نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > تارىخ - مەدەنىيەت
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

تارىخ، بېيجىڭ، ئۇيغۇرلار

تارىختا بېيجىڭدە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا
مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇكېرىم يۈكسەل

بېيجىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ سەلتەنەتلىك ، گۈزەل پايتەختى ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ گۈللىنىش ، راۋاجلىنىش ۋە بۈگۈنكىدەك دۇنياۋى مەدەنىيەتلىك تارىخىي شەھەرگە ئايلىنىش جەريانىدا ، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭمۇ ئۆچمەس تارىخىي تۆھپىسى بار .

بېيجىڭ شەھىرى مىلادىدىن بۇرۇنقى 221-يىلى چىن شىخۇاڭ جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن تارتىپ ، مىلادى 937-يىلىغىچە باشتىن-ئاخىر شىمالىي جۇڭگودىكى مۇھىم شەھەر ۋە يەرلىك ھاكىمىيەتلەرنىڭ باششەھىرى بولۇپ كەلگەن . مىلادى 938-يىلى شىمالىي جۇڭگوغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان لىياۋ ( قىتان ) سۇلالىسى بېيجىڭ شەھىرىنى يانداش پايتەخت قىلغان . كېيىن جىن ( ئالتان ) ، يۈەن ، مىڭ ، چىڭ سۇلالىلىرى بېيجىڭ شەھىرىنى ئىلگىر-ئاخىر بولۇپ 650 يىل پايتەخت قىلغان . 1949-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ، بېيجىڭ شەھىرى يېڭى جۇڭگونىڭ پاختەختى بولدى . بۇ شەھەردە دۇنياغا مەشھۇر گۇگۇڭ ( خان سارىيى ) ، تىيەنتەن ( كۆكئىلاھ سۇپىسى )، بېيخەي باغچىسى ، يىخىيۈەن باغچىسى ، جىڭشەن باغچىسى ، سەددىچىن مەنزىرەگاھى ، 13 قەبرىگاھ ( مىڭ سۇلالىسى خانلىرى قەبرىگاھى ) قاتارلىق دۇنياغا مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار . بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شانۇ-شەۋكەتلىك تارىخى—جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ نەچچە ئەسىرلىك جاپا-مۇشەققەتلىك مىھنىتىنىڭ يارقىن-نامايەندىسىدۇر . ۋاھالەنكى ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئۇيغۇرلارمۇ مۇھىم رول ئوينىغان . ئۇلار بېيجىڭ شەھىرىنى قايتا قۇرۇش ، كېڭەيتىش ، گۈللەندۈرۈش ئىشلىرىغا قاتناشقاندىن باشقا يەنە ، ئەينى زامان ھاكىمىيەتلىرىگە ياردەملىشىپ ،دۆلەتنى ئىدارە قىلىش-باشقۇرۇش ئىشلىرىغىمۇ ئىشتراك قىلغان .
موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىق قىلغان يۈەن سۇلالىسى ( 1368—1206 ) دەۋرىدە ، تۇرپاندىكى ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ خانى بارچۇق ئارت تېكىن 1209-يىلى تەشەببۇسكارلىق بىلەن چىڭگىزخانغا بەيئەت قىلغانلىقتىن، شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىغا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشقا رايونلىرىغا قارىغاندا، تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەينى دەۋردىكى موڭغۇل ئېمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى خانبالىق ( بېيجىڭ ) گە بېرىش ۋاقتى خېلى بۇرۇن باشلانغان . قەشقەرىيە رايونىدىن بولسا ، چىڭگىزخاننىڭ سانغۇنى جەبەنۇيان 1218- يىلى بۇ رايوننى ئىستىلا قىلغاندىن كېيىن باشلانغان . دېمەك ، بۇ دەۋردە  يۈەن سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى ئىزچىل تۈردە شىنجاڭدىن تۈركۈملەپ نۇرغۇن ئۇيغۇر يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرىنى بېيجىڭگە يۆتكەپ ، كۆچۈرۈپ ئاپىرىپ ، دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ، ھەربىي ، ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى