نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئوغلۇمنى بۆشۈك (Baby Cradles ) كە بۆلەش جەريانىدىكى خىياللار

بۈيۈك تەڭرىگە تۈمەن ئالقىش ياڭراتساممۇ يەنە ئازكى، ئۇلۇغ قۇدرەت ئىگىسى بۇندىن 40 كۈن ئىلگىرى پېقىرغا ئوغۇز ئاتلىق ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلدى. شۇنداق قىلىپ، ئائىلىمىزگە يېڭى نۇر – زىيا قوشۇلۇپ، كۆز ئالدىمىزدا يېڭى سىما زاھىر بولدى. كۈنلەر ئەنە شۇ ئوغلۇمنىڭ يىغا – كۈلكىسىگە جۈر بولۇش ، پوق – سۈيدۈكىگە مىلىنىش بىلەن ئۆتمەكتە… بالا بېقىش جەريانىدا بىزنى بېقىپ قاتارغا قاتقان ئاتا – ئانىمىز ئېسىمىزگە كەلدى. ئۇلارنىڭ بىزنى قانچىلىك جاپادا بېقىپ چوڭ قىلغانلىقلىرىنى، ئۆزىمىزنىڭ كۆپ ھاللاردا تۈرلۈك باھانە – سەۋەب بىلەن پەرزەنتلىك بۇرچىمىزنى ئادا قىلىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىمىزنى ئويلاپ يۈزلەر قىزاردى. ھەئە، ئاتا بولغاندا ئەقىل تاپتۇق، ئاتا بولغاندا ئاتا – ئانا قەدىرىنى بىلدۇق …
ئەمدى ئەسلى گەپكە قايتىپ كەلسەك ، ئوغلۇمنىڭ كىندىكى چۈشۈپ 14 كۈنلۈك بولغاندا، ئوغلۇمنى بۆشۈك (Baby Cradles ) كە بۆلىمەك بولدۇق، چوڭلار ‹‹ بۆشۈك بالىسى خان بالىسى …، بۆشۈكتە بالا پاكىز ئوبدان چوڭ بولىدۇ … ›› دېيىشىپ ، بىز ياش ئاتا – ئانىلارغا بالىنى بۆشۈككە بۆلەشنىڭ ھېكمەتلىرىنى چۈشەندۈرۈشتى. بۇندىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى خېلى تەجرىبىلىك سۆڭەك كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى تونۇشۇم، پەرزەنتلىك بولغانلىقىمنى مۇبارەكلىگەچ، بالىنى بۆشۈككە بۆلەش ئويۇم بار – يوقلىقىنى سورىغان ئىدى، سۆز ئارىسىدا بالىنى بۆشۈككە بۆلىمەي چوڭ قىلغان ياخشى ، بالىنىڭ داس ئەتراپ سۆڭەكلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ، بىز ئۇيغۇرلاردا بالىنى بۆشۈككە بۆلەش سەۋەبلىك يانپاش – سۆڭگەچ بوغۇمى تازا تەرەققىي قىلالماسلىق ۋە مۇشۇ ئورۇننىڭ تۈرلۈك كېسەللىكلىرى كۆپ كۆرۈلىدۇ ، دېگەنلەرنى قىستۇرۇپ ئۆتكەن ئىدى. ئۆزۈممۇ تېببىي ئىلىم ئوقۇغانلىقىم ۋە تېببىي ئىلمىي ماقالە تەھرىرلىكى بىلەن شۇغۇللىنىشىم سەۋەبلىك ئۆز بالامنى بۆشۈككە بۆلەشنىڭ ئالدى – كەينىدە ئىككىلىنىپ قالدىم. كاللامدا ھامان زادى بالىنى بۆشۈككە بۆلەش كېرەكمۇ يوق ؟ دېگەن خىيال ھۆكۈم سۈرەتتى .
ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك، بۆشۈك (Baby Cradles ) قەدىمدىن باشلاپ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تۈرك قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ئىنتايىن كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، كۆپ ئەسىرلەر ئاۋۋال ھۈنەرۋەن – ئۇزچىلارنىڭ ئەقىل – پاراسىتى بىلەن ئىختىرا ئېتىلگەن، ئۇلۇغ تىلشۇناس بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىنىڭ شاھانە ئەسىرى ‹‹ دىۋانى لۇغەتىت تۈرك ›› تە، ئەلشىر نەۋائىينىڭ ‹‹ لەيلى ۋە مەجنۇن ›› داستانىدا بۆشۈك ھەققىدىكى مەلۇماتلار خاتىرىلەنگەن. ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە تۈرلۈك قاراشلار مەۋجۇت. زامانىۋى تۇرمۇش ۋاسىتىلىرى كەڭ يارىتىلغان ھازىرقى پەيتتە، بۆشۈككە قويۇلىدىغان تەلەپ قانداق؟ بالىنى بۆشۈككە بۆلەش ھەقىقەتەن زۆرۈرمۇ؟
بەزى ھازىرقى زامان تېببىي پەن مۇتەخەسسىسلىرى بالىنى بۆشۈككە بۆلمەي قانچىلىك ئەركىن قويۇلسا، بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە شۇنچە پايدىلىق ، دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۆشۈك ياپقۇچىنىڭ دائىم يېپىق رەۋىشتە تۇرۇشى نەتىجىسىدە بالىنىڭ قوياش نۇرىدىن بەھرى ئېلىشىغا تەسىر يېتىپ، بالىلاردا Vitamin AD كەمچىللىكى كۆرۈلىدۇ. Vitamin AD لار بولسا سۆڭەك توقۇلمىلىرىنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر ھېسابلىنىپ، Vitamin AD كەم بولسا سۆڭەكلەر بوشىشىپ كېتىدۇ. مانا شۇنداق رەۋىشتە يۇمشىغان پۇت – قول سۆڭەكلىرىنى بۆشۈككە بۆلەش – تېڭىش جەريانىدا ئەزالاردا قېيىش كۆرۈلىدۇ.

