ستاتىستېكىلىق ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كۈنىمىزدە ھەر 30 نەپەر ئۇيغۇر ئەرنىڭ ئىچىدە 1 نەپىرىنىڭ ئىسمى ‹‹ مۇھەممەد ›› ئىكەن. ھەر 50 نەپەر كىشىنىڭ ئىچىدە بىرىنىڭ ئىسمى ‹‹ تۇرسۇن ›› دېگەن ئىسىمدىن ياسالغان ئىسىملار ( تۇرسۇن ، تۇرسۇنگۈل، مەمەتتۇرسۇن، ئايتۇرسۇن، تۇرسۇنخان … دېگەندەك ) ئىكەن. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، كۈنىمىزدىكى ئۇيغۇر كىشى ئىسملىرىدا تەكرارلىنىش ھادىسىسى ئىنتايىن گەۋدىلىك بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىدە ئىنتايىن زور ئاۋارىچىلىق ۋە ئۇقۇشماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. ئۇنداقتا، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدىكى بۇ خىل زىيادە تەكرارلىقىنى نېمىدىن كۆرۈش مۇمكىن؟ ياكى، ئۇيغۇرلاردا ‹‹ ئىسىم قەھەتچىلىكى ›› يۈز بېرىۋاتامدۇ؟ …
تۆۋەندە، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدىن كەرىمجان يۈسۈپ ۋە گۆھەرنىسا ئابلىكىملەرنىڭ ئىلمىي ئەمگىكى ھېسابلانغان ‹‹ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدىكى كۆپ تەكرارلىنىش مەسىلىسى توغرىسىدا ›› ناملىق ئىلمىي ماقالىگە بېرىلگەن، 50 مىڭ ئۇيغۇر كىشى ئىسىمىنى ئىستاتسىتكا قىلىش ئاساسىدا ئېرىشكەن، 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ئۆسمۈر بالىلار ئىچىدىكى تەكرارلىنشىچانلىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان 100 ئىسىم ۋە ئۇنىڭ تەكرارلىقى كۆرسىتىلگەن جەدۋەل بېرىلدى. ئەلۋەتتە، ئىستاتسىتكا ئۈچۈن ئىشلەتكەن بۇ 50 مىڭ كىىشى ئىسمى مەيلى سان جەھەتتىن ياكى قاپلىنىش دائىرسى جەھەتتىن بولسۇن، مۇئەييەن چەكلىمىلىكلەردىن خالىي ئەمەس بولۇپ، نۆۋەتتىكى ئەڭ كۆپ ئىلىتىلدىغان ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ تەكرارلىقىنى تامامەن تولۇق ۋە توغرا ئەكىس ئەتتتۈرۈپ كېتەلىگەن بولۇشى ناتايىن، شۇنداقتىمۇ ئۇنى بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە، دەپ قارايمىز.
يۈكسەل كۆپچىلىكنىڭ سەمىگە پەرزەنتلەرگە ئىسىم تاللاشتا، تۆۋەندىكى جەدۋەلدە كۆرسىتىلگەن تەكرارلىقى زىيادە يۇقىرى بولغان ئىسىملارنى ئىمكانبار ئويلاشماسلىقىنى جېكىلەيدۇ.
