ئاسىيا كىندىكى تورى ( 亚心网 ) خەۋرى، 2011 – يىللىق جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ۋە جۇڭگو قۇرلۇش ئاكادېمىيىسىگە ئاكادېمىك نامزاتى كۆرسىتىش خىزمىتى ئالدىنقى ئايدا تاماملانغان بولۇپ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۈچۈن 314 نەپەر، جۇڭگو قۇرلۇش ئاكادېمىيىسى ئۈچۈن 485 نەپەر كىشى نامزات بولۇپ تاللانغان. شىنجاڭدىن 8 نەپەر كىشى تاللانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پەخىرلىك ئوغلانلىرىمىزدىن دوكتور خالمۇرات غوپۇر ۋە ئۇستاز ھوشۇر ئىسلام بار ئىكەن. بۇ تارىختا دىيارىمىزدىن ئاكادېمىكلىك نامزاتلىقىغا كىرگەن كىشى ئەڭ كۆپ بولغان يىل ئىكەن.
خەلق تورىدا ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتىن قارىغاندا، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى دوكتور خالمۇرات غوپۇر جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ نامزاتلىقىغا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ھوشۇر ئىسلام جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيىسىنىڭ نامزاتلىقىغا تاللانغان. بۇندىن باشقا ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1 – دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى ۋېن خاۋمۇ جۇڭگو قۇرلۇش ئاكادېمىيىسىنىڭ نامزاتلىقىغا كىرگەن بولۇپ، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تەڭلا 2 كىشى نامزاتلىققا ئوڭۇشلۇق تاللانغان، بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال ئىكەن. شىنجاڭدىن تاللانغان 8 كىشى ئىچىدە 3 كىشى ئاز سانلىق مىللەتتىن بولۇپ، يۇقىرىقى ئىككەيلەندىن باشقا ئۈرۈمچى تىۋىت ئۆچكىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ئېرشات مالىك ( ئۆزبېك ) مۇ بار ئىكەن.
جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاكادېمىكى ۋە جۇڭگو قۇرلۇش ئاكادېمىيىسى ئاكادېمىكى بولسا دۆلەت تەسسىس قىلغان پەن – تېخنىكا ۋە قۇرۇلۇش – تېخنىكا جەھەتتىكى ئەڭ كاتتا – ئالىي شان – شەرەپ بولۇپ، ئۆمۈرلۈك بېرىلىدىغان نامدۇر.
ئىگىلىنىشىچە، ھازىر شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئاكادېمكتىن 5 كىشى بار بولۇپ، ئۇلار قۇرلۇش، يېزا – ئىگىلىك، چارۋچىلىق، نېفېت قىدرىش قاتارلىق ساھەلەردە زور تۆھپىلەرنى قوشۇۋېتىپتۇ. ئەمما، ھازىرغىچە بىرمۇ ئۇيغۇر ئاكادېمىك يوق ئىكەن. ئەگەر بۇ 2 مۆھترەم ئالىملىرىمىزدىن قايسى بىرى ئاكادېمىكلىك شەرىپىنى قۇچۇپ قالسا ، شۇ كىشى جۇڭگودىكى تۇنجى ‹‹ ئۇيغۇر ئاكادېمىك ›› بولۇپ قالغۇسى!
ئەمدى، خەلق تورىدىكى نامزاتلارنى ئېلان قىلىپ ئۇقتۇرۇش قىلىش تاماملانسا، نامزاتلار كېيىنكى نۆۋەتلىك تەكشۈرۈپ تاللاشقا كىرىدىكەن.
بىز بۇ ئىككى ئۇستازغا زەپەر تىلەيمىز! ھەر ئىككىسىنىڭ تەڭلا ئاكادېمىكلىك شەرىپىنى قۇچۇپ، ئىلىم ساھەسىدە بېشىمىزنى يەنىمۇ ئېگىز قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!
مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : جۇڭگودا ئۇيغۇردىن ئاكادېمىك چىقىدىغان ئوخشايدۇ
جاپانى كىم تولا تارتسا ،
گۆھەرنى شۇ ئالۇر تاشتىن .
گۆھەرنى ئالغۇچە تاشتىن ،
نى ئىشلار ئۆتۈر باشتىن .
ھەقىقەتەن تۆھپىكار ۋە بىلىم ئىگىلىرى نامزاتلىققا تاللىنىپتۇ. خالمۇرت غوپۇر بىلەن ھوشۇر ئىسلامنىڭ تۆھپىسى ھەقىقەتەن زور، خۇدا خالىسا ئۇلار بۇ شان-شەرەپكە نائىل بولار. ئېرشات مالىكنىڭ جەنۇبىي تاغدا ئۇزۇن مەزگىل ئشىلىگەن تەجىربىلىرى ھەتتا چەتئەللەرنىمۇ ھەيران قالدۇرغان. دىيارىمىزدىن مۇشۇنداق دۇنياۋى ئالىملارنىڭ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئارىمىزدىن مۇشۇنداق ئادەملەر قانچە كۆپ چىقسا بىزگە شۇنچە ياخشى. ئالىملىرىمىزنىڭ سالامەت بولۇشىنى تىلەيمەن!
خالمۇرات غۇپۇر ئاكىمىزنىڭ ئاكادېمىك بۇلۇش ئېھتىمالى ناھايىتى زور.
