نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > نادىر تەرمىلەر
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئالىي ئوقۇللاردىكى كەيپىيات

ھەرقايسى ئالىي ئوقۇللارغا بارغىنىمدا ھەر قېتىم ئۆزگىچە كەيپىياتنى ھېس قىلىمەن. شۇنداق قارايمەنكى، كەيپىيات ھەربىر ئالىي ئوقۇلنىڭ جېنىدۇر.
شۇنداق، ئالىي ئوقۇللاردىمۇ كەيپىيات بولىدۇ. خۇددى ئادەملەردىمۇ كەيپىيات بولغىنىدەك. بىز ئۇنى تۇتالمايمىز، كۆرەلمەيمىز ، ئەمما ئۇنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز. ئۇ ھاۋاغا ئوخشاش پۈتكۈل ئالىي ئوقۇل كۆكىنى بىر ئالغان بولىدۇ. بىز ھەر ۋاقىت بۇ خىل ھاۋادىن نەپەسلىنىپ تۇرىمىز. شۈبھىسىزكى بۇ خىل << ھاۋا >> بىزنىڭمۇ مېجەزىمىزگە تەسىر قىلىپ، كەيپىياتىمىزنى ئۆزگەرتىپ قويىدۇ. ئالىي ئوقۇللاردىكى بۇ خىل كەيپىيات ئوقۇل ھويلىلىرىدىكى ئېگىز ئوقۇتۇش بىنالىرى، كىرىپ چىقىۋاتقان ئالىي دەرىجىلىك پىكاپلار، زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەنمەيدۇ. ئەكسىچە بۇ خىل كەيپىيات ئالىي ئوقۇللاردىكى << قاتتىق دېتال >> لارغا سېلىشتۇرغاندا مەكتەپنىڭ دەرىجىسى ۋە سەۋىيىسىنى، مەكتەپ روھىنى تېخىمۇ بەكرەك نامايان قىلالايدۇ. بۇ خىل كەيپىياتنىڭ تەبىئىي ئىپادىسى ، چىراي تۇرقى شۇ ئوقۇلدىكى ھەربىر ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىنىڭ پېشانىسىگە يېزىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ چىرايىدىن، گەپ سۆزلىرىدىن ، يۈرۈش – تۇرۇشى، ئىش – ھەرىكەتلىرىدىن  ھەممىنى بىلىۋالغىلى، بۇ ئوقۇلنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتىنى ھېس قىلىپ يەتكىلى بولىدۇ.

بەزى ئالىي ئوقۇللاردا ئىلىمنىڭ يۈكسەكلىكىنى، ئىلىم ئەھلىنىڭ قەدىر – قىممىتىنى ، ئۆگەنچىلەرنىڭ ئىلىمگە بولغان ئىشتىياقىنى، ئۆگەتچىلەرنىڭ ئۆز كەسپىگە بولغان ئىخلاسىنى، ئىلىمدارلارنىڭ ئىلىم ئىگىسىگە خاس ئالىي جانابلىقىنى ھېس قىلىمىز. بۇنداق ئالىي ئوقۇللارنىڭ ئۆز ئالدىغا يۈرۈشۈش قانۇنىيىتى بار بولۇپ، پۇل ۋە ئەمەلنىڭ بۇ جايلاردا ئانچە نوپۇزى ۋە بازىرى بولمايدۇ. بۇ ئوقۇللاردا بەلكىم ئوقۇتۇش بىنالىرى كونا ، پاكار بولۇشى، ھەشەمەتلىكتىن ئېغىز ئاچقىلى بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچىگە شۇنداق چوڭقۇر مەنا ۋە مەزمۇن يوشۇرۇنغانكى، ئوقۇل ھويلىسىدىكى ھەربىر دوڭغاق دەرەخنىڭ ئاستىدا << بىر ساراڭ >> خىيالغا پاتقان، كىتاب دېڭىزىغا شۇڭغۇغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ئۇ ھەرگىزمۇ ساراڭ بولماستىن، ھەقىقىي ئەھمىيەتكە ئىگە مەسىلىلەر ئۈستىدە باش قاشلاۋاتقان ھەقىقىي ئىلىم سۆيەر بولۇشى مۇمكىن.

