نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > بلوگ بىلدۈرگىسى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

يۈكسەل بلوگنىڭ يېڭى نەشىرى ھەققىدە 9 گەپ

يۈكسەل بلوگنىڭ يېڭى نەشىرى ھەققىدە 9 گەپ

يۈكسەل بلوگىنىڭ يېڭى نەشىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كەڭ تورداشلارنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. ئەسلىدىكى تور ئادرېسىمىز ئالماشقان، كەڭ بلوگىر دوستلار ۋەباشقا ئۇلۇغ – ئۇششاق تور بېكەتلەر بىلەن قىلغان دوستانە ئۇلىنىشلىرىمىز ئەمەلدىن قالغان شارائىت ئاستىدا، يۈكسەل بلوگىنىڭ زىيارەت ئېقىمىدا زور تۆۋەنلەش كۆرۈلمدى. نۆۋەتتە زىيارەت ئېقىمى يەنىلا مۇقىم سەۋىيىدە سىجىل ئاشماقتا.
ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ بلوگ زىيارىتىگە تېخىمۇ قولايلىق ( كۆرسەتمە ) بولۇشى ئۈچۈن، مەزكۇر تېمىدا يۈكسەل بلوگنىڭ يېڭى نەشىرى ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم ئىقتىدارلىرى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ چىقىشنى مۇۋاپىق تاپتۇق.

1. يۈكسەل بلوگىنىڭ مەڭگۈلۈك تور ئادرېسى قايسى ؟

يۈكسەل بلوگى ئۈچۈن خەلقئارالىق ۋە جۇڭگوغا خاس بولغان 2 تور ئادرېسى ئىلتىماس قىلىنغان بولۇپ، بۇلار تۆۋەندىكىچە:

http://www.yukselblog.com ( يۈكسەل بلوگ كوم )

http://www.yukselblog.cn ( يۈكسەل بلوگ سى ئېن )

2. يۈكسەل بلوگىنىڭ نۆۋەتتە ئىشلىتۋاتقان بلوگ پروگىراممىسى قايسى ؟

يۈكسەل بلوگىنىڭ نۆۋەتتە ئىشلىتىۋاتقان بلوگ پروگىراممىسى PJBLOG3 ، بولۇپ مەزكۇر پروگىراممىنى تۈزگۈچى QZONE نى ئېچىش گۇرۇپپىسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى بولغان PuterJam، مەزكۇر پروگراممىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق ئۈمىدلىك ياش دوستىمىز تەدبىركاردۇر.

3. يۈكسەل بلوگى زىيارەتچىلەرگە قايسى خىل زىيارەت قولايلىقلىرىنى تەمىن ئەتكەن؟

( 1 ) يۈكسەل بلوگىنىڭ سەھىپىلىرى بىرقەدەر ئىنچىكە تۈرگە ئايرىلغان بولۇپ، ھازىرغىچە جەمئىي 11 سەھىپە تەسسىس قىلىندى. زىيارەتچىلەر مۇشۇ سەھىپىلەر بويىچە ناھايىتى ئوڭايلا ھەرقايسى تۈرلەر بويىچە يازمىلارنى ئىزدەپ كۆرۈش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.
( 2 ) << خەتكۈچ >> رايونىدىنمۇ ئۆزىمىز قىزىققان سۆزلەرنى تاللاپ، شۇنىڭغا ئالاقىدار يازمىلارنى زىيارەت قىلىش مەقسىتىگە يېتىش مۇمكىن.
( 3 ) يۈكسەل بلوگىغا مەخسۇس << بلوگدىن ئۇچۇر ئىزدەش >> كۈچەيتىلمە ئىزدەش كۆزنىكى قويۇلغان بولۇپ، مەزكۇر كۆزنەك ئارقىلىق ئۆزىمىز ئىزدىمەكچى بولغان يازمىنى يازما تېمىسى ياكى مەزمۇنىدىكى ئاچقۇچلۇق سۆزنى كىرگۈزۈش ئارقىلىقمۇ ناھايىتى ئوڭايلا تېپىپ چىقالايمىز.
( 4 ) يۈكسەل بلوگىغا ئىزدەش ئىقتىدارى مىسلىسىز بولغان گۇگۇل ( Google ) ئىزدەش ماتۇرىنىڭ يۈكسەل بلوگى ئۈچۈن خاسلاشتۇرۇلغىنى قويۇلغان بولۇپ، مەزكۇر ئىزدەش ماتۇردىنمۇ بلوگدىكى ھەرقانداق ئۇچۇرنى تېز سۈرئەتتە تېپىپ چىقىش مۇمكىن. مەزكۇر ماتۇر يەنە پۈتۈن تور ساھەسىدىن ئۇچۇر ئىزدەش ئىقتىدارىغىمۇ ئىگە.

