنىق چىقىپ تۇرىدىكەن . ئۆتكەندە سىلى ‹‹كۈنسېرى سارغىيىۋاتقان ئۇيغۇر تورلىرى ›› دېگەن بىر تېما يوللىغان ئىدىلە ، بۈگۈن بلوگرىغا كېرىپ مەزكۇر تېمىدىكى بەشىنچى رەسىمنى كۆرۈپ ‹‹ سارغايغان ئۇيغۇر بلوگلىرى ›› دېگەن بىر تېمىنىڭ كەملىكى ھېس قىلىپ قالدىم . بىز ۋە سىلىنىڭ مەقسىتىمىز ناھايىتى ئېنىق ، لېكىن بىز ئۆز مەقسىتىمىز بۇنداق ‹‹ سېرىق ›› بويىچە ئەمەس بەلكى پاكىز ، سۈزۈك يول بىلەنمۇ ئىپادىلىيەلەيمىز ، ئەمەسمۇ ؟

    بۇ تېمىدىكى بەشىنچى رەسىمنى يوللاشلىرى خۇددى ئۆزلىرىنىڭ ئالدىنقى تېمىدا دېگەندەك ‹‹ ئوچۇق ئاشكارا سېرىق – شەھۋانىي نەرسىلەرنى يوللاشتىن ›› ئۆزگە ھېچنىمىدۇر . سىلى ئولجىنى توغرا تاللىغان بولسىمۇ ، ئەمما ۋاسىتىنى تالاشقا كەلگەندە سەل ئالدىراقسانلىق قىلىپ قالدىمۇ قانداق ؟