ئەمما، مىڭ يىللار مابەينىدا ئۆزىگە خاس ‹‹ بۆشۈك مەدەنىيىتى ›› ياراتقان خەلقىمىزنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇش تەجرىبىسىدىن كەلگەن قاراش شۈكى، بۆشۈك بالىنى بېقىشقا ئىنتايىن قۇلايلىق شارائىت ھازىرلاپ بېرىدىغان بولۇپ، كىچىك ۋە ئىخچاملىقى ئۈچۈن ئۇنى ئىستىگەن جايغا يۆتكەپ يۈرۈش مۇمكىن. بۆشۈك بالىنى تاشقى ناچار تەسىرلەردىن، يەنى شاۋقۇن، ئىسسىق ، سوغۇق، ئاپتاپتىن ساقلايدۇ. بۇندىن تاشقىرى، بۆشۈككە مەخسۇس بالىنىڭ قول – پۇتلىرىنى باغلىغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيقۇدا ئۆزى قىلغان ھەرىكەتلىرىدىن چۈچىمەي، خىرامان ۋە تىنچ ئۇخلىشىغا ئىمكان يارىتىلغان. شۇنىڭدەك، بالىنىڭ چات ئارىسىغا شۈمەك ، ئاستىغا جاكا قويۇلۇشى ئۇنىڭ ئاستى ھۆل بولۇشىدىن، شامالداپ قېلىشىدىن ۋە ئەۋرەتلىرىنىڭ ياللۇغلىنىپ قېلىشىدىن ساقلايدۇ . بۇندىن تاشقىرى، ئانىنىڭ كېچىلىرى خاتىرجەم ياخشى ئۇخلىشى، دەم ئېلىشىغا پۇرسەت يارىتىلىدۇ …
بۆشۈك دورىلىق تەسىرگە ئېگە ياغاچتىن ياسىلىدىغان بولۇپ، بۇ بالىنىڭ ئورگانىزمىغا پايدىلىقتۇر. بۆشۈك نەقىشلىىرنىڭ يارقىن رەڭلەر بىلەن بېزىلىشى بالىنىڭ رەڭ سەزگۈسىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىقتۇر. بۆشۈككە ئېسىپ قويۇلغان كۆز مونچاق، ئېمزەك، بۆرە ئوشۇقىغا ئوخشاش بۇيۇملار بالىنىڭ كۆز ۋە قول ھەرىكەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ. بۆشۈكلەرنىڭ پەسىللەرگە ماسلاشقان يېپىنچىلىرى بالىلارنى قىشتا سوغۇقتىن، يازدا ئىسسىقتىن ساقلاپ، بالىنى مۆتىدىل مۇھىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇنىڭ ئاستىغا تېرىق سېلىنغان تۆشەكچىنىڭ ھەم ئەھمىيىتى زوردۇر. بالىنى بۆشۈككە توغرا بۆلگەندە، بالىنىڭ قەددى رۇس بولۇپ يېتىلىدۇ.