بۇلاردىن باشقا يەنە << ئەڭ يېڭى بلوگ يازمىلىرى >> ، << ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار >> قاتارلىق ئاساسىي ئىقتىدار كۆزنەكلىرى ئارقىلىق مۇناسىپ زىيارەت قىلىش قولايلىقىدىن بەھرىمان بولغىلى بولىدۇ. بىز بەلكىم بۇندىن كېيىن، << تەۋسىيلىك تېما >> ۋە << ئاتەش تېما >> قاتارلىق ئىقتىدار كۆزنەكلىرىنى سەپلىشىمىز مۇمكىن.

4. يۈكسەل بلوگىغا ئەزا بولۇشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار ؟

( 1 ) يۈكسەل بلوگ ئەزالىرىنىڭ يوللاپ بولغان ئۆز ئىنكاسىنى تەھرىرلەش ھوقۇقى بولىدۇ.
( 2 ) يۈكسەل بلوگ ئەزالىرى بلوگدىكى يوشۇرۇن مەزمۇنلارنى كۆرۈش ئىمتىيازىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
( 3 ) يۈكسەل بلوگ ئەزالىرىنىڭ ئىسمى ئاپتوماتىك ھالدا شۇ ئەزا تىزىملاتقان بلوگ ياكى تور ئادرېسىغا ئۇلانغان بولىدۇ. يەنى ئىنكاس يوللانغاندىن كېيىن، شۇ ئەزانىڭ ئىسمنى چېكىش ئارقىلىق ، مەزكۇر ئەزانىڭ بلوگى ياكى تور بېتىنى زىيارەت قىلىشقا بولىدۇ.

5. يۈكسەل بلوگىغا قانداق ئەزا بولىمىز ؟

بلوگ زىيارەتچىلىرى بلوگنىڭ يان ئاسما بۆلىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا جايلاشقان << ئابونتلار مەركىزى >> دىكى << تىزىملىتىش >> دېگەن خەتنى بېسىپ، ئېچىلغان كۆزنەكتىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ جەزىملەش ئارقىلىق يۈكسەل بلوگىغا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلالايدۇ.

6. يۈكسەل بلوگىنىڭ نۆۋەتتىكى نەشىرىدە بلوگ ئۇلىنىشلىرى بېرىشكە بولامدۇ؟

ئەلۋەتتە بولىدۇ. بەلكى بۇ خىل ئىقتىدار ئىلگىرىكى بلوگباس نەشىرىگە قارىغاندا كۈچەيتىلگەن بولۇپ، مەخسۇس ئۇلىنىش بېتى بار بولغاندىن باشقا، ئۇلىنىشلارنى باش بەت ياكى يازما بېتىدە كۆرسىتىش ئىقتىدارلىرى ھازىرلانغان. ئىلگىرىكى نەشىردە سان جەھەتتە چەكلىمىگە ئۇچىرىغان بولساق، نۆۋەتتىكى نەشىردە بۇ خىل چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان بولدۇق. ئىنشائاللاھ!