ئۇيغۇرلاردا ئەڭ كۆپ قويۇلىۋاتقان 100 ئىسىم
رەت |
ئىسىم |
تەكرارلىقى |
رەت |
ئىسىم |
تەكرارلىقى |
1 |
مۇھەممەت/جان |
830 |
2 |
ئارزۈگۈل |
759 |
3 |
ئالىم/جان |
721 |
4 |
يۈسۈپ/جان |
651 |
5 |
ئادىل/جان |
548 |
6 |
ياسىن/جان |
521 |
7 |
رەيھان/گۈل |
481 |
8 |
رىزۋان/گۈل |
438 |
9 |
ئابدۇۋەلى |
435 |
10 |
ئەخمەت/جان |
404 |
11 |
نۇربىيە/م |
400 |
12 |
تۇرسۇن/جان |
386 |
13 |
پاتىگۈل |
385 |
14 |
ئابدۇسالام |
373 |
15 |
ئاينۇر |
362 |
16 |
سۈبھىنۇر |
350 |
17 |
قۇربان/جان |
346 |
18 |
ئابدۇراخمان |
340 |
19 |
ئايگۈل |
330 |
20 |
ئەكبەر/جان |
330 |
21 |
مەريەم/گۈل |
326 |
22 |
ياقۇپ/جان |
322 |
23 |
مەرھابا |
317 |
24 |
مەمتىلى/مەممەتئېلى |
316 |
25 |
گۈزەلنۇر |
312 |
26 |
مېھرىگۈل |
306 |
27 |
ئابدۇللا |
304 |
28 |
نۇرمۇھەممەت/جان |
299 |
29 |
قەلبىنۇر |
295 |
30 |
تۇرسۈنگۈل |
283 |
31 |
ئايشەم/گۈل |
282 |
32 |
ئېلى/جان |
276 |
33 |
ئامانگۈل |
267 |
34 |
ئالىيە |
259 |
35 |
گۈلمېھرە |
258 |
36 |
ئالمىرە |
255 |
37 |
نۇرئېلى |
251 |
38 |
ئەنۋەر/جان |
246 |
39 |
مۇكەرەم |
245 |
40 |
قەيسەر |
241 |
41 |
ھەسەن/جان |
237 |
42 |
تۇرغۇن/جان |
231 |
43 |
مۇيەسسەر |
228 |
44 |
ئابلىكىم |
226 |
45 |
زۇلپىيە/م |
219 |
46 |
ئارافات |
218 |
47 |
ئىبراھىم |
216 |
48 |
ئۆمەرجان |
212 |
49 |
ئادىلە |
212 |
50 |
مەردان |
209 |
51 |
مۇنىرە |
205 |
52 |
رۇقىيە/م |
201 |
53 |
مۇنەۋۋەر |
197 |
54 |
ئامىنە/م |
192 |
55 |
ئېزىز |
185 |
56 |
روزى |
182 |
57 |
بىلال |
181 |
58 |
شەھىدە |
179 |
59 |
ئەمەر |
178 |
60 |
ماھىرە |
178 |
61 |
مەخمۇت |
177 |
62 |
مەدىنە |
176 |
63 |
رازىيە |
175 |
64 |
ئەزىمەت |
174 |
65 |
ئابلىمىت |
173 |
66 |
مىرئادىل |
172 |
67 |
بۈخەلىچە/م |
172 |
68 |
نۇرىمان/گۈل |
170 |
69 |
راخمان/جان |
169 |
70 |
قەدىرىيە |
167 |
71 |
ئابلەت/جان |
165 |
72 |
مەۋلان/جان |
165 |
73 |
مەمتىمىن |
163 |
74 |
تۇرسۇنئاي |
161 |
75 |
مۇقەددەس |
160 |
76 |
ئابلىز |
158 |
77 |
راھىلە |
155 |
78 |
ھەزىرەتئېلى |
153 |
79 |
رۇشەن/گۈل |
148 |
80 |
شىرئەلى |
144 |
81 |
ئەيسا/جان |
140 |
82 |
ئابلا/جان |
138 |
83 |
ئەمەت/جان |
134 |
84 |
ئىسمائىل/جان |
132 |
85 |
ئاتىكە/م |
130 |
86 |
ئىلھام/جان |
129 |
87 |
دىلنۇر |
125 |
88 |
بۇئايشەم/م |
124 |
89 |
پەرھات |
124 |
90 |
زۇلخۇمار |
123 |
91 |
مۇسا/جان |
120 |
92 |
ئەكرەم/جان |
119 |
93 |
مۇختەر/جان |
116 |
94 |
نەبى/جان |
115 |
95 |
تاجىگۈل |
114 |
96 |
سۈمەييە |
112 |
97 |
مېھرىئاي |
111 |
98 |
ئانارگۈل |
109 |
99 |
تاھىر/جان |
108 |
100 |
ئىليار/جان |
106 |
مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ئۇيغۇرلاردا ئەڭ كۆپ قويۇلىۋاتقان 100 ئىسىم
يۇقارقى جەدۋەلدىكى مەمتىمىن دىگەنلەر كۆپىنچە مۇھەممەد ئەمىن دەپ ئىشلىتىلگەندەك «ئەمەر» دىگىنىمۇ «ئۆمەر(رەزىياللاھۇ ئەنھۇ)» دىگەن ئىسىمنىڭ ۋاريانتى.
كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى بىزدە ئىسىمنىڭ تەكرارلىقى ئۇنچە يۇقىرى ئەمەس. 50 مىڭ ئادەم ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئىسىم «مۇھەممەد» ئومومى ئېسىمنىڭ 1.66% تىنى ئىگەللىگەن. شۇنداقلا ئىسىم قويۇش ئادىتىمىزمۇ ئاساسەن قىلىپلىق يوسۇندا بولۇپ كۆپىنچە ئىسىملار ئەرەب، پارسلاردىكى داڭلىقلارنىڭ ئىسمىدىن ياكى گۈزەل-ئىستەكلەر مۇجەسسەملەشكەن ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلاردىن كەلگەن.
بىبىنۇر، ئەلفىرە، ئەلفىيە، كازاپات، ئاتلانۇش… دىگەندەك غەيرى ئىسىملارنىڭ سالمىقى ھەرھالدا ئۇنچە يۇقىرى ئەمەسكەن.
2000 نىڭ مابەينىدىكى ئىسىملارنىڭ تەكرارلىقى ماۋۇنىڭدىن بەك پەرىقلىق چىقىشى مۇمكىن…غەيرى ئىسىم بەك كۆپ . . . بولسا بۇنىمۇ بىر سىتاستىكا قىپ باقسا ياخشى بولاتتى ..
نىمە ئۈچۈن ساپ ئۇيغۇرچە ياكى تۈركىي ئىسىملارنى كۆپرەك ئويلاشمايمىز.مەسلەن: ئايتۇغ، ئەلتىكىن، يادىكار،ياشار……دىگەندەك.
مۇھەممەد دىگەن ئىسىمىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ مەمەت دەپ ئىشلىتىۋاتىمىز.بۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرچىلاشقان ئىسىملار خېلى كۆپ.
ياخشى تېما ئىكەن!
باللىرىمىزغا ساپ تۈركچە ئىسىملارنى قويۇش بىلەن بىرگە، تەكرارلىنىشى ئىنتايىن ئاز ياكى يوق دىيەرلىك ئىسىملارنى قويايلى!
پەرزەنتىگە گۈزەل ئىسىملارنى قۇيۇش ئاتا-ئانا بولغۇچىلارنىڭ بوينىدىكى بۇرچى ، ھەربىر ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆز بالىسىغا گۈزەل ، ياخشى مەنالارغا ئىگە ئىسىملارنى قۇيۇشنى ئىستەيدۇ ، لىكىن ئىسىم قۇيىدىغان چاغدا ھەرخىل ئىشلارنىڭ تەسىرلەردە، ياكى بالدۇر ئابدان ئويلاشماسلىق سەۋەبىدىن ، ئائىلىدىكى ھەرخىل كىشىلەر ئارسىدىكى پىكىر ئىختىلاۋى سەۋەپلىك ياخشى ئىسىملار تاللىنىپ بۇلالماي قالىدىكەن،دە تەكرارلىنىشقا يول قۇيۇلۇپ قالىدىغان گەپكەن .
كەمىنىگمۇ ئاللاھ نىسىپ قىلسا،ساق سالامەتلىكىنى بەرسە 1 يېرىم ئايلاردا ئاتا بۇلۇش نىسىپ بولغۇسى ، مەنمۇ ھازىرنى ئۆزىدە شۇ گۈزەل ئىسىملار توغرىسىدا ئويلىنىپ بىر نەچچە تۈرۈكچە ۋە ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى تاللاپ قويسام چوڭلار ۋە ئايالىم نەدىكى ئىسىملارنى تېپىپ دەپ قۇشۇلماي تۇرىدۇ ، خۇدا خالىسا بۇ بىر ئاي ئىچىدە ئۇلارنىمۇ قايىل قىلىۋالارمەن .