خىزمەتلەرگە قاتناشتۇرغان . ئەينى دەۋردە بۇلاردىن بىناكار ئەختەرىدىن 1268-يىلى يۈەن سۇلالىسى پادىشاھى قۇبلاينىڭ پەرمانىغا بىنائەن ، موڭغۇللارنىڭ دەسلەپكى ھۇجۇمىدا ۋەيران قىلىۋېتىلگەن قەدىمكى بېيجىڭ شەھىرىنى قايتا لايىھىلەش ، كېڭەيتىپ قۇرۇش خان ئوردىسىنى ياساش ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلغان . دىپلومات ئۇقمىش تۆت قېتىم يىراق ئوكيانغا سەپەر قىلىپ ، دېڭىز قاتناش تارىخىدا شانلىق سەھىپە ياراتقان . ھازىرقى ھىندىستان ، سىرىلانكا قاتارلىق ئەللەرگە ئەلچى بولۇپ بېرىپ، نۇرغۇن خىزمەت كۆرسەتكەن . ئۇيغۇر ئالىمى چۇس كىخودزىر يۈەن سۇلالىسى پادىشاھى قوبلاينىڭ ، دۆلەت ئۇستازى بولغان. ئۇ ئۇيغۇر ئالىمى تاتاتۇڭا چىڭگىزخان دەۋرىدە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلغان « كونا موڭغۇل يېزىقى » نى سىستېمىلىق ئىسلاھ قىلىپ ، موڭغۇل تىل-تاۋۇشىنى تېخىمۇ توغرا ئىپادىلىگىلى بولىدىغان « يېڭى موڭغۇل يېزىقى » نى  شەكىللەندۈرگەن . ئۇ تۈزگەن « موڭغۇل ئېلىپبەسى» موڭغۇل مىللىتىنىڭ يېزىق تارىخىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ .  سەركەردىلەردىن ئېلقايا ، مىڭسۇسى ، مىڭسەرس ، قارايىغاچ بۇيرۇق قاتارلىقلار جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنى يوقىتىش ، ئوتتۇرا ئاسىيا ، ياۋروپا، غەربىي ئاسىيا رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق يۈەن سۇلالىسىنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرىدە چوڭ رول ئوينىغان . ئەنزاڭ ، ئوردۇتېكىن ، ئەنسارى قاتارلىقلار جۇڭگو كلاسسىك ئەدەبىياتى ، كۇڭزى ئەھكاملىرى ۋە تىبەت تىلىدىكى بۇددا نوملىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان . بيەنلۈ ، ليەنشىگۇاڭ ، لۇلۈ ، شىسەن ، ۋىن ينىاشىل قاتارلىقلار رەسساملىق ھەققىدە مۇتالىيە  ،  ئالتۇن خەتلىك بۇددا نوم ،  كلاسسىك قامۇسنامە  قاتارلىق كىتابلارنى يازغان . شۇ دەۋردە ،  لىياۋ ( قىتان )  سۇلالىسى تارىخى  ، چىن دۆلىتى تارىخى  ،  سۇڭ سۇلالىسى تارىخى  قاتارلىق نادىر تارىخنامىلەرنى تۈزۈشكە ئۇيغۇر ئالىملارمۇ قاتناشقان . مالىيە-ئىقتىساد مۇتەخەسسىسلىرىدىن ئەھمەت ، ساڭگى قاتارلىقلار يۈەن سۇلالىسىنىڭ مالىيىسىنى تەرتىپكە سېلىش ، ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشلىرىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان . بۇلاردىن باشقا ، راببىن سائۇما ، نەسىردىن ، شەمسىدىن ، سەئىدۇللا ، توقلان ، شى شى ، شۆ چاڭغۇ ، ما زۇچاڭ ، گۈەن يۆنشى قايا ، كۇكۇن ، ليەن شىشەن ، سارابان ، ئارىق قايا ، يۈلۈن تۆمۈر ، سۇجىس ، شىيبان ، يۇچۇرۇچ قايا ، نىزەر ، چاقاي ، سادمىش ، قۇسقۇي قاتارلىق نۇرغۇن ئۇيغۇر سەركەردىلەر ، دىپلوماتلار ، مائارىپشۇناسلار ، تىلماچلار ، يازغۇچىلار ، شائىرلار ، رەسساملار ، ئەمچىلەر يۈەن سۇلالىسىنىڭ پايتەختى خانبالىق ( بېيجىڭ ) دا ئولتۇراقلىشىپ ، خانلىق ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان . بېيجىڭدىكى ھازىرقى ۋىيگوڭسۇن (畏公村) شۇ دەۋردە شەكىللەنگەن مەھەللە-كوچىلارنىڭ بىرى ئىدى . يۈەن سۇلالىسى دەرىدە بېيجىڭدە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تارىخىي خاتىرىلەردە ، نەچچە ئون مىڭغا يېتىدىغانلىقى ، زور كۆپچىلىكنىڭ تۇرپان ، بەشبالىق رايونلىرىدىن بارغانلىقى خاتىرىلەنگەن . ئۇلار ئۇزۇن تارىخىي دەۋرلەر داۋامىدا بېيجىڭ شەھىرىدىكى يەرلىك ئاھالىلەرگە ئۆزلىشىپ سىڭىشىپ كەتكەن . ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ئاساسەن ساقلاپ قالالمىغان .

مانجۇلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەنچىڭ سۇلالىسى ( 1911—1644 ) دەۋرىدە ، مەنچىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرۈش ، مۇستەھكەملەش ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش كۈرەشلىرىدە ، كۆرۈنەرلىك خىزمەت كۆرسەتكەن ھەر مىللەت يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرىنى بېيجىڭ شەھىرىگە ئەكىلىپ ، يۇقىرى مەرتىۋە ، مەنسەپ بېرىپ ، ئالىي تەمىناتتىن بەھرىمەن قىلىپ ، ئۇلارنى ئاسرىغان ، ئەتىۋارلىغان . چىڭ سۇلالىسى 1759-يىلى شىمالىي شىنجاڭدىكى جۇڭغارلارنى مەغلۇب قىلىپ ، 1680-يىلىدىن باشلاپ جۇڭغار خانلىقىنىڭ ھامىيلىقىدا تۇرۇۋاتقان ماڭلاي سۆيە ( جەنۇبىي شىنجاڭ ) رايونىدىكى چوڭ-كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلىڭىنى باستۇرۇپ ، شىنجاڭنى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ قوينىغا قايتۇرۇپ كەلگەندىن باشلاپ ، بىر تۈركۈم ئۇيغۇر يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرىنى كەينى-كەينىدىن بېيجىڭگە كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ ئورۇنلاشتۇرغان . بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتنى باشلاشتىن بۇرۇن ، مۇشۇ ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغان سەل ئاۋۋالقى تارىخىي ۋەقەنى قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ :

1635-يىلى جۇڭغار موڭغۇللىرىنىڭ سەردارى باتۇر خۇنتەيجى شىمالىي شىنجاڭدىكى ئۇيرات قەبىلىلىرى ( جۇڭغار ، خۇشۇت ، دۇربۇت ، تۇرغۇت ) نى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ، بىرلىككە كەلتۈرۈپ ، ھازىرقى قۇبۇقسارنى پايتەخت قىلغان جۇڭغار خانلىقىنى قۇردى . باتۇرخۇنتەيجى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋىردە ، جۇڭغار خانلىقىنىڭ تېررىتورىيىسى شەرقتە ئالتاي تاغلىرىدىن غەربتە بالقاش كۆلىگىچە ، جەنۇبتا تەڭرى تاغلىرىدىن شىمالدا يىنسەي دەرياسى ۋە ئىمىل دەرياسىغىچە بولغان كەڭ رايونلارغا كېڭەيدى . ئۇ يالغۇز ھازىرقى شىمالىي شىنجاڭ رايونىدىلا ئەمەس ، بەلكى ، چىڭخەيدىكى موڭغۇل قەبىلىلىرى ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۈچيۈز ( چوڭ يۈز ، ئوتتۇرا  يۈز ، كىچىك يۈز ) قازاقلىرى ۋە قىرغىزلارنىمۇ ئۆزلىرىگە ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى . باتۇر خۇنتەيجى 1640-يىلى ھازىرقى تارباغاتايدا ئويرات ۋە خالخا موڭغۇللىرىنىڭ 27 قەبىلە سەردارلىرى قاتناشقان قۇرۇلتاي چاقىرىپ ، يېڭى موڭغۇل ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلدى . قۇرۇلتايدا  ئويرات موڭغۇل ياسىقى  نى ماقۇللاپ ، بۇ ئارقىلىق جۇڭغار خانلىقىنىڭ سىياسىي ، ھەربىي ، ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى بىر تۇتاش باشقۇردى . باتۇر خۇنتەيجى 1647-يىلى 11-ئايدا ، خانبالىق (  ھازىرقى بېيجىڭ ) قا ئەلچى ئەۋەتىپ ، مەنچىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە بەيئەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . 1673-يىلى غالدان جۇڭغار خانلىقىنىڭ خانى بولدى . ئۇ 1677-يىلى چىڭخەيگە ھۇجۇم قىلىپ ، خۇشۇت قەبىلىسىنى بويسۇندۇردى . 1717-يىلى تىبەت ( شىزاڭ ) كە ھۇجۇم قىلىپ ، لىخاسانى بېسىۋېلىپ ، تىبەتنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقىنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان خۇشۇت قەبىلىسىنىڭ سەردارى لاساڭ خاننى ئۆلتۈرۈپ ، خۇشۇت قەبىلىسىنىڭ 1642-يىلىدىن باشلاپ ، تىبەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىش تارىخىغا خاتىمە بېرىپ ، تىبەت رايونىنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقى دائىرىسىگە كىرگۈزدى . شۇنىڭدىن 41 يىل بۇرۇن يەنى 1680-يىلى غالدان يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ خانى ئىسمايىلخان تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئاق تەقىيلىق ئىشانلارنىڭ خوجىسى ھىدايىتىللا ( ئاپپاق خوجا ) نىڭ ئىلتىجا قىلىشى ۋە يول باشلىشى بىلەن يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنى ( 1680—1514 ) يوقىتىپ ، پۈتكۈل ماڭلاي سۆيە ( جەنۇبىي شىنجاڭ ) رايونىنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىغا قوشۇۋالغانىدى . دېمەك ، جۇڭغار خانلىقى بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە خېلى كۈچىيىپ ، كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشى قوزغاشقاباشلىدى . جۇڭغار خانى غالدان 1670-يىلىدىن 1696-يىلىغىچە مەنچىڭ سۇلالىسىغا قارشى ئۈزلۈكسىز ئۇرۇش قوزغاپ ، مەنچىڭ سۇلالىسىغا خىرىس قىلدى . مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى كاڭشى ئۆزى بىۋاسىتە ئىككى قېتىم قوشۇن باشلاپ چىقىپ ، جۇڭغار خانى غالدان قوشۇنلىرىنى مەغلۇب قىلدى . غالدان ھازىرقى موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى ئۇرخۇن دەرياسىنىڭ تارمىقى ئېمىل دەرياسى بويىدا زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالدى . شۇنىڭ بىلەن مەنچىڭ سۇلالىسى قوشۇنى جۇڭغار قوشۇنىغا قوغلاپ زەربە بېرىپ ، ئۇلارنى شىمالىي شىنجاڭ رايونىغا چىكىندۈرۈۋەتتى . 1697-يىلى سىۋاڭ ئاراپدان ئالمالىقتا ئۆزىنى جۇڭغار خانلىقىنىڭ خانى دەپ جاكارلاپ ، مەنچىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە ئىتائەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