5. يۈكسەل بلوگىدا ئۇلىنىش بېرىشنى قانداق ئىلتىماس قىلىمىز؟

بلوگ باش بېتى ئوڭ ئاسما بۆلەك ئاستى تەرەپتىكى << YukselBlog ئۇلىنىشلىرى >> دېگەن ئورۇننىڭ ئاستىدىكى << ئىلتىماس قىلىش >> دېگەن خەتنى بېسىش ئارقىلىق، ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش بېتىگە كىرگىلى بولىدۇ. ۋە ئېچىلغان بەتتىكى كۆرسەتمىلەر بويىچە ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ، ئىلتىماس قىلىش مەشغۇلاتىنى تاماملىساق بولىدۇ.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى ، ئىلتىماس قىلىنغان ئۇلىنىشلار بىزنىڭ تەستىقىمىزدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلىنىشلار بېتى ياكى رايونىدا كۆرۈنىدۇ.

6. ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرى قايسى ؟

( 1 ) ئۇلانما ئالماشتۇرغۇچى بلوگ ياكى توربەت( بېكەت ) چوقۇم جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈرلۈك قانۇن – نىزاملىرىغا  ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن – تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رېئايە قىلغان ئاساستا تور پائالىيىتى قىلىدىغان بولۇشى كېرەك. يەنى مەزمۇنى چوقۇم ساغلام بولۇشى كېرەك.
( 2 ) ئۇلانما ئالماشتۇرغۇچى ئالدى بىلەن << يۈكسەل بلوگى >> نى ئۆزىنىڭ بلوگى ياكى تورىدا ئۇلىنىش قىلغان بولۇشى كېرەك.
( 3 ) << يۈكسەل بلوگى >> بارچە بلوگلارنى يۈكسەل بلوگ ئۇلىنىش بېتىدە ئۇلىنىش قىلىدۇ. باش بەتكە چىقىرىلىدىغان ئۇلىنىشلارنى ئۆزىمىز بېكىتىمىز ۋە بۇ ھەقتە ھېچقانداق چۈشەنچە بېرەلمەيدىغانلىقىمىزنى تەكىتلەيمىز.
( 4 ) ئۇلانما ئالماشتۇرغۇچى بلوگ چوقۇم ئىجادىي مەزمۇندىكى بلوگ بولۇشى كېرەك. ئەگەر باشقا مۇنبەر – تور بېكەتلەردىن يىغىپ تۆشەپ كېلىنگەن مەزمۇنلاردىن تۇرغۇزۇلغان قازناقسىمان بلوگ بولسا مەڭگۈ ئۇلىنىش قىلىنمايدۇ.
( 5 ) ئۇلانما ئالماشتۇرغۇچى بلوگ ياكى تور چوقۇم ئۇيغۇر تىلىدىكى بلوگ بولۇشى، خەت نۇسخىسى يۇنىكود ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولغان بلوگ بولۇشى كېرەك.

7. نۆۋەتتىكى نەشىرنىڭ بەزى ئىقتىدارلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقساق بولامدۇ ؟

( 1 ) يۈكسەل بلوگىنىڭ يېڭى نەشىرىنىڭ پېقىرنى ئەڭ خۇش قىلىدىغان ئىقتىدارى بلوگقا ئەزا قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى بولۇپ، چوڭ مۇنبەرلەرگە ئوخشاش ئەزا قوبۇل قىلغىلى، ئەزالارنىڭ بلوگ مۇلازىمەتلىرىدىن بەھرىمان بولىدىغان ئىمتىيازلىرىنى تەڭشىگىلى، خالىغان ئەزانى باشقۇرغۇچى، ياكى ئالاھىدە تەكلىپلىك يازغۇچى ئەزا قىلىپ قويغۇلى بولىدۇ. ئەزالارمۇ ئۆز ئىمىتىيازى دائىرىسىدە بلوگنى باشقۇرۇش، يازما يېزىش، تەھرىرلەش، باشقۇرۇش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلالايدۇ.
( 2 ) بلوگ يازمىسى يوللاش، تەھرىرلەش، ئىنكاس يوللاش ۋە تەھرىرلەش ئىقتىدارلىرىمۇ ئىلگىرىكى بلوگباستىكى نەشىرىگە قارىغاندا كۆپ كۈچلۈك.
( 3 ) بلوگقا ھەرخىل قوشۇمچە ئىقتىدار ، كود قوشۇش تولىمۇ قولايلىق ۋە ئەركىن بولۇپ، ئۆزىمىز خالىغانچە ئىقتىدارلارنى ياكى 3 – تەرەپ كودلىرىنى قويالايمىز.
( 4 ) بلوگ ئۈچۈن مۇستەقىل تور بوشلۇقى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ھېچقانداق بلوگ سۇپىسىغا تايانمىغان ھالدا ئۆز ئالدىمىزغا بلوگ نەشىر قىلىش ھوزۇرىنى سۈرمەكتىمىز.