يەنە شۇنداق ئالىي ئوقۇللار بار، بىز بۇ ئالىي ئوقۇللاردا يۇقىرىقىغا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بىر كەيپىياتنى كۆرۈشىمىز مۇمكىن. ھوقۇقنىڭ مۇشتۇمزورلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى، پۇلنىڭ دەۋران سۈرۈۋاتقانلىقىدەك مۇدھىش مەنزىرە بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا زاھىر بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم بۇ ئوقۇللاردا ئىلىم بىلەن مۇناسىۋىتى ئانچە چوڭ بولمىغان << ئالەمشۇمۇل نەتىجە >> لەر بولغان بىر – بىرىدىن ئېگىز ، ھەشەمەتلىك ئوقۇتۇش بىنالىرىنى كۆرۈشمىز مۇمكىن. كاستۇم – شىملارنى قىرلاپ كىيگەن، ئىش سومكىلىرىنى قولتۇقلىرىغا قىسقان بىر ئۇچۇم كىشىلەر ( ئىلىم دەللالىرى ، ئىلىم ئېلىپ – ساتارلىرى ) نىڭ توختىماستىن نېمىلەرگىدۇر تىپىرلىشىپ يۈرۋاتقانلىقىنى كۆرۈمىز . بىز ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەل سورۇنلىرى بىلەن دەرىجىدىن تاشقىرى سودا بازارلىرى بىلەن بۇ مەكتەپنىڭ زادى قانچىلىك پەرقى بارلىقىنى بىلەلمەي تېڭىرقىشىمىز.

ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ خىل ناچار كەيپىيات راك ھۈجەيرىسى كەبى تېز يامراپ، دىيارىمىزدىكى ھەرقايسى ئالىي ئوقۇللارغا تەسىر كۆرسىتىپ، ساپ بولغان ئىلىم ھاۋاسىنى بۇلغاپ قويۇۋاتىدۇ. پۇل ۋە ھوقۇقتىن ئىبارەت بۇ ئىككى مەرەزنىڭ سېسىق ھىدى ئوقۇللىرىمىزنى بىر ئالدى. پروفېسسورلىرىمىز بۇرۇنقىدەك ئۆزلىرىنى ئەمەلىي ئەھمىيىتى ۋە مەڭگۈلۈك قىممىتى بار ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىغا ئاتىمايدىغان بولۇپ قېلىشتى، ھەتتا ئۇلارنىڭ بۇنداق ئىشلارغا قارايدىغانغا كۆزى، قىلىدىغانغا چولىسى يوق. ئۇلار ھوقۇق ۋە پۇل تەمەسىدە جاھاندىكى ھەممە كىشىدىن ئالدىراش . ھېلىقىدەك << ساراڭ >> بولىدىغان زىيالىيلىرىمىنىڭ << ساراڭ >> بولىدىغانغا چولىسى يوق، ئۇلارنىڭ كۈنى جەدۋەل توشتۇرۇش ، تەتقىقات تېمىسىنى ئەپلەپ سەپلەپ قولغا كەلتۈرۈش، 72 خىل چارە ئامال بىلەن باھالاشتىن ئۆتۈش، پۇرسەت بولسا ئەمەل مەپىسىگە چىقىۋېلىشتەك ئىشلار بىلەن ئالدىراش؛ بۇنداق ئوقۇللارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئىلىم دېڭىزىغا شۇڭغۇش بىلەن ئەمەس بەلكى مۇھەببەت قاينىمىغا چوڭقۇر چۆكۈش ياكى غەرق بولۇش، تور ۋە كومپيۇتېر ئويۇنلىرىغا مەس بولۇش، دىبا ، جيۇبا يەنە بىرنېمە با لاردا قايناش، ئوقۇش پۈتەي دېگەندە خىزمەتكە ئورۇنلىشىش قايغۇسىغا پېتىش بىلەن ئاۋارە  ؛ بۇنداق ئالىي ئوقۇللارنىڭ رەھبەرلىرى بولسا كۈنبۇيى يىغىن ئېچىش ، باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتۈۋېلىش، ئۇلارنىڭ گېلىنى ۋە بېلىنى مايلاش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈرۈيدۇ.
ئالىي ئوقۇللارنىڭ روھى ئۆلۈپ، كەيپىياتىنىڭ چۈشكۈنلىشىشى، پېچەكلىشىشى كىشىنىڭ ئەپسۇسلىقى ۋە غەزىپىنى قوزغايدۇ ئەلۋەتتە!
قېنى سىز ئۆزىڭىز ئوقۇغان ئالىي ئوقۇللاردىكى كەيپىيات توغرىلىق توختىلىپ كۆرمەمسىز؟! شۇ باھانىدە ھەرقايسى ئالىي ئوقۇللاردىكى ئومۇمىي كەيپىياتلاردىن خەۋەردار بولۇپ قالايلى ! …..

