ھەر زامان ۋە جەمئىيەتنىڭ سالاھىيىتى، روناقى ئۇنىڭ ئىلىمگە بولغان مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ئەجدادلىرىمىز ھەم ئىلگىرى ئۆزلىرى ئىتىقاد قىلغان دىنلارنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئىلمۇ ئىرفانغا ئىنتىلگەن، مەرىپەتكە تەلپۈنگەن دەۋرلەردە قوللىرى ئۇزۇن، تىللىرى ئۆتكۈر، مەرتىبە – ماقاملىرى بەلەن بولغان. ئەكسىچە، ئىلىم – پەندىن يۈز ئۆرۈپ، نادانلىق ۋە جاھالەت پاتقاقلىرىغا پېتىشقىنىدا بولسا قوللىرىدىن نۇسرەت، سەلتەنەت كەتكەن، تىللىرى تۇتۇلۇپ ، باشلىرى چۈشكەن، ئۆزلىرى خارلىق ۋە زارلىقتا قېلىشقان.
ئوتتۇرا ئەسىرلەردە، مەركىزىي ئاسىيا مۇسۇلمان خەلقلىرىدىن مەھمۇد كاشغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىب، ئىمام بۇخارىي، فارابىي، ئىبن سىنا، تېرمىزى، بىروني، ئىبنى رۇشىد كەبىي ئۇلۇغ ئالىم – ئۆلىمالار يېتىشىپ چىققان. كاشغەر، بۇخارا ، باغداد كەبىي شەھەرلەر جاھانغا مەشھۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرىگە، ئىلىم – مەرىپەتنىڭ بۈيۈك ئوچاقلىرىغا ئايلانغان ئىدى. ئېنىقسىز مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئوتتۇرا ئەسىردە مۇسۇلمان ئالىمىدە ئىلىم – پەننىڭ تۈرلۈك ساھەلىرى بويىچە 86 مىڭدىن ئارتۇق يىرىك ئالىم يېتىشىپ چىققان. مۇسۇلمانلار مەتبەچىلىكتە غەرىبلىكلەردىن يۈز يىللاپ ئارقىدا قېلىشقىنىغا قارىماي، كىتابقا بولغان مۇھەببەتتە ئۇلاردىن ئۈستۈن تۇرۇشقان. ياركەنت، كاشغەر، خىۋە، باغداد، قاھىرەدىكى كۇتۇبخانىلارنىڭ ھەر بىرىدە مىليۇنلاپ كىتابلار ساقلانغان. ھۆكۈمدارلار ، ئەمىرلەر، يۇرتنىڭ دۆلەتمەن كىشىلىرى ئىلىم – پەنگە ھامىيىلىق قىلىشتا، مەكتەپ – مەدرىس بىنا قىلىشتا، تالىب – ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشتە ئۆز – ئارا مۇسابىقىلەشكەن. غەرب ئىلىمدارلىرى ياۋرۇپا مەدەنىيىتىنىڭ ئەينى چاغدىكى ئىسلام مەدەنىيەت بۇلىقىدىن سۇ ئىچكەنلىكلىرىنى، ئەندۇلۇسىيە ( ئىسپانىيە ) ئارقىلىق تارقالغان ئىلمنىڭ ياۋرۇپانى يۈكسەك تەرەققىيات چوققىسىغا ئېلىپ چىققانلىقىنى ھازىرغىچە يېزىپ كېلىشمەكتە. دەرھەقىقەت، زامانىۋىي ئىلىملارنىڭ ئۇل تاشىنى قويۇشتەك شەرەپلىك ۋەزىپە مۇسۇلمانلارغا ئەڭ تېگىشلىك ئىدى.
كېيىنچە، ئىلىمسىزلىك، جاھالەتنىڭ بالا – كۈلپىتى ئۆزىنى ئۇزاق كۈتتۈرمىدى. يېقىنقى دەۋرىدىكى ئەجدادلار خوجا – ئىشانلارنىڭ ئەپسۇنلىرىغا مەستخۇش بولۇپ ، ئىلىم – مەرىپەتتىن يىراقلاشتى. قاچان ئىلىمدىن يۈز ئۆرۈشكەن بولسا، شۇندىن باشلاپ زالىملارنىڭ ئىستىبىداتىغا ئۇچراشتى، ئىتىقادلىرىغا زاۋال يەتتى. مەنىۋىيەتلىرى قۇرۇپ قاقشال بولدى، ئەخلاقلىرى بۇلغاندى.