8. ئۆزلىرى بىلەن پىكىرلىشىش، ئالەقىلەشمەك بولساق قانداق قىلىمىز؟

كەمىنە كەڭ تورداشلارنىڭ پېقىر بىلەن ئالاقلىشىشنى، قىممەتلىك تەكلىپ – پىكىرلىرىنى بېرىشىنى ، ئومۇمەن تور ئارقىلىق ھال – ئەھۋاللىشىپ ، ئەسرارلىشىپ تۇرۇشنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن. پېقىر بىلەن پىكىرلىشىشنى ئىستىگەن تورداشلار ئۈچۈن مۇنداق 2 يول بار.
( 1 ) يۈكسەل بلوگنىڭ پىكىر دەپتىرى ئارقىلىق بلوگنىڭ ئۆزىدە پىكىرلىشىش ( ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىنغان ئۇسۇل ). يەنى باش بەتتىكى بلوگ سەھىپىلىرىنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى << YukselBlogپىكىر دەپتىرى >> نى ئېچىپ، پىكىر يوللاش مەشغۇلاتىنى قىلىشقا بولىدۇ. پېقىرمۇ ھەم دەل ۋاقتىدا چۈشكەن پىكىرلەرگە ئۆز جاۋابىمنى بېرىپ تۇرىمەن.
( 2 ) بلوگ باش بېتى ئوڭ ئاسما بۆلەك ئاستىنقى قسىمدىكى << بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ >> دېگەن كۆزنەكتىكى پېقىرنىڭ ئېلخەت ئادرېسىغا ئېلخەت يوللاش ۋە QQ نومۇرىغا ئۇچۇر يوللاش .

9. يۈكسەل بلوگىدىكى ئېلانلارنى قانداق قىلىمىز ؟

قانداق قىلىتۇق ؟ يۈكسەل بلوگىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئازغىنە قوللىغىنىمىز بولۇپ قالسۇن دېسەك ( بۇ بىرىنچى سەۋەب ) ، نۆۋەتتە ئوقۇغان بلوگ يازمىسى دىتىمىزغا ياقسا ( بۇ ئىككىنچى سەۋەب ) ، ئېلاندىكى ئۇچۇرلارغا قىزىقىپ قالغان بولساق ( بۇ ئۈچىنچى سەۋەب ) ئىككىلەنمەي بۇ ئېلانلارنى چېكىمىز. شۇنداق قورقماي چېكىمىز!

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : يۈكسەل بلوگنىڭ يېڭى نەشىرى ھەققىدە 9 گەپ

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!4 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. Google-Elani مۇنداق يازغان:

    قوللاپ قۇۋەتلەيمىز. تەدبىركار ئەپەندىم ۋە يۈكسەل ھەمدە ئۇيغۇر گوگىل ئېلانى تور بىكىتى سىناق قىلىۋاتىمىز. بىكەت سىستىمىسى ھەقىقەتەن قۇلايلىق ھەم ئىقتىدارلىق . گەرچە ASP بولسىمۇ ئەمما ئېچىلىش سۈرئىتى تىز.
    يۈكسەل بىلوگىغا مۇبارەك بولسۇن.
    [reply=Yuksel,2009-01-28 03:28 AM]مەرھابا قېرىندىشىم ! تەبرىكلىرىڭىزگە تەشەككۈر ! PJBLOG ھەققىدىكى تەجرىبە – ساۋاقلارنى ئورتاقلاشساق دېگەن ئۈمىدتىمەن. گوگۇل ئېلانى تورىغىمۇ زور مۇۋاپپەقىيەتلەر نىسىپ بولغاي ![/reply]