1754-يىلى داباجى جۇڭغار خانلىقىغا خان بولدى . شۇ يىلى دوربۇت قەبىلىسىنىڭ سەردارى ئامۇرسانا چىڭ سۇلالىسىغا ئەل بولدى . پادىشاھ چيەنلۇڭ چېڭدىېدىكى يازلىق ئوردىسىدا ئامۇرسانانى قوبۇل قىلىپ ، ئۇنىڭغا ۋاڭلىق ئۇنۋانىنى بەردى . 1755-يىلى جۇڭغار خانلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھوقۇق تالىشىش ماجراسى يۈز بەردى . بۇ مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىشى ئۈچۈن پايدىلىق پۇرسەت بولدى . 1755-يىلى مەنچىڭ سۇلالىسى قوشۇنى قۇمۇل ۋە بارىكۆلدىكى لەشكىرى بازىلىرىدىن يولغا چىقىپ ، موڭغۇلكۆرەدىكى گىدىن تېغىدا جۇڭغار قوشۇنىنى مەغل قىلدى . داباجى قېچىپ ئۈچتۇرپانغا كەلگەندە ، ئۈچتۇرپاننىڭ ھاكىمبېگى غۇجەش ئۇنى تۇتۇۋېلىپ ، ئېلىدىكى مەنچىڭ قوشۇنىغا تاپشۇرۇپ بەردى . مەنچىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى داباجىنىڭ ئورنىغا خان تەسىس قىلماي ، جۇڭغارلارنىڭ تۆت قەبىلىسىگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆت خان قويدى . ئامۇرسانانى بولسا چەتتە قالدۇردى . بۇنىڭدىن نارازى بولغان ئامۇرسانا 1755-يىلى 9-ئايدا ئاشكارا ھالدا قوشۇن باشلاپ چىقىپ ، مەنچىڭ سۇلالىسىگە قارشى ئىسيان كۆتۈردى . مەنچىڭ سۇلالىسى قوشۇنى 1757-يىلى 2- ئايدىن 8-ئايغىچە جۇڭغار قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ ، جۇڭغار خانلىقىنى پۈتۈنلەي يوقاتتى . ئامۇرسانا روسىيە تەۋەسىگە قېچىپ بېرىپ چېچەك كېسىلى بىلەن ئۆلدى . شۇنىڭ بىلەن مەنچىڭ سۇلالىسى نەزەرىنى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا قاراتتى . بۇ چاغدا ، جۇڭغار خانلىقىدا تۇرغاقلىقتا تۇرۇۋاتقان بورھانىدىن خوجا بىلەن خان خوجا مەنچىڭ قوشۇنى تەرىپىدىن ئازات قىلىنىپ ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا ئەۋەتىلگەنىدى . يەنە كېلىپ بۇرھانىدىن  خوجا جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا ھۆكۈمدار قىلىپ ئەۋەتىلگەنىدى .  مۇشۇنداق ئەھۋالدا بۇرھانىدىن خوجا بىلەن خان خوجا كۇچادا توپىلاڭ كۆتۈردى ، 1758-يىلى 1-ئايدا ، خان خوجا كۇچادا ئۆزىنى باتۇرخان دەپ جاكارلاپ ، ئىلاھىيەت بىلەن ھاكىمىيەت بىرلەشتۈرۈلگەن باتۇرخانلىقىنى قۇردى . جۇغلىغان توپىلاڭچى قوشۇنى 100 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى . بۇ—تارىختا چوڭ-كىچىك خوجىلار توپىلىڭى دەپ ئاتالدى . 1758-يىلى 8-ئايدا جاۋخۇي باش قوماندانلىقىدىكى مەنچىڭ قوشۇنى چوڭ-كىچىك خوجىلار توپىلىڭىنى باستۇرۇش ئۈچۈن جەنۇبىي شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلدى . 1759-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى چوڭ-كىچىك خوجىلار ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇب بولدى . بورھانىدىن خوجا بىلەن خان خوجا 300دىن ئارتۇق ئادىمىنى باشلاپ پامىردىكى يېشىلكۆل ئارقىلىق بەدەخشانغا قېچىپ بارغاندا ، بەدەخشان بەگلىكىنىڭ ئەمىرى مۇزەپپەر سۇلتانشاھ بورھانىدىن خوجا بىلەن خان خوجىنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ بېشىنى مەنچىڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتتى ،  شۇنىڭ بىلەن مەنچىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى ئۈزۈل-كېسىل قايتۇرۇۋېلىپ بىرلىككە كەلتۈرۈش تارىخى ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇندىدى .مەنچىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ چوڭ-كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلىڭىنى باستۇرۇپ ، جەنۇبىي شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىش ئۇرۇشى كەڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى .قۇمۇلنىڭ سەردارى يۈسۈپ خوجا ، تۇرپاننىڭ سەردارى ئىمىن خوجا ، كۇچانىڭ ھاكىمبېگى مىرزاھادى ، باينىڭ ھاكىمبېگى گادايمەت ، ئۈچتۇرپاننىڭ ھاكىمبېگى غۇجەش ، يەكەننىڭ ھاكىمبېگى ھۈسۈيۈن ، خوتەننىڭ ھاكىمبېگى قوشۇق قاتارلىق يەرلىك ئەمەلدار-بەگلەر ۋە يۇقىرى تەبىقە دىنىي زاتلار مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىش ئۇرۇشلىرىدا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى . مەنچىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئۇلارغا يۈكسەك شان-شۆھرەت بەردى . پادىشاھ چيەنلۇڭ ئىمىن خوجا ، مىرزاھادى ، غوجەش قاتارلىق ئۈچ كىشىنىڭ رەسىمىنى سىزدۇرۇپ ، خان ئوردىسىدىكى زىگۇاڭگې سارىيىغا ئاستۇردى ھەم ئۆزى بۇ ئۈچ كىشىگە ئاتاپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا بېغىشلىما يازدى :

