مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇكېرىم يۈكسەل

ئات-ئىسىم بىر ئادەمگە قويۇلغان مەڭگۈلۈك نام-ئاتاق، ياكى ئەن-بەلگە. بۇ خۇددى بىر كەشپىياتچى ئۆزى كەشىپ قىلغان مەھسۇلاتىغا قويغان شەرتلىك بەلگىگە ئوخشايدۇ. بىر ئادەمنىڭ ئات-ئىسمى شۇ ئادەمنىڭ ئۆمۈر مۇساپىسىگە مەڭگۈ ھەمراھ بولۇپ، تەقدىر-قىسمەتلىرىگە بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئۆزىمىزنىڭ ياكى پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئات-ئىسىملىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، بىزدىكى ئوخشاش ئات-ئىسىملارنىڭ شۇنچە كۆپلۈكى ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ («ئۇيغۇرلاردا ئەڭ كۆپ قويۇلىۋاتقان 100 ئىسىم» گە قارالسۇن). شۇڭا پەرزەنتلىرىمىزگە ئات-ئىسىم تاللاش-قويۇشتا، چوقۇم تارىخى ۋە رېئال ئەھۋالنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، ئەستايىدىل، ئىلمىي ۋە مەسئۇلىيەتچان بولۇشىمىز زۆرۈر.
ھۆرمەتكە سازاۋەر نۇرغۇن پېشقەدەملىرىمىز پەرزەنتلىرىمىزگە ئات-ئىسىم تاللاش-قويۇشتا، «قۇرئان كەرىم» دە زىكرى قىلىنغان ئات-ئىسىملارنىلا قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىشىدۇ. بۇ خىل قاراشنى نۇرغۇن كىشىلەر خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدىغان مۇقەددەس دىنىي ئەھكام سۈپىتىدە تونۇشىدۇ. ئۇنداقتا ‹‹قۇرئان›› دا زىكرى قىلىنغان، ئەرەبلەر قوللىنىۋاتقان ئەرەبچە ئات-ئىسىملار ئىسلامغا ئۇيغۇن ئىسىملار، باشقا مىللەتلەر، باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار قوللىنىۋاتقان ئات-ئىسىملار ئىسلامغا يات، قوللىنىشقا بولمايدىغان ئات-ئىسىملارمۇ؟ بالىلارغا چوقۇم قۇرئاندىكى ئىسىملارنى قويۇش كېرەكمۇ؟ بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختىلىشتىن بۇرۇن، مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان، ئەتراپىمىزدا يۈز بەرگەن بىر نەچچە ئىشنى مىسال كەلتۈرىمەن:
ئۆتكەن يىلى جىيەن ئوغلۇمنىڭ قوشكېزەك پەرزەنتلىرىگە ئات قويۇش مەرىكىسىگە ئىشتىراك ئەتكەن ئىدىم، جىيەن ئوغلۇم ئوغۇل پەرزەنتىگە «ئىلكەر»، قىز پەرزەنتىگە «ئىلبەر» دېگەن ساپ ئۇيغۇرچە قۇتلۇق ئىسىمنى قويىدىغانلىقىنى دېۋىدى، ئات قويۇپ بەرمەكچى بولغان كىشى: ‹‹بۇ ئات-ئىسىملار قۇرئان كەرىمدە يوق، شۇڭا مۇھەممەد، بۇمەريەم، ئابدۇكېرىم، بۇئايشەم… دېگەندەك قۇرئان كەرىمدە زىكرى قىلىنغان خاسىيەتلىك ئىسىملارنى قويۇش جايىزدۇر…ئۇيغۇرلار ئىسلامغا كىرىشتىن بۇرۇن قوللانغان ئىسىملارنى قوللىنىش توغرا ئەمەس…›› دەپ، خېلى ئۇزۇنغىچە ۋەز ئېيتتى. لېكىن جىيەن ئوغلۇم بۇ ئىسىملار ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىملار… دەپ ئۆز گېپىدە چىڭ تۇردى. جىيەن ئوغلۇمنى قايىل قىلالمىغان ئىمام ئاخىرى جىيەن ئوغلۇم تاللىغان ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى ئادەت بويىچە قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى… جەمئىيەتتە يەنە تېخى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە قويماقچى بولغان خاس ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى ئۆزىچە پەتىۋا چىقىرىپ خالىغانچە ئۆزگەرتىۋېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار.