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      ئالدى بىلەن، بلوگگىر دوستىمىز ئۇيغۇر تېكىننىڭ دادىل تەنقىدىي پىكىر بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز.
      ئەمدى، ئۇيغۇر تېكىن ئەپەندى تىلغا ئالغان ‹‹ سارغايغان ئۇيغۇر تورلىرى ›› ۋە ‹‹ ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرىغا ئوچۇق خەت ›› قاتارلىق ئۇيغۇر تورچىلىقىمىزدىكى شەھۋانىيلىقنى توسۇشقا بېغىشلانغان تېمىلىرىمىزغا كەلسەك، بىز يۇقارقى تېمىلىرىمىز بىلەن نۆۋەتتىكى تېمىمىزنى ئۆز – ئارا زىت كېلىدۇ ، دەپ قارىمايمىز. قارىغاندا، ئۇيغۇر تېكىن ئەپەندى بىلەن مەسىللەرنى تونۇش ۋە ئۇنى پىكىرلەش جەھەتتە پەرقىمىز چوڭ بولسا كېرەك. بىز ئاۋۋالقى تېمىلىرىمىزدا ئۇيغۇر تورلىرىدا ئەدەپ قېلىۋاتقان شەھۋانىيلىشىش دولقۇنىنى توسۇش ئۈچۈن جان جەھلىمىز بىلەن چوقان سالغان بولساق، مەزكۇر تېمىمىزدا ھەم ئۆزىنىڭ يولىنى تاپالماي ناتوغرا جىنسىي قىلمىشلارغا مەستخۇش بولۇپ يۈرۈۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى توغرا يولغا قايتىپ كېلىشكە چاقىردۇق. ئۇلارنىڭ تاپتىن چىققان جىنسىي ئەسەبلىرىگە مۇزدەك سوغۇق سۇ چاچتۇق …
      ئەيدىز (AIDS) نىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتىنى زادى قانداق ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىش ھەر يىللىق دۇنيا ئەيدىز يىغىنى (World AIDS Conference) نىڭ مۇھىم زىددىيەتلىك تېمىلىرىدىن بىرى. دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىنىي ، ئەخلاقىي قاراشلىرىدىكى پەرقلەر تۈپەيلى تاكى ھازىرغىچە بۇ ھەقتىكى تالاش – تارتىش ئاخىرلاشقىنى يوق. ئەيدىز(AIDS) يىغىپ كەلگەندە ئىنسانلارنىڭ قىلمىشىدىن كېلىپ چىققان كېسەللىك. %100 ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ. ئەمما،پەقەت پەن – تەتقىقات نەتىجىسى ۋە تېببىي ئامال چارىلەر ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە زەھەر چېكىشكە ئوخشاش قىلمىشلىرىنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس. مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى يەنىلا ئادەمنىڭ ئىدىيە – قارىشىدا. ئەمما، ئىنسانىيەت بارلىققا كەلگەندىن ئىتىبارەن ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش شەكلى ۋە ئەخلاق قاراشلىرى جەھەتتە ئىدىيىسى ھېچقاچان بىرلىككە كېلىپ باققان ئەمەس.
      نۆۋەتتە، شىنجاڭ جۇڭگودىكى ئەيدىز (AIDS) يۇقۇمى ئېغىر رايونلارنىڭ بىرى، ھالبۇكى ئۇيغۇرلار مەزكۇر رايوندىكى باشقا مىللەت كىشىلىرىگە قارىغاندا ئەيدىز (AIDS) يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچرىماقتا . بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بىزنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىمىز يېتەرسىزمۇ ياكى ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات ئۇسۇلىمىزدا مەسىلە بارمۇ؟ ۋە ياكى مەسىلە ئۆزىمىزنىڭ بۇ خىل تەشۋىق – تەربىيىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىمىزدىمۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئوخشاش بىر ماكان ، ئوخشاش ئوقۇش شارائىتىدىكى ئوخشىمىغان مىللەتتىن بولغان ياشلارنىڭ ئەيدىز ھەققىدىكى بىلىش دەرىجىسى شۇنچىۋالا زور پەرق قىلىدۇ؟ (بۇ ھەقتە بىز ئىلگىرى ئېلان قىلغان ‹‹ ئەيدىز ۋە دىيارىمىزدىكى ياش – ئۆسمۈرلەر ›› دېگەن يازمىغا نەزەر سېلىڭ!) دىنىي ، ئەخلاقىي قارىشى كۈچلۈك بولغان بىزنىڭ كىشىلىرىمىزدە يەنە نېمە ئۈچۈن ئەيدىز باشقا كىشىلەرگە قارىغاندا بەكرەك يامرايدۇ ؟! …
      مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئويلىنىشىمىزغا تېگىشلىك بولىۋاتقان مەسىلىلەردۇر. بىزمۇ ھەم ئىزچىل تۈردە ئۆزىمىزگە يەنى ئۇيغۇر خەلقىگە ماس كېلىدىغان ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات ئۇسۇلى ئۈستىدە قېتىرقىنىۋاتىمىز. قانداق قىلغاندا ئامما قوبۇل قىلالايدىغان ھەم ئۇنىڭدىن ئەمەلىي نەپ ئالالايدىغان بىر تەشۋىقات شەكلىنى تېپىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز. ئەمما، ئاينى ئېتەك بىلەن ياپقىلى، بېگىزنى قاپتا يۇشۇرغۇلى بولمىغاندەك، بەزى گەپلەرنى دېمەي، بەزى كۆرۈشكە تېگىشلىكنى كۆرسەتمەي ، كۆزلىگەن ئۈنۈمگە يېتىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. كۆڭۈللەرگە ئايانكى، بىز دېمىگەن بىلەن كىشىلىرمىز ئارىسىدا قالايمىقان سادىر بولىۋاتقان جىنسىي قىلمىش ھەرقاچان توختاپ قالغىنى يوق، بەلكى ھە دېگەندەك ئەدەپ كېتىۋاتىدۇ. ‹‹ جىنسىي ئەركىنلىك ›› شۇئارىنىڭ بازىرى مۆلچەرىمىزدىن كۆپ ئاۋات. سىز ئالىي ئۇقۇللاردا زېھنىنى ئوقۇشقا قاراتماي ياتاق ئېچىشقا بەنت بولۇپ يۈرگەن ياشلىرىمىزغا نەزەر تاشلاپ بېقىڭ، يېزا- قىشلاق ، ناھىيە بازارلىرىمىزدىكى تۈرلۈك يۇيۇنۇش ئورۇنلىرىدا تىمىسقىلاپ يۈرگەن نادان دېھقانلىرمىزغا قاراپ بېقىڭ، شەھەرلىرىمىزدىكى ھورمۇنچا ، ئالىي مىھمانسارايلاردا قۇشلاپ يۈرگەن بايۋەتچىلىرىمىزگە نەزەر تاشلاپ بېقىڭ! شۇندىلا بىزنىڭ 5 – پارچە رەسىمنى نېمە ئۈچۈن يوللىغانلىقىمىزنى چۈشىنىپ يېتەلەيسىز! ئەجىبا، ئۇلار بۇ ئىشلارنىڭ خاتالىقىنى، ئەخلاق ۋە دىنىي پرىنسىپلارغا مۇغالىپ ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىگە ياخشى نەتىجە ئېلىپ كەلمەيدىغىنىنى بىلمەمدۇ؟! …تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئۇلار بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىنى بىلىشىدۇ. ئەمما بۇ خىل بىلىش ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى توسۇشقا ناقابىل. دەل شۇ ۋەجىدىن ئۇلار قاتتىق بىر سىلكىش ۋە تۈرۈتۈشكە مۇھتاج ، دەل شۇ ۋەجىدىن بۇ ئەڭ ئاستىدىكى 5 – پارچە رەسىم ئەشۇ قېرىنداشلىرىمىز ھوزۇرىغا سۇنۇلدى…

