بۈگۈن(5-ئاينىڭ 12-كۈنى) 35 مىڭدىن ئارتۇق شىنجاڭ پۇتبول مەستانىلىرى ئۈرۈمچى تەنتەربىيە سارىيىدا شىنجاڭ بىلەن تىيەنجىن پۇتبول كۇماندىسى ئارىسىدا بولغان كەسكىن مۇسابىقىنى كۆرۈپ، ب دەرىجىلىكلەر پۇتبول مۇسابىقە تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى تاماشابىن سانى رېكورتىنى ياراتتى!
شىنجاڭ پۇتبول مەستانىلىرى پۇتبولغا بولغان ئۆزگىچە مۇھەببىتى، قىزغىنلىقى ۋە جۇشقۇنلىقىنى ئىپادىلەپ، تاراتقۇلارنىڭ ئەقلىنى لال قىلدى، ئۆزگىچە توۋلانغان «ھۇررا» ساداسى كۆكنى لەرزىگە سالدى…
35 مىڭ ھۇرراچىنىڭ ئارىسىدا يۈكسەل ۋە ئوغۇز ئاتلىق ئاددىي ئاتا-بالا ئۇيغۇرمۇ بار بولۇپ، ئوغۇز دادىسىنىڭ گەجگىسىگە مىنىپ ئولتۇرۇپ، شەپكىنى تەتۈر كېيىپ، چۈچۈك تىلى بىلەن بولۇشىغا ”ئۇلا! ئۇلە! ئۇررررە…..!“ دەپ توۋلاپ، ناھايىتى شوخ تۇردى. ئەتراپتىكىلەر “ ھۇررا “ دەپ توۋلىسا، بەھەيۋەت سۈرەن-شاۋقۇندىن ھۇدۇقۇپ جىم تۇراتتى، ھەممەيلەن جىم بولغاندا، تۇساتتىن بايقىدەك توۋلاپ، ھەممەيلەننى كۈلدۈرىۋېتەتتى…
35 مىڭ ئادەم بىلەن، 2 ياشلىق ئوغۇلىنى ئۆشنىسىگە مىندۈرۈپ، ئورتاق بىر مۇسابىقە كۆرگەننى ۋە ئوخشاش بىر كۇماندىغا مەدەت بەرگەننى، كارناي يېرتىلغۇچە، چىكە تومۇرلار بۆرتىپ چىققۇچە ئۆز زۇۋانىمىز بويىچە «ھۇررا!» دەپ توۋلىغان مەنزىرىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ! نېمە دېگەن ھەيۋەت، نېمە دېگەن ھوزۇر، نېمە دېگەن ھاياجان …
گەرچە مۇسابىقە ئاقىۋەت نۆلدە نۆل ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئەزىمەتلىرىمىز باشتىن ئاخىرى يۇقىرى توپ سەۋىيەسىنى نامايان قىلدى. ھەممىدىن مۇھىمى، شىنجاڭلىق توپ مەستانىلىرى پۈتۈن دۇنياغا ئۆزگىچە بىر مەنزىرە، ئۆزگىچە بىر سادانى ئاڭلاتتى! …
ئۆيگە قايتىپ كەلگەن ئوغۇزنىڭ ھاياجىنى خېلىغىچە بېسىقمىدى. ئانىسىغا قۇشقاچتەك چۇۋۇلداپ بىر نېمىلەرنى دەيتتى. – “ ئانو ، ئانو مەن توپ ئوينامەن، ئۇلا، ئۇلا دەپ توپ ئوينامەن …“
مەيداندىكى ئادەم دېڭىزى، قىزغىنلىق، كۆك قەرىنى لەرزىگە سالغۇدەك ھۇررا سادالىرىنى ئويلاپ ، خىياللىرىم قاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ كېتىۋاتاتتى، قەلبىمدە 35 مىڭ كىشىلىك ھاياجان، بەلكىم پۇتبولنىڭ كەلگۈسى مۇشۇ تۇپراقلاردا، مۇشۇ ئەزىز تۇپراق باغرىدا ئۆسكەن بوغۇنلاردىدۇر، ھەممەيلەنىڭ قەلبىدە قانداقتۇر بىر تۇيغۇ ئويغىنىۋاتقاندەك، كۆزلەردە ئۈمىد نۇرلىرى چاقناۋاتقاندەك …
نۇقتا توپ تېپىلگەن دەقىقىلەر…
يۈكسەل ئوغلى ئوغۇز بىلەن بىرگە
مۇسابىقىدىن كېيىنكى مەيدان ئالدىدىكى ئادەم دېڭىزى
تاماشا مەيداندىلا ئەمەس، تاماشابىنلارنىڭ ئۆزىمۇ بىر بۈيۈك تاماشا …
ساناپ باقامسىز ، 35 مىڭدىن ئاشسا ئاشىدۇكى ھەرگىز كەم ئەمەس…
نېمە كۆرسەڭ كۆر، مانا مۇشۇنداق خەلقىڭ بىلەن كۆر!
سېرىق مايكىلىق ئەزىمەتلەر بىزنىڭ ئوغلانلىرمىز شۇلار
مەيداندىكى يەنە بىر ئۆزگىچە تاماشا- ئامانلىق ساقلاش ناھايىتى چىڭ بولۇپ، تۈرلۈك ساقچىلارنىڭ ھەممىسى تەل، زۆرۈر قۇراللارنىڭ ھەممىسى تەقتەك قىلاتتى.
تامام.
مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : 35 مىڭ كىشىلىك ھاياجان…
راستىنلا ھاياجانلانغىدەك خۇش خەۋەر بوپتۇ. شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى ھەقىقەتەن قالتىسكەن.
ھەقىقەتەن ئادەمنى ھاياجانغا سالدىغان بىر قېتىملىق مۇسابىقە بوپتۇ، ئۆزۈم ئىشكىردە ئوقۇۋاتقان ستۇدېنت بولساممۇ مۇسابىقە ئەھۋالىدىن خەۋەردار بوپ تۇردۇم ، مۇسابىقە مەيدانىدىكى توپ تېپىۋاتقان ئەزمەتلەردىن نېرى ئۇلارغا مەدەت بېرىۋاتقان خەلقىمىزدىن كۆڭلۈم سۆيۈندى.