ئەنە شۇ جاھىلىيەت زامانىدا، ئۆزلىرىنى ئەلنىڭ ھامىيلىرى دەپ ئاتىۋېلىشقان ھۆكۈمدارلار خەلقنى مەرىپەت نۇرىدىن مەھرۇم ، زامانىۋىي پەننىي ئىلىملەردىن پۈتۈنلەي يىراق تۇتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقتە ئويغىنىش ، پىكرى ئېچىلىش بولمىدى. يېقىنقى ئەسىرلەردىكى مەرىپەتسىزلىك، جاھىللىق سەۋەبلىك ئىلىمسىز، مەرىفەتسىز خان – خوجىلار ئەلنىڭ چىراغى – يولباشچىسى بولغان ئۆلىمالارنى ئۆز بۇيۇنتۇرقىلىرى ئاستىغا ئېلىپ، سوفىلىق يولىنى ئۆز شەيتانات يوللىرىغا تەدبىق ئېتىشتى.

كۈنىمىزدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، ئۇنى بىر خىل << ئىلىمسىزلىك تورى >> قاپلاپ ئالغانلىقىنى ئىلغا قىلىمىز. ئادەملەرنىڭ جاھىللىقى شۇ دەرىجىگە بارغانكى، دۇنياۋىي ئىلىملار بىلەن ئاخىرەتلىك ئىلىملار ئوتتۇرىسىغا سېپىل سوقۇلۇپ، ئۇلار بىر – بىرىگە قارشى قويۇلدى. دىن ئالىمى زامان ئىلىمىنى ئۆگىنىشنى ئار بىلىپ، ئۇنىڭغا بىپەرۋا بولدى. ئەكسىنچە، دۇنيا ئالىمى ئىتىقادسىزلىقنى ‹‹ چىن ئىلىم ›› ھېسابلاپ قاتتىق ئاداشتى. زامانغا لايىق بولمىغان دىتسىزلىق كىشىلىرىمىزنى ھەر جايدا خار ، ماڭار يولىنى تار قىلىپ قويدى. ئىمان بىلەن كۇفرى، ھەق بىلەن باتىل، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسەسىز كۈرەش بولغىنى كەبى، مەرىپەت ۋە جاھالەت ئوتتۇرىسىدىكى ئېلىشىش ھېلىھەم داۋام ئەتمەكتە.
ئايرىم پەن مۇتەخەسسىسلىرى، پەننىي زىيالىيلار ماددىغا زىيادە ئەقىدە باغلاپ، تۆرەلمەك ۋە قايتا تىرىلمەككە ناقايىل تۇرۇشماقتا. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن دىن ئىلمىنى ئۆگىنىشنى << قالاقلىق >> سانايدىغان، ئەقىدە – ئىتىقادلىق كىشىلەرنى << خوراپىي >> ، << مەدەنىيەتسىز >> چاغلايدىغانلار ھەم يەتكۈچە تېپىلىدۇ. ئەقىدە- ئىتىقادسىز كىشىلەر ئۆزلىرىنى مەدەنىيەت، تەرەققىيات، يىڭىلىق، زامانىۋىيلىقنىڭ ‹‹ ھەقدار ۋەكىلى ›› دەپ تەنتەنە قىلىشقىنىچە، بىخۇدلۇقتا قايناپ تاشماقتا.
بىلىش كېرەككى، ئەقىدە ئىنسان روھىيىتىنىڭ تۈۋرۈكى، ئىنسان ئېڭىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەقىدىسىز روھ ئەمەلىيەتتە چاھارپاي روھىدۇر. پەقەت ئەقىدىلىك ئادەملا يۈكسەك ئاڭ پەزىلىتى ئارقىلىق مەخلۇقاتلار سېپىدىن ئايرىلىپ چىققان ھەقىقىي ئىنساندۇر.