ئەلۋەتتە يۇقىردىكى ئىسىملارمۇ گۈزەل مەنالارغا ئىگە ، ھەم پەيغەمبەرلىرىمىزنى گۈزەل ئىسملىرى ، بىزنىڭ كىشىللىرىمىز ئىچىدە بۇ گۈزەل ئىسىملارغا ، پەيغەمبەرلىرىمىزگە بولغان ئىخلاس تۈپەيلى تەكرارلىنىش ئىنتايىن كۆپ بۇلۇپ كەتكەنلىكتىن ، ھەمدە ئۆز مىللى كىملىكىمىزگە خاس ھالدا ئىسىم قۇيۇشنى ئىستەپ قالىدىكەنمىز ، بۇ ھەرگىزمۇ ئاتا بوۋىلار يۇلىدىن چەتنىگەنلىك ، دىندىن چەتنىگەنلىك ئەمەس .
ئاغىزلىرىغا بىر كاللەك ناۋات سېلىپ قويغۇدەك ئېسىل گەپلەرنى قىلىپتىلا ! پەرزەنتىڭىزنىڭ يورۇق دۇنياغا ساغلام كۆز ئېچىشىنى تىلەيمىز!
ئىسىملارنى توغرا يېزىشنىمۇ تەشەببۇس قىلىپ قويساق بولاتتى.
«مۇھەممەد»نىڭ تىلىمىزدىكى ئوخشىمىغان ۋارىيانتلىرى بۇ يەردە ئوخشىمايدىغان ئىسىملار سۈپىتىدە پەرقلىنىپتۇ:
مۇھەممەت (مۇھەممەد)
مەمتىلى\مەممەتئېلى (مۇھەممەد ئەلى)
نۇر مۇھەممەت (نۇر مۇھەممەد)
مەھ(خ)مۇت (مۇھەممەد)
مەمەت (مۇھەممەد)
ما(ھ)مۇت (مۇھەممەد)
مەمتىمىن (مۇھەممەد ئىمىن)
يۈكسەل ئەپەندى ناھايىتى ئەمەلىي مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپتۇ.
ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدىمۇ، ساۋاقداش، خىزمەتداش، دوستلار ئارا ئوخشاش ئىسىملار ناھايىتى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. ئۇلارنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، مىجە-ئالاھىدىلىكى، تەن قۇرۇلمىسى، لەقەملىرى بىلەن پەرقلەندۈرىمىز. مەسىلەن: مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، سىنىپىمىزدا«ئالىم» ئىسىملىك ساۋاقدىشىمىزدىن 7 سى بار ئىدى. بىز ئۇلارنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، يا بولمىسا فەمىلىسىنى قوشۇپ ياكى ئۆزىمىز قۇيۇۋالغان لەقەملىرىمىز بىلەن پەرقلەندۈرەتتۇق.
ياخشى ئويلاپ باقىدىغان بولساق، ئىسىملارنىڭ ئوخشاشلىقى، ھەر خىل بولماسلىقى بىزگە كۆپ ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. مۇشۇ تۈپەيلى، بەزى خەنزۇ خىزمەتداشلىرىمىزمۇ، ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى ئېسىگە ئالالمىسا : « مەمەتى، ئايىگۇلى، گۇلى، ئەيلى…..» دەپ «ئۇمۇملاشتۇرۇپ» ئېلىپ، قولايسىزلىقلار كېلىپ چىقىۋاتقىنى ھەممىمىزگە ئايان. بەلكىم، بۇمۇ بىزدىكى ئوخشاش ئىسىملىك كىشلىرىمىزنىڭ كۆپلىكىدىن، شۇنداق ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالغانلىقى نەزەردىن يىراق ئەمەس.
شۇڭلاشقا، ئىسىم-بىر-بىرىمىزدىن پەرقلەندۈرۈشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان نام بۇلۇشى بىلەن،ئەنئەنىۋىلىكى، ھەرخىللىقى، رەڭدارلىقى، ئىجادچانلىقى، ئەستە تۇتۇشچانلىقى، قولايلىقلىقىنى ئىپادىلىشى كېرەك.