[align=center]جەمەتىكى تۇرپاندىن ، بۇرۇنلا توغرا يول تاپقان ،

ھەربىي ئىشقا ھەمدەم بوپ ، كۆپلىگەن ھەسسە-كۈچ قوشقان .

ھال-ئەھۋالى ئۇيغۇرنىڭ بىر ئوبدانلا تونۇش ئاڭا ،

تۆكەر ئىچىدىكىنى ، ساپ ۋىجدانلىق ، قەتئى راسا .

( ئىمىن خوجىغا بېغىشلانغان . ) 

توغرا يول تاپقانىدى ئۇ ، ئېلى تىنچىغان ھامان ،

ھەم سۇلالىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلغان شۇندىن بۇيان .

ئۇيغۇر ئىچىدە كۆرۈنەرلىك ، كۆڭلى تۈز ئەرباپ ئۆزى ،

ئەل قىلىش ئۈچۈن خوتەننى ، يولغا ئۇ بولغان راۋان .

قالدى قورشاۋ ئىچىدە ئۈچ ئاي شۇندا گابۇشۇ بىلەن ،

ئىستىھكام ياساشتا غەيرىتى يۈكسەك بولغان .  

( مىرزاھادىغا بېغىشلانغان . ) 

داباجىنى تۇتۇپ بېرىپ ، بىجا قىلغاندى پەرماننى ،

تىڭىرقاپ قېلىپ كېيىن بىزنىڭ قوشۇننى قارشى ئالغانىدى .

قوشۇنىمىز بىلەن بىللە قارا سۇدا قامالغان ھەم ،

ئۇنىڭ ئابرۇيى بار يۈكسەك ، ھازىر پايتەختتە جاي ئالدى .  

( غوجەشكە بېغىشلانغان . )[/align] 

( ليۇزشاۋ :  ئۇيغۇر تارىخى  خەنزۇچە ،  1-قىسىم 510-بەت . ) تارىخچى ئالىم موللا مۇسا سايرامى تارىخى ھەمىدى دە بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ : خاقان بۇ ئالتە جان بەگنىڭ ) مىرزاھادى قاتارلىقلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ . ئاپتور ( سۈرىتىنى قىلدۇرۇپ ، ئۇششاق تالدا بىر كاتتا بۇتخانا بىنا قىلدۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ سۈرەتلىرىنى قويدۇرۇپ : بۇ بەگلەرنى يەتتە شەھەرنىڭ ئىگىسى، تەربىيىسىگەردارى ۋە ساقلىغۇچىسى قىلىپ مەنسەپ بەردىم . بۇنىڭدىن كېيىن ، يەتتە شەھەرگە ئۆتكەن مەنسەپدارلار بۇ بەگلەرنى يوقلاپ ئۆتسۇن  دەپ يارلىق قىلغانىكەن … ھەر قانداق مەنسەپدار ياكى سودىگەر-مەيمەيچىلەر بېيجىڭ تەرەپتىن كېلىپ بۇ بۇتخانا بار مەنزىلگە يەتكەندە ، ھامان ئاتتىن چۈشۈپ ياكى قونۇپ ، ئۆز ئادەت-رەسىمى بويىچە قەغەزلەرنى كۆيدۈرۈپ ۋە بىر نەچچە قېتىم باش ئۇرۇپ ، بۇ سۈرەت-بۇتلاردىن مەدەت-ياردەم تىلەپ ، ئاندىن ئۆتىدىكەن … بۇ بۇتخانىنى  ئۇلۇغ ئۆي  دەپ ئاتايدىكەن . بۇ بەگلەرنىڭ ئەۋلادىمۇ > بىزلەر ئۇلۇغ ئۆي ئادەملىرىنىڭ ئەۋلادىدىن بولىمىز < دەپ پەخىرلىنىپ ماختىنىدىكەن . ( موللا مۇسا سايرامى : تارىخىي ھەمىدى ،  146-بەت . )