  2. Umid مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
    سىز بۇ تور بەت بوشلۇقىنى قەيەردىن سىتىۋالدىڭىز؟ ئىچىلىش سۇرئىتى، مۇلازىمىتى ۋە باھاسى قانداق ئىكەن. مەنمۇ ياخشىراق بوشلۇق بولسا سىتىۋالاي دىگەن ئىدىم
    [reply=Yuksel,2009-01-30 00:45 AM]ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
    مەن يۈكسەل بلوگنىڭ يېڭى نەشىرىگە ئىشلىتىۋاتقان بۇ بوشلۇقنىڭ بۇرادىرىمىز تەدبىركار ئەپەندىنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن 国立数据(http://www.guoliidc.com) دىن ئالدىم. 1 G بوشلۇق 99 يۈەن ئىكەن. بۇلارنىڭ مۇلازىمىتى ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن. بوشلۇقنىڭ سۈرئىتى مېنىڭچە خېلى ياخشىدەك تۇرىدۇ. قالغىنىغا ھەرقايسىڭلار زىيارەت قىلىۋاتىسىلەر يۈكسەل بلوگنىڭ سۈرئىتى قانداقراق ئىكەن ؟ بۇنىڭسىزمۇ مەن تەدبىركار ئەپەندىنىڭ ناچار نەرسە ياكى ئورۇنلارنى ماڭا تەۋسىيە قىلمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئەگەر سىزمۇ مۇۋاپىق كۆرسىڭىز مۇشۇلاردىن بوشلۇق ئېلىڭ ![/reply]

  3. abduraxit مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل ئەپەندىم، مەن ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇچۇر تورى تەمىنلىگەن بلۇگنى ئىشلەتكەن. يېقىندا دوستلىرىمنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن بلۇگ باسقا كۆچتۈم. ئەمدى قارىسام، سىزنىڭ ۋە تەدبىركار ئەپەندىمنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنى خېلىلا مۇكەممەلكەن. مەن ھازىر مۇشۇ بلۇگنى سىلەرنىڭكىگە ئۆزگەرتەلەمدىم؟ ئۆزگەرتكىلى بولسا بۇنىڭ تەدبىركار ئەپەندىم قوشۇلارمۇ؟
    http://abdurxiteli.blogbus.com/
    سالام بىلەن بلۇگ يازغۇچىسى: ئابدۇرېشىت ئېلى
    [reply=Yuksel,2009-05-05 10:39 PM]ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ئابدۇرېشتىكا، قارىغاندا سىزمۇ پېقىر ۋە تەدبىركار ئەپەندى ئىشلىتىۋاتقان پى جى بلوگقا قىزىقىپ قاپسىز. ئەگەر ئۆزگەرتىش نىيىتىڭىز بولسا بۇ تامامەن مۇمكىن. پەقەت سىز تور بوشلۇقى ۋە تور ئىسمى ئېلىپ تەييار قىلسىڭىزلا تەدبىركار ئەپەندى بۇ بلوگ پىروگىراممىسنى ھەقسىز تەمىنلەيدۇ.[/reply]

  4. kerndax مۇنداق يازغان:

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم يۈكسەل ئەپەندىم .
    سىزدىن بىلوگ توغۇرسىدا ئىنتايىن مۇھىم بىر ياردەم سۇرايتىم . بولسا چ چ نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز ياكى 402315030 بۇ نۇمۇرنى قۇشۋالسىڭىز بۇپتىكەن . ياردىمىڭىزگە مۇھتاجمەن .
    [reply=Nursel,2009-05-24 09:05 PM]كيۇ كيۇ نومۇرىم: 395900770[/reply]

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