  2. bohran مۇنداق يازغان:

    قارىغاندا بەزى تورداشلىرىمىز بۇ رەسىمنى قۇبۇل قىلالمىغان ئوخشايدۇ.بۇ رەسىمنى كۆرۈپلا تورداشلارنىڭ قۇبۇل قىلالماسلىقىدىن ئەنسىرىگەنتىم، ئاخىرى شۇنداق بولۇپتۇ.مېنىڭ قارىشىمچە، ناھايىتى ئېنىقكى بۇ رەسىمنىڭ ئىپادىلىمەكچى بولغىنى ئەيدىز جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقىدۇ دىگەن ئۇچۇرنى بەرمەكچى. بولۇپمۇ كۆپ جىنسى ھەمراھلىق بولۇشنىڭ ئەيدىزنى يۇقتۇرىۋېلىش خەۋپىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەۋاتىدۇ. ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن يازمىلىرىمىزدا دەپ كېلىۋاتىمىز، ھازىر دىيارىمىزدىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش يۈزلىنىشى زەھەرلىك چېكىملىكتىن يۇقتۇرىۋالغانلار ئازلاپ، جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقتۇرىۋالغانلار كۆپىيىپ كېتىپ بارىدۇ، كۆپچىلىك كىشىلىرىمىزنىڭ چۈشەنچىسىدە ئەيدىز يەنىلا پەقەت زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ ئارىسىدىكى كېسەللىك، ئەمما ھازىر رىئاللىق ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى جىنسى پائالىيەت ھەر قانداق بىرىمىزدە بار، خەتەر ھەر بىرىمىز ئۈچۈن ئەتىراپىمىزدا مەۋجۈت دىگەن گەپ، قاچانغىچە جىنىس دىگەن گەپنى ئاڭلىساقلا ئۆڭۈپ تىللاپ يۈرۈيمىز؟! جىنسىيەت توغىرسىدىكى بىلىمىمىزنىڭ كەملىكىدىن ئوخشاش ماكان ۋە زاماندا ياشاۋاتقان ھەر خىل مىللەتلەر ئىچىدە بىزنىڭ ئادەملەرنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغىنى ئەڭ كۆپ، مىللىتىمىزئەنئەنە، ئەخلاق تەربىيىسىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ جىنسىيەت تەربىيىسىگە سەل قارىغان،ئەخلاق تەربىيىسى مىللىتىمىزنىڭ تۇرمۇش، ئائىلە ۋە سەنئەتكىچە ھەممە بۇلۇڭ پۇشقاقلارغا سىڭىپ كەتكەن، شۇنداق تۇرۇغلۇق ئەنئەنە ۋە ئەخلاققا مۇخالىپ ئىشلار بىزدە قىلچىلىك ئاز ئەمەس.مەسىلىنىڭ سەۋەبلىرىنى ۋە باشقىچە ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى ئويلاپ بېقىشىمىز كېرەك. بىز بۇ يەردە شەھۋانىيلىقنى تەرغىپ قىلمايمىز،بەلكى جىنسىيەت ۋە ئەيدىز توغىرسىدىكى توغرا بىلىم، ئۇچۇرلارنى كۆپچىلىككە يەتكۈزىمىز ھەم ئورتاقلىشىمىز. ئوخشىمىغان نۇقتىدا تۇرۇپ كۆپچىلىككە بىلىم ۋە تەربىيە بېرىش ئۈچۈن بەزىبىر مۇۋاپىق دەپ قارىغان ئۇسۇللارنى سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارايمىز. كۆپچىلىك تورداشلارنىڭ داۋاملىق ئۆز پىكىرىنى ئايانماي ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.