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ئالىي ئوقۇللاردىكى كەيپىيات

خەتكۈچ: ،

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!2 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. رادىئو ھەۋەسكارى مۇنداق يازغان:

    مەن شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ فىزىكا كەسپىدە خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇدۇم ،بەزىدە ئچىم پۇشۇپ كەتكەندە 30 مىڭدەك ئوقۇغۇچىسى بار (2002- يىلى يىڭى ئوقۇش باشلىغاندا ئازات سۇلتان ھازىر ش ج ئۇ دا 30 مىڭىدىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى بار دىگەن ئدى )ش ج ئۇ دىن ماڭا مۇڭداش بولغۇدەك ئادەم تاپالمىغاندىم ، تەكلىماكاندىكى يالغۇز سەيياھدك يۇرگەن ۋاقىتلىرىم كۆپ بولغان ، كەسىپنىڭ بىرىنچى يىلى دەرىسلەر ئاسان بىلىنىپ ، تورخانىلارغا تولا قاتراپ تور قۇرۇتىغا ئايلىنىپ كەتكىلى تاس قالغان چاغلارمۇ بولغان ، لىكىن كىيىنكى يىلى بىر مۇئەللىم (ز اچاۋجىڭ 查朝征 ) بىلەن تونۇشۇپ قالدىم ، ئۇ ماڭا تەبئي پەن دېىگەنننڭ فورمۇلا قائدە قانۇنىيەتلىرىنى ئۆزۇڭ تۇرلەندۇرۇپ ، كەلتۇرۇپ چىقىرىپ ئۆگەنمىسەڭ ، ئۆگىنەلمەيسەن ، كىتابى بىلىمنى ئۆزۇڭنىڭ بىلىمىگە ئايلاندۇرالىساڭ ئاندىن ئۇنى ھەقىقى بىلگەن بولىسەن دېدى ، ھەمدەە ۋاقىتىنى چىقىرىپ بىز بىر قانچە بالىغا ئالىي ماتىماتىكىدىن تەكرار قىلىپ بەردى ، مەن فىزىكا ۋە ماتىماتىكىدىن چۇشەنمىگەن يەرلىرىمىنى بۇ مۇئەللىمدىن سوراپ تۇردۇم ، گەرچە سۇرئتىم ئاستا بولسىمۇ لىكىن ماتىماتىكا ۋە فىزىكىنىڭ فورمۇلالىرىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپ ئۆگەندىم ،ياش ۋە چىرايلىق ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىمىزمۇ مېنىڭ بۇخىل ئۆگىنىش ئۇسۇلۇمنى قوللىدى ، بەزىبىر ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلىدى .2008 يىلى ئوقۇش پۇتتۇرگەندە بېسىپ ئوتكەن مۇساپەمگە زەڭ سالسام ، ئاخىرقى ئككى يىلدا راۋرۇس ئوقۇپتىمەن ، شۇ .
    ش ج ئۇ نىڭ ئۆگىنىش مۇھىتىغا كەلسەك ،(مەركىزى مەكتەپ رايۇنىدا جۇمۇ ) ماتىماتىكا بىناسىنىڭ ئۆگىنىش مۇھىتى ئەڭ ياخشى دەپ ئويلايمەن ، بەلكىم ئالىي مەكتەپنىڭ تۇنجى ئككى يىلىنى مۇشۇ بىنادا خىيال سۇرگەچ ئۆگىنىش قىلغانلىقىمدىن ( لېكىن ئۆگىنىش قىلغاچ خىيال سۇرۇش ياخشى ئش ) بولسا كېرەك .ئەمما فىزىكا بىناسىدا تۇزۇكرەك سىنىپ يوق ، ئۇنۋىرسال بىنا بەك ۋاراڭ – چۇرۇڭ .باشقا بىنالار يىراق ،پارچە پۇرات تورغا چىقىدىغانغا خىمىيەنىڭ بىناسى ياخشى .يەنە بىر ياخشى جاي مەكتەپ كۈتۈپخانىسىنىڭ ئۆگىنىش زالى .ئۇچىنچى قەۋەتتە خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار كۆپرەك ، جىمجىت ، لىكىن شۇ گىرىم ، ئەتىرلەر، ۋە باشقا غەيرى پۇراقلارمۇ كۆپرەك . تۆتىنچى قەۋەتتە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار جىق ،لېكىن بىرلا كەمچىلىكى قۇرۇق پاراڭ جىق .باشقا مەكتەپلەرنڭ قانداق بىلمىدىم ،ئۆزۇممۇ قۇدۇق ئاسىتىكى پاقا بولغاچقا ش ج ئۇ نىڭ ئۆگىنىش مۇھىتىنى يامان ئەمەس دەپ ئويلايمەن .
    ياشاۋاتقان مۇھىت ئادەمگە تەسىز كۆرسىتىدۇ ، ئۆز نۆۋىتىدە ئادەممۇ ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ .بۇخىل تەسىر ئۆز-ئارا بولىدۇ .( نىيوتۇننىڭ ئۇچىنچى قانۇنىغا ئوخشىدىمۇ ؟)
    ناچار – شارائىت ۋە مۇھىتتىمۇ ياخشى ئوقۇغانلار ئالىم بولىدۇ . ياخشى ئەۋزەل شارائتتىمۇ تۇزۇكرەك ئوقۇماي ئويۇننىڭ قۇلى بولغانلار نادان بولىدۇ ،مىللەتكە يۇك بولىدۇ .
    ئوقۇۋاتقان ئۇكىللىرىم تېرىشىپ ئوقۇڭلار ، چوقۇم تېرىشىپ ئوقۇڭلار . تۆنۇگۇنكى خەۋەرگە قارىغاندا بۇ يىلقى ئشسىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ يىرىمنى بۇ يىل يىڭى ئوقۇش پۇتتۇرگەنلەر يەنى 2010- يىلى 7 – ئايدا ئوقۇش پۇتتۇرگەنلەر ئگەللەيدىكەن .
    قورسىقىمغا يىغىلىپ قالغان گەپلەرنى دەۋىلىپ ئچىم خىلى بوشاپ قالغاندەك قىلىدۇ .يۇكسەل ئەپەندىگە ۋە تىمىسىغا رەھمەت .ئشلىرىڭىز يۇكسەلسۇن !

