ئابدۇكېرىم راھمان ئالىپ
( يۈكسەل بلوگ تەكلىپلىك يازارى )
شۈبىھىسىز ، نىيتىم خالىس ياكى ياماندۇر،
ئېرىشكەن باھايىم ياخشى ياكى يامان .
يۇمۇلغان كۆزلەر غەپلەت چۈشلىرىمگە قۇل،
ئىزگۈ تېلەكلىرىم قاچان بۇلۇر مەقبۇل .
سەزگۈلىرىم راستتۇر ۋە ياكى ئالدامچى ،
سوققان يۈرىكىم كېسەلدۇر ياكى ساغلام .
بۇلالماسمەن ھاياتتىكى تىرىك مۇردا،
سۈرسىز مەۋجۇتلىغىم كۈرۈمسىز ھەم يالغان .
نىھا زورلاپ قۇراشتۇرغان ھاياتلىغىم ،
سىرلىرىمنىڭ قۇلىدۇر ، سەزگۈلىرىم شاھ.
ئۆلسەم چىقار ئىدىم ئۇنىڭ راھىتىگە ،
بۇلالمىدىم دۇنيادىكى ئۆزەمدەك گاھ.
قان چاچراتقان يۈرىگىم ئۆلگەن بۇرۇنلا،
باشقىلارغا قۇل بولغان جىسمىم كۆرۈنەر.
روھىتىم ئەخلەتلەر ئارىسىدا مۈكۈپ يۈرەر،
چۈنكى بۇلالمىدى ھاياتلىغىمغا شاھ.
مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : يوقۇتۇش
ئالدى بىلەن دىۋان تىما يوللىغۇچىنىڭ قەلىمى ھەقىقەتەن كۇچلۇككەن بۇندىن كىيىنكى قەلەم تۇلپارىنىڭ توختاپ قالماسلىقىنى ئۇمۇد قىلىمەن
نىمە دىگەن ناباپ يېزىلغان نەرسە بۇ ، گەپمۇ ياكى شېئىرمۇ بۇ ؟