  3. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    كەمىنە ئۇيغۇربەگمۇ تونجى قېتىم مەزكۇر يازمىنى كۆرگەندە ئۇيغۇرتېكىن ئەپەندىدەك خىيالدا بولۇپ،گەپلىرىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ چىقىپ كەتكەن ئىدىم…ھېلىھەم شۇ قاراشدا ئولتۇرىمەن…

  4. بىرزات مۇنداق يازغان:

    شۇ قاراشلىرىدا تېخىچە شۇ 5-رەسىمگە قاراپ ئولتۇرغان ئوخشىماملا؟ :mrgreen: (بۇ چاخچاق)
    بۇ رەسىمگە دەمال تېزلا قاراپ سالغان ئادەم يېنىمدا بىر كىم بار بولغىيمىتى دەپ ئۆزىدىن خۇدۈكسىرەپ ئەتراپىغا قاراپ سىلىشى ئىنىق. ئەمما بۇ رەسىمگە شەھۋەت نەزىرىدە ئەمەس، بەلكىم ئۆزىنىڭ ھالال جۈپتىدىن ھالقىغان چىكىدىغان ئاشقان گىرەلەشمە جىنسىي مۇناسىۋەت، جىنسىي ھەمراھلارنىڭ چەكلىمىسىز كۆپ بولۇشى سەۋەبلىك ئەيدىزنىڭ (توغرىسى ئەشۇ گېرەلەشمە جىنسىي ئۈلپەتداشلار) ئىنسانلارنىڭ شەرەپ -نۇمۇسى، ھاياتى، ئەۋلات-نەسلىگە كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز ئېغىر كۈلپەت سىلىۋاتقانلىقىغا نىسبەتەن ئىبرەت كۆزىدە قارىسا بۇ سۈرەتنىڭ نۇرغۇن پايدىلىق نەسىھەتلەردىن قىلىشمىغۇدەك ئوبرازى بىلەن ئۈنۈمىمۇ ياخشى بولغۇدەك دەپ قارىدىم. ئەيدىز تەشۋىقاتىنىڭ تەخىرسىز، مۇۋاپىق بولغان ھەر خىل ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ، ھەممە كۆڭۈل بۆلۈپ بىردەك ھەركەتكە كەلمىسەك بولمايدىغان ئېغىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىمىز زۆرۇر. يۈكسەل ئەپەندىم ئۇيغۇر مىللىتىگە ماس كەلگۈدەك تەشۋىقات ئۇسۇلى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتىمىز دەپ ئىپادە بىلدۈرۈپتۇ. ئەنە شۇ ئۇسسۇلنى تېپىپ چىقىپ بولغۇچە ئىشلار بەزىدە بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزنىڭ قارىشىسىدىن چىقىپمۇ قالىدۇ. يۈكسەل ۋە بوھران ئەپەندىلەرنىڭ ئەيدىز تور تەشۋىقاتى ھەققىدە كۆرسىتىۋاتقان خىزمەتلىرى، بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرىگە كۆرە بۇلارنىڭ ئۇيغۇرغا ماس كەلگۈدەك ئۈنۈملۈك ئەيدىز تەشۋىقات ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقالىشىغا ئىگەم مەدەت بەرگەي!
    مۇنداق بىر ھېكايە ئاڭلىغان ئىدىم. سەل سەترەك بولسىمۇ ئېيتىۋىرەي:
    بىر بۇرادىرىمىزنىڭ داۋاملىق پاھىشخانىغا يۈگۈرەيدىغان بىر تونىشى بولۇپ ئۇ تونىشى توي قىلغاندىن كىيىنمۇ يەنىلا پاھىشخانىدىن قالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ بۇرادىرىمىز ئۇنىڭغا ئېيتىپتۇ. سەن ئەشۇ نۇرغۇن -ساناقسىز ئەرلەر بىلەن بىللە بولغان پاھىشەلەر بىلەن بىللە بولۇپ كىلىپ ئايالىڭ بىلەن بىللە بولساڭ، ئىلگىرى شۇ پاھىشە بىلەن بىرگە بولغان ئەرلەرنىڭ مەينىتىنى ئەكىلىپ پاكىز ئايالىڭنى بۇلغىغان بولمامسەن؟! كۆڭلۈك شۇنى كۆتۈرسە يەنە بارغىن شۇ پاھىشخانىغا … شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ تونۇشى پاھىشىدىن كەسكىن قول ئۈزۈپتىكەن، ھەتتا شۇ سەت گەپنى ئاڭلاپ بىر مەزگىل ئايالىغا تىكىلىپ قاراشتىن ھەتتا ئۆز ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن نۇمۇس قىلغان ئىكەن.
    يۇقۇردىكى رەسىمنى مانا مۇشۇ ھىكايىگە تازا ماس كەپتۇ دەپ ئويلىدى. بەزى ئادەملەرگە چىرايلىق گەپ قىلسا تەسىر قىلمىغان بىلەن مۇشۇنداق ئېغىرراق گەپ قىلسا پايدىسىمۇ بولۇپ قالىدۇ. ئەيدىز بولۇپ ئەۋلاتنى ھالاك قىلغاندىن مۇشۇنداق سەت گەپ ئاڭلىغان ئەبزەلرەك.