مېنىڭچە ئىسىملارنى مەيلى ئەنئەنىۋى نۇقتىنەزەردىن ياكى دىنىي نوقتىنەزەر بىلەن تۈرلەندۈرۈش مەيلى تارىخىي نۇقتىدىن ياكى رېئاللىق جەھەتتىن بولسۇن ئىلمىي ئەمەس، دۇرۇس ئەمەس. نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەيمەن ؟ بىرىنچىدىن، بىز قوللىنىۋاتقان ئات-ئىسىملارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەرەبلەر ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئات-ئىسىملار بولۇپ، بۇ ئىسىملارنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلام دىنى پەيدا بولۇشتىن بۇرۇنقى زامانلاردا، يەھۇدىي قاتارلىق باشقا مىللەتلەرمۇ قوللانغان ھەمدە ئەرەبلەر ئەرەب يېرىم ئارىلىدا كۆپ خۇدالىق، كۆپ مەبۇدىلىق ئىپتىدائىي دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان دەۋرلەردىن تارتىپ قوللانغان ئىسىملاردۇر. بۇ ئەھۋالنى پەيغەمبەرلەر ھەققىدىكى كلاسسىك ئەسەر-‹‹قىسسەسۇل ئەنبىيا››دىكى ھىكايەتلەردىنمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئەرەبلەر قوللىنىۋاتقان ئىسىملارنىڭ كۆپ قىسمىنى دۇنيادا يەھۇدىي ۋە خرىستىئان دىنلىرىدىكى يەھۇدىي، ئىنگلىز ، نېمىس، فىرانسوز ، ئىتالىيان، ئىسپان، رۇس قاتارلىق مىللەتلەرمۇ داۋاملىق ئورتاق قوللىنىپ كەلمەكتە. مەسىلەن: ئسرائېل، ياقۇپ، داۋۇت، مۇسا، يۈسۈپ، سۇلايمان، ئىبراھىم، مالىك، ئىيسا، مارىيە، مەريەم، يەھيا، زىكرىيا، ئىسراپىل… قاتارلىقلار (بۇندىن باشقا، ئەرەبلەر بىلەن يەھۇدىيلار نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى سامنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئەرەب تىلى ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ئىبرانى تىلى ئەسلىدىن ئوخشاش بىر سام تىل سىستېمىسىغا تەۋە بولغانلىقتىن، نۇرغۇنلىغان ئىسىم-ئاتالغۇلارنىڭ ئوخشاش بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس). ئۈچىنچىدىن، دۇنيادا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھىندونېزىيە، مالايسىيا، فىلىپپىن ، سىنگاپور ھەمدە ھىندىستان قاتارلىق ئەللەردىكى نۇرغۇن مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى مىللىي ئىسىملىرىنىمۇ داۋاملىق ئورتاق قوللىنىپ كەلمەكتە. ۋەھالەنكى ، يەنە بىر ئەھۋال شۇكى، ئەرەب مىللىتىنىڭ ھەممىسىلا ئىسلام دىنىدا ئەمەس، يەنە مىسىر، لىۋان، ئىئوردانىيە ، سۇدان، تۈركىيە، ئىسرائىلىيە، سۇدان… قاتارلىق ئەللەردە گەرچە ئۆزى ئەرەب بولسىمۇ، ئىسلام دىنىدىن باشقا دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئەرەبلەرمۇ كۆپ. دېمەك، بىر ئادەمنىڭ مىللىتىگە ياكى ئىسمىغا قاراپلا ئۇ ئادەمنىڭ قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ.
يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، مىللەت دىن پەيدا بولۇشتىن بۇرۇنلا مەۋجۇت بولغاچقا، بىر ئادەم كونكرېت جەھەتتىن ئېيتقاندا ، ئالدى بىلەن بىر مىللەتكە تەۋە بولىدۇ، ئاندىن قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلىش-قىلماسلىقنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا، ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىگە قانداق ئات-ئىسىم قويۇشى شۇ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ تاللىشىغا باغلىق بولىدۇ، دېمەك، ئۆز مىللىي تىلىدىكى ئات-جۇنىنى قوللىنىش-دۆلەت قانۇنىغا ئۇيغۇن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى، ئىسلام دىنىنىڭ ئەھكاملىرىغىمۇ مۇخالىپ كەلمەيدۇ.
ئىنسان جىسمانىي، ئەقلىي، چىراي-جامال، مىجەز-خاراكتېر،  قىسمەت-تەقدىر قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە ھەرگىزمۇ بىر-بىرسىگە ئوخشىمايدىغان تۇرسا، بىز نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزگە خاس، تەكرارلانمايدىغان، باشقىلار ئىشلەتمىگەن ئىسىملارنى قوللانمايمىز؟!
باشقا مىللەتلەرنىڭ بىزنىڭ ئىسىملىرىمىز ھەققىدە نېمە دەيدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى:-«نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ چوڭ دادىسىدىن يۇقىرىسىدىكى ئەجدادلىرىنى بىلمەيدۇ…، ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنى مۇھەممەد، ياكى گۇلى دەپ چاقىرسا ئاساسەن توغرا چىقىدۇ… بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرمەك تەس…››.
