torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئاقسۇدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارى 2200 دىن ئاشتى

ئاقسۇدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارى 2200 دىن ئاشتى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ تولۇقسىز ستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايتىدە 1996- يىلى تۇنجى ئەيدىز يۇقۇمدارى بايقالغاندىن باشلاپ، ئەيدىز يۇقۇمىنىڭ مەزكۇر ۋىلايەت تەۋەسىدە يامرىشى بىرقەدەر تېز بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاقسۇ ۋىلايتىدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ئەيدىز كېسەللىكى قوزغىلىش يۇقىرى باسقۇچىغا قەدەم قويۇپتۇ.
نۆۋەتتە ئاقسۇ ۋىلايتىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان كىشى 2200 نەپەرگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە قان ئارقىلىق يۇقۇملانغانلارنىڭ نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن بولۇپ جىنسىي يول ئارقىلىق يۇقۇملانغانلار بىلەن ئاندىن بالىغا يۇقۇش يولى ئارقىلىق يۇقۇملانغانلارنىڭ نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئاشقان. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، ئەيدىز يۇقۇش خەتىرى يۇقىرى كىشىلەر ( زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگۈچىلەر ، پاھىشىلەر، قان ساتقۇچىلار ، قان سالغۇچىلار ) توپىدىن يۇقۇش خەتىرى نىسبەتەن تۆۋەن دەپ قارىلىۋاتقان ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا قاراپ خىرىس قىلماقتا ئىكەن.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا شۇكى، ئاقسۇ دىياردىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى مەركەزلەشكەن رايون ئىلگىرىكى ئاقسۇ شەھرى ۋە كۇچا ناھىيىسىدىن ئەتراپتىكى باشقا ناھىيىلەرگە قاراپ يۆتكىلىۋېتىپتۇ.
ئىزاھاتلارغا كۆرە، ئاقسۇ ۋىلايتىدىكى ئەيدىز يۇقۇمىغا ئائىت يۇقىرىدىكى سانلىق مەلۇمەت لابوراتورىيە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن چىقىرىلغان ستاتىستىكا نەتىجىسى بولۇپ، بۇ بايقالغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى پەقەت ئەمەلىي ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ بىر قىسىمى ئىكەن.

ئاقسۇ ۋىلايىتىدە 2 دوختۇرخانا ئەيدىزنى مەخسۇس داۋالاش خىزمىتىگە مەسئۇل

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تېزگىنلەش ئورنىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى ( 阿克苏市人民医院 ) ۋە كۇچا ناھىيىلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى ( 库车县传染病医院 ) ۋىلايەت تەۋەسىدىكى بارلىق ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنى پۈتۈنلەي ھەقسىز بولغان ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئاقسۇ شەھەرلىك دوختۇرخانا ئاۋات، ئۈچتۇرپان، كەلپىن، ئۇنسۇ ۋە ئاقسۇ شەھرىدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنى داۋالاشقا مەسئۇل بولىدىكەن. كۇچا ناھىيىلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى شايار، شىڭىخا، باي ۋە كۇچا ناھىيىسىدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنى داۋالاشقا مەسئۇل بولىدىكەن.
ئەيدىز ۋىرۇسى مەخسۇس تەكشۈرۈشىدە نەتىجە مۇسبەت چىققان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ئىچىدىكى CD4 سى 200 دىن تۆۋەن بولغان يۇقۇمدارلار يۇقىرىدىكى 2 بېكتىلگەن مەخسۇس داۋالاش ئورنىغا بېرىپ ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئېلىپ بارسا بولىدۇ. نۆۋەتتە، 10 نەپەر ئەيدىز يۇقۇمدارى سىستېملىق داۋالاشنى قوبۇل قىلىۋېتىپتۇ.

نامرات ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى تۆۋەن كاپالەت سىياسىتىدىن بەھرىمان بولىدۇ

تۇرمۇش شارائىتى ناچار بولغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تۆۋەن كاپالەتكە كىرگۈزۈلۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ۋە مۇناسىۋەتىلىك ئەھۋاللىرى تەكشۈرۈپ تەھقىقلەنگەندىن كېيىن قۇتقۇزۇش ئوبيېكىتلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، تۆۋەن كاپالەت ياردەم سىياسىتىدىن بەھرىمان بولسا بولىدىكەن.
تۆۋەن كاپالەتتىن بەھرىمان بولىدىغان يۇقۇمدارلارغا قەتئىي كەمىستىلمەسلىك ئاساسىدا، 美沙酮 ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
ئاتا – ئانىسى ئەيدىز تۈپەيلى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ئاتا – ئانىسى ھەر ئىككىلى تەرەپ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بالىلار بىردەك ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمان قىلىنىدىكەن.
يۇقىرىقى ئېتىبار بېرىش ، قۇتقۇزۇش، يۆلۈش خىزمەتلىرىنى ئىشلگۈچى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار يۇقۇمدارلارنىڭ كېسەللىك مەخىپىيەتلىكىنى مۇتلەق ساقلايدىكەن.

مەنبە

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!1نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. قاپلان مۇنداق يازغان:

    پەرۋەردىگارىم ھەممىمىزنى يامان يولدىن، ئازغۇن ھېس-تۇيغۇلاردىن ساقلىغايسەن!

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