  5. ئۇيغۇرتېكىن مۇنداق يازغان:

    بىرزات ئەپەندىمنىڭ سۆزلىرى ئادەمنى قايىل قىلىدۇ ، ئەمما بۇ ئۆز نۆۋىتىدە بىر ‹‹ مەتبۇئات ›› بولغان ئىكەن ، ئېغىزدىكى سۆلەردىن پەرىقلىنىپ تۇرۇشى كېرەك ئىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇكسەل ئەپەندىم ، يۈكسەل بلوگىغا ‹‹ ئەيدىز بىمارى ، ياكى چوڭ ئادملەر ›› كېرىدۇ دەپ ۋەدە بېرەلمەيدۇ ، بەلكىم بۇ بلوگقا بەزى كېچىك ، بارەسىدە بالىلىرىمىز ۋە پەرزەتنىتلىىرمىززمۇ كىرىپ قىلىش مۇمكىن . ئەگەر ئۆيدە تېلېۋېزۇر كۆرۈۋاتساق مۇشۇنداق كۆرۈنۈش بولۇپ قالسا ، ئاتا – بالا ئولتۇرۇپ كۆرگىلى بولامدۇ ؟ يەنىلا ئىسلامىي ئەخلاق دېگەن ، ھەي !

  6. بىرزات مۇنداق يازغان:

    بۇ مەسىلىنى يەنە مۇنداقراقمۇ ھەل قىلساق بولىدۇ، يەنى يۇقۇردىكى گېرەلەشمە جىنسىي ئۈلپەتداشلارنىڭ رەسىمىنى بەلنىڭ تۆۋىىدىن ئۈزۈپ يۇقۇرىسى، يەنى ئۆزىگە ھالەكەت تىلەۋاتقان قوللارنى چىقىرىپ قويايلى. بۇ تەشۋىقات خەلقئارا ئۆلچەمگە توشمىسىمۇ خەلقىمىزنىڭ قىممەت قارىشى، ئەخلاق قارىشىغا ئاز تولا بولسىمۇ چۈشۈپ قالار.

