نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ساخاۋەت ئۇچۇرلىرى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

بالياتقۇ بوينى راكى بىمارلىرى داۋالىنىش ياردىمىگە ئېرىشەلەيدۇ

بالياتقۇ بوينى راكى ( 宫颈癌 ) ياكى سۈت بېزى راكى ( 乳腺癌 ) غا گىرىپتار بولۇپ قالغان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئاياللار  بۇنىڭدىن كېيىن «غەربى رايون ئاياللىرى كۈننۇرى فوندى ( 西部女性阳光基金 ) »غا ئىلتىماس سۇنسا، شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەنلىرى 20مىڭ يۈەندىن 60مىڭ يۈەنگىچە داۋالىنىش ياردەم پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ.

«غەربى رايون ئاياللىرى كۈننۇرى فوندى ( 西部女性阳光基金 ) » نىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىش باشلاش مۇراسىمى 23-ئىيۇل بىڭتۈەن دوختۇرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ فوندنىڭ مەقسىتى جەمئىيەت كۈچىنى تەشكىللەپ ۋە سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربى رايونىدىكى تەرەققىي قىلمىغان رايونلاردىكى ئاياللارنىڭ بالياتقۇ بوينى ۋە سۈت بېزى راكى كېسەللىكىگە قارىتا ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ياردەم بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بالياتقۇ بوينى ۋە سۈت بېزى بىمارلىرىنى ھەقسىز ئوپراتسىيە قىلىش ئىكەن. بۇ فوندنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى 2010 – يىلى 7 – ئاينىڭ 24 – كۈنىدىن باشلاپ قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا مۇشۇ ئىككى خىل راك بويىچە ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىغان بولۇپ، بۇ پائالىيەت ئۈچ ئاي داۋاملىشىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، تەكشۈرۈش جەريانىدا كېسەللىك ئەھۋالى ياردەم ئىلتىماس قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن بولغانلار ئائىلىسىنىڭ تۆۋەن كىرىملىك ياكى نامراتلىق ئىسپاتىنى ئېلىپ بۇ فوندتىن داۋالىنىش ياردىمى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن. بۇ فوند يىلدا 200 بىمارنى ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ئەگەر بىمار ئۇمۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈش دائىرىسى سىرتىدىكى رايوندا بولسا، شۇ جايدىكى قىزىل كرېست  جەمئىيىتى ( 红十字会 ) دىن مەسلىھەت سوراپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: بالياتقۇ بوينى راكى بىمارلىرى داۋالىنىش ياردىمىگە ئېرىشەلەيدۇ

خەتكۈچ: ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!4 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. يوق مۇنداق يازغان:

    西部女性阳光基金 نى «غەربى يۇرت ئاياللىرى ئاپتاپ فوندى» دەپ ئالساق بولمامدۇ؟

    • يولۇچى مۇنداق يازغان:

      كۈننۇرى ئۇيغۇرچىكەن، ئاپتاپ پارىسچىكەن، قوياش نۇرى دېۋەتسە ئەرەبچە بىلەن ئۇيغۇرچىنىڭ چاڭلاشمىسى بولغۇدەك … :smile:
      ئەمما لېكىن ماۋۇ تېما بەك ئەھمىيەتلىككەن. كۆپرەك ئادەمگە تەشۋىق قىلىپ قويساق بولغۇدەك.

  2. قۇتلۇق مۇنداق يازغان:

    پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلىش ـــ خەير-ساخاۋەت قىلغانلىق، ئەقىل ۋە كۈچ چىقىرىشمۇ ، bohran ئەپەندىمدەك خەلقىمىزنى ساخاۋەت ئۇچۇرلىرىدىن بەھرىمان قىلىشمۇ ئوخشاشلا ساخاۋەت قىلغانلىق. ھەممەيلەن بىرلىكتە خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى قوللاپ ، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلەيلى، ئەتراپىمىزدىكىلەرنى بۇ خىل ئۇچۇرلاردىن خەۋەرلەندۈرەيلى!

    ياشىسۇن

    مۇھەممەدجان راشىدىن

    يۆلەكسىزنى يۆلىگەنلەر ياشىسۇن،

    يۆگەكسىزنى يۆگىگەنلەر ياشىسۇن.

    ئۆزى ئالماي گۆھەر ياغسا ئاسماندىن،

    ئەلگە يامغۇر تىلىگەنلەر ياشىسۇن.

    سۇغارغاندەك سايە بەرگەن چىنارنى،

    ئاتا قەرزى تۆلىگەنلەر ياشىسۇن.

    ئېتى ھارسا ئانا چۈشكەن ھارۋىنى،

    ئۆزى ئات بوپ سۆرىگەنلەر ياشىسۇن.

    ئۆزگىلەرنىڭ بەختى ئۈچۈن دەر تارتىپ،

    ئۆزى راھەت كۆرمىگەنلەر ياشىسۇن.

    يوقسۇزلۇقتا ئوتى ئۆچكەن يالغۇزنىڭ،

    ئوچىغىنى پۈۋلىگەنلەر ياشىسۇن.

    ئۇنتۇلمىسۇن ئارمان بىلەن كەتكەنلەر

    ئۈمىدلىرى ئۆلمىگەنلەر ياشىسۇن

  3. قاينام مۇنداق يازغان:

    قۇتلۇق بۇرادەرنىڭ يازمىسىدىكى مۇھەممەدجان راشىدىن شىېرىنىڭ بېشىنى كۆرۈپلا ، نىمە بۇيەردە «ياشىسۇن مۇھەممەدجان راشىدىن» دەپ يۈرگەندۇ دەپ قاپتىمەن تېخى … :razz:

قاينام 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