ئەينى پەيتتە كۆپىنچە دىندار قېرىنداشلىرىمىز ئىلىم بىلەن دوستلاشماي يۈرۈشىدۇ. زامانىۋىي ئىلىملارنى ئۆگىنىشنى گۇناھ سانايدىغان جاھىل ئىنسانلار ھازىر ھەم بار. جامائەتكە مەرىپەت تارقىتىشقا مەسئۇل مەسجىد ئىمامىنىڭ ‹‹ كلونلاش ›› ، ‹‹ فوند ›› ، ‹‹ تور ›› كەبىي زامانىۋىي ئىلىم – پەن ئاتالمىلىرىنى ئىشتكەنلىرىدە مەڭدەپ قېلىشلىرى ئەپسۇسلىنارلىق. بىلىم پارتىلىغان بۈگۈنكى كۈندىمۇ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتماسلىق، مەكتەپ قوينىدىن تارتىپ ئېلىش كويىدا يۈرگەن تالاي ئاتا – ئانىلارنىڭ بارلىقى ئىنتايىن ئېچىنارلىق…
ئەستىن چىقمىسۇنكى، تەڭرى پەقەت ئىلىم بىلەنلا قەۋملەرنى يۈكسەلدۈرىدۇ. ئىلىم كور قەلب كۆزىنى ئاچقۇچى، قاراڭغۇ زۇلمەتتە نۇر بېغىشلىغۇچى ۋە ئاجىز بەدەنگە كۈچ – قۇۋۋەت ئاتا قىلغۇچىدۇر. ئىلىم بىلەن بەندە ئالىي مەرتىبىلەرگە يېتىشىدۇ. كىم ئۆگىنىشكە ماھىر، شۇ كۆپكە قادىر.
بۈگۈنكى كۈندە ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن ھېچقانداق توسالغۇ يوق. ئەكسىچە، شارائىت بار، ئىمكانىيەت بار. يۈزلەپ – مىڭلاپ ئالىي ئوقۇللار، تۈرلۈك كەسپلەر بويىچە تەربىيىلەش مەركەزلىرى ئوچۇق تۇرۇپتۇ. تۈرلۈك تىللاردا كىتاب – دەستۇرلار يەتكۈچە نەشىردىن چىقىۋاتىدۇ. جاھاندىكى جىمىكى ئىلىملارنىڭ جەمگاھى بولغان ئېنتېرنېت – تورغا چىقىش ئىمكانى بار.
ئەمما، بىزدە رىغبەت يوق، ئىخلاس سۇس، غەيرەت – ھەرىكەت كەمچىل. قانچىلاپ ۋاقتىمىزنى بىھۇدە ئەمەللەرگە ، نامەقبۇل ئولتۇرۇش – يىغىلىشلارغا، بولمىغۇر ئىش – پائالىيەتلەرگە سەرىپلەپ يۈرۈيمىزكى، بىراق ھەقىقىي ئىلىم ئېلىشقا، ھېچ بولمىسا ئەتراپمىزدا، دۇنيادا بولۇپ ئۆتىۋاتقان ئىش – ۋەقەلەر بىلەن تونۇشۇپ قويۇشقا ۋاقىت – ئىمكان تاپالمايمىز. شۇڭلاشقىمۇ، بىز 21 – ئەسىرگە كەتمەن بىلەن كاۋاپداننى كۆتۈرگەن ھالدا كىرىپ كەلدۇق. ھالبۇكى، ئېسىللىك، ئەزىزلىك مەرىپەتتە ئىدى.
ھەممە ئەسىرلەردە بولغىنىدەك، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدىمۇ ئوچۇق كۆزلۈك زىيالىيلىرىمىز جاھالەتنى قارىلاپ، خەلقنى ئىلىم – مەرىپەتكە جارلاپ چارچاشمىغان ئىدى. مەرىپەتپەرۋەر شائىر (يولباشچى)، دىنىي ئۆلىما ئابدۇقادىر داموللا : « بۇ دەۋر ئىلىم مەرىپەت دەۋرىدۇر ، جاھالەت ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەستۇر . » دەپ جار سالغان ۋە ئۇشبۇ يولدا جان تەسەددۇق قىلغان ئىدى. ئارقىدىنلا يېقىنقى زامان مائارىپ سەركىسى مەمەتئېلى تەۋپىق ئەپەندى:
‹‹ ئوقىدى- ئاشتى باشقىلار بىزدىن، ئەي قەدىردانلار،
كۆرگەچكە ئۇلارنىڭ ئىجتىھاتىنى قاينار ۋىجدانلار.
ھاۋادا لاچىندەك جەۋلان قىلۇر باشقا مىللەتلەر،
قالدۇق بىز ئۇلاردىن بەكمۇ ئارقىدا، ئويلا ئۈممەتلەر. ››
دەپ چوقان سالغان ئىدى. بۇ جۇشقۇن چاقىرىق – چوقانلار كۈنىمىزدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن ھېلىھەم ئۆز قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق.

يوللانغان ۋاقتى: 2011-يىل 03-ئاينىڭ 10-كۈنى am 0:59
كۆرۈلۈشى: 1,701 قېتىم
خەتكۈش: ، ، ، ،
يازما مەنبەسى: 1454.html  [كۆچۈرۈش]