  7. بىرسى مۇنداق يازغان:

    مېنىڭچە ، ئاشۇ رەسىمدە بەلنىڭ ئاستىنى كېسىۋەتسە ، بەكرەك مۇۋاپىق بولاتتى .

  8. بىرزات مۇنداق يازغان:

    بۇ يوللانمىدىكى باشقا سۈرەتلەر ھەققىدىمۇ مۇلاھىزە يورۇتۇپ باقمايمىزمۇ؟!!
    بۇ دۇنيا ئەيدىز يېغىنى يەنە بىر نېمە تەشكىلاتى دېگەنلەرمۇ قىززىق ئىكەن. ماۋۇ 5- سۈرەتتە كۆپ جىنسىي ھەمراھى بارلارنى مازاق قىلىپ ئاچچىق تەنبىھ بىرىپتۇ يۇ ئاۋۇ ‹‹قۇرال›› تۇتۇۋالغان ئەركەكلەرنىڭ ئەيدىز تەشۋىقات رەسىمىدە ‹‹جەڭ›› گە ھېچقانداق قوغدىنىش سايمانلىرى بولمىغان ئەھۋالدا جەڭگە كىرمەسلىككە، ئەتراپىدىكى ‹‹ ئەسلىھەلىرى›› تولۇق ئەركەكلەردەك تولۇق قوراللىنىپ ‹‹جەڭ›› گە كىرىشكە ئىلھام بىرىپتۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە ئىنسانلار تىنىچلىققا موھتاج، قالايمىقان ‹‹ جەڭ›› قىلىپ ئۆزۈڭنى ھەم ئۆزگىلەرنى ھالاك قىلغۇچە كۆتۈڭنى قىس دەپ تەشۋىقات ئىشلىسە بولمامدىغاندۇ دەيمە…!!!