  2. قاينام مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەكتىپىمدىن پەخىرلىنىمەن . 2005 – يىلى ماتىماتىكا فاكۇلتىتىغا قوبۇل قىلىنىپ مانا بۇيىل پۈتتۈردۈم ، گەرچە ئۆزۈم كەسىپنىڭ تۆتىنچى يىلىدىن باشلاپ خىزمەت تېپىپ ئىشلەپ ھازىرمۇ شۇ ئورنۇمدا ئىشلەۋەتقان بولساممۇ ، بىزنىڭ قاراردا پۈتتۈرگەن 62 ئوقوغۇچىنىڭ ئىچىدە ئىشلەۋەتقىنى مېنى قوشقاندا ئىككى ، ئوقۇتقۇچى تولۇقلاش ئىمتىھانىدىن ئۆتكىنى مېنىڭ ئاڭلىغىنىم بىر . قالغانلار مەمۇرىلىق ئىمتىھاننىڭ تەجتىجىسىنى كۈتۈپ تۇرماقتا …
    مەكتەپنىڭ كەيپىياتىغا كەلسەك ، خەلىقئارادىكى يۈزلۈك ئۇنۋېرسىتىتلارغا قەتئى سېلىشتۇرغىلى بولمىسىمۇ ، رايونىمىزدىكى باشقا ئالى ئوقۇللارغا سېلىشتۇرغاندا مەكتەپنىڭ ئۆگىنىش كەيپىياتى خېلىلا قويۇق دەپ قارايمەن ، يۇقاردىكى بۇرادەر ئېيىتقاندە بىزنىڭ ئىنىستىتۇتنىڭ بىناسى ، يەنى ئىككىنچى ئوقۇتۇش بىناسى ئۆگىنىش مۇھىتى ئەڭ قويۇق بولغان سورۇنلارنىڭ بىرى ، قاچانلا قارىسا سىنىپلاردا ئۆگىنىش قىلىۋاتقان ئادەم بار ، بىنانىڭ چىرىقى ئەڭ بۇرۇن يېقىلىپ ئەڭ كىيىن ئۆچۈرىلىدۇ .
    مەكتىپىمىزنىڭ كۈتۈپخانىسىمۇ ئادەمنى ئالاھىدە رازى قىلىدۇ ، لازىم بولغان ھەر قانداق كىتابنى ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ . كۈتۈپخانىنىڭ ئۈگىنىش زالىدىمۇ قاچانلا بولمىسۇن ئادەم ئۈزۈلمەيدۇ .
    ئوقۇتقۇچىلارنى ئېيىتسام ، ماتىماتىكا ئىنىستۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئالاھىدە ھۆرمىتىم بار ، كىبىر-تەمەننادىن خالىي ، بىلىملىك ، ئاددى-ساددا ، ئوقوغۇچىلار بىلەن دوستلاردەك ئۆتەلەيدۇ .باشقا ئىنىستىتۇتلاردىكى بەزى ئوقۇتقۇچىلاردەك ئوقۇغۇچىلاردىن يۈزى قىزارماي تۇرۇپ پۇل تەلەپ قىلىدىغان ئىشلارنى ئۇچىرتىپ باقمىدىم (لىكىن يوق دىيەلمەيمەن) … مۇشۇنچىلىك يازاي يەنە ئورتاقلىشارمىز !
    يېغىپ ئېيىتقاندا مەن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئوقوغۇچىسى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن !

قاينام 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