ئالدىنقى يازمىدا، 12-ماي كۈنى ئوغلۇم ئوغۇز بىلەن ئۈرۈمچى تەنتەربىيە سارىيىغا بېرىپ، 35 مىڭ پۇتبول مەستانىسى بىلەن بىرگە «ھۇررا» توۋلاپ، پۇتبول ئوغلانلىرىمىزغا مەدەت بېرىپ، «35 مىڭ كىشىلىك ھاياجان…» غا چۈمۈلگەنلىكىمىزنى يازغان ئىدۇق.

مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى شۇ كۈندىكى مۇسابىقە ئەھۋالى ۋە شىنجاڭ توپ مەستانىلىرىنىڭ پۇتبول ۋە ئۆز توپچىلىرىغا بولغان مىسلىسىز ئىشتىياقى توغرىسىدا مەخسۇس فىلىم ئىشلىگەن بولۇپ، كۈتمىگەندە، ئوغلۇم ئوغۇز بىلەن ئىككىمىز تازا «ھۇررا!» دەپ توۋلاۋاتقان كۆرۈنۈشىمىز مەزكۇر فىلىمدىن يەر ئاپتۇ. كۆپچىلىكنى شۇ قېتىمقى «ئالۋاستى مەيدان» نى كۆرگەچ، ئوغۇز باتۇرنىڭ ھۇررا توۋلىغان دەملىرىنىمۇ كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 4 مىنۇت 35سېكۇنتلىق يېرىگە دىققەت قىلىڭ! 

يوللانغان ۋاقتى: 2012-يىل 05-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 23:47
كۆرۈلۈشى: 4,368 قېتىم
خەتكۈش: ،
يازما مەنبەسى: ?p=2033  [كۆچۈرۈش]