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      دەل سىلى ئېيتقاندەك، دۇنيادا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى ۋە تەشۋىقات شەكلى ھەققىدە تالاش – تارتىشلىق ئىشلار تولا. ھەتتا، بۇ جەھەتتە ھەرقايسى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاپپاراتلىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دىنىي جەمئىيەتلەر، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئارىسىدا كەسكىن ئىختىلاپ – توقۇنۇش مەۋجۇد. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەيدىز پىلان مەھكىمىسى (UNAIDS) دۇنيا بويىچە بار كۈچى بىلەن كاندوم (بىخەتەرلىك قاپچۇقى، تۇغۇتتىن ساقلىنىش قاپچۇقى ،Condom) نى ئومۇملاشتۇرسا، ۋە بۇنى ئومۇملاشتۇرۇش ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مىسلىسىز ئۈنۈمگە ئىگە دەپ قارىسا، دۇنيا خىروستوسلىرىنىڭ پاپىسى ‹‹ بۇ خۇددىي تاماكا ئىشلەپ چىقىرىدىغانلار تاماكىسىغا تاماك چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق، دەپ يېزىپ قويغاندەك بىر ئىش. Condom نى ئىشلىتىش پەرۋەردىگارنىڭ بېكىتكەن تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق، تەبىئيلىككە قارشى قوپقانلىق … ›› دەيدۇ.دۇنيا ئىسلام جامائەتچىلىكىمۇ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا دىنىي ئېتىقاد ۋە ئەخلاقنى كۆپ تەكىتلەيدۇ. Condom نى ئومۇملاشتۇرۇش ھەققىدىكى ئىشلاردىن ئېغىز ئېچىشقا بولمايدۇ…
      شۇنىڭدەك، بىز ئۇيغۇرلاردىمۇ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئەيدىز تەشۋىقاتىنى قايسى خىل رەۋىشتە قىلىش بۇ باش قاتۇرىدىغان ئىش بولۇپ قالدى. ئەمما، دۆلەت بويىچە خەلقئارادىكى بىرقەدەر بىرلىككە كەلگەن ئۇسۇل يۈرگۈزۈلمەكتە. بۇ ئۇسۇللار ئۇيغۇرلارغا ماس كېلەمدۇ يوق ؟ بۇ ھەقتە تېخى سىستېمىلىق ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىلغىنى يوق. دېمەك، بۇ بىزدىكى بوشلۇق. مېنىڭچە، بۇ بوشلۇقنى دۆلەت ۋە تەشكىلنىڭ توشقۇزۇشىغا كۈتمەي، دۆلەت ۋە تەشكىلگە ھەمكارلىشىپ، مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىمىمىزگە ئېلىپ، ئۆزىمىز چامىمىزنىڭ يەتكەن دائىرىسى ئىچىدە توشقۇزۇشقا ھەرىكەت قىلىشىمىز زۆرۈر.
      سىلى تىلغا ئالغان 4 – پارچە رەسىمگە كەلسەك، مەزكۇر رەسىمدە دىمەكچى بولغىنى قالايمىقان جىنسىي ئالاقە گوياكى بىر جەڭ ياكى توقۇنۇش. جەڭ بولغان ئىكەن جەڭگە قورالسىز، قالقانسىز كىرىش ئەخمەقلىق. رەسىمدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى ، ئاۋۇ ئايپاڭباش جەڭگە قورال بىلەن كىرگەن بولسىمۇ ، ھېچقانداق قوغدىنىش كېيىمى كېيمەيلا جەڭگە كىرگەن. دېمەك ئۇنى كۈتىۋالىدىغىنى بەلكىم قارشى تەرەپنىڭ ئوقى بولۇشى ئىھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن.
      ئەمدى سىلىنىڭ نېمە ئۈچۈن بىراقلا ‹‹ جەڭ (قالايمىقان جىنسىي قىلمىش) ›› قىلماڭلار دەپ توسىمايمىز ؟ دېگەنلىرىگە كەلسەك، بىز يۈكسەل بلوگىنى نەشىر قىلغاندىن تارتىپ تورداشلارغا شۇ ھەقتىكى تەربىيەتلەرنى بېرىپ كېلىۋاتىمىز. ئەيدىز ئەدەبىياتى سەھىپىسىدىكى ئەسەرلىرىمىزدىمۇ شۇ خىل دەۋەت يەتكۈچە ئورۇن تاپتى. بۇنىڭسىزمۇ ئالىم – ئۆلىمالىرىمىز سانسىزلىغان ئەسەر-ئۈگۈتلىرىدە ، موللا- خاتىپلىرىمىز تەبلىغ – تەنبىھلىرىدە ئىزچىل مۇشۇ ناشايان قىلمىشتىن ئۆزىنى تارتىش تەكىتلىنىپ كېلىنىۋاتىدۇ. ئەمما، ئەمەلىيەتچۇ ؟! … يەنىلا بىر قىسىم كىشىلىرىمىز بۇ يولدىن ئۆزىنى تارتالمايۋاتىدۇ. ئاز قىسىم نادان دىھقانلىرىمىز جۈمەدە ئاڭلىغان خۇتبىلەرگە تازا تەسىرلىنىپ يىغلىۋېتىپ، جۈمەدىن ياناردا بازاردىكى مۇنچىخانىدا ‹‹ ھەپتىلىك ھاجىتى ›› نى راۋا قىلىپ، قايتىشماقتا. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئۇلارغا يەنە نېمە دەيمىز ؟! … ئۇلارغا يەنە ئۇ ناچار قىلمىشنىڭ يامانلىقى ھەققىدە سۆزلەيمىزمۇ ؟! ئېنىقكى، ئۇ ئالدىمىزدا تۆۋە قىلىپ بولۇپلا ، يەنە شۇ كوچىغا جۆنەيدۇ …
      مانا مۇشۇنداق قېرىنداشلىرىمىز بولغانلىقى سەۋەبلىك 4 – پارچە رەسىمنى يوللىدۇق ۋە ئۇلارنىڭ سەمىگە ‹‹ جەڭگە يالىڭاچ چۈشمەسلىك ›› نى سالدۇق. ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ ھېسابىنى ئۆزلىرى بېرىشسۇن. ئەمما، ھېچ بولمىغاندا Condom ئىشلىتىپ، ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى ئەيدىز يۇقتۇرۋېلىشتىن ساقلىسۇن!