ھوشۇر ئىسلام ئاكىمىز ۋە ئېرشات ئاكىمىزنىڭمۇ بىرلىكتە شەرەپ قۇچىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
بۇ بىر نەچچە يىلدىن بېرى دىيارىمىزدىن ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان خۇش خەۋەرلەر … يىتىشىپ چىقىۋاتقان ياش نوتىلار خۇددى ماڭا ئۇيغۇر باھارى يېتىپ كەلگەندەك تۇيۇلىدۇ …. ئېلاھېم شۇنداق بولغاي
ئارىمىزدىن مۇشۇنداق ئادەملەر قانچە كۆپ چىقسا بىزگە شۇنچە ياخشى. ئالىملىرىمىزنىڭ سالامەت بولۇشىنى تىلەيمەن!
مۇبارەك بولسۇن ، مۇبارەك بولسۇن ئۇيغۇرغا!
ئۆزبەگكىمۇ مۇبارەك بولسۇن!
تارىخنى ھەقىقىي قىدرىدىغان بولساق، ئۆزبەگلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىمۇ «قەدىمكى ئۇيغۇرلار» (回鹘) غا چېتىلىدۇ.
شۇنداق بولغاندىكىن، «قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا مۇبارەك بولسۇن» دېسەك، توغراراق بولارمۇ-يە!
ھەمىمىز مۇشۇ ئوغلانلارغا ئۇتۇق ۋە غەلبە تىلەيلى.!
مۇبارەك بولسۇن ، مۇبارەك بولسۇن !
ھەممىمىز ئۇقۇق تىلەيلى!
خوش خەۋەرلەر ۋە ئامەتلەتنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىسۇن.
مۇبارەك بولسۇن ئاللا ئۇلارنىڭ ئىشنى ئاسان قلغاي
ھاياجانلانغىدەك خوش خەۋەر ئىكەن، ئاللا مەدەت بەرسۇن.
«تىۋىتلىق قوي تەتقىقات ئورنى» ئەمەس، «تىۋىت ئۆچكىسى تەتقىقات ئورنى». تىۋىتنى ئۆچكىدىن ئالىمىز.
چالا تىلماچلىقىم چېنىپتۇ – دە ، ئاخىر! ۋاقتىدا تۈزىتىۋالاي، كۆپ تەشەككۈر !
خالمۇرات دوكتۇرغا ھەممىمىز بېلەت تاشلايلى ! بىزدىنمۇ ئاكىدىمېك چىقسۇن!! ئاقادىر
ئاكادېمىك باھالاشنىڭ ئۆلچىمى قانداقلىقىنى بىلمىدىم ، لېكىن بىزدىمۇ ئاكادېمىك ئۆلچىمىگە توشىدىغانلار خېلى كۆپ ئىدى . مەسلەن ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئمىن ، خالمۇرات غۇپۇر ، ئىبراھىم مۇتىھى …دىگەندەك. خۇداغا شۈكرى بۇ كۈنلەردە ئىلىم -مەرىپەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى تىلغا ئالىدىغان كىشلەرمۇ بارلىققا كگلگەن ئوخشايدۇ .يۇقارقى ئىلىم -مەرىپەت ساھەسىدە زەپەر قۇچقان ئۈچ كىشىگە ۋە باشقىلارغا چۇڭقۇر ئامەت تىلەيمەن ! مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇلار يەنىلا ئاكادېمىك . گەرچە مەن ئۇلارغا تۈمۈر تامغا باسقان كىنىشكە تارقىتىپ بېرەلمىسەممۇ ؟؟؟!!!
خالمۇرت غۇپۇر ،ھوشۇر ئىسلام، ئېرشات مالىك قاتارلىق شىرمەتلىرىمىزگە ئاپىرىن بۇلارنىڭ تۆھپىسىنى بىر بىرى بىلەن سېلشتۇرالمىساقمۇ ، لېكىن بۇ شىرمەت ئەزمەتلەرنىڭ تۆھپىسىگە كۆز يۇمۇشقا ، سەل قاراشقا بولمايدۇ.؛ چۈنكى بۇلار ئۆز كەسىپ دائىرىسىدە دەۋىر بۆلگۈچ خاراكتىرلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ! بۇلارغا چوڭقۇر ئامەت تىلەيمىز ،ۋە ئالىي ئىھتىرام بىلدۈرىمىز!
مەن مۇ بۇ تىمېنى كۇرۇپ بەكمۇ خوشال بۇلىۋاتىمەن ئورىلە ‹ئۇيغۇرۇم› …………………
ئەل ئوغلى خالمۇرات غوپۇر كۆپلىگەن كۈچلۈك رىقابەتچىلىرىنى يېڭىپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكلىكىگە رەسمىي نامزات بولۇپ تاللاندى. بۈگۈن ئاكادېمىك نامزاتلىرى ئەلگە ئۇقتۇرۇش قىلىنغان بولۇپ، ئۇقتۇرۇش ۋاقتى 1 ئاي، مۇشۇ مەزگىل ئىچىدە ئەل ئىچىدىن ئالاھىدە پاش قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلمىسە، دوكتۇر خالمۇرات غوپۇر جۇڭگودا ئۇيغۇرلاردىن چىققان تۇنجى ئاكادېمىك بولۇپ قالغۇسى!
شىنخۇا توردىكى ئۇقتۇرۇش بېرىلگەن بەت مەنزىلى ئۈچۈن بۇ جاينى بېسىڭ!