1759-يىلى مەنچىڭ سۇلالىسى جۇڭغارلارنىڭ توپىلىڭىنى ۋە چوڭ-كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلىڭىنى مەغلۇب قېلىپ ، شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىپ ، ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالغاندىن كېيىن ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ، بۆلۈنمىچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىشكە باشتىن-ئاخىر يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەردى . 1765-يىلىدىكى  ئۈچتۇرپان قوزغىلىڭى، 1815-يىلىدىكى زىياۋۇدن توپىلىڭى، 1828-يىلىدىكى جاھانگىر خوجا توپىلىڭى، 1830-يىلىدىكى يۈسۈپ خوجا توپىلىڭى، 1847-يىلىدىكىيەتتە خوجا توپىلىڭى، 1857-يىلىدىكى ۋەلىخان تۆرە توپىلىڭى، 1865-يىلىدىكى ياقۇببەگ تاجاۋۇزى قاتارلىق ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزگەن ۋەقەلەرنى تىنچىتىش جەريانىدا ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ، شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىدىن ئايرىپ چىقىشقا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشلىرىدا كۆرۈنەرلىك خىزمەت كۆرسەتكەن يەرلىك ئۇيغۇر بەگ-ئەمەلدارلارغا يۇقىرى شان-شەرەپ بەردى . بولۇپمۇ جاھانگىر خوجا توپىلىڭىنى تىنچىتىش ۋەياقۇپبەگ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئاشۇ تارىخىي دەۋردىكى خەۋپ بىرقەدەر زور بولغان ھايات-ماماتلىق كەسكىن كۈرەشلەردە ، ئىرادىسى مۇستەھكەم ، تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك بولغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرىگە يۇقىرى شان-شەرەپ بېرىپ ، ئۇلارنى ئەتىۋارلىدى ، بېيجىڭگە كۆچۈرۈپ كېلىپ ، يۇقىرى تەمىناتتىن بەھرىمەن قىلدى . 1828-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى مەنچىڭ پادىشاھى داۋگۇاڭ جاھانگىر خوجا توپىلىڭى نى تىنچىتىشتا ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن 40 كىشىنىڭ رەسىمىنى جۇڭنەنخەيدىكى زىگۇاڭگې زالىغا سىزىشنى بۇيرىدى . ( قەشقەر ۋىلايىتى تەزكىرىسى . 86-بەت ) بۇلارنىڭ زوركۆپچىلىكى ئۇيغۇر بەگ ئەمەلدارلار ئىدى .مەنچىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىش ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش كۈرەشلىرىدە ، خىزمەت كۆرسەتكەن ، تەسلىم بولغان يۇقىرى تەبىقە ئۇيغۇر كىشىلىرىنى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، بىر تۈركۈم قول ھۈنەرۋەن ، سەنئەتچىلەرنى تۈركۈمگە بۆلۈپ ، بېيجىڭ شەھىرىگە ئەكىلىپ ئورۇنلاشتۇرغانلىقى توغرىسىدا مۇنداق تارىخىي خاتىرىلەر بار :چيەنلۇڭنىڭ 24-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ( 1760-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى)  گەنسۇنىڭ تەپتىشى ۋۇداشەن مۇشۇ ئىش توغرىسىدا