لېكىن، تەجرىبىسىز ياش ئانىلارنىڭ بالىنى ناتوغرا پەرۋىش قىلىشى تۈپەيلى بالا ئورگانىزمىدا تۈرلۈك نۇقسانلارنىڭ پەيدا بولۇشى بۆشۈككە بولغان كۆز قاراشلارنى ئۆزگەرتمەكتە. ئايرىم ئانىلارنىڭ بالىنى بۆشۈككە بۆلەپ قويۇپ، ئۆزى ئائىلە ئىشى ياكى ئۇخلاش بىلەن بەند بولۇپ، بالىنى بۆشۈكتە سائەتلەپ ياتقۇزۇشى، پات – پات بالىنى بۆشۈكتىن ئېلىپ، بەدەنلىرىنى سىيلاپ ، ھەرىكەتلەندۈرۈپ بەرمەسلىكى نەتىجىسىدە بالىنىڭ ئارقا يەلكىسى قېتىپ كېتىدۇ. بالا ئۇزۇن ۋاقىت بۆشۈكتە ياتسا ، ھەرىكىتى ئازلاپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئورگانىزم ھەم ئوزۇق تەلەپ قىلماي قالىدۇ، بالىنىڭ ئىشتىھاسى تۆۋەنلەپ ، ئوڭايلا تۈرلۈك ئوزۇقلۇق ماددىلار يېتىشمەسلىكى كۆرۈلىدۇ. بۇ ئەھۋال داۋاملاشسا باشقا ئەگەشمە تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشى تۇرغان گەپ.
چوڭئانامنىڭ سۆزىچە، بالىنى پەقەت ئۇخلاش پەيتىدىلا بۆشۈككە بۆلىگەن تۈزۈك. ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا بولسا ئۇنى يېشىپ ئېلىپ، دۈمبە ، پۇت – پاچاق، قوللىرىنى ئۇۋىلاپ – سىيلاپ بەرگەن ياخشى. بالا يىغلىغان ۋاقىتتا بۆشۈكنى ھەدەپ تەۋرىتىۋېرىش بالىنىڭ نېرۋا سىستېمىسىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن.
خۇلاسە، مىڭ يىللاردىن بېرى خەلقىمىزنى ئۆز باغرىدا تەۋرەتكەن، مەھمۇد كاشغەرى ، ئەلشىر نەۋائى كەبى بۈيۈك بوۋا – مۇمىلىرىمىزنى كاتتا قىلغان بۆشۈكىمىز بۇندىن كېيىن ھەم خەلقىمىز ئوغۇل – قىزلىرىنى بېقىپ ئۆستۈرۈشتە خىزمەت قىلىۋېرىدۇ. ئەۋلادلار ئۇلغىيىدۇ، ئەجدادلىرىمىزدەك بەقۇۋۋەت، ئالىپ قامەت، تېتىك بولۇپ چوڭ بولىشىدۇ…

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ئوغلۇمنى بۆشۈك (Baby Cradles ) كە بۆلەش جەريانىدىكى خىياللار

خەتكۈچ: ، ،

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!3 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. birzat مۇنداق يازغان:

    بۆشۈككە بۆلۈشتە بوۋاقنىڭ پۇت – قوللىرىنى رۇس تۈزلەپ ياپقۇچ- يۆگەكلىرى بىلەن چىڭ تېڭىپ بەرسە پاچاق، يانپاش سۆڭەكلەرنىڭ مايماق ئۆسۈپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. بوۋاق بۆشۈكتە ئازادىلىك ھېس قىلسا ئارتۇق يېغلاپ غەلۋە قىلمايدۇ. ئەگەر پۇت -قوللار تۇز تېڭىلماي بوۋاقنىڭ بەدىنىدە بىئاراملىق پەيدا قىلسا بوۋاق يىغلايدۇ ھەم تولغىنىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ياش ئانىلار بالىنى كۈچەپ تەۋرىتىپ ياكى ئېمىتىش ئارقىلىق يېغىدىن توختاتماق بولىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئېغىر كۆرمەي بالىنى قايتا يېشىپ شۈمەكنىڭ چات ئارىسىغا توغرا سىلىنغان ياكى ئەمەسلىكىنى، تېڭىلىشتا پۇت-قوللارنىڭ رۇس بولغان ياكى ئەمەسلىكىنى ئەستايدىل تەكشۈرۈپ كۆرۈشى كېرەك. (ھەجەپ چوڭ ئانامدەك گەپ قىلىپ كەتتىم)..
    [reply=Yuksel,2010-06-04 09:44 PM]ئارقا – ئارقىدىن ئىككى ئەركەكنى بېقىش تەجرىبەڭلەر بولغاندىن كېيىن ، بۇنچىلىك تەسىرات سۆزلىمىسىلىرىمۇ بولماس ھاجىم ؟! …[/reply]

  2. erkin مۇنداق يازغان:

    مۇبارەك بولسۇن يۈكسەل ، مۇبارەك بولسۇن يۈكسەلباي.
    بالاڭلىنىڭ ئىسمىنىمۇ ياخشى قۇيۇپسىلەر. تەڭرىنىڭ ھېكمىتى بىلەن ئاللا ئىگەم مېنمىۇ سىلىدىن 10 كۈنلەر كىيىن ھاياتىمدىكى تۇنجى پەرزەنت بىر ئوغۇل ئاتا قىلغان ئىدى. تەڭرىمگە تەشەككۈرلەر يار بولغاي، بولسا بالا بېقىش تەجرىبەڭلەر بار چوڭلار تەجرىبە سۆزلەپ بەرسەڭلار

  3. toghrak مۇنداق يازغان:

    ئىزدىنىش1970 توغرىقىدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام! [face01]
    [reply=Yuksel,2010-07-06 11:30 AM]قەدىمىي توغراقلارغىمۇ چوغلۇق سالام ! كۈلبىمىزگە باسقان قەدەملىرى قۇت ئاتقاي![/reply]

toghrak 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