نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئامېرىكىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىختىراۋىي دۆلەت بولۇشىدىكى سىر نېمە؟

Emerson ئەپەندى ( 1882 – 1803 ) دىن ئىلگىرى ئامېرىكا ئاساسەن مەدەنىيىتى ( كۈلتۈرى ) يوق بىر دۆلەت ئىدى. ئەينى چاغدىكى ئامېرىكا بەئەينى كىشىلەر تەرىپىدىن نەزەرگە ئېلىنمايدىغان بىردىنلا بېيىپ كەتكەن كىشىگە ئوخشايتتى. تىلغا ئالغۇدەك ھېچقانداق مەدەنىيىتى ( كۈلتۈرى ) ياكى مەپكۇرىسى ( ئىدىيىسى ) يوق ئىدى. باشقىلار دېگەندەك كۆزگە ئېلىپ كەتمەيتتى. Emerson مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى يازغان ئىدى ، ‹‹ قەتئىي ئۈمىدسىزلىنىشكە بولمايدۇ، بارچە ئۈمىد يوققا چىققان تەقدىردىمۇ، ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك. ›› بۇ مەشھۇر سۆز كۆپىنچە ئۆز ياكى باشقىلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
Emerson ياش چاغلىرىدا ئەنگلىيىلىك تارىخشۇناس Thomas Carlyle بىلەن دوست بولغان بولۇپ، بۇلارنىڭ دوستلۇقى 50 يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلىدۇ. Carlyle نۇرغۇن يىللىق قان – تەرىنىڭ نەتىجىسى بولغان ناماياندە ئەسىرى ‹‹ فرانسىيە ئىنقىلابى ›› نى تەييار قىلىپ، دەسلەپكى ئورىگىنالنى بىر دوستىغا كۆرۈپ بېقىشقا بېرىدۇ. ئويلىمىغاندا، بۇ دوستىنىڭ ئايال خىزمەتكارى شىرە ئۈستىدىكى بۇ قوليازمىنى كېرەكسىز قەغەز قاتارىدا ئوچاققا تۇتۇرۇق قىلىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن Carlyle نىڭ نەچچە يىللىق ئەجىرى يوق بولىدۇ. تېخىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى ، ئۇ ئۆزىدە ھېچقانداق قوليازما نۇسخىسىنى ساقلاپ قالمىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن Carlyle ئۇ كىتابىنى قايتا ئەسلەش خاراكتېرلىك يېزىپ چىقىدۇ. كىشىلەر ھازىر ئوقۇۋاتقان ‹‹ فرانسىيە ئىنقىلابى ›› دەل Carlyle ئەپەندىنىڭ قايتا ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلىدۇر.
ھالبۇكى، بۇنىڭلىق بىلەن كاج پەلەكنىڭ چاقچىقى Carlyle ئۈچۈن تۈگىمەيدۇ. ‹‹ فرانسىيە ئىنقىلابى ›› ئەنگلىيىدە نەشردىن چىققاندىن كېيىن ، ناھايىتى تېزلا ئامېرىكىدا ئوغرى نەشرى بازار تاپىدۇ. Carlyle نىڭ ئەسلىدىنلا كىرىمىنىڭ تايىنى يوق بولۇپ، بۇ ئىش ئۇنىڭغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەينى چاغدا Emerson ئەپەندى Carlyle غا خەت يېزىپ، ئامېرىكىغا ۋاكالىتەن ئەپۇ سورايدۇ. Emerson خېتىدە ‹‹ سىز بىزنىڭ ياشلىرىمىزنى تەربىيەلەۋاتىسىز، ئەمما بىز بولساق سىزنىڭ كىتابىڭىزنى ئوغرىلاۋاتىمىز ، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن نومۇس قىلىۋاتىمەن. ئەمما، كېلەچەكتە بىزدە ئىنتايىن ياخشى قانۇن بارلىققا كېلىدۇ. بەلكىم دۆلىتىڭىزمۇ بىزنىڭ قانۇنىمىزنى ئىشلىتىشى مۇمكىن … ›› . Emerson ئەپەندى ئالدىن بىلەرمۇ ياكى شۇنداق توغرا كېلىپ قالدىمۇ، بۈگۈنكى ئامېرىكىدا ھەقىقەتەن شۇنداق بىر مۇكەممەل قانۇن بار. دېگەندەك مەزكۇر قانۇننى دۇنيادىكى بارچە مەملىكەتلەر ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلماقتا. بۇ قانۇن دەل ‹‹ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنى ›› دۇر.
ئامېرىكا دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇن ‹‹ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنى ›› نى يولغا قويغان دۆلەت بولۇپ، 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى تەرەققىيات ستراتگىيىسىنى يولغا قويۇپ، ئىنتايىن سىستېمىلىق ۋە مۇكەممەل بولغان ‹‹ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنى ›› نى بارلىققا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىلىق ئەقلىي مۈلۈكدارلارنىڭ مەنپەتى دۇنيا مىقياسىدا ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدالدى ۋە ئېرىشىدىغان پايدىسى ئەڭ زور دەرىجىدە كۆپەيتىلدى. ئامېرىكا نۆۋەتتە دۇنيادىكى بىردىن بىر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولۇپ، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئەڭ ئاساسىي تۈرتكىلىك ئامىل دۆلەتنىڭ كۈچلۈك بولغان ئىختىرالاش ( يېڭىلىق يارىتىش ) ئىقتىدارىدۇر. ئامېرىكا تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ دەلىللىشىچە، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدا يېڭى تېخنىكا، يېڭى بىلىم ، يېڭى قۇرالغا تايىنىش ھالقىلىق رول ئوينايدىكەن. دېمەك بىلىم ئامېرىكا تەرەققىياتىنىڭ جېنى ئىكەن. ئامېرىكا دۇنيادىكى ئىختىرالاش كۈچى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت. ئامېرىكا گەرچە دۇنيا نوپۇسىنىڭ %5 نى ئىگىلىسىمۇ، 2009 – يىلى دۇنيا ئىقتىسادىي بايلىقى ( GDP ) نىڭ %24 نى، دۇنيادىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ %40 نى ياراتتى.
ئۇنداقتا، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىختىراۋىي دۆلەت بولۇشىدىكى سىر نېمە؟
جاۋابىمىز شۇكى، ھەر بىر كىشىنى بىلىم ئېلىشقا، بىلىم ئارقىلىق ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشكە ، بىلىم ئارقىلىق ئىختىرالاشقا ، ئىختىرا ئارقىلىق ئۆزى ۋە دۆلەت ئۈچۈن زور ئىقتىسادىي – ئىجتىمائىي قىممەت يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان، دۇنيا بويىچە مۇكەممەل ۋە سىستېمىلىق بولغان ‹‹ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنى ›› نىڭ بولغانلىقىدۇر . بۇ قانۇن ئارقىلىق ئەقلىي مۈلۈكدارلارنىڭ ھوقۇقىنى پەقەت ئامېرىكىدىلار ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيا بويىچە ئەڭ زور دەرىجىدە قوغداش، ئۇلارنىڭ مەنپەتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلەندۈرۈش ، ئۇلارنى ئەڭ زور نەپكە ئېرىشتۈرۈش، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى داۋاملىق ئىختىرا ئېتىشكە رىغبەتلەندۈرۈش ، قانۇن ئارقىلىق جەمئىيەتتە ئەمگەكنى قەدىرلەيدىغان ھەققانىي مۇھىت بەرپا قىلىش ، – مانا بۇ ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك ئىختىراۋىي دۆلەت بولۇشىنىڭ سىرىدۇر.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ئامېرىكىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىختىراۋىي دۆلەت بولۇشىدىكى سىر نېمە؟