پادىشاھ چيەنلۇڭغا يازغان مەخسۇس مەلۇماتنامە ھازىرمۇ جۇڭگو بىرىنچى تارىخ ئارخىپلىرى ئىدارىسىداساقلانماقتا . بۇ مەلۇماتنامىدە مۇنداق دېيىلگەن :  بۇ يىل 12-ئاينىڭ 5-كۈنى جىلىڭ ۋە ئۇلارنىڭ داققالچىسى سۇجۇغا يالاپ ئېلىپ كەلگەن ئاسىيلار باشلىقىدىن كاللىسى ئېلىنغان خوجا جاھاننىڭ ئائىلە تەۋەسى ۋە ئۇرۇق-جەمەتى بولۇپ 14 كىشى ، بىللە كەلگەن ئايال تۆت كىشى ، جەمئىي 18 كىشىنى شۇئان يول خېتى تارقىتىپ بېرىپ ، يول ئۈستىدىكى جايلارغا ئۇقتۇرۇپ ، يالاپ-مۇھاپىزەت قىلىپ ئاپىرىش ئۈچۈن ئىككى نەپەر ئەمەلدار ، بىر چەنزۇڭ ، بىر بازۇڭ بىلەن 10 دىن ئەسكەر ، خىزمەتچى بەلگىلەپ ، 12-ئاينىڭ 6-كۈنى سۇجۇدىنبېيجىڭغا يولغا سالدىم  . جۇنجىچۇ ( قارا دىۋان ) مەلۇماتلىرى  ،مىللەتلەر تۈرى ، 2001-جىلد .  چيەنلۇڭنىڭ 26-يىلى ( 1671-يىلى ) شىنجۇ ، ئىمىن خوجىلارنىڭ مەلۇماتىدا نەقىل كەلتۈرۈلگەن چيەنلۇڭنىڭ يارلىقىدا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ ئېنىق ئېيتىلغان . ئەسلى مەلۇمات مۇنداق : يارلىققا بىنائەن شۇنى مەلۇم قىلىمىزكى ، چيەنلۇڭنىڭ 26-يىلى 4-ئاينىڭ 71-كۈنى ، قارا دىۋاننىڭ ئەۋەتكەن خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق . بۇنىڭدا خاننىڭ 3-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى يارلىقى يەتكۈزۈلۈپ : خەيمىڭنىڭ يازغان مەلۇماتىدا چوڭ خوجا بۇرھانىدىننىڭ خوتۇنى ئايشە ئاغچىدىن تۇغۇلغان ئوغىلى سامساقنى ۋە سامساقنىڭ ئىنىكئانىسى ئۇيغۇرئەختەر بۇبى ھەم سامساقنى باققان ئۇيغۇر پولات سوپىنى بىرلىكتە بېيجىڭغا يولغا سالدۇق ، دەپتۇ . چوڭ خوجا بۇرھانىدىننىڭ ئوغلى سامساق گۆدەك بالا تۇرسا ، ئۇنىڭ قانداقمۇ جىنايىتى بولسۇن ؟ بېيجىڭغا ئەۋەتىلگەن بولسا ، پەقەت بېقىپ ئۆستۈرۈلىدۇ ، ھېچقانداق جىنايەت ئارتىلمايدۇ . پولات سوپى ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى خوجايىنىنى ياد ئېتىپ سامساقنى باققانىكەن ، ئۇنى كەچۈرۈشكە بولاتتى . بېيجىڭغا ئەۋەتىلگەندىمۇ ، ئۇنىڭغا جىنايەت ئارتىلمايدۇ . پەقەت ئورۇنلاشتۇرۇپ بېقىلىدۇ ، خالاس . بۇنى يۇڭگۇي ، شىنجۇ ، خەيمىڭلارغا يەتكۈزۈڭلار ، ئۇلار بۇ يارلىقتىن پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى خەۋەردار قىلسۇن  دېيىلگەن . چيەنلۇڭنىڭ 25-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى ( 1760-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى ) چيەنلۇڭ خان خوجا جەمەتىنىڭ قەبرىلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش توغرىسىدا چۈشۈرگەن يارلىقىدا مۇنداق دېگەن :  قەشقەردىكى خوجىلارنىڭ مازارلىرىنى ساقلاشقا ئادەم ئاجرىتىپ بېرىلسۇن ، بۇ جايلارنى ئوتۇن كېسىش ۋە بۇل

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : تارىخ، بېيجىڭ، ئۇيغۇرلار

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