  9. يۈكسەل مۇنداق يازغان:

    بىزدە ‹‹ دوست يىغلىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرپ ›› ، ‹‹ مۆمىن مۆمىننىڭ ئەينىكى ›› دەيدىغان ئاتىلار ھېكمەتلىرى بار. دېمەكچىمىزكى، دەل يۇقىرىقىدەك ئەيىپ – نوقسانىمىزنى، خاتايىمىزنى دادىل كۆرسىتىپ بەرگەن، تېز پۇرسەتتە تۈزۈتىۋېلىشىمىز ئۈچۈن سەمىمىي تەكلىپ بەرگەن دوستلىرىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن بلوگ تەرەققىياتىمىز ئۆز يولىدىن تېيىپ كەتمەي ئۆز راۋاجىنى تاپماقتا…
    جۈملىدىن، مەزكۇر رەسىملىك تېمىدىكى 5 – پارچە رەسىم ھەققىدە، ئۇنى ئاز – تولا ئۆزگەرتىش پەقەتلا كاللىمىزغا كەلمىگەن ئىكەن (توغرىراقى ئۆزگەرتسەك ئۇنىڭ تەسىر كۈچى ئاجىزلاپ كۆزلەنگەن ئۈنۈمگە يېتىش مۇمكىن بولماي قالارمۇ دەپ ئويلىغان ئىدۇق). ئاخىرىدا كۆپچىلىكنىڭ كەسكىن تەنقىدى، ئورۇنلۇق تۈزىتىش پىكرى بويىچە تەھرىرلەپ تۈزەپ قايتا يوللىدۇق. كەڭ تورداشلارنىڭ بىزنىڭ ئەيدىز تەشۋىقاتى ساھەسىدىكى ئىزدىنىشىمىزنى توغرا چۈشىنىشىنى، بۇ جەرياندا كۆرۈلگەن ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق يېتەرسىزلىكلىرىمىزنى كەڭ قورساقلىق بىلەن ئەپۇ قىلىشىنى، يۇقىرىقىدەك ۋاقتىدا تەكلىپ – پىكىر بېرىپ، تۈزۈتىۋېلىشىمىزغا ياردەم بېرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمىز.

  10. ئۇيغۇرتېكىن مۇنداق يازغان:

    :razz: ماۋۇ ئىش جايىدا بوپتۇ ، مانا ‹‹ ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك ›› دېگەن شۇ ! ئاتلىرى چاپچىپ تۇرسۇن ، يۇكسەل ئەپەندىم !

  11. شاھ مۇنداق يازغان:

    ئەسسالام قېرىندشىم مېنىڭ شاھ نامىدا تىزىملاتقان نامىمنىڭ پارۇلى ئۆزگىرىپ كەتتىمۇ قانداق؟ ئىنكاس يوللىغىلى مۇمكىن بولمىدىغۇ

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، يۈكسەل بلوگنىڭ مەزكۇر نەشىرىدە تىزىملىتىش بىھاجەت پەقەت ئىسىم ۋە ئېلخەت ئادرېسىنى توشقۇزۇش ئارقىلىقلا ئىنكاس يوللىغىلى بولىدۇ. ئەگەر خالىسىڭىز تور ياكى بلوگ ئادرېسىڭىزنى توشقۇزۇپ قويسىڭىز، زىيارەتچىلەر ئىنكاستىكى ئىسمىڭىزنى چەكسە بىۋاسىتە تور ياكى بلوگىڭىزغا ئۇلىنىدۇ. قېنى سىناپ كۆرۈڭ.
      ھە راست، تۈنۈگۈن كەچ ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ، شاھ ئۇيغۇر بلوگى تەرجىمە قىلغان خەتلىك فىلىم ‹‹ مېنىڭ ئىسمىم خان ›› نى كۆرۈپ چىقتىم، ھەقىقەتەن كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان فىلىم ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەرجىمىمۇ ناھايىتى جايىدا بولۇپتۇ. ھارمىغايسىلەر !

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