بىز قوللىنىۋاتقان ئىسىملارنىڭ ئوخشاش ۋە تەكرار بولۇشى، خاس ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىسىملارنىڭ ناھايىتى ئاز بولۇشى ئەجدادلار ئۈچۈنمۇ، كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈنمۇ بىر خىل مەسئۇلىيەتسىزلىكمۇ-قانداق؟! مانا بۇ نۇقتا ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، بۇ خىل ئەھۋال تارىخ تەتقىقاتى، ئەجداد-ئەۋلاد رىشتى-زەنجىرىنىڭ ئۈزۈلمەي داۋام قىلىشى ئۈچۈنمۇ بىرخىل تېپىشماق بولۇشى مۇمكىن. ئوخشاش، تەكرار ئىسىملارنىڭ شۇنچە كۆپ بولۇشى، شۇنچە ئۇزاق زامانلار داۋاملىشىشى جەھەتتىن ئېيتقاندىمۇ، بۇ-بىزدىكى بىر خىل ئومۇمىي مەسئۇلىيەتسىزلىكمۇ-قانداق؟
ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، بىز پەرزەنتلىرىمىزگە زادى قانداق ئىسىملارنى قويۇشىمىز كېرەك؟ مېنىڭچە بىز ئالدى بىلەن پەرزەنتلىرىمىزگە مىللىي خاسلىققا، تارىخىي ئەھمىيەتكە ، ئىجابىي مەناغا، قوللىنىشچانلىققا ئىگە، كۆپ تەكرارلانمايدىغان، ئىلمىي ئات-ئىسىملارنى تاللاپ قويۇشىمىز كېرەك. بىزدە ئىسىم-تەگئات (فامىلە) ئۈچۈن پايدىلىنىش قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغان قامۇس-پايدىلانمىلار ناھايىتى مول. مەسىلەن: ئورخۇن-يېنسەي تاش پۈتۈكلىرى، دەشىتئاتا (دۇنخۇاڭ) تېكىستلىرى، تۇرپان تېكىستلىرى، ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››، «قۇتادغۇبىلىك»، ‹‹ئەتەبەتۇل ھەقايىق››، ‹‹قىسسەسۇل ئەنبىيا››، ئەلشىر نەۋائىينىڭ خەمسە-دىۋانلىرى، ‹‹تارىخىي ھەمىدى›› قاتارلىقلار. بۇ بىباھا ماتېرىياللار بىزنىڭ ساپ ئۇيغۇرچە ئات-ئىسىم، تەگئات-فامىلە ئىزدەش-تاللىشىمىزدىكى بىرىنچى قول ئاساس ھېسابلىنىدۇ، تىلشۇناس، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى تەتقىقاتچىسى مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى، ۋەلى كېرىم كۆكئالىپ قاتارلىق تەتقىقاتچىلىرىمىز بۇ جەھەتتە كۆپ يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ‹‹ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى››، ‹‹ئۇيغۇر ئىسىم-فامىلىلىرى››، ‹‹ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى قامۇسى›› قاتارلىق قىممەتلىك قامۇس-قوللانمىلارنى تۈزۈپ نەشر قىلدۇردى. بۇ قىممەتلىك كىتاب-قامۇسلار بىزگە ئات-ئىسىم، تەگئات-فامىلە ئىزدەش-تاللىشىمىز ئۈچۈن بىۋاسىتە قولايلىق شارائىت يارىتىپ بەردى.
كۈنىمىزدە، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئىشلىرى كۈنسېرى راۋاجلىنىپ، ئىقتىساد روناق تېپىپ، ھەر مىللەت خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتتە، نۇرغۇن كىشىلەر پەرزەنتلىرىگە ئات-ئىسىم قويۇشتا، كونا قاتماللىقنى بۇزۇپ تاشلاپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، مىللىي خاسلىققا ئىگە، ئىجابىي، نادىر، گۈزەل ، جەزبىدار ئات- ئىسىملارنى قوللانماقتا. مانا بۇ، قوللاشقا، ئۆگىنىشكە ۋە تەشەببۇس قىلىشقا تېگىشلىك ياخشى باشلىنىشتۇر.

2011-يىل، 2-سىنتەبېر ، شەھىرى كاشغەردە يېزىلدى.
«قەشقەر» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى.

يوللانغان ۋاقتى: 2012-يىل 09-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 12:21
كۆرۈلۈشى: 4,732 قېتىم
خەتكۈش: ، ، ،
يازما مەنبەسى: ?p=2077  [كۆچۈرۈش]