خەتكۈچ: ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!2 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. قۇتلۇق مۇنداق يازغان:

    ھەرقانداق بىر ئەلدە «بىلىمگە ھۆرمەت قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىنتىلىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش»تەك ياخشى مەدەنىيەت مۇھىتى بولمايدىكەن ، ئۇ جايدا ئىلغار تېخنىكىلار بارلىققا كەلمەيدۇ، تەرەققىياتنىڭ يۈكسەك پەللىسى يارىتىلمايدۇ. ھەممە نەرسە بىر ئىزىدا چۆرگىلەيدۇ ياكى تەرەققىيات قەدىمى باشقىلاردىن كېيىن بولىدۇ.
    ھازىرقى جۇڭگودا ‹‹ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنى ›› بار بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىجراسىدا مەسىلە بار. شىنجاڭلىقلاردا ۋەياكى ئۇيغۇرلاردا بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىلەر يوق دېيەرلىك. ئاڭ – ساپانىڭ تۆۋەن ، ئىقتىسادىي شارائىتنىڭ ناچارلىقى، باشقىلارنىڭ ئەقلىي مۈلىكىنى ھۆرمەت قىلماسلىقنى، ناتوغرا يول بىلەن باشقىلارنىڭ ئەقلىي مۈلۈكىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ياكى ھەقسىز پايدىلىنىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇڭىلاشقىمۇ ، ئۇيغۇرلاردا (جۇڭگو تەۋەسىدىكى) يېقىنقى زاماندا تۈزۈكرەك قىممەتكە ئىگە ئىختىرالار مەيدانغا كەلمىدى. بىرسى تالقان ياسىسا ھەممەيلەن تالقان ياساش بىلەن، بىرسى سوپۇن ئىشلىسە ھەممەيلەن سوپۇن بىلەن ئاۋارە …
    كاللامدا ھېلىغىچە مەكتىپمىزدىكى تۈرگۈن ئىبراھىم ئەپەندىنىڭ XJTV دىكى سۆزى : ‹‹ بىز نەچچە يىلدىن بېرى تەتقىق قىلمىدۇق ئەمەس قىلدۇق، نۇرغۇن بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. ئەمما، ھازىرقى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ئەھۋالى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بولۇپمۇ كومپيۇتېرچىلىقتا شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، تەتقىقات نەتىجىلىرىمىز تەجرىبىخانىدىن خەلقىمىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىشىغا يۈزلىنەلمەيۋاتىدۇ…. ››.

  2. يۈكسەل بلوگى مۇنداق يازغان:

    [...] ئالدىنقى يازمىمىزدا ئامېرىكىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك ئىختىراۋىي دۆلەت [...]

يۈكسەل بلوگى 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