پىكىرلىرى ناھايىتى ئورۇنلۇق. ئىسىمنىڭ تەكرارلىقى ھەقىقەتەنمۇ بىزنى ئاز دىشىۋارچىلىققا دۇچار قىلمىدى. شۇنچە باي سۆزلەم غەزىنىمىز تۇرۇپ، پەرزەنتلىرىمىزگە ئىسىم قويۇشتا ھەممەيلەن يۇقىرىقىدەك 100 چە ئىسىم ئەتراپىغا ئولىشىۋالساق تازا دۇرۇس بولماس. بوغۇنلىرىمىز چاقىرىلىشى يېقىملىق، مەنىسى ئۇز، خاسلىققا ئىگە ئىسىملىرى بىلەن تەڭتۇشلىرى ئارىسىدا پەرقلىق كىملىكىنى نامايان قىلىپ ياشىسا نېمە دېگەن ياخشى.
مۇشۇ پاكىستانلىق باللار «مۇھەممەد» دىگەن ئىسىمنى ئاڭلىسىلا ئاچچىقى كىلىدۇ. «ئۇ دىگەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىسىمى، ئۇنداق قالايمىقان بالىلارغا قويۇۋالما، قويساڭ پەرقلەندۈرۈپ تۇللۇق ئاتىغىن دەپ تۇرىۋالىدۇ.» مەسىلەن، مۇھەممەد ئەمىن، يۈسۈپ ئەھمەد دىگەندەك. ئۇلار باللارغا ھەرگىز تاق ئىىسم قويمايدىكەن.
بۇ پاكىستان ھىندىلىرىدە قوش ئىسىم قويىدىغان خوتەنلىكنىڭ خۇيى بارمۇ نېمە!
قايسىبىر ماتېرىيالدىن دۇنيادا ئەڭ كۆپ قويۇلىدىغان ئىسىم «مۇھەممەد» دەپ ئوقۇغىنىم ئېسىمدە.
ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەن جانابى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇ شەكىلدە بولسىمۇ خاتىرىلىنىۋاتقان بولسا كېرەك. ھەممە بەندىگە خاتىرىلىنىش، دۇئادا ياد ئېتىلىش نېسىب بولغاي!
ئاتا ئانا بولغۇچىنىڭ پەرزەنتى يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كېيىنكى قىلىدىغان تۆت تۈرلۈك بۇرچى(ئاللاھنىڭ رازىلىقى بىلەن): 1. بالىغا ياخشى مەنىلىك ئىسىم قويۇش. 2.تۆت ئاي تۆت كۈنلۈك بولغان كۈندىن باشلاپ ئاغزىغا ئىلىم سېلىش. 3. ياخشى بىر ئىشنىڭ يولىغا سېلىپ قويۇش. 4. ئۇلارنى ئۆيلۈك ئوچاقلىق قىلىپ قويۇش.
دېمەك، بالىغا ياخشى ئىسىم قويۇش ئاتا ئانىلارنىڭ 1- تۈرلۈك بۇرچى ۋە مەجبۇرىيىتى. شۇڭا ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ مۇشۇ ئىشقا كەلگەندە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، بۇ توغىرىسىدا كۆپرەك كىتاب كۆرۈشىنى، مىللىتىمىزنىڭ باشقا مىللەتلەردىن روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئېسىل ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ قوشۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن!
بۇنداق دېيىشىم، ھازىرقى بالىلارنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن جاي ئاساسەن دوختۇرخانا بولىدۇ. بەزى ئاتا ئانىلار دوختۇرخانىدا دىنى پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى چەكلەيدىكەن دىگەننى باھانە قىلىپ بالىسىنىڭ ئىسمىنى قويۇش ۋاقتىنى 7 كۈندىن ئاشۇرىۋېتىدىغان، ياكى خۇددى ھايۋاننى چاقىرىغاندەك «بالىنىڭ ئىسمىنى پالانى دەپ ئاتايلى» دەپلا قويۇپ قويىدىغان ئىشلارمۇ ئاندا ساندا مەۋجۇت! ئېسىمىزدە بولسۇنكى، باللىرىمىزغا ئىسىم قويۇش-دىنى پائالىيەت ئەمەس بەلكى ئۆرىپ ئادەت! يەنە بىرسى ھازىر بىزدە «مودا» ئىسىملارغا قارغۇلاچە ئېسىلىۋېلىش بارغانسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ. بولسا يۈرەك پارىلىرىمىزغا مەنىلىك، ئاددى ئىسىملارنى قويۇشنى ، يۇقارقىدەك زىيادە كۆپ تەكرارلانغان ئىسىملارنى قويۇشتا يېقىنقى بىر قانچە ئەۋلاد جەمەتىمىزدە بۇنداق ئىسىملار بارمۇ يوق ؟ شۇنى ئويلىشىپ بېقىپ ئاۋال ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ باقساق بولامدىكىن دەيمەن.
تورداش ئىزدەنمۇ ناھايىتى ئەتراپلىق پىكىر قىلىپتۇ. بىزدە ‹‹ بالىغا 7 كۈنگىچە ئات قويمىسا، شەيتان ئات قويىۋالىدۇ ›› دەيدىغان گەپمۇ بار. شۇڭا، بالىغا ئىسىم قويۇش ئىشىدا بوشاڭلىق قىلماسلىق ، ۋاقىتنى بىھۇدە كەينىگە سوزىماسلىق ، ئىسىملارنى ياخشى تاللاپ قويۇش كېرەك، دەپ قارايمەن.
مېنىڭ ئىسمىممۇ خېلى كۆپ قوللىنىدىكەندە!
بىز بىر ئوبدان ئۇيغۇرچىلاشقان ئەرەپچە ئىسىملارنى يەنە ئەسلىگە كەلتۇرۈپ بىخۇدلىشىۋاتىمز.نۇر مۇھەممەد ئەمەس -نۇرمەمەت،مۇھەممەد ئىمىن ئەمەس- مەمەتىمىن……قاتارلىقلار.
مەن ساپ ئۇيغۇرچە بولغان ئىسىملارنى قۇيۇش تەرەپدارى.مەنغۇ توي قىلمىدىم .بىر كۇنى توي قىلىپ بالىجانلىق بۇلۇپ قالسام چۇقۇم شۇنداق قىلىمەن.بۇيۇكلەردىن ئۆرنەك ئالساق بولىدۇ.مەن ئۆرنەكنى پەزىلەتلىرىدىن ئالساق دەيمەن.بۇيۇك ئىسىمنى قۇيۇۋېلىپ ،ئۇلارنىڭ نامىنى پەس قىلساق بولمايدۇ.
خوتەندە بولسا ، 2-3 ئادەمنىڭ ئىسمىنى بىر ئادەمگىلا قۇيىۋالىدىكەن ( چاقچاق )
مۇھەممەد ئۆزگەرتىپ قويسىلا ئاۋۇ مۇھەممەت نى . . .. خاپا بولماي ھە . . ..
ئۇيغۇرلاردىكى ئىسىملارنىڭ ئىچىدەكۆپۈنچىسى ئىسلامى تۈس ئالغان ئىسىملار كۆپۈنچى سالماقىنى ئىگەللەيدۇ دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بۇ ھەم بارلىق ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلىدىغان خەلقلەردىكى ئورتاق ئالاھىدىلىك بولسا كېرەك. يەنى ئوخشاش ئىسىمنىڭ كۆپلىكى دەل ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىسىملىرى ۋە تۆت خەلىپىنىڭ ئىسىملىرىنىڭكۆپ قويۇلۇش بۇ بىر نورمال پىسخىك ھالەت دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بۇ جەدىۋەلدىنمۇ ھەم شۇنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
مۇھەممەتجان ئەمەس مۇھەممەد (پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىسمى) بولسا توغرا بولىدۇ.
بىر چاغلاردا دادام ماڭا (بىر كىشىنىڭ ئۈچ ئوغلى بولۇپ بىرىنىڭ ئىسمىنى مۇھەممەد قويمىسا پىخسىقلىق قىلغان بولىدۇ دىگەنتى .